- توردا
- 797 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-12
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 5404
- تىللا
- 3063
- تۆھپە
- 3256
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 18255
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1128
- تېما
- 523
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 176
 
- تۆھپە
- 3256
- تىللا
- 3063
- شۆھرەت
- 5404
|
ھۈسەنجان جامى ئاكىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش(تەرجىمىھالى)
ھۈسەنجان جامى ھازىرقى زامان ئۇيغۇر مۇزىكىچىلىقىنىڭ پېشۋالىرىنىڭ بىرى ، ئەل سۆيگەن يېتۈك ، تەمبۇر چېلىش ئۇستازى . دۆلەتلىك بىرىنچى دەرىجىلىك كومپوزىتور ھۈسەنجان جامى 1930–يىلى غۇلجىدا سازەندە ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن . ئىلى ئىتتىپاق تىياتىرىدا ئۆگەنگەن ۋە ئىشلىگەن . 1953–يىلى شىنجاڭ ناخشا – ئۇسسۇل ئۆمىكىگە يۆتكىلىپ مۇزىكا يېتەكچىسى ، ئۆمەك مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور تۆھپىلەرنى قوشقان . 1970–يىلىدىن باشلاپ مۇقام تەتقىقات گۇرۇپپىسىغا يېتەكچىلىك قىلغان .
ھۈسەنجان جامى كىچىكىدىنلا ئاتىسىغا ئەگىشىپ مەشرەپ سورۇنلىرىغا بېرىپ ، ئاتىسى ئىجرا قىلغان نەغمىلەرنى ، تەسىرلىك ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى ئاڭلاشقا ھېرىسمەن ئىدى . بۇ ھېرىسمەنلىك ئۇنىڭدا تەمبۇر ، دۇتار ئۆگىنىش ئىشتىياقىنى ئويغاتتى ۋە شۇ چاغدىكى ئۇستازلىرىدىن ‹‹نىم پەدە››، ‹‹ئاسمىنىڭدا ئاي بارمۇ ؟ ›› ، ‹‹ئوشاق مۇقامى››مۇقەددىمىسى قاتارلىق مۇزىكىلارنى ئۆگىنىشكە باشلىدى . بولۇپمۇ يۈكسەك ئورۇنلاش ماھارىتى تەلەپ قىلىدىغان ، رېتىمى مۇرەككەپ ، مۇزىكىلارنىڭ ‹‹گۈلتاجى››دەپ ئاتالغان ‹‹ئەجەم›› مۇزىكىسىنى تىرىشىپ ئۆگەندى . نەتىجىدە 1950 – يىللىرى تۇنجى قېتىم ‹‹ئەجەم››مۇزىكىسىنى تەمبۇر بىلەن سەھنىدە ئىجرا قىلىپ ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشىپ ، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ كۆڭۈل ئاسمىنىدا چاقنىغان دەسلەپكى تالانتلىق ئۈمىد يۇلتۇزىغا ئايلاندى . شۇنىڭدىن باشلاپ تەمبۇر چېلىش ماھارىتىدە يېڭىلىق يارىتىپ ، ئۇيغۇر سەنئىتىنى تېخىمۇ گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغۋار غايىگە بەل باغلىدى .
ئۇ ناخۇن ئۇرۇش بىلەن پەدە بېسىشنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەر خىل چالغۇلىرىنى چېلىش بىلەن پەدە بېسىش ئالاھىدىلىكلىرىنى ئىلمىي ئاساستا يىغىنچاقلاپ ، تەمبۇرغا ناخۇن ئۇرۇش ۋە پەدە بېسىش جەھەتتە ئەسلىدىكى يەتتە خىل تەمبۇر چېلىش فورمىسىنى ئىجادىي تۈردە راۋاجلاندۇرۇپ 13 خىلغا كۆپەيتتى . شۇنداقلا ، ھەربىر مۇزىكىنىڭ ئاھاڭ قۇرۇلمىسى ، مۇزىكىلىق ھېسسىيات تەلىپىگە ئاساسەن مۇزىكىلىق ئاۋازلارنى شاخلىتىپ ، ئوينىتىپ ، نازغىتىپ ، دولقۇنلىتىپ چېلىش ئارقىلىق مۇزىكىلىق خۇلقلىرىنى يارقىن ئەكىس ئەتتۈرۈشتىن ئىبارەت تەمبۇر چېلىش ماھارىتىنى تېخىمۇ يۈكسەكلىككە كۆتۈرۈپ ، تەمبۇر چېلىش ماھارىتىدە كامالەتكە يەتكەن يېپيېڭى سەھىپىنى ياراتتى . ئۇ يۇقىرىقىدەك ۋايىغا يەتكەن تەمبۇر چېلىش ماھارىتى بىلەن مەيلى ‹‹ئەجەم››نى ۋە ياكى باشقا مۇزىكىلارنى چالغاندا بولسۇن ، ئۇنىڭ تەمبۇرنى نازغىتىپ ، مەرغۇللىتىپ ، دولقۇنلىتىپ چېلىشلىرىدىن چىققان رەڭگارەڭ مۇزىكىلىق ئاۋاز بەزىدە شاتلىق ئىلكىدە خەندان ئۇرۇۋاتقان بۇلبۇل ئاۋازىدەك ئاڭلانسا ، بەزىدە سۈپسۈزۈك بۇلاق سۈيىنىڭ شىلدىرلاپ ئېقىشلىرىدەك شۇ قەدەر يېقىملىق ئاڭلىنىپ ، كىشى قەلبىنى گۈزەل ھېسسىياتلار ئىچىدە مەپتۇن قىلىدۇ .
ھۈسەنجان جامى ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى رەتلەش ، تەتقىق قىلىش ، سەھنىلەشتۈرۈش ئىشلىرىدا يېتەرلىك تۆھپىلەرنى ياراتقان ‹‹10 ئاتاقلىق مۇقامچى››نىڭ بىرى ، ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرىنى ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەردانە ، قەيسەر روھى سىڭگەن ئىلى خەلق ناخشىلىرىنى خەلق ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇش ، تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا تەڭداشسىز ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاتا سەنئەتكارلارنىڭ بىرى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-11-9 15:13
|
|