ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئىلىم سۆيەر، ئەل ئىشقىدا كۆيەر تورداشلار.
بۈگۈن بىز – ئىنتىل سەيناسى، ئالپسوفت تورى، قىياس دۇنياسى، كوئىنلۇن تورىنىڭ ئىنتىل سەيناسىدا بىرلىشىشنى قارار قىلغانلىقىمىزنى جاكارلايمىز.
كوئىنلۇن تورى ئىنتىل سەيناسى بىلەن پۈتۈنلەي بىرلىشىدۇ.
ئالپسوفت تورى ۋە قىياس دۇنياسىنىڭ كومپيۇتېر- تور بىلىملىرى قىسمى ئىنتىل سەيناسى بىلەن بىرلىشىدۇ
بىزنىڭ بىرلىككە كېلىشىمىزدىكى سەۋەب:
1- مەقسىتىمىز بىر يەنى ئۇيغۇر كومپيۇتېرچىلىقىنىڭ تەرەققىياتىغا بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇش.
2- بىلىمىمىز، ئەجرىمىزنى بىر يەرگە جەملەپ ئىلىم سۆيەر قېرىنداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ مول سەينا ھازىرلاش.
3- ئوخشاش تۈردىكى توربەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىق – ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشىنى يارىتىش.
4- قول تۇتۇشۇپ يېڭى نەتىجىلەرنى يارىتىش.
كامالى ئېھتىرام بىلەن:
|