ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 321|ئىنكاس: 2

ھۆججەتنى «ئۆچۈرۈشكە بولماسلىق» مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Elqut 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
117
تىللا
322
شۆھرەت
385

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار ئىشەنچ

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 12:00:57 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆججەتنى «ئۆچۈرۈشكە بولماسلىق» مەسىلىسىنى ئومۇميۈزلۈك ھەل قىلىش

بىز ئىشلەتمەيدىغان بىر قىسىم ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ۋاقتىمىزدا، بەزىدە دائىم دېگىنىمىزدەك قىلالماي قالىمىز. ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشكە مۇمكىن بولماسلىقنىڭ سەۋەبلىرى ئىنتايىن كۆپ بولۇپ، تۆۋەندە كۆپچىلىككە دائىم قوللىنىلىدىغان بىر قىسىم ھەل قىلىش چارىلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمىز.


1. ھۆججەت ئىشلىتىۋاتقانلىقتىن ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، ئۆچۈرۈلمەيدۇ. بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرەلمەسلىكتە ئەڭ كۆپ ئۇچرايدىغان ئەھۋالدۇر. ئەگەر ھۆججەت ئېچىلغان ياكى ئىجرا بولۇۋاتقان بولسا، ئۇنى تاقىۋەتسەكلا بولىدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ ھۆججەت ئالدىنقى سۇپىدا ئىجرا بولمىغان، بىراق باشقا، پروگراممىلار تەرىپىدىن ئارقا سۇپىدا ئىشلىتىلىۋاتقان بولسا، بۇ چاغدا بىز Who Lock Me نىڭ ياردىمىگە تايانساق بولىدۇ، بۇ دېتالنى قاچىلىغاندىن كېيىن ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنى ئوڭ چېكىپ، Who Lock Me نى تاللىساق، بۇ ھۆججەتنى ئىشلىتىۋاتقان ئاساسىي پروگراممىنى تەكشۈرۈپ چىقالايمىز، ئاساسىي پروگراممىنى تاقىۋەتكەندىن كېيىن بۇ ھۆججەتنى ئۆچۈرسەك بولىدۇ.


2. كۆپ ۋاسىتە ھۆججەتلەرنى ئۆچۈرگىلى بولماسلىق

Windows XP دا بىز بىر قىسىم AVI ھۆججەتلىرىنى ئۆچۈرمەكچى بولغىنىمىزدا، دائىم ئۆچۈرگىلى بولمايدىغانلىق ئۇچۇرى چىقىۋالىدۇ. بۇنى سىستېمىدىكى بىر ئالدىن ئوقۇپ ئاستىلىتىش مېخانىزمىنىڭ ئىقتىدارى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بۇنىڭغا قارىتا بىز بۇ ئىقتىدارنى بىۋاسىتە ئېتىۋەتسەك بولىدۇ. بۇنىڭدا ئىجرا قىلىش (运行) كۆزنىكىگە «Regsvr32 /U Shmedia.dll » دېگەن بۇيرۇقىنى بېرىپ ئىجرا قىلىۋەتسەكلا بولىدۇ ياكى « Regedit » نى ئىجرا قىلىپ، تىزىملىك جەدۋەل تەھرىرلىگۈچتىن تۆۋەندىكى كۇنۇپكا قىممىتىنى ئۆچۈرۈۋەتسەكمۇ بولىدۇ.

HKEY_LOCAL_MACHINE\SOFTWARE\Classes\CLSID\{87D62D94_71B3_4b9a_9489_5FE6850DC73E}\InProcServer32



3. WinRAR دىن پايدىلىنىش

ھۆججەتنى ئۆچۈرگىلى بولمىغاندا بىز WinRAR دىن پايدىلىنىشنى سىناپ باقساقمۇ بولىدۇ. مائۇسنىڭ ئىسترېلكىسىنى ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەتنىڭ ئۈستىگە ئەكىلىپ، ئوڭ كۇنۇپكىنى چەككەندىن كېيىن، « پرېس ھۆججىتىگە قوشۇش(添加到压缩文件) » نى تاللاپ، چىققان پرېسلاش پارامېتىرلىرىنى تەڭشەش كۆزنىكىدىن « پرېسلانغاندىن كېيىن ئەسلى ھۆججەتنى ئۆچۈرۈش (压缩后删除原文件) » نى تاللىۋېتىپ ئاندىن پرىسلايمىز، ئاخىرىدا پرېسلانغان ھۆججەتنى ئۆچۈرۈۋەتسەكلا بولىدۇ.


4. باشقا دېتاللارنىڭ قوشۇمچە ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىش

ئادەتتە كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ۋىرۇس تازىلاش دېتاللىرى ۋە سىستېمىنى ئەلالاشتۇرۇش دېتاللىرىدىن 瑞星杀毒软件,360安全卫士,瑞星卡卡上网安全助手,Windows优化大师 ,金山毒霸,金山清理专家 قاتارلىقلارنىڭ ھۆججەت پارچىلاش (文件粉碎 ) ئىقتىدارى بار بولۇپ، بۇنىڭدىن پايدىلانغاندا ھۆججەتنى كومپيۇتېردىن مەڭگۈلۈك ئۆچۈرۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ، شۇنداقلا ھۆججەتنى ئۆچۈرۈشتە سىستېما ياكى يۇمشاق دېتالنىڭ ھېچقانداق چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ. بۇنىڭدا ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىنى تاللاپ، ھۆججەت پارچىلاش ( 文件粉碎 ) تۈرىنى تاللىساق، ھۆججەت پارچىلاش كۆزنىكى ئېچىلىدۇ، ئاندىن مۇقىملاشتۇرساقلا بولىدۇ ياكى يۇقىرىقى دېتاللارنىڭ قوشۇمچە قوراللىرى ئىچىدىن ھۆججەت پارچىلاشنى ئېچىپ، ھۆججەت قوشۇش بۇيرۇقى ئارقىلىق ئۆچۈرمەكچى بولغان ھۆججەت ياكى مۇندەرىجىنى قوشقاندىن كېيىن، مۇقىملاشتۇرساقمۇ بولىدۇ

ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ! سەينا ئەمدى مۇقۇم بوپتۇ.

دەلىللەنگەن

ھەقىقەت

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
1163
تىللا
6403
شۆھرەت
1929

ئاكتىپ تەشۋىقات دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 14:23:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن دائىم جاھىل ھۆججەتلەرنى 360 بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىسىنىڭ مەجبۇرىي پارچىلاپ ئۆچۈرۈش قورالىدىن پايدىلىنىپ پاك-پاكىز ئۆچۈرۈپ تاشلايمەن .
‹‹ ئىنتىل سەيناسى ›› ھەقىقەتەن بىر بىلىم باغچىسى ئىكەن .
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 19:30:25 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېستىما ياماقلىرىنى ياماشقا ئىشلەتكەن ھۆججەتلەرگە بۇ ئۇسۇللارنىڭ ھېچقايسىسى كارغا كەلمەيدىكەن، dosھالەتتە ئۆچۈرسە قانداق بولاركىن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-12 03:03 , Processed in 0.091939 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش