ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3523|ئىنكاس: 25

تور دۇنياسىدىكى سەرخىل يازمالار

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2010-11-13 00:32:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
جېكنىڭ بىرىنچى شېئىر يېزىش قانۇنى
Jeck's First Law of Writing Poems  2006-06-02

بۇ تىما بۇ يىل ئۈچىنچى ئايدا ئىزدىنىش مۇنبىرىگە يوللىنىپ 3 كۈن تۇرغاندىن كىيىن بەك «قىززىپ» كىتىپ ئۈچۈرۋىتىلگەن. ئارلىقتا باشقىلار ساقلاپ قويۇپتىكەن شۇ پېتى ھىچنىمىنى ئۈزگەرتمەي چىقىرىپ قويدۇم. ئۈچۈرۋىتىلگەن بۇلغاچقا ئادىرىس يوق.، كەچۇرگەيسىلەر.
----------------------------------------------

مەلۇم بىر كۈنى شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتى فىزىكا فاكۇلتىتدا ""فىزىكىنىڭ ئىجتىمائى پەندىكى رولى""دىگەن تىمىدا لىكسىيە بىرىلدى. چېچى ئاقارمىغان، گىرادوسى يوق كۈزەينەكنى سالاپەت دەپ تاقىۋالغان،ئىقلىمغا نامى تارالمىغان پروفىسسور Jeck ئەپەندى لىكسىيسىنى باشلىدى:
ساۋاقداشلار ياخشىمۇ سىلەر، بۈگۇنكى لىكىسيمىزدە فىزىكىنىڭ ئىجتىمائى پەندىكى رولى دىگەن تىمىنى يەنىمۇ ئىلگىرلەپ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنياغا داڭسىز ""جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى""نى كەلتۈرۈپ چىقىرىمىز. قىززىقمىغانلار درەسكە قاتناشمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ. يوقلام قىلىنمايدۇ.
ئۈتكەنكى سائەتتىكى دەرسىمىزدە سۆزلەنگەندەك، فىزىكا ئۇ تەبىئەتتىكى شەيئى ۋە ھادىسىلەرنىڭ رولىنى تەتقىق قىلىشنى ئۈزىنىڭ ئاساسى ۋەزىپىسى قىلغان. لېكىن ئۇنىڭ بۇ ۋەزىپىسى جەميەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ باشقا ساھەلەرگىمۇ كىڭەيدى. مەسىلەن، ئىقتىساد، جەميەتشۇناشلىق، شىئىرىيەت ۋەھاكازالار. بۈگۇن بىز ئۇنىڭ شىئىرىيەت ساھەسىدە ئىشلىتىشىنى كۈرۈپ باقايلى.
شىئىرىيەت ئۇ بەك ئۇلۇغ ساھە. شائىرلار خەلىقنىڭ بايراقدارى. ئۇلار جەميەتنىڭ يىتەكلىگۇچىسى. شىئىر دىگەن ئۇقۇلمايدۇ، بەلكى چۇشىنىلىدۇ، ئۇ قەلەمدىن چىقمايدۇ،بەلكى يۈرەكتىن چىقىدۇ. شىئىر دىگەننى يازىمەن دەپلا يېزىۋالغىلى بۇلمايدۇ. شىئىر يېزىش دىگەن توغما تالانت بۇلىدۇ، توغما تالانىت بۇلمىسا شائىر بۇلىمەن دەپ بۇلىۋالغىلى بۇلمايدۇ. ""ئىلھام بۇلمىسا شىئىر چۈشمەس، يازما بۇلمىسا پىكىر "" دەپ جېك دىگەن بىر ساراڭ بەكمۇ توغرا دىگەن. خوش، ئەمدىكى مەسىلە، مۇشۇ يەردىكى ئۇلتۇرغان ئۇنداق ئىلھام دىگەندىن بىر ھۈجەيرىسىمۇ يوق سىلەر ۋە مەندەكلەر تۇيۇقسىز مۇھەبببىتنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۈچۈن، ۋە ياكى باشقا ئۈچۈن شىئىر يېزىش توغرا كەپ قالسا قانداق قىلىش كىرەك. باشقىلارغا يالۋۇرۇپ شىئىر يازدۇرۇش؟ بۇنداق گەپنى ھەرگىز ئاغزىڭدىن چىقارما. بۇ بىز فىزىكىچىلار ئۈچۈن نۇمۇس. قىلالمىساق، قىلالىغىچە تىرىشىمىز. بىز بۇنى تەتقىق قىلىپ باقايلى.
بىرىنچە مەسىلە،ئەگەر بىز ئىلھام دىگەنگە بىر فورمۇلا تاپالىساق ئۇنداقتا شىئىر دىگەننى ئەرىشتىن چۈشتى دەپ يېزىۋىتەلەيتتۇق. لېكىن ھازىرغىچە ئالىملىرىمىز بۇنىڭ سىرىنى ئاچالمىدى. بۇ تېخى دۇنيادىكى بىر ئېچىلمىغان سىر. بۇ سىرنى ئېچىش سىلەردەك ياش ئىز باسارلارغا قالدۇرۇلدى.
ئىلھامغا فورمۇلا تاپقىلى بۇلمىسا ئۇنداقتا شىئىرنىڭ قۇرۇلمىسى توغرىلىق ئىزدىنىپ باقايلى. ئۇتتۇرا مەكتەپتە شىئىرلار توغرىلىق ئۈگەنگەندە شىئىرنىڭ قاپىيە، تۇراق دىگەندەك ئالاھىدىلىكلىرى توغرىلىق تەپسىلى سۈزلەنگەن. مەسىلەن ""پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلاتۇن پائىلۇن"" دىگەندەك. ئەمەلىيەتتە شۇمۇ ئاشۇ خلدىكى شئىرنىڭ بىر خىل فورمۇلاسى. لېكىن ئەمەلىيەت ئىسپاتلىدىكى ئۇ فۇرمۇلاغا چۇشۇرۇپ شىئىر يېزىشمۇ ئۇڭاي ئەمەس. ئۇنى قىلالىغۇچىلىك ئىلھام بۇلسا بىزدە بۇ يەردە قۇرۇق فۇرمۇلا يادلاپ ئۇلتۇرماي شۇنداق شىئىر يېزىپ مەشھۇرلىنىپ خەقنىڭ ئالدىدا ئۈزىمىزنى مىللەتنىڭ داھىسىدەك، يولباشلىغۇچىسىدەك ساناپ كىرىلىپ يۈرمەمدۇق. لېكىن، ھەي، ئۇمۇ تەس.
شۇڭا بىز ئۇنىڭدىنمۇ ئاسان بۇلغان باشقا شىئىر شەكىللىرى توغرىسىدا ئىزدىنىپ باقايلى. ئەلۋەتتە ئىزدىنىش دائىرىمىز شىئىرنىڭ ئەڭ ئاددى، قۇرۇلما دەي دىسە قۇرۇلما دىگىلى بۇلمايدىغان ، مەلۇم ئالاھىدىلىگى بۇلمىغان شەكىللىرى بىزنىڭ ھۇجۇم قىلىش نىشانىمىز. مەسىلەن، چاچما،يىغما، گۇڭگا،خىرە، شولا، سايە، دىگەندەك. بۇنداق شىئىرنىڭ ئالاھىدىلىگى شۇكى، مەلۇم قاپىيە تەلەپ قىلىنمايدۇ. ئۇچۇق ۋەزىن، تۇراق يوق، ئەنە شۇ ئالاھىدىلىگدىن پايدىلانساق بىزمۇ بىر نەرسە يېزىپ مابەت دىگەننى خوشال قىلىۋىتىشىمىز مۇمكىن.
بىز تۇۋەندىكى بىر نەچچە كۇپلىت شىئىرنى كۈرۈپ باقايلى.

پۇر قىلىپ ئۇچۇپ ئۆتتى بىر بېيجىڭلىق قۇچقاچ،
مەن مۇشۇنداق قۇچقاچنى كىچىكىمدە خوتەندە كۆرگەن،
خوتەنلىك قۇشقاچ مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ دەپ ئويلىغان.
كېيىن ئۈرۈمچىدە كۆردۈم ئەنە شۇنداق نۇرغۇن قۇچقاچلارنى
لېكىن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە كىر ئىدى.
پەيلىرى مايلاشقان ،
كىردىن قارايغان ئىدى
(بۇ شىئىرنىڭ تولۇق تىكىستىنى بۇ يەردىن كۈرۈڭ
http://www.izdinix.com/munbar/sh ... 2931&forumid=25

بۇ شىئىر بىز تەتقىق قىلماقچى بۇلغان بىر تىپىك مىسال. بىز ئۇنىڭ قۇرۇلمىسىنى كۈزىتىپ باقايلى. (مەنىسى بىزنىڭ تەتقىق قىلىش ئۇبىكتمىز ئەمەس. شۇڭا نەزەردىن ساقىت قىلىنىدۇ) . بۇ شىئىرنىڭ ئەسلى دىمەكچى بۇلغىنى تۈۋەندىكىچە:
""يېنىمدىن بىر بىيجىڭلىق قوشقاچ پۇررىدە قىلىپ ئۇچۇپ ئۈتتى، مەن كىچكىمدە خوتەندە بۇنداق قۇشقاچنى كۈپ كۈرگەن ئىدىم، قۇشقاچلارنى مۇشۇنداق بۇلىدىغان ئۇخشايدۇ دەپ ئۇيلايتتىم. كىيىن ئۈرۈمچىدە ئەنە شۇنداق نۇرغۇن قۇشقاچلارنى كۈردۈم، لېكىن ئۇلار مەلۇم دەرىجىدە كىر بۇلۇپ. پەيلىرى مايلاشقان، قارايغان ئىدى. ""

خوش ساۋاقداشلار كۈزىتىپ بېقىڭلار بىز ئۈزگەرتىۋالغان جۇملىلەر بىلەن ئەسلى شىئىر ئۇتتۇرىسىدا ئوخشاشلىق قانچىلىك؟ بىزنىڭ يازغىنىمىز نەسىرگە ئوخشاپ كىتىدىغان بىر نەرسە، ئەسلىدىكىسى بۇلسا بىر شىئىر . لېكىن ئۇلارنىڭ ئۇتتۇرىسىدا ئىنتايىن زىچ باغلىنىشلىق مەۋجۇت. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش شىئىرلارنى ئىزدىنىش شىئىرلار مۇنبىرىدىن توننىلاپ تاپالايسىلەر. تارىم، تەڭرىتاغ دىگەندەك مەتبۇئاتلاردىنمۇ دائىم ئۇچرىتىش مۇمكىن. دىمەك، بىز شۇلارغا ئۇخشىتىپ بىر نىمە قىلالىساق، شۇنىڭ بىلەن بىزمۇ شىئىر يازغان بۇلىمىز. بەرىبىر بىز ژۇرنالغا بەرمىگەندىكىن شىئىر يازدىم دەپ ئۈزىمىزنى ئۈزىمىز خوشال قىلىپ، مابىتىمىزنى خوشال قىلىپ يۈرۈۋەرسەك بۇلىدۇ.ئەمىسە بىزمۇ ئەنە شۇنداق خاراكتىردىكى شىئىرنى قانداق يازىمىز.
بۇ توغرىلىق زامانىمىزدىكى ئەڭ تېتىقسىز Jeck ئەپەندى ئەڭ بۇرۇن ئىزدەنگەن ۋە ئاخىرى بۇنىڭ ئەسلى ناھايتى ئاددىلا بىر قائىدە ئىكەنلىگىنى بايقىغان. بۇ شىئىرىيەتتە، ""جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى"" دىيلىدۇ.
جېك ئالدى بىلەن پۇتۇن جۇملە بىلەن شىئىر مىسرالىرى ئۇتتۇرىسىدا ئىنتايىن مۇھىم ئىچكى باغلىنىش بارلىقىغا ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن "" مەن مەكتەپكە يول ئالدىم"" دىسە پۇتۇن جۈملە بۇلىدۇ، ""يول ئالدىم مەن مەكتەپكە ""دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ. ""مەن تىرىشىپ ياخشى ئوقۇيمەن ""دىسە جۈملە بۇلىدۇ، "" ئۇقۇيمەن ياخشى تىرىشىپ"" دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ. "" مەن يارىمغا ئامراق "" دىسە جۈملە بۇلىدۇ، ""ئامراقمەن مەن يارىمغا"" دىسە شىئىر بۇلىدۇ. ""يارىم بەرگەن ئىشتانباغ ئەجەپ ياراشتى "" دىسە جۈملە بۇلىدۇ، ""ئەجەپ ئۇبدان ياراشتى، يارىم بەرگەن ئىشتانباغ"" دىسە شىئىر مىسراسى بۇلىدۇ.
دىمەك شىئىر مىسرالىرى ئەسلى جۈملە بۈلەكلىرىنى قالايمىقان ئۇرۇنلاشتۇرۇشتىن كىلىدۇ. ئۇنداقتا جۈملە ئۇزۇن بوپ كەتسىچۇ؟
مەسىلەن، ""ئىزدىنىش ھازىر توردىكى مەن ئەڭ ياخشى كۈرىدىغان مۇنبەر بۇلۇپ قالدى"" دىگەننىچۇ. بۇنى مۇنداق ئۈزگەرتىپ باقايلى:
"" ئىزدىنىش ئۇ ھازىر توردىكى
ئەڭ ياخشى مۇنبەر
مەن ياخشى كۈرۈدىغان ""
قانداق ، ئازراق شىئىرى تۇس ئالغاندەك قىلامدۇ. شۇنداق دىسىڭىزلا جېكنىڭ قانۇنى پۈتىدۇ:
1. ئالدى بىلەن نەسىرى شەكىلدە ئۈزىڭىزنىڭ نىمە دىمەكچى بۇلغىنىڭىزنى ئىنىق قىلىپ يېزىڭ. (شۇنداقتىمۇ ئەخمەت ئىمىننىڭ نەسىر يېزىش ئۇسلۇبىنى ئازراق سىڭدۈرسىڭىز تېخىمۇ ياخشى) . لېكىن جۇملە بەك ئۇزۇن بوپ كەتمىسىۇن. بولمىسا شىئىرگەئۈزگەرتمەك تەس بوپ قالىدۇ.
2. يازمىڭىزنىڭ جۇملىلىرىىنى ئاساس قىلىپ Enterئۇرۇپلا قۇرلارغا ئايرىڭ. بۇ نەسىرنىڭ شىئىرغا ئايلىنىشىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ.
3. ئۇزۇن بۇپ كەتكەن يەرلەر بۇلسا ئۇنى يەنە قۇرلارغا ئايرىڭ.
4. قۇرغا ئايرىغان جۇملىنىڭ جۈملە بۈلەكلىرىنى ئالدى كەينىگە، بەك قاملاشمىسا ئاستىن ئۈستىن قىلىپ ئۈزگەرتىڭ.
5. ۋاختىڭىز بۇلسا ئازراق پىششىقلاپ ئىشلەڭ. يەنى ئىلاجى بۇلسا ئىسىڭىزگە كەلگىنچە ئازراق شىئىرغا رېتىم ۋە قاپىيە كىرگۇزۇپ قويۇڭ. ھەممە مىسرالارغا ئەمەس. ئۇتتۇرا ھىساپ بىلەن 5-6مىسراغا، ئېىشىپ كەتسە 10 مىسرا بۇلسىمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
بىرسى ئۇزۇن، بىرسى قىسقا بوپ قالسا ھىچ قىسى يوق. ئىككى يەردە بىر سۈز ئارقىمۇ ئارقا كەپ قالسا بىرسىلا قالسۇن. يەنە ""بۇلدى، ئىدى، قالدى ، شۇنداق، ""دىگەندەك نەسىرى ئالاھىدىلىككە سۈزلارنى جۈملىدىن چىقىرۋىتىڭ، لېكىن قاپىيەگە لازىم بۇپ قالسا ئىشلەتسىڭىز بۇلىدۇ.
مانا يوقاردىكى بەش باسقۇچ تارىختا ""جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنى"" دەپ ئاتىلىدۇ. سىز شۇ قانۇن بۇيىچە سىناپ باقسىڭىزلا بىر شىئىر يېزىۋاتتىڭىز دىگەن سۈز.
مىسال ئېلىپ باقايلى . سىز تۈنۈگۇن ئىتىپاق يولىدا كىتىۋىتىپ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنى كۈردىكىز، ئۇقىزنىڭ كىرپىكلىرى تال تال، بەللىرى ئەۋرىشىم، بىر قاراشتىلا ئۇنىڭغا ئەسىر بوپ قالدىڭىز،كىچىچە ئۇخلىيالمىدىڭىز، ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەپ ئۇيلىدىڭىز، كەينىدىن ئۇ چۇقۇم مىھمانخانىدا پاھىشەلىك قىلىدۇ دەپ ئۇيلاپ ئۈزىڭىزگە تەسەللى بەردىڭىز.
خوش، كۈندىلىك خاتىرىڭىزگە مۇنداق يازدىڭىز:
"" تۇنۇگۇن ئىتىپاق يولدا كىتىۋىتىپ شۇنداق چىرايلىق بىر قىزنى كۈردۇم، ئۇ قىزنىڭ چىرايلىقلىغىنى تىلىم بىلەن ئىپادىلەشكە ئاجىزلىق قىلىمەن. ئۇنىڭ كىرپىكلىرى تال تال، بەللىرى ئەۋرىشىپ ئىكەن. بىر قاراپلا ئۇنىڭغا مەھلىيا بوپ قالدىم، كىچىچە ئوخلىيالمىدىم. ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دىگەن خىيال كەچكىچە خيالىمدىن چىقمايدۇ. مىنىڭچە ئۇ چۇقۇم مەلۇم ئالى دەرىجىلىك مىھمانخانىنىڭ پاھىشىسى. بۇلمىسا ئۇمىھمانخانا كۈپ ئىتىپاق يولىدا نىمىش قىلىدۇ ""
خوش بۇنى جېكنىڭ بىرىنچى شىئىر يېزىش قانۇنىنى ئىشلىتىپ بىرمنۇتتىلا شىئىرگە ئايلاندۇرۋىتىمىز. ئايلاندۇرۇش يولىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش سىلەرنىڭ مەشىق قىلىشىڭلارغا قالدۇرۇلدى.
"" كىتىپ بېرىپ تۇنۈگۈن ئىتىپاق يولىدا
كۈردۈم بىر پەرىنى
ياق بىر چىرايلىق قىزنى،
كىرپىلىرى تال تال
بەللىرى ئەۋرىشىم،
يەتمەيدۇ ئۇنى تەسۋىرلەشكە
مىنىڭ تىلىم
بىر قاراپلا ئۇنىڭغا مەھلىيا بولدۇم
كىچىچە ئۇخلىيالمىدىم
ياتالمىدىم
ئۇ نىمە ئىش قىلىدىغاندۇ دەپ ئۇيلۇدۇم
لېكىن تاپالمىدىم
مىنىڭچە ئۇ ئۇقۇغۇچى ئەمەس
بەلكى بىر پاھىشە،
بۇلمىسا مىھمانخانا كۈپ ئىتىپاق يولىدا
نىمىش قىلىدۇ ئۇ قىز
ئاخرىنى سىز يازسىڭىز
ئۇقۇشقا تەييار بىز.

ھا ھا ھا .........قانداق، بۇلامدىكەن، بۇ قانۇننى بىر نەچچە قېتىم ياخشى مەشىق قىلساڭلارلا ئۇ خىل ئۇسلۇپتىكى شىئىر يېزىش ئۇسلۇبىنىڭ مەشھۇرلىرى بوپ قالىسلەر. ئالدى بىلەن ئىزدىنىش نەسىرى ئەسەرلەر سەھىپىسىكى ياخشى يېزىلغان نەسىرلەرنى شىئىرغا ئۈزگەرتىپ كۈرۈپ بېقىڭلار. كىين ئۈزەڭلارلا يېزىپ بېقىڭلار. بارا بارا پىششىق بوپ كەتكەندىن كىيىن ئەسلى نەسىرى يازمىنى يازماي بىۋاستا يازساڭلارمۇ بۇلىۋىرىدۇ.
لېكىن جېكنىڭ بىرىنچى قانۇنى قۇرۇلۇشىنىڭ بىر شەرتى بار. يەنى، ئەڭ دەسلەپتە بىز مىسال ئالغان شىئىر ۋە شۇ خاراكتىردىكى ئىزدىنىش، تارىم، تەڭرىتاغلاردىكى شىئىرلار شىئىر دەپ قارىلىشى كىرەك. لېكىن ئەنسىرمەڭلار، ئۇلارنىڭ ھەممىسى شىئىر دەپ قارىلىۋاتىدۇ،خەلىقنى ئالقىشىغا ئىرىشىۋاتىدۇ. ئۇ ھازىر تەجرىبىدىن ئىسپاتلاشتىن ئۈتتى . شۇڭا سىلەر ئۇ قانۇننى ئىشلەتكەندە بۇ شەرتنى ئۇيلاشمىساڭلارمۇ بۇلىدۇ.
يەنە بىرسى ئەگەر باشقىلار قارشى پىكىر قىلسا، شۇمۇ شىئىر بۇلدىمۇ دىسە، جېكنىڭ بۇ قانۇنىغا ماسلاشقان تەدبىرلىرىنى كۈرۈڭ.. بۇ دىگەن ئالاھىدە شىئىر، ھازىرقى زامان شىئىرى، دەپلا "" سەن شىئىرنى چۇشىنەمسەن يوق، ئالدى بىلەن 10 يىل شىئر ئۇقۇپ كىلىپ ئاندىن شىئىرنىڭ نىمىلىگىنى مەندىن سورا. ئۇزەڭنى كىم دەپ ئۇيلاپ قالدىڭ. پالانىكاممۇ يازغان مۇنداق شىئىرنى دەپ بىز مىسال ئالغان شىئىرلارنى كۈرسىتىپ قويۇڭ. بۇلسا ئىلاجى بۇلسا قارشى تەرەپنىڭ شەخسىيتىگە تىگىدىغان ، چۇشىرىدىغان ۋە ياكى باشقا ئۇسۇللارنى ئىشلىتىپ تىمىنى باشقا ياققا بۇراڭ. ئەگەر ئەقلى ھۇششى جايىدىراق بىرسى چىقىپ قېلىپ تىمىنىڭ باشقا ياققا كىتىۋاتقانلىغىنى سىزىپ قالسا ئۇ ھالدا ئىزدىنىش مۇنبىرىدىن شىئىر توغرىلىق مۇنازىرىلەرگە قارىسڭىز شىئىر سىرلىقلاشتۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ خۇدانىڭ سۈزى ئىكەنلىگى، شائىر ئەمەلىيەتتە شىئىر يېزىۋاتقان ئەمەس بەلكى خودا بىلەن پاراڭلىشىۋاتقانلىغى . ياكى بۇلمىسا ئۈزى بىلەن ئۈزى پىچىرلىشىۋاتقانلىغى توغرىلىق بىر تالاي نەزىرىيەلەر بار. شۇلارنى پىششىق يادلاڭ. شىئىرنى بارغانسىرى ئىلاھلاشتۇرۇڭ، سىرلىقلاشتۇرۇڭ. ئۇنى ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭ چۇشىنەلمەيدىغانلىغىنى پەش قىلىڭ. ئۇندىن كىيىن كىم قارشى چىقسا شۇ نەزىرىيەلەرنى سۈزلەڭ.
بۈگۇنكى دەرسىمىز مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتى. كىيىن يەنە ۋاختىمىز چىقسا جېكنىڭ ئىككىنچى ۋە ئۇچىنچى تېتىقسىز قانۇنىنى ئۈگىنىمىز.
يەنە بەش مىنۇت ۋاقىت باركەن، قېنى كىم مىسال كەلتۇرۇپ باقىدۇ. يۇلغۇنجان، سالام ھايات، بىخلانلار قاراپ ئۇلتۇرىسىلەرغۇ؟؟... ئەتىنىڭ ياقى دەرىىس ئاڭلىماي نىمە قىلىشتىڭ؟؟
سىنىپتا ئۇقۇغۇچىلار قۇشۇق بىلەن تاماق قاچىسىنى ئۇرۇپ مۇزىكا چىقارغىلى تۇردى، جېك ناھايتى تەسلىكتە ""دەرىستىن چۈشۇڭلار"" دىدى

ئىزاھات، بۇنى چاخچاق دەپ چۇشىنىڭلار، شائىرلىمىز ئۈزىگە ئېلىۋالمىغاي.
تۈۋەندىكىلىرى شۇ تىمىغا چۈشكەن ئىنكاسلار. ئوقۇساڭلارمۇ ئوقۇمۇساڭلارمۇ بۇلىدۇ. خلېى قىززىق گەپلەر بار. ئەسلى ئادىرسنى بىرەي دىسەم بۇ تىما
ئاخىرى ئۈچۈرۈلگەن بولغاچقا ئامالسىزمەن. ]
http://jeck.blogbus.com/logs/26230695.html
تور دۇنياسىدىكى بۇ داڭلىق يازمىنى  تولۇق ساقلىۋالغانلار بولسا تولۇقلاپ قويساڭلار.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2010-11-13 00:37:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

توي كېچىسىدىكى مەخپىيەتلىك

توي كېچىسىدىكى مەخپىيەتلىك
  فېليەتون
ۋاقتى 2009-06-10

كاتتا بىر باي يىگىت ئارزۇسى بويىچە ناھىيىتى گۈزەل كىنو چولپىنىنى ئەمرىگە ئاپتۇ .توي كېىچىسى ئۇلار مېھرىبانلىق بىلەن ئۆزئارا  يېشىنشىپ كارۋاتقا چىقىپتۇ ، يىگىت :‹بىز ئەر-خوتۇن بولغاندىن كېيىن بىر-بىرىمىزگە سەمىمى بولىشىمىز كېرەك ، مېنىڭ بىر نەچچە مەخپىيەتلىكىم بار سىز گە ئېيتىپ بېرىمەن ، چۆچۈپ كەتمەڭ. › قىز ناھىيىتى يېقىملىق كۈلۈپ تۇرۇپ :‹كىمنىڭ مەخپى سىرلىرى بولمايدۇ دەيسىز ، سىز سىرىڭىزنى ماڭا ئېيتىپ بەرگەن ئىكەنسىز مەنمۇ سىرلىرىمنى سىزدىن ئايىمايمەن .› يىگىت بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئالغاچ :‹مەن تاقىر باش بوپ قالغان، › دەپتۇ ، ئويلىمىغان يەردىن قىزمۇ بېشىدىكى كەيمە چاچنى ئېلىۋېتىپ : ‹بۇنىڭ ھەيران قالغۇدەك نېمىسى بار ؟ مەن تۇغۇلۇشىمدىلا چېچىم يوق ئىدى › دەپتۇ ،يىگىت  ئۇنىڭغا  قاراپ ھاڭۋېقىپ تۇرۇپ قاپتۇ ، بۇنى كۆرگەن قىز : ‹مېنىڭ قاپىغىم چىرايلىقمىكەن ، ئەمەلىيەتتە ئۇنى سۇنئىي كەستۈرگەن › ، قىلچە ھەيران بولمىغان يىگىت : ‹بۇ ھېچگەپ ئەمەس ، مېنىڭ كۆزۈمگە قارىڭە ..› شۇنداق دېگەچ ئۇ سول كۆز قارچۇقىنى چانىقىدىن چىقىرىپتۇ ، ئەسلىدە ئۇنىڭ سول كۆزى سۈنئىي كۆز ئىكەن .يىگىت ئارقىدىنلا مۇنداق دەپتۇ: ‹ مېنىڭ سول كۆزۈملا ئەمەس ، چىشىممۇ سالدۇرغان چىش .... › قىز بۇنىڭغىمۇ قىلچە ئېرەن  قىلماستىن:‹ ھېچقىسى يوق ، مەن بۇرنۇمنى 5 قېتىم ئېگىزلىتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغان....›يىگىت : ‹ راستىنى ئېيتسام يۈزۈمدىكى قورۇقنىمۇ سۇنئي قىلدۇرغان ...›.

قىز بىر نېمە دىيىشكە تەمشىلىپ بىراز تۇرۇۋېلىپ ئاندىن :‹مەنمۇ يوشۇرۇپ يۈرمەي مېنىڭ بۇ گۈزەل ھۆسنۈممۇ 8 قېتىم ئوپېراتسىيە قىلدۇرۇپ بۇ ھالغا كەلگەن.› يىگىت كۆڭلىكىنى سالغاچ :‹مېنىڭ يۈرۈگۈم قوزغاتقۇچقا تاينىپ سوقىدۇ › ،قىزمۇ كۆڭلىكىنى سالغاچ : ‹ مېنىڭ كۆكسۈممۇ چوڭايتىش ئوپېراتسىيىسى قىلدۇرغاچقىلا مۇشۇنداق تولغان ھالەتكە كەلگەن... ›

يىگىتنىڭ ھەركىتى ئاستىلاشقا باشلاپ مۇنداق دەپتۇ:‹سىز مۇنداق ئوچۇق ئاشكارە بولغاندىن كېيىن مەنمۇ ئۆزۈمنىڭ ئەڭ چوڭ مەخپىيىتىمنى سىزگە ئېيتىپ بېرەي _ ئىقتىسادىي كىرزىس تۈپەلىدىن مەن ۋەيران بولايلا دەپ قالدىم .›  قىزمۇ ناھىيىتى چوڭ غەيرەتكە كېلىپ :  ‹مېنىڭ ئەسلى باشقىلارغا بىلدۈرگۈم يوق ئىدى ، سىز ماڭا مۇنداق سەمىمى بولۇۋاتسىڭىز مەنمۇ ئەڭ چوڭ مەخپىيىتمنى سىزگە ئيتىپ بېرەي _ مەن ئەسلى قىزبالا ئەمەس ئىدىم، جىنىس ئۆزگەرتىش ئوپېراتسىيى قىلدۇرغان ›،‹ پاھ ئەجەپ ياخشى بولدى !›يىگىت ناھىيىتى ھاياجانلىنىپ كەتكەندەك قىلاتتى ، ئۇ نىقاۋىنى ئېلىۋېتىپ يۇڭلۇق چىرايىنى نامايەن قىلغان ھالدا ، قىزنى مەھكەم قۇچاقلاپ تۇرۇپ : ‹ سۆيۈملۈكۈم ، مەن ئەسلى بىر ئورانگوتان ، بىز ئورمانلىققا كېتىپ تۇرمۇش كەچۈرەيلى › دەپتۇ ، قىز : ‹ ئەسكى ، مېنىڭ پەرزەنت كۆرگۈم بار ئەمما تۇغالمايمەن ، قانداق قىلىمىز ؟›  يىگىت : ‹ بۇنىڭ چارىسى ئاسان ، ئىنكاس قايتۇرمىغانلارنىڭ ھەممىسىنى ئورمانغا ئېلىپ كېتىپ بالا قىلىپ باقىمىز .›  

http://www.blogchinese.com تورىدىن ئابدۇشۈكۈر ئابدۇكېرىم ئارغۇ تەرجىمىسى

مەنبە : ئارغۇ بلوگى
http://felyeton.blogbus.com
ئەسكەرتىش:
بۇنىڭغا ئىنكاس يېزىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. تور دۇنياسىدا داڭقى چىققان فىليەتون بولغاچقا تەۋسىيە قىلىندى.

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-6 00:56:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تېلېۋىزور، مەھەللەمنى تۆلەپ بەر!

-= مەڭگۈتاش=-

-  مەڭگۈتاش! ﺋﯚﻳﯜﯕﻠﻪردە ﻧﻪﭼﭽﻪ ﺟﺎن ﺑﺎر؟
- 8 ﺋﺎدەم، 5 ﻗﻮي، 6 ﺗﻮﺧﯘ ﺑﺎر.
................ ﭘﺎراﻗﻘﯩﺪە ﻛﯜﻟﻜﻪ....
            ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻤﻨﯩﯔ ﺳﯘﺋﺎﻟﯩﻐﺎ ﺑﻪرﮔﻪن ﺟﺎۋاﺑﯩﻢ ﻛﯜﻟﻜﻪ ﻗﻮزﻏﯩﺪى. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﺑﯩﻠﺴﻪم، ﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﺑﯘ ﮔﻪﭘﻜﻪ ﻧﻪﭼﭽﻪ ﻛﯜﻧﮕﯩﭽﻪ ﻛﯜﻟﮕﻪﻧﻤﯩﺶ. ﻧﻪرى ﻛﯜﻟﻜﯩﻠﯩﻚ ﺑﯘﮔﻪﭘﻨﯩﯔ؟ ﻗﻮي، ﺗﻮﺧﯘلار ﺟﺎن ﺋﯩﮕﯩﺴﻰ ﺋﻪﻣﻪﺳﻤﯩﻜﻪن؟ ﺷﯘ ﺟﺎﻧﺪارلارﻧﻰ ﺋﺎﺋﯩﻠﻪ ﺋﻪزاﺳﻰﻗﺎﺗﺎرﯨﺪا ﺳﺎﻧﯩﻐﯩﻨﯩﻤﺪﯨﻦ ﮬﺎزﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﮬﯘزۇرﻟﯩﻨﯩﻤﻪن. دەرﺳﺘﯩﻦ ﭼﯜﺷﯜپ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﭼﯩﻘﺎي دﯦﺴﻪم ﺋﯩﻜﻜﻰ ﻗﯩﺰ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﻪ ﺗﯘرۇۋاﭘﺘﯘ.> ﺋﯚﺗﯩﯟالاي <دﯦﮕﻪن ﮔﻪﭘﻨﻰ ﻗﯩلاﻟﻤﺎي ﺧﯧﻠﯩﻐﯩﭽﻪﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﺪﯨﻢ. ﻗﯩﺰلار ﺋﺎﻟﺪﯨﺪا ﻗﯩﺰﯨﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﻤﻪن. ﺑﺎﺷلاﻧﻐﯘﭼﺘﺎ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎن ﭼﯧﻐﯩﻤﺪا ﺑﯩﺮ ﺳﺎۋاﻗﺪﯨﺸﯩﻢ ﺳﻮﻣﻜﺎ ﻗﻮﻳﯩﺪﯨﻐﺎن ﺗﺎرﺗﻤﯩﻨﻰ ﺑﺎش ﺗﯩﻘﯩﺪﯨﻐﺎن ﻳﻪر دەپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻤﯩﻜﯩﻦ، ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﺗﯩﻘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﺮاﻟﻤﺎي، ﺋﯜﺳﺘﻪﻟﻨﻰ ﺑﯘزۇپ ﺑﯧﺸﯩﻨﻰ ﭼﯩﻘﺎرﻏﺎن ﺋﯩﺪۇق. ﺷﯘﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦﺋﯘ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﻛﻪﻟﻤﯩﺪى. ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺧﯩﻠﯟەت ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰدە ﺑﯩﺮەرﺳﯩﻨﯩﯔ ﺗﺎﻳﺎق ﻳﻪپ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻤﯘ ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺧﻪۋەر ﮬﯧﺴﺎﺑﻠﯩﻨﺎﺗﺘﻰ.  ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺋﻮﺗﺘﯘرﯨﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﻪﻧﺖ ﺋﯩﺸﺨﺎﻧﯩﺴﯩﻨﯩﯔ ﺗﯧﻤﯩﻐﺎ ﭘﻪردە ﺗﺎرﺗﯩﻠﯩﭗ ﻛﯩﻨﻮﻗﻮﻳﯘﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯜن ﺋﻪڭ ﺧﯘﺷﺎل ﻛﯜﻧﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺑﯩﺮى ﺋﯩﺪى. >ﺷﯩﺠﯩﻴﺎﺟﯘﺋﺎﯕﻨﻰ ﺋﺎزاد ﻗﯩﻠﯩﺶ<،>ﮔﯘﻣﺎﻧﻠﯩﻖ ﻗﺎن<دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﺋﯩﻨﻘﯩلاۋﯨﻲ ﻛﯩﻨﻮلار ﻣﯧﯖﯩﻤﯩﺰﮔﻪ ﺗﺎﻣﻐﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯩﺪى. ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺪا ﺋﯜزۈﻟﯜپ ﻗﺎﻟﯩﺪﯨﻐﺎن ﻛﯩﻨﻮ ﻟﯧﻨﺘﯩﺴﻰﺋﯘﻟﯩﻨﯩﭗ ﺑﻮﻟﻐﯩﭽﻪ ﺋﯧﻐﯩﺰلار 18 ﻣﯩﯔﺋﺎﻟﻪﻣﻨﯩﯔ ﭘﺎرﯨﯖﯩﻨﻰ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰدە ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن 12 دﯨﻴﯘﻣﻠﯘق رەﯕﺴﯩﺰ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰوردﯨﻦ ﺑﯩﺮﻧﻰ ﺋﯧﻠﯩﭗ ﻛﻪﻟﺪى. ﺑﯘ ﺋﺎدەﻣﻨﯩﯔ ﺋﯘلاﻏﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﭼﯚپ ﺋﯧﻠﯩﺸﯩﭗ ﺑﯧﺮﯨﭗ ﻳﯜرۈپ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰور ﻛﯚرەﺗﺘﯘق. ﻛﯧﻴﯩﻦ 5 ﭘﯘﯕﺪﯨﻦ ﺑﯧﻠﻪت ﺳﺎﺗﺘﻰ. ﺋﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﺑﯩﺮ ﻣﻮﭼﻪن ﺑﯩﻠﻪن ﻳﯧﺰا ﻣﻪرﻛﯩﺰﯨﺪە ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻛﻪﻟﮕﯩﻠﻰ ﺑﻮلاﺗﺘﻰ. >ﻳﻮل ﺑﺎﺷﻠﯩﻐﯘﭼﻰ<،> ﻛﯚك ﻣﺎرﺟﺎن< دﯦﮕﻪﻧﺪەك ﻛﯩﻨﻮلارﻧﻰﺗﯧﻠﯟﯨﺰوردﯨﻦ ﻛﯚردۇق. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﺋﯘ ﭼﺎﻏﺪا ﻗﯘۋۋەت ﺗﺎﻟﻘﺎﻧﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﺋﯧلاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﻪرﻣﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﺎرا- ﺑﺎرا ﺗﯧﻠﯟﯨﺰور ﺳﯧﺘﯩﯟاﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ،<ﺧﻮﻳﻪﻧﺠﯩﻴﺎ> ،<ﺑﯜرﻛﯜت ﺋﺎﺗﺎر ﭘﺎﻟﯟان> ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺧﺎﻟﯩﻐﺎن ﺋﯚﻳﻠﻪردە ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪۇق. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﯩﻤﯩﺰدە ﺧﯧﻠﻰ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺸلار ﻳﯜز ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪﻧﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰى ﻳﺎﻗﺎ ﻳﯘرﺗﻠﯘق ﻳﯩﮕﯩﺖ ﺑﯩﻠﻪن ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﭘﯩﭽﺎﻗﻠﯩﻨﯩﭗ ﺋﯚﻟﺘﯜرۈﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﺴﯩﻤﻐﺎ ﭼﯩﺪﯨﻤﺎي ﺋﯧﺴﯩﻠﯩﭗ ﺋﯚﻟﯩﯟاﻟﺪى. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﻧﯩﻜﺎﮬﺴﯩﺰ ﮬﺎﻣﯩﻠﺪار ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى... دﯦﮕﻪﻧﺪەك. رﯦﺘﯩﻢ ﻛﯜﻧﺪﯨﻦ ﻛﯜﻧﮕﻪ ﺗﯧﺰﻟﯩﺸﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﺟﯩﻨﺎﻳﻪت، ﺋﺎدەم ﺋﯚﻟﺘﯜرۈش ۋەﻗﻪﻟﯩﺮﯨﻨﯩﯔﻗﯧﺘﯩﻢ ﺳﺎﻧﻰ ﻛﯚﭘﻪﻳﺪى. ﺋﻪﻗﯩﺪﯨﻨﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﻳﺎﺷﺎپ ﻛﯧﻠﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﻪﻧﮭﺎ ﻛﻪﻧﺖﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﻛﻪﺑﻰ زەرەﺗﻠﯩﮕﯜﭼﻨﯩﯔ ﻏﯩﺪﯨﻘﻠﯩﺸﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯧﭽﯩﯟﯦﺘﯩﻠﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺑﯘﻳﺮۇق ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﮔﻪرﻣﯩﮕﻪن ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪﻧﯩﯔ ﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﯟاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻳﯧﺰاﻣﻨﯩﯔﺳﯧﮭﺮﯨﻲ ﻛﯜﭼﻰ ﺧﯩﺮەﻟﻪﺷﺘﻰ. ﻗﻪدﯨﻤﯩﻲ ﺟﯜﺟﻪم ﺗﯜۋﯨﮕﻪ ﺑﻮﺗﻜﺎ ﻗﯘرۇﻟﺪى. ﻣﻪﺳﺘﭽﯩﻠﯩﻜﺘﻪ ﻛﯩﻤﻨﯩﯔﺋﯩﺸﯩﻜﯩﻨﻰ ﭼﻪﻛﻜﻪﻧﻠﯩﻜﻰ، ﻛﯩﻤﻨﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﺪە ﻗﺎﻧﺪاق رەﯕﺪە ﻗﯘﺳﻘﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﺋﻪﺗﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﻛﯚۋرۈك ﺑﯧﺸﻰ ﭘﺎرﯨﯖﯩﻐﺎ ﺋﺎﻳلاﻧﺪى. ﻛﯩﺸﯩﻠﻪر ﻣﯘﻗﺎم- ﻛﯜﻳﻠﻪرﮔﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﯩﺮﻏﺎﯕﺸﯩﺘﻘﯩﻨﯩﭽﻪﺗﯘﯕﮕﺎن ﻳﯧﻐﯩﻠﯩﻘﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺳﯚزﻟﯩﺸﻪﺗﺘﻰ. ئېغىر گۇناھلىق ئىشلارنى پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بىر مۇنچە ئادەمنى ئاغزىغا قارىتىش قابىلىيەتنىڭ بەلگىسىگە ئايلاندى. ﺑﯩﺮﻣﯘﺋﻪﻟﻠﯩﻢ ﮬﺎراﻗﻘﺎ ﺑﯧﺮﯨﻠﯩﭗ ﺋﺎﺧﯩﺮى ﻧﯧﺮۋﯨﺴﻰ ﻛﺎردﯨﻦ ﭼﯩﻘﺘﻰ. ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮەﻳﻠﻪن ﮬﺎراﻗﻨﯩﯔﻛﯜﭼﻰ ﺑﯩﻠﻪن دەﺷﺘﻜﻪ ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻛﯧﺘﯩﭗ ﺋﯚﻟﯜﻛﻰ ﻗﺎﻟﺪى. ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ ﺋﯚﻳﯩﮕﻪ >ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎي ﻛﯩﺮﯨﭗ ﻗﯧﻠﯩﺶ< ﮬﺎدﯨﺴﯩﻠﯩﺮى ﻛﯚﭘﯩﻴﯩﭗ ﻛﻪﺗﺘﻰ. ﺑﯩﺮاۋ ﺑﯩﻠﻪن ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰﻧﯩﯔ ﻛﻮﭼﯩﺪا ﺗﯘرۇپ ﻗﺎﻟﻐﺎﻧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮڭ ﺋﯩﺶ ﺳﺎﻧﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪ ﺧﯧﻠﻰ ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮ ﺋﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﻣﻪن ﻗﻮي ﺑﺎﻗﺎﺗﺘﯩﻢ. ﻗﻮﻳلارﻧﻰ ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرەﺗﺘﯩﻢ. ﺋﯘلار ﺋﯘﻗﯘﺷﻤﺎي ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ زﯨﺮاﺋﯩﺘﯩﻨﻰ ﻳﻪپ ﻗﻮﻳﻐﺎن ﺑﯩﻠﻪن ﻏﻪﻳﯟەت، ﺗﯚﮬﻤﻪت ﻗﯩﻠﯩﺸﻨﻰ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﺑﺎﻟﯩلار ﺑﯩﻠﻪن ﻗﻪرت ﺋﻮﻳﻨﺎپ ﻛﯩﻢﻳﯧﯖﯩﻠﺴﻪ ﻗﺎﭼﻘﺎن ﻗﻮﻳلارﻧﻰ ﺗﻮﺳﯘپ ﻛﯧﻠﯩﺸﻜﻪ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ. ﻛﻪﭼﺘﻪ ﻳﻪﻧﻪ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰور ﻛﯚرﮔﯩﻠﻰﻛﯩﻤﻠﻪرﻧﯩﯖﺪۇر ﺋﯚﻳﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﯘق. ﻛﯧﻴﯩﻨﻜﻰ ﻛﯜﻧﻠﻪردە ﺧﻮﻳﻪﻧﺠﯩﻴﺎﻧﻰ ﺑﻮۋاﻣﺪەك، ﺳﯘﻧﯟۇﻛﯘﯕﻨﻰ ﺗﺎﻏﺎﻣﺪەك ﻛﯚرﯨﺪﯨﻐﺎن ﺑﯩﺮ ﺧﯩﻞ روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪت ﺷﻪﻛﯩﻠﻠﯩﻨﯩﺸﻜﻪ ﺑﺎﺷﻠﯩﺪى. ﺋﯚزۈم ﺑﯩﺮ ﺋﯧﺘﯩﺒﺎرﺳﯩﺰ ﭼﯩﯟﯨﻦ ﺋﯩﺪﯨﻢ. ﺷﯘ ﭼﺎﻏلاردا ﺑﻪﻟﻜﯩﻢ ﺳﯘﻧﯟۇﻛﯘﯕﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎش ﺑﯩﺮ ﻣﺎﻳﻤﯘن ﺑﻮﭘﻘﯧﻠﯩﺸﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﯘﻣﻤﯘ ﻣﯜﻣﻜﯩﻦ. ﺷﯘﻧﺪاق روﮬﯩﻲ ﮬﺎﻟﻪﺗﻠﻪر ﺋﯩﭽﯩﺪە ﺑﯘﺷﻪﻳﺘﺎن ﺳﺎﻧﺪۇق ﺑﯩﻠﻪن ﮔﺎھ ﺳﯩﺮدﯨﺸﯩﭗ، ﮔﺎھ ﻳﯩﺮاﻗﻠﯩﺸﯩﭗ ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﻜﻪ ﭼﯩﻘﺘﯘق.  رﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﻳﻪﻧﻪ رﯨﺌﺎﻟﻠﯩﻖ ﺋﯩﻜﻪن. ﺑﯘ ﻳﻪردﯨﻤﯘﺗﯧﻠﯟﯨﺰور ﺑﯩﻠﻪن ﮬﯧﺴﺴﯩﻴﺎﺗﭽﺎن ﺋﯘﻳﻐﯘرلار ﺗﻮﭘﻰ ﺋﯩﭽﯩﺪە ﻳﺎﺷﯩﺪﯨﻢ. ﭘﺎرس ﻗﻮﻟﺘﯘﻗﻰ ﺋﯘرۇﺷﻰﺑﻮﻟﺪى. ﺳﯩﻨﯩﭙﺘﺎ ﺳﺎددام ﺋﯜﭼﯜن ﺋﺎھ ﺋﯘرۇپ، >ﺑﯘش ﺑﻮش ﺋﺎﺗﯩﺪۇ، ﺳﺎددام ﭼﯩﯔ ﺋﺎﺗﯩﺪۇ< دەپ ﺋﯩﺸﯩﻨﯩﭗ ﻳﯜردۇق. ﺳﺎددام دﯦﮕﻪن ﻳﯧﺮﯨﻤﯩﺰدﯨﻦ ﭼﯩﻘﺎﻟﻤﯩﺪى. ﺋﺎﻟﯩﻲ ﻣﻪﻛﺘﻪپ ﭘﯜﺗﯜپ ﺧﯩﺰﻣﻪﺗﻜﯩﻤﯘ ﺋﯘلاﺷﺘﯘق. ﺳﯩﻨﻘﻮﻳﻐﯘ ﺗﯜﻧﻪﻛﺨﺎﻧﯩلاردا ﺗﯜﻧﻪپ ﺷﯩﻴﺎﯕﮕﺎﯕﻨﯩﯔ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮلا ﻛﯚرۈپ، ﺟﻮرۇﻧﻔﺎ ﺑﯩﻠﻪن ﻟﯩﻴﯘدﯦﺨﯘاﻧﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﯘﻏﻘﺎن  ﻗﯧﺮﯨﻨﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻤﺪﯨﻦ ﺋﯜﺳﺘﯜن ﺳﺎﻧﺎپ ﻳﯜردۇم. ﺟﺎڭ ﻣﻪﻧﻴﯜ ﺑﯩﻠﻪن ﭘﺎلاﻧﭽﻰﺷﯩﻴﺎۋﺟﯩﻴﯧلارﻏﺎ ﺋﺎﺷﯩﻘﯩﻲ ﺑﯩﻘﺎرار ﺑﻮﻟﯘپ، ﻛﯚزﻧﻰ ﻗﯩﺰارﺗﯩﭗ، ﭼﯩﺮاﻳﻨﻰ ﺳﺎرﻏﺎﻳﺘﺘﯘق. ﻣﯘش- ﭘﻪﺷﯟا ﺋﻮرۇﻧﺪﯨﻴﺎﻟﻤﯩﻐﺎن ﺋﯩﺸلارﻧﻰ ﺳﯩﻨﻘﻮﻳﻐﯘلار ﺋﻮرۇﻧلاۋاﺗﺎﺗﺘﻰ. ﻏﯧﻤﯩﻤﯩﺰﻧﻰ ﻳﻪپ ﺗﯜﮔﻪپ ﻛﻪﺗﻜﻪن ﺋﯚﻣﻪر ﺑﺎﺗﯘر ﺑﯩﻠﻪن ﻏﯧﻨﻰ ﺑﺎﺗﯘر ﻛﯩﮕﯩﺰ ﭼﻮرۇق ﺑﯩﭽﺎرﯨﻠﻪرﮔﻪ ، ﺋﯩﭙﭙﻪت ﺋﯜﭼﯜن ﺋﯚﻟﯜﻣﻨﻰ ﺗﺎﻟﻠﯩﻐﺎن ﺋﯩﭙﺎرﺧﺎن ﻣﻪﺗﯘ ﺧﻮﺗﯘﻧﻐﺎ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﭗ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﯩﺪى. ﮬﻪر ﺑﯩﺮ ﻛﻪﺗﻤﻪن ﭼﺎﭘﻘﺎن ﺋﯩﺰﻏﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﯧﻤﯩﻢ ﺗﻪرى ﺋﯧﻘﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺗﯘزى ﺷﻮرﻟﯘق ﺋﺎﺗﺎم ﻧﻪزﯨﺮﯨﻤﺪە ﻳﺎﺷﺎﺷﻨﻰﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺘﺘﻰ. ﻣﻪن ﻟﯜﻛﭽﻪك ﺑﻮﻟﯘﺷﻨﻰ ﺋﺎرزۇ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﻟﯜﻛﭽﻪك ﺑﻮلاﻟﻤﯩﻐﺎن ﭘﯧﺘﯩﻢ، ﻛﯚرﭘﻪﻗﻪﮬﺮﯨﻤﺎﻧﻰ ﺑﻮﻟﯘپ 30 ﻳﺎﺷﻨﯩﯔ ﻗﺎرﯨﺴﯩﻨﻰ ﻛﯚردۇم. ﻗﺎرﯨﺴﺎم ، ﺑﺎﺷﻘﯩلار ﺋﯘزاپ ﻛﯧﺘﯩﭙﺘﯘ. ﺋﻮﺗﺘﯘرا ﻣﻪﻛﺘﻪﭘﺘﯩﻜﻰ ﺑﻪزى ﺳﺎۋاﻗﺪاﺷﻠﯩﺮﯨﻢ ﭘﺎﻟﺘﯩﭽﯩلار ﮔﯘرۇﮬﯩﻨﻰ دوراپ ﺑﯩﺮ- ﺑﯩﺮﯨﻨﻰ ﭼﺎﻧﯩﺸﯩﭗ ﻳﯜردى. ﺋﯚﻟﯩﺪﯨﻐﺎﻧلار ﺋﯚﻟﺪى. ﺋﯚزۈﻣﻨﯩﯔ ﺧﯩﻠﯟەت، ﺟﯩﻤﺠﯩﺖ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻤﺪا ﻳﺎﺷﺎپ، ﺑﻮﻟﯩﯟاﺗﻘﺎن ﺋﯚزﮔﯩﺮﯨﺸﻠﻪرﻧﻰﻛﯚزەﺗﺘﯩﻢ. ﻣﻪﮬﻪﻟﻠﻪﻣﻨﯩﯔ ﻗﯩﺰﻟﯩﺮﯨﻤﯘ ﺗﺎر ﻳﻮﭘﻜﯩلارﻧﻰ ﻛﯩﻴﯩﭗ، ﺋﯘزۇن ﻛﯚﻳﻨﻪﻛﻠﯩﺮﯨﻨﻰﻗﺎزﻧﺎﻗﻘﺎ ﺗﯩﻘﯩﭗ ﻗﻮﻳﯘﺷﺘﻰ. ﻳﺎﺧﺸﻰ ﻛﯚرۈپ ﻗﺎﻟﻐﺎن ﺋﺎدﯨﻤﯩﮕﻪ ﻗﯘش ﺷﻪﻛﻠﯩﺪە ﺳﺎلام ﺧﻪﺗﻨﻰﭘﯜﺗﯜپ ﻳﻪﺗﻜﯜزۈپ ﺑﯧﺮﯨﺪﯨﻐﺎن ﻗﯩﺰ- ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر ﻣﯘﮬﻪﺑﺒﯩﺘﯩﻨﻰ ﺑﯩﯟاﺳﺘﯩلا ﺋﯩﭙﺎدﯨﻠﻪﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﺗﺎﻣﺎﻛﯩلار ﻣﻮﻳﺴﯩﭙﯩﺘلارﻧﯩﯔ ﻛﯚزﯨﭽﯩلا ﭼﯧﻜﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﺪى. ﺋﻪڭ ﻧﺎﻣﺮات ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﺪﯨﻦ ﭘﯘل ﺋﻪﻣﻪس، ﺷﻪﮬﯟاﻧﯩﻲ ﭘﯩلاﺳﺘﯩﻨﻜﺎ ﺗﯧﭙﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﻧﺎ ﻳﯘرت ﺳﺎرﻏﺎﻳﻐﺎن ﺋﻪﺧلاﻗﻨﯩﯔ دەﭘﯩﻦ ﻣﯘراﺳﯩﻤﯩﻐﺎ ﺷﺎﮬﯩﺪ ﺑﻮﻟﯘپ ﻗﺎﻟﺪى. ﺋﻪرﻟﯩﻚ ﻗﯘۋۋەت ﺋﺎﺷﯘرﻏﯘﭼﻰ دورﯨلار ﺋﻪڭ ﺧﯩﻠﯟەت ﻗﺎزاﻧﺎﻗلارﻧﻰ ﻣﺎﻛﺎن ﺗﯘﺗﺘﻰ.  دوﻗﻤﯘﺷلاردا داۋاﻣﻠﯩﺸﯩﺪﯨﻐﺎن ﺋﺎﺗﺎ- ﺑﻮۋﯨلارﻧﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩلارﻧﻰ ﻗﺎﻧﺪاق ﺗﻪرﺑﯩﻴﻠﯩﮕﻪﻧﻠﯩﻜﻰ ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﯘﻧﺎزﯨﺮﯨﻠﻪرﻧﯩﯔ ﺋﻮرﻧﯩﻨﻰ ﻛﻮرﯨﻴﻪ ﭼﻮﻟﭙﺎﻧﻠﯩﺮى ﺑﯩﻠﻪن ﻗﺎﺳﻤﺎق ﻧﯩﺮاﺟﻰ ﺋﯩﮕﯩﻠﯩﺪى.  ﻛﻪڭ ﻳﯧﺰا- ﻗﯩﺸلاﻗلاردا ﻛﯧﻤﻪ ﻣﺎﭼﺘﯩﺴﯩﺪەك ﺋﺎۋۇﻏﺎن ﺋﺎﻧﺘﯧﻨﺎ ﺧﺎدﯨﻠﯩﺮى ﺋﯩﭙﭙﻪت ﭘﻪرﯨﺸﺘﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻣﺎﻛﺎﻧﯩﻐﺎ ﺋﯩﺒﻠﯩﺲﭼﯩﻠﻠﯩﻤﺎﻗﺘﺎ ﺋﯩﺪى. ﻗﯩﺰلار ﻗﯩﺰﻟﯩﻖ ﭘﻪردە ﺳﯧﻠﯩﺶ ﺋﯧلاﻧﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺗﻮلا ﻛﯚرۈپ ﺋﺎﻣﺎﻧﻪﺗﻨﻰﻣﯘﮬﯩﻢ ﺑﯩﻠﻤﻪﻳﺪﯨﻐﺎن، ﻳﯩﮕﯩﺘﻠﻪر ﺑﺎﺷﻘﯩلارﻧﯩﯔ  ﺑﯧﻐﯩﺪﯨﻦ ﻣﺎراﺷﻨﻰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻖ ﺳﺎﻧﺎﻳﺪﯨﻐﺎن ﺑﻮﻟﯘﺷﺘﻰ. ﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻘﻘﺎ ﻗﻮﺷﯘﻟﯘﭖ ﻛﻪﻟﮕﻪﻥﻣﻪﺩﻩﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﺎﺵ ﺋﺎﭘﻪﺕ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﭘﺘﺎﭘﺘﺎ ﭼﯩﺮﯨﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺩﻩﺭﭘﻪﺭﺩﯨﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰﻧﻰ ﺗﯧﺸﯩﭗﺋﯚﺗﺘﻰ.  ﻳﯧﺰﯨﺪﯨﻜﻰ ﻛﯩﭽﯩﻜﻜﯩﻨﻪ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﻗﯩﺰ- ﺋﻮﻏﯘﻝ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺋﻮﻳﻨﺎﯞﺍﺗﺴﺎ، ﺋﺎﺭﯨﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺰ ﺋﯚﺯﯨﻨﯩﯔ ﺋﯘﻳﺎﺗﻠﯩﻖ ﺋﻪﺯﺍﺳﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮﺋﻮﻏﯘﻟﻐﺎ ﻛﯚﺭﺳﯩﺘﯩﭗ، ﺳﯚﻳﯜﭖ ﻗﻮﻳﯘﺷﻨﻰ ﺗﻪﻟﻪﭖ ﻗﯩﻠﯩﭙﺘﯘ. ﻛﯧﻴﯩﻦ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﻮﻟﺪﯨﻜﻰ، ﺑﯘ ﻗﯩﺰﻧﺎﻣﺮﺍﺗﻠﯩﻖ ﻳﯩﻠﯩﻚ- ﻳﯩﻠﯩﻜﯩﺪﯨﻦ ﺋﯚﺗﯜﭖ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺑﯩﺮ ﺋﺎﺋﯩﻠﯩﻨﯩﯔ ﭘﻪﺭﺯﻩﻧﺘﻰ ﺑﻮﻟﯘﭖ، ﺋﺎﺗﺎ- ﺋﺎﻧﯩﺴﻰ ﺋﯚﻳﯩﺪﻩ ﻏﻪﺭﺑﻨﯩﯔ ﺳﯧﺮﯨﻖ ﻓﯩﻠﯩﻤﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺑﺎﻟﯩﻠﯩﺮﯨﻨﯩﯔ ﻛﯚﺯﯨﭽﯩﻼ  ﻛﯚﺭﯨﺪﯨﻜﻪﻥ.

          يەنە بىر كۆرۈنۈش: ھەر بىر تۈپ قوغۇننىڭ تۈۋىدە 80 قېتىم ئىڭىشىپ، بالىسىنى پەرۋىشلىگەندەك پەرۋىشلىگەن دېھقان يىگىت بىر ھارۋا قوغۇننى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ ئېلىشىغا ساتتى. كەچقۇرۇن بىچارە ئېشەكنى قىزىل چىراق يېنىپ تۇرغان يول ئېغىزىغا باغلاپ قويۇپ، شالتاقلاشقان پۇلنى سىقىمدىغىنىچە سىچۇەنلىك تەتەي ئاچقان شوپاڭخانىغا كىرىپ كەتتى.

        ،بىر مەھەللىدىكى ئېسىل كىيىملەرنى ياشاشنىڭ مەنىسى دەپ چۈشىنىپ قالغان  ئېرى بار چوكان بىر بويتاقنىڭ پۇلىغا ئۈگىنىپ قېلىپ، ﻛﯧﭽﯩﻠﯩﺮﯨﻤﯘﺋﯚﻳﯩﻨﯩﯔ ﻛﻪﻳﻨﯩﮕﻪ ﻛﯧﻠﯩﯟﯦﻠﯩﭗ، ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺋﯩﺴﻤﯩﻨﻰ ﭼﺎﻗﯩﺮﯨﭗ، ﻣﻪﻫﻪﻟﻠﯩﮕﻪ ﭘﯘﺭ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ ﺋﯩﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰﺑﻮﻳﺘﺎﻕ ﺋﺎﺧﯩﺮﻯ ﻧﻮﻣﯘﺳﺘﯩﻦ ﺋﯩﭽﻜﯩﺮﯨﮕﻪ ﻗﯧﭽﯩﭗ ﻗﯘﺗﯘﻟﺪﻯ. ﻫﯧﻠﯩﻘﻰ ﭼﻮﻛﺎﻥ ﻗﺎﭼﻤﯩﺪﻯ ﻫﻪﻡﺋﯘﻳﺎﻟﻤﯩﺪﻯ. ﺋﯧﺮﻯ ﻫﺎﺯﯨﺮﻏﯩﭽﻪ ﺳﯩﺰﯨﻘﯩﻐﺎ ﻛﯩﺮﮔﯜﺯﻩﻟﻤﻪﻳﯟﺍﺗﯩﺪﯗ. ﺋﺎﯕﻠﯩﺴﺎﻡ، ﺋﯘ ﺧﻮﺗﯘﻥ ﻫﺎﺯﯨﺮﻳﯧﯖﻰ ﺗﻮﻱ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺧﻮﺗﯘﻧﻼﺭﻧﻰ ﺋﺎﺯﺩﯗﺭﯗﺵ ﻫﻪﻟﻪﻛﭽﯩﻠﯩﻜﯩﺪﻩ ﺋﯩﻤﯩﺶ. ﺗﻮﺧﯘﻧﯩﯔ ﻫﺎﻣﯩﻨﻰ ﭘﻮﻕﻳﻪﻳﺪﯨﻐﯩﻨﯩﻐﺎ ﺋﯩﺸﻪﻧﺪﯨﻢ. ﭘﺎﻟﺘﺎ ﺳﯧﭙﯩﻐﺎ ﻣﻮﺯﺍﻱ ﺗﯧﺰﻩﻛﻠﻪﭖ ﺑﻮﻟﺪﻯ. ﻳﯧﺰﯨﻼﺭ ﻗﯧﭙﻴﺎﻟﯩﯖﺎﭺ ﻫﺎﻟﻪﺗﺘﻪﻛﯚﻳﯩﻘﺎﭖ ﺗﻪﺭﻩﭘﻜﻪ ﻳﯜﮔﯜﺭﯛﭖ ﻛﯧﺘﯩﯟﺍﺗﺎﺗﺘﻰ.

          مەن مەھەللەمنى سۆيەتتىم. سەھرايى قىيامەتنى ئەمەس، قۇلاق تۈۋىدە >ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم< جاراڭلاپ تۇرىدىغان، يۈرىكىگە ئالەمچە سۆيگۈ پاتىدىغان، چېلىشىش، پۇتبول قىزىپ كېتىدىغان، قۇلاقنى يارغۇچى يىرتقۇچ مۇزىكىلار ئەمەس، ئانىلارنىڭ ئەللەي ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدىغان، كوچىلاردىن قۇسۇق ئەمەس، قارا تۇپراقنىڭ ھېدى كېلىدىغان سەھرايى مۇبارەكنى سۆيەتتىم. بالىلار بالىلارغا ، ئويۇن ئويۇنغا ئوخشىمايتتى. يىغا يىغىغا ئوخشىمايتتى. گەپ- سۆزلەردىن ھەيۋە، قېيىداش، تەنە پۇرىقى كېلەتتى. قېرىندىشىغا قىلىنغان ياردەمدىنمۇ تەمە ھىدى كېلەتتى.

         ئىككى بالىلىق بولغۇچە كۆرمىش - ئەتمىشلىرىم تۈمەنمىڭ. تالاي قازاندا قايناپ باقتىم. شەخسىي غېمىم تۈگىمەي تۇرۇپ،ئۆزۈمچە خەلقىمنىڭ غېمىنى يەپ باقتىم. خەلقىمنىڭ قىزلىرىنى دەپسەندە قىلىپ بولۇپ> قىزلىرىمىزدىكى ئىپپەت نەگە كەتتى< دەپ ماقالە يازىدىغان قەلەمكەشلەر بىلەن ئارىنى ئوچۇق قىلدىم. باشقىلار بىلەن جىدەللەشمىدىم. قاراڭغۇ كوچىلاردا ماڭمىدىم. ئاشنىسى ئېلىپ بەرگەن يانفۇننى ئېرىگە كۆز- كۆز قىلىدىغان ئاياللار ئاۋۇپ كەتكەن جەمئىيەتتە ئۆز ئائىلىسىگە ئىگە بولۇشنىڭ ئۆزى چوڭ غەلىبە ئىدى. مەندە يۈكسەك ئارزۇلار يوق . مەن نامراتلىقتىن قەددى پۈكۈلگەن خەلقنىڭ غەمكىن بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن خەلقىمنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى ياشايدىغان سەھرالارنىڭ بۈگۈنكى رىئاللىقىنى قىسمەن بولسىمۇ ھېس قىلىپ ياشاۋاتقانلارنىڭ بىرى . تېلۋىزوردىن ئىبارەت ئەبجەش ئەينەكتىن زەھەرلىنىشنى بىۋاستە كۆرۈپ ياشاۋاتقىنىم ئۈچۈن، مۇرەككەپ ھېس تۇيغۇلارنىڭ ئىسكەنجىسىدە تىپىرلاپ تۇرۇپ، ﺗﯩﺰﮔﯩﻨﯩﻜﯩﻤﻨﯩﯔﺑﺎﺳﻤﯩﻘﯩﻨﻰ ﺑﯩﺮ ﺑﺎﺳﻘﯩﻠﻰ ﺗﯘرﺳﺎم، 40 ﻗﺎﻧﺎﻟﻨﻰ ﺑﯩﺮﺳﻪﻳﻠﻪ ﻗﯩﻠﯩﭗ ﭼﯩﻘﯩﻤﻪن. 5- ﻳﯜرۈش ﺋﯘﻧﯟﯦﺮﺳﺎل ﻗﺎﻧﯩﻠﻰ ﺋﻮﻏﻠﯘﻣﻨﻰ ﻣﯘددەﺗﺘﯩﻦ ﺑﺎﻟﺪۇر ﺑﺎلاﻏﻪﺗﻜﻪﻳﻪﺗﻜﯜزۈﺷﻜﻪ ﺗﯚﮬﭙﻪ ﻗﻮﺷﻤﺎﻗﺘﺎ. ﺳﯚﻳﯜﺷﯜش، ﺳﯩلاش، ﭘﻪردە ﺋﯩﭽﯩﺪﯨﻜﻰ رﯦﺘﯩﻤﻠﯩﻖ ﮬﻪرﻛﻪﺗﻠﻪر. رەﮬﻤﻪت ﺗﯧﻠﯟﯨﺰﯨﻴﻪ ﺧﺎدﯨﻤﻠﯩﺮى... ماتېرىيالدىن كۆرۈشۈمچە، ئىسرائىلىيە تېلۋىزىيە ئىستانسىسى پەلەستىن رايونىغا ھەر كۈنى كەچتە شەھۋانىي فىلىملەرنى تارقىتىپ ياشلارنى زەھەرلەيدىكەن.

         مەن ئېلاندىن زەھەرلەنگۈچى. قۇۋۋەت تالقانلىرى ئىچىدە ئېزىقىپ يۈرۈپ، شۈمەككە ئايلىنىپ قالدىم. ئايالىم >چىننۇرى < دەپ جۆيلۈيدىغان بولۇپ قالدى. ئوغلۇمنىڭ ۋاخاخا دەپ تىلى چىقتى. بىر تۇغماس ئايال مەلۇم دوختۇرخانىغا بېرىپلا بالىلىق بوپتۇ. پالانچى كۇمۇلاچنى يەپلا قاقتەك قورۇلغان بىر قېرى ئامېرىكا ئەرلىرىدىن قېلىشمايدىغان بولۇپ كېتىپتۇ. بىر نېگىر پالانچى ئىچىملىكنى ئىچىپ ئاقلىغان پىيازدەك ئاقىرىپ كېتىپتۇ. پالانچى فىرىمانى ئىچكەن بىر قوزىنىڭ >ئانا<دەپ تىلى چىقىپتۇ. ...

روھىي زىيان تۆلىمى تەلەپ قىلىمەن. كىمدىن؟

          ياپونىيىنىڭ >تېلۋىزىيە قاتىلى< ناملىق فىلىمىدە تېلۋىزور ئارقىلىق قاتىللىق قىلىش مەزمۇن قىلىنغان. بىر پۈتۈن قەۋم تېلۋىزىيە تەرىپىدىن قارىغا ئېلىندى. ئامېرىكىلىق كۆك كۆز مەخلۇقلار. ھەرقايسىڭ چاۋشىيەن ئۇرۇشىدا پۇرۇلتارىيات دېكتاتۇرىسىنىڭ تەمىنى تېتىمىغانمىدىڭ؟ ئەگەر يەنە ئاشۇنداق ئۆز خەلقىڭ كۆرمەيدىغان سېرىق كىنولىرىڭنى بىزگە داۋاملىق زورلايدىغان بولساڭ. رەسۋايىڭنى چىقىرىمىز؟

          ئەي سەمىمىي، ساددا تېلۋىزىيە خادىملىرى... ئامېرىكىلىقلارنىڭ دېپىغا ئۇسسۇلنى كەلتۈرۈپ ئوينىماڭلار. ئۇلارنىڭ ھېلە مىكرىنى، بىزنىڭ خەلقمىزنى چىرىتمەكچى ئىكەنلىكىدەك رەزىل پىلاننى ۋاقتىدا بايقاپ ئېلىڭلار؟ ئىچكى ئۆلكىدىكى قاناللاردەك پەن- تېخنىكا ئۈگىتىدىغان، بېيىش يولى تونۇشتۇرىغان پىروگىراممىلارنى قويۇشنى بىلمەمسىلەر؟ مەھەللەم بۇزۇلۇشقا يۈزلەندى. بۇرۇن نامرات ئىدى. پاكىز ئىدى. سوقما تاملىق ئۆيلەردىن ئادىمىي پۇراق كېلەتتى. بىزگە ئىچىڭلار ئاغرىسۇن. بىز ئىممۇنىتىت كۈچى تېخى تولۇق يېتىلمىگەن ئادەملەر. بىزگە ئەمدى زىيانكەشلىك قىلىشنى توختىتىڭلار.

            ﻳﯧﻘﯩﻨﺪا ﺑﯩﺮ ژۇرﻧﺎﻟﺪﯨﻦ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰورﯨﻨﻰﭼﯧﻘﯩﯟەﺗﻜﻪن ﺑﯩﺮ ﺋﺎدەم ﮬﻪﻗﻘﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﺎﻳﺎﻧﻨﻰ ﺋﻮﻗﯘپ ﮬﻮزۇرلاﻧﺪﯨﻢ. ﺑﯘ ﻳﯩﻞ ﻣﻪرﻛﻪز ﻏﻪرﺑﯩﻲ راﻳﻮﻧﻨﯩﯔ ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪت ﺋﯩﺸﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻗﻮﻟلاش ﻳﯜزﯨﺴﯩﺪﯨﻦ ﻣﻪﺧﺴﯘس ﻣﻪﺑﻠﻪغ ﺋﺎﺟﺮﯨﺘﯩﭗ ﺟﻪﻧﯘﺑﯩﻲﺷﯩﻨﺠﺎﯕﺪﯨﻜﻰ ﺑﯩﺮ ﻗﯩﺴﯩﻢ ﻧﺎﻣﺮات ﻧﺎﮬﯩﻴﯩﻠﻪردە ﮬﻪﻗﺴﯩﺰ ﺗﯧﻠﯟﯨﺰور ﻳﻪﺗﻜﯜزۈش ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﯩﺘﻰﺋﯧﻠﯩﭗ ﺑﺎردى. دﯦﮭﻘﺎﻧلار ﻛﯜﻟﺪى. ﻣﻪدەﻧﯩﻴﻪﺗﻜﻪ، ﻏﻪرب ﻛﯩﻨﻮﻟﯩﺮﯨﻐﺎ ﺋﯧﭽﯩﺮﻗﯩﻐﺎﻧلار ﺋﻪﻣﺪى ﻗﺎﻧﻐﯘدەك ﻛﯚرە! ﺑﯩﺮاق، ﺋﻪﻣﺪى ﺗﯧﻠﯟﯨﺰورﻧﻰ ﭼﯧﻘﯩﺸﻘﺎ ﺑﻮﻟﻤﺎﻳﺪۇ.ﻧﻮﭼﻰ ﺑﻮﻟﺴﯩﯖﯩﺰ ﭘﯘﻟﯩﯖﯩﺰﻏﺎ ﺳﯧﺘﯩﯟﯦﻠﯩﭗ ﭼﯧﻘﯩﯔ.
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-6 01:02:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاشىنىڭ غىڭشىشى ۋە تۇلپارنىڭ كىشنىشى
menggutash
بىر قېتىم ئامېرىكىدا مەشھۇر كومىدىيە چولپىنى چارلىز چاپلىننى دوراش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلۈپتىكەن، چارلىز چاپلىنمۇ چاندۇرماي قاتنىشىپ ئۆزىنى سىناپ بېقىپتۇ. ئويلىمىغان يەردىن چارلىز چاپلىن مۇسابىقىدە ئىككىنچى بولۇپ قاپتۇ. مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى  


بىزنىڭ بەزى ئىشلىرىمىزغا قاراپ ھەيرانۇ- ھەس بولۇپ قالىمەن. سۆيۈشۈش  غەربلىكلەرنىڭ نەزەرىدە قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنچىلىكلا ئورۇندا تۇرىدىغان سالاملىشىش ياكى مۇھەببەت ئىزھار قىلىش ۋاستىسى بولۇپ كەلگەن. ئەمدى بەزى قىز- يىگىتلەرنىڭ تازا ئادەم توپلاشقان جايلاردا چىرمىشىپ، سۆيۈشۈپ كەتكەنلىكىنى كۆرسەم، بۇ ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارغۇچى غەربلىكلەر ئىككىنچى بولۇپ قالىدىغاندەك ھېس قىلىمەن. خەلقىمىزدە >كۆرگەن كۆرگەننى قىلۇر، كۆرمىگەن نېمىنى قىلۇر< دېگەن ماقالىغا يارىشا، كۆرگىنىمىز كۆپەيگەنسېرى دورايدىغىنىمىزمۇ كۆپىيىشكە باشلىدى. بولۇپمۇ غەلىتىرەك ئىش- ھەركەتلەرنىڭ ئاۋام تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنىشى تېزرەك بولىدىكەن. مەدەنىيەت زور ئاپىتى مەزگىلى دوراش مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە گۈللەنگەن مەزگىل. بىراۋنى «يوقالسۇن» دەپلا قالسا ئۇ ئاتىسى بولسىمۇ تەڭ قارغاش كېرەك. ئاتا- بالىلىق مۇناسىۋەتنى ئۈزۈشمۇ ھەم شۇنىڭ ئىچىدە. شۇنداق ئالامانلار ئىچىدە ياشلىق باھارىنى توزۇتقانلار ئارىمىزدا تالايلاپ تېپىلىدۇ. شۇڭىمۇ مەيدانىنى ئېغىر دەرىجىدە يوقاتقان كىشىلەرنى بەزى ئادەملەر«بۇرنى بولمىسا پوق يەيدىغان» دەپ زەھەردەك چېقىۋالىدۇ. ئەينى چاغدا شوخلا زەھەرلىك مېۋە، دەپ قارىلىپ ھېچكىم يېيىشكە پېتىنالمىغان ئىكەن. ئۇزۇن يىللاردىن كېيىن بىرەيلەن جاننى ئالقانغا ئېلىپ قويۇپ شوخلىنى يەپتۇ. شۇندىن تارتىپ شوخلا قازان بېشىغا ئۆتۈپتۇ. ئەلۋەتتە، شوخلىنى قىيام قىلىش، كونسېرۋا ئىشلەش، قاق قىلىپ قۇرۇتۇشلار كېيىنكى تەرەققىياتنىڭ مەھسۇلى. شوخلىنى بايقاشنىڭ پاتېنتى ھېلىقى كىشىگە مەنسۇپ. مۇستەقىل تەپەككۇر ۋە تەۋەككۇلچىلىك روھى يېپيېڭى بىر ئالەمنى كۆز ئالدىمىزغا يايىدۇ. مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى  

جاھان بىپەرۋا ئادەملەرگە تولۇپ كەتكەندە، ئاقىللارنىڭ كۆزىدىن ئاقىدىغان ياشمۇ شۇنچە كۆپ بولىدۇ. غېرىبلىققا ئىت كۆنگەن بىلەن ئادەم كۆنمەيدۇ. بۇمۇ ئىنساننىڭ چىدامسىز يارىتىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى بولسا كېرەك. كەلمىشتىن كەتمىشكىچە كۈلپەت تارتىشتىن مۇددىئا نېمىدۇر؟ ئۆزۈمنى بىلسەم، بۇ دۇنيا تىنىمسىز ئۆزگىرىش ئىچىدە ئىكەن. مەن تەۋە بولغان بۇ قەۋمنىڭ ھېسابسىز بايلىق ئۈستىدە مېڭىپ يۈرگەن ئېشەك ھارۋىلىرى ئۇ مەھەللىدىن بۇ مەھەللىگە، ئۇ قەلبتىن بۇ قەلبكىچە توختىماي قاتناۋېتىپتۇ. ئەنئەنىنىڭ جىمجىت يۈزىدە بوۋا، ئاتا، بالىدىن ئىبارەت ئۈچ ئەۋلادنىڭ سۇسلىشىۋاتقان قانلىرى داۋالغۇپ تۇرۇپتۇ. ئەنئەنىنىڭ ساپلىقى ۋە ئۇلۇغلۇقىدىن بەھىرلەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن قەلبىمنىڭ پىنھان بۇلۇڭلىرىغا گېن تارىخىمنى پۈتۈپ قويۇپ رىئاللىققا قايتىپ كەلدىم. مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى  

مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ بىر ھېكايىسىدىكى باش پېرسۇناژنىڭ ئىككى ئەر كىشىنى بىرسىگە تونۇشتۇرغاندىكى «بۇ ھازىرقى ئايالىمنىڭ بۇرۇنقى دوستى. مانا بۇ بۇرۇنقى ئايالىمنىڭ ھازىرقى دوستى» دېگەن دىئالوگىنى ئويلىسام ئىختىيارسىز بىر كۈلكە چىرايىمغا تېپىپ چىقىدۇ. ئۇيغۇر تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلەش ئىمكانىيىتىنىڭ كەڭلىكى ھەم ئانا تىلدا تەپەككۇر قىلىپ، ئانا تىلدا پۈتۈك پۈتۈش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرى ئۈچۈن پەخىرلىنىپ قالىمەن. بۇنداق چاغدا «سۇ بويىدا» قاتارلىق كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا يۇقىرى ماھارەت بىلەن تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى ئاڭلىغان بىر خەنزۇ زىيالىينىڭ « سىلەرنىڭ ئاشۇ 32 ھەرىپىڭلار شۇنچە چوڭ ھەجىملىك ئەسەرنى تەرجىمە قىلىشقا يەتتىمۇ » دەپ سورىغاندا بىر ئۇيغۇر زىيالىينىڭ «يېتىپلا قالماي تېخى يەنە ئىككى تاغار سۆز ئېشىپ قالدى» دېگەن چاقچاق پارىڭى يادىمغا يېتىپ، مەستخۇشلۇققا چۆكىمەن. بىز ھەقىقەتەن كىلاسسىكلىرىمىزغا قەرزدار. «ئۆتنە جاھان» دېگەن شۇ بولسا كېرەك. ئاۋام تىلىدا ئاددىيلىق ئىچىدە پەلسەپە، سىداملىق ئىچىدە رەڭدارلىق بار. ئاتىلارنىڭ «ھۆل باشنى كۆتۈرۈپ يۈرمەك ئاسان ئەمەس» دېگەن بىر جۈملىسىنىڭ ئۆزىلا ئۇيغۇرنىڭ ئەسىر- ئەسىرلەردىن  بۇيانقى تۇرمۇش ھەلەكچىلىكى داۋامىدا ھاياتىنىڭ ھەر بىر كېچىكلىرىدە كۆرگەن كۆرمىش- ئەتمىشلىرىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى، تىرىكچىلىك دوقمۇشلىرىدا ئۇرۇلۇپ- سوقۇلۇپ كېتىۋاتقان ھالىتىنىڭ تېز سىزمىسى. مىسرانىم تورى ،ھازىر كۈندىلىك ئېقىم مىدارى ئۈچ يۈز مىڭدىن ھالقىغان مۇكەممەل توربەتكە ئايلاندى تور بېكىتىمىزنىڭ تەرەققىياتى مىسرانىمنى قوللىغانلارنىڭ تۆھپىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ مىسرانىمدىن ھەرقانداق ئىجادىي تېما كۆچۈرسىڭىز ئاپتور بىلەن مەنبە ،ئۇلىنىش ئادىرسى قاتارلىقلارنى چوقۇم قوشۇپ مېڭىڭ مودا ناخشىلارنى ئاڭلىماقچى بولسىڭىز مىسرانىم تور بېكىتى مۇزىكا سەھىپىسىگە كىرىڭ مۇھەببەت لىرىكىلىرى مىسرانىمنىڭ ئۆزگىچە خاس بىر سەھىپىسى!مەن مىسرانىم تورىنى ياخشى كۆرىمەن مىسرانىم تور بېكىتى بەك ياخشى مىسرانىمنى گۈللەندۈرۈشكە تېرىشايلى بۇ تېما مىسرانىمدىن بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىندى. تېمىنىڭ ئەسلى كېلىش مەنبەسى مىسرانىم تورى تور ئادىرسى بۇ تېمىنى كۆچۈرۈپ ھەممە توربەتنىڭ خاسلىقىغا تەسىر يەتكۈزمەڭ . ئەگەر تېمىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز ئەسلى ھەقىقىي مەنبەنى ئەسكەرتكەن ھالدا ئىشلىتىڭ مىسرانىم تورىنى راۋاجلاندۇرۇش ئۈچۈن مەڭگۈ تېرىشايلى  

مەڭگۈ تاشلارنى ساقلاپ ياتقان ئۇرخۇن ۋادىلىرى، گىياھ تاشلارنى ساقلاپ ياتقان باياۋانلار، بوستانلارنى ساقلاپ ياتقان كارىزلار، ئالتۇن كەبى ئۈگۈت- ھېكمەتلەرنى ساقلاپ ياتقان يۇمران ۋە ئىسسىق قەلبلەر بىز ئۈچۈن غەنىيمەت. قېنىمىزدا ئىنسان تۇنجى باسقان قەدەمدىن قالغان بىر گېننىڭ سەپىرى داۋاملاشماقتا. بىخلىنىش، ئاينىش، سولۇش، قۇرۇش گىياھتىن تارتىپ ئادىمىزاتقىچە داۋام قىلىۋاتقان قانۇن. ياپراق سولدى، لېكىن ئۇنىڭ يېشىللىق ئارخىپى ساقلىنىپ ئىككىنچى بىر گىياھتا ئايان بولدى. ئىنسان ئۆلدى،
12- ئاپرىل
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-7-24 22:54:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
QQ دىكى مۇھەببەت

(ھېكايە)

ئەنۋەر جۇلا

ئېسىمدە قېلىشىچە، شۇ كۈنى يىگىتىمنىڭ كىرلىرىنى يۇيىۋاتاتتىم، يىگىتىم كومپيوتىرىنى ئويناپ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كەتكەن ئىدى. بەلكىم بىردەم شامالداپ كىرگۈسى ياكى ھاراق ئىچكۈسى كەلگەندۇ... تېلېفۇن جىرىڭشىدى، ئالسام ناتۇنۇش بىر ئايال مەندىن ئەھۋال سورىدى. مەنمۇ جاۋابەن ئۇنىڭدىن ئامانلىق سورىدىم. «تېچلىقمۇ، سالامەتمۇ ئۆزلىرى، ئۆي ئىچى بالا-ۋاقىلار تېچلىقمۇ » دەپ ئەھۋال سورىشىشلا تۈگىگەندىن مەن ئۇ ئايالنىڭ كىملىگىنى سورىدىم.
_ سىز ئەڭ ياخشىسى مېنىڭ كىملىگىمنى سورىماڭ، سىز مېنىڭ سورىغان سۇئالىمغا جاۋاپ بەرسىڭىزلا بولدى، _ دېدى ئۇ ئايال مۇلايىم ئاۋاز بىلەن. ئاۋازىدىن 30- 35ياشلار چامىسىدىكى ئايال ئىكەنلىكىنى پەرەز قىلدىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ سەل غەلىتە ھىس قىلدىم.
_ ئۇنداقتا سىز مېنى تونۇمسىز؟_ ئاۋازىم غاراڭ-غۇرۇڭ چىقىپ كەتتى.
_ تونۇمىسام سىزگە تېلېفۇن قىلارمىدىم سىڭلىم، تازا ئوبدان تونۇيمەن..._ دېدى ئۇ ئايال بايىقىدىن سەل باشقىچە تەلەپپۇزدا. ھاۋا تونۇردەك قىزىق بولغاچقا تەرلەپ تۇراتتىم. بۇ گەپنى ئاڭلاپ قىزىق چاينى ئوتلىغاندەك چېكەمدىن تەر قۇيۇلدى. كۆڭلۈمدە بۇ ئايالنى تېلېگراف شېركىتىنىڭ تېلېفۇن ھەققىنى سۈيلىگىچىسى خادىمى، باجگىر، ساقچى ئىشقىلىپ ھەر خىل ئوبرازدا تەسەۋۋۇر قىلىپ باقتىم. بەلكى ھەق ئېلىش تۈرىدىكى بىرەر مۇلازىمەتچى خادىم بولسا كېرەك، دەپ پەرەز قىلدىم.
_ ئەجەپ ئىش سىز مېنى تونۇيدىكەنسىز، بىراق مەن سىزنى تونۇمايدىكەنمەن، _ دېدىم ئۇ ئايالغا.
_ شۇنداق، _ دېدى ئۇ ئايال، _ سىز ھاياتىمدىكى ئەڭ مۇھىم بىر ئادەم، سىزنى كېچە-كۈندۈز خىيال قىلىمەن، نەپرەتلىنىمەن، يەنە بىر تۇرۇپ ئىچ ئاغرىتىمەن، _ دېدى ئۇ ئايال.
بۇ گەپنى ئاڭلاپ مۇزلاپ كەتتىم. نورمال كېتىۋاتقان ئاپتوموبىل ئۆز كونتروللىقىنى يوقاتقاندەكلا ھودۇقۇپ كەتتىم.
_ سىز ساقچىمۇ، نىمىشقا مېنى ھاياتىڭىزدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم دەپ بىلىسىز، نىمىشقا كېچە-كۈندۈز مېنى خىيال قىلىسىز، نەپرەتلىنىسىز، ئىچ ئاغرىتىسىز؟_ لاغىلداپ تىترىگىنىمچە بۇ سۇئاللارنى سورىدىم.
ئۇ ئايال ساراڭدەك قاقاھلاپ كۈلۈپ ئارقىدىن يىغلاپ كەتتى، ئاندىن:
_ مەن باشتا دېدىمغۇ، سىز سالاھىيىتىمنى سورىماڭ، سالاھىيىتىمنى ھازىر ئۇقسىڭىز قاتتىق قورقۇپ كېتىسىز، ئازاپلىنىسىز، ئەڭ ياخشىسى سورىغان سۇئاللىرىمنىڭ ئۆزىگىلا جاۋاپ بېرىڭ، _ دېدى ئۇ ئايال.
_ قانداقسىگە، نېمە ئۈچۈن؟ بۇ...بۇ...ساراڭ..._ تېلېفۇننى تاققىدە قويۇۋەتتىم. شۇ تاپتا كاللامدا چاقماق چېقىلىپ، گۈلدۈرماما گۈمبۈرلەيتتى. ناھىيىتى قالايمىقان پەرەزلەر چاقماق تېزلىكىدە خىيالىمدىن كېچەتتى.
سەل تۇرۇپ تېلېفۇن يەنە جىرىڭشىدى. بىر ئالماي دەپ يەنە ئالدىم.
_ جېنىم سىڭلىم، گېپىمنى سەۋر-تاقەتلىك بىلەن ئاڭلاڭ، مەن ئەسكى ئادەم ئەمەس، بەلكى سىزگە ھىسداشلىق قىلىدىغان بىر ئاقكۆڭۈل ئايال..._ دېدى ئۇ ئايال تېلېفۇننى ئېلىشىمغىلا مىشىلداپ.
_ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە گاڭگىراپلا قالدىم ھەدە، بەك غەلىتە گەپ قىلىدىكەنسىز، ئادەمنى قورقۇتماي گەپنىڭ توچكىسىنىلا دەڭ، مەن بەك قورقۇنچاق قىز، _ دېدىم ئۆزەمنى ئىلاجى بار سالماق تۇتۇشقا تىرىشىپ. ئايالنىڭ «مەن ياخشى ئادەم،سىزگە ھىسداشلىق قىلىمەن» دېگەن سۆزىدىن سەل پەسكويغا چۈشۈپ قالغاندەكمۇ قىلاتتىم. لېكىن شۇملۇقنىڭ بىشارىتى بۇرنۇمغا پۇراپ تۇراتتى.
_ قىز؟ ھا!ھا!ھا!... سىز ئۆزىڭىزنى بېسىۋېلىپ تۇرۇڭ، بەزىبىر گۇمانىڭىزنى ساقىت قىلىۋېتەي، سىزنى قانداق تونۇيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى ئۇ ئايال.
_ قۇلىقىم سىزدە..._ بۇ ئايال بىلەن سۆزلىشىشكە تاقىتىم قالمىغان بولسىمۇ لېكىن يەنە بىر قېتىم تېلېفۇننى قويۇۋېتىشكە زادى جۈرئەت قىلالمىدىم.
_ ئىسمىڭىز پەرىدە، توغرىمۇ؟
_ شۇنداق مەن پەرىدە.
_ 26ياش.
_ توغرا.
_ شەھەرلىك 29- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقىچىلىق قىلىسىز، ئەدەبىيات دەرسى بېرىسىز.
_ ئېيتىۋېرىڭ...
_ شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە بىر پارچە سۈرىتىڭىزگە قاراپ ئولتۇرۇپتىمەن، نۇر يېغىپ تۇرىدىغان ئاپئاق،يۇمران يۈز، يوغان،نۇرلۇق قارا كۆزلەر، ئۇزۇن، ئەگمەچ قاش،ئىلىپتەك قاڭشار، سەل قېلىن، لېكىن ئۆزىگە خوپ ياراشقان يېرىم يۇمۇق لەۋلەر ئارىسىدىن مارىلاپ قالغان سەدەپتەك ئاپئاق بىر نەچچە تال چىش، سۇس بۈدۈر قىلىنغان چاچلار ناۋاترەڭ ئۆزە ياقىلىق پوپايكىنىڭ مۈرىسىگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ...
_ بولدى ئېيتماڭ..._ دېدىم تېخىچە گاراڭ ھالەتتە.
_ ئىشەنمىسىڭىز، كىملىك گۇۋاھنامىڭىزنىڭ كۇپىيە نۇسخىسىمۇ مەندە بار. ئۇنىمۇ دەپ بېرەيمۇ؟
_ بولدى ھاجىتى يوق، سىز نىمىشقا مېنىڭ پېيىمگە چۈشىسىز، بۇنداق قىلىش نېمىگە ھاجەت بولۇپ قالدى؟ _ قوپاللا ئېيتتىم.
_ دېمەك ئەمدى پاراڭلاشساق بولىدىكەن، _ دېدى ئۇ ئايال سۇئالىمغا جاۋاپ بەرمەي.
_ نېمىنى پاراڭلىشىمىز، بىلمىدىم، سىزگە زادى نېمە كېرەك؟
_ بۇنى كېيىن دېيىشىمىز، مەن سىزنى بۇنچىلىك ياخشى بىلگەن بىلەن ئەمما ئىككىمىزنىڭ ئارىلىق تولىمۇ يىراق، سىز ئۈرۈمچىدە، مەن بولسام قەشقەردە. ئىككىمىز ئۇرۇق-تۇققانمۇ ئەمەس، ھەم ئەشەددى رەقىپلەرمۇ ئەمەس، بەلكى ئورتاق زىيانلانغۇچىلار...
_ نېمىدە ئورتاق زىيانلانغۇچىلارمىز؟
_ ئەمدى دەيدىغان يېرىگە كەلدى، سىز ناھىيىتى سەمىمىلىك بىلەن جاۋاپ بېرىڭ، جۈرئەتنىڭ ھازىر قېشىڭىزدا يوقلىقىنى ئوبدان بىلىمەن. ئۇ مېنىڭ ئېرىم بولىدۇ، ئەستا! بۇ گەپنى ھازىرچە دېمەي تۇراي دەپ ئويلىغان ئىدىم، لېكىن سىز قىستاپ شۇ يەرگە ئاپاردىڭىز...
بېشىمنىڭ ئۈستىدە يەنە بىر قېتىم چاقماق چېقىلدى. باياتىندىن بېرى بۇ خىل ئېھتىماللىقنى غىل-پاللا خىيالىمدىن ئۆتكۈزگەن ئىدىم. لېكىن جۈرئەتنىڭ ماڭا بولغان مۇھەببىتى، سەمىمىي ئىپادىسى، بارلىق ئىش-ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ماڭا قالدۇرغان تەسىراتلىرى ھەرقانداق گۇماننى سىغدۇرمايتتى.
ھېلىمۇ ئۇ ئايالنىڭ بۇ سۆزىگە ئىشەنمىدىم.
_ سىز راستىنلا خاتالىشىپسىز، بۇ مۈمكىنمۇ؟ جۈرئەتنىڭ قانداقسىگە ئايالى بولسۇن، بولۇپمۇ قەشقەردىن، توۋا...
_ سىز جۈرئەتنىڭ دەل مۇشۇ يېرىگە ئالدىنىپ كەتتىڭىز، ئۇ سىزگە دېگەندەك ئۈرۈمچىلىك ئەمەس ھەم ئۈرۈمچىدىكى ئۇ كاتتا شېركەتنىڭ مۇئاۋىن دېرىكتورىمۇ ئەمەس، مۇنداقچە ئېيتقاندا ئۇ بىر مەككار قويمىچى.
_ نېمە؟ ھا!ھا!ھا!..._ قاقاھلاپ كۈلۈپ كەتتىم، بۇ «ئېغى بار، بېغى يوق» گەپ راستلا كۈلگۈمنى كەلتۈرىۋەتكەن ئىدى. يىگىتىمنى ئۆزەمنىڭ ئەينەك ئالدىدىكى چىرايىمدەك چۈشەنمىسەم كاشكى! ئۇنىڭ 120كۋادىرات مېتىرلىق ئۆيىدە نىكاھسىز ئەر-خوتۇن بولۇپ تۇرىۋاتقىلى 1يىل بولاي دېگەن تۇرسا، ئۇنىڭ ئۈستىگە شەھەرنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىدىكى خىزمەت بىناسىنىڭ 12-قەۋىتىكى ئازادە ئىشخانىسىغىمۇ مېنى نەچچە قېتىم ئەكىرگەن، كىرىسلودا مېنى تىزىغا ئولتۇرغۇزۇپ قويۇپ سۆيۈۋاتقىنىدا كاتىپ قىزمۇ كىرىپ قالغان، يىگىتىمنىڭ بۇيرۇشى بىلەن شۇ شېركەتنىڭ نامىدىكى مائاش كارتىسىدا ئۆز قولۇم بىلەن بىر قانچە قېتىم مائاشىنى ئالغان تۇرسام... ئېنىقكى، بۇ بىر كولدۇرلىتىش، ئۇ ئايال چوقۇم مېنى كولدۇرلىتىۋاتىدۇ ياكى يامان غەرەزدە بىرەر نەرسە ئۈندۈرمەكچى بولسا كېرەك...جۈرئەت قانداقسىگە قەشقەرلىك بولسۇن،قەشقەردىن ئايالى بولسۇن، ئۇ ئايال دېگەندىكىدەك مەككار قويمىچى بولسۇن؟ مىڭ ئويلىساممۇ ئۇنىڭ شۇنداق بولۇش ئېھتىماللىقىنى جۈرئەتنىڭ مەن بىلىدىغان بارلىق ئىشلىرى لوگىكا جەھەتتىن ئۇنداق ئەمەس دەپ خۇلاسە چىقىراتتى.
_ سىز كۈلمەڭ، مەن ئەستايىدىل گەپ قىلىۋاتىمەن، ئېرىم كومپيۇتېر زاپچاسلىرى سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر سودىگەر. ئۇنىڭ سىزگە مەن تېگىمدىن ئۈرۈمچىلىك دېگىنى پۈتۈنلەي يالغان، « باھادىر شېركىتى» دە ئىشلەيمەن دېگىنىمۇ قىپقىزىل ئالدامچىلىق، بىر ئايدىن بېرى پۇل بىلەن ئادەم ياللاپ ئېرىمغا پايلاقچىلىققا سالدىم، ئۇنىڭ ئاشۇ شېركەتتە قانداق سالاھىيەتكە ئىگە بولىۋالغىنىنى، كىمنىڭ ئۆيىنى بېقىپ ئولتۇرىۋاتقىنىنى، سىزنى قانداق ئىندەككە كەلتۈرگىنىنى، قانداق خوتۇن قىلىۋاتقىنىنى ھەممىسىنى بەش قولدەك بىلىپ بولدۇم. ھەتتا ئىككىڭلارنىڭ كارىۋاتتىكى سۈرىتىڭلارنىمۇ قولغا چۈشۈرۈپ بولدۇم. سىلەر تېخى مۇشۇ ئاينىڭ 19-كۈنى توي قىلىمىز دەۋاتىسىلەر. ئۇنىڭ خوتۇنى ۋە ئىككى بالىسى بار ئادەم تۇرسا بۇ مۈمكىنمۇ؟ مەن سىزگە سەمىمىي، خەيرخاھلىق بىلەن گەپ قىلىۋاتىمەن سىڭلىم، ۋاقتىدا ئەقلىڭىزنى تېپىۋېلىڭ. مەن سىزنىڭ داۋاملىق ياشلىق باھارىڭىز ۋە ئىستىقبالىڭىزنى نابۇت قىلىۋېرىشىڭىزگە چىداپ بولالمىدىم. ئېرىمنى ماڭا قايتۇرۇپ بېرىڭ، دېيىشىمنىڭمۇ ھاجىتى يوق، چۈنكى ئۇ مېنىڭ قانۇنلۇق ئېرىم، ئىككى بالامنىڭ دادىسى، بۇ رىئاللىقنى ئۆزگەرتمەي تۇرۇپ ئۇ سىز بىلەن ھەرگىز توي قىلالمايدۇ. ئەمدىغۇ گېپىمنى چۈشەنگەنسىز...مەن پەقەت سىزنى دەپلا مۇشۇنداق قىلىۋاتىمەن، مەنمۇ سىزگە ئوخشاش ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، تۈزۈك ئورۇندا خىزمىتى بار ئاڭلىق ئايال، بولمىسا سىزگە ۋە ئېرىمگە بولغان نەپرىتىمنى قىساس ئېلىش ئارقىلىق باسىدىغان رەزىل پىلانلارنىمۇ ئويلاپ قويغان ئىدىم. مەكتىپىڭىزگە، سوتقا ئەرىز قىلساملا ھەر ئىككىڭلار تۈرمىگە تاشلىناتتىڭلار، ھېچ بولمىدى دېگەندىمۇئەخلاقنىڭ قاتتىق ئەيىپلىشىگە ئۇچرايتتىڭلار، سىزمۇ خىزمىتىڭىزدىن ئايرىلىپ قالاتتىڭىز، لېكىن ھازىرغىچە مەن ئىگەللىگەن ئەھۋاللارغا قارىغاندا سىزدە گۇناھ يوقكەن، خىزمەت ۋە باشقا جەھەتتىكى ئىپادىڭىز ھەممە ئادەمنىڭ قايىللىقىنى كەلتۈرىدىكەن، شەھەر بويىچە مۇنەۋۋەر ئوقۇتقۇچى ئىكەنسىز، تونۇش-بىلىشلىرىڭىز ۋە خىزمەتداشلىرىڭىزنىڭ ھەممىسى سىزگە بەك ياخشى قىز دەپ يۇقىرى باھا بېرىدىكەن....لېكىن سىڭلىم، مۇشۇ ئىشتا ئىنتايىن ئەقىلسىزلىق قالدىڭىز. قانداق دېگەن ئىشلىمىگەن كاللا، نىكاھ ئوقۇتماي تۇرۇپ بىر ئۆيگە كىرىۋالىدىغان ئىش نەدە بار؟ سىز ئۇيغۇرمۇ ياكى باشقا تائىپىدىنمۇ؟ شۇنداقمۇ ئەقىلسىزلىق قىلامسىز سىڭلىم...
گەپ بۇ يەرگەندە ئۇ ئايال ھۈڭگۈرەپ يىغلاپ كەتتى، مەنمۇ ئۆپكەم تېشىغا ئۆرۈلۈپ ئۆزەمنى تۇتىۋالالماي يىغلاپ كەتتىم. « بۇ نېمە ئىش، ئوڭۇممۇ چۈشۈممۇ؟ ئەجابا شۇ قەدەر شىرىن، شۇ قەدەر بەختلىك، شۇ قەدەر رومانتىك، شۇ قەدەر گۈزەل كېتىۋاتقان بۇ تۇرمۇشىمىزغا تۇيۇقسىزلا رەھىمسىز توپان ھۇجۇم قىلسا...ئاھ خۇدا...»
ئايال سەل تۇرۇپ گېپىنى يەنە داۋام قىلدى. سۆزلىرى قۇلىقىمدىن كاللامغا ئەمەس، ئۇدۇل يۈرىكىمگە كىسلاتادەك قۇيۇلماقتا ئىدى.
_ ئاخىرى مەن سىز ۋە ئېرىمنى ۋەيران قىلىدىغان پىلانىمدىن ۋاز كەچتىم. بۇنداق قىلسام ئائىلەم، ئىككى بالام، سىز ۋە مەن ئوخشاشلا ۋەيرانچىلىققا دۇچار بولىدىكەنمىز، مەن ئۆزەمنىڭ مائاشى بىلەن ئىككى بالامنى گۈلدەك بېقىپ كېتەلەيمەن. لېكىن، بالىلىرىم چوڭ بولغاندا دادىسىنىڭ رەزىل ئۆتمۈشىدىن يىرگىنىشىنى، باشقىلار تەرىپىدىن ھەر نېمە گەپلەرنى ئاڭلاپ ھاقارەتكە ئۇچرىشىنى خالىمىدىم، ئەقلى بار ئادەمگە ۋىجدان ئازابى سېلىشتىنمۇ ئارتۇق تۈرمە بولمىسا كېرەك. بالىلىرىم ۋە ئائىلەمنىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن مەن جۈرئەتنى ئۆزەمگە قايتۇرۇپ كەلدىم. شۇنى سەمىڭىزگە سېلىپ قويايكى، سىزدە بار چىراي مەندىمۇ بار، ھەم ئېرىمنى بويسۇندۇرغىدەك ئىقتىدارمۇ مەندە بار. بىراق ئېرىمنىڭ تۇرقىغا قارىسام كۆڭلۈم ئېلىشىدۇ، بۇنىڭلىق بىلەن ئۇنىڭدىن ۋاز كەچمەيمەن، ئۆزەمنىڭ، ئائىلەمنىڭ ئار-نومۇسى ئۈچۈن بۇ خورلۇقنى كۆتۈرۈشكە مەن رازى. مەن، قېينئاتام ۋە قېينئاناملار بىلەن بۈگۈن ئۈرۈمچىگە چۈشتۇق. كېلىپلا جۈرئەتكە تېلېفۇن قىلدۇق. ئۇ ھازىر قېشىمىزدا، سىزگە تېلېفۇن قىلىۋاتقىنىمنىمۇ ئاڭلاپ ئولتۇرىدۇ. ئۇنىڭغا ھەممە ئەھۋالنى ئۇققانلىقىمىزنى ئېيتتۇق... بىزنىڭ گېپىمىزنى يۇۋاشلىق بىلەن ئاڭلاپ بىز بىلەن بىللە كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭغا شۇنداق قىلماي نېمە ئامال؟ ئۇنداق قىلمايدىكەن ئۇنى كۈتۈپ تۇرۇۋاتقىنى ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت...سىزمۇ بىر زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى سىڭلىم، ئەڭ ياخشىسى ئېرىم ئۈستىدىن سوتقا ئەرز قىلماڭ، ئەرز قىلسىڭىزمۇ سىزگە ھېچقانداق پايدىسى يوق. جەمئىيەتتىكى يۈز- ئابرويىڭىز قاتتىق تۆكۈلىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنى ئۆزىڭىز خالاپ قىلدىڭىز، ئېرىم سىزنى مەجبۇرلىمىدى، ھەممىنى ئۆزىڭىزنىڭ شور پىشانىلىقىڭىزدىن كۆرۈڭ... ھە راست، سىز ھازىر ئولتۇرىۋاتقان بۇ ئۆيدىن دەرھال كۈدە-كۈپىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ چىقىپ كېتىڭ. مەن ياللىغان تىڭتىڭچى ۋە جۈرئەتنىڭ ئېيتىشىچە بۇ ئۆي ئۇنىڭ ئىچكىرىدە تىجارەت قىلىۋاتقان بىر ئاغىينىسىنىڭ ئۆيىكەن. ئۇ ئاغىينىسى يېقىنداشاڭخەيدىن قايتىپ كەلمەكچى ئىكەن...
بىردىنلا كاللامنىڭ ئىچىدە ياغاچ تىلىش ماشىنىسىنىڭ ئاۋازىدەك چىرقىراق بىر ئۈن غەليان كۆتۈردى. كۆز ئالدىم قاراڭغۇلۇققا تىقىلدى... كەچقۇرۇن بولغاندا ھۇشۇمغا كەلدىم. ئۆي ئىچى كۆزۈمگە مۇدھىش دوزاقتەك كۆرۈنەتتى. ئۆزەمگە تەئەللۇق بولغان گىرىم بۇيۇملىرى ۋە كىيىم- كېچەكلىرىمنى بىر چامىدانغا پۇرلاپ تىقتىم –دەؿماغدۇرسىؿپۇتلىرىمنى تەستە يۆتكەپ ئۆيدىن چىقىپ كەتتىم...
(2)
ئۇ ئىش يۈز بېرىپ ئارىدىن 4ئاي ۋاقىت ئۆتتى. ئۇ چاغ يازنىڭ تازا تومۇز ئىسسىق ۋاقتى بولسا ھازىر ھەممە يەر كۆك مۇز بىلەن قاپلانغان قارا قىش. كۈندا دېگۈدەك قار ياغىدۇ، قار يېڭى ياغقاندا شۇ قەدەر ئاق ۋە پاك. لېكىن سائەت ئۆتمەيلا ئۈرۈمچىنىڭ ئىس-تۈتەكلىرى ئاپئاق قارنى ئۆزىدەك قارا ۋە مەينەت قىلىۋېتىدۇ. قارنىڭ بۇ قىسمىتى بىلەن مېنىڭ قىسمىتىم نېمىدېگەن ئوخشاش-ھە! چوڭ كوچىدىكى كۆك مۇزلارنى تېيېلىپ كەتمەي دەپ ئاۋايلاپ دەسسەپ مېڭىپ مەن ئىجارىگە ئېلىپ ئولتۇرىۋاتقان ئىككى ئېغىز كۈتلەك ئۆيۈمگە قايتىش ئۈچۈن ئارقا كوچىغا قايرىلىپ ئوشۇققىچە كېلىدىغان قارنى دەسسەپ ماڭدىم. بۇ مېنىڭ « نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى» دىن ساقىيىپ چىققىنىمغا بىر ھەپتە بولغان ۋاقىت ئىدى. قار يېڭى ياغقاچقا ئاپئاق ۋە پاكىزە ئىدى. خۇددى مېنىڭ بىر يېرىم يىلدىكى ھالىتىمگە ئوخشاش. ئۇ چاغدا مەن خۇددى مۇشۇ ئايىقىم ئاستىدىكى غىچىلداۋاتقان قارغا ئوخشاش ئاپئاق ۋە پاك ئىدىم. لېكىن ھازىر مەن ئاپئاق ئەمەس، يۈزلىرىمنى تورغاينىڭ پوقىدەك قارا داغ بېسىپ كەتتى، بۇرۇنقى ئىپەكتەك يۇمشاق چاچلىرىم تولا يۇلىنىپ ھېچنىمىسى قالمىدى، ھازىر چىرايىم ئىلگىرىكىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ، گىرىم قىلسام تېرەمگە گىرىم ئىچمەيدۇ. قارا داغ ئاستىدىكى يۈز تېرەم بىر خىل كۆك كۆرۈنىدۇ. خۇددى چوڭ يولدىكى مۇزغا ئوخشاش. كۆزلىرىمنىڭ قىزلارغا خاس پاك رەڭگى يوقۇلۇپ ئىشرەتخانىدىكى پاھىشە قىزلارنىڭ كۆزلىرىگە ئوخشاپ قالغان، ئەينەككە قارىسام ئۇنىڭدىن ئۆزەممۇ ئىشەنمەيدىغان بىر خىل غەلىتە، يېقىمسىز نۇر چاقناپ تۇرىدۇ. ئەينەككە كۆزۈمنى ھەر خىل قىلىپ قاراپ باقتىم. ھەر خىل سۈرمىلەرنى سۈركەپ باقتىم، مۇلايىم قاراپ باقتىم، كۈلۈپ قاراپ باقتىم، يىغلاپ قاراپ باقتىم، بەرىبىر ئوخشاش. ئۇنىڭدىكى پاك نۇر يوقالغىنى يوقالغان ئىدى. كوچىدا ماڭسام كۆزۈمنى باشقۇرالمايمەن. ئەرلەردىن شۇنچىلىك نەپرەتلىنىمەن، ھەممىسىنى تۇرپان ئويمانلىقىدەك كېلىدىغان ئازگالدىن بىرنى كولاپ يالقۇنتاغدەك كېلىدىغان توپا بىلەن كۆمۈۋەتكۈم كېلىدۇ. لېكىن كۆزلىرىم ئىختىيارسىز ئەرلەرنىڭ كۆزىنىڭ بالىخانىسى تەرەپكە تىكىلىپ قالىدۇ...ئىچ- ئىچىمدىن بىر ئۆرتىلىش يامراپ چىقتى. لېكىن دوختۇر مېنى كۆڭلىڭىزنى ئازادە تۇتۇڭ، ئوشۇق ئىشلارنى كاللىڭىزغا كىرگۈزىۋالماڭ، قاتتىق ئازاپلانسىڭىز كېسىلىڭىز يەنە قوزغىلىدۇ دېگەن ئىدى. شۇڭا بۇ خىل ئازاپلىق تۇيغۇدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن جايىمدا بىر دەم تۇرۇپ ئايىقىم ئاستىدىكى ئاپئاق قارغا زەن سېلىپ قارىدىم. ئايىقىمدا دەسسەلگەن قار يۇندىغا ئايلانغان ئىدى. لېكىن ئاياق تەگمىگەن قار شۇ قەدەر ئاق، شۇ قەدەر بىغۇبار ئىدى. ئاسمان يۇندىدەك مەينەت، كىشىلەر موكىدەك ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان چوڭ يولدىكى قار- مۇزلارمۇ بەڭگىلەرنىڭ تۈكۈرىكىدەك مەينەت، لېكىن كىشىلەرنىڭ ئايىقى تەگمىگەن جاي شۇنچىلىك ئاپئاق ۋە پاكىزە ئىدى. مەن كۆزلىرىمنى ئىلاجى بار كىشىلەرنىڭ ئايىقى تەگمىگەن جايغا ئاپىرىشقا تىرىشتىم. ئاپئاق قار كۆڭلۈمگە بىرئاز تەسەللى بولدى. لېكىن ئاشۇ يۇندىدەك ئاسماننىڭ بىر تەرىپىدە سۇس چاقناپ تۇرغان قۇياشنىڭ زەئىپكىنە نۇرىدا سۇس جىمىرلاپ مېنى زاڭلىق قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى... خالتا كوچىنىڭ ئايىقىدا بىر توپ بالىلار پەيدا بولۇپ قارنى پوڭزەك قىلىشىپ بىر-بىرىگە ئېتىشىپ ئوينىغىلى تۇردى. ئۇلارنىڭ شۇ تۇرقى شۇ قەدەر سۆيۈملۈك، قەلبى گويا ئاپئاق قاردەك ئاق ۋە بىغۇبار. ئۇلارنىڭ چۇرقىراشلىرىغا قاراپ يەنە بىر دەملىك ئازاپتىن خالاس بولدۇم. ئاندىن ئۇلار تەرەپكە قاراپ ئاستا ماڭدىم. قارنى بۇلغىۋەتمەي دەپ قارغا بوش دەسسىدىم. بەرىبىر، ئاياق قويىشىم بىلەن قار غاچىلداپ ئاۋاز چىقىراتتى، ئاندىن دەسسەلگەن يەردىن يۇندىدەك سۇ ئاقاتتى. بىر كەمدە، ئالدىمدا بىر-بىرىنى قولتۇقلىشىپ كېلىۋاتقان 35ياشلار چامىسىدىكى سالاپەتلىك بىر ئەر بىلەن 25ياشلار چامىسىدىكى قۇمچاقتەك بىر قىز پەيدا بولدى. ئەر ئۇزۇن بېغىررەڭ پەلتۇ كىيگەن، بوينىغا چىرايلىق چاقماق گۈللۈك شارپا ئارتىۋالغان، چاچلىرى توزغۇپ تۇرغان كېلىشكەن يىگىت ئىكەن، قىزمۇ ئۇنىڭغا پار كەلگەن بولۇپ ئۈرۈمچىنىڭ يىگانە گۈزەللىرىدىن ئىدى. تىكىلىپ قارىمايمەن دەپ يەنە تىكىلىپ قاراپ قالدىم، بولۇپمۇ يىگىتكە. يىگىت باشتا ماڭا پەرۋا قىلمىدى، لېكىن يېنىمدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ قىز ھەمرايىغا چاندۇرماي كوچىغا ئوۋ ئوۋلىغىلى چىققان ئىشقىۋاز يىگىتتەك ئەپجانىمغا بىر قارىدى. كۆزۈمگە قاراپ بىر كۆزىنى شوخلۇق بىلەن قىسىپ قويۇپ ئۆتۈپ كەتتى. ئاندىن سەل نېرىسىغا بېرىپ ئاپئاق قارنىڭ ئۈستىگە شىرىتتىدە بىرنى تۈكۈردى. تۈكۈرۈك قارنىڭ ئۈستىگە ئەمەس، خۇددى مېنىڭ يۈزۈمگە چۈشكەندەك ئەندىكىپ كەتتىم. « نىمىشقىمۇ ئۇنىڭغا قارىغان بولغىيتتىم، بۇ كۆزۈمنى نىمىشقا باشقۇرالمايمەن، ئۇمۇ نىمىشقا بىر ئوبدان گۈلدەك ئايالى تۇرۇپ ماڭا پاھىشىۋازدەك قارايدۇ، يەنە سەل نېرىسىغا بېرىپ تۈكۈرىدۇ...ئاھ خۇدا، مەن قانداق ئادەمگە ئۆزگىرىپ قالدىم-ھە...» مېنى شۇ قەدەر يىغا تۇتۇپ كەتتىكى ھۆڭرەپ يىغلىۋېتىشتىن ئۆزەمنى ئارانلا تۇتىۋالدىم. دوختۇر ماڭا قاتتىق ھاياجانلىنىشتىن پەرز تۇتۇشنى ئېيتقان ئىدى. بولمىسا يەنە ساراڭ بولۇپ قالىمەن. نېرۋا كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىغا يەنە بىر قېتىم كىرىپ قالغۇم يوق...ئۆيگە قانداق كىردىم، ئەيتاۋۇر يۈگۈرۈپ كەلگەندىمەن. ماڭا ئۆگزىسىدىكى ئىككى ئېغىزلىق چالما ئۆيىنى ئايلىغىنى 150سومغا ئىجارىگە بەرگەن قاسساپنىڭ ھويلىسىغا كىرىپ مايماق شوتىغا يامىشىپ چىقىۋاتقىنىمدا قاتتىق ھاسىراپ كەتكىنىمنى ھىس قىلىپ ئدندىن بۇ يەرگە كەلگۈچە جان-جەھلىم بىلەن يۈگۈرگىنىمنى، يولدا بىر قېتىم تېيىلىپ يىقىلىپ چۈشۈپ پەلتۇيۇمنى پاتقاقتا بۇلغىۋالغىنىمنى ئېسىمگە ئالدىم. ياتاق ئۆيۈمگە كىرىپلا دوختۇر ئۈزمەي ئىچىشكە بۇيرىغان دورىدىن بىر تالنى ئاغزىمغا سالدىم-دە، كارىۋاتقا ئۆزەمنى دۈم تاشلاپ بۇقۇلداپ يىغلىۋەتتىم...كارىۋات مۇزدەك سوغۇق ئىدى. ئالتە تال قوغۇشۇن سۈمبە ئورنىتىلغان پار ئۆينى تۈزۈك ئىسسىتالمايتتى. بىر دەم يىغلاپ ئىچىم سەل بوشىغاندىن كېيىن كۆرپىنى سېلىپ، يوتقاننى تارتىپ يېپىندىم. ئۇخلىساملا ھەممە ئازاپنى ئۇنتۇپ كېتىشكە ئىشىنەتتىم. يوتقاننى بېشىمغا چۈمكەپ كۆزۈمنى چىڭ يۇمدۇم. ئاندىن بىردىن تارتىپ ساناق ساناشقا باشلىدىم...كۆزۈم ئۇيقۇغا باراي دېدىيۇ، مۈمكىنمۇ، ھېلىقى ئازاپلىق ئەسلىمىلەر يەنە كاللامغا كىرىۋالدى...
(3)
بۇندىن بىر يېرىم يىل بۇرۇن ئۈرۈمچىدە يېڭى ياغقان قاردەك ئاپئاق، بىغۇبار، گۈزەل، بەختىيار بىر قىز ئىدىم. شىنجاڭنىڭ ئەڭ چەت يېرىدىن ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئوقۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆزىدە قېلىشنىڭ ئۆزىمۇ مەن ئۈچۈن يېتەرلىك بەخت ئىدى. يۇرتۇم شىمالدىكى ئەڭ چەت بىر ناھىيىدە ئىدى. مەن ئاتا-ئانامنىڭ ئىككىنچى ئارزۇلۇق قىزى ئىدىم. مەلۇم ئىنىستىتۇتنى ئەلا نەتىجە بىلەن پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئاتا-ئانام يېنىپ كەل دېسە ئۇنىماي، ئۈرۈمچىدە قېلىش ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىمنىڭ ئۆيلىرىدە قېلىنلىق بىلەن يېتىپ قوپۇپ يۈرۈپ يېرىم يىلنى ئۆتكۈزگەن ئىدىم. شۇ قەدەر جاھىللىقىمقا گەپ يىگۈزەلمىگەن دادام ئاخىرى بىر كۈنى ئۆزى كېلىپ پۈتۈن ئۆمرىدە تاپقان-تەرگىنىنى سەرپ قىلىپ يۈرۈپ مېنى ھازىرقى خىزمەت ئورنۇمغا ئورۇنلاشتۇرۇپ قويغان ئىدى. شۇ چاغدا دادام:
_ قىزىم، ئاپىڭىز بىلەن ئىككىمىزنىڭ پۈتۈن ئۆمرىمىزدە يىغقان ۋەجى سىزنى ئوقۇتۇش ۋە بۇ قېتىمقى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇش ئىشى بىلەن پاك-پاكىزە تۈگىدى. قېشىمىزغا يېنىپ كەلگەن بولسىڭىز ئىش يەنە باشقىچە بولاتتى. ئوبدان يەرگە ئورۇنلاشتۇراتتۇق، مۇشۇ ئورۇنسىز خەجلەپ كەتكەن پۇلغا كېيىنلىك تۇرمۇشىڭىزنى خاتىرجەم قىلىشقا خەجلەيتتۇق، بىر-بىرىمىزگە باغرىمىز قېنىشىپ ئۆتەتتى، يۇرتمۇ ئانچىۋالا ئەسكى ئەمەس، بىر يېرىڭىزنى تاتىلىۋالمايتتى...ھەي تاڭ؟! نېمىنى ئويلىدىڭىز قىزىم، قاراڭ بۇ ئۈرۈمچىگە، ئاشۇ ئاسمانپەلەك بىناسىدىن باشقا قارىغۇدەك نېمىسى بار بۇ يەرنىڭ؟ ئادەملىرى شۇ قەدەر سوغۇق،پەرۋاسىز. بىر ئادەم كوچىدا توڭلاپ ئۆلۈپ قالسىمۇ 3-4 كۈنگىچە ھېچكىمنىڭ كارى بولمايدىكەن. تېلېۋېزوردا ئېلان قىلىپ كەچلىك گېزىتكە باسقاندىن كېيىن ئاندىن ئىگىسى كېلىپ تونۇپ ئەكىتىدىكەن، بولمىسا يوق... يولىڭىزنى ماڭىمەن دەپ كىرمىگەن تۆشۈك، مارىلىمغان ئۆي قالمىدى، ئۆزىڭىزمۇ كۆردىڭىز، پۇلنىلا تونۇيدىكەن ئادەم تونۇمايدىكەن بۇ خەق...ھەي...بوپتۇ قىزىم، بىزنىڭ قېشىمىزغا قايتىپ بېرىشنى خالىمىدىڭىز، يەنە بىز ئاتا-ئانا پەرزەنتكە چىدىمايدىكەنمىز.ئەسلى- ۋەسلىمىزنى قۇرۇتۇپ يولۇڭىزنى ماڭدۇق. مانا بۇ ئۈرۈمچى قىزىم، پاقىڭىزغا قېنىۋېلىڭ..._ دەپ يىغلاپ كەتكەن ئىدى. يەنە قايتىدىغان چاغدا كۆزىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ:
_ قىزىم، تەستە كەلگەن پۇرسەتنى قەدىرلەڭ، ئوبدان ئىشلەپ تۆھپە يارىتىڭ، قالغان گەپلەرنى ئاپىڭىز دېسۇن..._ دېگەن ئىدى.
ئۇ چاغدا مەن 22 ياشقا كىرگەن، غايىگە بەك ئىشىنىدىغان، تىرىشچان، قىزغىن، جاھىل بىر قىز ئىدىم. خىيالىمدا ھەممە ئىش مېنىڭ ئويلىغىنىمدەكلا بولىدىغاندەك تۇيۇلاتتى. ئۈرۈمچىدە قېپ قالالىغىنىم ئۈچۈن چەكسىز خۇشاللىققا چۆمۈلگەن ئىدىم. دادامنىڭ ئازاپلانغان چىرايى ماڭا ئورۇنسىزدەك تۇيۇلدى. گەرچە دادامنى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇزۇتۇپ قويغان بولساممۇ، لېكىن يۈرىكىم خۇشاللىقتىن تېپچەكلەيتتى.
مەن ئەنە شۇ ئوتتەك قىزغىنلىقىم بىلەن ئەتىسىدىن باشلاپ دەرس مۇنبىرىگە چىقتىم. بۇ قىزغىنلىق ۋە تىرىشچانلىق ماڭا 3يىل ئىزچىل ھەمرا بولدى. كاللامغا خىزمەتتە نەتىجە يارىتىشتىن باشقا ئوي- خىياللار كىرىپمۇ چىقمايتتى. پۈتۈن ئوي خىيالىم قانداق قىلىپ ئوقۇغۇچىلىرىمغا ئەتىكى بىر نەچچە سائەتلىك دەرسنى ياخشى ئۆتۈش ئۈستىدىلا بولاتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن كېچە-كېچىلەپ ماتىرىيال كۆرەتتىم، يېڭى ئوقۇتۇش مېتۇدى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنەتتىم، تەپەككۈر يۈرگۈزەتتىم. بۇ تىرىشچانلىقىم ئاخىرى مېۋە بەردى. شەھەر بويىچە ئۆتكۈزۈلگەن ساپا مائارىپى تەلىپى بويىچە دەرس ئۆتۈش مۇسابىقىسىدە ئۆز كەسپىم بويىچە بىرىنچىلىكنى ئالدىم. ئىش-ئىزلىرىم تېلېۋېزوردا ۋە «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»دە ئارقا-ئارقىدىن تەشۋىق قىلىندى. مۇتەخخەسىسلەر مېنىڭ ئۆزگىچە دەرس ئۆتۈش مېتۇدىنى دادىللىق بىلەن قوللانغىنىمغا ناھىيىتى يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە بىر مەزگىلگىچە مېنىڭ تەجرىبىلىرىمنى باشقا مەكتەپلەرگىمۇ كېڭەيتىش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىلارنى يىغىپ تەجرىبىلىرىمنى سۆزلەپ بېرىشكە ئويۇشتۇردى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپنىڭ گۈلى بولۇپ قالدىم. تەشكىل تۇرمۇشۇمنى ياخشى ئورۇنلاشتۇرۇپ بەردى. ھاياتىم بىر خىل رېتىمدا راۋان ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇدەك كېتىۋاتاتتى. كېيىنلىك تۇرمۇش ئىشلىرىمنىمۇ غىل-پاللا ئويلىنىپ قالاتتىم. لېكىن خىزمەتكە بەك بېرىلىپ كەتكەن بولغاچقا ئۇنداق خىياللار مېنى ئاندا-ساندىلا پاراكەندە قىلىپ قوياتتى. بىراق، كېيىن مەكتىپىمىز يىراقتىن ئوقۇتۇش پروگرامىسىنى يولغا قويۇشقا باشلىدى. بۇرۇن مەكتەپتە 3لا كومپيۇتېر بار ئىدى، ئۇنى مەكتەپ مۇدىرى، خوجۇلۇق بۆلۈمى ۋە ئىلمىي بۆلۈملەر ئىشلىتەتتى. تېخى ئۇ چاغدا تورلاشتۇرۇلمىغان ئىدى. كېيىن كومپيۇتېر ئىشخانىلار بويىچە سەپلەپ بېرىلدى، تورلاشتۇرۇلۇپ يىراقتىن ئوقۇتۇش پروگراممىسى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلدى. شۇندىن باشلاپ ، ۋەزىيەتنىڭ تەقەززاسى بويىچە كومپيوتېر ئۆگۈنۈشكە باشلىدۇق. مەن گەرچە ئالى مەكتەپتە كومپيۇتېر ئۆگەنگەن بولساممۇ، ئەمما ئالى مەكتەپتە ئۆگەنگىنىم بۇ يەردە ئىشلىمەچكە كومپيۇتېرنى باشتىن باشلاپ ئۆگۈنۈشكە كىرىشىپ كەتتىم. بىلمىگەنلىرىمنى سورىدىم، كەچلىرى ياتىقىمغا قايتماي خەت ئۇرۇش ۋە باشقا مەشغۇلات قىلىشنى تىرىشىپ مەشق قىلدىم. بارا-بارا كومپيۇتېرغا خۇمار بولۇپ قالدىم. توردىكى چەكسىز ئىمكانىيەتلەر، بىلىملەر مېنى ئۆزىگە لال قىلىۋالدى. قىسقىسى كومپيۇتېرغا ئەمەس، بىلىمگە خۇمار بولدۇم. كۈنلەر شۇ تەرىقىدە ئۆتۈۋەردى. بەزىدە قىزىقچىلىقتا ياتىقىمغا قايتماي تۈننى تاڭغا ئۇلىۋېتەتتىم. لېكىن ئەتىسى يەنىلا شۇ قەدەر روھلۇق ھالدا دەرسكە كىرىشىپ كېتەتتىم. كېيىن باشقىلارنىڭ ئۆگۈتىشى بىلەن كيۇ-كيۇ ئىلتىماس قىلدىم، بىر نەچچە دوستۇم ۋە يۇرتلۇقۇمنى دوست قاتارىغا قوشۇۋېلىپ سۆزلىشىشنى ئۆگەندىم. بۇ ئىش ماڭا يېڭى بىر شاتلىقنى ئاتا قىلدى. بىر-بىرىمىزنىڭ چىرايىنى كۆرۈپ تۇرۇپ سۆزلىشىش دېگەن نېمە دېگەن كۆڭۈللۈك، ھەقمۇ كەتمەيدۇ، قانچىلىك سۆزلەشسەك بولىۋېرىدۇ. لېكىن كيۇ-كيۇرىمغا قوشىۋېلىنغان دوسلىرىم ئاز بولغاچقا ھەمىشە سۆزلىىشىش پۇرسىتى چىقىۋەرمەيتتى. بەزىدە زېرىكىپ قالغىنىمدا دوستلۇققا قوشۇۋېلىش ئۇچۇرى ئەۋەتكەنلەرنى قوشۇۋېلىپ ئانچە-مۇنچە سۆزلىشىپ قوياتتىم. لېكىن، ئەھمىيەتسىز پاراڭلىشىدىغان كىشى بولۇپ چىقسا شۇ ھامان دوستلۇق قاتارىدىن چىقىرىۋېتىپ بولدى قىلاتتىم. كيۇ-كيۇدا ئۇزۇن پاراڭلىشىشنىمۇ خالاپ كەتمەيتتىم. چۈنكى خىزمەتكە تەسىر يەتكۈزمىگۈدەك ھالەتتە پاراڭلىشىپ قويساملا كۇپايە ئىدى. لېكىن، بىر يېرىم يىلنىڭ ئالدىدىكى بىر كەچقۇرۇنلىقى جۈرئەت بىلەن تۇنجى قېتىم كيۇ-كيۇدا سۆزلەشكەندىن كېيىن بۇ خىل ھالەت پۈتۈنلەي ئۆزگىرىپ كەتتى...
(4)
ئۇ ئاشۇ يازنىڭ بىر كۈنىدىكى چۈش ۋاقتى ئىدى. مەن مەكتەپنىڭ ئالدىدىكى ئاشخانىدىن چۈشلۈك تامىقىمنى ئالدىراپلا يېدىم-دە، ئىشخانامغا كىرىپ كومپيۇتېرىمنى ئاچتىم. كيۇ-كيۇنى ئەمدىلا ئېچىپ تۇرىشىمغا كيۇ-كيۇ قوڭغىرىقى « چىت-چىت» قىلىپ سايراپ كەتتى. قوڭغۇراقنى چەكتىم. چىققان تىزىملىكتىكى بۇ نامەلۇم كىشىنىڭ ئارخىۋىنى كۆرسەم ئارخىۋىنىڭ ئاستىدا ئاجايىپ مەنىلىك بىر ئابزاس سۆز بار ئىكەن. ئاشۇ سۆزنىڭ ھۆرمىتىنى دەپلا بۇ ئادەم بىلەن سۆزلىشىپ بېقىش نىيىتىگە كەلدىم-دە، ئۇنى دوستلۇق قاتارىغا قوشۇۋالدىم.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن!_ دەپ سالام ئەۋەتتى،بۇنىڭغا جاۋابەن:
_ ۋائەلەيكۇم سالام، سىزنىڭمۇ چۈشلىكىڭىز خەيرلىك بولسۇن،_ دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
_ ئالدىراش بولسىڭىز مالال قىلماي بولمىسا، بىلمىدىم، ئازراق ۋاقتىڭىز بارمىكىن،_ دېدى ئۇ ئادەم.
كيۇ-كيۇدا سۆزنى بۇنداق ئەدەپ بىلەن باشلايدىغان ئادەمنى ناھىيىتى ئاز ئۇچرىتاتتىم ھەم بۇنداق كىشىلەر بىلەن ئازراق سۆزلىشىپ كۆرۈپ باقاتتىم. كۆپۈنچە كىشىلەر بۇنداق قىلمايتتى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇمنى چىرايلىق دەپ بولغاندىن كېيىن« سىز نەدە؟» دەپلا چۈشەتتى. بۇنداق كىشىلەرنى شۇ ھامانلا دوستلۇق قاتارىدىن چىقىرىۋېتەتتىم. يەنە بەزىدە مۇشۇنداق تەكەللۇپ سۆزلەر بىلەن گەپنى باشلاپ بىر يەرلەرگە كەلگەندە بىھايا گەپلەرنى قىلىپ پىستان چاقىدىغان ئادەملەرمۇ بار ئىدى. بۇلارنىمۇ شۇ ھامان چىقىرىۋېتەتتىم. كۆڭلۈمدە بۇ كىشىنىمۇ شۇ خىلدىكى كىشىلەردىن بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. شۇڭا:
_ ۋاقتىمغۇ بار، لېكىن تۈزۈت قىلماي ئېيتىۋېرەي، قۇرۇق پاراڭ سېلىشقا راستىنلا ۋاقتىم يوق، توغرا چۈشۈنۈڭ،_ دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
_شۇ تاپنىڭ ئۆزىدە كىچىككىنە ياردىمىڭزگە مۇھتاج بولۇپ تۇرۇپتىمەن، يېنىمدا لۇغەت يوق ئىدى، بىر خەتنى ئوقىيالماي قالدىم، مەن كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسى، ئۇ خەتنىڭ مەنىسىنى دەرھال بىلمىسەم بولمايدىغان ئىش چىقىپ قالدى، باشقا تونۇشلار كيۇ-كيۇغا كىرمەپتۇ. شۇڭا سىزنى ياردەمگە چاقىرغان ئىدىم...
_ ئۇنداقتا ئۇ خەتنى ماڭا كېسىپ ئەۋەتىپ بېرىڭ، مەندە لۇغەت بار، بۇ ئىشىڭىزغا خۇشاللىق بىلەن ياردەم قىلىمەن_ دېدىم بۇنىڭغا جاۋابەن. ئەلۋەتتە، دېمىسىمۇ باشقىلارغا ياردەم بېرىشنى ئەھمىيەتلىك ۋە خۇشاللىق ئىش دەپ بىلەتتىم.
_ رەخمەت، سەت بولدى، _ دېدى ئۇ ئادەم. ئاندىن خەتنى كېسىپ ئەۋەتتى.
ئۇ مەن تونۇيدىغان كۆپ سىزىقلىق بىر خەت ئىكەن. شۇ ھامان مەنىسىنى يېزىپ يوللاپ بەردىم.
_ بەك ياخشى بولدى، چوڭ بىر ئىشىمغا ياردەم قىلدىڭىز، رەخمەت...._ دېدى ئۇ.
_ تۈزۈت قىلماڭ، ئەرزىمەيدۇ،_ دەپ خەت يېزىپ ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم.
پارىڭىمىز ئەنە شۇ بىر نەچچە جۈملە گەپ بىلەنلا ئاياقلاشتى. سۆزلىشىپ بولغاندىن كېيىن بۇ ئادەمنى كيۇ-كيۇدىن چىقىرىۋېتىشنى ئويلىدىم. لېكىن بۇ ئادەم بىلەن شۇنداق نورمال پاراڭلاشتۇق، كەمتەر، كىچىك پىئېل ئادەم ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزىنى كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسى دەپ تونۇشتۇردى. بۇ مەيلى راست بولسۇن، يالغان بولسۇن ئۆزىنى مۇتەخخەسىس دەپ تونۇشتۇرۇشقىمۇ جۈرئەت كېرەك. بولدىلا تۇرىۋەرسۇن، دەپ ئۇنى دوست قاتارىدىن چىقىرىۋەتمىدىم.
ئېسىمدە قېلىشىچە، ئارىدىن بىر ھەپتە ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ياردىمىگە مەن مۇھتاج بولۇپ قېلىپ ، ئۇنى چاقىردىم. سەۋەبى كومپيۇتېرىم ۋىرۇسلىنىپ قېلىپ تەستە قوزغىلىدىغان بولۇپ قالغان ئىدى. مەن توردىن ۋىرۇس ئۆلتۈرۈش يۇمشاق دېتالىنى چۈشۈرۈپ ئىشلەتسە بولىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان ئىدىم. لېكىن مېنىڭ يۇمشاق دېتال چۈشۈرۈپ ئىشلىتىشتىن پەقەت خەۋىرىم يوق ئىدى. ئۆزەم ئىككى كۈنگىچە كۆپ ئىزدەپ يۇمشاق دېتالنىڭ چۈشۈرۈش ئادرېسىنى ئاخىرى تاپقان بولساممۇ، لېكىن ئۇنى قانداق چۈشۈرۈشنى زادىلا بىلەلمىدىم. باشقا خىزمەتداشلىرىمدىن سورىسام ئۇلارمۇ بىلمەيدىغانلىقىنى ئېيتتى. چۈنكى مەكتەپتە تور مەشغۇلاتىنى ھەممىسىدىن بەكرەك بىلىدىغىنى مەن ئىدىم. بۇنى شۇنچە ھەپىلىشىپمۇ قاملاشتۇرالماي ئاخىرى ئۇ يادىمغا يەتتى-دە، كيۇ-كيۇسىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. بىر قۇر ئەھۋال سورىشىشلاردىن كېيىن ئۇنىڭغا مەقسىدىمنى ئېيتسام ئۇ ماڭا ناھىيىتى ئەستايىدىلىق بىلەن چۈشەندۈردى. لېكىن مەن قاملاشتۇرالمىدىم. يۇمشاق دېتالنى چۈشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن قاچىلاشقا كەلگەندە تىزىملىكتە چىققان بىر نەچچە بەلگىنىڭ قايسى ئىكەنلىكىنى زادىلا ئۇقالمىدىم. قاملاشتۇرۇپ بولالمىغىنىمنى ئېيتسام ئۇ يەنە ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. لېكىن كاللام ئىشلىمەي ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى ئاڭقىرالمىدىم.
_ مىكرافوننى ئېچىڭا مەن سىزگە ئاۋازلىق قوماندانلىق قىلاي، _ دېدى ئۇ. ئۇ ئەۋەتكەن كامېرالىق سۆزلىىشىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلدىم.
ئېكراندا ئۇنىڭ سۈرىتى كۆرۈندى، سەل قارامتۇل بولسىمۇ پاكىز چىراي، قارا قاش،ئىللىققىنە چوڭ سۈپەت بىر يىگىت ئىكەن. بىر قاراشتىلا ماڭا يېقىملىق تەسىرات بەردى.
_ ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ئاۋازىمنى ئاڭلىدىڭىزمۇ، _ دېدى ئۇ. ئاۋازىنىڭ تېمبىرى بەك يېقىملىق ئىدى.
_ ئاڭلىدىم،_ دېدىممەن.
_ ئۇنداقتا مەن سىزگە قانداق قىلىدىغانلىقىڭىزنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ بېرەي، شۇ بويىچە مەشغۇلات قىلىڭ، _ دېدى ئۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئۇ «ئۇ يەرنى چېكىڭ، بۇ يەرنى چېكىڭ» دەپ قوماندانلىق قىلدى. مەن ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلىپ يۇمشاق دېتالنى قاچىلىدىم. لېكىن بىر يېرىگە كەلگەندە يەنە قاملاشتۇرالماي قالدىم، ئۇ يەنىلا ئېرىنمەي چۈشەندۈردى. لېكىن، شۇكۈنى نېمە بولدۇمكى، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى پەقەت ئاڭقىرالمىدىم. ئاخىرى مەن ئۇنىڭغا بۇ ئىشنى قاملاشتۇرۇشقا زادىلا كۆزۈم يەتمىگەنلىكىنى ئېنىق ئېيتىپ ئۇنى ئاۋارە قىلغىنىمنى، شۇڭا خىجىل بولىۋاتقىنىمنى ئېيتتىم.
_ بۇنىڭغا خىجىل بولماڭ، بولمىسا مۇنداق قىلايلى، مەن كومپيۇتېرىڭىزنى يىراقتىن كونترول قىلىپ قاچىلاپ بېرەي،_ دېدى ئۇ. بۇ ئىشنىمۇ ئۇ 3قېتىم چۈشەندۈرگەندىن كېيىن يىراقتىن ھەمكارلىشىش كونۇپكىسىنى تەستە تاپتىم-دە، ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەردىم. كومپيۇتېرىمنى كونترول قىلىش ئۇنىڭ ئىلكىگە ئۆتتى. مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسى ئۇنىڭ باشقۇرىشىدا كومپيۇتېرىمنىڭ ئېكران يۈزىدە ھەرىكەتلەندى. مائۇسنىڭ نۇر بەلگىسى بىر قانچە كونۇپكا بەلگىسىنى تېز- تېز باستى-دە، ئىشنى بىردەمدىلا پۈتتۈردى. لېكىن ئۇ باش ئېكرانغا چېكىنگەن ۋاقىتتا، ئېكراندىكى سۈرىتىمگە ھەۋەسلىنىپ قاراپ قالغان بولسا كېرەك، نۇر بەلگىسىنى بىر ھازاغىچە قىمىرلاتمىدى. مەن بۇ ئىشنى چۈشۈنۈپ مىيىقىمدا كۈلۈپ قويدۇم. ئۇ يۇمشاق دېتالنى قاچىلاپ بولغاندىن كېيىن يىراقتىن كونترول قىلغۇچنى بىكار قىلىپ « ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزنى قايتا قوزغۇتۇڭ، كومپيۇتېر پۈتۈنلەي قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن تورنى ئاچسىڭىز ئۆزى ئاپتۇماتىك ئىشلەيدۇ» دېدى. مەن ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتىپ ، ئۇنىڭ دېگىنىدەك قىلدىم. كومپيۇتېرىم قايتا قوزغالغاندىن كېيىن ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا كىرىپ يەنە بىر قېتىم رەخمەت ئېيتتىم. ئۇ چۈشۈنەلمىگەن تەرىپىم ۋە باشقا ياردىمىم كېرەك بولسا تارتىنماي ياردەم سورىشىمنى ئېيتتى. مەن قايتا-قايتا رەخمەت ئېيتتىم... ئارىدىن يەنە بىر نەچچە كۈن ئۆتۈپ ياخشىراق مۇزىكا ئاڭلىغۇم كەلدى-دە، ئۆزىچە ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا يەنە كىردىم. ئۇ يۇلتۇز ئوسمانىۋانىڭ ناخشىلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى. ناخشىنى ئاڭلىسام ئاجايىپ مۇڭلۇق ئىكەن. ناخشىنىڭ ئوبدانلىقىنى دەپ ئۇنىڭغا رەخمەت ئېيتسام ئۇ، سىزگە يارىغان بولسا مەن يەنە بىر قانچە ناخشا ئەۋەتىپ بېرەي دەپ شۇ ۋاقىتلاردا ئەمدىلا بازارغا سېلىنغان ئابدۇللانىڭ يېڭى ناخشىلىرىنى ئەۋەتىپ بەردى. نىمىشقىدۇر ئۇنىڭغا ئامراق بولۇپ قېلىشقا باشلىدىم. ھەر قېتىم كيۇ-كيۇنى ئاچساملا ئۇنىڭ توردا بار-يوقلىقىغا سەپ سالىدىغان بولدۇم. لېكىن ئۇنىڭ كيۇ-كيۇسىغا كىرىشكە باھانە تاپالمىدىم. بىر كۈنى ئۇ ئۆزى مېنى چاقىردى. ئەھۋاللىشىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ بىر تور بېتىنى لاھىيىلىگەنلىكىنى، لېكىن خەت نۇسخىسىنىڭ نورمال چىققان-چىقمىغانلىقىنى ئۇقالمىغانلىقىنى، شۇڭا مېنىڭ كۆرۈپ بېقىشىمنى ئېيتتى ۋە تور بېكىتىنىڭ ئادرېسىنى ماڭا يوللاپ بەردى. مەن ئادرېسنى ئېچىپ قارىسام شۇنداق كۆركەم لاھىيىلەنگەن تور بېكىتى ئىكەن. خەتلىرىنىمۇ نورمال ئوقۇيالىدىم.
_ ئۆزىڭىز لاھىيىلىدىڭىزمۇ؟ نىمانداق چىرايلىق، بەك ئوبدانكەن،- دەپ خەت يېزىپ يوللىۋەتتىم.
_ رەخمەت، سىزگە يارىغان بولسا بەك خوش بولدۇم، _ دېدى ئۇ.
مەن بۇ تور بېكىتىنىڭ نېمىگە ئىشلىتىلىدىغانلىقىنى ئۇنىڭدىن سورىدىم.
_ بۇنى بىر ئۇنۋېرسال مۇنازىرە مۇنبىرى قىلىپ قۇرۇپ چىقىمەن،_ دېدى ئۇ، _ ئەدەبىيات، مۇزىكا، گۈزەل –سەنئەتؿكومپيۇتېؿبىلىملىرى، كىنو ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھازىر بىزدە مۇشۇنداق تور بېكەتلەر يوق دېيەرلىك. ھازىر ئۇيغۇر تور بېكەتلىرى نوقۇل چايخانىدا سۆزلىشىشكىلا مەركەزلىشىپ قېلىۋاتىدۇ. چايخانىلار ئاساسەن ئەھمىيەتسىز، تېتىقسىز پاراڭلار بىلەن توشۇپ كەتكەن. تېخىچە ھەقىقىي بىلىم-ئۇچۇر ئالىدىغان ھەقىقىي تور بېكىتىمىز يوق. مەن ھازىرغىچە ئاساسەن خەنزۇچە مۇنازىرە مۇنبەرلىرىنى كۆرۈپ كېلىۋاتىمەن. ئۇ تور بېكەتلىرىدە نۇرغۇن بىلىم ۋە ئۇچۇرلار ھەر كۈنى توننىلاپ يېڭىلىنىپ تۇرىدۇ، كومپيۇتېر ساھەسىدىكى يېڭى- يېڭى بىلىملارمۇ ئېلان قىلىنىپ تۇرىدۇ. ئىشقىلىپ ئۆگۈنىدىغان نەرسىلەرنىڭ كۆپلىكىدىن كۆزلىرىم ئالىچەكمەن بولۇپ كېتىدۇ. مەن ئۇيغۇر كومپيۇتېر ساھەسىدىكى ئاشۇ بوشلۇقنى تولدۇراي دەيمەن، ئىشىنىمەنكى، كومپيوتېرنىڭ كۈندىن-كۈنگە ئومۇملىشىغا ئەگىشىپ بىزدىمۇ خەنزۇلارنىڭكىدەك مۇنازىرە مۇنبەرلىرى پات كەلگۈسىدە پەيدا بولىدۇ. بۇنداقتا مىللىتىمىزنىڭ تەرەققىياتىدىكى بىر بوشلۇق تولدۇرۇلغان بولاتتى.
_ ناھىيىتى ياخشى گەپلەرنى قىلدىڭىز، روھىم كۆتۈرۈلۈپ قالدى، ئاللا تىلىگىڭىزگە تېزرەك يەتكۈزگەي،_ دېدىم ئۇنىڭغا.
_ رەخمەت، سىز تۇنجى بولۇپ تىزىملىتىڭ، بۇنداقتا بىرىنچى قوللىغۇچىم سىز بولۇپ قالىسىز، _ دېدى ئۇ.
_ بولىدۇ، مەن تىزىملىتاي،_ دېدىم ئۇنىڭغا.
ئۇ ماڭا قانداق تىزىملىتىشنى بىرمۇ-بىر ئېيتىپ بەردى. تىزىملاپ كىرىپ بولغاندىن كېيىن باش ستوندا ئىككى پارچە ماقالىنىڭ ماۋزۇسى تۇرغانلىقىنى كۆردۈم. ئۇنى ئاچسام ھەر ئىككىلىسى ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ماقالىلىرى ئىكەن. مەن ھەر ئىككى ماقالىنى بىر قۇر قۇر كۆرۈپ چىققاندىن كېيىن، ئۇنىڭ چۈشەندۈرۈپ قويۇشى بىلەن ئىنكاس رامكىسىغا كىرىپ بۇ تور بېكىتى تارىخىدىكى تۇنجى ئىنكاسنى يازدىم. بىردەمدىن كېيىن ئۇ باش بېكەتكە چېكىنىپ ماقالە بار بەتكە قايتا كىرىشىمنى ئېيتتى. مەن دېگىنىمدەك قىلدىم. قارىسام مېنىڭ ئىنكاسىمنىڭ ئاستىدىكى رامكىغا « سۆيۈملۈك تورداش، مۇنازىرە مۇنبىرىمىزگە قەدەم تەشرىپ قىلغىنىڭىزنى چىن دىلىمىزدىن قارشى ئالىمىز _ جۈرئەت» دەپ يېزىپ قويۇپتۇ. سۆيۈملۈكۈم دەپ يېزىلغان خەتنى كۆرۈپ يۈزۈم ياللىدە بولۇپ كەتتى. بىر تۇرۇپ ئاچچىقىم كەلدى. شۇنىڭ بىلەن كيۇ-كيۇغا كىرىپ « ئەدەپسىز، كىم سۆيۈملىكىڭىز ئىكەن» دېگەن خەتنى يېزىپ ئۇنىڭغا يوللىۋەتتىم. بىر ھازادىن كېيىن ئۇ: « باشقىچە چۈشۈنۈپ قالماڭ، مەن ئۇ سۆزنى ئاپتوماتىك چىقىدىغان قىلىپ تەڭشەپ قويغان» دەپ خەت ئەۋەتتى. مەن «ھە...» دەپ خەت يازدىم. شۇنداق قىلىپ ئۇنىڭ بىلەن پارىڭىمىز قىزىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ كەسپىمنى، قەيەردە ئىشلەيدىغانلىقىمنى سورىدى. مەن ئۇنىڭغا ئەدەبىيات ئوقۇتقىچىسى ئىكەنلىكىمنى ئېيتسام ئۇ خۇشال بولۇپ:
_ ئۇنداقتا ماقالە يازالايدىكەنسىز-دە، بولسا بىر ماقالە يېزىپ بەرگەن بولسىڭىز، شىئېر بولسىمۇ مەيلى _ دېدى ئۇ.
ئۆزەممۇ ئانچە-مۇنچە بىر نەرسە يېزىپ قويىدىغان بولغاچقا خۇشاللىق بىلەن ماقۇل بولدۇم. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ بىلەن خوشلاشتىم-دە، كېچىچە «بىر توپ ئاققۇ» سەرلەۋىلىك مۇنۇ ئىپىك شىئېرنى يېزىپ چىقتىم.
«كەپتۇ بىر توپ ئاققۇلار،ئەتىيازدا جەنۇپقا.
ماكان تۇتۇپ ساسلىقنى،ھاياتقا جۆر بولماققا.
ئۇلار بىلمەس جەنۇپنىڭ،ئۆزگىرىشچان ھاۋاسى،
كەلگەن بىلەن ياز بالدۇر،جۇدۇنى بار سوقماققا.
توشقان قۇلاق بولغاندا،تېرەكلەرنىڭ ياپرىقى،
تۇساتتىنلا قار يېغىپ،مۇز توڭلاپتۇ ئەتراپقا.
ئاھ ،بىچارە جانۋارلار،مەڭدەپ قاپتۇ زەربىدىن،
ئاتامانى ئىلاجسىز بۇيرۇق بەردى ئۇچماققا.
سەپراس بولۇپ ئاققۇلار،كۆتىرىلدى ئاسمانغا،
قانىتىدا ماغدۇر يوق،بارالمىدى يىراققا.
چۈنكى ئۇلار ئاچ-زېرىن قالغانىدى نەچچە كۈن،
ئوزۇق تېپىپ يىيەلمەي،مۇز توڭلىغان ساسلىقتا.
موللاق ئاتتى نەچچىسى،توڭ چالمىدەك پوك چۈشۈپ،
نىمە ئامال بار دەيسىز جان كەلگەندە تۇمشۇققا!
ئەمدى ئۇزۇق يىمىسە،قىيىلاتتى كۆپلەپ جان،
ئاقىلانە چارىدۇر قونۇش كېرەك مۇزلۇققا.
ئۇلار قوندى ئىككىلىك مۇز تۇتقان كۆل ئۈستىگە،
كۆزى چۈشتى ئەڭ ئاۋال مۇز ئاستىدىكى بېلىققا.
شوخ ئوينايتتى بېلىقلار،مۇز ئاستىدا ئۈزۈشۈپ،
ئاققۇلارغا نىجاتلىق بوپ تۇيۇلدى بۇ گويا.
يىمەك بولۇپ بېلىقنى چوقۇلىدى ئالدىراپ،
نەچچىسىنىڭ تۇمشۇقى سۇنۇپ كەتتى شۇ ئاندا.
بۇ بىر قىيىن مەسىلە بوپ تۇيۇلدى ئۇلارغا،
يىيىش ئۈچۈن بېلىقنى مۈمكىنمۇ مۇز يارماققا؟
بىر ئاز قېلىن ئىدى مۇز ،بىگىز بىلەن تەشكۈدەك،
ئاققۇلارنىڭ تۇمشۇقى ئاجىز ئىدى بۇ ئىشقا.
ئەڭ ئاخىرقى ئۈمىدى—ئىدىغؿبؿبېلىقلار،
بىر ۋاق قوساق توقلىماي يۈزلەنسۇنمۇ ماماتقا؟
قاتتى ئەجەپ باشلىرى تاپالماي ھېچ بىر ئىلاج،
ماڭدى ئۇياق-بۇياققا،چۈشۈپ ئۇلار «غاق-غاق»قا.
تۇغۇلىۋىدى بىر ئۈمىد،تەس بولدىغۇ ئېرىشمەك،
ئۆلدى يەنە نەچچىسى،سوغۇق بىلەن ئاچلىقتا.
دەۋرەپ كەلدى تۆت ياقتىن ئۆلۈم ئاتلىق ۋەھىمە،
تەقدىرىگە تەن بېرىپ شۈك بوپ قالدى ئاققۇلار.
ئاھ،بۇ چاغدا مۆجىزە يۈز بەردىغۇ تۇساتتىن،
ئاتامان قۇش بىر ئۇچۇپ كۆتىرىلدى ئاسمانغا.
ئەڭ ئاداققى كۈچىنى ئىشقا سالدى ئۇ بەلكىم،
بەك ئىگىزدە توختىدى،ئوخشاپ گويا راكېتاغا.
پەستىكىلەر ئاڭقىرىپ بولغىچە ئىش سەۋەبىن،
شۇئان پەسكە شۇڭغىدى كۈچەپ ئاتقان ئوق گويا.
ھايات سۆيۈش ئۇ نىمە؟سۆيسەڭ ئۇمۇ سۆيەركەن
پىداكارلىق ئۇلۇقلۇق بېرىدىكەن ھاياتقا.
قارس قىلىپ تەگكەندە،ئاتامان قۇش تۇمشۇقى،
مۇز يېرىلىپ بىر گەزچە ئايلىنىپتۇ كاچكۇلغا.
ھەتتا ئۇنىڭ زور جىسمى كۆل تۈۋىگە پېتىپتۇ،
قەھرىمانە بۇ روھى داستان بوپتۇ تىللاردا.
قالغان بىر توپ ئاققۇلار،ھايات قاپتۇ بېلىق يەپ،
ساق-سالامەت يېتىپتۇ،ئىللىققىنە ماكانغا.»

ئەتىسى شىئېرنى قايتا تۈزۈتۈپ كومپيۇتوردا ئۇردۇم-دە، ئۇنى مۇنازىرە تورىنىڭ ئەسەر يوللاش رامكىسىغا كىرگۈزىۋەتتىم. بۇ ئاشۇ مۇنازىرە مۇنبىرىدىكى تۇنجى يوللانغان ئىجادىي ئەسەر سۈپىتىدە ئانچە ھايال قالمايلا باش بەتكە چىقتى. ئۇ چىقىپ بولغاندىن كېيىن 3ئادەم ئۇنىڭغا ياخشى باھا بېرىپ قىسقا ئوبزور يېزىپتۇ. شۇ قەدەر خوشال بولۇپ كەتتىم. بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم ئەسەر ئېلان قىلىشىم ئىدى.
-----------------------------------------------------
ئىنكاس تېمىسى : Re:{[ئەسلى]QQ دىكى مۇھەببەت (ھېكايە)   يوللىغۇچى : يۇلغۇنجان     يوللانغان ۋاقىت : 2006-1-28 2:56:21
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ « ماياك تورى»غا ئەزا بولغانلار ۋە بۇ تور بېكىتىنى زىيارەت قىلىدىغانلار كۈندىن-كۈنگە كۆپەيدى. ياش يازغۇچى ‿شائىرلار، ئەدەبىي تەرجىمانلار ئاشكارە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىشقا ئۈلگۈرمىگەن ياكى ئېلان قىلدۇرالمىغان يازمىلىرىنى بۇ يەرگە تۆكۈۋەتتى. كومپيۇتېر مۇتەخخەسىسلىرى، پروگراممىرلار ۋە ياش ھەۋەسكارلارمۇ كومپيۇتېر جەھەتتىكى بىلىملىرىنى ئۆز-ئارا ئالماشتۇراشاتتى. بەزىلەر MTV ناخشىلىرىنىمۇ ئارىلاپ يوللاپ قوياتتى. جۈرئەت دېگەندەك تۈرلۈك بىلىم-ئۇچۇرلار كۈندە يېڭىلىنىپ تۇرىدىغان، ئۆزئارا پىكىر- ئىختىلاپ ئالماشتۇرۇشۇپ تۇرىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنجى مۇنازىرە مۇنبىرى ئاخىرى بارلىققا كەلدى. بەزىدە مۇنازىرىلەر شۇنچە بەك قىزىپ كېتەتتىكى، يازغۇچى- شائىرلار ئىككى قاش بولىۋېلىپ مۇنازىرىلىشىپ چىڭ يېرىگە كەلگەندە ئاغزىنى بۇزۇشۇپ تىللىشىپ كېتەتتى. مەن بۇرۇن جەمئىيەتنى ئانچە بەك چۈشەنمەيتتىم. لېكىن، «ماياك»تا بولىۋاتقان مۇنازىرىلەرنى كۆرۈپ ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى ئازراق چۈشەنگەندەك بولدۇم. چۈنكى، ھەر كىم نېمىنى ئويلىسا دادىل سۆزلىيەلەيدىغان شارائىت بۇ يەردە بولغاچقا بۇ بەئەينى جەمئىيەتنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسىدەك تۇيغۇ بېرەتتى. ھەممىدىنمۇ بەك شىئېرىيەت سەھىپىسىدىكى مۇنازىرە بەك قىزىيتتى. چۈنكى ئەدەبىيات ساھەسىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىن بۇيان مەيدانغا كەلگەن گۇڭگا ئېقىمىدىكىلەر بىلەن ئەنئەنىۋى ئېقىمدىكىلەرنىڭ مەتبۇئاتتا بېسىقىپ قالغان بەس- مۇنازىرىسىگە « ماياك مۇنبىرى» قايتىدىن بىر بوشلۇق ھازىرلاپ بەر
مەنبەدە ئاشۇنچىلىك باركەن
http://iplas.blogbus.com/logs/31920589.html
ۋاقتى: 2011-7-26 15:38:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
(ئىشەنچ)

بىلىشىمچە، مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى، يەنى پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر، پەلسەپىچىلەر جەمئىيەت مەسىلىلىرىنى توغرا كۆزىتىش، كىشىلەرنىڭ مەنىۋى دۇنياسى ۋە ئوي – پىكرىنى توغرا تەھلىل قىلىش، ئۇلارنىڭ پائالىيىتى، ھەرىكىتى ئۈستىدە ئويلىنىپ، مۇۋاپىق يەكۈننى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشى، پىسخىكىسىغا تەسىر قىلىپ ياخشىلىققا باشلاش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەردۇر. مەلۇم مەسىلىنىڭ توغرا يۆلىنىشى ئۈستىدە ئەمىلى، ئىجابىي ئىزدىنىش، شۇنداقلا ھەممىگە ئورتاق بولغان قانۇنىيەتنى تېپىش ھەم يەتكۈزۈش جەريانى پەلسەپە، تەپەككۇر بولسا كېرەك. شۇڭا تەپەككۇر رېئالى مەسىلە ئۈستىدە بولىدۇ، گۈزەللەشتۈرۈلگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن تۈپتىن ئوخشىمايدۇ. پەلسەپە بىر قاراشتىن مۇرەككەپ، سىرلىق جەمئىيەت ئىلىمى بولۇپ، ئەگەر چۈشىنىشلىك، ئامىباپ مەزمۇندا بولسا مۇرەككەپ بولمىغان ئىلىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. پەلسەپەنىڭ تۈپ مەقسىتى دۇنيادىكى نەرسىلەرنىڭ(شەيئىلەرنىڭ)، مەيلى ئۇ كۆرگىلى-تۇتقىلى بولىدىغان ياكى مەۋھۇم نەرسە بولسۇن، ئىچىگە يوشۇرۇنغان تۈپ قانۇنىيىتنى(مىسالەن ئىنساننىڭ ماھىيىتى)نى ئىزدەش، بايقاش ھەم بەرھەق نەرسىگە ھۆرمەت قىلىش جەريانى بولۇپ، ھەقىقەتتىن ئايرىلغاندا پەلسەپەنىڭ قىلچىلىك قىممىتى بولمايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئەقىل-پاراسەتكە ھۆرمەت قىلىش، تەپەككۇر ۋە ھەرىكىتىدە ئىدراك، پاكىتنى ئاساس قىلىشنى تەلەپ قىلىدىغان ئىلىم. شۇڭا بۇ ئىلىمىنى ئىسمى-جىسمىغا لايىق زاكۇنشۇناسلىق ئىلىمى دىيىشكىمۇ بولىدۇ. ئۇ مەڭگۈ تېخىمۇ يېڭى بولغان قانۇنىيەتلەرنى بايقاشنى ئۆزىنىڭ ئىزدىنىش نىشانى قىلغان. شۇنداق بولغاندىلا ھەقىقىي ئەھۋال (قانۇنىيەت)نى بىلىش تېخىمۇ ئۈنۈملۈك ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، بۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى يەنىمۇ ئالدىغا سىلجىتىپ، تەدرىجىي تەرەققىيات ئۈنۈمىگە ئېرىشتۈرىدۇ.

ئۇزۇندىن بۇيان كۆزىتىشىمگە ئاساسەن نۆۋەتتىكى «يېزىقچىلىق، پەلسەپە، دۇنياغا قاراش، قىممەت قاراش» قاتارلىق جەھەتلەرگە چېتىلىۋاتقان بىر قىسىم مەسلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى ئويلىشىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. بۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويۇپ پىكىرلەشمەكچى بولغانلىرىم بىر خىل ئوبزور ياكى بىرەر كىشىگە ھىسىيات ھۇجۇمى قىلىش مەقسىتىدىن كۆپ يىراق بولۇپ، ئاساسلىقى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق ساقلىنىۋاتقان پاكتلىق مەسىلىلەرنى توپتوغرا ئوتتۇرىغا تاشلاپ، كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلىشىشىنى مەقسەت قىلدىم.

بايقىشىمچە، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتلىمى ھەم خەلقنىڭ تەپەككۇر ئېڭىدا جىددىي ئويلىنىشقا تېگىشلىك تۆۋەندىكى مەسىلىلەر ئەڭ كۆرۈنەرلىك بولماقتا.

1.1 تىلنىڭ كىكەچلىكى

بۇ تىمىدىكى ئاتالغۇ نۆۋەتتىكى «پەيلاسوپ» ياكى «مۇتەپەككۇر» نامىدا ئاتىلىپ كېلىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماقالە ۋە ئەسەرلىرىدىكى ئېغىر تىل، پاساھەتلىك تىل، مەزموندار تىل ئۇسلۇبىغا، ئۆزىنى تىلدار(تىلغا باي) قىلىپ كۆرسىتىۋاتقان كىشىلەرگە قارىتا ئېيتقىنىمدىن ئىبارەت. ئۆزۈمنى گەرچە زىيالىيلاردىن دەپ ئېيتالمىساممۇ، پات – پات كىتاب ژۇرنال كۆرۈپ تۇرىدىغان ئادەم بولۇشۇم بىلەن يەنىلا ئاز-تۇلا بىرنىمە بىلىدىغانلاردىن دەپ ئويلايمەن. شۇنداق تۇرۇقلۇق يوقۇرىدا دىيىلگەن كىشىلەر يازغان ماقالا ھەم ئېيتقان سۆزلىرىنى چۈشەنمەسلىكىم، تېگىگە ھەقىقىي يىتەلمەسلىكىم بىر پاكىتتۇر. ناۋادا سىز بۇ ئەسەرلەرنى تولۇق چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولسىڭىز مېنىڭدىن كۆپ ئەقىللىق ھەم تەلەيلىك ئىكەنسىز، ئەمما سىز ئەڭ ئىشەنچلىك شاھىت ئەمەس. سىز سەۋىيىڭىز يۇقىرى زىيالىيلار قاتلىمىغا تەۋە بولۇپ، ناھايىتى ئاز ساندىكى كىشىلەر توپىغا كىرىسىز. مەن كەڭ تۆۋەن سەۋىيىلىك كىشىلەر توپىغا، ئوقۇغۇچىلارغا، ئادەتتىكى كىشىلەرگە ھەم قارا تۈرۈك دېھقانلار توپىغا تەۋە بولغان بولىمەن. بۇنىڭ دائىرىسى كەڭ بولغاچقا مەن ئومۇمىيلىققا ۋەكىللىك قىلىمەن. مەن تۇرغان تەرەپ ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىدىن ئىبارەت.

بىلىشىمچە، تەپەككۇر ئىگىلىرى ئۆزلىرىنىڭ توغرا كۆز قاراشلىرى ۋە ئىدىيىسى بىلەن جەمئىيەتكە تەسىر كۆرسىتىش ئارقىلىق دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشىنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. شۇڭا ئۇلارنى ئوبرازلاشتۇرۇپ ئېيتقاندا روھ دۇنياسىدىكى «مۇنەۋۋەر سىياسىيونلار» دېيىشكە بولىدۇ، ئەپسوس، ئۇلاردىن بەزىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئىدىيىسى، ھېس قىلغانلىرى، ئىزدىنىش نەتىجىسى ھەم كۆز قارىشىنى، ئىستراتېگىيە ۋە تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە يەتكۈزۈش ئۇسولىدا كەتكۈزۈپ قويدى. ئۆز ئەجىرىنىڭ جەۋھىرى مېۋىلىرى بولغان يازما–ئەسەرلىرىدە ھەدىدىن زىيادە ئېغىر تىل ھەم پاساھەتلىك تىل ئۇسلۇبىنى قوللىنىپ، ئۇنى ئىنتايىن دەبدەبىلىك بېزەپ چىقتى. مۇددىئاسىنى بىر تەرەپتىن زىيادە ئوخشىتىش ۋە كۆچمە مەنىدىكى سۆزلەرنى ئىشلىتىش، جۈملە قۇرۇلمىلىرىنى مۇرەككەپلەشتۈرۈش، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزى ئوقۇغان ئەمما تولۇق ھەزىم قىلىشقا ئۆلگۈرمىگەن كىتاپلاردىكى ئۈزۈندىلەرنى ئىشلىتىپ پەدازلاش، سىرلىق ئۇقۇملار بىلەن كىشىلەرنى گاڭگىرىتىش، ئۆز مەقسىتىنى ئۇدۇل ئېيتماي گەپ ئوينىتىش ئارقىلىق نەمەلۇم مەقسەتلىرىگە يەتمەكچى بولۇشتى. بۇنداق ئىپادىچىلىكنى «ئىلمىي پوخورلۇق قىلىش» دەپ ئاتاش ئەڭ مۇۋاپىق. ئۇندىن باشقا ئۆز مەقسەتلىرىنى يەنە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلغا يات قەدىمىي سۆزلۈكلەر ھەم ئەرەب – پارس تىللىرىدىكى ئاتالغۇلار بىلەن ياپتى. ئەگەر بۇ گەپ – سۆزلەر بىلەن تىزىلغان جۈملىنىڭ ئىچىدىن مېغىزلىق مەزمۇنىغا يەتمەكچى بولساق ئالدى بىلەن بىر ئوخشىما تىلشۇناس بولۇشىمىز، ھېچ بولمىغاندا قولىمىزدا ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى ياكى ئىبارىلەر لۇغىتى بولۇشى كېرەك. ئۇنى تەتقىق قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. دېمەك، بىر ماقالىنى مەخسۇس تەتقىق قىلىپ چۈشىنىش، تېگىگە يىتىش بەزى «پەيلاسوپ»لارنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمۇ. ئۇلار ئۆز ئىجادىيىتىنىڭ نەتىجىسى ئۈستىدە باشقىلارنىڭ ئىككىلەمچى مۇلاھىزە، شەرھ، تەپەككۇر ، ئىزدىنىش ئارقىلىق چۈشىنىشىنى بەخت، ئابرۇي دەپ قاراشسا كېرەك.

يەنە بىر نۇقتىدىن ئويلانغاندا ئۇلار دېمەكچى بولغىنىنى ئېغىر تىل ئىچىگە كۆمۈپ قويۇپ، ئويۇن ئويناۋاتامدۇ؟ پاساھەتلىك سۆز دۆۋىسىنىڭ ئىچىدە راستىنىلا قىممەتكە يارىغۇدەك نەرسە بارمۇ دېگەن خىياللار تەپەككۇرى ئويغاق كىشىلەرنى گۇمانغا سالماي قويمايدۇ. ئەگەر قىممىتى بار نەرسە بولسا ئوچۇق ئاشكارا ئوتتۇرىغا تاشلىماي نېمە سەۋەبتىن سۆز ئۇيۇنى قىلىپ چۈشىنىكسىز گەپ – سۆزلەر ئىچىگە كۆمۈپ قويىدۇ؟ ئۇلارنىڭ نامايان قىلماقچى بولغىنى تىل بايلىقىمۇ ياكى ئۆز ئويىدىكى دېمەكچى بولغىنىمۇ؟ مېنىڭچە، بىر قىسىملارنىڭ دېمەكچى بولغىنىدىن تىل بايلىقىغا «پىشقان» مەنمەنلىكىنى كۆز – كۆز قىلىشى مۇھىمدەك تۇرىدۇ. ئۇلار كىشىلەرگە ئالىقاچان سىر بولماي قالغان مەسىلىلەرنى قايتا – قايتا تىلغا ئالىدۇ. پەقەت ئەدەبىياتچىلارغا خاس ئىشلەتكەن تىل ئۇسلۇبى ھەم ياردەمچى ۋاستىلىرى ئوخشىمايدۇ.

ئوي-پىكرىنى ئىپادىلەشتە ئېغىر خۇدىكسىرەش، گاڭگىراش، ئىشەنچىسىزلىك، كىلاسسىك پەلسەپىۋى پىكىر چەمبىرىكىنىڭ ئاسارىتى، يازمىلىرىدا يېڭى ئىدىيىنىڭ بولماسلىقى بۇ كىشىلەرنى مۇشۇنداق «رەڭلىك نىقاب» شەكىلىدىكى غەيرىي يېزىش شەكلىنى قوللىنىشقا مەجبورلىغانمۇ قانداق؟ ئۇنىڭ ئىچىدە تۇتامغا چىققۇدەك نەرسىنىڭ بار – يوقلۇقى شۇ كىشىنىڭ ئۆزىگە ئايان. ئاينىڭ يۈزىدە دېغى بولغىنىدەك، «مۆتىۋەر» كىشىلەرنىڭ بىلەرمەنلىكىنى شەكلى ئۆزگەرگەن ئۇسۇلدا كۆز – كۆز قىلىشى، شۆھرەت تەما قىلىشى نېمە دېگەن چوڭ پەسكەشلىك! ئۆز تەپەككۈرىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بۇنداق غىلجىڭلاشنىڭ ھاجىتى يوق، ئۇ ئوقۇرمەننى ھارغۇزۇپ قويىدۇ. بۇ ئەسەرلەر ياشلارنىڭ قەلب تارىنى چىكىپ ھاياجانغا سىلىپ قان ئايلىنىشى ھەم نەپىسىنى تېزلەتسە بولىدىكى، كىيىنكى ئۇزۇن مەنزىلدە يولنى قانداق مىڭىشنى ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ. ئەمدى يەنە يېزىش توغرا كەلسە تەكلىپىم شۇكى، بۇ كىشىلەر ئەڭ ياخشىسى مەسەل يازسۇن. تىلى چۈشىنىشلىك، ئوقۇشلۇقى بار، جەلپ قىلارلىق مەسەل ئارقىلىق پەلسەپىۋى ئىدىيىسىنى سىڭدۈرۈشكە تىرىشسۇن، خوددى «بۆرە كەلدى»، «بۆرە بىلەن قوزىچاق» قاتارلىقلاردەك. شۇنداق بولغاندا بىرلا ئوقۇپ چۈشۈنۋالغىلى بولىدۇ.

1.2 ئېغىر تىل ۋە چۈشنىكلىك تىلنىڭ سىلىشتۇرمىسى

ئۆز گىپىمىزنى داۋام ئەتسەك، ئېغىر تىل ئارقىلىق يېزىلغان ماقالىلەر زىيالىيلارنى ئويلىغانمۇ ياكى پۈتكۈل جەمئىيەتكە مەسئۇل بولۇشنى ئويلىغانمۇ دېگەن يەنە بىر مەسىلە بىزنى تەشۋىشكە سالماي قويمايدۇ. زىيالىيلار بۇنداق نەرسىلەرگە ھەممىدىن بەك ئېھتىياجلىق ئەمەس. زىيالىيلار قاتلىمى جەمئىيەتنىڭ باشلامچى قوشۇنى بولۇپ، نىمىنىڭ توغرا، قايسى يولنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى باشقىلاردىن ئېنىق بىلىدۇ. ئۇنداقتا بۇ ماقالىلار پۈتكۈل جەمئىيەت ئۈچۈن يېزىلغانمۇ؟ ياق، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئېغىر تىل بىلەن بېزەلگەن ماقالە – نۇتۇقلىرىنى جەمئىيەتتىكى ئادەتتىكى بىر ئوقۇتقۇچى، ئىشچى ياكى بىر سودىگەر ۋە ياكى بىر قارا تۈرۈك دېھقان تولۇق چۈشىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئەمەس. ئۇلارنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى ئىككىلەمچى تەتقىق قىلىپ چۈشۈنىشىگىمۇ زېھنى يوق. مېنىچە بۇنداق ئەسەرلەرنىڭ مۇئەللىپى ئۆزىنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنىمۇ ئېنىق ئاڭقىرىپ كىتەلمىسە كېرەك. دېمەك، بۇ «پەيلاسوپلار» ئاخىرىدا يىڭىلگۈچىلەردىن ئىبارەت. شۇڭا ھە دېسىلا جەمئىيەتتىن ئاغرىنىدۇ، بارغانسېرى بۇزۇلۇپ كىتۋاتقانلىقىدىن ئىچىنىدۇ. جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، ئاشنىدارچىلىق(بۇلار ئۇچوق – ئاشكارا دىيىلمىگىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئاللىقاچان جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي مەسىلىسىگە ئايلىنىپ بولغان ئاشكارا مەخپىيەتلىك، خالاس)، ئەرلەردىكى مەسئۇلىيەت، بالىلارغا بولغان تەربىيەنىڭ يىتەرسىز بولۇشى، بەزمىخانىلار، ئاجرىشىش ئىلىپ كەلگەن ئىگىسىز يېتىم بالىلار… قاتارلىقلاردا مۇناسىپ كىشىلەرنىڭ مەسئولىيىتى بولغىنىدىن سىرت، جەمئىيەتنى تەربىيىلەش مەسئولىيىتىنى ئۆز ئۈستىمىزگە ئالدۇق، دەپ مەيدىسىگە ئۇرىدىغان ئوپراتسىيەچى پەيلاسوپ – قەلەم ئىگىلىرىنىڭمۇ باش تارتىپ بولمايدىغان زور مەسئولىيىتى بار. ئۇلار بۇ مەسئولىيەتنى ئادا قىلىشنى ئويلايدىكەن ئۆز تەپەككۇرىنى كىشىلەرگە ئەڭ يېقىن، ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك زاغىرا تىل بىلەن بايان قىلىشنى ئۆگۈنىۋىلىشى كېرەك. شۇندىلا كىشىلەر ئۇلارنىڭ نېمە دېمەكچى بولغىنىنى بىلەلەيدۇ. بىزنىڭ ئاخىرقى مەقسىتىمىز دۇنيانىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولۇشى، كىشىلەرنىڭ ئىلمىي، مەدەنىي ۋە بەختلىك ياشىشىدۇر. بىر كىشىنىڭ بىلىمى قانچە يۇقىرى بولسىمۇ ئەمما كىشىلەر چۈشىنەلەيدىغان نەرسىگە ئايلانمىسا، باشقىلارغا نەپ ئېلىپ كىلەلمىسە بەرىبىر ئۇنى ئېتىراپ قىلىشمايدۇ. ئېتىراپ قىلىدىغانلار پەقەت ۋە پەقەت ئاز بىر قىسىم كىشىلەرلا بولۇپ قالىدۇ، خالاس. يوقۇرقىدا تىلغا ئىلىنغان كىشىلەر يازغان «ھىكىمەتلىك سۆزلەرنى»نى يىغىپ بىر توپلام قىلغاندا بۇ توپلامنىڭ ئادەتتىكى بىر ئوقۇغۇچىنىڭ ھاياتىغا كۆرسەتكەن تەسىرىنى مەلۇم بىر مەشھۇر ئىنسانشۇناسنىڭ ئاددىي تىل بىلەن قارا ئاشلىق بولكىسىدەك يىرىك ئېيتقان «ئۈمۈر دېگەن بەك قىسقا، كىچىك ئىشلار ئۈچۈن قايغۇرۇپ يۈرمەسلىك كېرەك» دېگەن نەق گىپىچىلىك بولمىسا كېرەك.

ئەتراپىمىزدا ئاددىي، چۈشۈنۈشلۈك تىل بىلەن ئىپادىلەنگەن مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەسەرلەر توغرىسىدا سۆزلىسەك زامانىمىزدىكى يازغۇچى ئەختەم ئۆمەرنىڭ «يىراق قىرلاردىن ئانا يەرگە سالام» ناملىق ئەسىرى(بۇ ئەسەر ژۇرنىلىمىزنىڭ 1994-يىل 1-،2- قوشما سانىدا بىسىلغان ئىدى—مەسئول مۇھەررىردىن) تىىپىك بىر مىسال بولالايدۇ. بۇ ئەسەردە يازغۇچى دېمەكچى بولغانلىرىنى كىتابى تىل بىلەن ئەمەس، خەلققە تېخىمۇ يېقىن بولغان ئاددىي تىل، تۈز تىل، جانلىق تىل ئارقىلىق بىۋاسىتە ئىپادىلەپ بەرگەن، شۇڭا بۇ ئەسەر خەلقنىڭ سۈيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىپ، زىلزىلىسى، تەربىيەۋى ئەھمىيىتىمۇ غايەت زور بولدى. قارىغاندا بىز ئەدەبىي تىل بىلەن تەپەككۇر تىلىغا قايتا ئېنىقلىما بەرسەك بولىدىغاندەك قىلىدۇ.ئېيتايلۇق، يەر شارىدا كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا زۆر تەسىرلەرنى كۆرسەتكەن دۇنياۋى شۆھرەتلىك مەشھۇر ئەسەرلەردىن «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار»، «ئەقىل – پاراسەت دەستورى»، «دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ مال ساتقۇچى»، «ھۆكۈمدارلار دەستورى» قاتارلىق كىتابلار ناھايىتى چۈشىنىشلىك يېزىلغان بولۇپ، بىۋاسىتە تەسىر قىلىش شەكلى بىلەن دۇنيادىكى نۇرغۇن كىشىنىڭ ھاياتىنى ئۆزگەرتكەن. سېتىلىش مىقتارىمۇ غايەت زور مىقداردا ئاشقان. مانا بۇ چۈشىنىشلىك، ئاممىباب ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى. بىز بۇ ئەسەرلەرنى ئوقىغىنىمىزدا ئاساسەن ھېچقانداق تىل قىيىنچىلىقىغا ئۇچرىماستىن بىۋاسىتە چۈشۈنەلەيمىز. تىلدىكى ئىپادىلەش قانچىكى ئېغىر، قانچىكى مۈجىمەل بولسا، ئۇنىڭ تەسىرى شۇنچە خۇنۈك، شۇنچە قىممىتى يوق بولىدۇ، تەسىر دائىرىسىمۇ تار بولىدۇ، خالاس.

دىمەك، زامانىمىزدا قائىدەشۇناسلىق بىلەن شوغۇللىنىدىغان كىشى تەپەككۈرىنى ئىپادىلەشتە «ئاددىي»، «چۈشۈنۈشلۈك» تىن ئىبارەت ئىككى نۇقتىغا كۈچ چىقىرىشى ھاجەت.

1.3 تىلدىكى ئاتالغۇلار مەسىلىسى

يېقىنقى 20-30 يىل مابەينىدە ئۇيغۇر تىلىغا يىڭىدىن كىرگەن ۋە داۋاملىق كىرىۋاتقان تۈرلۈك ئاتالغۇ – سۆزلۈكلەرنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن بىۋاسىتە ئاھاڭ تەرجىمىسى بوپقىلىشى ھەم ئىستىمالدىن قالغان بىر قىسىم قەدىمىي سۆزلۈكلەرنىڭ قايتا تىرىلىشى، پارس، ئەرەب تىللىرىدىن بەئەينى «مانتا كۆرمىگەن قەلەندەر قاسقانغا دۈم چۈشكىنىدەك» قوبۇل قىلىنىۋاتقان سۆزلەرنىڭ كۆپىيىشى بىلەن ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلنىڭ ساپلىقى، راۋانلىقى تەسىرگە ئۇچراپ، مەنە ئىپادىلىشى مۈجمەل، چۈشىنىشلىك دەرىجىسى ئۆزلىكسىز چېكىنىپ بارماقتا. بولۇپمۇ كەسپىي ساھادە بۇ مەسىلىلەر تېخىمۇ كۆرۈنەرلىك. بۇ سەل قارايدىغان ئىش ئەمەس. ئادەمنىڭ كۆرۈش ۋە ئاڭلاش ئارقىلىق قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرى بەدەننىڭ باشقا ھەرقانداق سېزىم ئەزالىرى قوبۇل قىلىدىغان ئۇچۇرىدىن كۆپ. ئۇچۇر يەتكۈزۈش مەنبەسىنىڭ ئەڭ مۇھىم تۈزگۈچى قىسىملىرىدىن بىرى بولغان تىل – يېزىق روشەن ھەم سۈزۈك بولمايدىكەن ئىپادىلىمەكچى بولغان مەقسەتكە يەتكىلى بولمايدۇ. شۇڭا يېڭى سۆزلۈك ياساش ھەم چەت تىلىدىن كىرىۋاتقان ھەربىر ئاتالغۇنى تەرجىمە قىلىش، ئۆزلەشتۈرۈش ۋە قىلىپلاشتۇرۇشتا ئالدى بىلەن مەنە تەرجىمىسىنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇش، ئاندىن باشقا تەرەپلەرنى ئويلىشىش زۆرۈر. مىسالەن، ھېسابلاش ماشىنىسى ئۇيغۇرلار جەمئىيىتىگە يىڭى تۇنۇلۇپ خېلى بىر مەزگىللەرگىچە كىشىلەر ئېلېكترونلۇق مېڭە ياكى ھېسابلاش ماشىنىسى دەپ ئاتاپ يۈردى. كىيىن بىر قىسىم كىشىلەر بۇ ئاتالغۇنى بىراقلا تاشلاپ ئىنگلىزچىدىكى «كومپيۇتېر» دېگەن نامنى بىۋاسىتە ئوقۇلۇشى بۇيىچە ئىلىپ كىردى. خوش، ئالدىدىكى ئاتالغۇ ناھايىتى ئوبرازلىق ئىپادىلەش بولۇپ، ھەر ئىككىلا سۆزلۈك ئۇيغۇر تىلىغا تونۇش بولغان ئېلېكترون(گەرچە بۇ سۆز ئىنگلىزچە بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ مەنىسىنى كىشىلەر ئاساسەن بىلىپ كەتتى) ۋە مىڭىدىن ئىبارەت ئىككى تۈپ سۆزدىن تەركىب تاپقان بولۇپ، تىلىمىزغا ناھايىتى يېقىن، چۈشىنىشلىك، ئاڭلىغان كىشىگە «توك بىلەن ئىشلەيدىغان مېڭە» دېگەن ئۇقۇمنى يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ. ھېسابلاش ماشىنىسى دېگەن ئاتالغۇمۇ ھەم شۇنداق، بۇ ئاتالغۇلارنىڭ بىر ئادەمگە دەسلەپكى قېتىم ئاڭلىغاندا يەتكۈزىدىغان مەنە قىممىتىنى ئون دېسەك. كەينىدىكى كومپيۇتېر دېگەن ئاتالغۇنىڭ بىرىنچى قېتىم ئاڭلىغان كىشىگە بېرىدىغان مەنە قىممىتىنى نۆلگە تەڭ دېيىشكە بولىدۇ. ئائىلىلەردە ئىشلىتىلىدىغان توك يولىنى ئۈزگۈچى ئەسۋابنىڭ «ۋىكلىيۇچاتىل» دەپ ئاتىلىشى چەت تىلدىن كىرگەن ئۇقۇم، ھازىر ئۇنىڭ مەنە ئاتالغۇسى «ئۈزچات» بولۇپ، ئۈزۈپ چاتىدىغان ئەسۋاب دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ. بۇ نېمە دىگەنمۇ توغرا ھەم ئوبرازلىق ئاتاش؟ دېمەك، باشقا تىللاردىن بىۋاسىتە ئاھاڭى بۇيىچە تەرجىمە قىلىنغان ئاتالغۇلارنىڭ مەنە ئىپادىلەش قىممىتى ناھايىتى تۆۋەن بولۇپ قالماقتا. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلىنىڭ تەرەققىياتقا ماسلىشىش ئىقتىدارىغا قىلىنغان بىر تۈرلۈك ئەشەددىي خىرىستىن ئىبارەت. مۇشۇنداق ئەھۋالدا توغرا مەنە يەتكۈزۈشنى ئەمەس بەلكى پاساھەتلىكنى ھەم ئاسانلىقنى(سۆزلۈك ياساش جەھەتتىكى ئاسانلىق كۆزدە تۇتۇلىدۇ) قوغلاشساق يىتىلۋاتقان ئەۋلادلارنىڭ بىر نەرسە چۈشۈنىشىگە پۇتلىكاشاڭ بولۇپ قالىدۇ، تىلنى بۇنچىلىك زەئىپلەشتۈرۈشنىڭ قىلچىلىك زۆرۆريىتى يوق. ئادەم ئىسمى، يەر – جاي نامى ھەم پەۋقۇلئاددە ئاتالغۇلاردىن باشقا ھەرقانداق ئاتالغۇنى مەنىسى بۇيىچە ئۆزلەشتۈرۈشكە قىلىشقا بولىدۇ. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى كۆپلىگەن نوپۇزلۇق تىلشۇناسلار تەرجىمە خىزمىتىدە مەنە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلمەكتە.

ئاتالغۇلارنى ساپ ئۇيغۇر تىلى بىلەن ئىپادىلەپ چىقىش بۇندىن كېيىنكى تىل تەتقىقاتىمىزنىڭ مۇھىم بىر نىشانى. ئاتالغۇلارنى تەرجىمە قىلىش ۋە يېڭى سۆزلۈك ئىجات قىلىشتا خەلقئارادا فرانسوزچىدىن، دۆلەت ئىچىدە خەنزۇ تىلىدىن ئۆرنەك ئالساق بولىدۇ. فرانسۇز تىلىنىڭ مەنە ئىپادىلىشى كۈچلۈك، قاراتمىلىقى يۇقىرى بولۇپ، مۈجمەل مەناسى ناھايىتى ئاز ئىكەن. مىسالەن «ئاۋىئاماتكا» دېگەن سۆزنىڭ فرانسوزچىدا تەرجىمە قىلىنغاندىن كېيىنكى ئاتالغۇسى «ئايروپىلان ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ھەربىي پاراخوت» دېگەندىن ئىبارەت بولۇپ، ئىنتايىن ئوبرازلىق، ئىپادىلەنمەكچى بولغان نەرسىنى «ئاۋىئاماتكا» دېگەنگە قارىغاندا ئاسان چۈشەنگىلى بولىدۇ. ئاڭلىشىمچە بۇ تىل چۈشىنىشلىك ھەم مۈجمەل مەنىسى ئاز، ئېھتىياتچان بولغاچقا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇھىم ھۆججەت – قارارلىرى فرانسۇز تىلىدا چىقىدىكەن. خەنزۇ تىلىنىڭ ئىپادىلەش شەكىلىمۇ ناھايىتى ئوبرازلىق، چۈشىنىشلىك بولۇپ، تىل تەتقىقاتچىلار بۇ جەھەتتىمۇ نەزىرىنى ئاغدۇرۇشى زۆرۈر، بىز ئەڭ كۆپ ئۇچرىشىپ تۇرىدىغان تىل بولغاچقا خەنزۇ تىلى توغرۇلۇق كۆپ توختالمىدىم.

خۇلاسە كالام، تىلىمىزدىكى ئاتالغۇلارنى قانداقتۇر بىرەر سەۋەپكە تاقاپ زىيادە شالغۇتلاشتۇرۋىتىش ھەرگىز توغرا ئۇسۇل ئەمەس، چۈشىنىكسىز ئاتالغۇلارغا مۇرەسسە قىلىشقا بولمايدۇ. بىر تىلنىڭ ئىستېمال سەۋىيىسى مۇشۇنداق ئاتالغۇلار بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك بولىدۇ. بۇ مەسلىلەر توغرا ھەل بولغاندىلا ئۆزىمىزدىكى تىل ئۆتكىلى قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلغان بولىمىز. تىل خىزمىتى ئۇل خىزمىتىدىن ئىبارەت.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-7-26 15:42:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
داۋامى

2.1 تەپەككۇر نامراتلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە

تەپەككۇر نامراتلىقى – بۇ سۆز ئاساسلىقى تەپەككۈر ماقالىلىرى ۋە يېڭى ئىرادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ كەمچىللىكى، ئەنئەنىۋى پىكىرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى، پەيلاسوپلارنىڭ يېڭىچە ياشاش تەپەككۇر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشىدە ساقلانغان نۇقسانلارغا قارىتىلغان. مېنىڭ شەخسىي ئېڭىمدا تەپەككۇر دېمەك مەلۇم بىر ئىشنىڭ راۋان تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي، توغرا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىستراتېگىيە (ئامال – چارە) بەلگىلەشتىن ئىبارەت. تەپەككۇر ھەرگىز بىر مەسىلىدىن قانداق قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش توغرۇلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. ئېڭىمىزدىكى ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، پاكىتنى قايرىپ قۇيۇپ ھېسسىياتقا ئىغىش پسىخىكىسى(يەنى ھېسسىياتنىڭ ئەقىلنىڭ ئالدىدا بولۇشى) قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىك يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى ئاساسەن توسۇپ قويۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلە خېلى كۆرۈنەرلىك. بولۇپمۇ ئۆزىمىزگە زىيادە تەمەننا قويۇش، ھە دىگەندە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنۇش، تارىخى نەتىجىلەرنى زىيادە دەسمايە قىلۋىلىش، تەقدىرى ئوخشاشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭۈلنى ئەمىن تاپتۇرۇش قاتارلىق قىلىپلىشىپ كەتكەن ئىدىيىۋى ئاڭ بىر تۈركۈم زىيالىيلار قاتلىمىغا خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ خىل روھىي-كەيپىيات بىلەن ئېلغار پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز. بۇخىل ئەھۋالدا ئۆزىنىڭلا نەتىجىسى كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى كىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىگە ئۆزىدە بار نەرسىنى سىلىشتۇرۇپ، تەسەللى تاپقۇسى كېلىدۇ. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتىكى بۇ خىل پىكىرگە ئەگەشكۈچى كىشىلەرنى داۋاملىق غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەجەللىك پالتا ئۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭىچە كۆز قاراش ۋە تەپەككۈرنى بىخ ھالىتىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋراڭنى چوڭ سېلىپ كىشىلەرنى داۋاملىق جاھالەتتە يىتىشقا، توغرىسى ئۆزىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. يىراق ھەم يېقىنقى زامان تارىخ بەتلىرىدە ئايان بولغىنىدەك ناھايىتى ئاددىي ھىيلە– نەيرەڭلەرگىمۇ ئالدىنىپ كۆنۈپ كەتكەن ساددا، ئاقكۆڭۈل ئادەملىرىمىز بۇ تەشەببۇسلارنىڭ تىگى مەنىسىگە يەتمەستىنلا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئىقىمى ۋە ھالىتىدىن قىلچە بىخەۋەر تەركىي دۇنيالىق، جان باقتىلىق، شۈكرى – قانائەتچانلىق ۋە كونىلىققا قۇلچىلىق توغرىسىدىكى چىرايلىق پەدازلانغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كىتۋاتماقتا. ئىلغار پىكىر ئېقىمدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئىللىتى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن بولسا، كونسىرۋاتىپ، ئەنئەنىۋى پىكىر قىلغۇچىلار ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، مىللىي – دىنىي ھېسسىيات پسىخىكىسى، ماختاپ ئۇچۇرۇش، تەسەللى – پەپىلەش نەيرىڭىنى، ھەتتا خەلق بەرگەن ئىمتىيازىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئېغىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى داۋاملىق ئالداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. كونسىرۋاتىپلار (ئەسلىدىكىسىدە چىڭ تۇرغۇچىلار) كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھېسسىيات جەھەتتىكى يولىغا كىرۋىلىپ، قىلچىلىك يىڭى ئاڭ، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي دەسمايىسى بولمىغان ئەھۋالدا، دۇنيا ئىلىم – پېنى ھەم ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا تۇرۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىغا تايىنىپ، سۇنىڭ ئېقىشى بۇيىچە يول تۇتۇپ، پاساھەتلىك سۆزلىرى، گەپدانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياپ، تەسىر ۋە نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىۋالغان. بۇ ئۇلارنىڭ خەلق روھىدىكى «مەنىۋى داھى» بولۇشتەك شۆھرەت تاماگەرلىكى خالتىسىنى تۇشقۇزۇپ، ئۆز پىكىرىنىڭ قۇربانى قىلىشقا ئالدىغان. بۇ خىل ئالداشنى تارىختىكى خوجا– ئىشانلارنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋىلىپ ساددا خەلقنى ئالدىغانلىقىغا تەققاسلاش مۇمكىن.
بۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە ئالدانغۇچىلار خاموشلۇق بىلەن لاپ ئۇرۇپ ئۆزلىرىنى «ئالەمدە بىر» ساناپ، غەپلەت ئويقىسىدا يىتىۋېرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھەم تېخىمۇ يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىجادىي تەپەككۇرىنى مەسخىرە قىلىدىغان، دادىل پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كەيپىيات كېلىپ چىقىدۇ. ئالدانغانلار ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭلا تۇتقان يولى توغرا بولۇپ، دۇنيادا بۇلارنىڭ قىلغىنىدىن دۇرۇس ئىش يوق. دېمەك، «ھازىرقى زامان ژۇرنال پەيلاسوپلىرى» كىشىلەرگە قىلچىلىك يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەلمىدى. ئاممىنىڭ پىكىر ئېڭى ئىلگىرلىمەيلا قالماي بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، بىلىش دائىرىسى بارغانسېرى چىكىندى. ساۋاتلىقلار بىلەن ساۋاتسىزلار(ئىلغار مەدەنىيەت ساۋاتلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نىڭ پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ كەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ تەپەككۈر ھەم ئوي- پىكىردىكى بۇنداق قايمۇقۇشنى ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە تەكرارلاش پاجىئەدىنلا ئىبارەت.

بۇشاڭ كىشىلەر ھامان ئاچچىق نەسىھەتتىن تەبىئىي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئالقىش-مەدھىيە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئارام تىپىشىدۇ. قىيىن ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ ئاسىنىغا يۈگرەيدۇ. نەتىجىدە كونسىرۋاتىپلار كۈپۈكتەك گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدىكى ھەقىقىي پەلسەپە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ياشاش سەنئىتى توغرىسىدىكى تەلىمى، نەسىھىتى خۇنىكلىشىپ، خەلق قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدى. مانا بۇ يىڭىلگۈچى «روھ سىياسىيونلىرى»نىڭ كىشىلەر ئېڭىغا سىڭدۈرگەن تەپەككۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە خەلق بىلەن ئۆزىنىمۇ قوشۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇلار يىڭى پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى «ئەدەپلەش»تىن ئىلگىرى ئۆز يولىنىڭ توغرا – خاتالىقى ئۈستىدە كۆپەرەك ئويلىنىشى، نەزەر دائىرىسىنى ناھايىتىمۇ يىراققا تاشلىشى، بولۇپمۇ پىكىرىنى ئازاد قىلىشى كېرەك. شۇندىلا يىڭىچىلار بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ ئىلىم – مەرىپەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كىمىكى ئۆز جەلىپكارلىقىنىڭ مەپتونكار قۇربانلىرى بوپقالىدىكەن، ئۇنىڭ ھالاكىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ. تەپەككۇر نامراتلىقى قانچە ئېغىر، قانچىكى قالاق- كونسىرۋاتىپ، بىكىنمە بولسا، ھېسسىيات ئەقىلنى كەسسە، بۇنداق كىشىلەردىن يېڭى نەرسىلەر چىقمايدۇ، تېخىمۇ توغرا بولغان يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىلىقچىلارغا قارىشى ئاكتىپ ھوجۇمدارلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە ئۇلار مىللەتنىڭ روھىدىكى ئىللەتنى كۆرسەتكۈچىلەر بولسىمۇ، ئەمما دائىم تەنقىدلەشكە تىگىشلىكىنى تاپالمايدۇ. توغرا كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەرنى كەمسىتىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى «ژۇرنال پەيلاسوپ»لىرىنىڭ تەپەككۇر نامراتلىقى. ئۇلارنىڭ پىكىر تەلىپى ۋە ئاخىردا يەتمەكچى بولغان نىشانى يىراق ئەمەس. بۇنداق پىكىرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمدا ياشاۋاتقان تۈرۈكىي، ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقىنى بەخت، تىلداش بولۇشنى شەرەپ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات تېز بولۋاتقان رايونلار مەدەنىيىتى، غەرب ئىلىم – پەن مەدەنىيىتى ۋە توغرا تەپەككۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېنىقكى تەرەققىياتقا يەنە بىر پۇتلىكاشاڭ بوپقالىدۇ. نوقۇل ھالدا ئۆزى بىلەن تىلداش، دىنداش مىللەتلەرنىڭ تەپەككۈرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ئىنتىلىش، تەرغىبات ھەرىكىتى شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنى تەرەققىيات يولىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ، بىر نۇقتىنى قىسمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشى ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق مىللەتلەر بىلەن باغلىۋالغانلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يەنە بىر تەرەپتىن، مۇتەپپەككۈر ھەم مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتارىغا بىر قىسىم ئەدەبىيات ساھىبىلىرىنىڭ باشچىلاپ ئارىلىشىپ كېتىشى بۇ ساھەنى ھەقىقەتەنمۇ چېگرىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس قىلىپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەسىلىلەرنى مېنىڭچە نۆۋەتتىكى يازغۇچىلارغا قارىغاندا جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن ئىقتىسادشۇناشلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، جاھانكەزدىلەر، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەنى مۇشۇنداق كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئەڭ توغرا. يازغۇچىلىق بىلەن پەلسەپەنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى تەسەۋۋۇرغا تايانسا، كەينىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. رېئال مەسىلىلىنى پەدازلاشقا، ئەدەبىي ھىسىياتنى ئارلاشتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن زاكۇنشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس. بىزگە تۇنۇشلۇق بولۋاتقان سوقرات (ئىلاھىيەت ۋە ئەخلاقشۇناسلىق پەيلاسوپى)، ئارستوتىل (تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ)، ئەپلاتون قاتارلىقلار ھەم يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىليىلىك ئىقتىشادسۇناس ھەم پەيلاسوپ داۋىد ھوم، ئامىرىكىلق پەيلاسوپ جون دوۋىي قاتارلىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدىب ئەمەس.

پەيلاسوپ تەبىئەت قانونىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ھەم ئىجادىي تەپەككۈر روھىغا ئىگە ئىزدىنىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. چۈنكى تەبىئەت قانونيىتى(مىسالەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۇنىڭ لەيلىتىش پرىنسىپى قاتارلىقلار) ھەق قانۇنىيەت بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان يارالمىش مۇقەررەر ئىلىمدۇر. شۇڭا پەيلاسوپ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلىم ساھىبى بولۇشى ئاندىن مۇشۇ ئىدىيىسىنى قىبلىنامە قىلغان ئاساستا ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىلمىي قانونىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان تەمكىنلىك كىشىنى ھەر ۋاقىت ھەق سۆزلەشكە، ھىسىياتقا بېرىلمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ روھ بىلەن قەلەم تەۋرەتكەندە زاكۇنشۇناسلىق ۋايىغا يىتىدۇ.

2.1 تەپەككۇر نامراتلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە

تەپەككۇر نامراتلىقى – بۇ سۆز ئاساسلىقى تەپەككۈر ماقالىلىرى ۋە يېڭى ئىرادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىرىنىڭ ئېڭىدىكى يېڭىچە تەپەككۇر ئېڭىنىڭ كەمچىللىكى، ئەنئەنىۋى پىكىرنى بۆسۈپ ئۆتۈش ئىقتىدارىنىڭ ئاجىزلىقى، پەيلاسوپلارنىڭ يېڭىچە ياشاش تەپەككۇر ئېقىمى شەكىللەندۈرۈشىدە ساقلانغان نۇقسانلارغا قارىتىلغان. مېنىڭ شەخسىي ئېڭىمدا تەپەككۇر دېمەك مەلۇم بىر ئىشنىڭ راۋان تەرەققىياتى جەريانىدا ساقلانغان قىيىنچىلىق، مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىجابىي، توغرا پىكىر يۈرگۈزۈپ، ئاخىرىدا ئۈنۈملۈك ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى تېپىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە ئىستراتېگىيە (ئامال – چارە) بەلگىلەشتىن ئىبارەت. تەپەككۇر ھەرگىز بىر مەسىلىدىن قانداق قىلىپ ئۆزىنى چەتكە ئېلىش ياكى ئايلىنىپ ئۆتۈپ كېتىش توغرۇلۇق ئەمەس، بەلكى ئۇنى قانداق ھەل قىلىش ئۈستىدە بولۇشى كېرەك. ئېڭىمىزدىكى ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، پاكىتنى قايرىپ قۇيۇپ ھېسسىياتقا ئىغىش پسىخىكىسى(يەنى ھېسسىياتنىڭ ئەقىلنىڭ ئالدىدا بولۇشى) قاتارلىق مەنىۋى كېسەللىك يېڭىچە ئىدىيە ۋە تەپەككۇر يوللىرىنى ئاساسەن توسۇپ قويۋاتىدۇ. بۇنداق مەسىلە خېلى كۆرۈنەرلىك. بولۇپمۇ ئۆزىمىزگە زىيادە تەمەننا قويۇش، ھە دىگەندە تەسەللى بېرىشكە ئۇرۇنۇش، تارىخى نەتىجىلەرنى زىيادە دەسمايە قىلۋىلىش، تەقدىرى ئوخشاشلار بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆڭۈلنى ئەمىن تاپتۇرۇش قاتارلىق قىلىپلىشىپ كەتكەن ئىدىيىۋى ئاڭ بىر تۈركۈم زىيالىيلار قاتلىمىغا خېلى چوڭقۇر سىڭىپ كىرگەن بولۇپ، بۇ خىل روھىي-كەيپىيات بىلەن ئېلغار پىكىر ئېقىمى پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى ناھايىتى ئاز. بۇخىل ئەھۋالدا ئۆزىنىڭلا نەتىجىسى كۆرۈنۈپ، باشقىلارنىڭكىنى ئىنكار قىلىش خاھىشى كىلىپ چىقىدۇ. ھېچ بولمىغاندا باشقىلارنىڭ ئالەمشۇمۇل نەتىجىسىگە ئۆزىدە بار نەرسىنى سىلىشتۇرۇپ، تەسەللى تاپقۇسى كېلىدۇ. بۇ قىلمىش جەمئىيەتتىكى بۇ خىل پىكىرگە ئەگەشكۈچى كىشىلەرنى داۋاملىق غەپلەتتە قالدۇرىدۇ، مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەجەللىك پالتا ئۇرىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يېڭىچە كۆز قاراش ۋە تەپەككۈرنى بىخ ھالىتىدە ئۆلتۈرۈپ تاشلاشقا ئۇرۇنسا، يەنە بىر تەرەپتىن داۋراڭنى چوڭ سېلىپ كىشىلەرنى داۋاملىق جاھالەتتە يىتىشقا، توغرىسى ئۆزىدىكى نەرسىلەرگە ئالدىنىشقا تەشەببۇس قىلىدۇ. يىراق ھەم يېقىنقى زامان تارىخ بەتلىرىدە ئايان بولغىنىدەك ناھايىتى ئاددىي ھىيلە– نەيرەڭلەرگىمۇ ئالدىنىپ كۆنۈپ كەتكەن ساددا، ئاقكۆڭۈل ئادەملىرىمىز بۇ تەشەببۇسلارنىڭ تىگى مەنىسىگە يەتمەستىنلا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ دۇنيانىڭ ھازىرقى ئىقىمى ۋە ھالىتىدىن قىلچە بىخەۋەر تەركىي دۇنيالىق، جان باقتىلىق، شۈكرى – قانائەتچانلىق ۋە كونىلىققا قۇلچىلىق توغرىسىدىكى چىرايلىق پەدازلانغان سۆزلىرىگە ئالدىنىپ كىتۋاتماقتا. ئىلغار پىكىر ئېقىمدىكىلەر ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ئىللىتى كۆرسىتىلىپ بېرىلگەن بولسا، كونسىرۋاتىپ، ئەنئەنىۋى پىكىر قىلغۇچىلار ئۆزىگە مەپتون بولۇش پسىخىكىسى، مىللىي – دىنىي ھېسسىيات پسىخىكىسى، ماختاپ ئۇچۇرۇش، تەسەللى – پەپىلەش نەيرىڭىنى، ھەتتا خەلق بەرگەن ئىمتىيازىنى ئىشلىتىپ كىشىلەرنىڭ ھېسسىيات ئېغىشىدىن پايدىلىنىپ ئۇلارنى داۋاملىق ئالداش مەقسىتىگە يەتمەكچى بولىدۇ. كونسىرۋاتىپلار (ئەسلىدىكىسىدە چىڭ تۇرغۇچىلار) كىشىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى ھېسسىيات جەھەتتىكى يولىغا كىرۋىلىپ، قىلچىلىك يىڭى ئاڭ، ئىجادىي تەپەككۇر ۋە ئىلمىي دەسمايىسى بولمىغان ئەھۋالدا، دۇنيا ئىلىم – پېنى ھەم ۋەزىيىتىدىن خەۋەرسىز ئەھۋالدا تۇرۇپ، ئوقۇغان كىتابلىرىغا تايىنىپ، سۇنىڭ ئېقىشى بۇيىچە يول تۇتۇپ، پاساھەتلىك سۆزلىرى، گەپدانلىقى بىلەن خەلقنىڭ كۆزىنى بۇياپ، تەسىر ۋە نوپۇز جەھەتتە ئۈستۈنلۈكنى ئىگەنلىۋالغان. بۇ ئۇلارنىڭ خەلق روھىدىكى «مەنىۋى داھى» بولۇشتەك شۆھرەت تاماگەرلىكى خالتىسىنى تۇشقۇزۇپ، ئۆز پىكىرىنىڭ قۇربانى قىلىشقا ئالدىغان. بۇ خىل ئالداشنى تارىختىكى خوجا– ئىشانلارنىڭ دىنىي تونغا ئورىنىۋىلىپ ساددا خەلقنى ئالدىغانلىقىغا تەققاسلاش مۇمكىن.

بۇ خىلدىكى پىكىرلەرگە ئالدانغۇچىلار خاموشلۇق بىلەن لاپ ئۇرۇپ ئۆزلىرىنى «ئالەمدە بىر» ساناپ، غەپلەت ئويقىسىدا يىتىۋېرىدۇ، ئەتراپىدىكى ھەم تېخىمۇ يىراقتىكى كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىگە پەرۋاسىز قارايدىغان، ئىجادىي تەپەككۇرىنى مەسخىرە قىلىدىغان، دادىل پىكىر قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان كەيپىيات كېلىپ چىقىدۇ. ئالدانغانلار ئۈچۈن پەقەت ئۆزىنىڭلا تۇتقان يولى توغرا بولۇپ، دۇنيادا بۇلارنىڭ قىلغىنىدىن دۇرۇس ئىش يوق. دېمەك، «ھازىرقى زامان ژۇرنال پەيلاسوپلىرى» كىشىلەرگە قىلچىلىك يېڭى نەرسىلەرنى ئېلىپ كىلەلمىدى. ئاممىنىڭ پىكىر ئېڭى ئىلگىرلىمەيلا قالماي بەلكى كىشىلەرنىڭ كۆز قارىشى، بىلىش دائىرىسى بارغانسېرى چىكىندى. ساۋاتلىقلار بىلەن ساۋاتسىزلار(ئىلغار مەدەنىيەت ساۋاتلىقى كۆزدە تۇتۇلىدۇ) نىڭ پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ كەتتى. خەلق ئاممىسىنىڭ تەپەككۈر ھەم ئوي- پىكىردىكى بۇنداق قايمۇقۇشنى ھازىرقى ئۇچۇر دەۋرىدە تەكرارلاش پاجىئەدىنلا ئىبارەت.

بۇشاڭ كىشىلەر ھامان ئاچچىق نەسىھەتتىن تەبىئىي ئۆزىنى قاچۇرۇپ، كۆڭلىگە ياقىدىغان ئالقىش-مەدھىيە ئاڭلاشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ ھەم ئۇنىڭدىن ئارام تىپىشىدۇ. قىيىن ئىشلارنى تاشلاپ قويۇپ ئاسىنىغا يۈگرەيدۇ. نەتىجىدە كونسىرۋاتىپلار كۈپۈكتەك گەۋدىلىنىپ، ئىجتىمائىي پەن ساھاسىدىكى ھەقىقىي پەلسەپە ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ياشاش سەنئىتى توغرىسىدىكى تەلىمى، نەسىھىتى خۇنىكلىشىپ، خەلق قايسىنى تاللاشنى بىلەلمەي قالدى. مانا بۇ يىڭىلگۈچى «روھ سىياسىيونلىرى»نىڭ كىشىلەر ئېڭىغا سىڭدۈرگەن تەپەككۇر ئەركىنلىكى جەھەتتە خەلق بىلەن ئۆزىنىمۇ قوشۇپ قاراڭغۇلۇقتا قالدۇرۇش مەغلوبىيىتىدىن ئىبارەت. ئۇلار يىڭى پىكىر ئېقىمدىكىلەرنى «ئەدەپلەش»تىن ئىلگىرى ئۆز يولىنىڭ توغرا – خاتالىقى ئۈستىدە كۆپەرەك ئويلىنىشى، نەزەر دائىرىسىنى ناھايىتىمۇ يىراققا تاشلىشى، بولۇپمۇ پىكىرىنى ئازاد قىلىشى كېرەك. شۇندىلا يىڭىچىلار بىلەن ئورتاقلىق ھاسىل قىلىپ ئىلىم – مەرىپەت يولىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ. كىمىكى ئۆز جەلىپكارلىقىنىڭ مەپتونكار قۇربانلىرى بوپقالىدىكەن، ئۇنىڭ ھالاكىتى شۇنچە تېزلىشىدۇ. تەپەككۇر نامراتلىقى قانچە ئېغىر، قانچىكى قالاق- كونسىرۋاتىپ، بىكىنمە بولسا، ھېسسىيات ئەقىلنى كەسسە، بۇنداق كىشىلەردىن يېڭى نەرسىلەر چىقمايدۇ، تېخىمۇ توغرا بولغان يولنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيلا قالماستىن، بەلكى يېڭىلىقچىلارغا قارىشى ئاكتىپ ھوجۇمدارلارغا ئايلىنىپ قالىدۇ. گەرچە ئۇلار مىللەتنىڭ روھىدىكى ئىللەتنى كۆرسەتكۈچىلەر بولسىمۇ، ئەمما دائىم تەنقىدلەشكە تىگىشلىكىنى تاپالمايدۇ. توغرا كۆرسىتىپ بەرگۈچىلەرنى كەمسىتىدۇ. مانا بۇ بىزدىكى «ژۇرنال پەيلاسوپ»لىرىنىڭ تەپەككۇر نامراتلىقى. ئۇلارنىڭ پىكىر تەلىپى ۋە ئاخىردا يەتمەكچى بولغان نىشانى يىراق ئەمەس. بۇنداق پىكىرنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغانلار ئۆز تەقدىرىنىڭ قۇرغاق ئىقلىمدا ياشاۋاتقان تۈرۈكىي، ئەرەب ۋە پارس خەلقلىرىدىن پەرقلەنمەيدىغانلىقىنى كۆرۈپ يىتەلەيدۇ. شۇنداقلا ئۇلار بىلەن تەقدىرداش بولغانلىقىنى بەخت، تىلداش بولۇشنى شەرەپ دەپ قارايدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرەققىيات تېز بولۋاتقان رايونلار مەدەنىيىتى، غەرب ئىلىم – پەن مەدەنىيىتى ۋە توغرا تەپەككۇر مەدەنىيىتىدىن تېخىمۇ يىراقلىشىپ كېتىدۇ. بۇ ئېنىقكى تەرەققىياتقا يەنە بىر پۇتلىكاشاڭ بوپقالىدۇ. نوقۇل ھالدا ئۆزى بىلەن تىلداش، دىنداش مىللەتلەرنىڭ تەپەككۈرىدىن ئۆرنەك ئېلىش، ئىنتىلىش، تەرغىبات ھەرىكىتى شۇنىڭ تەسىرىگە ئۇچراۋاتقان كىشىلەرنى تەرەققىيات يولىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ، بىر نۇقتىنى قىسمەن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدىكى، تەرەققىياتنىڭ ئاستا بولۇشى ئۆزىمىزنى مۇشۇنداق مىللەتلەر بىلەن باغلىۋالغانلىقىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

يەنە بىر تەرەپتىن، مۇتەپپەككۈر ھەم مەدەنىيەت ئوبزورچىلىرى قاتارىغا بىر قىسىم ئەدەبىيات ساھىبىلىرىنىڭ باشچىلاپ ئارىلىشىپ كېتىشى بۇ ساھەنى ھەقىقەتەنمۇ چېگرىسىنى پەرقلەندۈرۈش تەس قىلىپ قويدى. جەمئىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىدىكى مەسىلىلەرنى مېنىڭچە نۆۋەتتىكى يازغۇچىلارغا قارىغاندا جەمئىيەتشۇناسلار بىلەن ئىقتىسادشۇناشلار، ئىلمىي تەتقىقاتچىلار، جاھانكەزدىلەر، ئىگىلىك باشقۇرغۇچىلار ھەممىدىن بەك چۈشىنىدۇ. شۇڭا بۇ ساھەنى مۇشۇنداق كىشىلەرگە تاپشۇرۇش ئەڭ توغرا. يازغۇچىلىق بىلەن پەلسەپەنى ھەرگىز ئارىلاشتۇرۇشقا بولمايدۇ. ئالدىدىكى تەسەۋۋۇرغا تايانسا، كەينىدىكى رېئال مەسىلىلەرگە بېرىپ تاقىلىدۇ. رېئال مەسىلىلىنى پەدازلاشقا، ئەدەبىي ھىسىياتنى ئارلاشتۇرۋىتىشكە بولمايدۇ. ئەدەبىي تەسەۋۋۇر بىلەن زاكۇنشۇناسلىق بىر گەپ ئەمەس. بىزگە تۇنۇشلۇق بولۋاتقان سوقرات (ئىلاھىيەت ۋە ئەخلاقشۇناسلىق پەيلاسوپى)، ئارستوتىل (تەبىئىي پەن ئالىمى، پەيلاسوپ)، ئەپلاتون قاتارلىقلار ھەم يېقىنقى زاماندىكى ئەنگىليىلىك ئىقتىشادسۇناس ھەم پەيلاسوپ داۋىد ھوم، ئامىرىكىلق پەيلاسوپ جون دوۋىي قاتارلىلارنىڭ ھېچقايسىسى ئەدىب ئەمەس.

پەيلاسوپ تەبىئەت قانونىيەتلىرى ئۈستىدە پىكىر يۈرگىزەلەيدىغان ھەم ئىجادىي تەپەككۈر روھىغا ئىگە ئىزدىنىدىغان ئادەم بولۇشى كېرەك. چۈنكى تەبىئەت قانونيىتى(مىسالەن يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى، سۇنىڭ لەيلىتىش پرىنسىپى قاتارلىقلار) ھەق قانۇنىيەت بولۇپ، قەتئىي ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغان يارالمىش مۇقەررەر ئىلىمدۇر. شۇڭا پەيلاسوپ ئالدى بىلەن تەبىئەت ئىلىم ساھىبى بولۇشى ئاندىن مۇشۇ ئىدىيىسىنى قىبلىنامە قىلغان ئاساستا ئىنسانشۇناسلىق تەتقىقاتىنى ئېلىپ بېرىشى كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا ئىلمىي قانونىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان تەمكىنلىك كىشىنى ھەر ۋاقىت ھەق سۆزلەشكە، ھىسىياتقا بېرىلمەسلىككە دەۋەت قىلىپ تۇرىدۇ. مۇشۇ روھ بىلەن قەلەم تەۋرەتكەندە زاكۇنشۇناسلىق ۋايىغا يىتىدۇ.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-7-26 15:44:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
داۋامى

2.2 تەپەككۈرنى ئېچىشنىڭ ئۇسوللىرى ئۈستىدە ئويلىنىش

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان كىشىلەرنىڭ مۇھىتقا، ئېنىرگىيەگە بولغان قارىشى كۈچىيىپ ئاكتىپ تەدبىرلەرنى قولانماقتا. مەلۇم بىر دۆلەت پىرزىدىنتى ئۆز قولى بىلەن خەلققە باشلامچىلىق قىلىپ چوڭ بىر شەھەردىكى بارلىق ئېلېكتر چىراغنى بىر سائەت ئۆچۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ باردى. بۇ خىل پائالىيەت قارىماققا ناھايىتى ئاددىيدەك قىلسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمىگە سەل قاراشقا بولمايدۇ. كىشىلەر بۇ پائالىيەتتىن ئېنېرگىيە تىجەشنىڭ ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى تونۇپ يىتەلەيدۇ ھەم بۇ پائالىيەتنى ئۆزىنىڭ كۈندىلىك ئادىتىگە ئايلاندۇرۇشقا تىرىشىدۇ. يەنە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ تەسەۋۇرى ۋە تەپەككۇرى غىدىقلىنىپ ئېنېرگىيە تىجەشچان مەھسۇلاتلارغا بولغان ئوي – پىكرى ئاۋۇيدۇ ياكى ئېنېرگىيە تىجەشچان ئۇسولار ئۈستىدە يېڭىچە ئىزدىنىشكە باشلايدۇ. دۇنيادىكى ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنىڭ قايتا ھاسىل بولمايدىغانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈشكە باشلايدۇ. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يەنە ئىچىملىك سۇ تېجەش، بۇلغانما قۇيۇپ بېرىشنى ئازايتىش تىپىدىكى ئەھمىيەتلىك پائالىيەتلەر خېلى كۆپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەر كىشىلەرنىڭ ئىلمىي تەپەككۇرىنى كۈچلۈك غىدىقلاپ ئىجادىي پائالىيىتىگە بەلگىلىك رول كۆرسىتىدۇ، مانا بۇ ئومۇمىي خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى قانداق ئۇيغۇتۇش توغرىسىدىكى تىپىك مىسال، بۇ مىسال مەيلى مۇھىت ياكى ئېنېرگىيە تىپىغا تەۋە بولسۇن ئانچە مۇھىم ئەمەس، مەن دىمەكچى بولغانلىرىمنىڭ تېخىمۇ ئەمەلىي ھەم چۈشۈنۈشلۈك بولۇشى ئۈچۈنلا بۇ مىسالنى كەلتۈردۈم. بۇنىڭدىكى مەقسەت مۇشۇنىڭغا ئوخشاش «غەيرىي، ئاكتىپ» ئۇسوللار ئارقىلىق خەلقنىڭ تەپەككۇرىنى غىدىقلاشقا تۈرتكە بولىدىغان ئامىللارنى تىپىپ چىقىشتىن ئىبارەت، كىشىلەر تەپەككۇر يۈرگۈزۈشتىن ئىلگىرى ئويلانماقچى بولغان مەسىلىنىڭ مۇھىملىقىنى رەسمىي ھېس قىلىشى كېرەك. ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب ۋە پارس مەملىكەتلىرىدە بۇنداق پائالىيەتلەردىن تېخى بىرىمۇ يوق دېيەرلىك. ياۋروپادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىياتىدىن شۇنى ھېس قىلىمىزكى، ئىلىم – پەن تەرەققىياتى تېز بولۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ قوشنا ئەللىرىمۇ تېز تەرەققىي قىلغان ۋە قىلماقتا. بۇ ياۋروپادىكى ھەممە دۆلەتتە ئورتاق مەۋجۇت بىر ھادىسىگە ئايلانغان. دېمەك، پەن – تېخنىكا، يەرشارىلىشۋاتقان ئىقتىساد، خەلقئارا جاھاندارچىلىق مەدەنىيىتى ھەم يېڭىچە خىرىس – رىقابەت، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر ئەندىزىسى قوشنا دۆلەتلەرنىڭ يۈكسۈلىشىگە ئىجابىي تەسىر كۆرسەتكەن. ياۋروپا دۆلەتلىرىنى دېمەي تۈركىيىنى مىسال قىلىپ ئۆتەيلى. تۈركىيە گەرچە ئاسىيادىكى دۆلەت ھىساپلانسىمۇ ئەمما تۈركىيە سىياسىيونلىرى ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقىغا تەۋە بولۇشنى ھەم ياۋرۇ رايونىغا يىقىنلىشىنى ئىزدەۋاتىدۇ ۋە بۇ جەھەتتە بەلگىلىك نەتىجىگە ئېرىشتى، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتىغا كىرىپ ئامىرىكا – ياۋرۇپا ھەربىي ئىشلىرىدا ماس قەدەمدە ئىلگىرلەش شەرتىنى ھازىرلىدى. ئۇلار ئوتتۇرا شەرق، ئەرەب دۇنياسى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا رايونلىرى بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت قىلىشقا ئاكىتىپ پۇزۇتسىيە تۇتمىدى. بۈگۈنكى كۈندىكى تۈركىيە مۇسۇلمان ئەللىرى ئىچىدە تەرەققىياتى ھەممىدىن يۇقىرى دۆلەتكە ئايلاندى. مانا بۇ غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئىلمىي تەپەككۈرى سىھرىي كۈچىنىڭ بىر نامايەندىسى. شۇڭا كۆز قاراش، ياشاش سەنئىتى جەھەتتە ئوتتۇرا ئاسىيا، ئەرەب، پارس قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ تۇتقان يولى ۋە تەپەككۈرىگە بىقىنىۋېرىشكە ئەمدى بولمايدۇ، مېنىڭچە بىز ئۇلار بىلەن بىر قىيىقتىكى يولۇچىلار ئەمەس. شۇڭا، يېڭىچە رىقابەت، خىرىس، مەۋجۇتلۇق تەپەككۇر تۇيغۇسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاش، غىدىقلاپ ئويغىتىش زۆرۈر. گەرچە بىز ياشاش ئۇسۇلى ۋە ئۆرۈپ – ئادەت، دىنىي ئېتىقاد جەھەتتە ياۋرۇپالىقلاردىن پەرقلىق بولسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلغارلىق تەرىپىنى توغرا قوبۇل قىلىش ئىجابىي نەتىجە ئېلىپ كېلىدۇ. بۇ خىل ھالەتنى يات كۆرمەسلىك لازىم.
بىزدە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان كىشىلەردىن دۆلەت ئىچىگە قايتقانلىرىنىڭ تەسىرات ئەسىرى ياكى مۇلاھىزە ماقالىلىرى يېزۋاتقانلىرى بەك ئاز. بولۇپمۇ تەبىئىي پەن ساھاسىدىكىلەرنىڭ شۇنداق. ئەكسىچە قەلەمدارلار ساھەسى بۇيىچە ئوقۇغان ياكى بىلىم ئالغانلار، زىيارەتچى«ئالىم»لار كۈچلۈك قەلىمى ۋە تەسەۋۋۇرىغا تايىنىپ بىر قىسىم ئەسەرلەرنى ئېلان قىلدى. ھېچ بولمىغاندا ساياھەت خاتىرىسى يازدى. شۇنىسى بۇ كىشىلەر ئۆز ئەسەرلىرىدە ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى بىر تەرەپتىن ئۈنسىز ئەيىيپلەپ ئۆتسە(مىسالەن، زىيادە ئىستېمال سەۋىيىسى، يۈرۈش – تۇرۇشى قاتارلىقلار)، يەنە بىر تەرەپتىن كۆرگەن – بىلگەنلىرىگە ئۆزىنىڭ كونسىرۋاتىپ ئىدىيىسى، رادىكال ھىسىياتىنى سىڭدۈرۈشكە ئۇرۇندى. ئاڭلىقلىق، ئادىللىق بىلەن بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇپ، پەدەزلىماي، تۈزلۈك بىلەن خەلققە يەتكۈزەلمىدى. ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە تەڭداشسىز تۆھپىلەرنى سوۋغا قىلغان، ئىلىم – ئىرپان ئاسمىنىدا مىسلىسىز نەتىجىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن غەرپ دۇنياسى بۇ كىشىلەرنىڭ يۈزەكى كۈزۈتىشى ھەم «بىلگىنىگە چىللىشى» بىلەن بۇزۇقچىلىقلار ئوۋىسىغا ئايلىنىشقا ئاز قالدى. كىشىلەرنىڭ ئالدىراش مىڭىشلىرى، بىر بىرىگە بولغان ئېتىبارسىز قاراشلىرى، رىتىمى تېز شەھەر، ئۆرە مال باھاسى، كىشلىك قىممەت قارىشى، پۇل قارىشى قاتارلىقلارغا كۈنەلمەي يىتىمسىرىدى. بۇ جەرياندا ئۆز يۇرتى گۈل كۆرۈندى. شۇ ئارقىلىق يات ئەللەرنىڭ ئىلغار مەدەنىيىتىنى كۆڭلىدە ئەيىبلەپ ئۆتتى. ئۆز رېستۇرانلىرىنى، ئېسىل تاماقلىرىنى، توپلىشىپ تۇرۋىلىشنى، قارتا – پاڭ ئوينىشنى، ئېشەك ھارۋىسىنى، توپىلىق يوللىرىنى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ قايسىلا بىر رايونىغا بارسا كۆزگە چېلىقىدىغان پاكار كېسەك ئۆيلىرىنى تېپىلغۇسىز مەدەنىيەت دەپ بىلىشتى. بۇنداق بىلىش خاتا ئەمەس. يات مۇھىتقا تۇنجى يۈرۈش قىلغان ھەرقانداق كىشى شۇنداق ئويلايدۇ. ئەمما، نىمىنىڭ توغرا، نىمىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ھەممىدىن ياخشى چۈشۈنىدىغان زىيالىيلارنىڭ خەلقئارالىق ئۆرۈپ – ئادەتلەرگىمۇ توغرا مۇئامىلە قىلالماسلىقنى قانداق چۈشەنسەك بولار؟ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ئىچكى ھىسىياتى ئەركىن تەپەككۇرىنى كېسىپ تاشلىغان دېيەلەيمىز. چۈنكى ياتلارنىڭ ئىلغارلىق تەرەپلىرىنى كۆزىمىز بىلەن كۆرۈپ، دىلىمىزدا ئېتىراپ قىلىپ تۇرساقمۇ، ئەمما دىنىي ئېتىقاد، يېمەك – ئىچمەك، گۈزەللىك قارىشى قاتارلىق جەھەتلەردىن قۇسۇر ئىزدەپ، ئۇلارنىڭ ئادىتىگە ناتوغرا بولغان باھا بېرىشتىن ساقلانمىقىمىز تەس بولدى. بۇنداق كۆزۈتۈشكە يەنە شۇ قەلەم ساھىبلىرى ئۆلگۈرۈپ كەلدى. تەبىئىي پەن ساھەسىدە ئىزدىنىۋاتقانلار بولسا تەجىربىخانىلاردىن چىقىشقا مۇۋەپپەق بولالمىدى. نەتىجىدە بىز پەقەت ھېسسىيات ئارىلاشقان، بۇرمىلانغان بىرەسمىي ئەھۋالنى بىلىشكە ئۈلگۈردۇق. بۇنداق ئەھۋال شۇ كىشىلەرنىڭ نوپۇز – تەسىرى بىلەن تېخىمۇ غەيرىي تۈس ئېلىپ بىزگە سىڭىشكە باشلىدى-دە، باشقىلارنىڭ ئىلغارلىقى چەتكە قىقىلىپ، نەتىجىسى يوققا چىقتى ياكى خۇنىكلەشتۈرۈلدى. مانا شۇنىڭغا ئوخشاش سەۋەبلەر تۈپەيلى، ئىلغار مىللەتلەرنىڭ جاھاندارچىلىق-تىرىكچىلىك ئۇسۇلىنى تولۇق چۈشەنمەي كىلۋاتماقتىمىز. پەن – تېخنىكىنىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى، ساقلىنۋاتقان قىيىنچىلىق، ئىقتىسادنىڭ يۈزلۈنىشى، تەرەققىيات باسقۇچى، دۇنيا ۋەزىيىتى، مۇھىت قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا بىز كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. بىز شۇلارنى بىلسەك، كۆڭۈل بۆلسەك ئاندىن ئۆز قەدىر – قىممىتىمىز بىلەن ياشىغان بۇلاتتۇق.

20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا موسابايۇف، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەر چەتئەللەرنى ئارىلاش جەريانىدا كۆرگەن – بىلگەنلىرىنى، يېڭىچە ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆز ئەينى خەلققە يەتكۈزۈش ئۈچۈن يېڭىچە سانائەت، يىڭىچە مائارىپ ھەرىكىتىنى قوزغىغان ۋە تەرەققىي قىلدۇرغان ئىكەن. ئازادلىقتىن كىيىن شىنجاڭنىڭ مائارىپ ئىشلىرى راۋاجىلاندى، مەدرىسە مائارىپى يېڭىچە مەكتەپ مائارىپىغا ئالماشقان بولسىمۇ ئەمما كونا تەپەككۇر ئېڭى يىڭىلانماي ئۆز ھەلەكچىلىكىدىكى جاھاندارچىلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىدىغان ئەھۋال ئۆزگەرمىدى. دىمەك، زامانىمىزدىكى جاھانكەزدى «ئابدۇخالىق»لىرىمىزمۇ ھازىرقى جاھاننىڭ ئىشلىرىنى ئۆز ئەينەن خەلققە يەتكۈزۈپ، تەپەككۇرىنى جانلاندۇرۇشى، ھەرگىزمۇ نۆۋەتتىكى ھالەتنىڭ ئۇزاق داۋاملىشىشىغا سەۋەب بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. مەدەنىيەت- مائارىپ ھېچ بولمىغاندا ۋاقتىنچە بىزگە غەربتىن، توغرىسى ئىلغار مەدەنىيەتلىك ئەللەردىن كىرىدۇ. ئەمدى تەپەككۇر مىللىتى دەۋرىگە كىرىشنى قەرەلسىز كېچىكتۈرۈشكە بولمايدۇ. بىر ئەقىللىق لىدىر تارىخى ۋە نوپۇزى چوڭ مەشھۇر كارخانىلارنى زىيارەت قىلغان چىغىدا ئۇنىڭدىكى زامانىۋى ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇش ئۇسۇلى، ئاپتۇماتلاشقان ئىشلەپ چىقىرىش لىنىيىسى قاتارلىقلارنى كۆرگەندىن كىيىن ئۆز كارخانىسىدا ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەرنى ھېس قىلالايدۇ ھەم قانداق ئۆزگەرتىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ، تەدبىر بەلگىلەيدۇ. ئادەم بايلىقىنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش، ئاپتوماتلاشتۇرۇش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش كارخانانىنىڭ ئىقتىسادى ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا پايدىلىق، بۇ دەل ئىلغار كارخانىلارنىڭ ياخشى ئۇسۇلىنى قوللانغانلىقى ياكى ئۆز ئەھۋالىغا ماسلاشتۇرۇپ ئەلالاشتۇرۇلغانلىقىدىن بولغان. بىز باشقىلارنىڭ جەمئىيىتىدە كۆرگەن – بىلگەنلىرىمىز، ھېس قىلغانلىرىمىز مانا مۇشۇنداق كارخانىچىغا ئوخشاش توغرا بولۇشى كېرەك.

2.3 مەدەنىيەت ئۇقۇمىمىز

بىزگە مەلۇملۇق مەدەنىيەت ھەركەتلىرى ۋە تەرەققىي قىلغان ئەللەرگە مەلۇملۇق مەدەنىيەتتىكى پەرق نەدە؟ ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت چۈشەنچىسى بىزگە ئوخشاشمۇ؟ دېگەن سۇئاللارغا توغرا ئىنىقلىما بېرىشتە ئويلىنىش زۆرۈر بولۋاتىدۇ. بىز نۆۋەتتىكى مەدەنىيەتنى چۈشەنگەن ساپايىمىز بىلەن ئۆزىمىز ۋە ئۆزگىنىڭ مەدەنىيەت پائالىيەتلىرىگە باھا بەرسەك خەلقئارالىق رىلىستىن ئاجراپ كىتىشىمىز ئېھتىمال. ئىلگىرى بىز بىر قىسىم ئىشلارنى«بەرھەق» دەپ بىلگەن بولساق مەلۇم شارائىتتا ئۇنى خاتا دەپ ئىنكار قىلىش زۆرۈر بولۇشى مۇمكىن.

نۆۋەتتىكى بىلىشىمىزدە بىز ئەسىرلەردىن بۇيان ئۆزگەرمەي كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى ياشاش ئۇسۇلى، كىيىنىش، ئۆرۈپ – ئادەت ھەم نەغمە – ناۋايىمىزنى مەدەنىيەت دەپ چۈشۈنمىز. شۇنداقلا بۇنى باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىدىن يۇقىرى ئورۇنغا قويىمىز، بۇ پىسخىكىمىزدىكى ئادەت خاراكتېرلىك ئاجىزلىق. بۇ يەردە تىلغا ئالغان ياشاش ئۇسۇلىنى ھەرگىزمۇ قانداق تېرىقچىلىق قىلىش، تاماق يېيىش ياكى يۈرۈش-تۇرۇش دەپ چۈشۈنۋالماسلىقىنى ئۇقۇرمەنلەرنىڭ سەمىگە سالىمەن. ياشاش ئۇسۇلى دېگەندە بىر كىشىنىڭ ئوي – پىكىرى، تەپەككۇرى، ھەرىكەت – پائالىيىتى، ئىززەت – ئابرۇيى، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا بولغان ئىنكاسى، كۆز قارىشى، ياشاش پەلسەپىسى، مۇئامىلىسى، تەدبىرى، خەتەرنى ھېس قىلىشى قاتارلىقلارنى بىلدۈرۈشى كېرەك، بۇ ئېنىقلىما مۇشۇ يەردە تامام.

ئىنسانلار ياراتقان مەدەنىيەت(ئاڭلىق ھەم ئاڭسىز ھەركەت) تۈپتىن پەرىقلىنىدىغان ئىككى خىل مەناغا بۆلۈنىدۇ. بىز ئۇيغۇر تىلىدا بىرىنى مەدەنىيەت دەپ ئاتىساق، يەنە بىرىنى مەدەنىي (مەدەنىيلىك) دەپ تەرجىمە قىلىپ ئۆزلەشتۈردۇق. مېنىڭچە كىيىنكىسىگە چوقۇم يېڭىچە نام قويۇش كېرەك. مەن ئۇيغۇر تىلىدىن بۇ ئىككى خىل ئۇقۇمنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن ۋاقتىنچە مۇۋاپىق سۆز تاپالمىغانلىقىمدىن «مەدەنىي» دېگەن ئاتالغۇنى «يۈكسەك مەدەنىيەت» دەپ ئاتاشنى، ئىلگىرىكى مەدەنىيەت دەپ ئاتىلىۋاتقان ئۇقۇمنى «مۈلكىي مەدەنىيەت» دەپ ئىشلىتىپ تۇردۇم. شۇندىلا ئىككى خىل ئۇقۇم ئوتتۇرىسىدىكى چۈشەنچە قالايماقانلاشمايدۇ.

مۈلكىي مەدەنىيەت ئىنسانلار ياراتقان مەنىۋى بايلىقتىن ئىبارەت. مىسالەن، ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ – ئادەت قاتارلىقلار. يۈكسەك مەدەنىيەت بولسا يۇقىرىقى مەنىۋى بايلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن سىرت، ئەڭ مۇھىمى ئىنسانلار ياراتقان ماددىي بايلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يەنى يېزىق، كەشپىيات، ئىشلەپچىقىرىش سايمانلىرى. قاتناش قوراللىرى، بىناكارلىق، ئېغىر –يېنىك سانائەت، ئەقلىي ئىختىرا مېۋىلىرى، شۇ دەۋرنىڭ سىياسەتلىرى قاتارلىقلار. دېمەك، ئۇ مۈلكىي مەدەنىيەتتىن كۆپ يۇقىرى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ ئۇقۇملار توغرىسىدا چۈشەنچە ئېنىق ئايرىلغاندىن كىيىن، نۆۋەتتىكى مەدەنىيەت چۈشەنچىمىزگە قاراپ چىققىلى بولىدۇ.

زامانىمىزدا مەيدانغا كېلىۋاتقان «مەشھۇر» ئەسەر ياكى تەتقىقات نەتىجىلىرى ئاساسىي جەھەتتىن مۈلكىي مەدەنىيەتنى چۆردىگەن بولۇپ، بۇمۇ ئىزدەنگۈچىلەرنىڭ(توغرىسى يازغۇچىسىمان تارىخچىلارنىڭ) تەپەككۈرىدىكى ئېغىر بىر تەرەپلىمىلىك. ئېنىقكى، بۇنىڭدىن قەغەز يۈزىدىكى ئاغزاكى(يەنى بىر قەدەر ئاددىي، ئاسان، رەسمىيەت-شەكىلۋازلىققا يېقىن، ئەمەلىيىتى ئاز بولغان) خىزمەتكە قانچىلىك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىمىز چىقىپ تۇرىدۇ. بۇ، يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كەمچىلىكىمىزگە مۈلكىي مەدەنىيەت ئارقىلىق تاقابىل تۇرۇش، ئۆزىمىزگە تەسەللى ئىزدەش بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇلار يۈكسەك مەدەنىيەتنىڭ تەركىبىي قىسمىدىن ئىبارەت. شۇڭا مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئۇقۇم ھەم چۈشەنچىلىرىمىز ئاساسەن مۈلكىي مەدەنىيەت بىلەن بوپقالدى. يەنى ئەدەبىيات، سەنئەت، ئۆرۈپ– ئادەت، شائىر، سازەندە، ئەدىب قاتارلىقلار. «مەدەنىيەت» دېگەن سۆزنى ئاڭلىساق ئالدى بىلەن كاللىمىزدا ئەدەبىيات ۋە سەنئەت نامايان بولىدۇ، ئاندىن مەدەنىيەتلىك-ئەخلاقلىق ئادەم بولۇشتىكى مەدەنىيەت ئۇقۇمى كېلىدۇ، ئەڭ ئاخىرىدا سەگەكرەكلەرنىڭ كاللىسىدا شەھەرلىشىش، ئىلىم –پەن مەدەنىيىتى، بىناكارلىق، سانائەت قاتارلىقلار نامايان بولىدۇ. كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، بىزدىكى يۈكسەك مەدەنىيەت جەھەتتىكى كۆز قاراشتا زور كەمتۈكلۈك مەۋجۈت، تەتقىقات خىزمىتىمۇ ناھايىتى كەمچىل. يۈكسەك مەدەنىيەت تارىخى – تەتقىقات خىزمىتى مۈلكىي مەدەنىيەتنى تەتقىق قىلىشتىن كۆپ جاپالىق بولۇپ، نەق مەيداندىن تەكشۈرۈشكە، سىناق قىلىشقا، ئىسپاتلاشقا، قول سېلىپ ئىشلەشكە توغرا كېلىدۇ. مىسالەن: بىر شەھەرنىڭ بىناكارلىق ئۇسلۇبى، قۇرۇلۇش تېخنىكىسى، شەھەر ئەسلىھەلىلىرىنىڭ لايىھىلىنىش شەكلى، ھۈنەرۋەن – ئۇستازنىڭ تارىخى، كەشپىياتى، ئىلمىي نەتىجىسى، تۆھپىسى دىگەندەكلەر. يۈكسەك مەدەنىيەتتىن ئىنسانىيەتكە ئەڭ چوڭ نەپ يىتىدىغان نەرسىلەرنى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ. شۇڭا بۇ جەھەتتىكى قارىشىمىزنى توغۇرلىشىمىز زۆرۈر.

ئەلۋەتتە، مۈلكى مەدەنىيەت يۈكسەك مەدەنىيەت ئۈچۈن بىر قىسىم مۇلازىمەتلەرنى قىلىدۇ، ئەمما ھاياجانلىنىشنىڭ ئۈنۈمى قول سىلىپ ئىشلىگەنگە يەتمەيدۇ، قول سىلىپ ئەمگەك قىلىش يۈكسەك مەدەنىيەت، يەنى بايلىق يارىتىدۇ. شۇڭا دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارادا نوقۇل مۈلكىي مەدەنىيەت ساھەسى بىلەنلا ئۇچۇر ئالماشتۇرماي تېخىمۇ مۇھىمى يۈكسەك مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى بىلەن بولغان ئالاقىنى كۈچەيتىش كېرەك بولماقتا. مۈلكىي مەدەنىيەتنىلا گەۋدىلەندۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسەك بايلىق ياراتقۇچىلارغا، كەشپىياتچىلارغا ئادالەتسىزلىك قىلغان بولىمىز، ئەمىلىيەتتە ئۇلار ئەڭ ئالقىشلىنىشقا تىگىشلىك، مانا بۇ ھەقىقىي خەلقچىل ئىدىيە.

3.1 مىللىي روھنى قانداق جارى قىلدۇرىمىز

جاھاندىكى جىمىي ئاجىزلار مەدەنىيەتلەرنىڭ توقۇنىشى ۋە سىڭىپ كىرىشىدىن ۋايساپ يۈرمەكتە. بولۇپمۇ ياۋرۇپا(غەرب) مەدەنىيىتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى زاۋاللىقتىن بېشارەت دەپ بىلىشمەكتە. ئۇلار بۇنداق سىڭىپ كىرىشكە ئىككى خىل ئۇسۇلدا قارىشى تۇرماقچى بولۋاتىدۇ. بىر خىلى زوراۋانلىق ۋاسىتىسى ئارقىلىق قارىشى تۇرۇش، يەنە بىر خىلى تەشۋىقات، يەنى تىل ئۇرۇشى ئارقىلىق غەلىبە قىلىش. ھەر ئىككىلا ئۇسۇلدا سىڭىپ كىرگۈچىلەرگە ھاقارەت قىلىشنى، كەمسىتىشنى ۋاسىتە قىلغان. ئېتىقادىمىز بۈيۈك دەپ قارايدىغان كىشىلەر ئۆز يولىنىڭ ھەرگىز ۋەھشىيانىلىك، زوراۋانلىق، تىرورلۇق بىلەن باغلىۋالماسلىقى كېرەك.

ئادەمنىڭ ۋۇجودىدىكى ھەقىقىي ئېتىقاد پاكتقا ۋەكىللىك قىلىدۇ. دۇنيادا مەۋجۈت بولۇپ تۇرۋاتقان رادىكال ئىدىيە، ئۇچىغا چىققان ئەسەبىيلىك، تىرورلۇق، چىدىماسلىقلارنىڭ ئەۋج ئېلىشى، بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قازا قىلىشى زوراۋانلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئىشەنچى ۋە ئىتىقادىنىڭ ئاجىزلاشقانلىقىدىن كېلىپ چىققان. دېمەك، بۇ ۋاستىلەرنىڭ ئورۇنسىز، نەھەق ۋاسىتىلەر ئىكەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. ئۇلار تېخىمۇ توغرا ئۇسوللار بىلەن، يەنى دۇنيا ئورتاق ئېتىراپ قىلىدىغان ئىلمىي تەرەققىيات، توغرا تەپەككۇر، پىكىر دىمكۇراتىيەسى ئارقىلىق باشقىلاردىن غالىپ كىلىشنى، مەدەنىيەت تارقىتىشنى، ئاخىرىدا مەدەنىيەت ھۆكۈمرانى بولۇشنى ئويلاشمىغان، شۇڭا بىر تەرەپتىن بىھۇدە چىقىم بېرىلسە يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزلىرىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ قويۇپ مەسخىرىگە قالغان. ئەمەلىيەتتە مەدەنىيەت مەجبورلانمايدۇ، ئۇنى پەقەت كىشىلەر ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوبۇل قىلىدۇ، خالايدۇ ھەم كېڭەيتىدۇ. ئۇ خۇددى دېسنىي باغچىسىدەك ناھايىتى كۈچلۈك جەلپ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە. دىسنىي باغچىسىغا بارسىڭىز كىشىلەر نۇرغۇن ۋاقتىنى سەرپ قىلىپ ئۇزۇن ئۆچىرەت تۇرۇپ بېلەت سېتىۋىلىپ كىرىشكە رازى ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىسىز.

1970- يىللارنىڭ ئاخىرى 1980- يىللارنىڭ بېشىدا ياپونىيە مەھسۇلاتلىرى ئامېرىكا بازارلىرىدا كەڭ كۆلەمدە يامراپ، تۆكمە بولۇپ سېتىلىش ھالىتىگە كېلىپ قالدى، ئامېرىكا كاپىتالىنىڭ بەلگىسى بولغان روكفىللېر مەيدانى ياپونىيىلىكلەر قولىغا ئۆتۈپ كەتتى، ھەتتا توي قىلغان قىز يىگىتلەرنىڭ تويلۇق مىلى چوقۇم ياپونىيىنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنىش دەرىجىسىگە يىتىپ باردى، ئامېرىكا ماللىرىنىڭ بازار قىممىتى كېمىيىپ، ئېكسپورت تۆۋەنلەپ ئىشسىزلىق ئەۋج ئېلىشقا باشلىدى. بۇ قېنى قىزىق، ھەردائىم باشقىلاردىن ئۈستۈن تۇرۇشنى ئويلايدىغان ئامېرىكىلىقلارنىڭ ئاچچىقىنى كەلتۈرۈپ قويدى. شۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ياشلىرى ئىچىدە توپ – توپ بولۇپ ياپونىيىنىڭ ئەلچىخانىسى ۋە ھەرقايسى شەھەرلەردىكى كونسۇلخانىلىرىنىڭ ئالدىدا ياپونىيىدە ئىشلەنگەن ماشىنىلارنى ئۇرۇپ چىقىش، تېلۋىزۇرلارنى كۆيدۈرۈشتەك قوپال ھەرىكەتلەر كۆپىيىپ، ياپونىيە ماللىرىغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلىدى. بۇ خىل كەيپىيات تېز سۈرئەتتە پۈتكۈل ئامېرىكىغا يامرىدى. ئەلۋەتتە، ھېسسىيات ئەقىلدىن غايىب كەلگەندە زوراۋانلىق يۈز بېرىدۇ. شۇنىسى بۇ ياشلارنىڭ قوپال ھەرىكىتى مەسىلىنى ھەل قىلالمايلا قالماستىن، بەلكى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيىلىك سودا مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزدى. شۇ ۋاقىتتا ئامېرىكىنىڭ سودا، ئىقتىساد، سىياسىي ساھەسىدىكى زىيالىيلار ئاقىلانىلىك بىلەن قارار چىقىرىپ، جەمئىيەتنى ئۆزىنى بېسۋىلىشقا، ئادىل رىقابەت ھەم توغرا ئۇسۇلدا تاقابىل تۇرۇشقا، مەسىلىنى ئۆزىدىن ئىزدەشكە چاقىرىق قىلدى. ئاندىن ئۆزىنىڭ كۈچلۈك ئىقتىسادىغا تايىنىپ نۇرغۇن سودا گۇروھلىرىنى ياپونىيىگە ئەۋەتىپ پايچەك، ئۆي – مۈلۈك بازىرىغا مەبلەغ سېلىپ ياپونىيە ئىقتىسادىنى ھەدەپ كۈپۈكلەشتۈرشكە باشلىدى ۋە ئاخىرىدا بىراقلا چېكىنىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ ياپونىيىنىڭ كۆپۈك ئىقتىسادىنى گۇمران قىلۋەتتى. بۇ قېتىمقى ھەركەتتە ئامېرىكا سىياسىيونلىرى ئۆزىنى ناھايىتى تەمكىنلىك بىلەن تۇتۋىلىپ، ئاقىلانىلىك بىلەن تەدبىر بەلگىلىگەچكە ياپونىيىنىڭ زور ئىقتىسادىنى قانونلۇق ھالدا ئۆز قولىغا كىرگۈزۋالدى، روكفىللىر مەيدانىنىمۇ قايتۇرۋالدى. «بەك ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەن» ياپونىيە كارخانىلىرىنى ئامېرىكىدىن قوغلاپ چىقاردى. مانا بۇ مىللىي روھنى قانداق قىلىپ توغرا جارى قىلدۇرۇش كېرەكلىكى توغرىسىدىكى بىر مىسال. بىلۋىلىش تەس ئەمەسكى، مىللىي روھنى ئۆزىنى چوڭ تۇتۇش، باشقىلاردىن ئۈستۈن قويۇش، ئۆزىدىن پەخىرلىنىش، ئاچچىقلاش- قاراملىق قىلىش، زوراۋان ئۇسوللارنى قوللىنىش ئارقىلىق جارى قىلغىلى بولمايدۇ. پەقەت ئۆزىنى تۆۋەنچىلىك بىلەن تۇتىۋىلىپ، باشقىلارغا قاراپ ئىش كۆرۈش، تەدبىر بەلگىلەش، مۇۋاپىق قانونلۇق شەكىللەر ئارقىلىق تېخىمۇ قايىل قىلارلىق ئىپادىلىگىلى بولىدۇ. زوراۋانلىق ۋاستىسى ھەرقانداق كۈچلۈك گەۋدىمۇ ئاجىز ئورۇنغا ئۆتكۈزۈپ قۇيىدۇ. نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ يۈلۈنىشى شۇنداق بىر يىڭى قانونىيەتنى تەبئى بارلىققا كەلتۈردىكى، بىر ئىجتىمائى گەۋدە ئىلگىرى مەيلى قانداقلا مەدەنىيەتلىك ۋە ياكى قانداقلا شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتقان بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، بۇندىن كىيىنكى سەپىرىدە دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرلىمەي قارىشى يول تۇتسا، ئۆزىنى قاچۇرسا ئۇنىڭ يالغۇز قىلىش مۇمكىنچىلىكى شۇنچە چوڭ بولىدۇ، پىكىر بايان قىلىش ھوقوقىمۇ ئوخشاشلا كىچىك بولىدۇ. قىسقىسى، قەد كۆتۈرۈپ تۇرماقچى بولساڭ دەۋرگە ماسلىشىپ ياشا.

بىزدىمۇ يوقۇرقىغا ئوخشاپ ھىسىياتقا بېرىلىدىغان ئەھۋاللار مەۋجۈت. بىر تۈركۈم كىشى ئۇيغۇر تىلى ئىستىمال سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلەپ كىتۋاتقانلىقى توغرۇلۇق تەگىشىدۇ، ئەمما، يادرولۇق سەۋەبنى تەكشۈرۈش باقمايدۇ. بىزگە ئايانكى، تىل قانچە راۋان، ئىخچام، چۈشىنىشلىك بولسا ئىشلىتىش نىسبىتى شۇنچە يوقۇرى بولىدۇ. لېكىن سىز ئۇنى ناھايىتى ئاز ئىشلەتسىڭىز ئاسانلا كىكەچلىشىپ كىتىسىز. خۇددى دائىم ئىشلەتمىگەن تېلېفون نومۇرى يادىڭىزدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەندەكلا. تىل قانچىكى مۇھىم ئىشلارغا، قانچىكى مۇھىم ئورۇنلارغا ئىشلىتىلسە ئۇنىڭ زۆرۈرلۈكى شۇنچە ئاشىدۇ. ئۇنداقتا مۇھىم ئورۇن دېگەن زادى نېمە؟ شۇنى ئېنىق تونۇش كېرەككى، تىل بىر ساھە ۋە مەلۇم بىر كەسىپ بىلەنلا باغلىنىپ قالسا شۇنچە يىتىمسىراپ قالىدۇ. شۇڭا قېرىنداش خەلقلەرگىمۇ ئورتاق بولغان مۇھىم ئىلىم ساھەلىرىدىكى ئىزدىنىشنى كۈچەيتىش لازىم. بولمىسا ئۇ ئەدەبىيات تىلى ۋە ئائىلە تىلى بولۇپ قالىدۇ. مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ خەۋىرىدە بىر ھەربىي مۇنداق دەيدۇ: 21-ئەسىردىكى يېڭى بىر ئەۋلاد كىشىلەر بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن ئىنگلىز تىلىنى بىلىشىمىز لازىم. بۇ بىر جۈملە ئاددىي سۆز. ئەمما ئۇنى تەھلىل قىلغاندا ئىنگلىز تىلىنىڭ پۇخراۋى ساھەدىلا ئەمەس ھەتتاكى دۆلەتنىڭ ئامانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك ھەربى ئورگانلارغىمۇ بەلگىلىك تەسىر كۆرسىتۋاتقانلىقىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنگىلى بولىدۇ. دېمەك، تىلنىڭ مۇھىملىقى ئۇنىڭ مۇھىم ساھەلەرگە كۆرسەتكەن تەسىرى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك. شۇڭا مۇھىم ئورۇننى تۇنۇش ئۈچۈن ئىجابىي پىكىر يۈرگۈزۈش بەكمۇ زۆرۈر.


داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-7-26 15:45:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
داۋامى
يەنە بىر قىسىم ئادەملەر كىيىم – كېچەك ئادىتى توغرىسىدا سۆزلىشىدۇ. يەنە بىر قىسىملىرى قانداقتۇر بىرنىمىلەردىن تەگىشىدۇ. سۈرۈشتۈرۈپ كەلسە ھىچقايسىسىنىڭ تۈپ سەۋەبى ئېنىق ئەمەس ياكى جەمئىيەتنىڭ بۇنداق نەرسىلەرنى تاللىغانلىقىدىن نارازى بولىشىدۇ. بۇ پەقەت ھېسسىيات ئېغىش مەسىلىسىدىن ئىبارەت. توغرا تەپەككۇر، ئويلاش ئۇسۇلى بۇيىچە ئېيتقاندا، كىشىلەر ئۆزى خالاپ تاللىدىمۇ ياكى بىز شۇنى تاللاشقا موھتاجمۇ، خالاپ تاللىغان بولسا ئۇنىڭ سەۋەبى نېمە، قولايلىقمۇ ياكى چىرايلىقمۇ، ۋەياكى ئەرزانمۇ قاتارلىق مەسىلىلەر بولۇشى كېرەك. ئۇنىڭدىن كېيىنكى ئويلىشىدىغان سەۋەب ئۆز ئىچىمىزدىكى مۇشۇنداق ئېھتىياجنى قاندۇرىدىغان ئامىللارنىڭ بار- يوقلۇقى ئۈستىدە بولۇشى لازىم. بۇ ئۇنىڭ رېئال پاكىتى. ئاندىن كىيىن ئەخلاق، ۋىجدان، ئۆرۈپ- ئادەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىقلاردىن ئويلىنىش كېرەك، بولمىسا بۇ خىل تەگەش باشقىلارنى قايىل قىلالمايدۇ. بالىمىزغا چىن تۆمۈر باتورنىڭ ھېكايىسىنى كارتون فىلىم قىلىپ ئىشلەپ بەرگۈدەك مادار بولمىغاچقا «ئوتېمەن»نى كۆرسە ئاچچىقلىيالامدۇق؟

1970-1960- يىللاردا، كىشىلەر قاۋۇل، تەمبەل، كۈچلۈك كىشىلەرنى ياراملىق دەپ بىلىشىپ كەلگەن ئىدى. گۈپۈلدىتىپ كەتمەن چاپالىسا، ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلالىسا ئوغۇل بالا سانىلاتتى. ئۇلار ئادەملەرنى يوغان، كۈچلۈك، ئاياللارنى سېمىز بولسا ياخشى دەپ قارايتتى. بەزىدە كىشىلەرنىڭ مۇشۇنداق ئىشلارنى بەس – بەستە تىلغا ئېلىشى، سېغىنىشى بۇنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئەمما بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە نىمىنىڭ ھەقىقىي كۈچلۈك ئىكەنلىكىنى ئانچە – مۇنچە چۈشىنىپ ئۇلارنىڭ ئاغزى بىسىقىشقا باشلىدى. مانا بۇ توغرا كۆز قاراش ۋە تەپەككۇرنىڭ نەتىجىسى، شۇنىسى بۇ تېخى يېتەرلىك ئەمەس. بۇرۇننىڭ بۇرۇنسىدىن ھازىرغىچە ئەجدادلىرىمىز تونۇرلارغا چاتقال، كالا تېزىكى قالاپ نان پۇشۇرۇپ، ئوتۇنچىلىق، قويچىلىق، باققالىق، ھارۋىكەشلىك بىلەن تىرىكچىلىك قىلىپ كىلۋىتىپتىكەن. بۇنداق جان بېقىش ئۇسۇللىرى ھازىرمۇ بىزدە يەنىلا ئالقىشقا ئېرىشىۋاتىدۇ.

دۆلىتىمىزنىڭ غەربى رايونلارنى كەڭ كۆلەمدە ئېچىش – تەرەققى قىلدۇرۇش ئىستراتېگىيىلىك پىلانى يولغا قويۇلۇپ، رايونىمىزدىكى قولىدا پۇلى، سودىغا ئىپى بار كىشىلەرنى ناھايىتى زور سودا-سانائەت پۇرسىتى بىلەن تەمىن ئەتتى. نۆۋەتتە بۇ پۇرسەتنى تۇتالىغانلار دىيارىمىزنىڭ ھەقىقىي ئىسمى جىسمىغا لايىق خۇجايىنلىرىغا ئايلىنالايدۇ. بۇنداق ھالەت بىز بىلىدىغان «پەيلاسوپ، مۇتەپەككۇر ۋە بىرقىسىم سەۋىيىلىك يازغۇچىلار»نىڭ قەلىمى ئارقىلىق ئىلغار تەرەققىيات، ئىلمىي كۆز قاراشنىڭ خەلق ئىچىگە تۈز، توغرا يەتكۈزۈلگەن زامانىۋى ئاڭ ۋە يېڭىلانغان تەپەككۈردىن، دۇنيادىكى ئىلغار شەيئىلەرگە توغرا باھا بىرىشتىن مەيدانغا چىقىدۇ. يىڭىلىقلارنى بىر ياققا قايرىپ قۇيۇپ ھەدىگەندە ئاددى ھايات كەچۈرۈش قوللانمىلىرىنى تەكىتلەۋېرىشنىڭ ئەمدى ۋاقتى ئۆتتى.

3.2 سەمىمىيەتسىزلىك

يېقىنقى مەزگىللەدە يەرلىك كارخانىلارنىڭ ئۆزلىكسىز مەيدانغا كىلىشىدىن ناھايىتى سۈيۈنمەكتىمىز. بۇ تولىمۇ كاتتا ئىش. يەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ ماركىلىق قاپقا قاچىلىنىپ مۇنتىزىم ئىشلەپ چىقىرىلىشى كىشىنى خوشال قىلىدۇ.

ئەپسوس، ساقلىنۋاتقان مەسلىلەرنى سۆزلىمەسلىكنى مۇۋاپىق كۆرمىدىم. نۆۋەتتىكى تېلۋىزىيە ئېلانلىرىغا نەزىرىمىزنى ئاغدۇرىدىغان بولساق مەھسۇلات ئېلانلىرىدىكى مۇبالىغىنىڭ ئادەمنىڭ ئاچچىق كۈلكىسىنى قىستايدىغانلىقىنى بايقايمىز. «دۆلەتنىڭ پاتىنىتىغا ئېرىشكەن مەھسۇلات»، «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن مەھسۇلات»، «ساپ مۇسۇلمانچە»، «جاپالىق ئىزدىنىپ بازارغا سىلىنغان» دىگەندەك گەپ – سۆزلەر قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ. « QSئىجازىتىگە ئېرىشكەن» دىگەندەك گەپ سۆزلەرمۇ بار. يەنە تېخى قىلچىلىك تەپ تارتماي «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» داۋالىدىغان ئىشمۇ يوق ئەمەس. تېخى مەلۇم بىر شىركەت ئىلگىرى ئېلاننىڭ كەينىگە بىر نەچچە دەقىقە ۋاقت ئىچىدە «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» دىگەن رەسىمنى چىقاردى.

ئەمدى تۆۋەندىكى گەپلەرگە قۇلاق سالايلى: بازارغا سىلىنغان ھەممە مەھسۇلات ئاساسەن دۆلەتنىڭ پاتىنت ھوقوقىغا ئىلتىماس قىلىنىدۇ. بۇ دۆلىتىمىزدە ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. ھەممە مەھسۇلات جاپالىق ئىزدىنىش ھەم تەتقىق قىلىپ ئېچىش باسقۇچىنى باشتىن ئۆتكۈزۈپ بازارغا كىرىدۇ. بۇمۇ داۋراڭ سالىدىغان ئىش ئەمەس. يىمەكلىك مەھسۇلاتلىرى ئىشلەيدىغان زاۋۇتلارنىڭ ھەممىسى چوقۇم QS سۈپەت بىخەتەرلىكى ئىجازىتى ئىلىشى كېرەك. بۇمۇ كارخانا قۇرۇشنىڭ ئادەتتىكى تەلىپى. مانا مۇشۇنداق ئەقەللى تەلەپ ۋە ناملار بىلەن قانداقمۇ بىر مەھسۇلاتنىڭ ياخشىلىقىغا ھۆكۈم قىلغىلى بولسۇن؟ بۇنداق بەلگىلەرنى بىز ئادەتتىكى بىر دۇكاندا سېتىلۋاتقان سولياۋ قاپلىق بولكىلاردىمۇ ئۇچرۇتۇپ تۇرىمىز. دۆلەت داڭلىق تاۋار ماركىلىرى بىكىتىدە ئېلان قىلىنغان ماتىريالدىن ئايان بولىشىچە رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر كارخانىچىلار ئاچقان شىركەتلەرنىڭ بىرىمۇ تېخى «دۆلەتنىڭ داڭلىق تاۋار ماركىسى» دىگەن نامغا ئېرىشەلمىگەن. «بېيجىڭ ئولىنپىك يىغىنىنىڭ ھەمكارچىسى» بولۇش سالاھىيىتى تېخىمۇ يوق. ئۇنداقتا بۇ زادى قانداق ئىش؟ بۇ دەل بىزنىڭ سەمىمىيەتسىزلىكىمىز ھەم پۇرسەتپەرەسلىكىمىزدىن بولۋاتقان ئىشلار. ئۇشبۇ كارخانىچىلار ئېلانلىرىدا ھەدەپ كۆپۈزۋاتقان تۈرلۈك ناملار ئەمىليەتتە بۇ ئاتالغۇلارنىڭ نىمىلىكىنى تولۇق چۈشۈنۈش پۇرسىتىگە ئېرىشەلمىگەن كىشىلەرنى ئالداشنى مەخسەت قىلىدۇ. ئۇلار خەلقنى «بىلمەيدۇ…» دەپ ئادەتتىكى ناملارنى ئىشلىتىپ ئۇلارنى قايماقتۇرماقتا، ھەتتا ئۆز قولىدا ئىشلەنمىگەن، باشقىلارنىڭكىنى ئوراپ قاچىلىغان، قىپىغا ئۆز ماركىسىنى بېسىپ قويغان نەرسىلەرنى خەلقنىڭ ھىسىياتىدىن پايدىلىنىپ ھىيقىتماستىن «ئۆز قولىمىزدا ئىشلەنگەن»، «ھالال» دەپ داۋراڭ سالماقتا. ئۆز جاپاسىنى پەش قىلماقتا. ئۇنداقتا باشقا مەھسۇلاتلار جاپا-مۇشاقەتسىز بارلىققا كەلگەنمىدۇ؟ مېنىڭچە مۇۋاپىقىيەتنى مۇقۇملاشتۇرۇش توغرىسىدا سۆزلەش ۋە جاپانىڭ دىيىلىشىمۇ خاتا ئەمەس، لېكىن مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتى، قۇلايلىقلىقىمۇ شۇ دەرىجىگە يىتىشى كېرەك، ھەممىدىن مۇھىمى شۇ. «نەتىجەم بولمىغىنى بىلەن تارتقان جاپايىم باردە» دېيىش ئۆتمۈش بولۇپ قالغىلى خېلى بولدى. يەنە بىر تەرەپتىن كۆپتۈرۈپ مۇبالىغە قىلماسلىق كېرەك. مەھسۇلاتنىڭ بازار قىممىتى، تەسىرى، ئىقتىدارى، تېخنىكىلىق تەركىبى قاتارلىقلارنى ئەمىلىي سۆزلەش زۆرۈر. مۇشۇ ئىشلارغىمۇ ھېسسىيات ئارلاشتۇرۋالساق، ئاخىرىدا ئىستېمالچىلارنى ئالدىغان بولۇپ قالىمىز. قىسقىسى پاكىتلىق، راست گەپ قىلىشنى، ئۆز مەيدانىمىزدا چىڭ تۇرۇشنى ئۆگۈنۋالايلى. بىز ماختاشتىن ئىلگىرى، ھاياجىنىمىزنى بېسۋىلىپ، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى ساقلايلى، ئۆزىمىز قاتنىشىپ تەكشۈرۈش قىلىپ باقايلى. دۆلىتىمىز ھەم چەتئەلنىڭ داڭلىق كارخانىلىرى ناھايىتى ئۇزۇن بىر مەزگىللىك سىناقتىن ئۆتۈپ ئىستىمالچىلارنىڭ قەلبىدىن ئورۇن ئىلىپ داڭلىق ماركىغا ئايلانغان. شۇڭا بىز خەلقنىڭ تاللىشىنى، ۋاقتنىڭ سىنىقىنى كۈتۈشىمىز كېرەك. ناۋادا قايسى كارخانىچى ئۆز ئىرادىسىگە مۇخالىپ ھالدا مايسىنى تارتىپ ئۆستۈرگەندەك باش كۆتۈرمەكچى بولسا ئۇ چوقۇم شاللىنىپ كىتىدۇ ياكى كۈلكىگە قالىدۇ. بۇ سەمىمىيەتسىزلىكتىن ئىبارەت. سەمىمىيەتسىزلىك ھەم خەلقتىكى تەپەككۇر ئاجىزلىقى ئالدىنىشقا ئاسانلىق يارىتىپ بەرمەكتە.

3.3 ئەۋلادلارنىڭ تەپەككۇر بولىقىنى ئېچىش

ئۈرۈمچى خەلقئارا SOS يېتىم بالىلار كەنتىنى بىر قېتىملىق تەكشۈرۈشىمىزدە بىر ئىش مېنى ئەپسوسلاندۇرۇپ قويدى. بۇ بالىلارنى رايونىمىزدىكى تەقدىرى ئوخشاش بالىلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا تەلەيلىك دېيىشكە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ تامىقى بار، ئىسسىق تۇرالغۇغا ئىگە. ئۇلار بۇ ئۆيلەرگە سولىنۋىلىپ دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدا تۈرلۈك ساز-چالغۇلارنى مەشىق قىلىش بىلەن كۈن كەچ بولىدىكەن. ئۇلار ساز چېلىش ماھارىتىنى بىزگە كۆرسىتىپ ماختىنىپ كەتتى… قوشنام ئەمدىلا بەش ياشقا كىرگەن بالىسىنى مۇزىكا كۇرسىغا قاتناشتۇرغانلىقىنى ئېيتتى. خەۋىرىمچە بۇنداق مۇزىكا بىلەن ھەپىلىشىدىغان بالىلار خېلى بار ئىكەن. بىرى گىتار، بىرى ئىسكۇرۇپكا ئۈگۈنىدىكەن. «دانا» ئاتا- ئانىلار بالىلىرىنىڭ شۇ نەرسىلەردە تالانتى بارلىقىنى «بايقىغان»لىقى سەۋەبىدىن بۇ ئۆسمۈرلەر مۇشۇنداق ساز تۈرىدىكى ئەسۋاپلارغا ھەيدەكچىلىك قىلىنىشقا مەجبور بولغان-دە باشقا نەرسىلەر توغرىسىدىكى تالانتى، تەپەككۇرىنىڭ بىخ ھالىتىدە خەتەرگە يۈزلىنىشىگە يول قويغان. سەنئەت ساھاسىدىكى «تالانت»نى بوۋاق ھالىتىدىن باشلاپ يىتىلدۇرۇش زامانىمىز كىشىلىرىنىڭ ئورتاق دۇنيا قاراشى ھەم قىممەت قاراشنىڭ مۇھىم بىرىگە ئايلىنىپ قالغان، ئەلۋەتتە. ئەمدى بۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا نېمە سەۋەبتىن بالىلارنىڭ باشقا تالانتىنى ئاچمايمىز دېگەن گەپ چىقىدۇ. مىسالەن، بالىغا ئۆزىنىڭ ئويۇنچۇق ماشنىلىرىنى چۇۋۇپ قايتا قۇراشتۇرۇش توغرىسىدا يېتەكچىلىك قىلىش، ئەتۋىركە – ئامبۇر قاتارلىق قورال – سايمانلارنى تەقلەپ بېرىش ھىساۋىغا بالىنىڭ ئىجاد-ئىختىرا تەپەككۇرىنى ئېچىش توغرىسىدا باشلامچىلىق قىلىش قاتارلىقلار. ئويۇنچۇق ھاۋا شارىنىڭ لەيلەپ تۇرۇشى، بالىلار بىلەن بىللە لەگلەك ئۇچۇرۇش ھەم لەگلەكنىڭ ئۇچۇش پرىنسىپى دىگەندەكلەرنى چۈشەندۈرۈش قاتارلىق يېڭىچە ئۇسوللار بىلەن بالىنىڭ يېڭىچە نەرسىلەرگە بولغان بىلىشىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق تەسەۋۋۇرىنى جارى قىلدۇرۇش ۋەھاكازالار. قىسقىسى ئىلگىرىكىگە ئوخشىمىغان بىر ئاماللارنى قىلىپ ئۆسمۈر بالىنىڭ ۋۇجودىدىكى ئەقىل- پاراسەتنىڭ ئەركىن تەپەككۈرنى قىزىش لازىم. مېنىڭ شەخسىي قارىشىمچە ئالدىنقى دۇنيا قاراشنىڭ قۇربانى بولغان ئۆسمۈر بالا تاكى ئۈمرىنىڭ ئاخىرىغىچە شۇ خىل تەپەككۇرنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتۈپ كېتىشى مۇمكىن. بالىنىڭ تەپەككۇرىنى خوددى كۆزى ئەمدىلا ئېچىلىۋاتقان بۇلاققا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. ئەگەر بىز بىرلا بۇلاقنىڭ كۆزىنى ئېچىشقا ئۇرۇنساق بۇ سۇ بىر ئېرىق ياساپ ئاقىدۇ – دە كۆپ نەرسىلەرنى سوغارغىلى بولمايدۇ. ئەگەر تېخىمۇ كۆپ كۆزىنىمۇ ئېچۋەتسەك ئۇنداقتا ئۇ ئۆستەڭ سۈيىگە، دەريا سۈيىگە ئاخىرىدا ئۆركەشلەپ تۇرىدىغان دېڭىزغا ئايلىنىشى مۇمكىن.

ئادەمنىڭ ئەقلىي تەپەككۇر كۈچىنى ئۇرغۇتۇش، زامانىۋى ئېڭىنى تۇرغۇزۇش ئادەم بايلىقىنى ئېچىشنىڭ مۇھىم بىر قىسمى. بۇ خىل بايلىقنىڭ قىممىتى چەكسىز ھەم تۈگەپ قالمايدۇ. ئىخساسلىق ئادەم بايلىقى ھەرقانداق بىر ماددىي بايلىقتىن ئەۋزەل. «پۈتكۈل شىركىتىمنىڭ مال – مۈلكىنى تالان – تارىج قىلىپ ئېلىپ كەتسەڭمۇ مەن رازى، ئەمما ئادەملىرىمنى قويۇپ قويغىن» دەيدۇ ئامىرىكا شىركىتىنىڭ بىر دىرېكتورى، «ئاز كۈندە مەن تېخىمۇ زامانىۋى بىر كارخانىنى قۇرۇپ چىقالايمەن». دېمەك، ئادەم بايلىقىنى پائال ئېچىش ھەم راۋاجىلاندۇرۇش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ئىنسانلار ئىلگىرى تەبىئىي بايلىق دەۋرى، سانائەت دەۋرى، ئۇچۇر دەۋرى قاتارلىق دەۋىرلەرنى باشتىن كەچۈردى ھەم كەچۈرمەكتە. بۇندىن كېيىنكى يېڭى دەۋر ئادەم بايلىقى دەۋرى، يەنى ئەقلىي، بىلىم – مۈلۈك دەۋرى دەپ قارالماقتا.

3.4 ئۆزلۈك چۈشەنچىمىز

ئەمدى يېقىندىن بۇيان قىزىق بولۋاتقان ئۆزلۈك دېگەن مەسىلە ئۈستىدە پاراڭلىشىپ باقايلى. ئۆزلۈك ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭقۇر ئىچكى دۇنياسىدىكى ھەقىقىي مەنادىكى مەن بولۇپ، يۇشۇرۇشقا، پەدازلاشقا بولمايدىغان بىر تەرىپىدىن ئىبارەت. ئۆزلۈك ئۇقۇمى ئۆزۈم ئۇقۇمى بىلەن ئۆزىدىن ھالقىش ئۇقۇمىغا نىسبەتەن ئېيتىلغان تار مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىكتۇر. ئۆزۈم ئۇقىمىدا ئادەم پەقەت ئۆزىنى ئويلايدۇ. ئۆزلۈك ئۇقۇمىدا ئادەم ئۆزى ۋە ئۆزى تەۋە بولغان ئىجتىمائىي ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنى كۆزدە تۇتىدۇ. شۇڭا كەڭ مەنىدىكى شەخسىيەتچىلىك ئىدىيىسىگە تەۋە بولىدۇ. ئەمدى ئۆزىدىن ھالقىشقا كەلسەك، يۇقىرىقى ئىككى خىل شەخسىيەتچىلىكنى بېسىپ ئۆتۈپ ئۆزى ۋە ئۆزىنىڭ ئىجتىمائىي ئايرىمىسىدىن سىرتقى بىر گۇروھنىڭ مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۆزدە تۇتىدۇ. ئۆزلۈك قوپال تىلدا ئېيتقاندا ئۆزىنىلا ئويلاش ۋە كۆرۈش، ئۆزىگە مەپتون بولۇش دىگەنىلكتۇر. شۇڭا ئالىيجانابلىق قارىشى بىلەن ئېيتقاندا ئۆزىدىن ھالقىشنى تەۋسىيە قىلىشىمىز ھەم ئەۋلادلارغا شۇنداق تەربىيە بېرىشىمىز كېرەك. شەخس ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر شەخسنىڭ مەنپەئەتىنى ئويلاپ يىتەلەيدۇ. بىر ئىجتىمائىي ئايرىما ئۆزىدىن ھالقىغاندا يەنە بىر ئايرىمىنىڭ مەنپەئەتىنىمۇ ئويلىيالايدۇ ۋە ئۇنىڭغا ئەڭ زور دەرىجىدە مەسئۇل بولالايدۇ. ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىش ھەرىكىتىنى تەبىئەتنى ئۆزگەرتىش، تەپەككۇر قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ مۇكەممەللىككە ئىگە قىلىش بىلەن ئۆزلۈكىدىن ھالقىپ كەلگەن. شۇ جۈملىدىن ئىنساننىڭ ئۆزلۈكى، ئەقىل – پاراسىتىنىڭ ھۆرلۈكى ئىجاد– ئىختىرا قىلىشتا تېخىمۇ گەۋدىلىنىدۇ ھەم ئىپادىلىنىدۇ. دىمەك، بىر خەلقنىڭ مىللىي كىملىكى ۋە ئۆزلىكى ئىنسانىي كىملىك ھەم ئىنسانىي ئۆزلۈك بىلەن شەرھىيلىنىشى كېرەك. ئىدراكلىق ھاياتلىق تۇغۇلۇپ ئالدى بىلەن ئادەمگە تەۋە، ئاندىن قالسا مىللەت ۋە ئائىلىگە، مەلۇم بىر جەمئىيەتكە تەۋە بولىدۇ.

تارىخى مەدەنىيەتلەر تەتقىقاتى ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىۋاتقان بولساقمۇ، ئەمما ئادەمنىڭ ئۆز كىملىكى ۋە خۇسوسىيىتىنى قانداق جارى قىلدۇرۇشى توغرۇلۇق كۈچەشكە كېچىكىپ قىلىۋاتىمىز. ئۆزلۈك قارىشى تارىختىكى كىملىكىنى ھەم ئۆزلۈكنى بىلىشلا بولۇپ قالماي ئەڭ مۇھىمى تارىخىي ئۆزلۈكنى ھازىرقى زاماندىمۇ جارى قىلدۇرۇشتىن ئىبارەت. تارىخىنى بىلىش ـــ ئۆزلىكىنى(مەن كىم ئىكەنلىكىنى) بىلىشنىڭ بىر بۆلىكى، خالاس. قالغان قىسمى تارىخىدىكى ئىلغارلىقىغا ۋەكىللىك قىلىش ۋە ئالەمشۇمۇل نەتىجە يارىتىش بىلەن نامايەن بولىدۇ. خەۋەردار بولۇپلا قويۇشنىڭ ھېچقانچە ئەھمىيىتى يوق.

نۆۋەتتىكى سىرتقى مەدەنىيەت بېسىمى، سوتسىيالىستىك بازار ئىگىلىكى ھەم خەلقئارا كاپىتال ئىگىلىكى ئۆزىمىزگە ئەستايىدىل، تەپسىلىي قاراپ چىقىشىمىزنى تەلەپ قىلماقتا. ئۆزىمىزنى زادى قانداق تونۇش ھەم قانداق جارى قىلدۇرۇش جىددىي مەسىلىگە ئايلانماقتا. بىر مىللەت پەقەت باشقا مىللەتلەر بىلەن ئۇچرىشىپ ئالاقە قىلغاندىلا ئاندىن ئۆزلۈك تەلىپى مەيدانغا چىقىدۇ. باشقا مىللەتلەر بىلەن سىلىشتۇرۇلغاندىلا ئۆزلۈك قارىشى شەكىللىنىدۇ. شۇڭا ئۇچرىشىش دائىرىسى قانچىكى كەڭ بولسا ئۆزلۈك تەلىپى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ. شۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ پۈتكۈل يەرشارى كىشىلىرىنىڭ بىر مۇھىم ئەزاسى ئىكەنلىكىنى تېخىمۇ چۈشىنىپ يىتىدۇ. دۆلەت ئىچى ھەم غەرب ئەللىرىنىڭ پەن – تېخنىكا، ئىجادى تەپەككۇر، كۆزقاراش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىلغارلىقى نۆۋەتتىكى ھالىتىمىز بىلەن روشەن سېلىشتۇرما بولۇپ ئۆزىمىزنىڭ دۇنيادا قانداق ئورۇندا تۇرۋاتقانلىقىمىزنى قايتىدىن ئويلاشقا مۇۋەپپەق بولالايمىز. دۆلەت ئىچى ھەم ياۋرۇپا ئەللىرىنى ئاساس قىلغان ھازىرقى زامان جەمئىيىتىگە يۈرەكلىك يۈزلۈنۈش ئارقىلىق شەرق ۋە غەرب مەدەنىيىتى ھەم ئەنئەنىۋىلىك بىلەن زامانىۋىلىقنىڭ يۈز كۆرۈرشىشى جەريانىدا ھەقىقىي ئۆزلىكىمىزنى تېپىپ چىقالايمىز. بۇ خىل يىڭىچە بايقاش ئاخىرىدا ئۆزلۈك بىلىشىمىزگە بولغان مۇتەسسىپ كۆزقاراشنىڭ ئىنسانلار جەمىيىتىدىن ئايرىلىپ تۇرۇش ھالىتىنى ئۆزگەرتىپ مەخسۇس پەن ۋە تەتقىقات ساھاسىگە ئايلىنىدۇ.

زامانىۋىلىشىش قەدىمىنى تېزلىتىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئادەمنى ئىدىيە، تەپەككۇر، كۆزقاراش، قىممەت قارىشى تەرەپلەردىن زامانىۋىلاشتۇرۇش لازىم. بۇ جەريانلارنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئەنئەنىۋىلىكنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلۇش، دىننى ئېتىقاد بىلەن تەرەققىيات، ئۆرۈپ – ئادەت بىلەن مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدىكى مەسىلىلەرنى ماھىرلىق بىلەن بىر تەرەپ قىلىش ھاجەت. غەربتىكى زامانىۋىلاشقان دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ۋە ياشاش ئۇسۇللىرى ھەم تارىخى جەھەتتىكى تەتقىقاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلق ئىچىگە تونۇشتۇرۇش، ئۆز ئىلكىمىزدىكى ياخشى ئادەتلەر بىلەن يات مەدەنىيەتنى قانداق قىلىپ ئۆزىمىزنىڭ ئادىتى ھەم دىنىي ئېتىقادى، ئەخلاق ئۆلچىمىگە ماس كېلىدىغان بىر ماشىنا قۇراشتۇرۇپ چىقىش ھەم بۇنى قانداق ھەيدەش ئۇسۇلى توغرۇلۇق ئىزدىنىش باشلاش ئالدىدىكى بىر مۇھىم خىزمەت.

4.1 زىيالىيلاردىكى تىپىك مەسىلىلەر

دوكتور ئەسئەت سۇلايماننىڭ «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاۋىنى ئوقۇغاندىن كىيىن مەزكۇر كىتابتا ئىپادىلەنگەن قىسمەن تەپەككۇر بىرتەرەپلىمىلىكى مېنى ئويغا سېلىپ قويدى. بۇخىل قاراشلار ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى كۆپىنچە زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان ناھايىتى تىپىك ھادىسىلەر. مەن كىتابتا ئېيتىلغان كىچىككىنە ۋەقە ئارقىلىق ئاپتورنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىنى قىسقىچە بىلىشكە مۇيەسسەر بولالىدىم. ئاپتور دانىيىدە تۇرۇش جەريانىدا بىر تۈرۈكمەن كىشى بىلەن تاسادىپىي پۇرسەتتە ئۇچۇرۇشۇپ قىلىپ قىزغىن پاراڭلىشىدۇ. بۇ ئۇچرۇشۇش ئۇنىڭغا ئىنتايىن يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ. ئۇ يەنە بىر ۋاراڭ – چۇرۇڭغا تولغان قايناق ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى بايقايدۇ ھەم ئۇ يەردە ئۆزىنى ئىنتايىن ئازادە ھېس قىلىدۇ. قايتىپ كەلگەندىن كىيىن بۇ ئىشنى ئاچىسىغا سۆزلەپ «يەنىلا ئۆزىمىزنىڭ كىشىلىرىمىز، ھىچبولمىغاندا ئورتاق بىر مەدەنىيەت چەمبىرىكىگە تەۋە كىشىلەر بۇ يەردە ئادەمنىڭ كۆزىگە ئىسسىق كۆرىنىدىكەن» دەيدۇ. ئەمما ئاچىسى ئۇنىڭ بىر قىسىم كۆز قاراشلىرىغا رەدىيە بېرىپ «ياۋرۇپاغا دەسلەپ كەلگەن ئۈچ ئاي ئىچىدە ھەرقانداق ئۇيغۇردا شۇنداق بىر ھىسىيات بولىدۇ. مەندىمۇ بولغان، ھەتتا بۇ يەردىكى كۆچمەن ئەرەبلەر، تۈرۈكلەر ۋە باشقا مۇسۇلمانلار كۆزۈمگە دانىيىلىكلەردىن ئىسسىقاراق كۆرۈندى…لېكىن، مۇشۇ مەزگىلدىن ئۆتۈپ كەتكەندىن كىيىن كۆزقاراش ۋە ھىسىياتىڭدىمۇ ئۆزگۈرۈش بولىدۇ. سەن دىگەن بىر ئوغۇل بالا، ھىسىيات جەھەتتە تېخىمۇ قاتتىقاراق ۋە تەمكىن بولۇشۇڭ كېرەك. بىز ھازىر رىئال دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. ۋەتەندە كۈنۈپ قالغان بۇرۇنقى ئوي-خىياللىرىمىز ئەمدى بۇ يەرگە ماسلاشمايدۇ… مەن سېنىڭ ئەمدى خەلقئارا مۇھىتتا تەرەققى قىلىشىڭنى ئۈمۈد قىلىمەن» دەيدۇ. ئاپتورنىڭ قېرىنداش مىللەت كىشىسىنى يېقىن كۆرىشى توغرا. شۇنىسى ئۇ ئۆزىنى مىللىي ھىسىياتى بىلەن دەڭسىمەسلىكى، تېخىمۇ مەدەنىيەتلىك كىشىلەر ئارىسىدا تۇرۋاتقانلىقىدىن ئۆزىگە تېخىمۇ قاتتىق تەلەپ قويۇشى، يېڭى مۇھىتقا كۈنىشى، ماسلىشىشى، ھەرگىز بىر ئوتتۇرا ئاسىيالىق بىلەن ئۆزىگە تەسەللى، ئارام بەخش ئىزلىمەسلىكى لازىم. ئۇ ئۇچراتقان بازارمۇ شۇنداق. ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم ئەرەپ ئەللىرىدىن كەلگەن تۈرلۈك كۆچمەنلەر دانىيەنىڭ مەلۇم شەھىرىگە توپلىشىپ بۇ بازارنى ئېچىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ مەۋجوت بولۇشى ياۋرۇپاچە ئادەتكە خاس بۇ شەھەرگە، جۈملىدىن شىمالىي ياۋرۇپا ئەللىرىگە كۆزگە كۆرۈنگۈدەك ھاياتى كۈچ بەخش ئېتەلىشى ناتايىن، ئۇ پەقەت شۇ خىلدىكى كۆچمەنلەرنىڭ ئەڭ خالاپ بارىدىغان، سېغىنىشىنى باسىدىغان، دەرت تۆكىدىغان، ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان جايى، خالاس. ئۇنىڭ يوقاپ كىتىشىمۇ بۇ شەھەر ئۈچۈن چوڭ جەمئىيەت مەسىلىسىمۇ ھىساپلانمايدۇ، ئاپتور بۇنى زىيادە تەسۋىرلىگەن. شۇنداقلا رايونىمىزدا ھازىر مەۋجۈت بولۇپ تۇرۇۋاتقان ئوخشاش شەكىلدىكى بازارغا نۆۋەتتىكى زىيالىيلاردا ساقلىنىۋاتقان تىپىك قاراش بۇيىچە «ئىجابىي» باھا بەرگەن. شۇنىڭ بىللە يەنە چۈشەنچە بېرىپ «بىر خەلق ئۈچۈن ئۇلارنىڭ مەدەنىيەتتىكى كىملىكى ئەمەلىيەتتە ئۇلارنىڭ مەۋجوتلۇقىنىڭ تۈپ بەلگىسى ھېسابلىنىدۇ» دىگەن كۆز قاراشنى يورۇتۇپ بەرمەكچى بولىدۇ. بۇ سۆز باشقا ياۋروپا دۆلەتلىرىدىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتلىرى سۆزلەنگەندە قىلىنماستىن بەلكى ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇندا بېرىلىدۇ. كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، بۇ ئوتتۇرا ئاسىيا خەلقلىرى ھەم مۇسۇلمان ئەللىرىنىڭ مۇشۇخىل ياشاش ئۇسولىغا بېرىلگەن باھادىن ئىبارەت بولۇپ، ھەرگىز بارغانسېرى ئوخشىشىپ كىتۋاتقان ياۋروپا مىللەتلىرىگە بېرىلگەن ئەمەس. بۇ پىكىر مەدەنىيەتتىكى ھۆكۈمران مىللەتلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى ۋە ياشاش شەكلىدىكى پەرقىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلىشىپ كىتۋاتقانلىقى بىلەن زىت. ئاپتور يات ئەلدە يىتىملىك ھىسىياتنىڭ تەرەپدارى بولۇپ قىلىپ، بۈگۈنكى كۈنىمىزدە تارىختىكى ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا مىللەتلىرىنىڭ ياشاش شەكلى بىلەن كۆپ پەرىقلەنمەيدىغان بىرەسمىي ئىپتىدائىي ھالەتنىڭ داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىپ قالغان. مۇشۇ ۋەقەلىكتىن «بىزنىڭ پۇرچىقىمىز پەقەت قېرىنداش مىللەت كىشىلىرى بىلەن پىشىدۇ. ئۇلار بىلەن بىز تەقدىرداش، قۇرغاق رايوندا ياشاۋاتقان ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى بىز بىلەن ئوخشاش ياشاس ئۇسۇلىغا ئىگە. مەدەنىيەت پەقەت شۇلار بىلەنلا بولىدۇ» دىگەن يەكۈن چىقىدۇ. دىمەك، ئاپتور غەرىپنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈنسىز ئەيىبلەپ ئۆتۈپ، ھازىرقى ياشاش ھالىتىمىزگە مەدىھىيە ئوقۇغان. بۇنداق ئويلاش بىر ئۇيغۇر، يەنى ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئۈچۈن بەلكىم توغرىدۇ. ئەمما كىتابخانلارنىڭ سەمىگە شۇنى سېلىپ ئۆتۈشنى لايىق تاپتىمكى، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئوتتۇرا شەرق كىشىلىرى ھەم جۈملىدىن بىز ئۇيغۇرلار تارىختا ناھايىتى سەلتەنەتلىك ۋە مەدەنىيەتلىك ياشىغان بولساقمۇ بۇ دەۋرلەر ئاللىقاچان كەتتى. بۈگۈنكى كۈندىكى ياشاش ئۇسولىنىڭ تۈپتىن ئۆزگۈرۈشى، ئىنسانىيەتنىڭ ئالىي ئۆزلۈك قارىشى(ئۆزىدىن ھالقىشى) شۇنى ئىسپاتلاپ بەردىكى، ھەرقانداق بىر مىللەت تەرەققىيات باسقۇچىدا ئۆزىدىكى ماسلىشالمىغان ئەنئەنە ۋە ئۆرۈپ ئادەتلەردىن قاتتىق قوللۇق بىلەن ۋاز كېچىشى كېرەك. دۇنياغا دانالىق بىلەن نەزىرىمىزنى سالغىنىمىزدا ياشاش شەكلىدە قانچە كونىلىقنى ساقلىغان بىر تائىپە بولىدىكەن ئۇنىڭ تەرەققىياتى تەتۈر تاناسىپ ھالدا چېكىنگەنلىكىنى بايقىماي قالمايمىز. ئەسئەت سۇلايماننىڭ بايانلىرى خەلقئارانىڭ نۆۋەتتىكى قانونىيەتلەرگە قارىشى ئىدىيىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، شۇنداقلا دوكتور كىتابنىڭ ئاخىرىغىچە بۇ ئىشلار توغرۇلۇق قايتا ئېنىقلىما بەرمەيدۇ. نىچۈن دۇنيانى ئاۋام پۇقرادىن ياخشى چۈشۈنىدىغان بىر ئادەمدە مۇشۇنداق ئىدىيە ھۆكۈمران؟ بۇ كۆپ قىسىم زىيالىيلىرىمىزدا ئورتاق بولۋاتقان ھېسسىياتقا ئىغىشنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.


داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-7-26 15:47:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
داۋامى
يوقۇرىدا قەيت قىلىنغان ئۇنىڭ ئاچىسى ھاۋاخاننىڭ قارىشى ئىنتايىن ئىلغار قاراش بولۇپ، تىپىك يېڭىچە پىكىر ئېقىمىغا ۋەكىللىك قىلالايدۇ. ئەسئەت سۇلايماننىڭ ئىزدىنىشى قىسمەن دائىرىلىك بولسا، ئاچىسىنىڭ مېدىتسىنا ساھەسىدىكى ئىزدىنىشى دۇنياۋىيلىققا ئىگە ئورتاق پەن. بۇ ناھايىتى روشەن بىر سېلىشتۇرما. بۇ نۇقتا ئۆزىمىزدە زادى يازغۇچى – تارىخچىلار مۇھىممۇ ياكى دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە ئىلىم ئىگىلىرى مۇھىممۇ دېگەن تېمىدا ئويلىنىشىمىزغا تۈرتكە بولىدۇ. بىر مىللەتنىڭ تارىخى، ئىتىنىك مەنبەسى، ئۆرۈپ -ئادىتى توغرىسىدا ئىزدىنىش بەسىي توغرا ئىش بولسىمۇ، ئەمما بىزنىڭ قەدىرلىشىمىز بۇنىڭلىق بىلەن چەكلىنىپ قالسا بولمايدۇ. بىز يەنە دۇنياۋى ئورتاقلىققا ئىگە پەنلەرگە بولغان ھوشيارلىقىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىمىز كېرەك. پۈتۈن دۇنيادىكى تەرەققىيات رىتىمى تېز، جىددىي، ئالدىراشچىلىق ئىچىدىكىكى دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسىدە ئەسئەت سۇلايمان تەسۋىرلىگەندەك قېرىنداشلىق، قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتى كەمچىل بولۇشى تەبىئىي. ئەمما ئۇلار بۇ تۇرمۇشقا ئۇزۇندىن كۆنگەن بولۇپ غەيرىي تۇيۇلمايدۇ. مانا بۇ ئۇلارنىڭ تەرەققىياتىدا يىتىلدۈرگەن ھەم تەبىئىي خالاپ تاللىغان ئادىتى بولۇپ، بۇ خىل ئىختىيارىي «مەجبورلىنىش» ئاخىرىدا ئادەتكە ئايلانغان. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تۈرلۈك ئادەتلەرگە ئورتاق رىئايە قىلغاندىلا ئۇلار مەدەنىيەت ھۆكۈمرانىلىق ئورنىدا تەۋرەنمەي تۇرالايدۇ. بۇنى بىز تەسەۋۋۇرىمىزغا سىغدۇرالايمىزمۇ؟ ئاپتور يەنە مۇنداق بىر جۈملە سۆزنى قىلىدۇ: «يەر شارىلىشىنىڭ شىددەتلىك دولقۇنى مىللەتلەر ۋە دۆلەتلەر چىگرىلىرىدىن ھالقىپ ئۆتۈپ مىللىي ۋە مەھەللىۋىي پەرقلەرنى ئېزىپ ئۇن قىلماقتا. بىز ئەنە شۇ سان – ساناقسىز خۇرۇچلارنىڭ ئارىلاشمىسىدىن تەييارلانغان، ئاللىقاچان ئۆز تەمىنى يوقاتقان يەر شارى بولكىسىنى يىمەكتىمىز». بۇ جۈملىدىن نۆۋەتتىكى ئىنسانلارنىڭ مەدەنىيەت تەرەققىياتىغا بېرىلگەن باھانىڭ ئىجابىي ئەمەسلىكىنى كۆرۋالغىلى بولىدۇ. بۇ يەردە دىيىلۋاتقان «تەمسىز» بولكا دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل، بەرىبىر بىزنىڭ يىمەكلىكىمىز. ئۇنى ئىنسانلار ئۆز ئىختىيارىي بۇيىچە تاللىغان، ئاز يىگەنلەر جانسىز، ئورۇق بولىدۇ، تەمسىز بىلىپ يىمىگەنلەر ئاچ قالىدۇ، خالاس. ھەممە مىللەت ئۆز ئالاھىدىلىكىنى، ئۆرۈپ – ئادىتىنى ساقلاپ قىلىشى بىلەن بىللە يەنە تەرەققىيات ئىلىپ كېلىۋاتقان بىسىم، خىرىس ۋە مەجبورلاشلارغا ئاكتىپ ئىنكاس قايتۇرۇشى، تەدبىر بەلگىلىشى زۆرۈر. ماسلىشىش ياكى ماسلاشماسلىق مەسىلىسىدە بىزنىڭ دېگىنىمىز ھېساب ئەمەس. بۇ خىل ئېقىم بەئەينى جاھان سوقۇشىدا ئۇرۇش ئوتى ئۇرۇش قىلىشنى خالىماي مۇداپىئەدە تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەرنىمۇ يۆگەپ- سوقۇپ ئۇرۇش قاينىمىغا باشلاپ كىرىگىنىدەك ئىش بولۇپ، باشقا كەلگەندە ھېچكىم قېچىپمۇ كىتەلمەيدۇ.

تارىخىي خاتىرىلەر شۇنى ئېيتىپ بېرىدۇكى، ئىلگىرى فىيودالىق ۋە بىكىنمىلىكتە چىڭ تۇرۇپ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا نەزەر سالمىغان بىر قىسىم دۆلەتلەرنى، مىسالەن ياپونىيە، كورىيە، ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئىشىكىنى كۈچەيگەنلەر سودا مۇناسىۋىتى بىلەن ئاچتى، ياخشىلىقچە قىلالمىغاندىن كىيىن توپ – زەمبىرەكلىرىنى ئىشقا سېلىپ مەجبورى ئېچىۋەتتى. بۇ خىل مەجبورلاش ئاخىرىدا فىيوداللىق ۋە بىكىنمىچىلىكنى يوقتۇشقا، ئۆرۈپ- ئادەتلىرىنى ئۆزگەرتىشكە باشلىدى ھەم دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە ئىلگىرىلەش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى. دېمەك، دۆلەتنىڭ خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاش توغرىسىدىكى سىياسەت – پەرمانلىرى ھەم دۇنيا ئەللىرىنىڭ تەرەققىياتى بىلەن بىر ئېقىمدا مېڭىش بىردىنبىر تاللاش يولىدۇر. ئەمدى قانداق قىلىپ ھازىرقى ئېسىل ئادەتلىرىمىزنى ساقلاپ قىلىپ زامانىۋىلىققا كۈنەلمەيدىغانلىرىدىن كېچىش، زىيادە ۋاقىت، كۈچ ۋە زېھنى قۇۋۋەتنى ئىسراپ قىلىدىغان ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش ياكى قىسقارتىۋىتىش توغرىسىدا ئىزدىنىشكە موھتاج بولۋاتىمىز. ئىلىم – پەنگە، پاكتقا ھۆرمەت قىلغۇچىلار بولۇش سۈپۈتىمىز بىلەن بۇ مەسىلىلەرنى تەمكىنلىك بىلەن ئويلىنىشىمىز كېرەك.
4.2 ئاممىنىڭ ئىلىم – پەن قارىشى ۋە تەپەككۇرى

كىشىلەر تېخنىكا ئارقىلىق زامانىۋى تۇرمۇش كەچۈرۈش ۋە بىخەتەر ياشاش ئۇسوللىرىنى بىلىۋالدى. كىشى نورمال ھايات كەچۈرۋاتقان ئەھۋالدا ئەجەل ۋەھىمىسىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى كۆپ ئويلاپ كىتەلمىسە كېرەك. ئەمما ئۆزى ياكى ئەڭ مۇھىم كىشىسى ئېغىر كېسەلگە مۇپتىلا بولغان چاغدىلا بۇنىڭ نەقەدەر قورقۇنچلۇق ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىدۇ. بۇنداق ۋەھىمە ئادەمنىڭ پۈتكۈل ئارزو – ئارمىنىنى بىراقلا بىتچىت قىلىپ تاشلايدۇ. يۇقىرى سەۋىيىلىك داۋالاش تېخنىكىسى ئادەمنىڭ كېسىلىگە شىپا تېپىشقا ئۇرۇنىدۇ ھەم بىر قىسىملىرىنى ساقايتىدۇ. دېمەك، تېخنىكا قانچە يۇقىرى بولسا كىشىلەرگە شۇنچە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن، ئاممىنىڭ بۇ جەھەتتىكى بىلىشى ھەم ئالىملىرىمىزنىڭ تەتقىقاتى تېخىچە بىخ ھالەتتە تۇرۋاتىدۇ. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى، «بىلىم–كۈچ»كە ئوخشاش ئىلىم – پەننى ئومۇملاشتۇرۇش ژۇرناللىرى يىتىمسىرىماقتا. بۇ ژۇرناللارنىڭ تىرىشچانلىقىدا دۇنياغا كەلتۈرۈلگەن بىر قىسىم نەتىجىلەر ئېتىبارسىز قالماقتا. مىسالەن، قاسىم سىدىق ۋە ئۇنىڭ «فىزىكىلىق شەكىل نەزىرىيسى»نىڭ ئارىمىزدا كۈچلۈك ئىجتىمائى ھەم ئىقتىسادى قوللاشقا ئېرىشەلمەسلىكى ئادەمنى تولىمۇ ئەپسوسلاندۇرىدۇ. ئەمما 90- يىللاردا مەلۇم بىر تىل تەتقىقاتچىسىنىڭ چەتئەلگە چىقىپ نۇتۇق سۆزلەشتە ئىقتىسادتىن قىينىلىپ قىلىشى سەۋەبلىك مەكتەپ – مەكتەپلەردە ئېلىپ بېرىلغان ئىئانە توپلاش پائالىيىتى بۇ ئىككى خىل ئىشقا، توغرىسىنى ئېيتىقاندا ئىلىم ساھەسىدىكى دۇنياۋى بايقاش ئۈستىدە ئىزدىنىش بىلەن قىسمەن دائىرىلىك تىل تەتقىقاتىغا بولغان روشەن پوزىتسىيىمىزنى ئىپادىلەپ تۇرماقتا. ئۇنتۇپ قالماسلىقىمىز كېرەككى، ئالدىدىكىسى پۈتكۈل دۇنيا ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان نۇقتا. ئۇنداقتا قانداق ئامىل تارىختىن بۇيان باھادىر ئوغلانلىرى، كەشپىياتچىلىرى كۆپ يېتىشىپ چىققان بىر مىللەتنى شاللاپ تاشلاپ، جاھان مىللەتلىرىنىڭ كەينىگە تىزىپ قويۇشقا، ھەتتا ئۇنتۇلدۇرۇشقا مەجبورلىدى؟ بىز تارىخىي قەلەمدارلىرىمىزنىڭ پەلسەپىۋى قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىدۇقمۇ ياكى ئۇلارنىڭ قاراشلىرى زامانغا زىت بولۇپ قالدى؟ ياكى ئۇلار كۆرسىتىپ بەرگەن ئاتالمىش «ئىلىم – مەرىپەت يولى» نۆۋەتتىكى دۇنيانىڭ تۇتقان يولى بىلەن ئوخشىمامدۇ؟ ئۇلار ئوتتۇرىغا قويغان ئاسترونومىيە، ماتېماتىكا ۋە فىزىكا ساھەلىرىدىكى تەلىماتلار دۇنيا ئىلىم– پېنى ساھسىدە جىڭغا توختىمىدۇ ياكى بىز بەك كۆپتۈرۋەتتۇقمۇ؟ ئۇلارغا زىيادە يوقۇرى باھا قويۇشتىن ئىلگىرى جاھانغا نەزەر سېلىپ تەكشۈرۈش ئېلىپ باردۇقمۇ، بىلىشىمىزدىكى بىلىم- مەرىپەت يولى زادى دۇنيانىڭ يولۈنىشى بىلەن ئوخشامدۇ – يوق؟ بۇ مەسىلىلەرگە سوغاققانلىق بىلەن تەكشۈرۈپ چىقىپ جاۋاب بىرىشىمىز، ئۆزىمىزگە بەش قولدەك ئايان كۈچى ئاجىز دەسمايىمىزنى ھە دېگەندىلا سۆرەپ چىقىپ پەش قىلماسلىقىمىز كېرەك. بۇ بىزنىڭ ئىلىم – پەنگە ۋە تېخنىكىغا تۇتقان پۇزىتسىيىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك.

بىزگە مەلۇملۇق تارىخىمىزدىن شۇنى كۆرۋىلىش تەس ئەمەسكى، «ئەدىب، شائىر» ئەتىۋارلىنىپ، تېخنىك – ئىختىراچى كەمچىل بولغان. بۇنداق زور تەڭسىزلىك ھە دېگەندىلا بىرەر ئەمىلىي ئىش قىلىشتىن جەررە – ساما تارتىشنى، قىسقىسى خىيالى-ھىسسىي مەدەنىيەتنى ئەۋزەل بىلمەك ھالىتىگە باشلىغان. بۇ بىزدىكى مىڭ يىلدىن بۇيان بارغانسېرى كۈچىيىپ بېرىۋاتقان تېخنىكا ھەم ئىلىم – پەننى تەرك ئېتىش پىسخىكىسىدىن ئىبارەت.

ئامېرىكا، ياپونىيە ۋە ياۋروپا ئەللىرىدە جىنسىي ئەركىنلەشتۈرۈش، بۇزۇقچىلىق، ئاشنىدارچىلىق يامرىغان بولسىمۇ، ئەمما شۇ جەمئىيەتتە ياشاۋاتقان كۆپ قىسىم ئەقىللىق كىشىلەر ئىنسانىي پەزىلەت – خىسلەت بىلەن ياشاپ، ھەر ئىشنى پۇختا، ئۆز لايىقىدا بىر تەرەپ قىلىپ، ئەخلاق، ئۆرۈپ- ئادەت، كىشىلىك قەدىر – قىممەت جەھەتتە يەنىلا دۇنيانىڭ ئۈلگۈسى بولۇپ كىلۋاتىدۇ. بىز ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە خاس ئەخلاقىنى بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا يوق قىلىۋەتسەك، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىنتايىن سېرىقلاشقان، جىمىي بۇزۇقچىلىقلارنىڭ ئۇچۇقى دەپ قارىۋالساق خاتالاشقان بولىمىز، ئەلۋەتتە. ئەقىللىق كىشىلەر ئۆز جىسمىدىكى ھەر بىر پائالىيىتىگە ئاڭلىق ئىگە بولۇپ كىلۋاتماقتا. بۇلارغا كۆز يۇمماسلىقىمىز كېرەك، شۇنىڭ بىلەن بىرگە بىزنىڭ دىققەت قىلىدىغىنىمىزمۇ ھەرگىز خەقنىڭ يامان تەرىپى بولماسلىقى كېرەك، چۈنكى بىز ئۇلارنىڭ ناچار ئادىتىنى ئەمەس، ئىلىم پەنگە ھۆرمەت قىلىدىغان خىسلىتىنى ئۆگۈنىمىز. ئۇلار ئۆز ئورنىنىڭ يوقۇرلۇقى، تېخنىكىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكى بىلەن ئىنسانلارغا ۋاكالىتەن نۇرغۇن پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارماقتا. ئالەمنى تەكشۈرۈش، داۋالاش، قاتناش قوراللىرى قاتارلىقلارنىڭ زامانىۋىلىشىشى پۈتكۈل ئىنسانلارغا بەخت ئېلىپ كىلەلەيدۇ. خەۋەرلەردىن ئايان بولۇشىچە ئامېرىكا يېقىنقى يىللاردا نەچچە مىليارد دوللار خەجلەپ ھاۋايدىكى مەلۇم ئورۇنغا بىر دانە ئالەمنى كۆزىتىش ئەسۋابى ئورۇنلاشتۇرۇپ، يەرشارىغا ھەرۋاقت ۋەيران قىلىش خاكتىرىدە سوقۇلۇپ كېتىش تەھدىتى شەكىلەندۈرۋاتقان قۇيرۇقلۇق يۇلتۇز، مىتئورىت تاش قاتارلىقلارنى كۆزىتىش ۋە ئالدىن خەۋەر بېرىش خىزمىتىنى باشلىغان. بۇ ئەلۋەتتە پۈتكۈل دۇنيادىكى ھەممە ئادەمنىڭ ھاياتى بىخەتەرلىكى ھەم يادرولۇق مەنپەئەتىگە زىچ مۇناسىۋەتلىك مەسىلە، شۇنداقلا يەر شارىنىڭ تارىخىدا ئىلگىرى يۈز بەرگەن ھەم يۈز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بار دەپ قارالغان ئىنسانىيەتنى يوقىتىش خاراكتېرىدىكى ۋەقە. ئىنسانىيەتنىڭ يوقۇلىشىنى تېزلىتىدىغان بۇ ۋەقەلەر گەرچە رىۋايەت ياكى فانتازىيىگە ئوخشاپ قالسىمۇ ئەمما ئۇنى يۈز بەرمەيدۇ، دەپ ھېچكىم ئېيتالمايدۇ. مۇشۇنداق خىزمەتنى ئورۇنلاش ئۈچۈن پۇل بولغاندىن سىرت يەنە يۇقىرى تېخنىكا ھەم تەدبىر بەلگىلىگۈچىلەر ئىنتايىن زۆرۈر بولىدۇ. بىز ھەدىسىلا «بۇزۇقچىلىقنىڭ ئوچۇقى» دەپ بىلىدىغان ئامېرىكا گەرچە دۇنيا زومىگىرى بولسىمۇ ئەمما ئۇنىڭ يەنىلا نۇرغۇن ئىجابىي تەرەپلىرى بار. ھەرقانچە كۆپ پۇلنى تىزىپ قويغان بىلەن پۇل بۇنداق ۋەزىپىنى ھەرگىزمۇ تاماملىيالمايدۇ. ئالەمدىن چۈشىدىغان مىتئورىت ئامېرىكا زىمىنىغىلا سوقۇلمايدۇ-دە. ئۇنداقتا بىز يەنە بۇ ئىشلارغا قانداق باھا بېرىمىز؟

ئۇلۇغ ۋەتىنىمىز جۇڭگو سەييارىمىزدىكى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپۈتى بىلەن ئوخشاشلا مۇشۇنداق ئىشلار ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسەتمەكتە. دۆلىتىمىزنىڭ ئادەملىك ئالەم كېمىسىنى قويۇپ بېرىشى، ئاينى تەكشۈرۈش قۇرلىشى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە ۋەتەننىڭ تۈپ مەنپەئەتىنى ئاساس قىلغاندىن باشقا يەنە ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشنى نىشان قىلغان. ياشاۋاتقان سەييارىمىز تۇيۇقسىز تاشقى ئالەمنىڭ بىرەر ھوجومىغا ئۇچراپ قالسا دۆلىتىمىزمۇ ئالەم تېخنىكىسىنى ئىگەنلىگەن دۆلەتلەر قاتارىدا ئائىلىمىزنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆز ئۈستىگە ئالايدۇ. دېمەك، تەرەققىياتى تىز بولۋاتقان ئەللەر ئۆزىنىڭ يادرولۇق مەنپەئەتى كاپالەتلەندۈرۈش بىلەن زۆرور بولغاندا ئىنسانىيەتنىڭ تۈپ مەنپەئەتى ئۈچۈن تۆھپە قوشالايدۇ.

شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ بەختى ئۈچۈن ئورتاق ئىزدىنىۋاتقان دۆلەت ئىچى-سىرتىدىكى ئالىم، ئىقتىسادشۇناس، مۇنەۋۋەر كارخانىچى ۋە توغرا تەدبىر بەلگۈلىگۈچى كىشىلەرنى ھەممىدىن يۇقىرى قويۇپ ھۆرمەتلىشىمىز لازىم. بىز ئىلىم-پەن ئالىملىرىنى قانداق قەدىرلەش توغرىسىدا ھەقىقىي ۋىجدانىمىز ئالدىدا جاۋابكار. بىر قىسىم ساھە بىز بىلەنلا مۇناسىۋەتلىك بولسا، كۆپ قىسىم ساھە پۈتكۈل ئىنسانىيەت دۇنياسى بىلەن مۇناسىۋەتلىكتۇر ياكى ئۇلارغا تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ.

بىزگە مۇلۇملۇقكى، بىز ئۈچۈن مەرىپەتنىڭ مېۋىسى دەپ بىلىدىغان بىر قىسىم ئەدەبىي ئەسەرلەرنى ئوقۇغىنىمىزدا يۈرەك تارىمىز تىترەپ كېتىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ شۇ ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن ئەدەبىي تەسەۋۋۇر، ھېسسىيات، ئىستىلىستىكىلىق ۋاسىتە قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى. بىزگە ناتونۇش ئىلىم-پەن ئالىملىرى بولسا دىلىمىزنى مايىل قىلىش چەمبىرىكىنىڭ سىرتىدا قالغان. چۈنكى ئۇلار ھىسىياتقا ئەمەس، پاكتقا تايىنىپ يەكۈن چىقىرىدۇ. ئالىملار تىنىمسىز ئەمگىكى، تەتقىقاتى ئارقىلىق تۇرمۇشىمىزنى قۇلايلىقلاشتۇرۇش، دۇنيانى گۈزەللەشتۈرۈش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ. بۇ بىردەمچىلىك ھاياجانغا ئوخشىمايدۇ. باشقىلار بىر ئالىمنى ھۆرمەت قىلىدىكەن، ئۇنىڭ مىللىتىنىمۇ ئوخشاشلا ھۆرمەت قىلىدۇ، بىر ئالىمنى قەدىرلەيدىكەن، ئۇنىڭ مىللىتىنىمۇ ئوخشاشلا قەدىرلەيدۇ. كۆك كۆز، سېرىق چاچلىق كىشىلەر ئىلىم – پەننىڭ مۇھىملىقىنى توغۇلۇپلا بىلگەن ئەمەس. ئۇلار ئۇزۇن تارىخىي جەريانىدا، تېخنىكىدىن ئىبارەت بۇ قورالدىن ھەم ياخشى ئىش ھەم يامان ئىش ئۈچۈن پايدىلانغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىپ يىتىشكەن. كىشىلەر ئايروپىلان، پاراخوت دۇنياغا كەلگەندىن كىيىن ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنى قورال قىلىشقا بولىدىغانلىقىنى بىلىۋالدى. مىلتىق دورىسى كەشىپ قىلىنغاندىن كىيىن ئۇنىڭ بىلەن ئادەم ئۆلتۈرۈشنىڭ ئاسانلىقىنى بىلدى. مۇشۇنداق دەۋرىي قىلىش جەريانىدا كىشىلەر تېخنىكىدىن پايدىلىنىپ زومىگەرلىك، كىڭەيمىچىلىك قىلىش بىلەن بىرگە يەنە زور ئىقتىسادى ئۈنۈم ياراتقىلى بولىدىغانلىقىنى، خەلققە تېخىمۇ قۇلايلىق ئېلىپ كىلەلەيدىغانلىقىنى چۈشەندى. بۇ بىلىش ئىنساننىڭ قانائەتلەنمەسلىك تەبىئىتى بىلەن بىرلىشىپ ئىلىم – پەن تەرەققىياتىنى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسەكلىككە كۆتۈردى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەركىن تەپەككۇرنىڭ توغرا يول كۆرسەتكەنلىكىنىڭ مەھسۇلى. تەپەككۇر سالمىقىنىڭ يىلسېرى چوڭقۇرلاشقانلىقى نىمىنى تاللاش كېرەكلىكىنى كىشىلەرگە ئېيتىپ بەرمەكتە.

ئىنسانىيەتنىڭ ئىزدىنىشى ھەرگىزمۇ بىكار كەتمەيدۇ. گەرچە ئۇنىڭ جەريانى بىر قىسىم قۇربان بېرىشنى بەدەل قىلغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ياراتقان ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي قىممىتى مۆلچەرلىگۈسىز. ئەپسۇس، بىزدىكى تەپەككۇر نامراتلىقى، «پەيلاسوپ»لارنىڭ كېكەچلىكى، «سىغدۇرماسلىقى» سەۋەبلىك داۋاملىق ئەنئەنىۋى نەرسىلەرنى پۈۋلەپ، زور روھىي، ھېسسىي بەدەل بەرسەكمۇ ئىلىم ساھەسى ئۈچۈن ھېچنېمە قىلىپ بەرمىدۇق. نەتىجىدە ئىلىم – پەن تەپەككۇر ئۇقۇمى بىزدىن ناھايىتىمۇ يىراقتا قالدى. بىز گاڭگىرىغانلىقىمىزدىن پەقەت ئەدەبىي ئەسەرلەر ساھەسى، تارىخ، ئامىباپ كىتاب مۇئەللىپى، «ژۇرنال پەيلاسوپى»، شائىر، مەغلوبىيەتچى «مۇتەپپەككۇر»، سازچى قاتارلىقلارنى چوڭ بىلسەك بىلدۇقكى، ئىلىم – پەن ساھەسىنى كۆزگە ئېلىپمۇ قويمىدۇق، خوددى بۇ ئىشلار بىز بىلەن قىلچە مۇناسىۋەتسىزدەك. يېڭىچە ئىلىم-پەن مەدەنىيىتى، ئىجادى تەپەككۇر سەنئىتى، زامانىۋى جاھاندارچىلىق-تىرىكچىلىك سەنئىتى بىز بىلىدىغان ساھەنىڭ سىرتىدا قالدى. نەتىجىدە دۇنيا قارىشىمىزدىكى تارازا تەڭپۇڭلۇقى ئېغىر بۇزۇلۇپ بىر تەرەپكە قىيىپ كەتتى، ئەمدى قىيىۋەرسە بۇ تارازىنىڭ يەلكىسى سۇنىدۇ. ئەسلىدە، بىز ئىلىم – پەننىڭ نۆۋەتتىكى ھالىتى، تەرەققىيات باسقۇچى، ساقلىنىۋاتقان مەسىلىلەر ھەم دۇنيا ۋەزىيىتى، ئىقتىسادىنىڭ يۈزلۈنۈشى قاتارلىقلارمۇ ئوخشاشلا خەۋەردار بولۇشقا، قاتنىشىدىغان مەسىلىلەر ئىدى. مەرىپەتپەرۋەر شائىر(پەقەت شائىرلارلا مەرىپەتپەرۋەر بولامدۇ؟!)، ئەل سۆيگەن سەنئەتچى، داڭلىق يازغۇچى، ئاتاقلىق تىلشۇناس، تارىخچى قاتارلىق ئاتالغۇلار ھەرقانداق سۆزدىنمۇ يېقىملىق، تونۇش ئىبارىلەرگە ئايلىنىپ كەتتى. پەقەت ۋە پەقەت ئۆزىمىزگىلا تەسىر كۆرسەتكەن ساھەلەر بىزنىڭ بىلىشىمىز بولۇپ قالدى. نەتىجىدە مىللەتنىڭ ئىلىم قەدىرلەش، ساپ ئېتىقاد ۋە خۇراپاتلىق چۈشەنچىسى، نومۇس–خارلىق قارىشى، شەرەپ–خورلۇق تۇيغۇسى قاتارلىقلار بىلىپ-بىلمەي تۇيۇق يولغا باشلاندى. قارىماققا بىز بۇ ساھەلەردا «ئالەمشۇمۇل» نەتىجىلەرنى ياراتقان بولساقمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئارقا كۆرۈنىشىنىڭ ناھايىتى زور كۈپۈكچىگە ئوخشايدىغانلىقىنى بىلمەي يۈرۋاتىمىز. بىز پۈۋلەش، پەپىلەش، سىيلاش – تەسەللى، كۈپتۈرۈش بەدىلىگە مانا مۇشۇنداق زور كۈپۈكچىنى يېتىلدۈرۈپ چىقتۇق. دېمەك، بۇ كۈپۈكچە ھامان بىر كۈنلەردە قاتتىق شامالدا يېرىلىپ كېتىدۇ. چۈنكى ئۇ چوڭلىغانسىرى ئۇچرايدىغان شامال بىسىمىمۇ شۇنچە زور بولىدۇ.

مەن يازغۇچىلارنىڭ، سەنئەتچىلەرنىڭ قازا قىلغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلىدىم، نۇرغۇن كىشىلەر ئۇلارنىڭ مۇسىبەت نامىزىغا قاتناشتى، بىز مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنى ئالىم دەپ تۇنىيمىز. ئەمما بىر ھەقىقىي ئىلىم-پەن ئالىمىنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىنى ناھايىتى كەم ئاڭلىدىم. مانا بۇلار مىللى روھمۇ؟ ئۆزلۈكلىكنى ساقلاشمۇ؟ بىر قىسىم سۆزلىگۈچىلەر ئۆزلۈكنى ساقلاش كېرەك دەپ جار سالىدۇ. بۇ ھازىرقى ئەنئەنىۋى ھالەتتە تۇرۇش كېرەك دىگەنلىكمۇ؟ ئۇلارنىڭ ئۆزلۈكلۈك قارىشى بۇيىچە ئېيتقاندا تارىختىكى ئاسسىمىلياتسىيە بولۇپ بىر مىللەتكە ئايلانغان قەبىلىلەر، چاغاتاي خانلىقىنىڭ مۇسۇلمانلىشىشى قاتارلىقلار تارىخىي خاتالىقمۇ؟ ئۇلار ھەر ئىككىسىنى توغرا دەپ قارامدۇ؟ بۇ زىددىيەتلىك ئەمەسمۇ؟ شۇنداق دېيىشكە بولىدىكى، مەڭگۈ ئۆزلۈكلۈك مەۋجۈت ئەمەس. ئاجىزلارنىڭ يوقۇلۇپ كۈچلۈكلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇش قانۇنىيىتى تېخى توختاپ قالغىنى يوق، ئۇ تارىختا قانداق داۋام ئەتكەن بولسا بۈگۈنكى كۈندىمۇ شۇنداق داۋام ئەتمەكتە ھەم مەۋجۇت بولماقتا، رىتىمى، سۈرئىتى يەنىمۇ تېزلىمەكتە.

ئاخىرقى سۆز

يوقۇرقىلاردىن بىلىشقا بولىدىكى، نۆۋەتتىكى تەپەككۇر مۇھىتى ناھايىتى ئېچىنىشلىق بولۇپ، يىڭى ئىلگىرىلەش يولىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ. ھەدىسىلا ھېسسىي مىللىي غۇرور ئارىلاشقان يەكۈن توغرا ئەمەس. ئەمدىكى نۈۋەت يىڭى پىكىر ئىگىلىرىگە كەلدى. ئەگەر يىڭىچىلارنىڭ پىكرى مۇۋاپىق بولسا چوقۇم قوبۇل قىلىش، ھەتتا قوللاش ھەممە كىشىنىڭ ئەقەللى مەجبورىيىتى. ئۇلار ئىلگىرى قانداق ئۇسۇلدا خەلقنى قايىل قىلىۋالغان بولسا بۇندىن كىيىنمۇ يەنە شۇنداق ئۇسۇلدا خەلقنى مايىل قىلىپ، يېڭىچە تەپەككۈرنى ئۇلارغا سىڭدۈرەلەيدۇ.

ھېسسىي تۇيغۇ ئادەمنىڭ ھاياجانلىنىش، ئاچچىقلىنىش، تەمەننا، تەكەببۇرلۇق، ئۆزىنى ئۈستۈن قويۇش، يۈز قاراش، تۇققۇنۇم، تونۇشۇم، دوستۇم، دوستۇمنىڭ دوستى، پالانى يەرنىڭ بىرنىمىسى دېگەندەك يىقىنىزملىق(لىبرالىزىملىق) … قاتارلىقلار بىلەن بىرلىشىپ كەتكەن. ھىسىي ھۆكۈمنى ئەقىلگە، ئادالەتكە قىلىنغان ھاقارەت، زوراۋانلىق دىسەك خاتا بولمايدۇ.

بەزىدە تۇيۇقسىزلا يوقۇرقى مەسىلىلەر ئۈستىدە باش قاتتۇررۇشنىڭ ئەھمىيىتى يوقتەك، بىمەنىلىكتەك ئويلاپ قالىمەن. خۇددى ئىنسانلار زامانىۋى ئۆيلەردە، ئېگىز بىنالاردا ئولتۇرسا خىمىيىلىك، فىزىكىلىق ئەكس تەسىرى بولىدىغانلىقى، خىمىيىلىك تالا، ھورمۇنلانغان يېمەكلىك ئىستىمال قىلىشى، بۇلغانغان ھاۋادىن نەپەسلىنىشى بىر خاتالىقتەك، پەقەت گەمە، ئوت – چۆپ، شاخ – شۇمبىلار بىلەن ياسالغان كەپە قاتارلىق ئىپتىدائىي شەكىلدىكى ئويلەردە تۇرۇش بەدەنگە زىيانسىز بولۇشى توغرىدەك. شۇنىسى ئەمەلىيەت بۇنىڭغا يول قويمىدى. خەلق تۇرمۇش سەۋىيىسىنىڭ ئۆزلىكسىز ئۆسۈشى، مەركەز ئوتتۇرىغا قويغان ئىجادكار جەمىيەت بەرپا قىلىش ھەم جىمى ئىشتا ئىلمىي تەرەقىياتقا بوي سۇنۇش چاقىرىقىنىڭ تۈرتكىسىدە دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى، ئىلىم-پەن قۇرلۇشى مىسلى كۆرۈلمىگەن يۈكسۈلۈشلەرگە ئېرىشىپ، دۇنيا بىلەن ماس قەدەمدە مىڭىش شەرتىنى ھازىرلىدى. ئەلۋەتتە، بۇ بەيگىدە شىنجاڭلىقلارمۇ ئۆز رولىنى جارى قىلدۇرىشى شەرت.

ئىنسانلارنىڭ قانائەتسىزلىكى، پائالىيەتچانلىقى ئۆزىگە پايدىلىق نەرسىلەرنىمۇ مەيدانغا كەلتۈرسە يەنە بىر تەرەپتىن بىر قىسىم زىيانلىق نەرسىلەرنىمۇ پەيدا قىلدى، ھاۋانىڭ بولغۇنىشى، پارنىك ئىفىكتى، ئۇزۇن قاتلىمىنىڭ بۇزۇلۇشى، ئىچىملىك سۇنىڭ ئازىيىشى، جانلىقلار تۈرىنىڭ قۇرۇپ كېتىشى قاتارلىقلار. لىكىن، ھەر بىر ئىشنىڭ ۋۇجوتقا چىقىشى يەنە بىر خىل نەرسىنى بەدەل قىلغان بولىدۇ. كىشىلەر بەدەل تۆلىگەچكە ئىنسانىيەتنىڭ يۈكسەك مەدەنىيىتى مىسلىسىز دەرىجىدە تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى ئۇزىرىدى، كېسەللىك سەۋەبى بىلەن ئۆلۈپ كىتۋاتقانلارغا ئامال تىپىلدى، ئارىلىق قىسقىرىدى، ئۇچۇر كەسپى يەر شارىنى ھەقىقەتەنمۇ ئىسمى جىسمىغا لايىق بىر كەنتكە ئايلاندۇردى. كىشىلەر تەرەققىيات ئېلىپ كەلگەن بۇزغۇنچىلىقلارنىمۇ تونۇپ يىتىپ مۇۋاپىق خەلقئارالىق قارار ماقۇللاپ، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ قۇتقۇزۇش – مۇھاپىزەت خىزمىتىنىمۇ قانات يايدۇرماقتا. بۇ ئىنسانلارنىڭ رازىمەنلىك بىلەن تاللىشى بولۇپ، بەدەل تۆلەشتىن ئەنسىرىگەنلەر ھاياتنىڭ مەنىسىنى ھەم ئۇنى ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيدۇ، ئەلۋەتتە.

كىشى ئۈمۈدسىزلەنگەن چىغىدا دۇنيادىكى ھەممە نەرسە بىر تىيىنغا ئەرزىگۈسىز بىلىنىدۇ. سىز شۇنداق ۋاقتلىرىڭىزدا ئېنتېرنىت تورىنى ئارىلاپ بېقىڭ. ھەر كۈنى يىڭىلىنۋاتقان ئالاقە، ئۇچۇر، ھەربىي ئىشلار تېخنىكىسى، ئالەم سانائىتى، ئۆسۈملۈك، سەھىيە، ئىقتىساد، تەنتەربىيە، سودا – سانائەتكە مۇناسىۋەتلىك يېڭىلىق، خەۋەر-ئۇچۇرلىرىنىڭ كۆپلۈكى، سەرخىللىقى سىزگە دۇنيانىڭ ھەرۋاقت جىددىي رىتىم بىلەن ئايلىنۋاتقانلىقىدىن دېرەك بېرىپ تۇرىدۇ. تەرەققىي قىلغان بىلەن ئېسىل ئەنئەنىمىز يوقۇلىدۇ، دىگۈچىلەر خاتالاشقانلاردۇر.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-7-26 15:48:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىل كېكەچلىكى ۋە تەپەككۇر نامراتلىقى
داۋامى
يىغىنچاقلىغاندا، نۆۋەتتىكى ئەنئەنىۋى قاراشلارنىڭ ئاسارىتىدىن يۈرەكلىك بىلەن قۇتۇلۇپ تەپەككۇرىمىزنى ھۆرلىككە چىقىرىشىمىز، ئەركىن قويۋىتىشىمىز زۆرۈر. بۇ پەقەت مېنىڭ ئېغىزىمدىكىلا گەپ بولماي نەق مۇشۇ كۈنىمىزدە ھەممىمىزنىڭ كۆز ئالدىدا مەۋجۈت بولۋاتقان پولاتتەك پاكت. سىلىشتۇرۇش، كۆزۈتۈش، پۇت بىلەن مىڭىپ بېرىپ كۆرۈش، تەھلىل قىلىش، ئويلاش ئارقىلىق تەپەكۈرىمىز يەنىمۇ چوڭقۇرلىشىدۇ. خاتا نەرسىنىمۇ يۈرەكلىك بىلەن توغرا دىيەلەيدىغان جاسارەت يىتىلدۈرسەك تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئويلىيالايمىز. پاكىت بولسىلا خاتا نەرسىنىمۇ توغرا قىلىپ ئىسپاتلاش مۇمكىن.

كونا ئادەملەر يېڭىچە ئىلىم – پەن مەدەنىيەت تەپەككۇرى بىلەن قۇراللانغان كىشىلەرنىڭ چىقىشىغا يول قويۇشى، مەدەت بېرىشى ھەم ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك. ئىمتىيازلىقلار يېڭىچە، ئالىيجاناب ياشاش ئۇسۇلى ئۈستىدە ئىزدەنگۈچىلەرنى بايقىشى ھەم ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىنى خەلىققە بىلدۈرۈشى كېرەك. گەپدانلىقى، سۆزگە ماھىرلىقى بىلەن ئۇلارنى چەتكە قېقىشقا، كونسىرۋاتىپ ئاڭنىڭ قۇربانى قىلۋىتىشكە، تۈرلۈك سەۋەب كۆرسىتىپ كىشىلەرنى گاڭگىرتىشىغا بولمايدۇ.
90-يىللارنىڭ بىشىدا مىسىرلىق يازغۇچى نەجىف مەھپۇزنىڭ «قەسىر كوچىسى» ناملىق ئۈچ قىسىملىق رۇمانى نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى ھەم ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى. ئەمما بۇ ئەسەر ئۇيغۇر ئۇقۇرمەنلىرى بىلەن ئۇچراشقاندىن كىيىن تازا دىگەندەك قىزغىن ئالقىشقا مۇيەسسەر بۇلالمىدى. كىتاپ كۆرەرمەنلەرنىڭ سۆزى بىلەن ئېيتقاندا نەجىف مەھپۇز ئۆز كىتاۋىدا غەرپ مەدەنىيىتىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تەسۋىرلىگەن ھەم ماختىغان، شۇ ئارقىلىق ياۋرۇپا ئەللىرىگە ياخشىچاق بولۋالغان. 2006-يىلى تۈركىيىلىك يازغۇچى ئورخان پامۇك نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئورخان پامۇكنىڭ «يېڭى ھايات» ناملىق كىتاپى شىنجاڭدىكى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن مەزكور كىتاپنىڭ تەرجىمانى ئەنۋەر مۇھەممەتنىڭ توردىكى سۆزى بىلەن ئېيتقاندا بازاردا سېتىلىش ئەھۋالى ئويلىغاندەك بولمىدى. ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى بۇنداق ئەكىس تەسىرنىڭ كىلىپ چىقىشىدا ئورخان پامۇكنىڭ يېزىقچىلىق ھاياتىدا توغرا مەيداندا تۇرۇپ تۈرۈك مىللەتلىرىنىڭ تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك «پايدىسىز» بىر قىسىم ئىشلارنى «سۆككەنلىكى، ئاشكارلىغانلىقى» سەۋەپ بولدى، دىيىشكە بولىدۇ. ئۇيغۇر جەمىيىتى ھەم تور دۇنياسىدىكى ئوخشىمىغان سەلبى قاراشلارنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن بۇ ئىككى كىشىنىڭ مەنپەتىمىز، ئۆرۈپ ئادىتىمىز ھەم دىننىي ھىسىياتىمىزغا لايىق يېزىشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ. نوبىل مۇكاپاتىغا ئېرىشىشى ئانچە مۇھىم ئەمەس. بۇلارغۇ دىنداش قېرىنداشلارغا بەرگەن باھايىمىز. ناۋادا ئارىمىزدىن بىرەر ئەدىپمۇ نەجىف مەھپۇزنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا تەقلىد قىلىپ نوبىل مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى بولۇپ قالسا مېنىڭچە تېخىمۇ تەنقىتكە ئۇچرىشى تۇرغانلا گەپ. بىزچە بولغاندا يازغاندىمۇ باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس چوقۇم ئۆزىمىز ئۈچۈن يىزىشىمىز لازىم. بۇ بىر تىپىك مىسال. بۇنى بىز ئىشقا ئىشلارغىمۇ تەدبىقلىساقلا مەسىلە ئايدىڭلىشىدۇ. بىزنىڭ چۈشۈنۈشىمىز بۇيىچە ھەممە نەرسە ئۆز تۇرمۇشىمىزنى، مەدىنىيىتىمىزنى، قىسقىسى «مەن»نى مەركەز قىلغان ئاساستا بولۇشى كېرەك. بىز نېمە ئۈچۈن پەقەت ئۆزىمىزنىڭلا كۈنىنى ئويلاپ ئۆزىمىزنىڭلا ھەلەكچىلىكى بىلەن بوپكېتىمىز؟ نېمە سەۋەپتىنكىن، دۇنيادا ھىسىياتىمىزغا زىت بىرەر ھەقىقەت بولسا ئۇ بىز ئۈچۈن، جۈملىدىن مەن ئۈچۈن پايدىسى بولمىسا ئىنكار قىلسام بولىۋېرىدۇ. مېنىڭ شەخسىيەتچىلىكىم، مىللىي غۇرورۇم، ئەسەبىي ئىپتىخارىم، ئۆزۈمگە بولغان زىيادە تەمەننايىم مېنى دۇنيادىكى مەن بىلەن قىلچىلىك پايدا – مەنپەئەت مۇناسىۋىتى يوق ھەرقانداق بىر ھەقىقەتكە كارىم بولماسلىق، ئۇنى چەتكە قىقىشقا ئۆندەيدۇ. ئۆزىنىلا ئويلاش ھەم ئۆزىنى باشقىلاردىن ھەر ۋاقت يوقۇرى قويۇش، «ئۆزەڭنى بىل، ئۆزگىنى قوي، كۆتۈڭنى قىس، يولۇڭغا ماڭ» تالاي ئۇيغۇرلاردىكى، ھەتتاكى بىر بۈلۈك زىيالىيلاردىكى دۇنيا كۆز قاراشنىڭ تىپىك – ئاساسى گەۋدىسى. بۇ خىل دۇنيا قاراشنى ھازىرقى ياشاش ئۇسولىمىزنىڭ كىچىكلىتىلگەن كارتىنىسى دىيىشكە بولىدۇ. بۇ خىل دۇنيا قاراشقا ئىگە كىشىلەر ئادەملەرنى شۈكرى- قانائەتچان بولۇشقا، تەركىدۇنيالقىق قىلىشقا، ئاددى ياشاشقا، ئۆزىمىزدىن باشقا كىشىلەرنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ھەق-نەھەق تۇيغۇسى ئۈلۈپ ئاۋام دۇنيا ئىقىمى ۋە قانونىيىتىگە قارىشى يول تۇتۇپ، خەلقئارا رېلىستىن ئاجراپ كىتىدۇ. خەلق قانچە نادان قالسا بىر ئۇچۇم كىشىلەرنىڭ بازىرى شۇنچە چىقىدۇ. ئەكسىچە كىشىلەر ھەقىقەتنى بىلۋالسا بىلىمى كۈپۈك كىشىلەرگە ئاسانلىقچە ئىشەنمەيدۇ.

چەتئەللىك ئالىملار مۇنداق بىر تەجرىبە ئىشلىگەن: مەلۇم بىر كىشىنى نىيو – يورك كوچىسىغا ياتقۇزۇپ قويغاندا ئۇنىڭ بىلەن ھىچكىمنىڭ كارى بولمىغان (مېنىڭچە بۇ كىشىنى لوندون ياكى بېرلىن كوچىلىرىغا ياتقۇزۇپ قويغاندىمۇ ئەھۋال ئوخشاش بولۇشى مۇمكىن). تەتقىقاتچىلار ئۇنى يەنە ئافرىقىنىڭ سەھراسىدىكى بىر كوچىغا ياتقۇزۇپ قويغاندا ئۇنىڭ ئەتراپىغا بىر دەمدىلا نۇرغۇن كىشى ئولۇشۇپ كەتكەن(مېنىڭچە بۇ كىشىنى رايونىمىزدىكى قايسىلا بىر شەھەرگە ياتقۇزۇپ قويساق ئافىرىقىدىكىدەك ئەھۋال كۆرۈلۈشى ئېھتىمال). بۇ ئەلۋەتتە باشقىلارغا كۆڭۈل بۆلگەنلىكتىن بولغان. ئەمدى بىز ماۋۇ سىلىشتۇرمىغا قاراپ باقايلى: ئۈرۈمچى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ مەركىزى شەھىرى، بۇ يەردىكى تۇرمۇش رىتىمى رايونىمىزنىڭ قايسىلا شەھەرلىرىدىن بولسۇن تېز دېيىشكە بولىدۇ. بىر – ئىككى يىل بۇرۇن بىر شائىرىنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم بىر كوچىدا تۇيۇقسىز يىقىلىپ قىلىپ ئاخىرىدا ۋاپات بولغانلىقىنى ئاڭلىدىم. كىيىن بۇ ئىش توغرۇلۇق يېزىلغان ماقالىدا «… ئۇيغۇرلار شۇنچە كۆپ ماڭىدىغان بىر ئابتۇبۇس بىكىتىدە يىتىپ قالغانلىقى…» لېكىن ھىچكىمنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كارى بولمىغانلىقى دېگەندەك سۆزلەرنى ئۇچراتتىم. ئەمدى ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كىلەيلى. ئۈرۈمچى رايونىمىزدىكى ئەڭ تەرەققىي قىلغان شەھەر، ئۇنىڭ تەرەققىياتى ئافرىقىدىكى نۇرغۇن شەھەرلەردىن يۇقىرى تۇرىدۇ. بۇ ئەھۋال نىيو – يورۇكتىكى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى(گەرچە بۇ بىر تاسادىپىيلىق بولسىمۇ) ئەھۋالنىڭ ئوخشىشىپ قالىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ تۈرۋاتىدۇ. نىيو – يورۇك بىلەن ئافرىقىنى سىلىشتۇرۇشنى ئۈرۈمچى بىلەن رايونىمىزنىڭ رىتىمى ئاستا ۋىلايەت – ناھىيىلىرى بىلەن سىلىشتۇرساقلا بۇ يەردە دىيىلۋاتقان مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋالىمىز. دېمەك، ئۈرۈمچىنىڭ رىتىمى كىشىلەرنى شۇنداق پەرۋاسىز قىلىۋەتكەن، بۇنىڭدىن ئاغرىنىشقا ئاساسىمىز يوق، بىز كىشىلەرنى رەھىمسىز، مىھرىبانلىقنى بىلمەيدۇ، دەپ ئاغرىنالامدۇق. ئاغرىنغۇچىلار ئۈرۈمچىگە كېلىپ ئۆزىگە تايىنىپ ياشاپ باقسا بولىدۇ. ئۆز نۆۋىتىدە بۇ بىر جۈملە سۆزنىڭ يەنە بىر تەرىپىنىمۇ سۆزلەپ ئۆتۈپ كېتەي: «ئۇيغۇرلار كۆپ ئۆتىدىغان يەر…»، بۇ گەپ ئادەمنى يەنە ئويلاندۇرىدۇ. ئادەم قۇتقۇزۇشنىڭ مىللەت بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق، ئۇ بىر تۈرلۈك ئىنسانپەرۋەرلىك ھەرىكىتى. بىر كىشى كوچىغا يىقىلىدىكەن ئۆز بۇرچۇمنى ئادا قىلىمەن دەپ بىلگۈچى ئۇنىڭ ئىجتىمائىي ئايرىمىسى ۋە جەمىيەتتىكى ئورنىنى سۈرۈشتۈرپ تۇرمايدۇ. تۇنىسا قۇتقۇزۇش، بىلمىسە كارى بولماسلىق دەيدىغان بۇنداق ئىنسانپەرۋەرلىككە زىت قاراشتىكى قويۇق ھېسسىيات ئېغىشى كىشىنى ئويغا سېلىشى كېرەك.

يۇقىرىقى مىساللاردىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، تەرەققىي قىلغان زامانىۋى شەھەرلەردىكى رىتىمى تېز تۇرمۇش، ئالدىراش-تېنەشچىلىك، ھەر مىنۇت ۋاقتنىڭ قىممىتى شۇ مۇھىتتا ياشاۋاتقان كىشىلەرنى ھەردائىم ئالدىراشقا، ھوشيار تۇرۇشقا، بىر قىسىم نەرسىلەرگە ئېتىبارسىز قاراشقا كۆندۈرگەن. بۇ مۇشۇ ئىرا ھەم بۇندىن كېيىنكى ئەسىرلەردە ئۆزلىكسىز داۋاملىشىدىغان يۈزلىنىش بولۇپ، كىشىلەر ئۆز مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن بۇ خىل ياشاش شەكىلىنى رازىمەنلىك بىلەن تاللاشقا مەجبور. ئۇنداقتا بىز بۇخىل ياشاش شەكىلىدىن ئۆزىمىزنى چەتكە ئالامدۇق ياكى قېچىپ كىتەلەمدۇق. قىچىش دېگەن سۆز ئىجابىي ھەرىكەتنى بىلدۈرمەيدۇ. كىمكى باشقا كەلگەن مۇقەررەرلىك، رىئاللىقتىن ئۆزىنى قاچۇرىدىكەن، ئۇنىڭ قورقۇنچاقلىقى ۋە كارغا كەلمەسلىكى ئاشكارىلىنىپ قالىدۇ. بۇ خىلدىكى ياشاش ئۇسۇلى ئەنئەنىگە ۋە مىللىي ھىسىياتقا، ئۆرۈپ – ئادەتكە خىلاپ، بىز بىلەن ئالاقىسى يوقتەك تۇيۇلىدۇ. ئەمما ياشاش ھالىتىنىڭ بۇنداق ئۆلچىمى تەرەققىي قىلغان ئەللەردە ئالىقاچان ئىسپاتلىنىپ قالدى. تەرەققىيات بىلەن بۇ خىل ھالەت بىللە مەۋجۇت بولىدۇ. شۇ دەۋرگە نىسبەتەن ئېيتىلغان زامانىۋى ئۇقۇم بۇندىن كېيىنكى كۈچلۈكلەر بىلەن ئاجىزلارنى بىلدۈرىدىغان بىردىنبىر بەلگە بولۇپ قىلىشى مۇمكىن.

ئىلگىرى بىر رۇبائىينى ئوقۇغىنىم ئېسىمدە. گەرچە ئۇ رۇبائىي ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ياقتۇرۇشىغا مۇيەسسەر بولالىدى. تۇلا ئادەم ئۇنى يادقا ئېلىۋالدى. يەنە بىر قىسىملىرى ھۆسنخەت شەكلىدە يازدۇرۇپ ئۆيلىرىگە چاپلىۋىلىشتى. سەۋەبى، بۇ رۇبائىيدىكى مەزمۇن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھازىرقى ھالىتىگە ناھايىتى ماس كەلگەنلىكىدىن بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ يەنە بىر ئەجەللىك خاتالىقى ئۈستىدە كۆپ كىشىلەر پىكىر قىلىشنى خالىمىدى. بىز ئادىل مەيداندا تۇرۇپ قىسقىچە تۇلۇقلاپ ئۆتەيلى. رۇبائىيدىكى ئىدىيە ئادەملەرنى شۈكرى- قانائەتچان بولۇشقا، تەركىدۇنيالقىق قىلىشقا، ئاددى ياشاشقا، باشقىلارنىڭ نەتىجىسىنى ئىنكار قىلىشقا ئۈندەيدۇ. ئادەمنىڭ توغۇلىشى بىر مەزگىل ياشاپ ئاخىرىدا ھالاكەتنى كۈتىۋىلىشلا بولۇپ قالماستىن، بەلكى ھاياتىدا قانداق نەتىجىلەرنى يارىتىشى ۋە باشقىلارغا قانداق نەرسىلەرنى ئاتا قىلالىغانلىقىنى بەلگە قىلىشى كېرەك. ئەلۋەتتە، ھەرقانداق ئادەم مەيلى قانداقلا ئامەتكە ئېرىشسۇن ھامان بىر كۈنى ئۆلىدۇ، تار گۆردە ياتىدۇ. ئۈلۈم ھەممىگە بار. ئەمما ئۇنىڭ نەتىجىسىگە كۆز يۇمۇشقا، ياراتقان قىممىتىگە پىسەنت قىلماسلىققا بولمايدۇ. بىر كىشى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ كۈچلەنسە، ئامەتكە ئېرىشسە، كېرىلسە نېمىشقا بولمىغۇدەك؟ بۇ ئادەمنىڭ ماھىيىتىگە ئۇيغۇن ئەمەسمۇ. ئەجەبا سەن قانداقلا كۈچەيگىنىڭ بىلەن بەرىبىر ئۆلىسەن دەپ تۇرۇشقا بولمايدۇ. بۇنداق قۇلاقنى يۇپۇرۋېلىش، تەركى دۇنيالىق كىشىلەرنى بارغانسىرى بىغەملەشتۈرۈپ يوقۇلۇش قەدىمىنى تېخىمۇ تىزلىتۋىتىدۇ.

بەزىلەر تەرەققىياتنىڭ كەمچىللىكىنى مەدەنىيەتلىك رايون ۋە ئەللەردىن بەك يىراق دەپ جۇغراپىيىلىك ئورۇنلۇشىشقا باغلايدۇ. ئەمما، قۇرغاق ئىسرائىلىيىنى ھەم ياۋروپاغا تېخىمۇ يىراق ياپونىيە ھەم كورىيەلەرنى ئۇنتۇپ قالىدۇ. دېمەك، ئۇلار تۈرلۈك باھانە-سەۋەپلەرنى توقۇپ چىقىرىپ سەۋەپنى باشقا ئامىللارغا ئىتىرىشكە ئۇرۇنغان. تىرىشچانلىقلارنىڭ يېتەرسىزلىكى توغرىسىدا سۆزلەشتىن ئۆزىنى قاچۇرغان. قىلىۋاتقان ۋە ياراتقانلىرىغا زىيادە مىننەت قىلىشقان. ئۇلار خەلقنىڭ تەلەيلىك «ۋەكىللىرى» بولۇش سۈپۈتى بىلەن خالىغانچە بىلجىرلىشىپ، خەلقنىڭ قەلبىنى ئىلمىي تەرەققىيات، يېڭىلىق يارىتىش تەكىتلىنىۋاتقان مۇشۇ كۈندىمۇ شۈكرى – قانائەتكە مايىل قىلىپ قويۋاتىدۇ. پەقەت پاكت تاپالمىغانلىرى تارىخى كىتاب – ماتېرىياللارغا ئىلتىجا قىلىپ، يۆلەپ – سىغداپ «پاكىت كۆرسۈتۈپ» ئۆتكەلدىن ئۆتۈشكە تىرىشماقتا. تارىخىي كىتاب – قامۇسلار ئۇلارنىڭ مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان، خاتاسىز پاكىتى بولماقتا. ھەقىقەتەن شۇنداقمۇ؟ دۇنيادا پەقەت بىرلا ھەقىقەت باركى، ئۇ بولسىمۇ دۇنيادا ئۆزگەرمەيدىغان ھىچقانداق ھەقىقەت يوق. (مەيلى ئەجداتلىرىمىز ھەرقايسى تارىخى دەۋىردە ياراتقان قانداقلا مەدەنىيەت ۋە مىراسلار بولسۇن ئەلۋەتتە ئۇيغۇرغا مەنسۇپ. ئۇنى ھەدەپ جار سالمىساقمۇ بىزنىڭ ئىكەنلىكىنى ھەممە ئېتراپ قىلىپ بولدى. ئەمما، ئۇنىڭ بۇندىن كېيىنكى قىممىتى ۋە رولىغا ھازىرقى كىشىلەر توغرا باھا بېرىشى كېرەك). كۆرۋىلىشقا بولىدىكى،بۇ كىشىلەرنىڭ پىكىر ئەندىزىسىدىن قۇتۇلۇش جۈرئىتى كەمچىل.

ناۋادا ياۋا نەشپۈت دەرىخىگە يېڭى سورتلۇق مېۋىنىڭ شىخىنى ئۇلىمىغاندا ئۇنىڭ مېۋىسى ئاچچىق، كۆرۈمسىز، تەمسىز بولۇپ بۇنى كىشىلەر يېمەيدۇ. ئەگەر ئۇلانسا تاتلىق مېۋىلەر پىشىدۇ، كېيىنچە كىشىلەر يانتاق قاتارلىق ياۋا ئوت – چۆپلەرگىمۇ مېۋىلىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۇلاش ئۇسۇلىنى بىلىۋالدى، بۇنداق بولغاندا يانتاقنىڭ قۇرغاقچىلىققا بەرداشلىق بېرىش كۈچى تاتلىق مېۋىنىڭ خۇسوسىيىتى بىرلىشىپ ئۆسۈملۈك تېخىمۇ ئەلالىشىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش نۆۋەتتىكى پەلسەپە ساھاسىنىمۇ ئۆزىمىز بىلەنلا چەكلىۋالماي گۈللەنگەن مىللەتلەرنىڭ پەلسەپەسىدىن چاڭلاشتۇرۇشىمىز، ئۇلۇشىمىز زۆرۈر بولۋاتىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۆزگىچە شەكىلگە ئىگە يېڭىچە، تېخىمۇ مۇكەممەل بولغان پەلسەپەنى يارىتىپ چىقىمىز. بولۇپمۇ دۆلىتىمىز ھەم غەرىپنىڭ پەلسەپە، مەدەنىيەت، تەرەققىيات باسقۇچى، سانائەتنىڭ گۈللۈنۈش جەريانى، ئىقتىسادنىڭ راۋاجلىنىشى ۋە تارىخىنى تەتقىق قىلىش نۆۋەتتە ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ جەھەتتىكى تەتقىقات ۋە ئىزدىنىشنى باشلاش ياكى چوڭقۇرلاشتۇرۇش زۆرۈر بولماقتا. كىشىلەرگە يېڭى ئىدىيىلەرنى ئۆزلىكسىز تۇنۇشتۇرغاندىلا كۆزقاراش، تەپەككۇر جەھەتتىكى فىيۇداللىقتىن قۇتۇلۇپ يېڭىچە گۈللۈنۈش يولى چىقىپ قىلىشى مۇمكىن. گەرچە تارىختا ئۈچمەس نەتىجىلەرنى، ئىختىرالارنى قالدۇرۇپ كەلگەن بولساقمۇ ئەمما ھازىرقى دەۋرگە ماسلىشىدىغان نەتىجىنىڭ بولماسلىقى ئەپسۇسلۇق. بۇ توغرۇلۇق 50 يىلدىن بۇيانقى ئىزدىنىشىمىزدىن چوڭ نەتىجە بارلىققا كەلمەيلا قالماستىن، بەلكى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكىرى ئۆلكە رايونلىرى، چەتئەللەر بىلەن بولغان تەرەققىيات پەرقى بارغانسېرى ئېشىپ بېرىۋاتىدۇ. مىسال: ئىككى ئادەم ھەرقايسىسى ئۆزىدىكى ئارتۇقچىلار ئارقىلىق قارىشى تەرەپنىڭ كەمچىلىكىنى تولۇقلىماقچى بولسىمۇ يەنىلا كۆڭۈلدىكىدەك بولمايدۇ. چۈنكى ئۇلار ئۆزلىرىدە ئەزەلدىن بولمىغان ئۈچىنچى بىر ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىغا موھتاج بولىدۇ. بەلكىم 4-، 5- ئادەمنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشى ئارقىلىق ئۆزىنى مۇكەممەلەشتۈرۈشىمۇ مۇمكىن. شۇنىڭغا ئوخشاش نوقۇل ئۆز ئىچىمىزدىكى تەرەققىياتقا پايدىلىق ئامىللارنى قازماقچى بولغاندا يېتەرلىك بولۇپ كىتەلمەيدۇ. دىمەك، تېخىمۇ كۆپ تەپەككۈر مەدەنىيىتنىڭ ئارتۇقچىلىقىنى قوبۇل قىلىشقا، تەپەككۈردە ئىشىكنى سىرىتقا قارىتا ئېچىۋىتىشكە موھتاج بولۋاتىمىز.

بىر قىسىم پىكىر بايان قىلغۇچىلار يىڭى پىكىر ئېقىمىدا تەپەككۇر يۈرگۈزگۈچىلەرنى ئەيىبلەپ، بىر مىللەتنىڭ ئىللىتىنى قايتا- قايتا يۈزىگە سېلىش ياخشى ئەمەس، ئىنتايىن پايدىسىز دىيىشمەكتە. ئۇلار دەۋاتقان ئەيىپلەشلەر ھەقىقەتەنمۇ كۆپ بولۇپ كەتتى. ئەمما بۇلارنىڭ ئىچىدە قايسىسى مۇھىم، يەنە قانچىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىشى خاتا؟ تىپىك كونىلىق پۇرىقى چىقىپ تۇرىدىغان ھىسسىي قاراشلار پەقەت شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە تەۋە بولۇپ، تەسەللى ئىزدەش، مەسئولىيەتتىن قىچىش قاتارىغا كىرىدۇ. ئۇلار ئەدەبىياتتىكى ئاجىزلىقلار، شېئىرىيەتتىكى كەمچىلىكلەر، ئوبزورچىلىقتىكى پەسكەشلىكلەر، ئەخلاقتىكى چاكىنىلىقلار، پەرزەنت تەربىيىلەشتىكى ئاجىزلىقلار، مەنىۋى نامراتلىق، كۆڭۈل ئېچىش سەنئىتىدىكى مەسىلە… قاتارلىقلارنى مائارىپ، زاكونشۇناسلىق، ئىلمىي تەرەققىيات، ئىلىم – پەن مەدەنىيىتىنى ياقۇلىغۇچىلار ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر بىلەن تەڭ ئورۇنغا قويۋىلىپ، مىللەتنىڭ ئەيىۋىنى بەك كۆپ ئېچۋەتتۇق، دەپ جار سالماقتا. گۈروھ بولۇشۇپ يىڭى پىكىردىكىلەرنى مىللەتنىڭ ئاسىيلىرى، تامىقىنى يەپ تۇزلۇقىنى چاققۇچىلار، ھەتتاكى دەھرىي، مۇرتەت دەپ ئەيىپلىمەكتە. ئۇلارنىڭ ئۆز ساھەسىدە ئوتتۇرىغا تۆكۈۋەتكەن بىر قاتار مەسىلىلىرىنى قانداقمۇ خەلق تۇرمۇشى، ئىقتىساد قۇرلۇش ۋە ئىلىم – پەندىكى تەرەققىيات مەسىلىسى بىلەن سىلىشتۇرغىلى بولسۇن؟ ئالدىدىكى مەسىلىلەرنى ئىچكى ئۇرۇشقا ئوخشاتساق، كەينىدىكى تەرەققىيات مەسىلىلىرىنى خوددى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارىشى ئۇرۇشقا ئوخشىتىشقا بولىدۇ. دۆلەت بىخەتەرلىكىدە زىھىننى چوڭ دۈشمەننى يوقۇتۇشقا قويماي قانداقمۇ ئۇششاق ماجىرالارغا ئۇپرىتىمىز؟ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى ھەل قىلىۋەتمەي تۇرۇپ، بىر ساھە، بىر كەسىپكە چىتىلىدىغان ئىشلارنى ھەدەپ داۋراڭ سېلىش ئەرزىمەيدۇ. ئۇلار جىدەللىشۋاتقان مەسىلىلەرنى بىر مىللەتنىڭ تۈپ ئىللىتى دەپ قارىماستىن، ئالدى بىلەن تەرەققىيات مەسىلىسى ۋە خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشنىڭ تۈپكى يىلتىزى، ئامىلىنى تېپىشقا ئۇرۇنۇشى زۆرۈر. بۇنى يەنە شۇ كىشىلەر ئۆز پۇزىتسىيىسىنى توغرىلاش ئارقىلىق ۋۇجوتقا چىقىرالايدۇ. مىللەتنى كەمسىتىشمۇ ياكى ئەمىلىي مەسىلىنى ئوتتۇرىغا قويۇشمۇ دېگەن مەسىلىدە سوغاققانلىق بىلەن ئويلىشىش ۋاجىپ. تەسەللى بېرىپ پەپىلەش ياكى قاتتىق ئۇيقۇدىكى يولۋاسنى تۈرتۈپ غەزەپ بىلەن ئويغاتقاندەك قوپاللىق قىلىشتىن قايسىسىنى تاللايمىز، مېنىڭچە زىيالىيلار بۇنى ئوبدان بىلىدۇ.

ــــــــــــــــــــــــــ

پايدىلانغان مەنبەلەر:

1. «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى، 2007-يىلى 4-سان

2. ئەسئەت سۇلايمان: «ئۆزلۈك ۋە كىملىك» ناملىق كىتاپ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى، 2006-يىلى نەشىرى

3. جۇڭگو داڭلىق تاۋار ماركا ھۆكۈمەت تەرەپ تورى

4.دالې كارنىگ، «ئىنسان تەبىئىتىدىكى ئارتۇقچىلىقلار ۋە ئاجىزلىقلار»، شىنجاڭ ياش-ئۈسمۈرلەر

نەشرىياتى، 1991-يىل نەشىرى

مەنبە : ئالمىزار مۇنبىرى
ئۇيغۇر ئاكادىمىي تورى

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 21 July 2011
ئاپتۇر: Alnoor024
تامام
ۋاقتى: 2011-9-15 11:27:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ﭘﺎﺩﯨﺸﺎﮬﻨﯩﯔ ﻛﯩﻴﯩﻤﻰ ﺑﺎﺭﻣﯘ؟  
ئەمىن ئوسمان
(ئۆزبەكىستان ئۇيغۇر يازغۇچىسى)


ئالىمباي! تۈنۈگۈن سىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سوراپ قالدىڭىز. ئىمان-ئېتىقادلىق ئادەمنىڭ قانداق بولۇشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەسەۋۋۇرىمىز خىرەلىشىپ قالغانمۇ، قانداق؟ دەرھال بىرنەرسە دېيىشكە پېتىنالمىدىم. سىزمۇ شۇنداق ئەھۋالدا بولغىنىڭىز ئۈچۈن، ئۆزىڭىزنى قىيناۋاتقان بۇ مەسىلىدە، مەن بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغان بولسىڭىز كېرەك.
دۇنيانىڭ ئىشلىرى ھازىر شۇنچىلىك چىگىشلىشىپ كەتكەنكى، ئۇنى پەقەت ئورتاق پىكىرلىشىش يولى بىلەنلا ھەل قىلىش مۇمكىن. «يالغۇز ئاتنىڭ چېڭى چىقماس» دەپ بىكار ئېيتىشمىغانغۇ؟ ھازىر كۆپچىلىك پەقەت ئۆز تەشۋىشلىرى بىلەنلا بولۇپ كېتىپ، جەمئىيەتنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ئويلىمايدىغان، باشقىلارنىڭ قايغۇسىنى ھېس قىلمايدىغان بولۇپ قالدى.
شۇڭا بىز نە خۇدادىن، نە بەندىدىن قورقمايدىغان كىشىلەرنىڭ كۆپچىلىككە باشچى بولۇۋالغانلىقىغا، تەلىم-تەربىيە بېرىدىغان، مەرىپەتكە ئۈندەيدىغانلارنىڭ ۋىجدانىنىڭ پاك بولمايۋاتقانلىقىغا كۈنۈكتۇق.
پەرۋاسىزلىق قارىشى قېنىمىزغا سىڭىپ كەتتى. قەيەردە پەرۋاسىزلىق قارىشى ھۆكۈمران ئىكەن، ئۇ يەردە ئادالەت تەنتەنە قىلىشى، ئادەملەرنىڭ بىر-بىرىگە مېھرى-شەپقەت كۆرسىتىشى، ئۇلارنىڭ يۈكسەك غايىلەر ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىشى مۇمكىن ئەمەس.
شەرق مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرىنىڭ «خوببول ۋەتەنى مىنەل ئىمان»، يەنى «ۋەتەننى سۈيۈش ئىمان-نىشانىسىدۇر» دېگەن سۆزى بار.
ھەقىقەتەنمۇ ۋەتەننى سۆيۈش ئۈچۈن ئىمانلىق، ۋىجدانلىق ئادەم بولۇش كېرەك.
ۋەتەن دېگىنىمىز بىر پارچە زېمىن.
ئۇنداق بولسا شۇ زېمىندا ياشاۋاتقان ئادەملەرنى سۆيۈش، ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىش ئۈچۈن كىشىلەر قانداق سۈپەتلەرگە ئىگە بولۇشى كېرەك؟
ئېتىقادلىق ئادەم بولۇش ئۈچۈن يالغۇز ۋەتىنىنى ياكى خەلقىنى سۆيۈشلا كۇپايە قىلمايدۇ.
بارچە ئىنسانىي پەزىلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئېتىقادنىڭ مەزمۇنىنى تەشكىل قىلىدۇ.
«كىمكى ئۆزىنى تونۇسا، خۇدانى تونۇيدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. ئۆزىنى تونۇمىغان ئادەم ۋەتىنىنىمۇ، خەلقىنىمۇ سۆيمەيدۇ.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسان ئىلىم-مەرىپەتلىك بولۇشى كېرەك.
مەرىپەتلىك ئادەم، ئىنسانىيەتكە تەئەللۇق ھەممە نەرسىدىن بەھىرلىنەلەيدۇ، دىنغىمۇ، تارىخقىمۇ، ئۆرپ-ئادەتلەرگىمۇ ھۆرمەت بىلەن قارايدۇ،
ئەپسۇسكى، بىزدە ھازىرغىچە ئۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ كەلدى. ھازىرغىچە تارىخىمىزنى، ئۇلۇغ ئالىملار ھاياتىنى، ئەدەبىياتىمىزنى ئۆزىمىزنىڭ تار قىلىپىمىزغا سېلىپ ئۆگىنىۋاتىمىز. بۇ ھازىرغىچە ئۆزىمىزنى تونۇمىغانلىقىمىزنى كۆرسىتىدۇ، ۋەھالەنكى، «ئوگىنيوك» ژۇرنىلى سەھىپىلىرىدە ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ھەرقانداق نەرسىنى، شۇ جۈملىدىن دىننىمۇ چەتلەپ ئۆتمەسلىك كېرەكلىكى ھەققىدە پىكىرلەر ئېيتىلىۋاتىدۇ.
«‹ئىنجىل› شۇنداق تارىخىي ئابىدىكى، بۇ كىتابسىز ئۆتمۈشتىكى تارىخنىلا ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنىڭ تەرەققىيات باسقۇچىلىرىنىمۇ بىلىش مۇمكىن ئەمەس»-دەپ يازدى دىنپىروپىتروۋىسكى ئۇنىۋېرسىتېتى ئىلمىي كوممۇنىزم كافېدىراسىنىڭ دوتسېنتى س.ئى. ژوك.
بىز بولساق «قۇرئان»نىڭ ئەھمىيىتىنى ئۆگىنىش تۈگۈل، بۇ كىتابتا نېمىلەر يېزىلغانلىقىغا قىزىقىشتىنمۇ قورقىمىز.
بۇ قورقۇش قاچان پەيدا بولدى؟
نىمىشقا ئادەم ئادەمدىن قورقۇشى كېرەك؟
دىن ئاشۇنداق تەلىم بېرەمدۇ؟
ئاخىر، ھەممىمىز بىلىدىغان «ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى خۇددى تاغاقنىڭ چىشىدەك باراۋەر يارىتىلغان»، دېگەن دانا پىكىر بارغۇ؟
ھەممە كىشى تەڭ ئىكەن، ئۇنداقتا نېمىشقا بىر خەلقنىڭ ۋەكىلى ئېيتقان پىكىرنى ئىككىنچى خەلقنىڭ ۋەكىلى ئوتتۇرىغا قويالمايدۇ؟
بۇنىڭغا نېمە توسقۇنلۇق قىلىۋاتىدۇ؟
قورقۇش!
قورقۇش--ئىمانى زەئىپ، ئېتىقادسىز ئادەملەرگە خاس خۇسۇسىيەت.
تارىختىن مەلۇمكى، مەھمۇت قەشقەرى، يۈسۈپ خاس ھاجىپ، ئەبۇ رەيھان برونى، ئىبىن سىنا، ئەل-خارەزمې، ناۋايى قاتارلىق ئۇلۇغلار ئىمانلىق، ئېتىقادلىق بولغىنى ئۈچۈن ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتالىغان. ئەپسۇسكى بىز بۇلارغا مۇناسىپ ۋارىس بولالمايۋاتىمىز. بۇنىڭغا بىرمۇنچە باشقا سەۋەبلەر قاتارىدا ئىمانىمىزنىڭ سۇسلىقى توسقۇنلۇق قىلماقتا. نەتىجىدە بىزنىڭ شەخسىيىتىمىزمۇ، ئەدەبىياتىمىزمۇ، ئوتتۇرا سەۋىيىدىن نېرى ئۆتەلمەيۋاتىدۇ.
توغرا، سوۋېت ئىتتىپاقىدا 1923-يىلىدىن تاكى 50-يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە مىسلى كۆرۈلمىگەن قانلىق قىرغىنچىلىق يۈز بەردى. ۋەتەن ئۈچۈن، يېڭى غايە ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلغان بىرمۇنچە كىشىلەر تەقىپ قىلىندى، قامالدى، سۈرگۈن قىلىندى، ئېتىلدى. ئۇرۇشتا تاسادىپىي ياكى مەجبۇرىي ئەسىرگە چۈشكەن ئادەملەرنىڭ ھەممىسى ئەجەل لاگىرىغا ئەۋەتىلدى.
بۇ يەردە شەرق مۇتەپەككۇرلىدىن جامى كەلتۈرگەن مۇنۇ ھېكمەتنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنلۇق: «ئادەملەر كۆرۈپ ۋە بىلىپ تۇرۇپ بىر زالىمغا كۆڭۈل بەرسە، ئۇنىڭ يولىنى ئېتىشنىڭ چارىسىنى كۆرمىسە، ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئورتاق ئازاب چېكىدۇ».
توغرا، تارىخ ھەققىدە چەتتە تۇرۇپ ھۆكۈم قىلىش ئاسان. ئەگەر 30-يىللاردا ياشىغان بولساق ئېھتىمال بىزمۇ بۇ ۋەقەلەردىن چەتتە قالمىغان بولاتتۇق. لېكىن بىز، ۋاقىتلىق مەتبۇئات سەھىپىلىرىنى ۋاراقلاپ كۆرسەك ھەيرانلىقتىن ياقىمىزنى تۇتماي تۇرالمايمىز. بىز خۇدانى رەت قىلىپ، دىنى ئېتىقادلارنى ئەيىبلەپ، ئۆزىمىز ساختا خۇدا ياساپ چىقتۇق، ئۇنىڭغا چوقۇندۇق. مىخائىل ئىساكوۋىسكى، ماكسىم رىلىسكى، ئالىكسى سوركوۋ، خەمىت ئالىمجان، غاپۇرغولام قاتارلىق چوڭ شائىرلار ستالىننى مەدھىيەلەپ شۇنداق ئەسەرلەرنى ياراتتىكى، ھەتتا ھازىرغىچە خۇدامۇ بۇنچىلىك ماختىلىپ تەرىپلەنمىگەن بولسا كېرەك.
مەن بۇ يەردە مەشھۇر كومپوزىتور ئىيساك دۇنايۋىيسكىنىڭ `1949-يىلى نەشىر قىلىنغان كىتابىغا كىرگۈزۈلگەن بىر پارچە خېتىدىن قىسقا نەقىل كەلتۈرىمەن: «ستالىن يالغۇز بىزنىڭ دەۋرىمىزنىڭلا ئۇلۇغ ئادىمى بولۇپ قالماستىن، بەلكى ئىنسانىيەت تارىخىدىمۇ، ئۇلۇغۋارلىق، بۈيۈكلۈك ۋە مەشھۇرلۇقنىڭ، ھۆرمەت ۋە ئېھتىرامنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن زور تىمسالىدۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن زامانداش، ئەقەلىسى ئۇنىڭ ئىش پائالىيىتىدە كىچىككىنە خىزمەتداش بولغىنىمىز ئۈچۈن پەخىرلىنىشىمىز كېرەك. ئەپسۇسكى بىز(بولۇپمۇ ياشلار) ستالىندەك ئادەم بىلەن بىر ھاۋادىن نەپەس ئېلىۋاتقانلىقىمىزنى، بىر ئاسمان ئاستىدىكى زېمىندا بىللە ياشاۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىۋاتىمىز.»
بۇ ئادەمنى خۇداغا ئايلاندۇرۇش بولماي نېمە؟
ۋەھالەنكى، ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەي ستالىن مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەنگەن بۇ بۈيۈك كومپوزىتور ئۆز جېنىغا قەست قىلدى.
كاۋكاز تارىخىنى يازغان ئالىم گوسينوۋ «بەشەر قۇياشى» ئىنئام قىلغان مۇكاپاتنى ئالغاندىن كېيىن، ئۆز بېغىدىكى دەرەخقە ئېسىلىپ ئۆلۈۋالدى.
فاديېۋدەك تالانتلىق يازغۇچى ئۆزىنى ئاتتى.
چولپان، پىترەت، ئىلبېكنىڭ نامىغا قارا چاپلىغانلار، ئابدۇللا قادىرى، ئوسمان ناسىرلارنى ئۈلۈمگە ھۆكۈم قىلغانلار، مەقسۇد شەيىخزادىنى تا ئۆلگۈچە ئازابلىغانلار، خەمىت سۇلايماننىڭ ئون بەش يىللىق ئۆمرىنى سۈرگۈندە ئۆتۈشكە مەجبۇرلىغانلار تېخىچە ئارىمىزدا يۈرۈپتۇ.
ئۇلار ۋىجدان ئازابىغا چىدىماي ئۆزلىرىنى ئۆلتۈرۈۋالغىنى، ھېچ بولمىغاندا ئەيىبىنى دەۋرگە ئارتىپ خەلقتىن ئەپۇ سورىغىنى يوق. ئۇلار ئەڭ چوڭ مۇكاپاتلار بىلەن تەقدىرلىنىپ، پەخرىي ئۇنۋانلارغا ئېرىشىپ، سورۇنلارنىڭ تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، مۇنبەرلەردە چىرايلىق نۇتۇقلارنى سۆزلەپ يۈرۈپتۇ. ئۇلار كېچىلىرى خاتىرجەم يېتىپ ئۇخلايدۇ. سىزدەك، ئېتىقادىمىزنىڭ سۇسلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىدىن قايغۇرۇپ ئازابلانمايدۇ.
ئالىمباي! لېنىن ئاساس سالغان جەمئىيەتنىڭ داھىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن كىملەرنىڭ قولىغا قالغانلىقىنى، ئۇلارنىڭ سوتسىيالىزم ھەققىدە قانداق تېتىقسىز پىكىرلەرنى ئويلاپ تاپقانلىقىنى بىز ئەمدى روشەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز. لېنىن دىندارلارغا چوڭقۇر ھۆرمەت بىلەن قارىغىنى ھالدا، كوممۇنىستلارنىڭ ئۆز ئېتىقادىغا سادىق، ھەر تەرەپلىمە پاكىز ئادەم بولۇشى كېرەك، دەپ تەلىم بەرگەنىدى. ئەپسۇسكى، لېنىندىن كېيىن دۆلەت ھوقۇقىنى قولدا تۇتۇپ كەلگەن ئادەملەرنىڭ ئىش-ھەرىكىتىگە نەزەر سالساق تېنىمىز شۈركىنىدۇ.
ستالىن ئەشەددىي قانخور، كاللا كېسەر بولۇپ چىقتى.
ژىدانوۋ، مولوتوۋ، بىرىيا، يىژوۋ، ۋورىشلۇۋ، مىكويانلارنىڭ شەپقەتسىزلىكتە ستالىندىن قېلىشمايدىغانلىقى، قىرغىندىن تاسادىپىي ئامان قالغان دۆلەت ئەربابلىرىنىڭ، يازغۇچىلارنىڭ خاتىرىلىرىدىن مەلۇم بولدى.
ستالىندىن كېيىن تەختكە چىققان خروششېۋ مەملىكەتنى پۈتۈنلەي پاراكەندە قىلىۋەتتى. يېزا ئىگىلىكىنى، بولۇپمۇ چارۋىچىلىقنى ئىزدىن چىقاردى. ئادەملەرنى بىر پارچە قارا نانغا زار قىلىپ قويدى.
برېژنېۋنىڭ كۆرسەتكەن كارامەتلىرىنى سۆزلەشكە كىشىنىڭ تىلى بارمايدۇ. ئۆزىنىڭ تەمەخور ۋە شۆھرەتپەرەس بولغىنى يەتمىگەندەك، كۈيئوغلىنىڭ پارىخورلىقىنى، قىزىنىڭ مەملىكەت بويلاپ ئالتۇن، تىللا سودىسى بىلەن شۇغۇللانغانلىقىنى دېمەمسىز، تېخى؟
تورغۇنلۇق دەپ نام ئالغان ئاشۇ يىللاردا بىز «داھى»نى قارىتىپ قويۇپ، «سىزنىڭ غايىلىرىڭىزدىن روھلىنىپ بىز ئالەمگە ئۇچۇۋاتىمىز، يېڭى يەرلەرنى ئېچىۋاتىمىز، كىتابلار يېزىۋاتىمىز» دەپ تەخسىكەشلىك قىلدۇق.
بۇ ئادەملەرنى تېخى يەر يۇتقىنى يوق، ئۇلارنىڭ ھازىرمۇ ھوشۇقى ئالچا. ئۇلار ئەمدى ئاشكارلىق نىقابى ئاستىدا «قايتا قۇرۇشقا كىرىشىپ، مېھنەتكەش» دۇنيا قارىشىنى ئۆزگەرتىش بىلەن شۇغۇللانماقتا. بۇنداق كىشىلەرنى كۆرۈپ ماركىسنىڭ «خۇدا ئادەمنى ئەمەس، ئادەم خۇدانى ياراتقان» دېگەن گېپىگە ئىشەنمەي تۇرالمايسىز.
راستىنى ئېيتقاندا بىز كۆپ خۇدالارنى، رېسپوبلىكىلاردا بولسا بىرمۇنچە كىچىك خۇدالارنى ياراتتۇق، ئۇلارغا چوقۇندۇق. ئۇلار مەنسەپتىن چۈشۈشى ياكى ئۆلۈشى بىلەن ئۇلارنىڭ چىركىنلىكلىرىنى پاش قىلىپ، ئۈستىگە كىر-يۇندا چاچتۇق.
سوۋېت ئىتتىپاقى دۇنيادا خۇدانى بىرىنچى بولۇپ ئىنكار قىلغان دۆلەت، لېكىن بىز خۇدانى ئىنكار قىلغان ھالدا ئۇنىڭغا شۇنچىلىك باغلىنىپ قالدۇقكى، ئىلاھسىز بىر كۈنىمىزمۇ ئۆتمىدى. (ئېھتىمال، ئادەمنىڭ تەبىئىتى كىمگىدۇر چوقۇنۇشقا، كىمدىندۇر مەدەت ئېلىشقا ماسلاشتۇرۇلۇپ يارىتىلغان بولسا كېرەك.) نەتىجىدە ئۆزىمىزگە ئوخشاش ئادەملەرنى خۇددى يۇنانلارنىڭ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرنى خۇدالار قاتارىغا قوشقىنىدەك مەبۇدىغا ئايلاندۇرۇپ ئالدۇق. ئاشۇ ماكىدونىيىلىك ئىسكەندەرمۇ ئۆزىنىڭ ۋاقىتسىز ئۆلۈمىدىن ئەجەپلىنىپ: «مەن خۇدا بولسام، نېمىشقا مۇنداق ئۆلىمەن» دېگەنىكەن. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش ستالىن ئۆلگەندە ئۇنىڭغا چوقۇنۇپ، ئۇنىڭغا تايىنىپ ئۆگىنىپ قالغان ئادەملەر: «ياق، بۇنداق زات ئۆلۈشى مۇمكىن ئەمەس، ئۇ بىزنى ئۇرۇش ئاپىتىدىن قۇتۇلدۇردى. ئۇنىڭسىز بىز فاشىزمنى يېڭەلمىگەن بولاتتۇق» دەپ خىتاب قىلغان. ئەسلىدە ئەنە شۇ ئامما، پاك دىل ساددا ئادەملەرنىڭ ئۆزلىرى مەملىكەتنىمۇ، ئۆزلىرىنىمۇ بالا-قازادىن ساقلاپ قالغان، تۆككەن قانلىرى، بەرگەن قۇربانلىرى ھېسابىغا ئۇرۇش ئاپىتىنى دەپنە قىلغانىدى.
ئۆزبېكىستاندا تا 50-يىللارغىچە نېمىلەرنىڭ يۈز بەرگەنلىكىنى بىر ئەسلەپ كۆرۈڭ:
ھەممە ئىمانلىق ئېتىقادلىق ئادەملەر سوراقسىز ئېتىلدى، ئەرەب يېزىقىنى بىلگەن ۋە شۇ يېزىقتىكى كىتابلارنى ئوقۇغان ئادەملەر يوقىتىلدى، مىللىي ئۆرپ-ئادەتلەر ئاياغ-ئاستى قىلىندى، مىللىي غۇرۇر كەمسىتىلدى. ھەتتا ئاتمىشىنچى يىللاردا توي-تۆكۈنلەردە كاناي-سۇناي چېلىش كونىلىق قالدۇقى سۈپىتىدە تەقىقلەندى، يەتمىشىنچى يىللاردا پارتىيىلىك كىشىلەر بالىلىرىنى خەتنە قىلدۇرغىنى ئۈچۈن تەشكىلىي خازاغا ئۇچرىدى. سەكسىنىنچى يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئۆلگەن ئاتىسىنىڭ جىنازا نامىزىنى ئوقۇتقان ياكى قەبرىستانلىققا بېرىپ كۆز ياش تۆككەن ئادەملەر شەرمەندىلەرچە ئىشتىن بوشىتىلدى. بۇ ئەخمەقلىقلەرنى خەلق ئەمەس، بەلكى رېسپوبلىكىمىزنىڭ رەھبەرلىرى ئويلاپ تاپتى. ئاشۇ چاغلاردا ئەسقەد مۇختەردەك ھۆرمەتلىك يازغۇچىمىز، مۇشۇنداق بولمىغۇر ھەرىكەتلەرگە ئېتىراز بىلدۈرۈپ، ئۆز سەپداشلىرىنى قوغدىسا بولماسمىدى؟ ئۇ چاغلاردا يەنە ئابدۇللا ئارىپوۋتەك تۇنۇلغان تالانتلىق شائىرمۇ جاسارەتلىك قەلەمكەشلىرىنى ياقىلاپ ئەمەس، نوپۇزلۇق رەھبەرلەرنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان شېئىرلارنى يازدى. ئەمدى ئۇ كىچىك داھىلار يوق، ئېنىقراق قىلىپ ئېيتساق ئۇلار قاماقتا. ئەمدى بىز بىر-بىرىمىزنىڭ يۈزىگە قانداق قارايمىزئ مەن دۆلەت جىنايەتچىسى دەپ ئېتىراپ قىلىنغان شەراپ رەشىدوۋ ھەققىدە ئەسەر يازغان مىرموھسىن، ئۇنى ئەسەرلىرىگە پىروتوتىپ قىلىپ ئېلىپ ئۇنىڭ ساخاۋەتلىرىدىن بەھرىمەن بولغان ھەمىت غۇلام، «كەشمىر قوشىقى» غا سۆز بېشى يېزىش بەختىگە مۇيەسسەر بولغىنى ئۈچۈن بېشى كۆككە يەتكەن تۇراپ تۈلە ۋە باشقا ئونلاپ قەلەم ساھىپلىرىنىڭ بۈگۈنگىچە توۋا قىلمايۋاتقانلىقىغا، خەلققە ئەمەس رەھبەرلەرگە يېقىشى ئۈچۈن ئىنتىلىپ ياشاشنىڭ پاجىئەلىرىنى ئېچىپ، ياشلارنى ھوشيارلىققا ئۈندىمەيۋاتقانلىقىغا ئەجەپلەنمەيمەن. ھەركىمدىن ئۆزىگە يارىشا نەرسە تەلەپ قىلىش كېرەك، ئەلۋەتتە. رۇس يازغۇچىلىرى ئوتتۇزىنچى يىللاردا قارىلانغا قەلەمكەشلەرنى ئاقلاش، چەت ئەللەرگە چىقىپ كەتكەن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى چىقىرىپ خەلققە تونۇتۇشىنىڭ غېمىنى يەۋاتقان بىر پەيتتە ئۆزبېك ئەدىپلىرىنىڭ نېمىلەر قىلىپ يۈرۈۋاتقانلىقىغا قارىمامسىز. ئارىمىزدا ھازىرغىچە چولپان، پىترەتلەرنى ئاقلاشقا توسقۇنلۇق قىلىدىغانلار، ھەتتا بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ياشاپ ئىجاد قىلغان بابوردەك بۈيۈك ئاللامىغا ئۆزىچە باھا بېرىپ قارىلايدىغانلار بار. سىز بولسىڭىز مەندىن ئېتىقاد ھەققىدە سورايسىز، ئېتىقادنى قويۇڭ، ئارىمىزدا ۋىجدانى پاك ئادەم تېپىلامدۇ، دەپ سوراڭ. ئېھتىمال بۇ سوئالىڭىزغا جاۋاب بېرىش ئاسانراقدۇر. ئالىمباي! نېمىشقىدۇر بىزدە ۋىجدانسىز ۋە خىيانەتچى دېگەن ئىبارىلەر پەقەت سودا خادىملىرىغىلا ئىشلىتىلىدۇ. ئۇلارنىڭ خىيانەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقى ئىسپات تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئەمەس. لېكىن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرت، كىشىلەرگە ياردەم قولىنى سوزىدىغان، جامائەت ئىشلىرى ئۈچۈن جان-دىلى بىلەن خىزمەت قىلىدىغانلىرىمۇ بار. ئەپسۇسكى، مەن زىيالىيلارنىڭ، ھەتتا يازغۇچىلارنىڭ ئارىسىدا باشقىلارغا چىندىن، ئىچى كۆيۈپ ياردەم قىلىدىغان بىرەر مەرتنى ئۇچراتقىنىم يوق. ئۇستاز ئايبەكنىڭ ياشلارغا سەمىمىي ياردەم بېرىپ كەلگەنلىكىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدۇق. م. پىرىيشۋىن قېرىغان چېغىدا نەشرىياتنىڭ باشلىقىغا تېلېفون بېرىپ ئۆزىنىڭ ئىككى توملۇق تاللانما ئەسەرلىرىنىڭ ئورنىغا تۆت ياش يازغۇچىنىڭ كىتابىنى چىقىرىشنى ئۆتۈنگەنلىكىنى، تىۋار دوۋىيىسىكىنىڭ ۋ. تىندىرياكوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى، ف ئابراموۋنىڭ، چىڭغىز ئايتماتوۋنىڭ ئەسەرلىرىنى ناھايىتى جاپادا بېسىپ چىقارنلىقىنى، باشقا بىرمۇنچە قەلەمكەشلەرگىمۇ ماددىي ۋە مەنىۋى تەرەپتىن ناھايىتى كۆپ ياردەم بەرگەنلىكىنى بىلىمىز. لېكىن ھازىرقى تىرىك يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قايسى بىرى بۇ زاتى مۇبارەكلەرگە ئوخشايدۇ؟ ناھەتكى ئۇلار ئالىيجانابلىق ۋە ئىنسانپەرۋەرلىك دېگەنلەرنى ئۇنتۇپ قالغان بولسا؟ ۋەھالەنكى، شەرق مۇتەپەككۇرلىرى: «ئۆزۈڭگە راۋا كۆرگەن نەرسىنى باشقىلارغىمۇ راۋا كۆرگىن»، دەپ تەلىم بېرىدۇ. نېمىشقا بىز بۇ مىزانغا ئەمەل قىلالمايمىز؟ نېمىشقا ھەممە ئادەم ئۆز مەنپەئەتى، ئۆز ھۇزۇر-ھالاۋىتىنىلا ئويلايدۇ؟ ئاخىر، ئىنساننىڭ ھەرىكىتىگە يارىشا بەرىكەت بېرىلىشىنى، بېخىلنىڭ بېغى كۆرمەسلىكنى ھەممە كىشى ئوبدان بىلىدىغۇ، نېمىشقا بىلىپ تۇرۇپ... قويۇڭ، بىھۇدە سوئاللار بىلەن بېشىڭىزنى قاتۇرماي، بۇنىڭ سەۋەبى ئايان: ئىمان ۋە ئېتىقاد يوقالغان.
سىزنىڭ ئۆتكەندە ئارگېنتىنالىق يازغۇچى خولىئو كورتا سارنىڭ «ئىزمو-ئىز» ھېكايىسى ھەققىدە ھاياجانلىنىپ سۆزلىگەنلىكىڭىز ھېچ ئېسىمدىن چىقمايدۇ. ھېكايە قەھرىمانى ئۆتمۈشتە ياشىغان بىر كلاسىك شائىر ھەققىدە بەكمۇ ئاجايىپ ئەسەر يازىدۇ. ئۇنىڭ ئەسىرى بىرمۇنچە چۇقان-سۈرەنگە سەۋەب بولىدۇ. ئۇنى يوقىرى لاۋازىم بىلەن ئالىي مۇكاپاتقا تەۋسىيە ئېتىشمەكچى بولغان پەيتتە ئەسەر قەھرىمانى ئۆزى كۆككە كۆتۈرگەن ھېلىقى كلاسسىك شائىرنىڭ ئەسلىدە ئۆتۈپ كەتكەن رەزىل ۋە مۇناپىق ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىپ قالىدۇ. ئۇنىڭ مەشۇقىغا ئۆز قولى بىلەن يازغا خېتىنى كۆرىدۇ-دە، ھەممە ئىمتىيازلاردىن ۋاز كېچىپ، كلاسسىك شائىرنىڭ ساتقىن ۋە مۇناپىقلىقىنى پاش قىلىشقا كىرىشىدۇ.
بۇ ھېكايىنى ئەسلىشىمنىڭ سەۋەبى شۇنىڭدىكى، بىزنىڭ ھاياتىمىزدىمۇ مۇشۇنداق ھادىسىلەر ئېشىپ-تېشىپ يېتىپتۇ. تۈنۈگۈنلا تەڭدىشى يوق ئالىيجاناب، ئاجايىپ تەشكىلاتچى دەپ كۆكلەرگە كۆتۈرۈلگەن كىشىلىرىمىز بۈگۈن دۆلەت جىنايەتچىسى بولۇپ چىقىۋاتىدۇ. لېكىن ھازىرغىچە بىزنىڭ بىرەر يازغۇچىمىز كورتا سارنىڭ قەھرىمانىدەك ئۆز روھىيتىنىمۇ، ئەتراپىدىكى ئادەملەرنىڭ پىكىر تەسەۋۋۇرىنىمۇ ئوڭتەي-توڭتەي قىلىپ، ئۆزىگە قارشى، ھازىرغىچە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناتوغرا سىياسەتلەرگە قارشى بىرەر ئىش قىلغىنى يوق. ياق، مەن ئۇنداق قەلەمكەشلەرنى خاتا قىلغىنى ئۈچۈن تىز پۈكۈپ كۆز ياش تۆسۇن دېمەكچى ئەمەسمەن. ئەكسىچە ئاشۇ يازغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئاچچىق قىسمەتلىرى يول قويغان خاتالىرى، تەمەخورلۇقى تۈپەيلىدىن يۈز-ئابرويىنىڭ تۆكۈلگەنلىكلىرى مىسالىدا ياشلارنى ھوشيارلىققا ئۈندەشلىرى لازىم، دەپ ھېسابلايمەن. بۇنىڭدىن يالغۇز ئەدەبىياتىمىزلا ئەمەس، بەلكى كەلگۈسى ئەۋلادىمىزمۇ مەنپەئەت كۆرىدۇ، ئادالەت تىكلىنىدۇ. ۋىجدانىمىز پاكلانمىسىمۇ، ھېچ بولمىغاندا كىرى كېتىدۇ. شۇنىڭ ئۆزى ھالاللىق ۋە پاكلىققا تاشلانغان بىر قەدەم بولىدۇ. بۈگۈنكى ئاشكارىلىق، پۈتۈن ئىتتىپاق 19-پارتىيە قۇرۇلتىيى بەلگىلەپ بەرگەن يول شۇنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ قۇرۇلتاي ھۈججىتىدە: «ئاشكارلىق، تەنقىد ۋە ئۆز-ئۆزىنى تەنقىد ئاخىرقى ھېسابتا خەلق مەنپەئەتىگە خىزمەت قىلىدۇ. جەمئىيەتنىڭ سىياسىي تەركىبىنى توغرا ئەكس ئەتتۈرۈپلا قالماي، ئۇنىڭ كۈچ-قۇدرىتىنى، ھاياتلىقىنى، مەنىۋى ساغلاملىقىنى نامايىش قىلىدۇ»، دېيىلىدۇ.
تۈنۈگۈن سىز تونۇلغان بىر ئالىمنىڭ تېلېۋىزوردىكى مۇناپىقانە چىقىشى ھەققىدە كۆيۈنۈپ تۇرۇپ گەپ قىلغان ئىدىڭىز. مەن ئۇ چاغدا گېپىڭىزگە ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدىم. كۆيۈنىشىڭىزنى قىزىققانلىق ۋە ياشلىقتىن بۇلۇۋاتىدۇ، دەپ قارىدىم. ئالىمباي، كىملەرگىدۇر ياخشى كۆرۈنۈپ تۈزۈكرەك ئەمەلگە ئېرىشىشتىن باشقا قايغۇسى بولمىغان بۇ ئادەمدىن باشقا نېمە كۈتۈش مۇمكىن؟ ئەسلىدە پەن دوكتورى، ئاكادېمىك بولغان ئادەم خەلق مەنپەئەتى ئۈچۈن زور ئىشلارنى قىلىشى كېرەك. ئاكادېمىك ساخاروۋنىڭ، ۋىگاسوۋنىڭ يادرو فىزىكىسى ساھەسىدىكى كەشپىياتلىرىنى ھەممە بىلىدۇ. پروفېسسور نازىمە دېھقان خوجايىۋانىڭ ئىلمىي ئىزلىنىشلىرى، خەلق سالامەتلىكىنى ساقلاش يولىدىكى ئىشلىرى ماختاشقا سازاۋەر، ئاكادېمىك ئاتابېك ئىشانوۋنىڭ تارىخىمىزنىڭ قارا چاپلانغان سەھىپىلىرىنى ئېچىش يولىدىكى ئۇرۇنۇشلىرى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ، لېكىن سىز ئېيتقان ھېلىقى ئالىم پەنگە، خەلققە نېمە بەردى؟ ئۇنىڭ قايسى بىر ئەسىرى قولدىن قولغا ئۆتۈپ ئوقۇلدى؟ تارىخ بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بۇ ئالىم ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ روسىيىگە ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن قوشۇلمىغانلىقىنى ئىسپاتلىغۇچى ھۆججەتلەر ئاساسىدا يىرىك ئەسەر يېزىشى مۇمكىن ئىدىغۇ؟ بۇ ئىشقا ئۇ ئادەمنىڭ ئىلىمىمۇ، قابىلىيىتىمۇ يېتىدۇ. لېكىن يازمايدۇ، يازالمايدۇ! قايسىدۇر بىر نائەھلى تارىخىمىزنى يۈز قېتىم ساختىلاشتۇرسۇن، نەچچە مىڭ يىلدىن بىرى ئىنسانىيەتكە نى-نى ئاللامىلارنى بەرگەن ئەڭ قەدىمىي، ئەڭ مەدەنىيەتلىك، ئەڭ ساۋاتلىق تۈركى خەلقىنى يالغۇز رۇس ئالپاۋىتىنى بىلمىگىنى ئۈچۈن ساۋاتسىزغا چىقارسۇن، ئىنقىلاب ھارپىسىدىكى مەدەنىي ھاياتىمىزدا ئىلغار ئىشلارنى قىلغان، يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغان جەدىتلەرنىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىنى ئۆگىنىش تەقىقلەنسۇن، ئەدەبىيات تارىخىمىزدا ھەمزە بىلەن بىللە ئونلاپ تالانتلىق شائىرلارنىڭ بولغانلىقىنى ئەتەي سىر تۇتسۇن، بۈگۈنكى كۈنگە كېلىپ خەلق كېۋەزگە سېپىلگە ئونلاپ زەھەرلىك دورىلاردىن قىرىلىپ كەتسۇن، ئۇ ئادەمگە بەرىبىر. مۆھتەرەم ئاكادېمىك ھەممە نېمىگە كۆز يۇمۇپ تىلىنى چىشلەپ يۈرۈۋېرىدۇ. ئىش قىلىپ ئورنىدىن، ھۆرمەت-ئېتىبارىدىن ئايرىلىپ قالمىسىلا بولىۋېرىدۇ.

داۋامى بار
ۋاقتى: 2011-9-15 11:29:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاچانكى ئادەمنىڭ ۋىجدانى ئۆلسە، ئىمان-ئېتىقادتىن ئايرىلسا ئۇنىڭ ۋۇجۇدىنى پەرۋاسىزلىق مەسخۇشلۇقى ئىگىلەيدۇ. ھازىرقى ئەدەبىي ھاياتىمىزدا ئاشۇنداق مەسخۇشلۇق ھۆكۈم سۈرىۋاتمامدۇ؟ بىز ماختاپ، كلاسسىكقا چىقىرى قويغان يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرى ھېچقانداق مەنىۋى پەزىلەتلەرگە ئىگە ئەمەسلىكىنى ھېچكىم يۈرەكلىك ئوتتۇرىغا قويالمايۋاتمامدۇ؟ نى-نى پەن دوكتۇرلىرى، پەن كاندىداتلىرى ئالىممەن، دەپ مەيدىسىنى كېرىپ يۈرۈشۈپتۇ. ئۇلار ئەسلىدە ئەدەبىي تەنقىدچى ئەمەس، بەلكى ئەدەبىي مەدداھلاردۇر. ئۆتكەن يىلقى يىللىق پىروزا مۇھاكىمە يىغىلىشىدا سىزنىڭ ئېيتقان پىكىرلىرىڭىزدىن بەكمۇ خۇشاللاندىم. ۋەھالەنكى، يىغىن رەئىسى سىزگە بېرىلگەن ۋاقىتنىڭ تۈگىگەنلىكىنى ئېيتىپ، ئالدى بىلەن نوبىل مۇكاپاتى ئېلىڭدە، ئاندىن باشقىلارغا ئەقىل ئۆگىتىڭ، دەپ لوقما سېلىپ گېپىڭىزنى داۋاملاشتۇرۇشقا ئىمكان بەرمىدى. شۇ چاغدا سىز تەنقىدچى ئومورزاق ئولجابايىۋقا: «سىز مېنىڭ ئەسىرىمنى ھېكايە ئەمەس، دېگەندىن كۆرە، بۇ نەرسە ئوغرىلانغان دېسىڭىز خۇشال بولاتتىم. سەۋەبى بۇ ھېكايەمنى كورتاسارنىڭ «ۋەسۋەسە» ناملىق ھېكايىسىغا تەقلىد قىلىپ يازغانمەن» دېدىڭىز. «ۋەسۋەسە» جاھان خەلقىلىرىنىڭ ئونلاپ تىلغا تەرجىمە قىلىنىپ سۆيۈپ ئوقۇلسۇنۇ، ئۆزبېك ئەدەبىياتى مۇتەخەسسىسى بولغان ئادەم ئاشۇ روھتا يېزىلغان ئەسەرنى ھېكايە ئەمەس، دەپ ھېسابلىسۇن. بۇ نېمە؟ پىكرى مەجرۇھلۇقىمۇ ياكى ساۋاتسىزلىقىمۇ؟ بىز تا ھازىرغىچە بىر چاغلاردا يېزىلغان ئەدەبىيات دەرسلىكلىرى سەۋىيىسىدە پىكىر قىلىپ كىلىۋاتىمىز. بۇ بىزنىڭ ئۆز ئىشىمىزغا ۋىجدانەن يانداشمىغانلىقىمىزنىڭ، زىممىمىزگە ئادەملەرنى مەرىپەتلىك قىلىش مەسئۇلىيىتىنىڭ يۈكلەنگەنلىكىنى ھېس قىلماسلىقىمىزنىڭ نەتىجىسىدۇر. نېمىشقا بىزدە ئەدەبىي تەنقىدنىڭ سەۋىيىسى بۇنچىلىك تۆۋەن؟ ئېھتىمال ئەدەبىياتىمىز تەنقىدتىن تۆۋەن تۇرىدىغاندۇ؟ ئېھتىمال نېمىشقا بىز ھەرقانداق ئېھتىماللارنى بىرچەتكە قايرىپ قويۇپ، بار مەھسۇلاتىمىزنىڭ ئۆزىنى ئادىل باھالىمايمىز؟ ياكى ۋە ئاستاپىيىۋنىڭ «مېنىڭ قارىشىمچە تەنقىدچى قاراۋۇل ۋە سۈپۈرگۈچى بولۇشى، ئەدەبىي مەدانىمىزدىكى ھەرخىل ئەخلەت-چاۋالارنى تازىلىشى كېرەك. لېكىن مەن ئونلاپ دوكتۇر ۋە ئاكادېمىكلار ئىچىدىن مۇنداق ئىشقا لايىق بىرمۇ تەنقىدچىنى تاپالمىدى» دېگىنىدەك، بىزدە ھەقىقىي تەنقىدى يوقمۇ؟
ئالىمباي! ئاندىرسىننىڭ يالىڭاچ پادىشاھ ھەققىدىكى چۆچىكى ئېسىڭىزدىمۇ؟ ئۇنىڭدا قىپيالىڭاچ پادىشاھ «كىيىمىڭىز نېمانچە چىرايلىق، ئۆزىڭىزگە نېمىدېگەن ياراشقان» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ماختىلىدۇ، ھېچكىم ئۇنىڭ يالىڭاچلىقىنى ئېيتىشقا جۈرئەت قىلمايدۇ. ئاخىرىدا ئاشۇنداق بىر مەرت تېپىلىدۇ-دە، پادىشاھ ئۆزىنىڭ ئالدانغانلىقىنى بىلىدۇ. ۋاقتى كېلىپ بىزمۇ ئاشۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالماسمىزمۇ؟ كېيىنكى چاغلاردا مەتبۇئات سەھىپىلىرىدە ئۆزبېكىستان خەلق يازغۇچىلىرى مىرموھسىن، ئىبراھىم رەھىم، پروفېسسور ھاپىز ئابدىسەمەتوۋلارنىڭ يازغانلىرىنى ئوقۇپ ھەيران قالدىم. ئۇلار ئاشكارلىقىنى، شەخسىي تەلەپ-دەۋالىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ نومۇسسىزلىق قىلىشنىڭ بىر پۇرسىتى دەپ بىلسە كېرەك. يېشى يەتمىشكە بېرىپ، بۇ دۇنيادىن ئۇ دۇنياسى يېقىنلىشىپ قالغان بۇ كىشىلەرنىڭ خەلققە ئېيتىدىغان زۆرۈر گەپلىرى، كۆڭۈل ئارزۇلىرى، يۈرىكىنى ئازابلايدىغان ئۈكۈنۈشلىرى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ چوڭ، ئومۇمىي دەردلىرى، خەلققە يەتكۈزىدىغان ئارمانلىرى يوقمىدۇ؟ بۇ نەرسىلەرنى ئويلىسىڭىز مېڭىڭىزگە سانجىق تۇرۇپ، يۈرىكىڭىز ئېزىلىپ كېتىدۇ. ئەپسۇسكى، ئويلىماي ئىلاجىڭىز يوق. چۈنكى بۈگۈنكى ئاشكارلىق شۇنىڭغا ئۈندەيدۇ. بىزنىڭ ئارزۇيىمىز بىزدىن كېيىنكىلەر ھېلىقى يالىڭاچ پادىشاھنىڭ ئەھۋالىغا چۈشۈپ قالمىسۇن، شەخسىي دەۋا ۋە ئاغرىنىشلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مەنىۋىيەتنى يۈكسەلدۈرىدىغان مەسىلىلەر بىلەن شۇغۇللانسۇن، ئادەملەرگە تېخىمۇ كۆپ پايدا يەتكۈزسۇن.
ئادەم ۋىجدانىنى قىينايدىغان ئىشلارنى قىلماسلىقى كېرەك. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۆزىنى تەمەخورلۇقتىن تارتىشى، بولۇپمۇ ئۆزىگە ئوخشاش ئادەمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەسلىكى كېرەك. تەمەخور خۇددى سۆڭەك تۇتقان ئىگىسىنىڭ ئالدىدا قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ تۇرغان ئىتقا ئوخشايدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ھېچقاچان، ھېچكىمدىن بىرەر نەرسە كۈتمەيدۇ. ئۇ پەقەت ئۆزىگە ئىشىنىپ، ۋىجدانى بىلەن ياشايدۇ. يەر يۈزىدە بىر ئىمانلىق ئادەم بار ئىكەن، قىيامەت بولمايدۇ، دېگەن گەپ بار. مەن بۇ گەپكە ئىشىنىمەن. تېخى قىيامەت بولمىغانىكەن، ئەتراپىمىزغا خالىس كۆز تاشلىشىمىز، ئېتىقادلىق كىشىلەرنى كۆرسەك بېشىمىزغا كۆتۈرۈشىمىز كېرەك.
ئېتىقاد ئىنساننى پەسلىكتىن، ھەرقانداق تەمەدىن، رەزىللىكتىن ساقلايدىغان ھىدايەت نۇرى! لېكىن بۇ نەرسە ھەممە كىشىگە نىسىپ بولىۋەرمەيدۇ. ئېتىقادلىق ئادەم ئۆزىگە راۋا كۆرگەن نەرسىدىن باشقىلارنىمۇ تېزرەك بەھرىمەن قىلىشقا ئالدىرايدۇ.
ئالىمباي! يەتمىش يىلدىن بېرى يالغان-ياۋداقلار بىلەن ئۆزىمىزنى ئالداپ ياشىدۇق. ياسالغان خۇدالارغا چوقۇنۇپ، رەزىل، گۇناھلىق قىلمىشلارغا پاتتۇق. كېلىڭ، ئەمدى ئاشكارىلىق، تەڭلىك شامىلى كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى كۈندە «ھەقىقەتنى، غاپىل، ناھەق نەرسىلەرگە ئوراپ يوشۇرماڭلار، ئۇنى خەلقتىن پىنھان تۇتماڭلار» دېگەن دانا ھېكمەتكە ئەمەل قىلىپ كىشىلەر قەلبىگە ئېتىقاد نۇرىنى يەتكۈزۈشكە تىرىشايلى. يەر يۈزىدە ئارنومۇسنى بىلىدىغان، ئىمانلىق ئادەملەرنىڭ تېخىمۇ كۆپىيىشىنى تىلەيلى..

(ئۆزبېكىستاندا چىقىرىلىدىغان "ياش كۆچ" جۇرنىلىنىڭ 89- يىللىق 3- سانىدىن مۇھەممەت پولات نەشىرگە تەييارلىغان، "تەڭرىتاغ"، "ئىشچىلار ھەرىكىتى" جۇرناللىرىدا ئېلان قىلىنغان، ئابدۇقەييۇم ئىمىن ئاۋازىدا ئۈن لېنتىسى چىققان)
مەنبە http://www.izdinix.com/ShowPost.aspx?ThreadID=23090
ۋاقتى: 2011-10-29 20:53:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى

تۈنۈگۈنكى ۋە بۈگۈنكى سىيىت نوچى


ئابدۇۋەلى ئايۇپ
سىيىت نوچى: گېلاۋخۇي تارىخىغا يېزىلمىغان گېلاۋخۇيچى


ئابدۇكېرەم ئابلىز ئورۇنلىغان “سىيىت نوچى” داستانىدىن ئارىيەدە سىيىت نوچىنى “شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ ئالدى كەينىدىكى چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئىستىبىدات ھۆكۈمىرانلىقىغا قارشى قوزغالغان گېلاۋخۇي تەشكىلاتىغا قاتناشقان دېيىلىدۇ. مەن بۇنى ئېنىقلاش ئۈچۈن گېلاۋخۇيغا دائىر تارىخى ماتىرىياللارنى كۆرۈپ چىقتىم. گېلاۋخۇي دېگەن بۇ گوروھ ئەسلى سىچۈئەننىڭ گولۇ دېگەن يېرىنى مەنبە قىلغان بولۇپ بەزىلەر گېلاۋخۇي دېگەن بۇ ئىبارىنى گولۇ گوروھى مەنىسىدىكى گولۇخۇيدىن كەلگەن دەپ قارايدىكەن. بۇ گورۇھنىڭ زوزوڭتاڭ قۇرغان خۇنەن قوشۇنىدا تەسىرى كۈچلۈك بولغان. خۇنەن قوشۇنى لىيۇجىنتاڭنىڭ قۇماندانلىقىدا شىنجاڭنى ئالغاندىن كېيىن گېلاۋخۇي قەشقەردە پائالىيەت قىلىشقا باشلىغان. خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەردە قەشقەردىكى گېلاۋخۇي ھەققىدە مەلۇماتلار بار، ئەمما ئۇيغۇرلاردىن بۇ گورۇھقا قاتناشقانلار ھەققىدە ئېنىق بىر نەرسە دېيىلمىگەن. بۇ گورۇھ 1912-يىلىنىڭ بېشىدا ئىسيان قىلىپ قەشقەرنىڭ دوتىينى ئۆلتۈرگەنىكەن. شۇ زامانلاردا مويدىن خەلىپە، تۆمۈر خەلىپە قوزغىلىڭىنى باستۇرۇشتا تۆھپە كۆرسەتكەن خۇيزۇ قوشۇنىنىڭ قۇماندانلىرىدىن بىرى لى شوڧۇ بىلەن بىر قاتاردىكى ماڧۇشىڭ گېلاۋخۇينى باستۇرۇپ قەشقەرگە تىتەي بولغان.” سىيىت نوچى” داستانىدا تىلغا ئېلىنغان ماتىتەي(ماڧۇشىڭ)، ماشاۋۋۇ قاتارلىقلارنىڭ ئىسمى خەنسۇچە تارىخى مەنبەلەرگە ئۇيغۇن، ئەمما داستاندا گېلاۋخۇيغا قاتنىشىپ تۇرمىدا ياتقان ھاشىم گېلاۋخۇي، ئۆلتۈرۈلگەن سىيىت نوچىلارنىڭ ئىسمى يوق. سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيدىكى ئۇستازى ھەققىدە “سىيىت نوچى” داستانىدا
بولدى مېنىڭ يۆلەنچىم
گېلاۋخۇي ھاشىم
چامباشلىقنى ئۆگەتتى ئۇ
قاتقاندا باشىم
دەپ يېزىلغان بولسا، “ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى” دېگەن كىتاپتىكى سىيىت نوچى قوشاقلىرىدا
بولدى خەنزۇ ئوتياشچى
لاۋ جاڭ ئاداشىم
ئۇ ئۆگەتتى چامباشى
قاتقاندا باشىم
دەپ يېزىلغان. بىز بۇلاردىكى پەرقلەردىن سىيىت نوچىنىڭ زادى كىمنىڭ ۋاستىسى بىلەن گېلاۋخۇيغا ئەزا بولغىنىنىمۇ بىلەلمەيمىز. قارىغاندا، “سىيىت نوچى” داستانى ۋە “ئۇيغۇر تارىخى قوشاقلىرى” دىكى سىيىت نوچىنىڭ گېلاۋخۇيغا قاتناشقانلىقىغا ئائىت تەپسىلاتلار 1949-يىلدىن كېيىن زاماننىڭ ئىھتىياجى بويىچە توقۇلغاندەك. چۈنكى سىيىت نوچى دەۋرىدە خەنزۇ دېگەن گەپ ئۇيغۇرچىدا قوللىنىلمايتتى، قەشقەردە خەنزۇ ئوتياشچىلارمۇ يوق ئېدى. نۇرمەھەممەت زاماننىڭ “ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىيات تارىخى” ناملىق ئەسىرىدە سىيىت نوچىنى رۇسسىيەگە بېرىپ ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان دېيىلگەن. ئابدۇكېرىم راخمان تۈزگەن “ئۇيغۇر خەلق داستانلىرى” ناملىق كىتابتا ئۇنى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاۋخۇيغا قاتناشقان دېيىلگەن. ئېنىقكى، ئۇيغۇر تارىخدىكى ۋەقەلەر يا شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدە، ياكى ئۆكتەبىر ئېنقىلابىنىڭ يېتەكلىشىدە يۈز بەرگەن بولىدىكەن. ئەگەر شۇنداق بولسا ئۇيغۇرلارنىڭ مۇستەقىل بىر ئىشنى باشلاش ئىقتىدارى يوقمىكەن. چوقۇم مەلۇم تاشقى كۈچنىڭ يېتەكلىشىنى دائىم قوبۇل قىلىشى كېرەكمىكەن. سىيىت نوچى ئابدۇقادىر داموللامنىڭ تەسىرىگە، قۇتلۇق شەۋقىنىڭ تەسىرىگە، ئىسمايىل غاسپىرالىنىڭ تەسىرىگە، رىزائۇددىن ڧەخرۇددىننىڭ تەسىرگە ئۇچرىسا نېمىشقا بولمايدىكەن؟ ئەمەلىيەتتە يۇقارقىدەك توقۇلمىلار باشقا ساھەلەردىمۇ خېلى جىق. مەسىلەن، ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى شىنخەي ئىنقىلابى تەسىرىدە شەكىللەنگەن، ئۇيغۇر تېبابىتى جۇڭگۇ تېبابىتىنىڭ بىر قىسمى، ئۇيغۇرلار سەددىچىن سېپىلىنى قۇرۇشقا قاتناشقان…ئۇيغۇرچە مۇناسىۋەتلىك كىتابلاردا يۇقارقى گەپلەر بولغان بىلەن خەنسۇچە جوڭگۇ ھازىرقى زامان ئەدەبىياتى تارىخى، جوڭگۇ تېبابەت تارىخى، جوڭگۇ مەدەنىيەت تارىخى دېگەن كىتابلاردا ئۇنداق گەپلەر يوق. بۇنداق گەپلەرنى ئۇيغۇرنىڭ تارىخى، ئەدەبىياتى، مەدەنىيتى ۋە بۈگۈنكى رىياللىقىنى زامانغا بېقىپ چۈشەندۈرىدىغان زىيالىلار توقۇپ چىققان. سىيىت نوچى شىنخەي ئىنقىلابىنىڭ تەسىرىدىكى گېلاخۇينىڭ رەھبەرلىكىدە ئۇنى قىلغان، بۇنى تەۋرەتكەن دېگەنلىك ئەمەلىيەتتە يۈسۈپ خاس ھاجىپ كۇڭزىنىڭ شاگىرتى، كەكمەنىر ئىسىملىك ئۇيغۇر شائىرى “خەنزۇلار ئەزەلدىن بولمىش ئۇستازىم” دەپ شىئېر يازغان، دېگەندەك ئىنقىلابىي رىۋايەتلەرنىڭ داۋامى بولۇشى مۇمكىن.

سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن ئۆلگەن

بىرىنجى، خانلىققا ۋە خانغا بولغان ساداقىتى ئۈچۈن ئۆلگەن.
داستاندا يېزىلىشىچە سىيىت نوچىنى ماتىتەينىڭ چىرىكلەرى باغلىغاندا قارشىلىق قىلمايدۇ، قېچىپمۇ كەتمەيدۇ، ئەكسىچە چىرىكلەرگە
ھىچ گۇناھ يوق سىلەردە
خاننىڭ ۋاجىپ يارلىقى
يۇرت جامائەت خوش ئەمدى
رىزا بولۇڭ قەشقەرلىك
ئۇلۇغ ئۇششاق بارلىقى
دەپ قوشاق توقۇپ باغلىنىشقا رازى بولىدۇ. بۇ قوشاقتىن مەلۇمكى سىيىت نوچى مۇسۇلمانلىق نوقتىسىدىن چىقىپ “خاننىڭ يارلىقىنى ۋاجىپ” دەپ بىلىدۇ. كۈلكىلىك يېرى سىيىت نوچى باغلانغان چاغدا جوڭگۇدا خان ئاللىقاچان تەخىتتىن چۈشكەن بولۇپ، جوڭگۇنى شىمالى مىللىتارىستلار ھۆكۈمىتى باشقۇرىۋاتاتتى. بۇ ھۆكۈمەت ئىسلامدىكى پەرز، سۈننەت، ۋاجىپ دېگەنلەرنى ئىتىراپ قىلمايتتى. سىيىت نوچى شەرىئەتنى ئىتىراپ قىلمايدىغان بىر ھۆكۈمەتكە ئاتا بوۋىسىدىن قالغان شەرىئەتنىڭ ھۆكۈمى بىلەن مۇئامىلە قىلغان. تۆۋەندىكى قوشاق سىيىت نوچىنىڭ “خاننىڭ ئەمرى ۋاجىپ” دېگەن ئەقىدىسىنىڭ نەقەدەر كۈچلۈكلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
ئەي ئامبال، دېدى گاڭگۇڭ
تەڭلىكتە تۇرۇپ قالما
خاننىڭ ئالدىدا ئاسىي
گۇناھكار بولۇپ قالما
دېمەك سىيىت نوچى خاننىڭ ئالدىدا گۇناھكار بولۇشنى خالىمايدۇ، ھەم باشقىلارنىمۇ گۇناھقا قويۇشتىن ھەزەر ئەيلەيدۇ. ئۇنىڭچە خان گۇناھكار ئەمەس. خانلىق تۈزۈم گۇناھكار ئەمەس، خاننىڭ بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلغۇچى ئاسى، گۇناھكار. خاننىڭ سىياسەتلىرى توغرا، زۇلۇم قىلىۋاتقانلار پەقەت بىر ئوچۇم پارىخور ئەمەلدارلار، يەرلىك باي غوجاملار. سىيىت نوچى ئۆزىنى بىلمەيدىغان. ئىتىقادىنى ئىتىراپ قىلمايدىغان، زالىم خاننىڭ “ۋاجىپ” بۇيرۇقىغا ساداقىتىنى بىلدۈرۈپ ئۆلۈمگە رازى بولغان.
ئىككىنجى، ئامانەتكە خىيانەت قىلمايدىغان ئەقىدىسى ئۈچۈن ئۆلگەن
سىيىت نوچى تۇزچى بوۋاينىڭ خەتنى ئېچىپ كۆرۈپ بېقىش ھەققىدىكى نەسىھېتىگە قۇلاق سالمايدۇ. چۈنكى ئۇ “ئامانەتكە خىيانەت نامەرد ئىشىدۇر” دەپ قارايدۇ. ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسى ئۇيغۇرلارغا ئوخشاش كۆرۈنمەس بىر مەۋجۇداتنىڭ ھەرقانداق چاغدا ئىنساننىڭ بارلىق قىلمىش- ئەتمىشلىرىنى كۆرۈپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغان خەلقنىڭ ئەزالىرى ئۈچۈن چەكلەش رولىغا ئېگە. بۇنداق ئەقىدىگە ئىگە بولمىغان خەلق ئۈچۈن ئۇنداق ئەمەس. سىيىت نوچى ئامانەتكە خىيانەت قىلماسلىق ئەقىدىسىگە ئىشىنىدۇ، ئەمما بۇ ئامانەتنىڭ كىمنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكىگە، ئامانەت بەرگۈچىنىڭ ئۆزى بىلەن ئەقىدىداش ياكى ئەمەسلىكىگە سەل قارايدۇ. ئادەتتە ئەخلاق مىللىي بولىدۇ. بىر خەلق ئۈچۈن ئەخلاقسىزلىق سانالغان قىلىق يەنە بىر خەلق ئۈچۈن ئۇنداق بولۇشى ناتايىن. مەسىلەن، ئامېرىكىلىقلاردا پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن سىر ساقلىشى ئەخلاققا ئۇيغۇن، ئەمما بىز ئۇيغۇرلاردا ئۇنداق ئەمەس. شىنجاڭ ئۇنۋېرىستىتىنىڭ جا ڧامىلىلىك بىر پروڧېسسورى ئۇيغۇرلارنى ئاخماق دەپتۇ. سەۋەبى ئۇ كىشى ئاقسۇغا بارغاندا ئۇيغۇرلاردىن ئۈرۈك ئالغانمىش. ئۇيغۇرلار ئۇنىڭغا ئۈرۈكنى كىلولاپ ساتماي يەپ بولغاندا ئۈچكە (ئۇرۇقچە) سىنى ساناپ ساتقانمىش. ئۇنىڭچە ناۋادا خېرىدار ئۈرۈكنى يەپ ئۈچكىسىنى يوشۇرۇۋالسا ساتارمەن زىيان تارتارمىش. مېنىڭچە كىشى كۆرمىگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ ھەققىنى يىمەسلىك تەشەببۇس قىلىنىدىغان ئۇيغۇر ئەخلاقى بويىچە ساتارمەننىڭ قىلغىنى ئاخماقلىق ئەمەس، بۇنىڭغا ئىشەنمەيدىغان خاڭجۇلۇق زىيالىنىڭ نەزىرىدە بۇ ئاخماقلىق. سىيىت نوچى باشقىلارغا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مۇئامىلە قىلغان ۋە بۇنىڭ جازاسىنى تارتقان. سىيىت نوچى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە مەردلىك قىلغان، ماتىتەينىڭ ئەخلاق ئۆلچىمى بويىچە ئاخماقلىق قىلغان.
ئۈچىنجى، روھى قۇللۇق بەدىلىگە ئۆلگەن
سىيىت نوچىنىڭ روھىدا قۇللارچە خوجايىنىغا مايىللىق ۋە تاما بولمىسا ئېدى، ئۇچتۇرپاننىڭ ئامبىلى ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىدا ياتمىغان بولاتتى. ماشاۋۋۇنىڭ ئوردىسىغا مېھمانغا ئەمەس ھاشىم جانبازدەك دوستلىرىنىڭ قىساسىغا بارغان بولاتتى. ھەمدە ئۇنىڭ تۆۋەندىكى گېپىگە ئالدانمىغان بولاتتى.
قەشقەردىكى تىتەيگە
خەت يېزىپ بېرەي ئەكەت .
خەتنى كۆرسە ما تىتەي ،
دەيدۇ ساڭا كۆپ رەھمەت .
سەن ئۆزۈڭ سېيىت گاڭگۇڭ ،
قىلدىڭ بىزگە كۆپ خىزمەت . .
ئەجرىڭ قەدرىگە لايىق ،
مەنمۇ بىلدۈرەي ئىززەت .

بۇ خېتىمنى ئاپىرىپ ،
بەر تىتەينىڭ ئۆزىگە .
سېنى باشلىق قىپ قويار ،
تۆت دەرۋازىنىڭ بىرىگە ، .
باشلىق بولۇپ شۇندا سەن ،
ئويناپ كۈلۈپ ئۆتەرسەن . .
گاڭگۇڭ نامىڭغا لايىق ،
مۇرادىڭغا يېتەرسەن .
بۇ قوشاقلارغا قارىساق سىيىت نوچىنىڭ دوست نېمە، دۈشمەن نېمە ئايرىيالمايدىغان، ئىناۋەتنى خەلقتىن ئەمەس خوجايىنىدىن تىلەيدىغان، ئىنقىلاپنى ھۆرلۈك ئۈچۈن ئەمەس خوجايىننىڭ ئىتىراپى ئۈچۈن قىلىدىغان ئاجىزلىقى ئەكىس ئېتىدۇ. ئەسلى ئۇيغۇرلار بەرگەن باتۇر دېگەن ئاتاقلا سىيىت نوچىغا يېتىشى كېرەك ئېدى. ئەمما ئۇ يەنە ھاكىمىيەتنىڭ ئىتىراپىغىمۇ ئېرىشمەكنى، خوجايىننىڭ ئىنئاملىرىغا نائىل بولماقنى تاما قىلغان. بۇنداق قۇللارغا خاس تاما تۆمۈر خەلىپىدىمۇ بولغان، ئۇ كىشىمۇ خەلق بەرگەن خەلىپە ئۇنۇۋانىغا قانائەت قىلماي ھۆكۈمەتنىڭ يىڭجاڭلىقىغا قۇل بولغان. 1933-يىلى قەشقەرنى ئالغان تۆمۈر ئېلى ماشاۋۋۇدىن سىلىڭ دېگەن تامغىنى تارتىۋېلىپ بىر كۈن قەشقەرنى ئايلىنىپ داۋراڭ قىلغانىكەن. ئۇنىڭ ئەينى دەۋردە ئۆزى قارشى تۇرغان ھاكىمىيەتنىڭ سىلىڭ دېگەن تامغىسىنى ئالغىنىغا خوش بولۇپ كەتكىنى ئېچىنىشلىق. ئۆزنامىغا تامغا ئويدۇرسا، ئۆز تىلى بىلەن ئۆزىنى ھۆكۈمران دەپ جاكارلىسا بولمايدىغان نېمىسى بار. بۇلاردىن ئۆزىنى مالايلىققىلا يارالغاندەك، خوجايىنسىز ياشىيالمايدىغاندەك ھېس قىلىدىغان، پۈتۈن تىرىشچانلىقى پەقەت خوجايىندىن ئازراق مەرتىۋە تارتىۋېلىش بەدىلىگە بولىدىغان قۇللۇق روھىنىڭ يىلتىزى ۋە دائىرىسى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.
بۈگۈنكى سىيىت نوچى
سىيىت نوچى داستانىنىڭ سىيىت نوچى قەتلى قىلىنغان ۋاقىتتىن كېيىن يېزىلغان بىرەر قوليازمىسى يوق. بۇ داستان ئىزچىل خەلق ئارىسىدا تارقىلىپ كەلگەن. زامانلارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئۇنىڭغا ھەرقايسى دەۋرلەرگە خاس تەركىپلەر قوشۇلۇپ ماڭغان. ئابدۇكېرىم ئابلىز” سىيىت نوچى”نى سەھنىگە ئېلىپ چىققاندىمۇ بەزى تەپسىلاتلارنى قوشقان. بۇنىڭ بىرى ئوردىدىكى ئۆرۈمە چاچ (سىيىت نوچى ئۆلتۈرۈلگەن ۋاقىت ماڧۇشىڭنىڭ 1915-يىلى ماشاۋۋۇنى ئۇچتۇرپانغا قوغلىۋېتىپ قەشقەرگە مۇستەقىل ھۆكۈمران بولغاندىن كېينگە توغرا كېلىدۇ. بۇ چاغدا ئۆرۈم چاچ ئاللىقاچان ئەمەلدىن قالغان) ئەمەلدارنىڭ سىيىت نوچىغا ياخشىلىق قىلىشى، يەنە بىرى ئۇيغۇر جاسۇسنىڭ سىيىت نوچى ھەققىدە ئۆرۈمە چاچقا مەلۇمات يەتكۈزىشى. بۇ يەردە بۈگۈنكى تاماششابىنلارغا يەتكۈزىلىۋاتقان ئۇچۇر؛ سىيىت نوچىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىچىدىكى جاسۇسلار تۇتۇپ بەرگەن، ئۆرۈمە چاچلىق ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسىمۇ سىيىت نوچىنىڭ دۈشمىنى ئەمەس ئېدى… دېگەندىن ئىبارەت. قىزىق يېرى، يەنە شۇ ئۇيغۇرنىڭ دۈشمىنى يەنىلا ئۇيغۇر. ھاكىمىيەت تۇتقانلار ئىچىدىمۇ سىيىت نوچىغا دوستلار بار ئېدى… ۋاھاكازالار. شۇ نەرسە ئېنىقكى، ئۆرۈمە چاچنىڭ مۇكاپاتى بولمىغان بولسا تۇماقلىق ئۇيغۇر جاسۇسلۇق قىلالمايتتى. ئۆرۈمە چاچ ۋەكىللىك قىلىۋاتقان تۈزۈم جاسۇسلارنى قوغۇدىمىغان، تەربىيىلىمىگەن بولسا جاسۇسلۇق مەۋجۇد بولمايتتى.
سىيىت نوچى نېمە ئۈچۈن يادلىنىدۇ
سىيىت نوچىنى قەتلى قىلغانلار ئۆلدى، ئەمما سىيىت نوچى ئۆلمىدى، ئۇنىڭغا ئاتاپ داستان يېزىلىپ مەدداھلىق سورۇنلىرىدا سۆزلەندى، دەرسلىك كىتاپلارغا كىرگۈزۈلدى، ناخشىلار ئېيتىلدى. 2011-يىلى ئابدۇكېرەم ئابلىزنىڭ ئورۇنلىشىدا سەھنىگە ئېلىپ چىقىلدى. ئۇنداقتا سىيىت نوچى نېمىشقا ئارىمىزدا شۇنچە يىل ياشىيالايدۇ. مەنچە بۇنىڭ سەۋەبىنى ئۇيغۇرلاردىكى باتۇرلۇق، قەھرىمانلىق ۋە پىداكارلىققا بولغان شەيدالىقتىن ئىزدەش كېرەك. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم قورقۇنچلۇق ئەمەس، بەلكى ياراتقۇچىغا، ئادەملەرگە، دۇنياغا، ۋە ئۆزىگە مەردانە يۈزلىنىپ ياشىيالماسلىق ئەڭ قورقۇنچلۇقتۇر. ئۇيغۇر ئۈچۈن ئۆلۈم ھاياتنىڭ ئاخىرلىشىشى ئەمەس بەلكى يېڭى بىر ھاياتنىڭ باشلىنىشى. ئۇيغۇرلارتارىختىن بېرى ياشىسا قورقۇمسىزلىق بىلەن ياشايدىغان، ئۆلسمۇ تىز پۈكمەيدىغان، يا ھۆرلۈكتە ياشايدىغان يا ھۆرلۈك ئۈچۈن ئۆلىدىغان روھنى قەدىرلەپ كەلگەن. ئۇيغۇرلاردا “يا ئۆلۈم يا كۆرۈم” دېگەن گەپ بار. بۇ يەردە ئۆلۈم بىلەن كۆرۈم ئارىسىدا پەقەت ئىككىلىنىش، ئارىلىق يوق بولۇپ ئۇيغۇرچە تەپەككۇردا پەقەت بۇنىڭ بىرىلا مەۋجۇد. يا ئارمانىڭغا يېتىسەن، يا ئارمان ئۈچۈن ئۆلىسەن. سىيىت نوچىنىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى قورقۇمسىزلىقى ئەزەلدىن قەھرىمانلىققا چوقۇنىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىدە ئىھتىرام ئويغاتقان، شۇڭا سىيىت نوچىنىڭ پاجىيەلىك ئۆلۈمى ھەققىدىكى بۇ داستان ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئوخشىمىغان شەكىلدە تەكرارلىنىپ كەلگەن ۋە تەكرارلانماقتا.

ئېلان قىلىنغان ۋاقتى: 19 October 2011
ئاپتۇر: Karahan
بۇ تېما ئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورىدىن ئېلىندى    :http://uyghuracademy.com/?p=20506      
ۋاقتى: 2011-10-31 13:04:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرى
        يالقۇن روزى

2007 - يىلى رۇسىيىنىڭ ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەڭ چوڭ خەۋەر پۇر باجىن-لايدىن ياسالغان قەلئە توغرىسىدىكى خەۋەر بولدى . بۇ خەۋە رۇسىيىنىڭ ئاخبارات ۋاسىتىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا جاكارلانغاندىن كېيىن پۈتكۈل دۇنيانىڭ نەزىرى پۇرباجىنغا تىكىلدى . رۇسىيە ئاخبارات ۋاسىتىلىرى پۇرباجىننى «ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ 2-قاغانى مويۇنچۇر سالدۇرغان بولۇپ بۇ ، ئۇ قەدىمى ئۇيغۇر قەلئەسىدۇر»دەپ جاكارلىغاندا، بۇنى ئۇققان دۇنيانىڭ جاي-جايدىكى ئۇيغۇرلار بىر-بىرىگە ھاياجان ئىلىكىدە خەۋەر يەتكۈزۈشتى . شىنخۇا ئاگېنتلىقىمۇ بۇ ھەقتە خەۋەر تارقاتتى . شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسورى ، خەنزۇ تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندى «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2007-يىلى 11-ئۆكتەبىردىكى سانىدا «رۇسىيە پۇرباجىن قەدىمكى ئۇيغۇر قەلئەسىنى كەڭ كۆلەمدە تەكشۈرمەكتە» دېگەن ماقالىسىنى ئېلان قىلىپ ، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئۇيغۇر قېرىنداشلارنى بۇ كاتتا ۋەقەدىن خەۋەردار قىلدى . ئارقىدىن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» مۇ رەھىمجان ھاكىم خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلغان «رۇسىيىدىكى ئۇيغۇرلار سالغان يازىلىق قەلئە پورباجىن» دېگەن ماقالىنى ئېلان قىلىپ ، كىشىلەرنىڭ بۇ خەۋەرگە بولغان قىزىقىشىنى تېخىمۇ ئاشۇردى .

پۇرباجىن ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ باش-ئاخىرى زادى قانداق ؟ كىشىلەرنى شۇنچە ھاياجانغا سالغان بۇ قەلئە نېمە سەۋەبتىن ، قاچان ، قانداق سېلىنغان ؟ بۇ ، ئارخېئولوگىيە ساھەسىدىكى يېڭى بايقاشمۇ ياكى كونا ئىشمۇ ؟ كىشىلەر بۇ قەلئەگە نېمە ئۈچۈن شۇنچە قىزىقىدۇ ؟ دېگەن سوئاللار كىشىلەرنى قىزىقتۇردى .
پورباجىن رۇسىيە فېدراتسىيسىنىڭ توۋا جۇمھۇريتىدىكى دېڭىز يۈزىدىن 1300 مېتىر ئېگىز جايدىكى تېرىخول كۆلىنىڭ قاق ئوتتۇرىسىدىكى تۆت گېكتار كېلىدىغان ئارالغا تەمىرقىلىنغان قەلئە.«پۇرباجىن» دېگەن سۆز توۋا تىلىدا لايدىن ياسالغان قەلئە» . دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ .

توۋا جومھۇرىيتى رۇسىيە بىلەن موڭغۇلىيىنىڭ چېگرىسىغا جايلاشقان بولۇپ ، يەرمەيدانى 170 مىڭ كوۋادى كېلومىتىر ، نوپۇسى 310 مىڭ بۇنىڭ ئىچىدە تۇۋالارنىڭ نوپۇسى 200 مىڭ ، رۇسلارنىڭ نوپۇسى 100 مىڭغا يېقىن ، قالغانلىرى خاكاس ، ئوكرائىن قاتارلىق مىللەتلەردۇر . تۇۋالارنىڭ ئېتىنىڭ مەنبەسى توغرىسىدا ن . ئا . باسكاكوۋ «تۈركىي تىللار» دېگەن كېتاپتا ئېنىق قىلىپ : «توۋا تىلى تۈركىي تىللارنىڭ ئۇيغۇر-ئوغۇز گورپپىسىغا كىرىدۇ ھەمدە بۇگۇرۇپپىدىكى قەدىمكى ئۇغۇز ، قەدىمكى ئۇيغۇر ۋە تۇفا(قاراغاس) تىللىرى بىلەن قوشۇلۇپ ، ئايرىم بىر ئۇيغۇر-تۈرۈك تارماق گورپىسىنى تەشكىل قىلىدۇ» دېگەن تارىخچى چىن شۆشۈن ئەپەندىمۇ تۇۋالارنىڭ ئېتىنىك مەنبەسى ھەققىدە «گەپنى قىسقارتقاندا ، ئۇلارنىڭ ئەڭ دەسلەپكى مەنبەسى تېللارغا تاقىلىدۇ» ، «ئۇلارنىڭ تىلى ئالتاي تىل سېتىمىسى تۈركىي تىل ئائىلىسى-شەرقىي ھون تىل تارمىقى-ئۇيغۇر تىل گورپپىسى –ئۇيغۇر-تۈركىي تىللار ئىككىلەمچى تىللار گورۇپپىسغا تەۋە» دەپ يازغان . توۋالارنىڭ كۆپ قىسمى لاما دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ .
  پۇرباجىن قەلئەسى بىر خارابە بولۇپ ، ئۇنى ئەڭ دەسلەپ-1891- يىلى رۇسىيىنىڭ مەشھۇر شەرقشۇناس ئالىي دېىتۇرىي كېلىمىن ئېنىقلىغان . ئۇ كېيىن قارا بالغاسۇننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن پۇرباجىن سېپىل-سارىيىنىڭ ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ مەركىزىي شەھىرىنىڭ كىچىكلىتىلگەن ھالىتى ئىكەنلىكىنى ھەيرانلىق ئىچىدە بايقىغان . پۇر باجىننى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ يازلىق سارىيى» دېگەن قاراشنى تۇنجى قېتىم سابىق سوۋېتلار ئىتتىپاقى دەۋردىكى مەشھۇر ئالىم سېۋىيان ئىزرايلىۋېچ باينېشتېيىن 1957- يىلى ئوتتۇرىغا قويغان . بۇ قاراشنى 1960-ۋە 1970 يللاردا ل، ر ، كزلاسوۋ ۋە س . ۋ . كسلېۋلار ئىلمىي تەكشۈرۈشلەردىن كېيىن تەكىتلەشكەن . توۋا جومھۇرۇيتىنىڭ ئايال رەھبىرى تامارا ماشالوۋنا نوربىي ئۆزىنىڭ كىتابىدا پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ئۇيغۇر قاغانىنىڭ ساراي-سېپىلى ئىكەنلىكىنى ئېنىق كۆرسەتكەن . ئەمما باشقىچە قاراشتىكى تەتقىقاتچىلارمۇ بولغان . ئۇلارنىڭ كۆپىپىنچىسى «ئۇيغۇر قاغانىنىڭ قەلئەسى» دەپ بېكىتىشكە پاكىت يېتەرلىك ئەمەس ، دەپ قاراشقان . شۇنداقتىمۇ رۇسىيە ئالىملىرى بۇ قەلئەنىڭ ئارخېئوگيىلىك قىممىتىگە قىلچە سەل قارىمىغان . 1995- يىلى رۇسىيە فېدىراتسىيسىنىڭ رەئىس جۇمھۇرى بورىس يېلتىسىن پۇر باجىننى دۆلەت دەرىجىلىك تارىخىي مەدەنىيەت مىراسى دەپ قارار چىقارغان . بۇ پۇرباجىن قەلئەسىنىڭ ھەر جەھەتتىن نەقەدەر يۇقىرى قىممەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ .

    قەدىمكىلەرنىڭ ئېگىز تاغدىكى خىلۋەت كۆلنىڭ قاق ئوتتۇرىسىغا بۇنداق مۇستەھكەم ۋە چوڭ قەلئەنى سالمىقى ئىنتايىن مۈشكۈل . چۈنكى بۇنداق قەلئەنى سېلىش ئۈچۈن نەچچە مىڭ توننا توپا ، كېسەك ۋە ياغاچ – تاش كېتىدۇ . ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئىش شۇكى ، بۇ جاي ئادەم ناھايىتىمۇ كەمدىن كەم كېلىدىغان تولىمۇ چەت رايون . شۇڭا زادى كىم بۇنداق خالى جايغا بۇنداق چوڭ قۇرغاننى سېلىش كويىغا كىرىپ قالغان ، ئۇنى كىم ئۈچۈن سالدۇرغان ؟ دېگەندەك سىرلىق سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش كېرەك ئىدى .
  دېمەك ئەمدىكى ۋەزىپە پۇر باجىننى «سۆزلىتىش» ئىدى .19- ئەسىردە ياشىغان رۇس يازغۇچىسى گوگۇل «ھەرقانداق خەلقنىڭ ئۆتمۈشى توغرىلىق ھېكايە ، ئەپسانە، چۆچەكلىرىمۇ ئۇنتۇلغاندا ، ئۇلار توغرىلىق شۇ خەلىققە تەئەللۇق بىناكارلىق ۋە باشقا ماددىي بۇيۇملار كۆپلەپ ئۇچۇر يەتكۈزىدۇ» دەپ كۆرسەتكەنىدى . پۇرباجىندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق قەلئە تېپىشماقنى يىشىش ، مىڭ يىلدىن ئارتۇق ئۇيقۇدا ياتقان پۇرباجىن خارابىسىنى «سۆزلىتىش» ئۈچۈن روسيە ھۆكۈمىتى 2007- يىلى ئەتىيازدا مەخسۇس تەربىيىلەنگەن 600 نەپەر ستۇدېنتتىن تەشكىللەنگەن ، نەچچە ئون داڭلىق ئارخېئولوگ ، ئارختېكتور ۋە ئىكسپېدىتسىيچى باش بولغان زور تەكشۈرۈش ئەتىرتىنى توۋا جۇمھۇرىيىتىگە ئەۋەتىشنى قارار قىلدى . بۇ زور «قوشۇن» مىڭ يىلدىن ئاشقان تارىخىي سىر يوشۇرۇنغان تېرىخول كۆلى بويىغا چېدىر تىكىپ تۆت ئايغا سوزۇلغان ئىنچىكە تەكشۈرۈشنى باشلىدى .
  تەكشۈرۈش ئەتىرىتىدىكىلەر تۆت ئايغا سوزۇلغان ئەتراپلىق ، ئىنچىكە تەكشۈرۈش ، تېپىلمىلارنى تەتقىق قىلىش ، سۇنغان ساپاللارنى بىر-بىرىگە زېرىكمەي جىپىسلاش ، قەلئەنىڭ ئۇلىغا ئاساسەن ئومۇمى قۇرۇلمىسىنى قىياسەن تۇرغۇزۈش ، ماددىي بۇيۇملارنى تۈرگە ئايرىش ، سېلىشتۇرۇش ۋە يىل دەۋرىنى بېكىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىشلەش ئارقىلىق ئاخىرى خېلىلا ئىشەنچلىك يەكۈنگە ئېرىشكەن . قىدىرىپ تەكشۈرۈش ئەتىردىكىلەرنىڭ بۇ دەسلەپكى يەكۈنىنى رۇسىيە جىددىي سېرگىي شايگو ئاخبارات ۋاستىللىرىگە جاكارلاپ مۇنداق دېگەن : «ئارخېئولوگلارنىڭ خۇلاسىسىگە قارىغاندا ، پۇرباجىن قەدىمىي قەلئەسىنى قەدىمىي ئۇيغۇرلار سالغان . ھازىر بۇ قەلئەنىڭ ئاساسى بۆلىكى قېزىپ بولىندى ، قەغەز يۈزىدە يەنە  يەنە قەلئەنىڭ ئەسلىي ھالىتى ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى . بىز ئۇزاققا بارماي بۇ جاينى دۇنياغا ئېچىۋېتىپ ، ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونىتىمىز!»
  تەكشۈرۈشكە قاتناشقان ئالىم – مۇتخەسىسلەرنىڭ دوكىلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : «بىز تۆت ئاي تەكشۈرۈش ئارقىلىق تېرىخول كۆلىنىڭ بويىدىن چوڭ تىپتىكى قەبرىدىن 100 نەچچىنى تاپتۇق . پۇر باجىن قەلئەسىنىڭ ئارخىتېكتورىيلىك قورلۇشى ، لايىھە پىچىلىشىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى بېكىتىپ ، قەلئەنىڭ قەغەز يۈزىدىكى مودېلىنى ياساپ چىقتۇق . بۇ قەلئەنىڭ شەكلى  جۇڭگونىڭ تاڭ سولالىسى زامانىسىدىكى پايتەختى چاڭئەن (شىئەن) دىكى ئوردىغا ئوخشايدىكەن . قەلئەنىڭ ئاساسى قۇرۇلۇش بۆلىكى ئادەمگە بۇددا دىنى ئىبادەتخانىلىرىنى ئەسلىتىدۇ . قەلئەدىن تېپلغان بىر تاش پۈتۈكتىن قەدىمى ئۇيغۇرلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك مەنبەسپتارى بولۇشنىڭ مۆھىرىنى تاپتۇق . بىز شۇ دەۋرگە ئائىت تارىخنامىلەر ۋە پۈتۈكلەردىكى خاتىرىلەرگە ئاساسەن بۇ قەلئەنى ئۇيغۇرخانىلىقىنىڭ قاغانى مۇيۇنچۇر (مىلادىيە 747- يىدىن 759- يىلىغىچە تەخىتتە ئولتۇرغان) خوتۇنى نىڭگو مەلىكە ئۈچۈن سالدۇرغان بولۇشى ئېھتىمال ، دەپ قارىدۇق . »
  ئارخېئولوگىيىلىك تەكشۈرۈش خىزمىتى ئۇتۇقلۇق بولۇپ ، زور ئۈنۈم قازانغاندىن كېيىن رۇسىيە فېدىراتسىيسنىڭ رەئىس جۇمھۇرى ۋىلادېمىر پۇتىن 2007- يىل 13 – ئاۋغۇستتا رۇسىيىگە زىيارەتكە كەلگەن مۇناكۇ دۆلىتىنىڭ شاھزادىسى ئالبېرت 2 بىلەن توۋا جۇمھۇرىيىتىنىڭ مەركىزى قىزىل شەھىرىگە بېرىپ ئۇ يەردىن تىك ئۇچار ئايروپىلانىغا ئالمىشىپ پورباجىن قەلئەسى خارابىسى قېزىلىۋاتقان تېرىخول كۆلىگە بارغان ھەم خارابە ئىزىنى كۆزدىن كەچۈرگەن . پۇتىن مۇخبىرلارغا : «بۇ رۇسىيە تارىخىدىكى كۆلىمى زور تەكشۈرۈش تۈرى . پورباجىن قەدىمى ئۇيغۇرلار سالغان قەلئە» دەپ جاكارلىغاندىن كېيىن ، بۇ خەۋەر كىشىلەرنىڭ ئالاھىدە دىقىتىنى تارتتى .



  ئالىملار پورباجىىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى مۇيۇنچىرنىڭ بۇيرۇقى بىلەن تەمىر قىلىنغان دەپ قارىشىدۇ ؟ بۇنىڭ سىرى نىڭگو مەلىكە بىلەن مۇناسىۋەتلىك ، ئەلۋەتتە .
  نىڭگۇ مەلىكە كىم ، ئۇ قانداقسىگە مۇيۇنچۇر قاغانىغا خوتۇن بوپ قالغان ؟ بۇ سوئاللارغا بېرىلىدىغان جاۋاب پورباجىندىن ئىبارەت بۇ لايدىن ياسالغان قەلئەنىڭ سىرىنى يېشىپ بېرىدۇ .
  مۇيۇنچۇر قاغان ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقىنىڭ ئىككىنىجى ئەۋلاد قاغانى بولۇپ ، دادىسى قوتلۇق بېلىگە قاغان ئالەمدىن ئۆتكەندىن كېيىن 747- يىلى قاغانلىق تەختىگە چىققان .«جەسۇر ھەيۋىسى ئالەمگە تارالغان بىلگە قاغان» مۇيۇنچۇر باتۇر ھەم چېۋەر سەركەردە بولۇپ ، يېڭى قۇرۇلغان ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ ئاساسىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن «گوبى چۆللۈكى ۋە موڭغۇل يايلاقلىرىنى زىلزىلىگە كەلتۈرگەن ئاتلىق قوشۇن» تەشكىللىگەن، ئۇزاققا سوزۇلغان شىددەتلىك ئۇرۇشلار ئارقىلىق ئەتراپىدىكى دۈشمەنلىرىنى بويسۇندۇرۇپ ، خانلىقنىڭ تىرتوريىسىنى «ئىلگىرىكى ھون ۋە تۈرۈك ئىمپېرىيىلىرىنىڭ زېمىنى دائىرىسى» گىچە كېڭەيتكەن .
  رۇس تارىخىچىسى كېلياشتۇرنىي «مۇيۇنچۇر نۇرغۇن قوۋمنى ئاتاق-دېڭى بىلەن مەغلۇپ قىلغانىدى» دەپ يازغان. قىرغىز تارىخچى ئەنۋەر بايتۇر ئەپەندى ئۆز كىتابىغا «تاڭنامە.ئۇيغۇرلار» دىن ئالغان نەقىلدە « ئۇلار كەلگەن چاغدا ھەر قانداق ئادەمنى تىترەك باساتتى» دېيىلگەن . بۇنداق بولۇشىدا مۇيۇنچىرنىڭ ئۆزىلا باتۇر ھەم چېۋەر بوپ قالماستىن ئايالى ئېل بىلگە خاتونمۇ باتۇر ھەم پاراسەتلىك ئايال ئىدى . ئوغۇللىرى تاي بىلگە تۇتۇق يابغۇ ۋە ئېدىگەن مۇيۇيمۇ تەڭدىشى يوق باتۇرلاردىن ئىدى . شۇڭا ئۇيغۇرلار مۇيۇنچۇرنى «قارا قاغان» دەپ ئۇلۇغلايتتى . ئومۇمەن مۇيۇنچۇر قاغان سەلتەنەت سۈرگەن مەزگىلدە ئۇيغۇر خانىلىقىنىڭ كۈچ قۇدىرىتى ۋە شان شۆھىرىتى ناھايىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.دەل شۇ يىللاردا يەنى 750- يىللاردا تاڭ سولالىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن پاراكەندىچىلىككە دوچ كەلگەن . 751- يىلى تاڭ سولالىسى ئەراپلەر بىلەن تالاشتا بۇلغان ئوتتۇرا ئاسىيانى تالىشىش ئۇرۇشىدا تاڭ سولالىسىنىڭ كورىئان مىللىتىدىن بولغان داڭلىق سەركەردىسى گاۋشەنجى قاتتىق مەغلۈپ بولۇپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن چېكىنگەن . ئارقىدىنلا يەنى 755- يىلى ئۆڭلۈك-سۈيگۈن ئىسيانى يۈز بېرىپ ، قالايمىقانچىلىقنى چېكىگە يەتكۈزگەن .
  ئۆڭلۈڭ (ئەنلۇشەن) ئەسلىى يىڭجۇ (ھازىرقى لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنىڭ جىنجۇ شەھىرى) لۇق بولۇپ ، دادىسى غۇز ، ئانىسى تۈرۈك ئىدى . تەيۋەنلىك يازغۇچى ، داڭلىق تارىخىچى باي ياڭ ئەپەندى «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارىخ تېزىسى» ناملىق كىتابىنىڭ ئىككىنىجى توم «ئۆڭلۈڭ-سۈيگۈن ھەربىي ئۆزگىرىشى» دېگەن بۆلىكىدە ئۆڭلۈكنى «ئۇناھايىتى مەردانە ھەم قابىلىيەتلىك سەركەردە ئىدى» دەپ يازغان . شۇنداق بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك سەركەردە تاڭ سولالىسى پادىشاھى لى لۇڭجى ، يەنى تاڭ شۈەنزۈڭنىڭ ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىشىگە مۇيەسسەر بولغان . تاڭ شۈەنزۇڭ پۈتكۈل مەملىكەتنى ئون ھەربىي مەھكىمىگە بۆلۈپ ئىدارە قىلىش سىياسىتىنى يولغا قويغان بولۇپ ، لەشكىرى ھوقۇقنى ھەر قايسى ھەربىي مەھكىمە ھېراۋۇلنىڭ قولىغا تاپشۇرۇپ بەرگەن . ئۆڭلۈك سەركەردە پىڭلۇ ، خەنياڭ ، خىدۇڭ ، يەنى ھازىرقى چاۋياڭ ، بېيجىڭ ، تەييۈەندىن ئىبارەت ئۈچ ئايماقنىڭ ھېراۋۇلى ئىدى . ئۇنىڭ ئىلىكىدە 150 مىڭ كىشىلىك ئارىلاشما قوشۇن بولۇپ ئاساسەن تۈكى قەبىلىلەر ۋە قېتاللاردىن تەشكىللەنگەن باتۇر چەۋاندازلار ئىدى . ئۇ كۆپ قېتىم چاڭئەنگە كېلىپ خان بىلەن كۆرۈشكەن . مۇشۇ جەرياندا ئوردىنىڭ چىرىكلەشكەنلىكى ، ۋەزىر باشلىق مەنسەپدارلارنىڭ قولىدىن ئىش كەلمەيدىغانلىقى ئۇنىڭدا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان پادىشاھ تاڭ شۈەنزۈڭ ناھايىتى دانا پادىشاھ ئىدى . بىراق سەلتەنەت تەختىدە 40 يىلدىن ئارتۇق ئولتۇرغان بولغاچقا بارا-بارا بىخۇتلاشقان . ئۇ 61 ياشقا كىرگەن يىلى شاھزادىلىرىدىن بىرىنىڭ گۈزۈللىكتە تەڭدىشى يوق ئايالى – 26 ياشلىق ساھىبجامال ياڭيۈخۈەن (ياڭگۈيفىي) نى ئۆز ئەمرىگە ئېلىۋالغان ياشانغان پادىشاھ بۇ ساھىپجامالغا ناھاينتى ئامراق بولۇپ قالغان . شۇنىڭ بىلەن ئۇ ساھىپجامالنىڭ نەۋرە ئاكىسى ياڭگۇجۇڭنى ۋەزىرلىككە تەيىنلىگەن ، باشقا ئۇرۇق تۇغقانلىرىغىمۇ مۇھىم ھوقۇقلارنى بەرگەن . ياڭ گۇجۇڭ ۋەزىرلىككە ناباب ، پاسىق ئادەم بولغاچقا ئوردىدا چىرىكلىكنى يامرىتىۋەتكەن . بىر قېتىم ئۆڭلۈك بېيجىڭدىن چاڭئەنگە خان بىلەن كۆرۈشكىلى كەلگەندە ياڭ گۇجۇڭ ئۇنىڭدىن كۆپ پۇللۇق پارا سورىغان . ئۆڭلۈك بىر ئېغىز گەپ بىلەنلا رەت قىلىۋەتكەن ھەمدە ئۇنىڭغا تېگىشلىك ھۆرمەتمۇ بىلدۈرمىگەن . ياڭگۇجۇڭ بۇنداق كەمسىتىشكە چىدىماي ئۆڭلۈكنى ئۇجۇقتۇرۇش نىيىتىدە بولغان . شۇنىڭ بىلەن «خانغا قارشى چىقىش سۇيىقەستىدە بولغان» دېگەن بەتنامنى ئويدۇرۇپ چىقىپ پادىشاھقا كۆپ قېتىم چېقىمچىلىق قىلغان . ئەمما پادىشاھ ئىشەنمىگەن . يازغۇچى ، تارىخچى باي ياڭ ئەپەندىنىڭ «جوڭگۇلۇقلارنىڭ تارخ تېزىسى» ناملىق كىىتابىدا يىزىشىچە ياڭ گۇجۇڭ 755- يىلى «مەجبۇرلاپ توپىلاڭ كۆتۈرگۈزۈش» ۋاسىتىسىنى قوللىنىپ ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەندىكى قەسرىگە ئوردا ياساۋۇللار قوشۇنىنى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ قەسىردىكى مۇلازىملار ۋە مېھمانلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىچتىن ئۆتكۈزگەن . ئۇنڭ مەقسىتى ئۆڭلۈكنى تىرىكتۈرۈپ تىغ تارتىشقا قىستاش ئىدى . ئۆڭلۈك دېگەندەكلا بۇ قىرغىنچىلىقلاردىن قاتتاق چۆچۈگەن ھەم غەزەپلەنگەن . ئۇ پادىشاھقا ئەرز قىلىشنىڭ ھېچ قانداق پايدىسى يوقلۇقىنى بىلەتتى . چۈنكى بارلىق مەلۇماتنامە ياڭگۇجۇڭنىڭ ئالدىدىن ئۆتەتتى . شۇنىڭ بىلەن ئۆڭلۈك ئىسيان كۆتۈرۈش قارارىغا كېلىپ 150 مىڭ كىشىلىك قوشۇنغا ياڭ گۇجۇڭغا جازا يۈرۈشى قىلىمىز ، دەپ جاكارلىغان . نەتىجىدە 755- يىلى نويابىردا بۇ قول ئاستىدىكى تۈرۈك سانغۇنى سۈيگۈن بىلەن بىرلىكتە ئىسيان كۆتۈرۈپ چاڭئەنگە قاراپ قوشۇن تارتقان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى خۇشھال بولغان . چۈنكى ، ئۆكلۈكنىڭ بۇ ئىشى ئۇنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدەك بولغان . ئۇ ئەمدى ئۆڭلۈكنى ئۆز يولى بىلەن بابلاپ ئوجۇقتۇرغىلى بولىدىغان بولدى ، دەپ ئويلىغان . بىراق ئۆڭلۈكنىڭ ئارىلاشما قوغۇنى جەنۇبقا قاراپ توسالغۇسىز يۈرۈش قىلىپ ، 700 كىلىومېتىر ئىچكىرىلەپ ، خۇاڭخې ۋادىسىغا گويا كەلكۈندەك بېسىپ كەلگەن . تاڭ سۇلالىسىنىڭ داڭلىق سەركەردىلىرىدىن فېڭ چاڭچى ، گاۋ شەنجى لى گۇاڭبى قاتارلىقلار ئارقا – ئارقىدىن مەغلۇپ بولغان . تاڭ سۇلالىسىنىڭ پايتەختى چاڭئەن خەۋىپتە قالغان . ئوردىنىڭ ئىچى-تېشى پاتىپاراقچىلىق ۋەھىمىگە چۈشكەن . بىردىنبىر ئامال سەنشى ، شەنشى ۋە خېنەننىڭ مۇھىم ئۆتكىلى بولغان تۇڭگۈەننى مەھكەم ساقلاش بوپ قالغان . تۇڭگۈەن ئۆتكىلى قولدىن كەتسە چاڭئەننىڭ قولدىن كېتىشى بىردەملىك ئىدى.پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ تاڭ سۇلالىسى ھاكىمىيىتى مىسلىسىز خەۋپتە قالغان مۇشۇنداق ھالقىلىق پەيتتە،چارىسىز قالغان سەركەردە – سانغۇنلىرىغا قاراپ قاتتىق ئۆمۇتسىزلەنگەن ھالدا تۇڭگۈەننى زادى كىممۇ مۇستەھكەم ساقلاپ تۇرالار ؟ دېگەن سوئال ئۇنى قاتتىق قىينىغان.ئاخىرى ئۇ ئۈمىدىنى چاڭئەندىكى قەسىىرىدە كېسىلىنى داۋالىتىۋاتقان «غەرىپنى تىنجىتقۇچى سەركەردە   »دەپ نام ئالغان قوشۇخانغا باغلىغان.   
قوشۇخان تاڭ سۇلالىسىنىڭ سەركەردىلىىرى ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىىق سەركەردە بولۇپ،ئۇنىڭ دادسى كۇسەنلىك ،ئانىسى ئۇدۇندىكى كاتتا جەمەت بولغان ۋايجىرا جەمەتىدىن ئىدى .دادىسى كۇسەندىكى قوشۇ قەبىىلىسىنىڭ ئاقساقىلى ئىدى.تاڭ سۇلالىسىدىكىلەر ئۇنى قە)  بىلىسىنىڭ نامى بىلەن ئاتاپ قوشۇخان (哥舒翰) دەپ ئۇلۇغلىغان . ئۇ ناھايىتى قابىل سەركەردە بولغاچقا قول ئاستىدىكىلەرنىڭ ھۆزمىتىگە سازاۋەر بولغان  . پادىشاھ تاڭشۈەنزۈڭمۇ ئۇنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەن .چىڭخەيدىكى ئۇرۇشتا تۈبۈتلەرنى قاتتىق مەغلۇپ قىلىپ لىنتاۋنىڭ ئۇ تەرىپىگە قوغلىۋەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ شۆھرىتى ئالەمنى بىر ئالغان .
چىڭخەيدىكى پۇقرالار قوشاق توقۇپ :


شىمال ئاسمىنىدا چاقنار ئۈكەر يۇلتۇزى،
قىلىچ ئېسىپ تۇرار بۇندا قوشۇخان ئۆزى.

تۈبۈتلەر يايلاقتىن ھېچ كېچەلمەيدۇ ،
پېتىنىپ لىنتاۋدىن ھېچ ئۆتەلمەيدۇ .


دەپ ، قوشۇخاننىڭ تەڭداشسىز سەركەردە ئىكەنلىكىنى مەدھىيىلىگەن . ئۇنىڭ تاڭ سولالىسىنىڭ غەربىي قىسمىدىكى كۈچلۈك خانلىق بولغان تۈبۈتلەرنى باتۇرلۇق بىلەن توسۇپ تۇرۇشى تاڭشۈەنزۇڭنى بەك خوش قىلىۋەرتكەن . شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا «غەرىپنى تىقجىتقۇچى سەركەردە» دەپ نام بەرگەن . قىزىق يېرى شۇكى قوشۇخان بىلەن ئۆڭلۈكنىڭ مىجەزى پەقەت كېلىشەلمەيتتى ، ئىككىسى بىر يەرگە كەلسلا گەپ تالىشىپ قالاتتى . پادىشاھ تاڭشۈەنزۇڭ ئۇ ئىككىسىنى «دۆۋلەتنىڭ تۈۋرۈكى» دەپ قاراپ ، دائىم ئۇلارغا ئاغا ئېنى بوپقېلىڭلار دەپ نەسىھەت قىلاتتى . 752- يىلى بۇ ئىككىسى تەڭلا ئوردىغا كەلگەن . بۇ چاغدا ياڭ شۈەنزۇڭ مەھرەمبېگى ، ئاغۋات گاۋلىشىنى مەخسۇس ئۇلار ئۈچۈن زىياپەت ھازىرلاپ ، ئالاھىدە كۈتۈۋېلىشنى بۇيرۇغان قوشۇخان ئۈڭلۈكتىن نەچچە ئون ياش چوڭ ئىدى . شاراب زىياپىتىدە ئۆڭلۈك قوشۇخانغا يېقىنچىلىق قىلىپ : «مېنىڭ دادام غۇز ، ئانام تۈرۈك سېنىڭمۇ ئاناڭ غۇز ، داداڭ تۈرۈك ئىككىمىزنىڭ قېنىمىز بىر ، يېقىنراق ئۆتۈشكىنىمىز ياخشى» دېگەن . قوشۇخان بۇنىڭغا جاۋابەن «قەدىمكىلەردە دالادا تۈلدە ئۆز ئىنىگە قاراپ ھۈرىسە ، قوتۇر بولۇر ، دېگەن گەپ بار» دېگەن ئۆڭلۈك بۇنى «قوشۇخان ئۆزىنىڭ غۇز ئىكەنلىكىنى مەسخىرە قىلىۋاتىدۇ» دەپ قاراپ قاتتىق غەزەپلىنىپ ، بىگىز بارمىقىنى قوشۇخانغا تەڭلەپ تۇرۇپ : «سەندەك ياۋايى تۈرۈك مۇشۇنداق دېيىشكە قانداق پېتىندىڭ ؟!» دەپ تىللىغان . نەتىجىدە ئىككىسى ئەپلەشمەك تۈگۈل جېدەللىشىپ كەتكەن ، كېيىن ئۆڭلۈك ۋەزىر ياڭ گۇجۇڭ قوشۇخاننىڭ مەنسەپ – دەرىجىلىرىنى ئۈستۈرۈپ ئۆڭلۈك بىلەن روبىرو تۇرالايدىغان قىلىپ قويماقچى بولۇپ ، 754- يىلى ئۇنىڭ مەنسىپىنى يەنىمۇ ئۆستۈرگەن . كۈتمىگەن يەردىن مەي – شارابقا ئامراق قوشۇخان بىر قېتىم لەشكەرلىرىنى كۆزدىن كەچۈرگىلى بارغاندا ، شاراپتىن زەھەرلەنگەنلىكى تۈپەيلى ھاممامدا يۇيۇنۇۋېتىپ ھوشىدىن كەتكەن . باشقىلار خەۋەرسىز قالغاچقا خېلىغىچە سوغۇقتا قالغان . شۇ سوغۇق تەككەنچە قوشۇخاننىڭ  بويۇم ياللۇغى ئېغىرلاپ كەتكەن . ئامالسىزلىقتىن چاڭئەنگە قايتىپ قەسرىدە كېسىلىنى داۋالىتىپ، تالا-تۈزگە چىقماي ياتقان ، دەل شۇ مەزگىلدە پادىشاھ تاڭ شۈەنزۇڭ ئۇنىغا ئەڭ يۇقىرى ھەربىي مەنسەپنى بېرىپ ، 200 مىڭ لەشكەر بىلەن تۇڭگۈەننى ساقلاشقا بۇيرۇغان ، ئۆزى ئۇنىڭغا كاتتا ئىنئام بەرگەن . بارلىق ئەمەلىي ، قەلىمىي مەنسەپدارنى شەھەر سىرتىغىچە ئوزىتىپ چىقىشقا بۇيرۇغان قوشۇخان چاڭئەندىن چىقىپ تۇڭگۈەنگە بارغىچە تىت-تىت بولغان پادىشاھ ئۇنىڭغا كەينى-كەينىدىن يېڭىدىن يېڭى مەنسەپلەرنى بەرگەن . بېرىپ-بېرىپ ئاخىرى ۋەزىر دەرىجىسىگە تەڭ ئالىي مەنسەپ بەرگەن .
  قوشۇخان تۇڭگۈەنگە بېرىش بىلەن بىر مۇشاۋىرى ئۇنىڭغا «ئۆلۈكنىڭ توپىلاڭ كۆتۈرۈشتىكى شوئارى ياڭ گۇجىڭنى جازالاش ، دېمەك ئۇ ياڭ گۇجىڭنى يوقىتىشنى باھانە قىلغان . ئەگەر بىزدە 30 مىڭ لەشكەرنى تۈڭگۈەننى ساقلاشقا قويۇپ ، قالغان 170 مىڭ لەشكەر بىلەن چاڭئەنگە بېرىپ ، ياڭگۇجۇڭنى ئۆلتۈرۈۋەتسەك ، ئۆڭلۈكنىڭ چاڭئەنگە باستۇرۇپ بېرىشقا باھانىسى قالمايدۇ» دەپ مەسلىھەت بەرگەن . قوشۇخان بۇ پىلانغا قايىل بولغان بولسىمۇ ، لېكىن ئۇنداق قىلمىغان . لېكىن چېقىمچىلار بۇ مەخپىيەتلىكنى ياڭگۇجۇڭغا يەتكۈزۈپ قويغان . ياڭ گۇجۇڭ بۇنى ئاڭلاپ ئىنتايىن قورقۇپ ، تاڭ شۈەنزۇڭغا مەكتۇپ سۇنۇپ توختىماي مەسلىھەت بېرىپ ، قوشۇخاننى تۇڭگۈەننى ساقلاپ يېتىۋەرمەي ئۆڭلۈككە قارشى لەشكەر تارتىشقا دەۋەت قىلغان . قوشۇخان پادىشاھقا «ئۆڭلۈكنىڭ قوشۇنى توختىماي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلىپ پىشىپ كەتتى . مەن قوماندانلىق قىلىۋاتقان 200 مىڭ لەشكەر كۆپ يىلدىن بېرى بىر ئورۇندا تۇرۇپ مۇداپىئە كۆرۈشكە ئادەتلىنىپ كەتكەن . شۇڭا بىز مۇداپىئەدە تورۇپ توپىلاڭچىلارنى توسۇپ ، ئىچكى قىسمىدا پارچىلىنىش كۆرۈلگەندە ھۇجۇم قىلغىنىمىز ئەۋزەل» دەپ ، ئۆز پىكرىدە تۇرغان . بىراق ياڭ گۇجۇڭ توختىماي كۈشكۈرتۈۋەرگەچكە ئاخىرى پادىشاھ قوشۇخانغا قوشۇننى باشلاپ ئۆڭلۈك قوشۇنىغا قارشى ھۇجۇم قىلىشقا يارلىق چۈشۈرگەن . 756-يىلى قوشۇخان ئۆڭلۈكنىڭ قول ئاستىدىكى ناھايىتى ھىيلىگەر بىر سانغۇننىڭ قوشۇنىغا قوغلاپ زەربە بەرگەن، ئۆڭلۈكنىڭ بۇ سانغۇنى بىر تەرەپتىن ئۇرۇشۇپ، بىر تەرەپتىن قېچىپ قوشۇخاننىڭ 200مىڭ كىشىلىك قوشۇنىنى بىر تارچۇققا باشلاپ كىرىپ، ئۆزى ئالدى تەرەپتىكى ئېگىزلىكنى ئىگىلىۋەلغان . قوشۇخان جەنۇب تەرەپتە چىليەنشەن تېغى ، شىمال تەرەپتە خۇاڭخې دەرياسى ، ئالدىدىكى ئېگىزلىكتە دۈشمەن قوشۇنى توسۇپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ چۈچۈپ كەتكەن . قوشۇخان قىلتاققا چۈشكەنلىكىنى ، باشقا يول تۇتۇشقا كېچىككەنلىكىنى بىلىپ ، سالغا ئولتۇرۇپ ، دەريانىڭ ئوتتۇرىسىدا تۇرۇپ جەڭگە قوماندانلىق قىلغان . ئۇرۇش تولىمۇ دەھشەتلىك بولغان قوشۇخان ئۇرۇشتا يېڭىلىپ نەچچە يۈز چەۋەنداز بىلەن قورشاۋنى بۆسۈپ قاچقان . يول ئۈستىدە ئارام ئېلىۋاتقاندا قول ئاستىدىكى بىر سەركەردە ئۇنى باغلاپ ئۆڭلۈككە ئاپىرىپ بەرگەن .

داۋامى بار
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 09:27 , Processed in 0.214135 second(s), 28 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat