- توردا
- 1564 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-24
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 8806
- تىللا
- 4016
- تۆھپە
- 5213
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 28558
- ئالبوم
- 4
- بلوگ
- 3
- خاتىرە
- 27
- يازما
- 1712
- تېما
- 199
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 4
- UID
- 25
- تۆھپە
- 5213
- تىللا
- 4016
- شۆھرەت
- 8806
|
تور دىگەن بىر مەۋھۇم دۇنيا، بۇ مەۋھۇم دۇنيادا نۇرغۇن، خىلمۇ-خىل ۋەقەلەر، خەۋەرلەر، ئەسەرلەردىن باشقا يەنە بۇنى يوللايدىغان ھەم كۆرىدىغان ئوبىكىت- ئادەم بار، ئادەملەرمۇ خىلمۇ-خىل، بەزىسى بىلىمگە، بەزىسى ئويۇن-تاماشاغا ئامراق، ئويۇن تاماشاغا ئامراقلارنىڭمۇ مەلۇم جەھەتتى قىزىقىشى بولىشى تەبىئى، ئەمدى شۇ قىزىقىشنىڭ تۈرتكىسىدە مۇنازىرە، بىلىم سورۇنلىرىغا كىرىپ قالسا كۆرىدىغىنى ھەرخىل تېما ئىنكاس، تېمىنىغۇ خالىغان ئادەم يازغۇسى كەلسە ئاندىن يېزىپ يوللايدۇ، كۆرگەن ئادەمچۇ؟ كۆرۈپ يارىسا باھالاش كونۇپكىسىنى بېسىشنىڭ ئورنىغا رەخمەت، ھەشقاللا، بىلىۋالدىم، بولىدىكەن .......... دەپ «كۆڭلى»نى بىلدۈرىدىكەن، مۇشۇنداق زورلىما ئىنكاسنىڭ نىمىگە پايدىسى بار؟
مەن قىسقىغىنە ئۆزۈمنىڭ چۈشەنچىسىنى يوللىماقچىمەن:
قارىماققا بۇ خىل رەخمەت، ھاشقاللالار بەزى خۇشامەتكە ئامراق ئادەملەرگە نىسپەتەن بىر خىل روھى ئوزۇق، ئەمما بۇنداق ھەشقاللا، تەكەللۇپنى خالىمايدىغانلارغا نىسپەتەن بىر خىل بېسىم، يوللىغۇچىغىلا ئەمەس مۇشۇنداق سورۇننى ھازىرلاپ بەرگەن بىلىمسۆيەر تور بەت ئىگىلىرىگە، مۇلازىمتىرلارغىمۇ ئارتۇقچە يۈك.
تور بەت ئىگىلىرىگە قانداق يۈك دىسىڭىز ساندان چوڭىيىدۇ، سانداننى بوشلۇققا يوللاپ، چۈشۈرۈشكىمۇ ۋاقىت كېرەك، تور بەت قۇرىغانلارنىڭ دەردىنى تور بەت قۇرۇپ جاپاسىنى تارتىپ باققانلار بىلىدۇ، مۇلازىمتىر بولسا شۇ سانداننى يوللايدىغان، ساقلايدىغان ساندۇق، ئەمما بىر نەرسا قاچىلاۋەرسە ئېغىرلاشقانسىرى كۆتۈرۈش تەسكە چۈشىدۇ.
ئەلبەتتە ھەممە ئادەم قىلغان ئەجرىگە يارىشا ئاز تولا رىغبەتلەندۈرۈش بولۇشىنى ئۆمۈت قىلىدۇ، ئەمما رىغبەتلەندۈردۈم دەپلا رەخمەت، ھەشقاللا، يارايسىز، ماڭا ئەرزىدى، ياقتۇردۇم، تىرىشىڭ......... دىگەندىن باشقىلىرىنى يازمىسا، ئاز تولا ئۆز كۆز قارىشىنى ئوتتۇرغا قويمىسا، كىرىپ تېمىنى كۆرۈپ ھوزۇرلىنىپ، لازىملىق ماتېريال بولسا چۈشۈرۈپلا چىقىپ كەتسە ھىساپمۇ؟ ياق، تېما يوللىغان ئادەم شۇ تېمىنى باشقىلارنىڭ بىلىم ساپاسى، كۆز قارىشى ئارقىلىق سەمرىتىشنى خالايدۇ، خەق نۇرغۇن ئەجىر قىلىپ بىر تېما يوللىسا ئاز تولا كۆز قارىشىمىزنى، ئارتۇقچىلىقىنى، يىتەرسىزلىكىنى كۆرسىتىپ بىرىشنىڭ ئورنىغا قۇرۇق ھەشقاللادىن بىر قۇچاق كۆتۈرگۈزۈپ قويۇپلا ئېلىپ قاچسا ئادەم بىر خىل روھى ئازاپقا قالىدىكەن.
مەنمۇ ئۆزەم يوللىغان تېمىلارغا ئاز تولا كۆز قاراش چۈشۈشىنى ئۆمۈت قىلىمەن، تېمىغا ھېچبىر ئىنكاس يېزىلمىسا كۆڭلۈم بەكلا يېرىم بولىدۇ، ئەمما يوقاردا دىگىنىمدەك ئەخلەت ئىنكاسنى كۆرگىنىمدە خەق مىنى زاڭلىق قىلغاندەك تۇيۇلۇپ تېخىمۇ بىئارام بولىمەن.
شۇڭا تورداشلارغا دىمەكچى بولغىنى: تېمىغا كىرگەندە سىزگە شۇنداق ياخشى بىلىم، ماتېرياللارنى يوللاپ قىيىنچىلىقىڭىزنى يىنىكلىتىۋاتقان تېما ئىگىلىرىگە بىر ئىككى ئېغىز رىغبەتلەندۈرۈش يۈزىسىدىن بولسىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كۆز قارىشىنى يېزىپ قالدۇرۇپ ماڭسىڭىز، ناۋادا ھەقىقەتەن خەت يېزىشقا ۋاقتىڭىز يەتمىسە پىروگىراممىرلار سىزگە ئاتاپ مەخسۇس چىقىرىپ قويغان، مۇكاپاتلاش جازالاش ئېلىپ بارغىلى بولىدىغان «باھالاش» كونۇپكىسىنى بېسىش ئارقىلىق كۆڭلىڭىزدىكىنى بىر نەچچە نۇمۇر بىلەن بىلەن ئىپادىلىسىڭىز بولىدۇ، مۇنبەردىكى جۇغلانمىغا بازاردىن مانتا ئېلىپ يىگىلى بولمايدۇ، تور بەتلەردىنلا «بىلىم» ئېلىپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ، بۇنداق دىسەم جۇغلانما بولمىسا نىمىدە مۇكاپاتلايمەن دىيىشىڭىز تۇرغانلا گەپ، بۇنىڭ چارىسى ئۆزىڭىز بىلىدىغاننى ئاز تولا يوللىغاچ تۇرسىڭىز جۇغلانمىڭىزمۇ كۆپىيىدۇ، شۇنىڭدا مۇكاپاتلىسىڭىز خەقمۇ سىزنىڭكىنى مۇكاپاتلايدۇ، «بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار»لىقىنى ئونۇتماڭ.
گەپلىرىم سەل تاققا تۇققا چىقىپ قالغاندەك، ئەمما بۇ ھەممەيلەن ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە.
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|