- توردا
 - 171 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-1-31
 - تىزىملاتقان
 - 2010-8-6
 - شۆھرەت
 - 592 
 - تىللا
 - 608 
 - تۆھپە
 - 266 
 - ھوقۇقى
 - 30
 - جۇغلانما
 - 2164
 - ئالبوم
 - 0
 - بلوگ
 - 0
 - خاتىرە
 - 0
 - يازما
 - 106
 - تېما
 - 6
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 0
 - UID
 - 168
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 266 
 - تىللا
 - 608 
 - شۆھرەت
 - 592 
  
 | 
ھازىر ئاقسۇ تەرەپلەردە ئەڭ يۇقۇرى باھا 9 يۈەنگە باراي دىدى ، تۆۋىنى 8 يۈەندە سۈپىتى ناچار بولسا ئۇنىڭدىنمۇ تۆۋەن . 
بۇرۇن پاختىنىڭ باھاسىنى دۆلەت بىرتۇتاش بىكىتەتتى . بىراق سېتىپ چىقىرىشتا بازار باھاسى بۇيچە سېتىلاتتى ، شۇنىڭ بىلەن مۇقىم باھادا ئېلىپ بازار باھاسىدا سېتىش جەريانىدا كوللىكتىپ ئېگىلىگىدىكى پاختا شىركەتلەر 2001- يىلدىن بۇيان 90- يىللاردىكى قەزىرلىرىنى قايتۇرالمىغاچ ۋايران بۇلۇپ قايتا قۇرۇلدى ياكى شەخسىلەرگە سېتىپ بىرىلدى . شۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئىشچى خىزمەتچىلەرمۇ سىتاجىنى سېتىپ نۇرغۇنلىغان پاختا كارخانلىرىنىڭ سابىق خىزمەتچىلىرى ئىشىسىز قالدى . پاختا كەسپى خۇسىسىيلاشقاندىن بۇيان رەسمى ئەركىن بازارغا يۈزلەندى .  
پاختا باھاسىنىڭ يۇقۇرى تۆۋەن بۇلۇشىنى بازار ئېھتىياجى بەلگلەيدىغان بولدى . ھەر يىلى دۆلەت زاپىسىغا سېتىۋېلىندىغان پاختىنىڭ باھسىنى ئېلان قىلىدۇ . ئېلان قىلىنغان باھاغا قاراپ خۇسۇسى كارخانىلار سېتىۋېلىش باھاسىنى تەڭشەپ سېتىۋالىدۇ ، بازارنىڭ پاختىغا بولغان ئېھتىياجى ئاشسا پاىتىنىڭ باھاسىمۇ ئۆرلەيدۇ . ئېھتىياج تۆۋەن بولسا دۆلەت زاپىسىغا سېتىپ بېرىدىغان باھدا مۇقىملىشىدۇ . 
 
ئۆتكەن يىل بازار ئېھتىياجى ئاشقانلىقتىن پاختا باھاسى ئۆرلىگەندە 15 يۈەنگە چۈشكەندە 8 يۈەنگە چۈشۈپ قالدى . چىگىتنىڭ 5 يۈەنگە چۈشكەندە 2 يۈەنگە چۈشۈپ قالدى (يۇقارقىلار تەخمىنى باھا ) . باھا ئاۋال ئۆزلەپ ئاندىن چۈشكەچكە نۇرغۇنلىغان پاختا كارخانلىرى (پاختا سېتۋېلىش، توقۇمچىلىق) پاختىنى قىممەت ئېلىۋېلىپ زىيان تارىتتى ۋە ۋەيران بولدى .  
بۇيىل پاختىنىڭ باھاسى 8 يۈەندىن 10 يۈەنگىچە بۇلىۋاتىدۇ . ئاۋال 8 دىن يۇقۇرى باشلىنىپ 10 يۈەنگە چىققاندا چۈشۈپ يەنە 8 يۈەندىن يۇقۇرى باھادا بۇلىۋاتىدۇ . چىگىت 1.8 يۈەندىن ئالىدىغان ئادەم يوق دىيەرلىك . بازارنىڭ  ساپ پاختا ۋە چىگىتنى سېتىۋېلىش ئېھتىياجى ئاشمىسابۇ يىلمۇ بىرقىسىم كىچىك كارخانىلار ۋەيران بۇلۇشى مۇمكىن .  
پاختا باھاسىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئامىللار دۆلەت زاپىسىغا ئېلىندىغان باھا ، چىگىت،  بازار ئېھتىياجى ،پاختا مەنبەسى(تېرىلغان كېۋەزنىڭ كۆلىمى)، نېفىت باھاسى قاتارلىقلار . |   
 
  
 |