- توردا
- 58 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2011-10-26
- تىزىملاتقان
- 2011-6-22
- شۆھرەت
- 408
- تىللا
- 189
- تۆھپە
- 295
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 1357
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 92
- تېما
- 39
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 2498
- تۆھپە
- 295
- تىللا
- 189
- شۆھرەت
- 408
|
يېقىندىن بۇيان، Windows8 توغرىلىق خەۋەرلەر ئۈزۈلمەيۋاتىدۇ، ھەتتا بىر قىسىم خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، Windows8 نىڭ رەسمى نەشىرى ئۇيغۇرتىلىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالارمىش، بۇ ھەقىقەتەن ئادەمنى خۇشال قىلىدىغان بىر خەۋەردە؟! شۇ سەۋەپتىن، Windows8 نىڭ Beta نەشىرلىرىنىڭ چىقىشىنى تۆت كۆز بىلەن ساقلاۋاتقان تورداشلىرىمىز خېلى نۇرغۇن. ئەلۋەتتە، بۈگۈن كۆپچىلىككە ئېلىپ كەلگىنىم، Windows8 نىڭ ئەڭ يېڭى نەشىردىكى ئاشكارىلانغان نۇسخىسى Win8 7959 بولۇپ، ئاللىقاچان Win8 7850 ۋە 7959 نەشىرىنىڭ ئايرىم ئايرىم ھالدا 32 بىتلىق ۋە 64 بىتلىق نەشىرلىرىنىڭ BT ئۇرۇقى چىقىپ بوپتۇ…
نۆۋەتتە Windows8 نىڭ كۆپ خىل ئاشكارىلانغان نەشىرلىرى تورغا تارقالغان بولۇپ، سىناپ ئىشلىتىۋاتقان Windows مەستانىلىرىمۇ خېلى كۆپ ئىكەن. ئەلۋەتتە، Windows8 نى قانداق ئاكتىپلايمىز دېگەن سوئالمۇ توردا كۆپ سورىلىۋاتقان سوئاللارنىڭ بىرى بولۇپ، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، سىز ئۆزىڭىز ئىشلىتىۋاتقان ھەقىقى نەشىردىكى Windows7 نىڭ ئاكتىپلاش نومۇرى ئارقىلىقلا بۇ سىناق نەشىردىكى Windows8 نى ئاكتىپلىيالايدىكەنسىز!
مەزكۇر نەشىرنى ئىشلەتكەندىن كېيىنكى قىسقىچە تەسىرات(توردىن ئېلىندى):
1. سەل سەپرا مىجەز كىشىلەرنىڭ ئىشلەتمەسلىكىنى تەۋسىيە قىلىمىز؛
2. ئۆزىدە تەمىنلىگەن قوزغاتقۇچ پروگراممىلار تېخى ئانچە تولۇق ئەمەس؛
3. ئاسانلا خاتالىق كۆرۈلىۋالىدىكەن، نۇرغۇن ئىچكى قىسىمدا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پروگراممىلار تېخى سىناق باسقۇچتا ئىكەن؛
4. كۆرۈنمە يۈزدە تېخى روشەن ئۆزگىرىش يوق، Windows7 بىلەن جىق پەرقلەنمەيدۇ؛
5. ئادەمنى ئەڭ خوش قىلىدىغان يېرى، سېستىما بايلىقىنى ئىگەللىشى ئىنتايىن تۆۋەن ئىكەن؛
6. نۆۋەتتە پەقەت ئېنگلىزچە نەشىرىلا تەمىنلىنىپتۇ؛
7. ئىچكى قىسمىغا IE9 تور كۆرگۈسى ئورۇنلاشتۇرۇلغان؛
8. بايلىق باشقۇرغۇچ كۆزنىكىگە Ribbon كۆرۈنمە يۈزى ئىشلىتىلىپتۇ، بىراق نۆۋەتتە ئايكونلار تېخى تولۇق ئەمەستەك؛
9. سېستىما ئۇسلۇبىنى ئالماشتۇرغىلى بولمايدىكەن، ھەتتا Areo ئۈنۈمىنىمۇ ئاچقىلى بولمايدىغان ئوخشايدۇ؛
10. سېستىما كىرگۈزگۈچىنى ئالماشتۇرۇش win + a كۇنۇپكىسىغا ئالماشتۇرۇلغاندەك قىلىدۇ؛
ھاياتنىڭ مەنىسى ئەگرى توقايلىقتا(جاپا-مۇشەققەتتە) بولغىنىدەك، گەرچە نۆۋەتتىكى Win8 نىڭ كەمچىلىكلىرى خېلى كۆپ بولسىمۇ، بىراق بىر قىسىم سېستىما سىناشنى ياخشى كۆرىدىغان، يېڭى سېستىمىغا بولغان كۈچلۈك تەقەززالىقتا تۇرىۋاتقان تورداشلار ئۈچۈن يەنىلا بىر قاچىلاپ كۆرۈپ بېقىشقا ئەرزىيدۇ. ئەينى يىللىرى Vista مۇ خاپا سېلىپ، تاكى SP1 غا كەلگەندە ئاندىن سەل مۇقىملاشقان…
Windows 8 Build 7850.torrent نى چۈشۈرۈپ چۈشۈرۈڭ.
win820111026.zip
(13.43 KB, چۈشۈرۈش سانى: 55)
ئاپتورى: تەدبىركار |
|