ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 251 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 818|ئىنكاس: 10

ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھىمىت كورىيەدە   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2459
تىللا
2092
شۆھرەت
3967

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 21:02:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئانا يۇرتتىكى بارلىق قېرىنداشلار. كورىيەدە ئوقۇۋاتقان مەخمۇتجان،مەردان ،راھىلە، گۈلمىرە قاتارلىق دوستلاردىن سىلەرگە ئوتلۇق سالام!
بەلكىم مۆجىزە كۈچكە ئىگە بولغان ئۇيغۇر پالۋان ئۆمەرجان ھەققىدىكى پاراڭلارنى ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن. بىز ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ كىشىنى كورىيەگە تەكلىپ قىلىپ، ئۇنىڭ قالتىس ماھارىتىنى كورىيە SBS تېلۋزىيەسى STARKING پروگراممىسى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىشنى، شۇنداقلا ئۇيغۇرلانى كورىيەگە تۇنۇشتۇرۇشنى ئويلىشىپ كەلگەنىدۇق. بەلكىم ئۇيغۇرلار ئارىسىدا  بۇ پروگراممىنى كۆرگەنلەر بەك ئاز بۇلۇشى مومكىن. لېكىن كورىيەنىڭ بۇ پروگراممىسى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدىغان ، ھەتتا ئامىرىكىدىمۇ كۆرۈلۈش نىسبىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان داڭلىق پروگرامما بۇلۇپ، پۈتۈن دۇنيادىكى داڭلىق شەخىسلەر،  تالانت ئىگىلىرى تەكلىپ قىلىنىپ، ئولارنىڭ ماھارىتى نەق مەيداندا كۆرسىتىلىدۇ. شۇنداقلا  كورىيەدىكى داڭلىق ناخشىچىلار،كىنو ئارتىسلىرى سەھىنىنىڭ يان تەرىپىدە ئولتۇرۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ كۆڭۈللۈك ئىشلىنىشىگە ياردەمدە بۇلىدۇ.STARKING سۆزىگە قاراپمۇ بۇ پروگراممىنىڭ چولپانلار پروگراممىسى ئىكەنلىكىنى بىلىپ يەتتىڭىزغۇ-دەيمەن.  
     گەپنىڭ ئۆزىگە قايتايلى. يېقىندا توردىن  ئۆمەرجان ئاكىنىڭ خۇنەن تېلۋىزىيەسى ‹كىم قەھرىمان›پروگراممىسىغا قاتنىشىپ ھەممىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتكەن فىلىمىنى كۆرۈپ، بۇ كىشىنى كورىيەگە ئېلىپ كېلىش ئىستىكىمىز تېخىمۇ كۈچەيدى. ئەتىسىلا  كورلا تېلۋىزىيە ئىستانىسىدا ئىشلەيدىغان ھەدىمىزنىڭ ياردىمىدە ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تېلغۇن نۇمۇرىنى تاپتۇق. ئۆمەرجان ئاكىغا تېلفۇندا بۇ ئوي پىكرىمىزنى ئېتساق ، خوشاللىق بىلەن قۇبۇل قىلدى. شۇنداق قىلىپ بۇ ئىشقا كىرىشىپ كەتتۇق. توردىن ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەن فىلىمىلىرىنى چۈشۈرپ تەھرىرىلەپ، تەرجىمھالىنى يېزىپ SBS تېلۋزىيەسىگە يوللىدۇق. بۇ كىچىككىنە ئىشلارمۇ ئاسانغا توختىمىدى. ئۇلارغا تاپشۇرىدىغان ماتىرىياللارنىڭ ھەرخىل تەلەپ -چەكلىمىلىرى شۇنچە كۆپكەن. ئۈچ-تۆت ھەپتە مۇشۇ ئىشلار بىلەن ھەپىلىشىپ، ئاخىرى SBS نىڭ تەكلىپنامىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ ئۆمەرجان ئاكىغا ئەۋەتتۇق. بىر ھەپتىدىن كىيىن كورىيەنىڭ بېيجىڭدىكى كونسۇلخانىسى ئۆمەرجان ئاكىغا ۋىزا بەردى. 10-ئاينىڭ 14-كۈنى ئۆمەرجان ئاكا كورىيەگە يىتىپ كەلدى.  
          ئايرودىرومدىكى ئىشلار بىزنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى. ئۆمەرجان ئاكىنى كۈتىۋېلىشقا بىز بىلەن بىرگە ،كورىيە SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكىللىرىدىن  باشقا يەنە بىر قانچە كورىيە پارلامىنت ئەزالىرى بۇلۇپ ئىككى گۇرۇپپا كىشىلەر  كەلگەنىكەن. شۇ چاغدا بىلدۇقكى ئۆمەرجان ئاكا مۇنداقلا سەييارە ماھارەت كۆرسەتكۈچى بولماستىن ، ئۇنىڭ يەنە جۇڭگو مەدەنىيەت تارقىتىش مەركىزىنىڭ ئالاھىدە خادىمى، جۇڭگو مودا-سەنئەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، مىللى مائارىپ كېڭەشمىسىنىڭ ئىش بىجىرگۈچىسى، جۇڭگو خەيرى-ساخاۋەت كومىتىتىنىڭ مۇئاۋىن سېكرىتارى دېگەندەك ئالاھىدە سالاھىتى بار ئىكەن. مەسلىھەتلىشى ئارقىلىق تۇنجى كۈنى پارلامىنت ۋەكىللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى مېھمانخانىغا ئورۇنلاشتۇردى.ئەتىسىدىن باشلاپ SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ۋەكللىرى ئۆمەرجان ئاكىنى باشقا مېھمانخانىغا ئېلىپ كەتتى. شۇ كۈنى ئۆمەرجان ئاكا SBS تېلۋزىيەسىنىڭ ئىشخانىسىدا ئۆز ماھارىتىنى كۆرسەتكەندىن كىيىن ،  سىنغا ئېلىش ۋاقتى 10-ئاينىڭ 17-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى. ئىككى كۈن جەريانىدا ئۆمەرجان ئاكىنى كورىيەنىڭ مەنزىرىلىرىنى تاماشا قىلدۇردۇق. بۇ جەرياندا ئۆمەرجان ئاكا كورىيەدىكى تۈركىيە ، پاكىستان قاتارلىق مۇسۇلمان ئاشخانسىنىڭ نان-كاۋاپلىرىدىن باشقا ھېچقانداق تاماق يىمىدى. . . . . .
       10-ئاينىڭ 17-كۈنى STARKING پروگراممىسى سىنغا ئېلىندى. ئۆمەرجان ئاكىغا سەھنىدە ئۇيغۇرچە سۆزلەش تەكلىپىنى بەرگەن بولساقمۇ، تېلۋىزىيە ئىستانسىسىدا ئۇيغۇرچە بىلىدىغان مەخسۇس تەرجىمان يوق. شۇنداقلا ئىستانىسىنىڭ مەخسۇس تەرجىمانىدىن باشقىلارنىڭ سەھنىدە تەرجىمە قىلىشىغا روخسەت قىلىنمايدىكەن. شۇڭا ئۆمەرجان ئاكا سەھنىدە خەنزۇچە سۆزلىدى. (خەنزۇچە تەرجىمان بولغاچقا). ئۆمەرجان ئاكا ئۆزىنى ۋە مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن قالتىس ماھارەتلىرىنى كەينى-كەينىدىن كۆرسىتىپ ، سەھنىدىكى چولپانلار ۋە تۆۋەندە ئولتۇرغان تاماشىبىنلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرۋەتتى.ھەتتا سەھنىدىكى بەزى چولپانلار ئۆمەرجان ئاكىنىڭ تاش چاققان ھالىتىنى كۆرۈپ قورققىنىدىن ، بىر-بىرىنىڭ كەينىگە مۆكىنىۋېىلىشتى. ئاخىرىدا ئۆمەرجان ئاكىنىڭ ماھارەت كۆرسەتكەندىن قىلغان كىرىمىنى يەنىلا جەمئىيەتتىكى قىينچىلىقى بارلارغا ئىئانە قىلىدىغان سۆزى ۋە گۈلدۈراس ئالقىشلار بىلەن سىن ئېلىش تاماملاندى.























مەنبەسى:http://xjkorea.blogbus.com/
turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2459
تىللا
2092
شۆھرەت
3967

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 21:07:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كورىيەگە قىزىقامسىز؟كورىيە ھەققىدە
كورىيە كىنولىرىنى ياقتۇرۇپ كۆرىدىغان ئۇيغۇرلار خېلى بارغۇ دەيمەن - ھە؟ ئۇنداقتا كورىيەلىكلەر راستىنلا شۇ كىنولاردىكى ئارتىسلار ياراتقان ئوبراز بىلەن ئوخشاشمۇ؟ يېقىندىن بۇيان كورىيەگە قىزىقىدىغانلار، كورىيەگە كېلىپ، ئوقۇشنى ئارزۇ قىلىدىغانلارمۇ خېلى كۆپىيىپ قالدى. مەن كورىيەدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى بۇلۇش سۈپىتىم بىلەن  كورىيە شۇنداقلا كورىئانلار توغۇرسىدا بىلگەنلىرىمدىن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە بۇ تېمىنى يوللىدىم.  
        1. ئاۋۋال كورىيە تىلى توغۇرسىدا توختىلىپ ئۆتەي:   
        كورىيە تىلىمۇ ئالتاي تىل سېستىمىسغا كىرىدىغان بولغاچقا ، جۈملىنىڭ گرامماتىكلىق تەرتىپى ھەقىقەتەن ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ. يەنى ئاۋۋال ئىگە، ئاندىن تولدۇرغۇچى،ئاخىرىدا خەۋەر  تەرتىپى بۇيىچە تۈزۈلىدۇ. ھازىرقى زامان كورىيە تىلىنىڭ سۆزلۈكلىرى بولسا تەخمىنەن  %50 خەنزۇچە سۆزلۈكلەر بىلەن  ئوخششىپ كېتىدۇ. مەسلەن : تەييارلىق. تەييارلاش   .  بۇ سۆز   خەنزۇچىدا  准备  بولسا، كورىيەتىلىدا  :   준비   ] جۇنبى [ دەپ ئوقۇلىدۇ .  خۇددى zhunbei دېگەن سۆزنى خەنزۇچە  توغرا تەلەپپۇز قىلالمىغاندەكلا ئاڭلىنىدۇ. تاماشا قىلىش، سەيلە قىلىش 观光دېگەن سۆز،كورىيە تىلىدا 관광 بۇلۇپ،  ] گۇان گۇاڭ [ دەپ ئوقۇلىدۇ. تازلىق ئۆيى(ھاجەتخانا) بولسا 화장실  ]خۇا جاڭ شىل [ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇ خەنزۇ تىلىدىكى 化妆室 دېگەن سۆزگە توغرا كېلىدۇ.  
      جۈملىدىن مىسال كەلتۈرسەك : 아이산  씨가 시장에 갔어요   (ھەسەن بازارغا كەتتى)   ] ئائى سان شى گا  شى چاڭ ئېي  كاتسويو[ دەپ ئوقۇلىدۇ. بۇيەردىكى 시장 ]شى چاڭ[ نىڭ 市场 ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلىپ بولدىڭىزغۇ  -دەيمەن. كورىيە تىلىدا  يەنە ھۆرمەت شەكلى دەيدىغان مۇرەككەپرەك بىرخىل جۈملە شەكلى بۇلۇپ، چوڭلارغا، مېھمان ياكى خېرىدارلارغا سۆزلىگەندە ئىشلىتىلىدۇ، ھەتتا ئاتا - ئانىسى، ياكى ئوقۇتقۇچىسىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى باشقىلارغا بايان قىلماقچى بولسىمۇ ، يەنىلا جۈملىنىڭ ھۆرمەت شەكلىنى قوللىنىدۇ.   
        بىز ئۇيغۇرلار كورىيە تىلىنىڭ گرامماتىكا تەرتىپىنى ئۇيغۇر تىلىغا،  سۆزلىرىنى بولسا خەنزۇ تىلىغا تەتبىقلاپ ئۆگەنسەك، باشقا مىللەتلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ  تېز ئۆگىنەلەيمىز. بۇ بىزدە بار بولغان ئالاھىدە ئەۋزەللىك. كورىيە يېزىقىدا  ئاساسلىقى24 ھەرىپ  بولغاچقا ، كورىيەدە ساۋاتسىزلار مەۋجۈت ئەمەس دەپ قارىلىدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق، 80 ياشلىق مومايلاردىن سورىسىڭىزمۇ خەت دېگەننى ھەجىلمەي ئوقۇپ بېرەلەيدۇ. لېكىن بىزنىڭ تىلىمىزمۇ پەقەت 32 ھەرىپتىن تۈزۈلگەن بۇلۇشىغا قارىماي، تېخىچە ساۋاتسىزلىقنى تۈگىتىش ئۇچۈن تىرىشىپ ئولتۇرىۋاتىمىز.  
       ئۇندىن باشقا ئامىرىكىنىڭ كورىيەگە بولغان تەسىرى تۈپەيلى ، كورىيە تىلىدا  ئېنگىلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەرمۇ ئاز ئەمەس. كورىيەلىكلەرنىڭ تىلى قاتتىق بولغاچقا ئېنگلىز تىلىنى ئۆگۈنۈشتە ئەڭ قىينىلدىغان مىللەت دەپ قارىلىدۇ. شۇڭا ئېنىگلىز تىلىدىن قۇبۇل قىلىنغان سۆزلەر كىشىنى بىر خىل بىئارام قىلىدۇ. بەلكىم ئېنگلىز تىلى بىلمىسىڭىز بۇنى ھېس قىلالمايسىز.  
  مەسلەن: express  دېگەن بۇ سۆز، كورىيە تىلىدىمۇ كەڭ ئىشىلىتىلىدىغان سۆز بۇلۇپ . 엑스프레스 ]ئېك سى پې رې سى [   دەپ ئوقۇلىدۇ. كورىيە تىلىد<< ف،F>> ھەرىپى يوق. شۇڭا ئېنگلىز تىلىدىكى fighting  سۆزىنى يېزىقچە 파이팅  ] پائى تىڭ [ دەپ ئىپادىلىسە، ئېغىزتىلىدا ] خۇاي تىڭ[ دەپ ئىپادىلەيدۇ.  <<رومانتىك داچا>> فىلىمىدە  ]ئاجا جا خۇاي تىڭ[ دېگەن سۆزنى تولا ئاڭلىغان بۇلىشىڭىز مومكىن.  
     2. كورىيەنىڭ قىزلىرىغا كەلسەك:  
     كورىيە قىزلىرى بىز كىنولاردا كۆرگەندەك ئۇنچە چىرايلىقمۇ ئەمەس. كىنولارغا ئەلۋەتتە چىرايلىقلىرىنى تاللاپ چىقىرىدىغاننى ھەممىمىز ئويلاپ يىتەلەيمىز. لېكىن شۇ چىرايلىق ئارتىسلارمۇ كۆپىنچىسى ھۆسىن تۈزەتكەن سۈنئي گۈزەللەر.كورىيە ھۆسىن تۈزەش تېخنىكىسى جەھەتتە دۇنيادا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ.  كورىيەدە كىنو ئارتىسلىرى بىرەر كىنودا رول ئېلىپ قۇيۇپ، تېزلا چولپان بۇلۇپ كېتىدۇ ، بۈگۈنى بىر كىنودا ياخشى رول ئالغان ئارتىس ئەتىسىلا تېلۋىزوردىكى ھەرخىل مەھسۇلات ئېلانلىرىدا پەيدا بۇلىدۇ. لېكىن بۇ چولپانلار يەنە ئۇزۇنغا قالمايلا غايىپ بۇلىدۇ. بۇلۇپمۇ ئايال ئارتسلار. چۈنكى كورىيەدە قىزلار توي قىلىپ بۇلۇپلا ھېچقانداق خىزمەت قىلماي، مەخسۇس ئائىلىدە بالا باقىدۇ، بالا تەربىيلەيدۇ. شۇڭا ياش چىرايلىق قىز ئارتىسلار، توي قىلغاندىن كىيىن <چولپان>لىقى بىلەن تېزلا خوشلىشىدۇ.   
      ئادەتتە كورىيە قىزلىرى ماي دېگەننى بۇلۇشىغا سۈرۈپ يۇزىنى ئاپئاق قىلىۋالىدۇ. لېكىن يازنىڭ پىژغىرىم ئىسىىقىدا تەرلەپ مايلىرى ئېقىپ كەتمەيدىغىنىغا ھەيرانمەن. كورىيە قىزلىرى ئاق ھاراق دېگەننى سۇدەك ئىچىپ قۇيىدۇ.  سېمىز ئوغۇللارنى ياقتۇرۇپ كەتمەيدۇ. ئۇلار ئوغۇللارنىڭ قورسىقىغا بەك دېققەت قىلىدۇ. ئوغۇللارنىڭ قورسىقىدىكى مۇسكۇل قانچە چىڭ ھەم بۆلەكلىرى شۇنچە كۆرىنەرلىك بولسا ، قىزلارغا شۇنچە بەك ياراىدۇ. كورىيە قىزلىرى بىز كىنودا كۆرگەندەك مۇھەببەت دېسە ھەممىدىن كېچىدىغان، مۇھەببەت ئۈچۈن ئاچلىق ئېلان قىلىدىغان ئۇنچىۋالا ساداقەتمەنمۇ ئەمەس. ئۇلارنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنى ئوغۇللارنىڭ پۇلى. شۇڭا ھازىر كورىيەدە ياشلارنىڭ توي قىلىش مەسلىسى بىر ئېغىر مەسلە بۇلۇپ قالماقتا. ئوغۇللار ئاز چىقىم قىلىپ چەتئەللەردىن خوتۇن ئېلىپ كېلىۋاتىدۇ. قىزلار بولسا غەرىپلىك ئەرلەرگە تەلمۇرۇپ قاراپ ئولتۇرىدۇ. بىر قاملاشمىغان يېرى شۇكى  توي قىلغان ئەر - خوتۇنلار  سىرىتتا يەنە ئاشنا تۇتۇپ يۈرۈش ھېچقانچە ئىش ئەمەستەك، ھەر ئىككى تەرەپ سىرتتا ئاشنىس بارلىقىنى ئېنىق بىلىشىپ تۇرسىمۇ، يەنىلا بىر ئۆريدە ئارتۇق جوداسى يوق ئەر - خوتۇن بۇلۇپ ئۆتېىۋىرىدىغانلارمۇ ئاز ئەمەس.  
        3 . ئېسىل پەزىلەتلىرى   
      ئاياللار بالىلىرىنى كىچىكىدىن باشلاپلا ئەتىراپلىق  تەربىيلەشكە بەك كۈچ چىقىرىدۇ. بالىنىڭ  مەلۇم قىزىقىشى ياكى تالانتىنى بايقىسىلا كىچىكىدىن باشلاپ شۇ يۈنلىش بۇيىچە تەربىيلەيدۇ.كورىيەنىڭ STARKING دەيدىغان بىر تېلۋېزىيە پروگراممىسى بار بۇلۇپ، بۇ پروگراممىدا ئاجايىپ تالانىت ۋە ماھارەتكە ئىگە بالىلارنى دائىم تۇنۇشتۇرۇپ تۇرىدۇ.  بالىلار شۇنچىلىك  ئىلمى -سىپايە ھەم ئەستاھىدىل  چوڭ بۇلىدۇ. چوڭلارنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ. ھەتتا كوچا ئاپتۇبىسىغا چىقسىمۇ ، شوپۇرغا ئېگىلىپ ئۆز-ئارا سالاملىشىدۇ.  ھەرۋاقىت باشقىلارغا ياردەم بېرىش  ھەقىقەتەنمۇ ئۇلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى. يولدا كېتىپ بارغانلاردىن  پالانى يەرگە قانداق بارىدۇ؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز، ۋاقتى بولسا ئۆزى يول باشلاپ سىزنى شۇ جايغا ئاپىرىپ قويىدۇ. كورىيەدە ئوغۇرلۇق يوق دىيەرلىك. ھەتتا تېلغۇن ياكى لەپتوپ كومپىيوتېرىڭىزنى بىرەر جايدا ئۇنتۇلۇپ قالسىڭىز، 1 كۈندىن كىيىن شۇ جايغا بېرىپمۇ نەرسلىرىڭىزنى تېپىپ كېلەلەيسىز. بۇلار ئۆيلىرىدە كونىراپ قالغان ئائىلە ئېلىكتىر سايمانلىرىنى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەچىقىپ تاشلىۋىتىدۇ. شۇنىمۇ ئېلىپ كېتىدىغانلار چىقمايدۇ. ئەخلەت قاتارىدا تاشلىۋىتلدى دېگەن خەتنى يېزىپ چاپلاپ قويغاندىلا، تازلىق ئىشچىلىرى ئەخلەت ماشىنلىرىغا سېلىپ ئېلىپ كېتىدۇ.  
     كورىيەلىكلەر تۈركىيەلىكلەرنى ئالاھىدە چوڭ كۆرىدۇ.تۈركىيە ئۇرۇش مەزگىللىرىدە كورىيەگە ياردەم قىلغان بولغاچقا،  تۈركىيەلىكلەرنى ئاكا مىللەت دەپ قارايدۇ. تۈركىيەلىكلەر كورىيەدە ئوقۇماقچى بولسا، ئوقۇش پۇلى ئېلىنمايدۇ.  
    4.   يىمەك ئىچمەك مەدىنىيىتى:   
   كورىيانلارنىڭ ئاساسلىق يەيدىغىنى گۈرۈچ. ئەتتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ ناشتىلىققىمۇ گۈرۈچ تامىقى (مىغەن) يەيدۇ. ئۇن يمەكلىرىنى ئانچە خالاپ كەتمەيدۇ. تاماق يىگەندە قايناقسۇ ياكى چاي ئىچمەستىن،قىش ياكى ياز بۇلىشىغا قارىماي  توڭلاتقۇدا ساقلاپ قويغان مۇزدەك سۇنى ئىچىدۇ. كورىيەدە كالا گۆشى ھەممىدىن قىممەت. قوي گۆشى ئەرزان.  مۇنبەردىكى دوستلارنىڭ دېگىنىدەك ، كورىيەلىكلەر يېسىۋېلەك (بەسەي)نى راستىنلا كالىدەك يەپ قويىدۇ. مەيلى قانداقلا تاماق يسىۇن، چىلىغان يېسىۋېلەك كەم بولسا بولمايدۇ. يېسىۋىلەكنى لازا قىيامى بىلەن ئارلاشتۇرۇپ ، خېمىر يۇغۇرغاندەك يۇغۇرۇپ، بىز ئۇيغۇرلار 1 ئاي چىلاپ پۇشۇرىدىغان يېسىۋىلەكنى بۇلار 1 سائەتتىلا بىر تەرەپ قلىۋېتىدۇ. بۇ يىل كورىيەنىڭ ھاۋا كىلماتى تۈپەيلى ېېسىۋىلەك بازار ئېھتىياجىنى قامدىيالماي قالدى. كورىيە ھۆكۈمىتى جوڭگو بىلەن باجنى كېمەيتشىكە كېلىشىپ تۇرۇپ، جوڭگودىن يېسۋېلەك ئىمپورىت قىلدى. لېكىن  ئىمپورىت قىلغان يېسىۋىلەك كورىيەلىكلەرنىڭ ئاغزىغا تېتىمىغاچقا ، نۇرغۇن يېسىۋىلەك بازارغا چىقماي تۇرۇپلا سېسىپ كەتتى.  
    5. سىياسى جەھەتتە:  
     كورىيەدە دىموكراتىيەمۇ خىلى يۇقۇرى پەللىگە چىققان. ھەرقانچە چوڭ ھوقوقى بار ئەمەلدارنى ئادەتتە بىر ساقچى تۇتۇپ ئاپىرىپ سوراق قىلالايدۇ. خىيانەتچىلىكى بايغالغان ئەمەلدارنى خەلق بايغاپ قالغان ھامان ئۆرۈپ تاشلايدۇ. ھەرقانداق بىر پۇقرا ئۆزىگە يارىمىغان ئەمەلدارغا قارىتا ئۆزىنىڭ پىكرىنى بايان قىلالايدۇ. ئالدىنقى قېتىملىق كورىيە زوڭتۇڭى دېھقانلار ئىچىدىن چىققان زوڭتۇڭ بۇلۇپ، بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن 2 تۈمەن خەلق پۇلىغا خىيانەت قىلدى دەپ ئەيىپلىنگەچكە، ئۆزىنى تاغدىن تاشلاپ ئۆلىۋالغان. ئاخىرى ئۇنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكى ئىسپاتلانغان. كورىيەنىڭ تېلۋىزىيە ئىستانسىلىرى خۇسۇسىلارنىڭ ئىگىدارچىلىقىدا بۇلۇپ، دۆلەت ئىچىدە يۈز بەرگەن ھەرقانداق ئىشلارنى ئۆز ۋاقتىدا خەۋەر قىلىپ تارقىتىش ئەركىنلىككە ئىگە. ھۆكۈمەتمۇ  بۇ ئىشلارغا ئارلىشالمايدۇ.  

   6.كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار:   
    كورىيەدىكى ئۇيغۇرلار باشقا دۆلەتلەردىكىدەك كۆپ ئەمەس، بىلىشىمچە ھازىر كورىيەدە 30 دەك ئۇيغۇر بار. كۆپىنچىسى كومپىيوتېر، سودا  -سانائەت، تىبابەت قاتارلىق كەسپىدە ماگىستىر، ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار.قىزلار بەك ئاز . ئۇندىن باشقا يەنە شىنجاڭ ئونۋىرىستىتىدىن كەلگەن ، سىئول ئونۋىرىستىتىدا تەتقىقات بىلەن شوغۇنلىنىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلارمۇ بار.  ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن ئۆزى جاپالىق  ئىشلەپ پۇل تېپىپ، تۇرمۇش پۇلى ۋە ئوقۇش پۇلىنى ھەل قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. كورىيەلىك بىلەن توي قىلىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغانلار يوق ئوخشايدۇ. ئوقۇغۇچىلار ئىچىدە بۇنداقلارنى بىلىدىغانلارمۇ يوقكەن.  
   7. كورىئانلاردىكى مىللى ئاڭ.  
     كورىئانلارنىڭ مىللى ئېڭى ۋەتەنپەرۋەرلىكى كۈچلۇك، شۇڭا ئۇلار باشقا دۆلەتنىڭ ماللىرىنى سېتىۋالماي، مىللى كارخانىسىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈنلەي كورىيە  ماللىرىنى سېتىۋالىدۇ. كوچىلارغا قارىسىڭىزمۇ چەتئەلنىڭ داڭلىق باۋما، بېنىز دېگەندەك ماشىنلىرىنى كۆپ ئۇچىرىتالمايسىز. ئاساسەن كورىيەنىڭ داڭلىق ماشىنا كارخانىلىرىدا ئىشلەنگەن <شىيەندەي - hyonday >، <كىيا  - KIA >,< شۇاڭلۇڭ - 双龙  - SSANG YONG >, <دايۈ  -DAEWOO > قاتارلىق ماشىنلىرىنى ئىشلىتىدۇ. كورىيەنىڭ  مىللى كارخانىلىرىمۇ مەھسۇلات سۈپىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويغاچقا ، ساختا مەھسۇلات ئاساسەن يوق دىيەرلىك. سېتىۋېلىشتىن كىيىنكى مۇلازىمىتىمۇ كىشىنى شۇنداق رازى قىلىدۇ. سېتىۋالغان مەھسۇلات يارىماي قالسا، مەھسۇلات سۈپىتىدە چاتاق بولمىغان تەقدىردىمۇ ، قايتۇرىۋېتىپ پۇلىڭىزنى تۇلۇق تاپشۇرۇپ ئېلىۋالالايسىز. كورىيەلىكلەر ئۆز -ئارا بەك ئىشىنىشىدۇ. شۇڭا توردىن مال سېتىۋىلىشتىنمۇ قىلچىلىك ئەندىشە قىلىپ كەتمەيدۇ. ھەرقانداق مەھسۇلاتنى دىگۈدەك  پۇلىنى مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەيدىغان《 按揭》قىلىپ سېتىۋېلىشقا بۇلىدۇ. شۇڭا كورىيەلىكلەر قىممەت باھالىق مەھسۇلاتلارنىمۇ ئىككىلەنمەي سېتىۋالالايدۇ. كورىيەلىكلەر مال  باھاسىغا سېلىشتۇرغاندا ھەقىقەتەن  يۇقۇرى  مۇئاش ئالىدۇ. ئادەتتىكى خىزمەتچىلەر بىر ئايلىق مۇئاشىغا    لەپتوپ كومپىوتېرىدىن 3 -4 نىمۇ سېتىۋالالايدۇ.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
Nida  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 01:44:46
Yeshilnur  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:22:43

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
143
تىللا
156
شۆھرەت
207
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 22:59:26 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆمەرجان ئاكىنىڭ كورىيە تېلۋىزىيىسىدىكى ماھارىتىنى قايسى كۈنى كۆرگەنىدىم . لېكىن سەھنىدە ئۆز ئانا تىلىمىزدا سۆزلىمىگەنلىكىنى كۆرۈپ كۆڭلۈم شۇنداق پەرىشان بولغان ئىدى . پۈتۈن دۇنيا تەۋەسىدە تەسىر كۈچى بار بۇنداق پىروگراممىلارغا چىقىپ ، ئانا تىلدا سۆزلىمىسە ، قانداقمۇ ئۇلارغا ئۇيغۇر مىللىتىنى تۇنۇشتۇرغىلى بولسۇن ، دەپ ئويلىغانىدىم . لېكىن ئاپتورنىڭ «ئۇيغۇرچە سۆزلىسە تەرجىمان يوق ، سىرتتىن تەرجىمان تەكلىپ قىلىشقىمۇ يول قويمايدىكەن»  دېگەنلىرىنى ئوقۇپ ، بۇ پەرىشانلىقىم سەل بېسىققاندەك قىلدى-يۇ ، يەنىلا چىن كۆڭلۈمدىن قايىل بولۇشقا ئامالسىز قالدىم . ئۇيغۇرچە سۆزلەشكە قەتتئىي چارە يوقمىدۇ ؟!!!؟
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1060
تىللا
1143
شۆھرەت
1868

شەرەپ تىرىشچان ئاكتىپ پىداكار تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:22:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھەقىقەتەن ھەيران جۇمۇ مۇشۇ ئادەمگە...................
ئېلگىرى قۇربانجان دەپ بىرسى بولىدىغان، ئۇمۇ قالتىسكەندۇق!
Intil 实名认证 

ئاتامان

بېكەت باشلىقى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
11867
تىللا
17015
شۆھرەت
22189

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر قېرىندىشىمىزنىڭ خەلقارادا پەيدا بولغانلىقى بىز ئۈچۈن خۇشھاللىق ئىش.  بۇ بىز ئۈچۈن قۇربان ھېيتلىق سوۋغات ھېساپلىنىدۇ.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1042
تىللا
3611
شۆھرەت
2246

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 01:44:24 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىدا ماڭا ھەممىدىن بەك يارىغىنى تۇران ئەپەندىنىڭ كورىيە ھەققىدىكى چۈشەندۈرۈشلىرى بولدى.

باھا سۆز

ياخشى: 5.0
turan  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 13:04:48

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
299
تىللا
380
شۆھرەت
560
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 14:27:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ  شەخىسنىڭ   تۆمۈر  ئالقان  گۇمپىسىغا  ھەقىقەتەن  قايىل  بولدۇم   ،  بۇرۇن  داۋاملىق  تۆمۈر  ئالقان  گۇمپىسىنى   كىنولاردا  كۆرەتتىم  (ئامرىكىنىڭ  ۋەھشى  ئېلىشىش   دىگەن  بىر  كىنوسى  بولىدىغان  ئالكىس  كادۇ  دەپ  بىرسى  رول  ئالغان) ،  لىكىن    ھازىر  ئەمەلىيەت  ئۆز  ئىچىزدىن  چىقىپتۇ   ،  شاۋلىن  ئىبادەتخانسىغا  جەڭ  ئى؛ان  قىلساق  بولامدۇ  نىمە   ؟  
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1060
تىللا
1143
شۆھرەت
1868

شەرەپ تىرىشچان ئاكتىپ پىداكار تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 18:22:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
omar يوللىغان ۋاقتى  2011-11-5 14:27
بۇ  شەخىسنىڭ   تۆمۈر  ئالقان  گۇمپىسىغا  ھەقىقەتەن  قايى ...


نىمە؟ سىز ئۆمەرجان ئاكا بىلەن شاۋلىننى ئۇرۇشقا سېلىپ يولداشلار بىلەن ئارىمىزدا ئىتتىپاقسىزلىق پەيدا قىلماقچىما؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ibrat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-5 18:22  

turpan 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1943
تىللا
2050
شۆھرەت
3679

ئاكتىپ تىرىشچان ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 21:05:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىزگە turanئەپەندىم .  تەپسىلى ئەتراپلىق چۈشەندۇرۈپسىز .بۇندىن كېيىنمۇ  پات -پات مۇشۇنداق ياخشى ئەسەرلەر بىلەن تەمىنلەپ تۇرۇشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز .

     گەپنىڭ راستىنى دىسەم تورداشلا ،مۇشۇ كۇرىيە فىلىملىرى بىلەن تازا خوشام يوققۇ مىنىڭ .ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلسىڭىز بىرەرىمۇ رىئاللىققا ئۇيغۇن ئەمەس ...........

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
77
تىللا
70
شۆھرەت
106
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 14:13:44 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن كورىيانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش روھىغا بەك قايىل. كورىيانلار ھەقىقەتەن تىرىشچان مىللەت. كورىيانلارنىڭ ئىشلىرىغا مەڭگۈ ئامەت تىلەيمەن. بىز ئۇيغۇرلارمۇ سىلەردەك تىرىشچان بولغان بولساق ھە؟ ھەي....ئەپسۇس   سىلەرگە تولىمۇ قىزىقىمەن كورىيانلار....!!!!

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
449
تىللا
981
شۆھرەت
1076

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-15 19:03:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ فىلىمنى كۆرەي دىسەم سەن دوستلاردىن ئەمەسكەنسەن دەپ كۆرگىلى قويمىدا!!...قانداق دوستلاردىن بولساق كۆرگىلى بولار!؟
intil.jpg
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-15 19:04  

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان مىللەت ھامان باشقىلار تەرىپىدىن ھالاك بولىدۇ(ئا.ھېتلېر)
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-4 02:43 , Processed in 0.763470 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش