ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 440|ئىنكاس: 11

بۇ يىلدىن باشلاپ ئەسكەرلىككە تىزىملاتقانلارغا 安置卡 بىرىلمەيدۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
350
تىللا
402
شۆھرەت
624
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 19:02:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يىلدىن باشلاپ ئەسكەرلىككە تىزىملاتقانلارغا 安置卡 بىرىلمەيدۇ دەپ مىش مىش  گەپلەرنى ئاڭلىدىم . بۇراسمۇ يالغانمۇ ؟ ئەگەر مۇشۇنداق بولۇپ قالسا باكاردىن باكار نۇرغۇن پۇل چىقىم قىلغانلار . كىيىنلىكتە ھۆكمەتنىڭ بەرگەن ئازغىنا تۇرمۇش پۇلىغا قاراپ ئولتۇرامدۇ . نۇرغۇن جاپالىق مەشىقلارنى قىلىپ ئىشقا ئورۇنلىشالماي ئولتۇرارمۇ ؟ بۇ زادى نىمە گەپ بولۇپ كەتتى  قايسىڭلار بىلسىلە بىلدىغىنىڭلارنى سۆزلەپ باقساڭلا . ھۆكمەت 2يىل تەربىيلىگەن ئادامنى تاشلىۋەتمەس . پەقەتلا چۇشنەلمىدىمغۇ بۇ ئىشلانى .... سىلە بىر نەرسەدەپ بىقىڭلار ..........  
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13784
تىللا
18363
شۆھرەت
25077

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 19:34:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2010- يىلىلا يوق ئىكەن. سىياسەتتە شۇنداقراق گەپ باركەن، لېكىن يەنىلا يەرلىككە باغلىق ئوخشايدۇ، يەرلىكتىكى 安置办 دىن سورىغان تۈزۈك.
http://zhidao.baidu.com/question/336834818.html دىكى ئۇچۇردا
1- جايلارنىڭ ئەسكەر قوبۇل قىلىش سىياسىتى ئوخشىمايدۇ.
2- بەلگۈلىمە بويىچە تولۇقلىما بېرىلىدۇ، شەھەر نوپۇسىغا 10 مىڭ يۈەن\ يىل، يېزا نوپۇسىغا 5 مىڭ ئەتراپىدا\ يىل، شىنجاڭ، شىزاڭدا ئەسكەرلىككە ماڭغاندىلا 10 مىڭ يۈەن مۇكاپات بېرىلىدۇ، قىسىمدىكى مۇئاشى ئايرىم ھېساپلىنىدۇ.
3- قايتاندا «ئورۇنلاشتۇرۇش كارتىسى (安置卡)» بولمايدۇ. يەنىلا 3 يىلدىن كېيىنكى كونكىرىتنى سىياسەت ھېساپ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
nezeri 实名认证 

ئالاھىدە ئەزا

قانداق گەپ؟

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
421
تىللا
414
شۆھرەت
868

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار ئىشەنچ تەشۋىقات

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 21:49:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3 يىل موما يەپ بىكار بولسا يەنە خىزمەت ئىزدەيدۇ.
YAWA 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
61
تىللا
137
شۆھرەت
103
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 22:58:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزگە دىسەم ئەگەر ھەممە سالاھىيتىڭىز تولۇق تۇشۇپ ئەسكەرلىككە قۇبۇل قىلىنالسىڭىز ئۆزىڭىزنى جاھاندا ئەڭ شەرەپلىك ئادەم دەپ قارىسىڭىز بولىدۇ،چۇنكى بۇنداق پۇرسەت پەقەت ئادەمگە ئۆمرىدە بىرلا قېتىم كىلىدۇ،يەنە ھەممە ئادەمگە كىلىۋەرمەيدۇ.ئەگەر سىز شەھەر نۇپۇسى بولسىڭىز خىزمەتتىن غەم قىلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،يېزا نۇپۇستىكىلەر مۇ غەم قىلمىسىمۇ بولىدۇ،چۈنكى قىسىمدىن قايتىقاندا شەھەر نۇپۇسنى بىريىلغا قالمىغان شەرت ئاستىدا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ(ئەلۋەتتە يەرلىك مالىيە ئەمەس،بىراقلا مەركەز مالىيسىدىن مۇئاش ئالىدىغان ئىشچى شىتاتتا خىزمەتكە ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ئەلۋەتتە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇسىڭىزمۇ سىزگە كىلىپ بولغۇچە ھېلىغۇ بىر رەسمىي خىزمەت ئورنىكەن،ئادەتتىكى ئىش ئورنى سىزگە تىگەمدۇ،يېزا نۇپۇستىكىلەرمۇ قىسىمدىن قايتىپ كەلسە ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھاشاردىن مەھرۇم قىلىدۇ،ئىشقىلىپ سىياسەت ئىچدە ئىتبار قىلىنىدۇ.سىز شەھەر نۇپۇسى بولسىڭىزشۇنداق بىر تەلەي قۇشى بىشىڭىزغا قونغان بولسا قىلچە ئىككىلەنمەي ھەربىي مەجبۇريتىڭىزنى ئادا قىلسىڭىز بولىدۇ،چۈنكى بۇ ھەممە ئادەمگە نىسىپ بولىدىغان پۇرسەت ئەمەس،سىز قىسىمغا بارغاندىن كىيىن ھەرخىل جاپالىق مەشىقلەرگە بەرداشلىق بىرىپ،ئىرادىڭىزنى تاۋلىيالسىڭىز ئاندىن يەرلىككە قايتىقاندىن كىيىنمۇ سىز چۇقۇم بەخىتلىك تۇرمۇشقا ئېرىشەلەيسىز،بىرىنجى يىلى ئوبدان ئىشلەڭ،مەيلى نىمىلا بولمىسۇن ئىددىيىڭىزنى مەن چۇقۇم ياىشى ئەسكەر بولالايمەن دىگەن قاراشتا چىڭ تۇرۇڭ،ئاندىن ئىككىنجى يىلى خالىسىڭىز نەزىرىيە جەھەتتە قابىليىتىڭىز بولسا(دىمەكچى بولغىنىم تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ دەرىسلىكىنى پۇختا ئىگەلللىگەن بولسڭىز ھەربىي مەكتەپكە چۇقۇم ئىمتىھان بىرىڭ)بۇنىڭ ئۈچۈن سىزدە قاپاغا چىدايدىغان روھ بۇلىشى كېرەك.سىز چۇقۇم قىلالايسىز ،ئەگەرئىمتىھان بەرمەي ئىككى يىللىق ھەربىي مەقبۇريىتىڭىزنى ئۆتەپ بۇلۇپ قاچان كىتىدىغاندىمەن دەپ موما سانىماي،يەنە قىسىمدا ئىشلەشكە ئىلتىماس قىلسىڭىز قسىمدا ئەسكىرى كادىر بۇلۇپ قالىسىز،كىيىن يەنە قالىمەن دىسىڭىز داۋاملىق ئىشلەۋىرىسىز،قايتىمەن دىسىڭىز ھەربىي مەجبۇرىيەت ئۆتەپ بولغان ئىككى يىلدىن باشقا قېلىپ قالغان ئۈچ يىلىڭىزغا قىسىمدىن سىزگە 4تۈمەن ئەتراپىدا ماكانلىشىش تۇرمۇش پۇلىسىنى بىراقلا بىرىدۇ،قايتىپ كەلگەندىن كىيىن يەرلىك ھۈكۈمەت خەلىق ئىشلار تارماقلىرى غا بېرىپ رەسمىيەت ئۆتىسڭىز ئاللا خالىسھا گەزمەت ئىشلىرىڭىزمۇ ھەل بۇلىدۇ.مەنمۇ ئىلگىرى دادام مەجبۇرلىغاندا بارمىغانتىم،كىيىن يەنە ماڭا خىزمەت ئىشلەپ يۈرۈپ .ئاخىرى مەنمۇ بىرقېتىم بۇ پۇرسەتكە نائىل بولغان،ئىكككى يىل ھەربىي مەجبۇريەت .مانا قايىتپ كىلىپ بەرگەن خىزمەت تەقسىماتىنى قايرىپ قۇيۇپ(ئەسلى مىنى يېزىلىق ھۈكۈمەتكە تەقسىم قىلىپ بەرگەن،ئۇخىزمەتتىن ۋاز كىچىپ ھازىرئىمتىھانغا قاتنىشىپ ئۈتۈپ  ئوقۇتقۇچىلىق قىلىۋاتىمەن)سىزگە يەنە بىر مەسلىھەتىم،ھىچبىر ئىىكىلەنمەي بېرىڭ،كىيى يەنە مشۇ مۇنبەردە كۇرۇشكەندە مىنىڭ گىپىمنىڭ تىگگە شۇ ۋاقىتتا يىتىسىز،مىڭ ئاڭلىغاندىن بىركۆرگەن ئەلا دەپتىكەن،قاپاغا چىداڭ،مەشىقتە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرۇڭ مانا سىز چۇقۇم ياراملىق ھەربىي بولالايدىغانلىقىڭىزغا مەن ئىمانىم بىلەن ئىشىنىمەن.....  
YAWA 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
61
تىللا
137
شۆھرەت
103
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 23:15:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
nezeri يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 21:49
3 يىل موما يەپ بىكار بولسا يەنە خىزمەت ئىزدەيدۇ.

سىزگە دىسەم ئاشۇ موما يەيدىغان پۇرسەت سىزگە نىسىپ بولارما.....ھىچ بولمىغاندا ئۆزىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزى بىرقوللۇق ئورۇنلاشتۇرالايدۇ......سىزنىڭ ئۇنداق دىيىشكە نىمە ئاساسىڭىز بار؟؟؟؟؟؟؟؟؟
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
13784
تىللا
18363
شۆھرەت
25077

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-14 23:39:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەربىي تۈزۈم، مەشق ئادەمنى چېنىقتۇرۇدۇ. لاياقەتلىك ئەسكەر بولسا چېكىنگەندىمۇ خىزمەت تاپالايدۇ ۋە ياكى ئۆزى مۇستەقىل ئىش قىلالايدۇ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 00:00:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مومە يىسە نىم بولىدۇ؟ مومىنىمۇ ئادەم يەيدىغۇ؟ ئۆيىدە بولسا بەزىلىرى قاتتىق زاغرىنىمۇ تەس تاپىدۇ، بىزنىڭ يېزىدا بىر بالا بولىدىغان، ئائىلىسى شۇنداق نامرات، ئەمما مەكتەپ پۈتكۈزۈپلا ئەسكەر بولغان، قايتىپ كەلگەندىن كېيىن بولسا يېزىلىق ھۆكۈمەتتە مەشكە ئوت قالاپ ئىشخانا تازىلىغان، مانا ئەمدى ئارىدىن بىر نەچچە يىل ئۆتۈپ ئامانلىق ساقلاش خىزمىتىگە ئورۇنلاشقانتى، قۇربان ھېيىتنىڭ 3 كۈن ئالدىدا شەھەرگە بارغاندا بانكىدىن دادامنىڭ مۇئاشىنى ئالغىلى بارسام بىر ماشىنىدا بانكىنىڭ پۇلىنى يۆتكەيدىغانلار بىلەن بىللە كەپتىكەن، تاس قاپتىمەن تۇنۇمىغىلى، ئوخشاتتىممۇ ياكى شۇمۇ دەپ سەپسېلىپ قاراپ تۇرسام ئالدىمغا كۈلۈپ كەلدى، ھەيۋەت قورالدىن بىرنى كۆتۈرۋاپتۇ.
شۇڭا نىمىلا بولسا ئەسكەرلىكتىن قاچمىغان ياخشى، سىياسەت مەيلى قانداقلا بولمىسۇن ئەسكەرلىككە بارغانلارغا خېلىلا كەڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئالتۇن تۇپىدا كۆمۈلۈپ قالسىمۇ ھامان قەدرى بىلەن.

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
350
تىللا
402
شۆھرەت
624
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 12:50:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەي مەنمۇ ئەسكەر بولۇشنى بەكلا ئۇمۇت قىلاتتىم  . بۇ يىلى ئالىي مەكتەپكە بىرىشتىن ۋاز كىچىپ ئەسكەرلىككە تىزىملاتقان ئىدىم . بىراق ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇردىغان يىرى 安置卡 يوق ئىكەن ئەمەسمۇ . يانا كىلىپ ھازىر ئەسكەرلىككە پۇل ئارقىلىقلا باردىغان بولۇپ كەتتى . دىمىسەممۇ جەميەتنى سىلە ئوبدان چۇشۇنسىلا، ئەگەر ئەسكەرلىككە بىرىپمۇ خىزمەتكە ئىرىشەلمىسە كىيىن قانداق قىلىدۇ . بۇنداق بولسا سالغان داسمايىگە چۇشلۇق ئىش بولماي قالىدۇ دە ھەي بەكلا بىشىم قاتتى ........

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
293
تىللا
605
شۆھرەت
588

ئاكتىپ داڭدار ھەمكارلىق

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 18:35:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن سىزگە دىسەم ھەممە يەرنىڭ سىياسىتى ئوخشاش ئەمەس .مەنمۇ ھەربلىكتىن قايتقان .بىزنىڭ ناھىيدە ئورۇنلاشتۇرماي ئوزۇم خىزمەت تاپتىم .بولمىسا مەنمۇ شەھەر نۇپۇسى ئىدىم .
بىلمەسلىك ئەيىپ ئەمەس ،سورماسلىق ئەيىپ ~

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
137
تىللا
135
شۆھرەت
213
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 22:25:43 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
جۇڭگونىڭ ھەربىيسى بولۇش ئىنتايىن شەرەپلىك!
turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
2417
تىللا
2431
شۆھرەت
4508

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-5 23:45:56 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزنىڭ تۇرپاندا نەچچە بۇرۇن شەھەر نوپۇس بولسا كۆكەرتىش  ئىدارىسىگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ.شەھەرنىڭ دەل-دەرەخلىرىنى چاتاپ يۈرۈيدۇ .
يېزا نوپۇستىكىلەر بىلەن كارى يوق  ( ئەلۋەتتە تىرىكىڭىز بولسا يىقىلىپ قالمايسىز . بولىسا ئاتا مىراس .........)

Rank: 4

تۆھپە
186
تىللا
163
شۆھرەت
329
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-10 05:40:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرلىكنىڭ پايدىسى بولسا بولىدىكى ، زىيىنى قەتئي يوق .97 -يىلى مەنمۇ تىزىملىتىپ ئۆتەلمىگەن . ھەممە يېرىم ساقتى بولمىسا .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 02:29 , Processed in 0.428870 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش