- توردا
- 449 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-10
- تىزىملاتقان
- 2011-4-5
- شۆھرەت
- 1220
- تىللا
- 1126
- تۆھپە
- 605
- ھوقۇقى
- 40
- جۇغلانما
- 4411
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 4
- يازما
- 230
- تېما
- 20
- نادىر
- 2
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2024
- تۆھپە
- 605
- تىللا
- 1126
- شۆھرەت
- 1220
|
ئەھۋالغا قاراپ ئىش كۆرۈش ئەقىل- پاراسەتنىڭ سىناق تېشى.
مولئېر [فىرانسىيە]
بىر ئادەم تىرىشىپ ئۆزىنى يۈكسەلدۈرگەندىلا، ئاندىن ھەقىقىي ئادەمگە ئايلىنالايدۇ.
مالراۋ [فىرانسىيە]
ئادەمنىڭ ئەقىل – پاراسىتى تەجرىنىڭ ئاز- كۆپلىكىدە ئەمەس، بەلكى تەجرىبىدىن پايدىلىنىش ئىقتىدارىنىڭ كۈچلۈك- ئاجىزلىقىدا.
بېرنارد شاۋ [ئىرېلاندىيە]
ھەممە ئىشتا دېگۈدەك، تەجرىبە نەزەرىيەدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ.
كۇينتىلىئان [قەدىمكى رىم]
گۈزەل ئەخلاق ياقۇتقا ئوخشايدۇ. ئۇ ئاددىيلىق ئىچىدە تېخىمۇ جۇلالىق كۆرۈنىدۇ.
باكۇن [ئەنگلىيە]
ئىلىم- پەندىكى نۇرغۇن بۆسۈش ۋە يېڭى قاراشلارنىڭ ھەممىسى يۈرەكلىك گۇمانىي قاراش ۋە تەسەۋۋۇردىن باشلانغان.
ماۋ يىشېڭ [جۇڭگو]
بەزى نەرسىلەرنى ئۆزگەرتمەكچى بولساڭ، ئالدى بىلەن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوشۇل قىلىشىڭ كېرەك.
سارترې [فىرانسىيە]
بالىلار بىزنىڭ كەلگۈسىمىز، چۈنكى كەلگۈسى بالىلارغا مەنسۇپ،
سۇڭ چىڭلىڭ [جۇڭگو]
ئىدىيە ھەركەتنىڭ باشلامچىسى.
ئېمپرسۇن [ئامېرىكا]
باشقىلارنىڭ خاتالىقىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىدىن قورقمىغاندىلا، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ.
دىك لىڭ [جۇڭگو]
ھەر بىر ئادەم ئوخشاشمىغان تەربىيە سەۋەبىدىن ئۆزلىرىنىڭ ئىشلىرىدىن ئۆكۈنىدۇ ياكى پەخىرلىنىدۇ.
سپىنوزا [گوللاندىيە]
بىزنىڭ ھەر بىرىمىزدە باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ئۆزىمىزنى كۆرەلەيدىغان ئەينەك بولىدۇ.
شوپېنخاۋېر [گېرمانىيە]
ئادا قىلىنمىغان بىر بۇرچ ئادەمنىڭ پۈتكۈل ھاياتىنى خۇنۈكلەشتۈرۈپ قويىدۇ.
بالزاك [فىرانسىيە]
تەربىيەنىڭ يىلتىزى ئاچچىق، مېۋىسى تاتلىق.
ئارىستوتېل [يۇنان]
ئۈمىدسىز ھايات ھايات ھېسابلانمايدۇ، كەلگۈسى بولمىغان ھايات ئەڭ مەنىسىزدۇر.
ئىكېدا دايساگۇ [ياپونىيە]
ئادەمنىڭ ئەڭ چوڭ رەقىبى ئۆزى، ئۆزىنى يېڭەلىگەن ھايات كۆڭۈللۈك ھايات، يېڭەلمىگەن ھايات نادامەتلىك ھاياتتۇر.
ياۋ خۇافېي [جۇڭگو]
مائارىپ بولمايدىكەن، بىلىم، ئىقتىدار، كەسپچانلىق بولمايدۇ، بىر مىللەتنىڭ ئىقتىدارىنىڭ قوزغاتقۇچىسى ۋە تەشكىللىگۈچىسىمۇ بولمايدۇ.
لانگۇئېلان [فىرانسىيە]
ئىنسانلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىشى تولىمۇ قىيىن، شۇڭا ئۇلار بار بولغان شەكىلنى مۇقەددەس مىراس دەپ قارايدۇ.
مومسېن [گېرمانىيە]
پەقەت تەربىيە كۆرگەن ئادەملا ھەقىقىي ئەركىنلىككە ئېرىشىدۇ.
ئېپىكتېتۇس [قەدىمكى رىم]
ئەقىل ئىگىسىنىڭ رەقىبىدىن قوبۇل قىلغان ئارتۇقچىلىقى ناداننىڭ دوستىدىن قوبۇل قىلغان ئارتۇقچىلىقىدىن كۆپ بولىدۇ.
فرانكلىن [ئامېرىكا]
دوستانە بېرىلگەن چىرايلىق نەسىھەت – ئەڭ ياخشى دورا.
باكۇن [ئەنگلىيە]
مىجەز- خارەكتىرنىڭ تەربىيەلىنىشى باشقىلار ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭ تۇرمۇش ئىقتىدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈندۇر.
ئىكېدا دايساكۇ [ياپونىيە]
ساپ تەجىربىنى قوبۇل قىلىپ، شۇ بويىچە ئىش كۆرگەن ئادەم يېتەرلىك ھەقىقەتكە ئېرىشەلەيدۇ.
گيوتې [گېرمانىيە]
چوڭ ئىشلارنى ۋۇجۇتقا چىقىرىش ئۈچۈن، ئىشنى كىچىكتىن باشلاش كېرەك.
لېنىن [سابىق سوۋېت ئىتتىپاقى]
ئادەمنىڭ بىلىمى قانچە كۆپ بولسا، قىممىتى شۇنچە ئاشىدۇ.
روبېرت [ئەنگىلىيە]
ئاۋال ئوبدان كۈزىتىپ، ئاندىن پەيت تاللاپ ئىش تۇتۇش ئەقىل- پاراسەت سەنئىتىنىڭ بەلگىسىدۇر.
ھومېر [يۇنان]
ئىقتىدار ئۆگىنىش جەريانىدا يېتىلىدۇ.
جاسپېرس [گېرمانىيە]
تېخنىكا ئىنسانىيەتكە بەخت يارىتىشىمۇ، ئىنسانىيەتنى ۋەيران قىلىۋېتىشىمۇ مۈمكىن.
نائىسبېت [ئامېرىكا]
ھەر قانداق ئادەمنى كەچۈرىۋېتىش ۋە ھېچقانداق ئادەمنى كەچۈرمەسلىك ئوخشاشلا رەھىمسىزلىك.
سېنېكا [قەدىمكى رىم]
ئۆز ئارا يول قويغاندىلا، تۇرمۇشنى جەمئىيەتتە داۋاملاشتۇرغىلى بولىدۇ.
جونسۇن [ئەنگلىيە]
مەنبە: شىنجاڭ مائارىپى 2011- يىل 7-8- سانىدىن ئېلىندى |
|