- توردا
- 0 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-11-13
- تىزىملاتقان
- 2011-11-13
- شۆھرەت
- 11
- تىللا
- 14
- تۆھپە
- 23
- ھوقۇقى
- 15
- جۇغلانما
- 60
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 1
- تېما
- 1
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 3343
- تۆھپە
- 23
- تىللا
- 14
- شۆھرەت
- 11
|
سۇ بىلەن ئىسستىدىغان پار قازان (水暖锅烙)ئىشلىتىشىتىن ياردەم
بۇ سۇئالىنى توردا سوراشنى مواپىق ئەمەس دەپ قارىغان ئىدىم ئەممائىنتىل بىلەن روھلاندا ئۇنۋىرسال بىلىمگە ئىگە بىلىمدارلار كۆپ سورىغان سۇئالىم ئىلىم پەنگە(خمىيە-فىزىكا) ئالاقىدار بولغاچقا جاۋاپ چىقىپ قالىدۇ دىگەن ئىشەنچ بىلەن يوللىدىم توغرا چۈشنىشىڭلارنى سورايمەن
مەن تۇغۇلۇپ ھازىرغىچە تۇرىۋاتقان( خىزمەت قىلۋاتقان)يۇرتۇمنىڭ ناھىيە مەركىزى ۋە ۋىلايەت مەركىزىگەبولغان ئارلىقى100 ،125كىلومىتىر ئەتراپىدا بولۇپ يىزىمىزدا ئاممىۋى پار ئوموملاشمىغان .يىزىمىز ئۇزۇنسىغا سوزۇلغان تاغلىق يىزا قوشنا يىزا بازارلارغا قارىغاندا بىر قەدەر سوغوق، قىش پەسلى ئۇزۇنراق بولۇپ مەن ۋە مىنىڭ ئۈچ،تۆت خىزمەتدىشىم ئۆيمىزگە ئايرىم-ئايرىم كۆمۆر يىقىلغۇ قىلدىغان سۇ بىلەن ئىسسىتىدىغان پار قازان ئورناتقان بولۇپ ھازىر ناھايتى ياخشى ئىشلىتىپ كىلۋاتىمىز ئۆينىمۇ ياخشى ئىسستتى ،قىشىتىكى قاتتىق سوغۇقتىمۇ ئۆي ئىسستىشتا مەسلە كۆرۆلمىگۈدەك ( ئالدىنقى يىلى قويغانلارمۇ بارئىدى) ئەمدىكى مەسلە مەن ۋە دوسىتلىرىم ئوقۇتقۇچى بولۇپ تەتىللەردە دائىملىق تەربىيە ، تۇغقان يوقلاش موناسىۋىتى بىلەن ئۈچ ،تۆت كۈن ھەتتا بىر ئاي ئۆيدىن ئايرىلىشقا توغرا كىلىدۇ پار قازان ئورناتقۇچىلار ۋە بىزدىن بىر ئىككى يىل بۇرۇن ئورنىتىپ ئىشلىتىشكە باشلىغانلارنىڭ دىيىشچەمۇزمەزگىللىرىدە پارقازانغا بىر كۈندىن ئارتۇق ئوت قالانمىسا ، پارقازان ياپراقچىسى(暖气片) غا ئىسىقلىق يەتكۈزدىغان تۇرۇبا ۋە پارا قازان ياپراقچىسىدىكى سۇ مۇزلاپ ھەجىمى چوڭيىپ پار قازان ياپراقچىسى ئىتىلىپ( تۇربا ئىتىلمايدىكەن) كىتىدىكەن ھەم ياز كىرمىگۈچەمۇزنى ئىرىتكىلى بولمايدىكەن.شۇڭاسوغۇقتا سۇ مۇزلاشنىڭ ئالدىنى ئالالايدىغان پار قازاندىكى سۇغاقوشىدىغان سىتۋالغىلى بولدىغان ئۆزى ئەرزان باھالىق (خمىيلىك ئىلمىنىت )دورا بولسا ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە نىسبىتىنى ئىيىتىپ بىرىشىڭلارنى سورايمەن .ياكى پار قازىنغائىشلىتىدىغان سۇغا دورا قۇشۇشتىن باشقا ياخشىراق ئامال بولسا تىخى ياخشى.
بەلىكىم سىز بىزگەماشىنلارغا ئىشلىتىدىغان توڭلىماس سۇيۇقلۇق ئىشلىتىڭ دىيشىڭىز مومكىن بۇنىمۇ ئويلاشتۇق. مەن پار قازىنى، پار قازان ياپراقچىسى ۋە تۇرۇبا يولدىكى ئومومى سۇنىڭ ھەجىمىنى ھىساپلاپ چىقتىم 0.091835كۈپ مىتىر شۇ بويىچە سۇنىڭ ماسسىنى ھىساپلاپ چىقساق 91.8كىلوگىرام چىقدىكەن بىر قىش ئىچىدە كەملەپ كىتىدىغان قىسىمى بولۇپ ھىساپلىغاندا 100كىلوگىرام سۇ كىتىدىكەن بۇنچىلىك توڭلىماس سۇيۇقلۇقنى ئاز بولغاندا 1000يۇەنگە سىتۋالغىلى بولىدىكەن .
تۇرۇبا تىشىلمەيدۇ ،ئۇلغان جايلاردىن سۇ ئىقىپ چىقىپ كەتمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ،شۇنىڭدەك پار قازىنىغا ئوت قالانغان ئەھۋالداتۇيۇقسىزتوك توختاپ قالسا پار قازىندىكى سۇنى چىقرىۋەتمىسەك خەتەرلىك ئەھۋال يۈز بىرىش ئىھىتىماللىقى بار.توك يوق ۋاقىتتا سۇ ئايلىنىش بولمىغاچقا پار قازىندىكى سۇنىڭ قاتتىق قايناپ ئارتۇق سۇ ئىقىپ چىقىش تۇرۇبىسىدىن ئىقىپ چىقىپ كىتىدۇ.بۇ ئەھۋاللارنى كۆزدە تۇتقاندا توڭلىماس سۇيۇقلۇق قۇيۇش مواپىق چارە ئەمەس
|
|