تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

پۇل بېرىپ ئۇيغۇرچە فونت ياسىتىمىز

يوللىغۇچى: gilantir| يوللانغان ۋاقتى: 2010-9-3 03:53| كۆرۈلۈشى: 170| ئىنكاس سانى: 14

ئەسلى يازما:  http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... &extra=page%3D1
داۋامى:  http://www.bilik.cn/bbs/viewthre ... &extra=page%3D1


     مەن بىلىكتە بۇ يازمىنى كۆرگەندىن كىيىن، ئۆزۈم بۇ جەھەتتە ھىچنىمە ئۇقمىساممۇ لىكىن بۇ بىر ياخشى ئىشكەن دەپ بىلدىم، ئۇ يەرگە ئىنكاس يوللاي دىسەم ھازىر يىڭى ئەزا قوبۇل قىلمايدىكەن، مىنىڭ دىمەكچى بولغۇنۇم قۇرۇق گەپنى ئاز قىلىپ ئاۋال پۇلنى يىغىش قىلىۋالساق، بىرسى باش بولۇپ بانكا كارتا نۇمۇرىنى قالدۇرسا ئاندىن باشقا ئىشلارنى مەسلىھەت قىلساڭلار ياخشىمىكىن دەپ ئويلۇدۇم.
ئاتىكاچىلىق قىلغان بولسام كەچۈرگەيسىلەر.
    مەنمۇ ئىككى بالامنى ئاران بىقىۋاتقان بىر ئەمگەك كۈچىگە ئىگە ئاددى ئادەم شۇڭا 100يۇەن ئاتاپ قويدۇم، تاما-تاما كۆل تولار دەپتىكەن،جىق گەپ ئىشەككە يۈك ، گاچچىدا باشلايلى!
    مۇشۇ يازمىنى خاپا بولماي ئىنتىلدىكىلەر بىلىككە يوللاپ قويساڭلار، رەھمەت.

يېڭى ئىنكاسلار

Ozhan 7  كۈن ئالدىدا
ياخشى كۆڭلىڭىزگە كومپىيوتېر ھەۋەسكارى سۈپىتىم بىلەن رەھمەت ئىيتىمەن ، رەخمەت سىزگە .
بىراق ، ئەسلى تىمىدا ئىيتىلىپ ئۆتكەندەك «فونىت ياسايدىغانلار ، ھەم ياسىغۇچىلارنىڭ پىكىرى » تولۇق چىققاندىن كىيىن پۇلنىڭ سوممىسى بىكىتىلىپ ئاندىن پۇل يىغىش كىرەك ، دىگەن يەكۈنلەن چىقىرىلغان ، شۇ بويىنچە سىزمۇ مەلۇم ۋاقىت ساقلاپ تۇرسىڭىز بولارمىكىن .
Sezgurboy 7  كۈن ئالدىدا
فونت ياسايدىغان ئىش ھەقىقەتەن ئەھمىيەتلىك ئىشتۇر.
ياسىسا ئۆزىمىز ئۈچۈن ياسايدۇ، بۇنىڭغا كۈچ قوشۇش ھەممىمىزنىڭ قىلىشقا تىگىشلىق ئىشى.
نەچچە پۇلغا ياسايدىكەن؟ كىم ياسايدىكەن؟ تەشكىللىگۈچى كىم؟
بۇ ئىش يالغۇز بىلىك مۇنبىرىدىكىلەرنىڭلا ئىشى ئەمەس ھەممىمىز كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش.
ئۆزخان ئىيتقاندەك بىلىكتىكىلەر  مۇنبىرى ئاۋال مەسلىھەتىنى پىشۇرسۇن.
yolum 7  كۈن ئالدىدا
ياخشى  نىيەت ئىكەن.
قوپال بولسىمۇ بىر سۇئالنى سوراي ( بىلىكتە مۇشۇنداق سۇئالنى سورىغان ئادەمنىڭ سۇئالى ئۆچۈرۈلدى، ھەم بىلىككە كىرگىلى بولمايدىكەن، شۇڭا بۇ يەردە سوراپ باققۇم كەلدى. )
1- نېمە ئۈچۈن فونت ياسىتىدىغان بولۇپ قالدۇق؟ ھازىر فونتلىرىمىز ئۆلچەملىشىپ قالغانغۇ؟  ئالپ سوفت، ئۇيغۇر سوفتلارنىڭ فونتلىرى، UKIJ فونتلىرى يەنە ئۆلچەمسىز بولۇپ قاپتۇمۇ؟
2- بۇ ئىشنىڭ بېشى كىم ؟ قانداق سالاھىيەتتىكى ئادەم؟ بۇ ئىشقا باشتىن ئاخخر ئىگە بولالامدۇ؟ ياكى يەنە 4 كۈندىن كېيىن « ئاتقا چۆپنى كىم سالۇر؟» بولۇپ، يەنە' ئۇنداق ئۆلچەم، بۇنداق ئۆلچەمگە چۈشمەيدىغان بولۇپ قالارمۇ؟
3- بۇلتۇر UKIJ فونتلىرىدىكى مەسىلىنى ئوڭشاش چاقىرىق قىلىنغان ، بىرمۇنچە مۇنازىرە، ئەمگەكلەر بولۇنغان. بىلىشىمچە ئالپ سوفت شىركىتى كۆپ كۈچ چىقارغان ئىدى. باشقىلار قانچىلىك ئىش قىلدى بۇنى تازا ئۇقمايمەن.  ھەر يىلى بىردىن چاقىرىق بولىۋاتىدۇ.  مەن بۇ قېتىمقىسىنىڭ باش- ئاخىرى بىردەك قىزغىن چاقىرىق بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

سۇئاللىرىمنىڭ قانائەتلىنەرلىك جاۋاپقا ئىرىشسە دەيمەن.
cukkunt 7  كۈن ئالدىدا
ماۋۇ سۇئالغا كۆمۈلۈپ قالغان ئىنتىلداشلار بولسا بىلككە كىرىپ مۇناسىۋەتلىك تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىققان بولساڭلار بۇنچە «خىيالچان» بولمىغان بولاتتىڭلار
yarkanboy 6  كۈن ئالدىدا
يولۇم ئەپەندىگە جاۋاپ  :          بۇ ئىشنى باشلىغانلار ..........  مىنىڭ بىلىكتىكى 4 يىللىق تارىخىمدىن قارىغاندا ..............  ئادەتتىكى .........گىپىنىڭ بىشىنى چىقىرىپ قويۇپ ئاخىرىغا ئىگە بولمايدىغان   ئادەملەر ئەمەس ................  ئۇ ئادەملەر   مىللىتىمىزنىڭ كومپىيۇتىرچىلىق تەرەققىياتى ئۈچۈن كىچە كۈندۈز ، ئۈنتىنسىز ..... ئىشلەۋاتقانلار ..............بۇلارنىڭ   ھازىىرغىچە  ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىغا قوشقان     تۆھپىسىگە .. مەن   ھەم جۈملىدىن بارلىق   بىلىك خەلقى قايىلمىز.............ھەم   قايىل بولماي  تۇرالمايمىز ....................  
ئەمدى يەنە نىمە ئۈچۈن فونىت ياسايمىز................. دىگەنگە كەلسەك ........  بۇنى مەنمۇ بەك تولۇق   چۈشىنىپ كىتەلمىسەممۇ .................  ئۆزەمنىڭ چۈشىنىشىمچە  ........  ئۇلار  ھازىر ھەقىقى  خەلقئارادىن ئىتراپ  قىلغۇدەك .........يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىگە قانۇنلۇق ئىتراپ قىلغۇزغىدەك  فونىت ياساشنى مەقسەت  قىلامدىكىن   ھەقىچان ...............يەنى بارلىق يۇمشاق دىتاللارغا ئوخشاش  بىر فونىت ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلامدىكىن دەيمەن ............... چۈنكى ..  ........... مىكروسوفىت ئۆز ئالدىغا بىر ئۇيغۇرچە فونىت ئىشلىتىدۇ ............  ئالما  شىركىتىمۇ  ئۆز ئالدىغا بىر ئۇيغۇرچە فونىت ئىشىلىتىدۇ .............يەنە باشقا دىگەندەك ........................  مىنىڭ  بىلىشىم  مۇشۇنچىلىك ..........................  
لىكىن ئەڭ ئاخىرىداشۇنى يەنە ئەسكەرتىپ قويايكى ..................  سىز ئۇلارنى بوش   چاغلىماڭ .......................  ئۇلارغا    ھەقىقى ئىشەنسىڭىز بولىدۇ .............. ئۇلار   مىللەت ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشتا، مىللەت ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈشتە  بىز ئۈچۈن  ماياك .........................

yolum 4  كۈن ئالدىدا
yarkanboy چۈشەنچە بەرگىنىڭىزگە رەھمەت،
جۈملىدىن بارلىق   بىلىك خەلقى قايىلمىز
بۇ قانداق گەپ ئەمدى؟  خاتا يېزىپ قالدىڭىزمۇ نېمە؟
ئەمدى يەنە نىمە ئۈچۈن فونىت ياسايمىز................. دىگەنگە كەلسەك ........  بۇنى مەنمۇ بەك تولۇق   چۈشىنىپ كىتەلمىسەممۇ
مەنمۇ سىزدەك تولۇق چۈشىنەلمەي سۇئال سورىغان.
ئاخىرىداشۇنى يەنە ئەسكەرتىپ قويايكى ..................  سىز ئۇلارنى بوش   چاغلىماڭ .......................  ئۇلارغا    ھەقىقى ئىشەنسىڭىز بولىدۇ
ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى مەنمۇ تور يۈزىدە بىلىمەن، نۇرغۇن ئادەم سىزگە ئوخشاش تور يۈزىدە بىلىدۇ...
رەھمەت سىزگە، پىلاندا يېڭىلىق بولسا ۋە قارارلانسا خەۋىرىنى بىرىۋىتەرسىز. ئەلبەتتە مېنىڭمۇ ئۆزەمگە چوۇشلۇق كۆڭلۈم بار.
Sezgurboy 3  كۈن ئالدىدا
ئىلگىرىلەش بارمۇ يوق؟ خەۋەردار قىلمامسىلەر؟
ibrat 3  كۈن ئالدىدا
كۆڭۈلغۇ مەندىمۇ بار ئىدى، لىكىن مەنمۇ شۇنڭغا ھەيران، ئەجىبا بىزنىڭ ھازىرقى فونىتلىرىمىز ھاجەتتىن چىقالمىدىما، تىخىمۇ چىرايلىق باشقا شەكىللەردە ياسىسىغۇ بىر گەپ، لىكىن ئاتىكاچلىق بولسمۇ دەپ قوياي، ئەگەر كىمدە كىم سەۋەپسىزلا يوق يەردىن پۇتاق چىقرىپ كونۇپكا تاختىسىدىكى ئورۇننى، (a نى باسسا ئا      چىقسۇن دىگەندەك ) ئوزگەرتىمىز دەيدىكەن مەن ئۇنڭغا چىن قەلبىمدىن قارشى، بىر يەرنىڭ بەك يوغان باشلىقى بولغان ھالەتتىمۇ!
Ozhan ئۈلۈشكۈن  10:30
كىچىك بولساممۇ ، ھوقوقۇم يەتمىسىمۇ ، تولۇق چۈشۈنۈپ كەتمىسەممۇ ئەسكەرتىپ قويسام !
1- پۇل بېرىپ ئۇيغۇرچە فونت ياسىتىمىز ناملىق تېما مىنىڭچە بىز ئۈچۈن ياسىلىدىغان فونىت بولغاچقا تەشۋىق ھالەتتە بۇيەرگە يوللانغا بولۇشى مۇمكىن ( قوش قوللاپ قوللايمىز ) بەلكىم ئاپتورنىڭ بۇيەرگە تېما يوللانغانلىقىدىن خەۋىرى يوق سوئاللارغا جاۋاب بىرەلمەيدۇ .
2- مۇمكىن بولسا سوئال سورىغانلار ئەسلى تېمىنى باشتىن ئاخىرى تەپسىلى كۆرگەندىن كىيىن ئەسلى تېمىغا سوئال سورىساڭلار . بىلىكنى ھازىر cn ئىسىمدا زىيارەت قىلغىلى بولمايدۇ ، شۇڭا biz ئىسىمدا www.bilik.biz دا زىيارەت قىلىڭلار .
Ozhan ئۈلۈشكۈن  10:38
ئىنكاس قايتۇرۇش yolum نىڭ تېمىسى
كۆپ بىلمىسەممۇ ئازتولا چۈشەنچە بىرىپ باقاي ، ھازىرقى بار ئۇيغۇرچە فونىتلار ئىچىدە ئۆلچەملىكرەك دەپ ئاتالغانلىرى دەل سىز تەۋسىيە قىلغان فونىتلار ، بىراق بىز ياقتۇرۇپ ئىشلتىپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇرچە فونىتلاردىن ukij tuz tom نىڭ ئازتولا خاتالىقلىرى بار بولۇپ بۇنى تۈزىتىپ بولۇنمىدى ، بۇ بىر سەۋەپ ، باشقا سەۋەبلەر بولساukij tuz tom نىڭ ئىنگىلىسچە ۋە بەزى بىر ھەرىپلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقوقى بىزدە ئەمەس ، باشقىلار ياسىغان فونىتتىن ئۆرنەك ئىلىپ \ كۆچۈرۈپ ياسالغان سەۋەب شۇ ، باشقا فونىتلاردىمۇ بۇ مەسىلە يوق ئەمەس .ۋاقتىڭىز يەتسە بىلىكتىكى ukij tuz zom توغرىسىدىكى يازمىلارنى ئىزدەپ دىققەت قىپ قويسىڭىز .
Ozhan ئۈلۈشكۈن  10:39
بىلىكتىكى ئاشۇ تېمىدىن ئازتولا ئۆرنەك ئىلىندى .

ئالدىنقى مەزگىللەردە، ئۇبۇنتۇنى تەرجىمە قىلىۋاتقان جەرياندا، غەيرەت ئەپەندىم بىلەن مەن مەسلىھەتلىشىپ، نەشىر ھوقۇقىغا خىلاپ بولمىغان سۈپەتلىك ئۇيغۇرچە فونتلاردىن بىر قانچىنى ئۇبۇنتۇ سىستېمىسىغا تېگىدىن قوشىۋېتىشنى ئويلاشقان ۋە بۇ ھەقتە مىدىرلاپمۇ كۆردۈق. تۇرسۇن ئەپەندىم ۋە ئالىم ئەپەندىملەرگە بۇ ئىشلارنى ئېيتتۇق. ئۇلارمۇ قىزىغاندا قىزىپ، ئانچە-مۇنچە قول تىقىپ قويۇپ، كېيىن ئىشلىرى ئالدىراش بولۇپ كەتتىمۇ، ئۇنتۇپ قالدى. (ھازىرقى مەۋجۇت بىرمۇ ئۇيغۇرچە فونت تېخى تەلەپكە يەتمەيدۇ.)

ئۇيغۇرلار كومپيۇتېر دۇنياسىغا قەدەم تاشلىغان 10 نەچچە يىلدىن بۇيان، نى-نى ئىشلار بولدى، شىركەتلەر قۇرۇلدى، ۋەيران بولدى، ئەزىمەتلەر يېتىشىپ چىقتى، فونتلار، كىرگۈزگۈچ، كۇنۇپكا تاختىلىرى، يۇمشاق دېتاللار توختىماي ياسالدى. لېكىن بىزنىڭ تۇتامىغا چىققۇدەك بىرمۇ ئۇيغۇرچە فونتىمىز بولمىدى.

تامام .
Sezgurboy ئۈلۈشكۈن  17:03
ئۆزخان ئەپەندىمنىڭ بىزگە يەتكۈزگەن ئۇچۇرىغا رەھمەت.
yolum ئۈلۈشكۈن  19:07
ئىنكاس قايتۇرۇش Ozhan نىڭ تېمىسى
جاۋابىڭىزغا رەھمەت، مۇنۇ سۇئالنىمۇ سوراپ باققۇم بار:
بۇ ئىشتا نېمە ئۈچۈن ئالدى بىلەن ukij نىڭ مەسلىھەتى ئېلىنمايدۇ؟

yolum ئۈلۈشكۈن  19:26
ئېگلېنىڭ تېمىسى :  پۇل بىرىپ فونت ياسىتىمىز http://www.bilik.biz/bbs/viewthr ... &extra=page%3D1
فونت ياسىتىش مەسلىھەتى  ( كۆرۈش ھوقۇق چىكى 80 ئىكەن)
جېك نىڭ تېمىسى :   http://www.bilik.biz/bbs/viewthr ... &extra=page%3D1

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-9-10 05:51.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.