- توردا
- 599 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-30
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 3272
- تىللا
- 1670
- تۆھپە
- 2036
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 11009
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 759
- تېما
- 273
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 176
- تۆھپە
- 2036
- تىللا
- 1670
- شۆھرەت
- 3272
|
«چاچ ئۆرۈش»ئويۇنى
«چاچ ئۆرۈش»ئويۇنى-ئۇيغۇر قىز ئۆسمۈرلىرى ئوينايدىغان،روشەن خاسلىققا ئىگە بىر خىل ئويۇن تۈرىدۇر.
بۇ ئويۇن ياز ۋە كۈز پەسىللىرىنىڭ ھاۋا ئوچۇق(ھۆل-يېغىنسىز)كۈنلىرى ئېرىق-ئۆستەڭ بويلىرىدا قىزلار تەرىپىدىن ئوينىلىدۇ.ئويۇنغا قاتناشماقچى بولغان يەتتە-سەككىز قىز بىر يەرگە جىم بولۇپ،ئۆز ئالدىغا چاچلىرىنى چۇۋۇپ-تاراپ تەييارلىنىدۇ.ئۇلار ئىچىدىن بىر قىز ئويۇن رىياسەتچىسى قىلىپ سايلىنىدۇ،
رىياسەتچى قىز باشقا ئىش قىلماي،ئويۇن كۆرسىتىدىغانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىپ،ئاخىرىدا لىللا دەرىجىگە ئايرىيدۇ؛چېچىنى تەلەپكە لايىق ئۆرۈيەلمىگەنلەرنى بەلگىلىك مۇددەت ئىچىدە قايتا ئۆرۈشكە بۇيرۇيدۇ،يەنىلا ئۆرۈيەلمىسە«جازا»بېرىدۇ.ئويۇن رىياسەتچىسى قىزنىڭ ئىجازىتى بىلەن باشلىنىپ،قىزلار بەس-بەستە چاچ ئۆرۈيدۇ.
شەرت:چاچ چوڭ-كىچىكلىكى ئوخشاش قىرىق تال(ئويۇن باشلىنىشتىن ئاۋۋال قانچە تال ئۆرۈش بېكىتىلگەن بولسا،شۇ بويىچە بولسىمۇ بولىدۇ)ئۆرۈلۈشى،چاچ ئۆرۈگۈچىنىڭ ھەرىكىتى تېز،قائىدىلىك،كۆركەم بولۇشى،ئۆزئارا پاراڭ سېلىشماسلىقى،چاچ ئۆرۈۋاتقان قىزلار بىر-بىرىگە قاراپ رەتلىك ئىككى سەپ تۈزۈپ ياكى ئىككى قىز بىر-بىرىگە قاراپ ۋە ياكى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشى؛قانداق ئولتۇرۇشىدىن قەتئىينەزەر،چاچ ئۆرۈۋاتقان تەرەپكە سەل-پەل ئېگىلىپ،قىزلارغا خاس ئەۋرىشىملىكنى نامايان قىلىشى،تازىلىققا ئەھمىيەت بېرىپ،ئۇچىسىدىكى كىيىم-كېچەكنى پاكىز تۇتۇشى لازىم.
ۋاقىت جەھەتتىن،ئويۇن رىياسەتچىلىكى ھەربىر قىزغا بىر قېتىمدىن ئايلانغانغا قەدەر داۋاملىشىپ،يېڭىلگەنلەرگە«جازا»بېرىش بىلەن تاماملىنىدۇ.
«ئۇيغۇر بالىلار ئويۇنى(2)»دېگەن بىتىكىن(كىتابتىن)ئېلىندى.
داۋامى بار. |
|