تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

excel دىكى sum نىڭ مۇنداق ئىشلىتىلىشىمۇ بار!

يوللىغۇچى: jahankizar| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-3 19:23| كۆرۈلۈشى: 76| ئىنكاس سانى: 5

كۆپ ساندىكى excelئىشلىتىۋاتقانلار sumفونكىسىيسىنى يىغىندا تېپىشقا ئىشلىتىلىدۇ دەپ قارايدۇ (مەنمۇ دەسلەپتە شۇنداق ئويلايتتىم). بىراق sumفونكىسىيسى نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارغا ئىگە بۇلۇپ، ئۇنىڭ سىتاستىكىدا قوللىنىشى بىر قەدەر كۆپ. تۈۋەندە مەن ئۇنىڭ كۆپ تۈر بۇيىچە سىتاستىكا قىلىش ئىقتىدارىنى تۇنۇشتۇرماقچى.
مەسىلەن: Aسىتوندا يېشى تولدۇرۇلغان. B سىتوندا جىنسى تولدۇرۇلغان، Cسىتوندا مەدەنىيەت سەۋىيسى تولدۇرۇلغان،D سىتوندا نۇپۇس تەۋەلىكى تولدۇرۇلغان،E سىتوندا كەسپى تولدۇرۇلغان،F سىتوندا سالامەتلىكى تولدۇرۇلغان،G سىتوندا سىياسى قىياپىتى تولدۇرۇلغان...دەيلى، بىز يېشى 50ياش، جىنسى ئەر، مەدەنىيەت سەۋىيسى مەخسۇس كۇرۇس، نۇپۇس تەۋەلىكى يېزا نۇپۇس، كەسپى دىھقان ، سالامەتلىكى ساغلام، سىياسى قىياپىتى ئامما بولغانلار سانىنى سىتاستىكا قىلماقچى بولساق، sumفونكىسىيسى ئىشنى بىردەمدىلا بىر تەرەپ قىلىدۇ.
سىز Hسىتوندىكى خالىغان كاتەككە تۈۋەندىكى فورمىلانى كۈچۈرۈپ، Ctrl+Shift+Enter كونۇپكىسىنى باسسىڭىز بۇ سانغا ئىرىشەلەيسىز.

  1. =SUM((A2:A6=50)*(B2:B6="ئەر")*(C2:C6="مەخسۇس كۇرۇس")*(D2:D6="شەھەر")*(E2:E6="دېھقان")*(F2:F6="ساغلام")*(G2:G6="ئامما"))
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
فورمۇلا قالايمىقان چىقىۋالغاچقا، رەسىم شەكلىدە يوللىدىم.
مەن بۇ تورغا رەسىم ،ھۆججەت قاتارلىقلارنى يوللاشنى بىلمىگەچكە ، تور بوشلىقىغا يوللىدىم. ئۇستازلارنىڭ يول كۆرسىتىشىنى سورايمەن.
رەسىمىنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈپ كۆرۈڭ
http://abliz005.qupan.com/6609174.html

يېڭى ئىنكاسلار

apandi 6  كۈن ئالدىدا
تۈر بويىنچە رەتلەشتىكى ھەل بولمىغان مەسىلە ھەل بولۇپ كەتتى.رەخمەت سىزگە.
apandi 6  كۈن ئالدىدا
يەنە بىر سۇئال:ئەگەر 15-ياشتىن 50ياشقىچىلارنىڭ ئەر-ئاياللار سانىنىڭ جەمئىسىنى تېپىش ئۈچۈن فورمىلاغا قانداق تۈزتىش كىرگۇزىمەن.
jahankizar 4  كۈن ئالدىدا
شەرتنى ئىككىگە ئۆزگەرتىپ يازىمىز.
  1. =SUM((A2:A6>14)*(A2:A6<51))
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
jahankizar 4  كۈن ئالدىدا
ئەگەر جىنسىدا پەقەت ئەر-ئايال بولسىلا جىنسىغا شەرت قۇيۇشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت مۇنداقلا يازىمىز
  1. SUM((A2:A6>14)*(A2:A6<51)(
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش
ئەگەر جىنسىدا ئوغۇل-قىز دىگەندەكلەر بۇلۇپ قالسا مۇنداق يازىمىز:
  1. =(SUM((A2:A6>14)*(A2:A6<51)*(B2:B6="ئەر")))+(SUM((A2:A6>14)*(A2:A6<51)*(B2:B6="ئايال")))
مەزمۇننى كۆچۈرۈۋېلىش

Sezgurboy 3  كۈن ئالدىدا
ئىنتىل سەيناسى بۇنرۇنقى ھالىتىگە قايتىۋىتىپتۇ  جۇمۇ باللا.

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:52.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.