ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
جەمئىي يوللانغان مىكروبلوگ 251 تال  

مىكروبلوگ يېڭىلىقلىرى

كۆرۈش: 277|ئىنكاس: 3

بەزى تور بېكەتلەرنى ئېچىشتا قىينالسىڭىز بۇنى سىناپ كۆرۈڭ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
533
تىللا
324
شۆھرەت
815
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 10:31:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەنبە: XJCFAN.com | ئاپتورى: غەيرەت قادىر


بەزى ۋاقىتتا بەزى تور بېكەتلەرنى بىۋاستە ئاچقىلى بولمىغاندا، باشقا بىر مۇلازىمىتېر ئارقىلىق ۋاستىلىق ئېچىشقا بولىدۇ. تۆۋەندە بىز مۇشۇنداق ئىقتىداردىكى بىز ھەقسىز مۇلازىمەت سۇپىسىنى قۇرۇپ باقايلى.
كېرەكلىك ماتېرىياللار: Gmail ھېساۋاتى، بىر يانفۇن، ۋاستىچى پروگرامما Goagent

Goagent نىڭ ئەڭ يېڭى نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش ئادرىسى: http://bit.ly/n8LqUi

ئالدى بىلەن Google App Engine تور بېتى (http://t.cn/hETSh) نى ئېچىپ، "注册" ئۇلىنىشىنى بېسىپ، Gmail خەت ساندۇقىنىڭ ھېساۋاتى ئارقىلىق تىزىملىتىپ كىرىمىز. كىرىپ بولغاندىن كېيىن "Create Application" كونۇپكىسىنى باسىمىز. بۇ تۈرنى تۇنجى قېتىم ئىشلەتكەندە يانفۇنغا بىر تەستىق نومۇرى ئەۋەتىدۇ (ھەقسىز)، يانفۇن نومۇرىنى تولدۇرغاندا ئالدىدىكى "86+" نى ئۆزگەرتمەستىن ئارقىدىكى نومۇرنى يانفۇن نومۇرغا ئۆزگەرتىپ جەزملەشتۈرسەك، يانفۇنىمىزغا بىر ئۇچۇر كېلىدۇ، شۇ ئۇچۇرنى تور بەتتىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنغا كىرگۈزۈپ تەستىقتىن ئۆتىمىز.

يانفۇن تەستىقىدىن ئۆتۇپ بولغاندىن كېيىن، "My Application" بېتىدىن، "Create Application" نى بېسىپ، "Application Identifier" دىگەن ئورۇنغان خالىغان ئىسىمدىن بىرنى كىرگۈزۈپ (ئېنگلىزچە ھەرپ، رەقەم ۋە سىزىقچىدىن تۈزۈلىدۇ) جەزملەشتۈرىمىز، شەرت بۇ ئىسىمنى باشقىلار ئىشلىتىپ بولمىغان بولىشى كېرەك.

توردىن چۈشۈرۈپ تەييار قىلغان Goagent ھۆججىتىنى يېشىمىز. ئۇ Server ۋە Local دىن ئىبارەت ئىككى قىسىمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
Server نىڭ ئىچىدىكى uploader.bat ھۆججىتىنى ئىجرا قىلىپ، ئېكراندىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن، ئالدىنقى قەدەمدە قۇرغان Application Identifier نى، Gmail ئادرىسى ۋە پارۇلىنى (ئېكراندا كۆرۈنمەيدۇ) كىرگۈزىمىز، ئەگەر "error" (خاتالىق) ئۇچۇرى كۆرۈنمىسە، قارا رەڭلىك كۆزنەك ئۆزلىكىدىن يېپىلىپ كېتىدۇ، بۇ مۇۋەپپىقىيەتلىك بولغاننى بىلدۈرىدۇ، ئەگەر خاتالىق كۆرۈلسە، قايتا سىنىساق بولىدۇ.

Local نىڭ ئىچىدىكى proxy.ini ھۆججىتىنى 记事本 ئارقىلىق ئېچىپ، appid نىڭ ئارقىسىدىكى قىممەتنى ئۆزىمىزنىڭ Application Identifier غا ئۆزگەرتىپ، ساقلاپ چېكىنىمىز. ئاندىن goagent.exe ھۆججىتىنى ئىجرا قىلساقلا بىر ھەقسىز ۋاستىچى مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇلىدۇ.

كونكىرت ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
Internet Explorer دا: تەرتىپ بويىچە "工具--Internet选项--连接--局域网设置"  نى بېسىپ، 代理服务器 نىڭ ئاستىدىكى 地址 غا 127.0.0.1، 端口 غا 8087 نى كىرگۈزۈپ ساقلىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئۇندىن كېيىن ئەسلىدە ئېچىلمايدىغان بېكەتلەرمۇ ھەممىسى ئېچىلىدىغان بولىدۇ.

بۇنىڭ بىر يېتەرسىزلىك تەرىپى، بەزى ۋاستىچى تەلەپ قىلماستىن تېز سۈرئەتتە ئېچىلىدىغان بېكەتلەرنىڭ ئېچىلىش سۈرئىتى ئاستا بوپ قېلىشى ھەتتا بەزى ئەسلىدە ئىچىلىدىغان بېكەتلەر ئېچىلماي قېلىشى مۈمكىن. ئەگەر Firefox ياكى Google Chrome نى ئىشلىتىپ تورغا چىقسىڭىز بۇ مەسىلىنى كۆڭۈلدىكىدەك ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

Firefox تا: http://t.cn/a1XEsg دىن AutoProxy نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئاندىن Firefox نىڭ 工具 تىزىملىكى ئىچىدىكى AutoProxy 首选项 دىئالوگ رامكىسىدا تەرتىپ بويىچە 代理服务器--编辑代理服务器--添加代理 كونۇپكىلىرىنى بېسىپ، ئىسمىغا 代理主机 ،Goagent غا 127.0.0.1، 端口 غا 8087 نى كىرگۈزۈپ، ئوڭ تەرەپتىن http نى تاللاپ جەزملەشتۈرىمىز. ئاخىرىدا Firefox نىڭ قورال ئىستونىدىكى قىزىل رەڭلىك 福 خېتىنىڭ يېنىدىكى تۆۋەنگە قارىغان قارا ئۈچبۇلۇڭ كونۇپكىسىنى بېسىپ، تىزىملىكتىن 默认代理 نى Goagent قا ئۆزگەرتىمىز. شۇنىڭ بىلەن سەپلەش تاماملىنىدۇ. كېيىن Firefox ئارقىلىق تورغا چىققاندا ئېچىلمايدىغان بەتلەرگە يولۇققاندا، 福 كونۇپكىسىنى مائۇسنىڭ ئوڭ تەرەپتىكى كونۇپكىسى بىلەن بېسىپ، 对xxx全站启用代理 دىگەن تۈرنى تاللىۋېتىپ، بەتنى قايتا ئاچساقلا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئادەتتە ئېچىلىدىغان بەتلەر بىۋاستە ئېچىلىۋېرىدۇ، ئېچىلمايدىغان بەتلەر بولسا ۋاستىچى ئارقىلىق ئېچىلىدۇ، ئىنتايىن قولايلىق. ئىشلىتىش جەريانىدا يەنە 福 كونۇپكىسىنى بىر باسساق يېشىل رەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ چاغدا ھەرقانداق بەتكە ۋاستىچى ئىشلىتىلىدۇ، يەنە بىر باسساق كۈلرەڭگە ئۆزگىرىدۇ، بۇ ۋاقىتتا ۋاستىچى ئىشلىمەيدۇ.

دىققەت: Firefox تا https تۈرىدىكى بېكەتلەرنىمۇ نورمال ئېچىش ئۈچۈن تەرتىپ بويىچە 工具--选项--高级--加密--查看证书--机构证书--导入 نى بېسىپ Local\CA.crt نى تاللاپ قوشىۋېتىڭ.

Google Chrome دا: http://t.cn/a1SSQR دىن SwitchySharp نى چۈشۈرۈپ قاچىلايمىز. ئەگەر بۇ ئادرىسنى Chrome نىڭ ئۆزى بىلەن ئاچساق، 添加至Chrome كونۇپكىسىنى بېسىپ قويساقلا ئۆزلىكىدىن قاچىلىنىپ، سەپلەش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ. ئاندىن SwitchySharp 选项 دىئالوگ رامكىسىدا 情景模式 دىكى تۈرلەرگە يۇقىرىدا Firefox قا كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارنى كىرگۈزۈپ 对所有协议均使用相同的代理服务器 نىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇپ ساقلىۋېتىمىز. ئاخىرىدا Chrome كۆزنىكىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى رەسىم (كۇلۇچ رەسىمىنىڭ ئالدىدا) نى بېسىپ 自动切换模式 نى تاللىۋەتسەكلا بارلىق سەپلەش تاماملىنىدۇ. كېيىن ئېچىلمايدىغان بەتلەرگە يولۇققاندا يەنە شۇ كونۇپكىنى بېسىپ، تىزىملىكتىن 新建规则 نى ئاچىمىز، ئادەتتە تولدۇرىلىدىغان مەزمۇنلار ئاپتوماتىك تولدۇرۇلغان بولىدۇ، بىز پەقەت 规则名称 نى مۇۋاپىق ئۆزگەرتىپ، 情景模式 تىن Goagent نى تاللاپ 添加 كونۇپكىسىنى بېسىپ، ئاندىن بەتنى قايتا ئاچساقلا بولىدۇ. بولسا ئەڭ ياخشىسى URL 模式 دىكى www نىمۇ * كە ئۆزگەرتىۋەتسەك تېخىمۇ ياخشى.
بۇ تېمىنىڭ كەڭ تور ھەۋەسكارلىرىغا ئاز-تولا ياردىمى تېگىشىنى ئۈمىت قىلىمەن.
irpan 实名认证 

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
635
تىللا
1061
شۆھرەت
1354

تىرىشچان

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 21:45:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلفۇندا ئۇچۇر يوللىساق  بىخەتەر بولامدۇ

Rank: 4

تۆھپە
256
تىللا
279
شۆھرەت
395

تەشۋىقات ئاكتىپ پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:12:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ دىگىنىڭىز چەكلەپ قويغان ئېچىلمايدىغان بەتلەرمۇ ياكى....؟
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1042
تىللا
3611
شۆھرەت
2246

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 23:47:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خېلى ۋاقىت بولۇپ قالدى، گوگۇلاخۇنمۇ بەزىدە ئېچىلماس بولۇۋېلىپ بارىدۇ (تېلېگرافنىڭ كەڭ بەلباغلىق تورى)، 20~30 قېتىم چوتكىلاپ يۈرۈپ ئاران ئاچىمەن بەزىدە. شۇنداق شارائىتتا گوگۇلاخئۇن تەمىنلىگەن بۇ خىل مۇلازىمەتتىن ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولماسمىكىن؟
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-1-4 02:52 , Processed in 0.516546 second(s), 22 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش