- توردا
- 12 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-2-24
- تىزىملاتقان
- 2010-8-23
- شۆھرەت
- 58
- تىللا
- 77
- تۆھپە
- 65
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 269
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 0
- يازما
- 11
- تېما
- 4
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 286
- تۆھپە
- 65
- تىللا
- 77
- شۆھرەت
- 58
|
ئەسسالام ئىنتىل سەيناسىدىكى بارلىق ئۇستازلا ۋە بارلىق مۇنبەرداشلار . تىنىڭلارغا سالامەتلىك ۋە خىزمىتىڭلارغا ئۇتۇق تىلەيمەن .
گەپنى باشتىن باشلاي :
2005-يىلى خىزمىتىمنىڭ ئىھتىياجى سەۋەبلىك كومپىيوتىرنى ئويۇن ئويناش ۋە تور ئارىلاشتىن باشقا خىزمەت قىلىشقىمۇ ئىشلىتىشكە مەجبۇر بولۇپ قالدىم . بىر يېزىنىڭ ئىككى ئاساسەن A1 كۆرسەكۈچىگە مەسئۇل بولۇپ قالغان ئىدىم . توۋا دەيمەن . ئۇنىڭدىن ئىلگىرى ئىككى ئاساسەننىڭ يېنىدىنمۇ ئۈتۈپ باقمىغان بەندە ئىدىم . بىر يېزىنىڭ ئىككى ئاساسىنىنى ئىشلەيمەنمۇ ئەمدى . ئۇ ۋاقىتلار ھەممىنى قولدا يېزىپ ، قولدا كۆچۈرۈپ ، قولدا سىتاستىكا قىلىپ ئىشلەيدىغان زامان ئىدى . باشتا مەنمۇ شۇ بويىچە باشلىغان بولدۇم .
2005-يىلى 9-ئايدا چاتاق باشلاندى . شۇ يىللىق ئوقۇغۇچى قۇبۇل قىلىش ، ياشلىقلار بويىچە روھىخەت ، سىتاستىكىسى ، مېيىپ ، ئىقتىدارسىز ، سىرىتتا ئوقۇغان ، كەنت ئالماشقان ، سىرىتتىن كىلىپ ئوقۇغان ، يۆتكىلىپ كەلگەن ، كەتكەن ، يىللىق سىنىپلار بويىچە ئوقۇغۇچىلار سىتاستىكىسى ، 15 ياشلىقلارنىڭ بىرتالاي روھىخەت ، سىتاستىكىلىرى مائارىپ مەلۇمات يوللاش جەدىۋىلى ....بىر تالاي . ئىشقىلىپ ھەممىسى ئىلگىرى مەن ئاڭلاپ باقمىغان گەپلەر . ئشلە دېدى . ھە دېدىم . يا مەن قانداق ئىشلەشنى بىلمىسەم . ناھىيىلىك ئاساسى مائارىپ ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى نەخ بىزنىڭ يېزىغا مەسئۇل بولۇپتىكەن . نەزىرىيە جەھەتتىن ئۆگەتتى . ئەمىلى ئىشلەپمۇ يېتەكلىدى . بىر تەرەپتىن ئۆگىنىۋاتىمەن ، بىر تەرەپتىن ئوقۇتقۇچىلارغا ئۆگىتىۋاتىمەن . ئوقۇتقۇچىلارغا ئىشلىتىۋاتىمەن ، ئۆزۈم ئىشلەۋاتىمەن ... كېچىلىرى سانلا چۈشەيمەن . جۇللۇقۇم چىقىپ كەتتى . يېزىمىزدا 11 كەنت 40 مەھەللە گۇرۇپ بار ئىدى . ھەر بىر گۇرۇپقا بىردىن ئوقۇتقۇچى مەسئۇل بولۇپ ئائىلە كاپىيەنى ئىشلەيدۇ . ئاندىن روھىخەت ، سىتاستىكىلىرىنى ئىشلەيدۇ . ھەممىسىنى قولدا ، قېرىنداش قەلەمدە . بۈگۈنى سىتاستىكىسىنى ئېلىپ كەنتلەر ، مەكتپلەر ئاخىرىدا يېزا بويىچە جەملەپ چىقسام بۇ سىتاستىكىلار ھېچبىر توغرا چىقمايدۇ . يا مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچى ئۇدۇل كەلمەيدۇ . يا قىز – ئوغۇلى ئۇدۇل كەلمەيدۇ . يا ياشلىقلار بويىچە ئۇدۇل كەلمەيدۇ . ئا يەردىكى سىتاستىكا بىلەن ما يەردىكى سىتاستىكا بىر – بىرىنى تىپىپ قاراپ تۇرغان . يا بۇنىڭ خاتالىقىنى تېپىپ بولغىلى بولمىغان 40 ئادەمدىن كىم خاتا قىلدى ، قايەرنى خاتا قىلدى بىر – بىرلەپ روھىخەتلىرىنى ساناپ قىلىپ بولغىلى بولمىسا يا ، شۇنداق قىلىپمۇ باقتۇق كېچە – كېچە . ئۆزىمىزمۇ ئېلىشىپ ، خاتالىشىپ .... ھە خاتا بوپتۇ دەيمىز يانا قايتا ئىشلەيمىز . يانا سىتاستىكىلارنى جەملەيمىز ، يانا قايتا ئشلەيمىز ، يانا جەملەيمىز . شۇنداق قىلىپ يۈرۈپ ئوقۇتقۇچىلارنىمۇ جىق قىينىۋەتتىم ، ئۆزەممۇ قىينالدىم . بۇ خىزمەتنى توغرا ئىشلەپ ئاخىرلاشتۇرۇشقا كۈزۈم يەتمىدى . قانداق قىلىش كېرەك .
شۇنداق جان قىيناپ يۈرگەن كۈنلەرنىڭ بىرىدە ناھىيىمىزنىڭ مەلۇم بىر يېزىسىدىكى بىرسىدە مۇشۇ A1 نى ئىشلەيدىغان سىستىما باركەن دەپ ئاڭلاپ شۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ يېنىغا باردىم . بارماق دىسكامغا قاچىلاپ بەردى . ( شۇ يىلى 8-ئايلاردا ۋىلايەت مەركىزىدىن بىر بارماق دىسكا سېتىۋالغان ئىدىم 128 مىگابايتلىق . ئۇنىڭ ئالدىلىرىدا پۈتۈنلەي دىگۈدەك يۇمشاق دىسكا ئىشلىتەتتۇق . شۇ يۇمشاق دىسكا دىگەننىڭ شۇنداق ئاسانلا بۇزۇلۇدىغىنى جاننى چىقىرىپ . كەسىپداشلار بارماق دىسكىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشقان ئىدى . مانچىلىك نەرسە پاتىدۇ ئىچىگە دىسەم ھېچ ئىشىنىشمەيدۇ . ئىدارىگە ماتىرىيال ئۆتكۈزگىلى بارسام باشقىلار « يۇمشاق دىسكا بۇزۇلۇپتۇ » مەكتەپكە بېرىپ قايتا ئەكىلەي دەپ ماڭسا ، گىدىيىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزەتتىم مەن ماتىرىيالنى .) ئۆيگە كىلىپ بۇ سىستىمانى كۆرۈشكە باشلىدىم . كومپىيوتىر بىلەن ھەپىلىشىش تارىخىمدا ئەڭ بەك ھەيران قالغىنىم مۇشۇ . بەكلا ھەيران قالدىم . 10 ياشلىقى مانچە ، قىزى مانچە دەپ ساناپ بىرىدىكەن ئەمەسمۇ ما سىستىمىدا . يەنە كېلىپ سانلارنى ئۆزى قۇشۇپ ، ئۆزى جەملەپ چىقىرىدىكەن . ئەمىلىيەتتە بۇ سىستىمىنى ھازىر سىلەرگە چۈشەندۈرسەم سىلەر بەكلا ئاددىيلىقىدىن ھەيران قېلىشىڭلار مۇمكىن .1- قۇردىن 200 قۇرغىچە مەخسۇس 7 ياشلىقلارنى ، 201- قۇردىن 400-قۇرغىچە مەخسۇس 8 ياشلىقلارنى ... چاپلاپ بىرىسىز . ئاندىن سىتاستىكىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ . بۇ سىستىمىدا ئىشلىتىلگەن فورمىلالار countif , sum لاردىنلار ئىبارەت .
بۇ سېستىمىنى كۆرۈپ ياشلىقلار روھىخېتىنى كومپىيوتىرغا كىرگۈزۈشكە توغرا كېلىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ دەرھال كىرگۈزۈشكە باشلىدىم . شۇ ۋاقىتلاردا مەن ئىزدىنىش مۇنبىرىنىڭ سادىق ئوقۇرمىنى ئىدىم . ئىش ئوڭ كەلگەندەك شۇ كۈنلەرنىڭ بىركۈنى كەچتە ئىزدىنىش مۇنبىرىدە ئىنتىل ئەپەندىنىڭ ئوففىس بىلىملىرى توغرىسىدا يازغان ماقالىسىنى كۈرۈپ قالدىم . ۋە دەرھاللا تۇنجى رەت ئىنتىل سەيناسىغا قەدەم تەشرىپ قىلدىم . ئىسىمدە قېلىشىچە ئىنتىل سەيناسى شۇ ۋاقىتلاردا يېڭى قۇرۇلغان چاغلار ئىكەن . قارىسام ئىنتىل ئۇستاز مەن ئا سىستىمىدا كۆرگەن فورمۇلالار ۋە باشقا خېلى كۆپ فورمۇلا ، ئېكىسئېل ، ۋورد ئاساسى بىلملىرى قاتارلىقلارنى 0 نوقتىدىن باشلاپ شۇنداق تەپسىلى سۆزلەپ مېڭىپتىكەن . تاڭ ئاتقىچە كۆرۈپ چىقىپتىمەن . ھەر بىر تېمىنى ئاچىمەن ، كۆرىمەن . دەرھال ئىكىسئېلنى ئېچىپ مەشىق قىلىپ باقىمەن .
شۇنىڭدىن باشلاپ ئىنتىل ئەپەندى مېنىڭ ئۇستازىم بولۇپ قالدى . ئا بايىقى مەن ھەيران قالغان سېستىمىنى ئىنتىل ئەپەندىگە چ چ دا كۆرۈپ بېقىشقا ئەۋەتىپ بېرىپ ئۇستازدىن « مەنمۇ ئاشۇنداق سېستىما ياسىيالىغۇدەك ئۆگىنەلەيمەنمۇ ؟ بىر يىلدا ئۆگىنىپ بولالارمەنمۇ ؟ » دەپ سورىسام ئۇستاز ماڭا « بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق » دەپ جاۋاب بەرگەن ئىدى . ئېكىسئېل سەپىرىم شۇنداق باشلاندى . ئاخشىمى ئۆيدە توردىن ئۇستازنىڭ دەرسلىرىنى ئۆگىنىمەن . كۈندۈزى مەكتەپكە چىقىپ ئىككى ئاساسەن ئىشلەيمەن . بىرەر مەسىلىگە يۇلۇقسام دەرھاك كەچتە كىرىپ ئۇستازدىن سورايمەن . شۇ ۋاقىتلاردا ماڭا ئۇستاز سەينادا ياردەم تىمىلىرىم ئاساسىدا ۋە چ چ دا ئاۋازلىق ھالدا نۇرغۇن بىلىملەرنى ئۆگەتكەن ئىدى . ئۇستازنىڭ بۇ خىل خالىسلىق روھى مېنى بەك تەسىرلەندۈرۈپتىكەن . مانا مەنمۇ ھازىرغىچە شۇ ئۆگەنگەنلىرىمنى باشقىلار سورىسا مىننەتسىز ئۆگىتىپ كەلدىم . شۇنداق قىلىپ ئاخرى ئېكىسئېل ئاساسى بىلىملىرى ۋە بىر قىسىم كۆپ ئىشلىتىلىدىغان فورمۇلالار قاتارلىقلارغا خېلى پىششىق بولۇپ قالغان ئىدىم . تېخى ناھىيىمىزدە « ئېكىسئېل غا ئۇستا »لار قاتارىدا سانىلىپمۇ يۈردۈم . شۇ ئۈگەنگەنلىرىم ئىككى ئاساسەننى ئىشلىشىمگە ۋە ئوقۇتقۇچى ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ نەتىجىلىرىنى باشقۇرۇشقا يېتىشتى . شۇنىڭ بىلەن ئۈگىنىشتىن توختاپ قالدىم . شۇنداقتىمۇ ئىنتىل سەيناسىنى زىيارەت قىلىشنى توختاتماي كەلگەن ئىدىم .
كىينكى كۈنلەرگە كەلگەندە سەينادا ۋ ب ئا دەپ بىر گەپلەر پەيدا بولۇشقا باشلىدى . ھەم مەخسۇس سەھىپىلەرمۇ ئېچىلدى . قاراپ باقسام بۇ ۋ ب ئا دىگەن ساپلا ئىنگىلىزچە بىلەن ھەپىلىشىدىغان ئىشكەن . ھېچنىمىنى چۈشىنەلمىدىم . شۇنىڭ بىلەن بولدى قىلىپتىمەن . ھازىرغا كەلگەندە ئىكىسئېلنىڭ ھەقىقى كارامىتىنىڭ دەل شۇ ۋ ب ئا دا ئىكەنلىكىنى ئاستا – ئاستا ھىس قىلدىم . نەچچە قېتىم ئۈگۈنۈشنى نىيەت قىلىپ سەيناغا يۈگۈرۈپ كىردىم ئەمما چۈشىنەلمەي ئارقامغا ياندىم . يەنە كىردىم ، يەنە سۇلتىيىپ چىقتىم .
ئەمدى بۇ قېتىم ھەقىقى بەل باغلىدىم . بۇ قۇرۇق گەپلەرنى يېزىشىمدىن مەقسەتمۇ مۇشۇ . ئۇستازدىن بۇ قېتىم سورايدىغىنىم ئىلگىرىكىدەك «مەنمۇ ئۈگىنەلەيمەنمۇ ؟ قانچىلىك ۋاقىتتا ئۆگۈنۈپ بولالايمەن ئەمەس » بەلكى « ئۇستاز مەن بۇ ۋ ب ئا دىگەننى ئۆگۈنۈش ئۈچۈن ئىشنى نەدىن باشلىشىم كېرەك . مېنىڭ خەنزۇچە سەۋىيەممۇ تازا ياخشى ئەمەس ، ئىنگىلىزچىدا 0 . ۋ ب ئا توغرىسىدا مەن ھازىر ھېچ نەرسە بىلمەيمەن . شۇڭا ماڭا بىر يول كۆرسەتكەن بولسىڭىز . » چاقىرىق سەھىپىسىكى تىمىدا ۋ ب ئا توغرىسىدا دەرسلىك ئىشلىنىپ ئىلكىتاب قىلىپ يوللىنىدۇ دېيىلىپتىكەن . يوللانمىدىمۇ ، ياكى يوللانسىمۇ مەن خەۋەرسىز قالدىممۇ ، شۇ دەرسلىك يوللانسىمۇ بىزدەكلەرگە كۆپ ياردىمى بولاركەن . ھازىر سەينادا بار بولغان ۋ ب ئا مىساللىرى ماڭا بىر ئاز ناتۇنۇشلۇق قىلىۋاتىدۇ ... ۋ ب ئا ئاساسى بىلىملىرى دىگەن تىمىلاردىمۇ مىساللار ئىنگىلىزچە بولغاچقا يەنىلا چۈشۈنەلمىدىم . ھېچ بولمىغاندا ئاشۇ ئاساسى بىلملەر ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈشلۈك بولغان بولسا تازىمۇ ياخشى بولاتتى.
يەنە سورايدىغانلىرىممۇ بار ئىدى . ئىلگىرى بىر تىمىدا ئېكىسئېلدا تاسقاش مەشغۇلاتى قىلغاندا تاسقالغان ئوبىكىتلارغا تەرتىپلىك ھالدا رەت نۇمۇرى سېلىپ بىرىدىغان بىر فورمۇلانى كۆرگەن ئىدىم . ساقلىۋالماپتىكەنمەن . كېيىنچە بەك لازىم بولدى . بۇ ئۇسۇل تاسقاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بېرىپ بىۋاستە ئۇرۇپ چىقارغانغا بەك كېرەك بولىدىكەن .
يەنە بىرسى : بۇ قېتىم ئۇقۇغۇچىلارنىڭ ئىسمىنى تورغا ھەقىقى نام بويىچە يوللاش دەپ بىر ئىش چىقتى . بۇنىڭدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ كىملىكىدىكى ئىسمى ، كىملىك نۇمۇرى ئادرىسى قاتارلىقلارنى كىملىكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ يوللايدىغان گەپكەن . يوللاش جەريانىدا مۇنداق بىر مەسىلىگە يولۇقتۇم . يەنى بىر قىسىم كىملىك نۇمۇرلىرىنى 18 خانىسى خاتا دەيدۇ بۇ تور سېستىمىسى . ئىھتىمال ئوقۇتقۇچىلار خاتا تىزىملاپ قالغان بولىشى مۇمكىن . خاتا تىزىملىغانلىقىنى مەن بىلىپ بولالمايمەندە . كىملىك نۇمۇرىنىڭ 18 خانىسىنىڭ توغرا خاتالىقىنى تەكشۈرۈش ئۇسۇلى بارمىدۇ . سەينادىن ئىزلەپ تاپالمىدىم .
يازغانلىرىمدا گەرچە ئىنتىل ئۇستازنىلا تىلغا ئالغان بولساممۇ ئەمما باشقا ئۇستازلارغىمۇ چىن كۆڭلۈمدىن قايىللىقىم ۋە ھۆرمىتىم بار .
ئىنتىل مۇنبىرىگە ۋە ئىنتىل مۇنبىرىدىكى بارلىق ئۇستازلارغا يەنە بىر قېتىم سالامەتلىك ۋە خىزمىتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن .
كەمىنە – ئەلھال – دىن .
|
|