ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 4352|ئىنكاس: 32

ھېيتلىق سوۋغا ـــ «يوليار v121» يەنە 20111212 يېڭىلاندى

    [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئۇزۇندىن بۇيان مۇشۇنداق بىر دېتال ئىشلەش ئارزۇيۇم بولسىمۇ، ئەمما يېڭى خىزمەت ئورنۇمدىكى ئالدىراشچىلىقلار تۈپەيلىدىن دېتال ئىشلەش ئىشى كېچىكىپ كەتتى. تۆنۈگۈندىن بېرى ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن دەم ئېلىپ قاپتىكەنمەن (ھېيتنىڭ 2-كۈنىدىن باشلاپ يەنە ئىشقا چۈشۈپ كېتىمەن)، تورداشلارغا قۇرۇق قول كېلىشنى راۋا كۆرمەي، بۇ دېتالنى تۈزۈپ ئالغاچ كەلدىم. ۋاقىت قىسقا بولغاچقا تەپسىلىي سىناشقا مۇمكىن بولمىدى. تورداشلارنىڭ كېيىنكى نۇسخىلىرىدا تۈزىتىش ئۈچۈن، كۆرۈلگەن مەسىلىلەرنى مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاس قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
دېتال نامى: يوليار
ئىقتىدارى: داۋاملىق كۆپەيتىلىدۇ، ھازىرچە تۆۋەندىكى ئىقتىدارلىرى تەمىنلەندى.
1-جەمئىي 14 تۈردە 39 بېكەت (مۇنبەر، تور تۇرا)نىڭ ئۇلىنىشى بېرىلدى، مەنزىلنى بېسىپ شۇ بېكەتكە كىرەلەيسىز.
2-گوگۇلنىڭ ئۇيغۇرچىسىدىن ئۇيغۇرچە، ئېنگلىزچە ئايرىم ياكى ئارىلاشقان ئاچقۇچلۇق سۆزلەرگە ماس مەزمۇنلارنى ئىزدىيەلەيسىز.
3-دېتالدىن چېكىنىشتە، دېتالدىن چېكىنگەندىن تاشقىرى، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش، تىزىمدىن چىقىرىش، ئۆچۈرۈش، ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.
مىڭ ئاڭلىغاندىن بىر كۆرگەن ئەلا، تۆۋەندىكىلىرى دېتال كۆرۈنۈشلىرى:
1-«مەرھابا» كۆزنىكى
splash.png
كۆزنەكنىڭ ئاستىنقى تەرىپىدىكى ئىككى ئۇلىنىشنى بېسىپ شۇ تور بەتلەرنى زىيارەت قىلالايسىز.
2-ئاساسىي كۆزنەك
main.png
ماس كونۇپكىلارنى بېسىپ شۇ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز. ئوڭ تەرەپتىكى دېتال بەلگىسىنى بېسىپ تۇرۇپ كۆزنەكنى خالىغان ئورۇنغا سۆرەپ يۆتكىيەلەيسىز. كۆزنەك ئېكراننىڭ ئوڭ-سول، ئۈستى قىرىغا توغرا كېلىپ قالسا، ئۆزلىكىدىن شۇ جايلارغا يۇشۇرۇنالايدۇ.
3-«يوليار» كۆزنىكى
jemgah.png
كۆرۈۋاتقىنىڭىزدەك، بۇ كۆزنەكتە تور بېكەت مەنزىللىرى تۈرلىرى بويىچە كۆرسىتىلىدۇ، سىز شۇ مەنزىلنى چېكىپ تور بەتنى زىيارەت قىلالايسىز.
4-ئىزدەش كۆزنىكى
search.png
كۆزنەكنىڭ بىكار جايىدىن تۇتۇپ سۆزەپ خالىغان جايغا ئاپىرىپ قويالايسىز. تېكىست رامكىسى ئىچىدە CTRL+K نى بېسىپ ئۇيغۇرچە-ئېنگلىزچە كىرگۈزۈشنى ئالماشتۇرالايسىز، سۈكۈتتىكى قىممىتى ئۇيغۇرچە. CTRL+ENTER نى ياكى كۆزنەك سول تەرىپىدىكى گوگۇلنىڭ بەلگىسىنى بېسىش ئارقىلىق، كىرگۈزگەن سۆزنى گوگۇلدىن ئىزدىيەلەيسىز.
5-چېكىنىش كۆزنىكى
exit.png
دېتالدىن چېكىنىش، كومپيۇتېرنى قايتا قوزغىتىش، تىزىمدىن چىقىرىش، ئۆچۈرۈش، ۋاقىت بەلگىلەپ ئۆچۈرۈش قاتارلىق مەشغۇلاتلارنى قىلالايسىز.
بۇ دېتالغا قىزىقسىڭىز، 30-قەۋەتتىكى ئىنكاستىكى مەنزىلدىن چۈشۈرۈڭ.
مەنزىلى: https://uyghur-archive.com/intil/home/forum. ... 9659&fromuid=21 بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-12-12 04:13  

باھالاش

3

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-11-6 14:09:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
windows 7دە نورمال قوزغالمىدى.
ۋاقتى: 2011-11-7 01:43:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرىم يېشىل نۇسخىسىنى سىناش دوكلاتى:  WinXP  IE8
1-  ئىزدەش:  ئىزدەش مەزمۇنى يېزىلغاندىن كېيىن enter كۇنۇپكىسى بېسىلسا ئىزدىمىدى. لوپە ئەينەكنى باسساقمۇ ئىزدىسە بولغۇدەك ياكى لوپا ئەينەكنى گوگلې رەسىمىگە ئالماشتۇرۇپ شۇنى باسسا ئىزدەشنى ئەمەلگە ئاشۇرساق.
2- يوليار: بۇنىڭدا ئۇلىنىش بەتلىرى قاتارى يۇقارقى رەسىمدىكىدەك چىقمىدى. ئاستىدىكى سىيرىغۇچ كۆزنەكنى چوڭايتساقمۇ، كىچىكلەتسەكمۇ يەنىلا مەۋجۇت.  
yolyar1.0.jpg
3-باشقا: مەلۇم ئىقتىدار كۆزنىكى ئوچۇق ھالەتتە يەنە بىر ئىقتىدارنى ئاچقىلى بولمىد  يەنە مەلۇم ئىقتىدار كۆزنىكى ئوچۇق ھالەتتە  سىستېمىدا بىز ئىشلىتىۋاتقان باشقا دىتال كۆزنىكىنى ئاچساق «يوليار» نىڭ بىز ئاچقان ئىقتىدار كۆزنىكى يەنىلا ئالدىدا تۇرۇۋالدى.
4- تەكلىپ: ئىشلەتكۈچى ئۇلىنىش تۈرى ۋە ئۇلىنىشنى قوشۇش- ئېلىش ئىقتىدارىنى قوشۇش زۆرۈر. بەلكىم بۇنى قوشۇۋاتقان بولىشىڭىز مۇمكىن.
5- مۇمكىن بولسا ئاساسى كۆزنەكنى 迅雷 نىڭكىدەك بىر چەكسە ۋەزىپە ستتونىغا قونىدىغان قىلساق.
6- ئاساسى كۆزنەكنىڭ يان سىزىقىنىڭ رەڭگىنى كاۋا چېچىكى قىلساق.
7- مۇمكىن بولسا ئاساسى كۆزنەكتىكى «چېكىن» گە «ۋاقىت بەلگۈلەپ ئۆچۈرۈش» نىمۇ قوشساق.
ۋاقتى: 2011-11-8 17:54:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
8- يوليارنىڭ بوشلۇقىغا بىر html  ھۆججەت قويساق، بۇنىڭدا تەۋسىيەلىك بېكەت تىزىمى ۋە مۇشۇ يوليارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇر  بار بولسا .
ۋە ياكى كىچىككىنە بىر بۇلۇڭغا ۋە مۇشۇ يوليارغا مۇناسىۋەتلىك يېڭى ئۇچۇرنى ئەسكەرتىشىنى ئورۇنلاشتۇرساق.
ۋاقتى: 2011-11-10 12:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزگە كۆپ رەھمەت، تېزراق مۇكەممەللىشىشىگە تىلەكداشمەن.  تەكلىپ:
1- غوجىدارغا ئوخشاش RSS قوشۇش ئىقتىدارى بار بولسۇن.
2- تەۋسىيە بىكەتتىن باشقا تۈر ۋە توربەتنى ئۆزىمىز قوشالايدىغان بولسۇن.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-10 16:05:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يوليار» يەنە يېڭىلاندى.
1-ئاساسىي كۆزنەككە «تەڭشەك» تۈرى قوشۇلدى.
yolyar_main01.PNG
2-ئوڭ تەرەپتىكى «يوليار» بەلگىسىنى تۇتۇپ سۆرىسە كۆزنەكنى خالىغان يەرگە يۆتكەشتىن باشقا، بۇ بەلگىنى قوش چەكسە (مائۇس سول كونۇپكىسى بىلەن)، سىستېمىنى ۋەزىپە ئىستونىغا (ئوڭ ئاستى تەرەپ سائەت چىقىدىغان جايغا) «يوليار»نىڭ بەلگىسى چىقىپ، ئاساسىي كۆزنەك يۇشۇرۇنىدىغان قىلىندى، ۋەزىپە ئىستونىدىكى بەلگە بىر چېكىلسە (مائۇس سول كونۇپكىسى بىلەن)، ئاساسىي كۆزنەك كۆرۈنىدىغان قىلىندى.
3-«تەڭشەك» كۆزنىكى قوشۇلدى.
yolyar_set.png
بۇ كۆزنەكتىن پايدىلىنىپ ئاساسىي كۆزنەكنىڭ سۈزۈكلۈكى، ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگى قاتارلىقلارنى تەڭشىۋالغىلى بولىدۇ. كۆرۈش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەسلىكى ئۈچۈن كۆزنەك سۈزۈكلۈكىنى پەقەت %30 گىچىلا سۈزۈكلەشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىندى.
4-قاچىلاش پروگراممىسى ئىشلەندى.
بىردانە كونترول (تور بەتلەرنى كۆرۈشتە ئىشلىتىلىدۇ، IE6.0 نىڭ يادروسى)، بىر دانە خەت نۇسخىسى (ئۇ ك ئى ج نىڭ تۈز توم نۇسخىسىنىڭ 3.0 نەشرى) بىللە قاچىلىنىدىغان قىلىندى.
بۇ نۇسخىسىنى چۈشۈرگەندىن كېيىن، پرېستىن يېشىپ قاچىلاپ ئىشلىتىڭ.
yolyar_v100_setup.zip (1.1 MB, چۈشۈرۈش سانى: 666)

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
ئېسىل دېتال ئىكەن  ۋاقتى: 2011-11-23 12:57
ۋاقتى: 2011-11-11 14:50:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۈنسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر قېتىم يېڭىلانغاندا دىتال نومۇرىنى ئۆزگەرتىپ تۇرسىڭىز.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-12 00:35:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Intil يوللىغان ۋاقتى  2011-11-11 14:50
كۈنسىرى ياخشىلىنىۋاتىدۇ، ھەر قېتىم يېڭىلانغاندا دىتا ...

بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا ھالقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىگەچكە (پەقەت تەڭشەك كۆزنىكىلا قوشۇلغان)، نەشىر نومۇرىغا ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلمىدى. كېيىنكى نۇسخىلىرىدا يەنە بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەر بولغۇسى، ئۇ ۋاقىتتا، تەبىئىيكى، نەشىر نومۇرىدىمۇ ئۆزگىرىش بولىدۇ.
ۋاقتى: 2011-11-12 00:44:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nida يوللىغان ۋاقتى  2011-11-12 00:35
بۇ قېتىمقى يېڭىلىنىشتا ھالقىلىق ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈلم ...

ھېلىمۇ كۆپ ئەجىر سىڭدۈردىڭىز، تورداشلارمۇ تەكلىپ- پىكرىنى ئايىمىسا ، تېزرەك پۈتسە دەيمەن.
ۋاقتى: 2011-11-14 12:22:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇدۇ كۆپ ياخشىلىنىپتۇ. كېيىنكى نۇسخىسىدا تەكلىپ -پىكىرلەرنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈدىغان ئوخشىمامدۇق؟
ۋاقتى: 2011-11-14 15:05:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپچىلىككە تەكلىپ:
ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىشى سۈرئىتىگە گەپ كەتمەيدۇ، بەزىدە ھەتتا ئادەم ئىشلىتىپمۇ ئۈلگۈرەلمەيدۇ.
بۇلۇت ھېسابلاش، 云计算 دېگەنلەرنى ھەممىمىز كۆپ ئاڭلىغان، ھاتتا ھازىر ئىشلىتىۋاتقانلىرىمىزمۇ ئاز ئەمەس. شۇنىڭغا ئوخشىغان بىرەر پروگرامما تۈزۈپ باقساق دەيمەندە. مەسىلەن، يۇقارقى دېتالدا بولغان ئىقتىدارلارنى بولمىغاندىمۇ ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغانلىرىنى يىغىپلا بىر سۇپا ياسالسا (ئەزالار مەركىزى قۇرۇلسا)، تور كۆرگۈدە ياكى مەلۇم بىر كۆزنەكتىلا ئۇچۇرلار توردىن بىۋاستە كېلىدىغان ياكى يېڭىلانغانلىرى كۆرۈنىدىغان قىلىنسا(بۇنىڭغا نىشان بىكەتنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش دېگەندەك API سىدىن پايدىلانساق بولىدۇ). ئۆزىمىزنىڭ ئانا تىلدىكى بۇلۇت سۇپىمىزنى ئىشلەتسەك.

گەپلەر تاققا-تۇققا بولۇپ قالدى، ئويلىشىپ بېقىشقا بولىدۇ دەپ قارايمەن.
ۋاقتى: 2011-11-14 19:41:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 15:05
كۆپچىلىككە تەكلىپ:
ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىش ...

تەكلىپ- تەسەۋۋۇرىڭىز ئورۇنلۇق، دىتالنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئومۇملىشىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئىمكانىيىتى بولسىلا قىلىپ كەتكىلى بولىدۇ.
بىزدە www.yolyar.net  تور نامىمۇ بار، بۇ تور نامىنى شۇنداق ئىشقا ئىشلەتسەكمۇ بولىدۇ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-14 23:21:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 15:05
كۆپچىلىككە تەكلىپ:
ھازىر ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ يېڭىلىنىش ...
يۇقارقى دېتالدا بولغان ئىقتىدارلارنى بولمىغاندىمۇ ئاساسلىق ئىشلىتىلىدىغانلىرىنى يىغىپلا بىر سۇپا ياسالسا (ئەزالار مەركىزى قۇرۇلسا)، تور كۆرگۈدە ياكى مەلۇم بىر كۆزنەكتىلا ئۇچۇرلار توردىن بىۋاستە كېلىدىغان ياكى يېڭىلانغانلىرى كۆرۈنىدىغان قىلىنسا(بۇنىڭغا نىشان بىكەتنىڭ ئەڭ يېڭى تېمىلىرىنى كۆرسىتىش دېگەندەك API سىدىن پايدىلانساق بولىدۇ).

ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى بىردەككەن، مەنمۇ بۇ دېتالنى مۇشۇنداقراق قىلىشنى ئويلىشىۋاتىمەن. ھازىرقى نۇسخىسىدىمۇ كۆپىنچە ئىقتىدارلىرى پۈتۈنلەي تورغا تايىنىدۇ.
1-تورغا ئۇلانمىغان شارائىتتا دېتال ئىشلىمەيدۇ.
2-«يوليار» تۈرىدىكى تور بېكەتلەر تۈرلىرى ۋە بېكەت مەنزىللىرى پۈتۈنلەي توردىن ئوقۇتۇلغان، شۇڭا بۇ دېتالنىڭ نەشرىنى كۆتۈرمەي تۇرۇپمۇ، تور بەت ئارقا سەھنىسىدىن بۇ تۈردىكى بارلىق ئۇچۇرلارنى تەھرىرلىگىلى بولىدۇ.
3-كېيىنكى نەشرىدە قوشۇۋاتقان «ئامراق» (ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرىدىغان تور مەنزىللىرىنى ساقلاپ قويىدىغان ئىقتىدار) تۈرى يەرلىكتە ساقلىنىدىغان قىلىنىۋاتىدۇ، ئەگەر مۇقىم تور ساندانى مەسىلىسى ھەل بولۇپ قالسا ( ساندان بولمىسا تور بوشلۇقىدىكى مەلۇم ھۆججەتكە يېزىش مەسىلىسىنى ئويلىشىمەن)، ئىشلەتكۈچى ئۆزى ياقتۇرىدىغان تور بەت مەنزىللىرىنى توردىكى ساندانغا ساقلاپ قويالايدىغان قىلماقچى، بۇنداق بولغاندا، كومپيۇتېردىكى تور كۆرگۈنىڭ «ساقلىغۇچ» ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشكە ھاجىتىڭىز چۈشمەيدۇ، پەقەت تورغا چىقالايدىغانلىكى كومپيۇتېر بولسا، خالىغان جايدا، خالىغان ۋاقىتتا «يوليار» دېتالىنى ئىشلىتىپ، ئۆزىڭىز ساقلاپ قويغان ئامراق تور بېكەتلىرىڭىزنى زىيارەت قىلالايدىغان بولىسىز.
4-كېيىنكى نەشرىدە قوشۇلىدىغان «يېڭى تېمىلار» تۈرى، ئەلۋەتتە، ھەر قايسى بېكەتلەر تەمىنلىگەن API ئېغىزىغا ئاساسەن شۇ بېكەتلەرنىڭ يېڭى تېمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان قىلىنماقچى، بۇ ئىشلارمۇ، ئەلۋەتتە، تور سۇپىسى پروگراممىسى ئارقىلىق ھەل قىلىنىدۇ.
قىسقىسى، «يوليار» دېتالى سىزنىڭ توردىكى كىچىك جاھاننامىڭىز، ئىخچام تور كۆگۈڭىز بولۇپ قالغۇسى. تېلېۋېزور ئېلانلىرىغا ئوخشاپ قاپتۇ-يا ماۋۇ يەرلىرى.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
ياخشى: 5
  ۋاقتى: 2011-11-14 23:41
ۋاقتى: 2011-11-14 23:48:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Nida يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 23:21
ئىككىمىزنىڭ ئويلىغىنى بىردەككەن، مەنمۇ بۇ دېتالنى م ...

مۇمكىن بولسا گوگۇلنىڭ API سىنى ئىشلىتىپ ئەزالار مەركىزى قۇرۇشنى ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى سورايمەن. يەنە باشقا ئىقتىدارلار، مەسىلەن ساقلىغۇچقىمۇ گوگۇلنىڭكىنى ئىشلەتكىلى بولامدىكىن. گوگۇلنى دىيىشىمدىكى مەقسەت مۇقۇم ئىشلەيدۇ.(ئەگەر ئۆزىمىزنىڭ مۇقۇم بولسا ئۇمۇ مەيلى)
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-11-15 00:46:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
osmanturpan يوللىغان ۋاقتى  2011-11-14 23:48
مۇمكىن بولسا گوگۇلنىڭ API سىنى ئىشلىتىپ ئەزالار مەركىز ...

گوگۇلنىڭ مۇقىملىقى ھەممىمىزگە ئايان، ئەمما يېقىندىن بۇيان تېلېگراف ئىشلەتكۈچىلىرى ( مېنىڭكى شۇنداق، باشقىلارنىڭكى قانداقكىن بىلمىدىم، ئىشخانىدىكىسى كۆچمىنىڭ، ئىشخانىدىمۇ ئۆيدىكىگە ئوخشاش) گوگۇل مۇلازىمىتېرىدىن ئېلخەت مۇلازىمىتىدىن باشقا مۇلازىمەتلىرىنى (ئىزدەش بېتىمۇ بەك تەستە ئېچىلىدىغان بولۇۋالدى) تازا نورمال ئىشلىتەلمەيۋاتىدۇ. دۆلەت سىرتىدىكى بوشلۇقلارمۇ بەزىدە تېز، بەزىدە ئاستا، شۇ سەۋەپتىن، ھازىرچە شىنلاڭ تورى (sinaapp.com) نىڭ مۇلازىمېتىرىدىن پايدىلىنىپ تۇردۇم، سۈرئىتى مەيلى قايسى خەۋەرلىشىش شىركىتىنىڭكىنى ئىشلىتىشتىن قەتئىينەزەر، خېلى تېز بولۇۋاتىدۇ، بۇنىڭ سەۋەبى، مۇلازىمېتىر دۆلەت ئىچىدە، ئۇنىڭ ئۈستىگە داڭلىق شىركەتنىڭ بولغاچقا شۇنداقمىكىن. كىملىكىم ئارقىلىق، ھەقىقىي نامدا تىزىملىتىپ قويدۇم، شۇڭا، تاكى ئۇلار بۇ خىل مۇلازىمەتنى توختاتمىغۇچە، توختاپ قېلىشىدىن ئەنسىرەش بىھاجەت. ساندانغا قويۇلغان ئېقىم چەكلىمىسى باردەك قىلىدۇ، ئەمما بۇ ئېقىم توشۇپ بولغۇدەك بولغۇچە خېلى كۈنلەر كېتىدىغان ئوخشايدۇ. بۇ دېتالنىڭ يېڭى ئىقتىدارلىرىنىڭ قوشۇلۇش سۈرئىتىنىڭ ئاستا بولۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ بىرى، خىزمىتىم ئالدىراش بولۇشتىن سىرت، بۇ دېتالنى پۈتۈنلەي كېچىسى، ئىشتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىمدا تۈزەۋاتىمەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە يەنە، شىنلاڭ شىركىتى سانداننى پەقەت ئۆزىنىڭ ئەمەلىي قوللىنىشچان تور پروگراممىلىرى ئارقىلىقلا زىيارەت قىلغىلى بولىدىغان قىلىپ قويغاچقا، سىرتقى پروگراممىلار ئارقىلىق، ئۇنىڭ ساندانىنى زىيارەت قىلىشقا، ھازىرچە، مۇمكىن بولمايۋاتىدۇ، شۇڭا دېتالنىڭ مۇلازىمېتىر قىسمىنى يەرلىكتە سىناشقا مۇمكىن بولماي، ھەر بىر قۇرنى ئۆزگەرتكەندە بىر قېتىم مۇلازىمېتىرغا يوللاپ سىناشقا توغرا كېلىۋاتىدۇ، ئىشلەتكۈچى پروگرامما قىسمى (يەرلىك پروگرامما قىسمى)، مۇلازىمېتىر پروگرامما قىسمىنى مۇشۇنداق تەڭلا ئۆزگەرتىشكە توغرا كېلىۋاتقانلىقتىن، يېڭىلىنىشى بىر قەدەر ئاستا بولۇپ قېلىۋاتىدۇ. يەرلىك پروگرامما قىسمى مۇقىمدىشىپ كەتسە، كېيىن مۇلازىمېتىر قىسمىنى ئۆزگەرتىپلا ھەممەيلەننىڭ ئىگە بولىدىغان ئۇچۇرىنى ئۆزگەرتىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولىدىغان چاغلارغىمۇ خېلى ئاز قالدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-10 02:40 , Processed in 0.198009 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat