ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 441|ئىنكاس: 5

(ياردەم)توردا پۇل تېپىشنىڭ يوللىرى بارمۇ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 2

تۆھپە
40
تىللا
23
شۆھرەت
14
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 03:57:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەسسالامۇ  ئەلەيكۇم  ئەزىز ئۇستازلار!
     مىنىڭ توردا پۇل تاپقۇم بولسىمۇ، قانداق ئۇسۇلدا پۇل تېپىشنى بىلەلمەۋاتىمەن.مەن تورخانىدا تورغا چىقىمەن، ئۆزۇمنىڭ كومپىئوتېرىم يوق.ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچە يىزىقتىن باشقا يېزىقنى تونۇمايمەن.مۇشۇ ئەھۋالىم بىلەن  توردىن پۇل تېپىش  مومكىنچىلىكى بارمۇ!؟... بەزىلەر‹‹ بىركۇندە 100يۇئەن،300يۇئەن ،ھەتتا 500 يۇئەن تاپقىلى بولىدۇ››دەيدۇ.تېخى بەزىلەر 100ۋە 200 دوللارنىڭ گېپىنى قىلىپ يۇرىدۇ.يەنە  بەزىلەر‹‹توردا پۇل تېپىش  قۇرۇق گەپ›› دەيدۇ .
   مىنىڭ سەۋيەم  يەتسە،  ئۇستازلارنىڭ  ماڭا ئۇگىتىپ قويۇشىنى  ئۇمۇت قىلىمەن.چ چ :  1434727393  . ئۇگىتىپ قويۇشنى خالايدىغان  ئۇستازلارنىڭ  چ چ نۇمۇرۇمنى قوشۇۋېلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 10:08  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
546
تىللا
1161
شۆھرەت
1284

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 10:37:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹توردا پۇل تىپىش›› قۇرۇق گەپ ئەمەس توردىلا ئەمەس ئەمىلىيەتتىمۇ تەپكىلى بولىدۇ پۇلنى !
   مەقسىدىڭىز توردا پۇل تېپىش توغرىسىدا ئىكەندۇق،ئەمما يازمىڭىزدا ساپلا ‹‹تىپىش›› نى ئىشلىتىپتىكەنسىز،شۇڭا دەپ قويدۇم...ئىملاغا،سۆزلەرنىڭ ئىشلىتىلىشىگە دىققەت قىلغايسىز !
   سىزئاڭلىغان توردا كۈنىگە شۇنچىلىك پۇل تاپقىلى بولىدۇ دىگەنلەرنىڭ ھەممىسى قۇرۇق گەپ، تاپتى دىگەندىمۇ باشقىلارنى قاخشىتىش،زىيانغا دەسسىتىش ھىسابىغا كىلىدىغان پۇلدۇر بەلىكم.بۇنداق خام خىياللاردا بولماڭ،شۇنداق دىگەنلەرگە ‹‹ئومۇچىڭنى ئىچكىنە بېرىپ›› دەپ دەككىسىنى بېرىپ قويۇپ،ھالال ئەمگىكىڭىز ئارقىلىق كۈنىگە 100 يۈئەنلەپ پۇل تاپقىلى بولىدىغان باشقا  ئىشلارنى ئىزدەڭ.كۈچىڭىزنى خار قىلسىڭىزمۇ ئۆزىڭىز خار بولمايسىز. مىنىڭچە سىز بىجىرىم،كۈچ-قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ تۇرغان يىگىت !
   يەنە بىر تەۋسىيەرىم :ۋاقتىڭىز چىقسا تىل ئۈگۈنۈپ قويۇشقا مەبلەغ سېلىپ قويۇڭ. تىل بىلگەنلىك سىزگە نۇرغۇن ئاسانلىق،ھەتتا بايلىق ئاتا قىلىدۇ.تىل بىلمەسلىك ۋاقتى كەلگەندە سىزنى خار قىلىپ قويۇشى مۈمكىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Chewendaz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-11-4 11:37  

ئۆز مىللىتى ئۈچۈن كۈرەش قىلمىغان مىللەت ھامان باشقىلار تەرىپىدىن ھالاك بولىدۇ(ئا.ھېتلېر)
tamqa 实名认证 

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
340
تىللا
801
شۆھرەت
719

تۆھپە ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا پىداكار

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 16:15:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توردا پۇل تېىپىش قۇرۇق گەپ ئەمەس،لىكىن بۇنىڭغا جەريان،زىھنى كۇچ ،ۋە بىسىپ ئولتورالايدىغان قوڭ  بولشىى كىرەك.يەنى ئاۋال سىز ئالتە ئاي ۋاقتىڭىزنى تىل ئۇگنىشكە ئاجىرتىڭ،ئاندىن كومپۇيىتىر ئاساسى بىلىملىرنى پىششىق ئگەللەڭ،ئاندىن   photoshopئاندىن flashئاندىن توربەت لاھىلەشنى( قاتارلىقلار dreamweaver،frontpage )  ئۇگىنىڭ .
بۇ بىلىملەرنى ئۇگنىشكە خىلى جەريان كىتىدۇ،شۇ جەرياندا توردىن قانداق قىلىپ پايدىلنىپ قانداق پۇل تىېپشنى ئۆزۇڭىز ھىس قىلىپ كىتەلەيسىز.
ئىنتىلدا يۇقارقىلارنىڭ ھەممىسىنىڭ دەرسلىكلىرى بار.ئىزدىنىڭ،تىرشىڭ!
باشقىلارنىڭ قولىغا قارىماي ياشايدىغان تۇرمۇش يولىنى ئۇگۇنىڭ.
ibrat 实名认证 

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1257
تىللا
1346
شۆھرەت
2171

شەرەپ تىرىشچان ئاكتىپ پىداكار تەشۋىقات داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-4 20:45:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمەلىيەتتە پۇل تېپىش قانچىلىك تەس ياكى ئاسان بولسا توردىمۇ شۇنداق!
تاپقانلار تاپىدۇ، مىليونلاپ، تاپاممىغانلار تورنىڭ ئايلىق پۇلىنىمۇ تۆلىيەلمەي باشقىلارنى باي قىلىدۇ..............
سىز گوگول، ياخو............ لارنى كۆزئالدىڭىزغا كەلتۈرۈپ بېقىڭ، ئاندىن كىيىن ئۇلارنىڭ مۇشۇ ئورۇنغا ئېرىشىش جەريانىدىكى كەچۈرمىشىنى ۋە تېخنىكىسنى تەسەۋۇر قىلىڭ!!!
گاچا بولسىمۇ باينىڭ بالىسى سۆزلىسۇن!

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
71
تىللا
120
شۆھرەت
113
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-5 01:01:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتامانلارنىڭ سۆزى نەقىل ...

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
71
تىللا
57
شۆھرەت
74
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-12 01:55:04 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل بىلمىسىڭىز ئەڭ ياخشىسى تىل ئۆگۈنۈڭ،مەنمۇ ئىشلەيمەن.،ھەم تاۋباۋدىن كيىم كېچەك دۇكىنى ئاچىمەن،2 ئاي بولدى. 3000يۈەن تاپتىم ،خەنزۇچە بىلمىسىڭىز بولمايدۇ.ئايرىم كومپىيوتىر بولمىسا يەنە بولمايدۇ،.مەن ئادەتتە كومپىيتوتىر ئالدىدا بولغاچقا ئاچتىم. ئاخىرىدا سىزگە پىكرىىم تىل ئۆگۈنۈڭ ئاندىن شەرىت -ھازىرلىقلارنى پۈتتۈرۈڭ.ياردەم كېرەك بولسا قولۇم كۆكسۈمدە..  دۇكان ئادىرىسى:  http://shop68669247.taobao.com/
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 12:04 , Processed in 1.102256 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش