- توردا
 - 677 سائەت
 - ئاخىرقى قېتىم
 - 2012-4-16
 - تىزىملاتقان
 - 2010-8-7
 - شۆھرەت
 - 4879 
 - تىللا
 - 2651 
 - تۆھپە
 - 2990 
 - ھوقۇقى
 - 200
 - جۇغلانما
 - 16457
 - ئالبوم
 - 1
 - بلوگ
 - 0
 - خاتىرە
 - 1
 - يازما
 - 1058
 - تېما
 - 468
 - نادىر
 - 0
 - ھەمبەھر
 - 4
 - UID
 - 176
  
 
 
 
   
- تۆھپە
 - 2990 
 - تىللا
 - 2651 
 - شۆھرەت
 - 4879 
 
 
 
 
 
 
 
 | 
 
ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن مۇڭدىشىشقا ۋاقىت چىقىرىڭ. سىرتتىكى تۇرمۇشنىڭ قانچىلىك رەڭدار بولۇشىدىن قەتئىينەزەر ، ھەر بىر ئادەم كۆڭۈل سىرلىرىنى ئىزھار قىلالايدىغان سىرداش ھەمرىيىنىڭ بولۇشىنى ئارزۇ قىلىدۇ ، شۇڭا ھەر قانچە ئالدىراش بولسىڭىزمۇ ، ھەر كۈنى ئائىلىڭىزدىكىلەر بىلەن پاراڭلىشىپ ، مۇناسىۋىتىڭىزنى تېخىمۇ ياخشىلاڭ .  
  
. ياخشى ئۇخلاشقا تىرىشىڭ. ئۇيقۇ سۈپىتى ئۇخلىغان ۋاقىتنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىغىدىنمۇ مۇھىم. ھەددىدىن ئارتۇق ئۇخلاش ۋە ئۇيقۇسىزلىق سالامەتلىككە زىيانلىق .  
  
. خىزمەتمۇ ، كۆڭۈل ئېچىشمۇ بولۇشى كېرەك. پەقەت باش چۆكۈرۈپ ئىشلەشنىلا بىلسەك ، قىزغىنلىق بولمايدۇ ، بىرەر خاتىرە تەييارلاپ ، قىستۇرما رەسىم ، يۇمۇرلارنى توپلىساق ، بىكار قالغاندا ئېلىپ ۋاراقلاپ قانغۇدەك بىرنەچچە رەت كۈلىۋالساق ياخشى ئەمەسمۇ . خىزمەت ۋە تۇرمۇشىڭىزدا كۈلكە ، خوشاللىق كەم بولسا ، روھى كەيپىياتىڭىز ئوسال بولىدۇ ئەلۋەتتە .  
  
. تاماق يەۋاتقاندا ، تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۋېتىڭ . تاماق يەپ ئولتۇرۇپ تېلېۋىزور كۆرۈش ئاسانلا سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ . شۇڭا بالىلار ياكى چوڭلار بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ، تاماق يەۋاتقاندا تېلېۋىزورنى ئۆچۈرۈۋېتىپ ، كۆڭۈل قويۇپ تاماق يىيىش ، داستىخاندىكى نىممەتلەردىن ھۇزۇرلىنىش ئەڭ ياخشى ئادەت .  
  
. تەبىئەتنى ئۆيىڭىزگە «ئەكىرۋېلىڭ» . تەبىئەتكە سىڭىپ كەتكەندىكى تۇيغۇ ئادەمنىڭ ھاردۇقىنى چىقىرىدۇ ، بېسىمنى يېنىكلىتىدۇ . ئىشخانا ياكى ئۆيدە نەچچە تەشتەك گۈل ئۆستۈرۈش ، بېلىق بېقىش قاتارلىقلار كۆڭۈلنى ئاۋۇندۇرىدۇ .  
  
.ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەركەت قىلىڭ. ھەر كۈنى يېرىم سائەت ھەركەت قىلىش سىزگە نۇرغۇن پايدا ئېلىپ كېلىدۇ . يۈرەك كېسىلى ، دىئابىت كېسەللىكى ، سۆڭەك شالاڭلىشىش ، سېمىزلىك قاتارلىق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئالالايسىز ، ھەتتا كەيپىڭىز چاغ ، ئشەنچىڭىز تولۇق بولىدۇ .  
  
.چىشىڭىزنى پاكىز ساقلاڭ. چىشنى ئاسراش يۈرەكنى قوغدىغانغا باراۋەر ، ئامېرىكا چىش كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسلىرى چىش كېسەللىكى بارلارنىڭ ئاسانلا ئارتېرىيە قېتىش كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىغانلىقىنى دەلىللىگەن .  
  
.ئۇزۇقلۇق مول بولغان ناشتىلىق تاماق يەڭ. ئەتتىگەندە ئۇزۇقلۇق مول بولغان تاماق بىلەن ناشتا قىلسىڭىز ، شۇ بىر كۈندە ئوي- پىكرىڭىز ئۆتكۈر ، ئىنكاسلىرىڭىز تېز ، ئۆگىنىش ۋە خىزمەت ئۈنىمىڭىز يۇقىرى بولىدۇ .  
  
. كۈندە بەش خىل مىۋە ، كۆكتات بولسۇن. مىۋە- چىۋە ، كۆكتاتلارنى كۆپ يەيدىغان كىشىلەر راك كېسەللىكى ۋە يۈرەك كېسەللىكلىرىنىڭ خەۋىپىنى ئازايتالايدۇ .  
  
. تاماكا تاشلاڭ. بىر تال تاماكا خىلدىن ئارتۇق خىمىيىلىك ماددا ئاجرىتىپ چىقىرىدۇ . بۇنىڭ ئىچىدىكى نەچچە خىلى راك پەيدا قىلغۇچى ماددا بولۇپ ، تاماكا چېكىدىغانلارنىڭ راكقا گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭ ھەسسىسىگە باراۋەر . تاماكا تاشلاش يەنە ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ئاسرىغانلىق ھېسابلىنىدۇ ، چۈنكى تاماكا ئىسىدىن بالىلار تېخىمۇ ئېغىر زىيانغا ئۇچرايدۇ .  
  
ئەسلى مەنبە : ھاياتلىق ژورنىلى 
كۆچۈرمە مەنبە:http://bbs.misranim.com/read.php?tid=63022 |   
 
  
 |