ھەجىۋىي رەسىم سەنئىتى ھەققىدە قسىقىچە چۈشەنچە
ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى رەسساملىق سەنئىتىنىڭ بىر تۈرى، ئۇ ئادەتتە يۇمۇرىستېك رەسىم ياكى كارتون دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى 16–ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا ياۋروپادا بارلىققا كەلگەن بولۇپ، دۆلىتىزدە پەقەت شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئاخىرلىرىدا شەكىللىنىشكە باشلىغان ۋە بارا –بارا گۈللەنگەن، ئاپتونۇم رايونىمىزدا بولسا مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ باشلىرىدا سىزىلىشقا باشلانغان بولۇپ، تا ھازىرغىچە گۈللىنىش ۋەزىيىتىنى تولۇق شەكىللەندۈرگىنى يوق. ھەجۋىي رەسىمدىن ئىبارەت بۇ سەنئەتنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىز تەۋەسىدە تەرەققىي قىلالماسلىقىدىكى بىردىن بىر ئامىل شۇكى بۇندىن بۇرۇن ئاپتونۇم رايونىمىزدا ھەجۋىي رەسىمگە دائىر تەشۋىقات ۋە پائالىيەتلەرنىڭ كەمدىن–كەم بولغانلىقى شۇنداقلا ئىچكىرى ئۆلكىلەردە 70 -يىللاردىلا قۇرۇلۇپ بولغان «ھەجۋىي رەسىم كومىتېتى»، «ھەجۋىي رەسىم جەمئىيىتى»، «ھەجۋىي رەسىم تەتقىقات ئورنى» دېگەندەك ئورۇنلارنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزدا تېخى قۇرۇلمىغانلىق سەۋەبىدىن بولۇشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.
خەلقىمىز ئەزەلدىن ئۆز قىسمەتلىرىدىكى خۇشاللىق ۋە ئازابلارنى كۈلكە – چاقچاق، لەتىپە، يۇمۇرلار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن. چۈنكى نەسىردىن ئەپەندى، موللا زەيدىن لەتىپىلىرىدىكى زالىم پادىشاھ ۋە قانخور ئاقسۆڭەكلەر ئۈستىدىن ئېلىپ بارغان ئۈنسىز ئىسيانكار روھ رەسمىي سەنئەت تۈسىنى ئالغان قەغەز ۋە قەلەم بىلەن سىزىپ چىقىلمىغان بولسىمۇ، يەنىلا ئۇلارنىڭ ئۆتكۈر كىنايىسى، يۇمۇرىستېك خۇسۇسىيىتىنى ساقلاپ، ئەينى دەۋرلەردىلا ھەجۋىي رەسىمنىڭ دەسلەپكى يىلتىزىنى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىغا يىلتىز تارتقۇزغانىدى. شۇڭا ھەجۋىي رەسىمنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخدىكى يىلتىزى تولىمۇ چوڭقۇر، رولىمۇ ئالاھىدە چوڭ.
ئۇنداقتا ھەجۋىي رەسىم سەنئىتى دېگەن زادى نېمە؟
ھەجۋىي رەسىم ــــــ رەسسامنىڭ ۋۇجۇدىدىكى قايناق ھېسسىياتنىڭ قەغەز يۈزىدىكى يۇمۇرىستېك ئىپادىلىنىشى خالاس. دانىيىلىك چاتما ھەجۋىي رەسسام پىشۋاسى بېدىستروپنىڭ بىر پارچە ھەجۋىي ئەسىرى شۇ دەۋىردىكى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش ئادىتى، مىجەز – خۇلقىنى ئىنتايىن يۇمۇرىستېك، كۈلكىلىك قىلىپ ئىپادىلىگەن بولسا، سىياسىيون، ئەمەلدارلارنىڭ رەزىل قىلمىشى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى ئاددىي كۆرۈنىشلەر بىلەن ئىپادىلەش ئارقىلىق ئۇلارنى قاتتىق قامچىلاپ دۆلەت ۋە خەقئارادا زور ئىجتىمائىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىگە تونۇلغان. ھازىرقى زامان پورترېت رەسسامى ئامېرىكىلىق جونسون (JasonSeiler) دۇنيادىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ پورترېت تەسۋىرىنى سىزىپ ، خەلقنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر بولغان شۇنداقلا ئامېرىكىدا چىقىرىلىدىغان ئابرويلۇق گېزىت - ژۇرناللارنىڭ تەكلىپلىك گۈزەل، سەنئەت مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلەپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى مەيلى پورترېت ياكى ئوبزور خارەكتېرىدىكى ھەجۋىي رەسىم بولسۇن ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئۈنىمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. قىسقىسى ھەر قانداق ھەجۋىي رەسسام داڭلىق شەخسلەرنىڭ پورترېت تەسۋىرىنى سىزىش ئارقىلىق شۇ كىشىنىڭ مىجەز – خۇلقى، ئالاھىدىلىكى، ۋە ئىچكى دۇنياسىنى يۇمۇرىستېك ئىپادىلەش ئارقىلىق شۇ شەخسكە بولغان ھۆرمىتىنى بىلدۈرگەن بولسا، ئوبزور، خەۋەر خارەكتېرىنى ئالغان ھەجۋىي رەسىملىرىدە جەمئىيەتتىكى ياخشى ئىش، ياخشى تىپلارنى يورۇتۇش بىلەن بىرگە ناچار ئىللەت، ناچار قىلمىشلارنى سۆكۈپ، جەمئىيەتنىڭ ياخشلىنىشىغا تۈركە بولىدۇ
بۇ قېتىمقى كۆرگەزمەمگە 100 پارچىدىن ئارتۇق ھەجىۋىي رەسىم ئەسىرى قويۇلغان بولۇپ، ئەسەرلەرنىڭ كۆپ قىسمى رايونىمىزدىكى كۆزگە كۆرۈنگەن داڭلىق شەخس ۋە ياش چولپانلارنىڭ پورتېرت تەسۋىرى رەسىمى، بەزى شەخسلەرنىڭ چىراي ئىپادىلىرى سۈرەت ماتارىياللىرى كەملىك تۈپەيلىدىن تەقلىدىي قىلىپ سىزىلدى، شۇڭا ئەسەرلەردە بەزى بىر مۈجمەللىكلەر مەۋجۇد بولىشى مۇمكىن، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئەسەرلەردىكى نۇقسانلارنى توغرا چۈشۈنۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ــــــ ئادىلجان ئابلىز
ئادىلجان ئابلىز ھەجىۋىي رەسىملىرىدىن ئۆرنەكلەر:
|