- توردا
- 86 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-25
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 385
- تىللا
- 322
- تۆھپە
- 117
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 1243
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 34
- تېما
- 16
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 18
- تۆھپە
- 117
- تىللا
- 322
- شۆھرەت
- 385
|
QQ .1 ئارقىلىق باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقان ۋاقىتتا، بەزى ئۇچۇرلارنىڭ ئەۋەتىلىشى ئىنتايىن ئاستا، ئۇچۇر ئەۋەتىلگەن ۋاقىتتا Shift كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، ئۇچۇر ناھايىتى تېز ئەۋەتىلىدۇ.
2. بىز بىر تالاي كۆزنەككە دۇچ كەلگىنىمىزدە، بىردىن-بىردىن ئېتىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىز پەقەت Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تاقاش كۇنۇپكىسىنى باسساقلا، بارلىق مۇناسىۋەتلىك بولغان كۆزنەكلەر تاقىلىدۇ.
3. ئىنگلىزچە كىرگۈزگەن ۋاقتىمىزدا Shift كۇنۇپكىسىنى باسساق، چوڭ-كىچىك ھەرپ كىرگۈزۈش مەقسىتىگە يەتكىلى بولىدۇ.
4. يېڭىدىن مەلۇم بىر يۇمشاق دېتالنى قاچىلىغان ۋاقىتتا، بەزىدە كومپيۇتېرنى قايتىدىن قوزغاتقاندىن كېيىن ئاندىن ئىشلەتكىلى بولىدۇ. بۇ ۋاقىتتا ئالدى بىلەن Shift كۇنۇپكىسىنى باسساق، كومپيۇتېرنىڭ ئۆز تەكشۈرۈش كودىدىن ئۆتۈپ كېتىدۇ ھەم ۋاقىتنىمۇ تېجەپ قالغىلى بولىدۇ(بۇ خىل ئۇسۇل پەقەت windows95 ۋە 98windows دىلا ئىشلىنىدۇ).
5. ھۆججەت تاللىغان ۋاقتىمىزدا، ئالدى بىلەن Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئەڭ ئاخىرقى ھۆججەتنى تاللىساقلا، زور بىر تۈركۈم ھۆججەتنى تاللىيالايمىز.
6. ھۆججەتنى تازىلىغان ۋاقتىمىزدا، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ تازىلىساق، بىۋاسىتە تازىلىنىپ، «يىغىۋېلىش پونكىتى(回收站)» غا كىرمەيدۇ.
7. ئوپتىك دىسكىنى ئوقۇتقان ۋاقتىمىزدا، Shift كۇنۇپكىسىنى نەچچە رەت بېسىۋەتسەك، ئاپتوماتىك ھالدا قويۇلمايدۇ.
8. Shift كۇنۇپكىسى بىلەن F10 كۇنۇپكىنى تەڭ باسساق، مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسىنىڭ رولىنى ئوينايدۇ.
9. ھۆججەت ئاچقان ۋاقتىمىزدا، ئەگەر كۆڭۈلدىكى قىممەت ھالىتىدە ئاچمىساق، Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ ئاندىن ئوڭ كۇنۇپكىسىنى باسساق، چىققان تىزىملىكتە يەنە بىر خىل ئېچىش ئۇسۇلىنىڭ بارلىقىنى كۆرەلەيمىز.
10. Shift كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاندىن «دەرىجىدىن تاشقىرى ئۇلىنىش (超级链接)» نى بېسىش ئارقىلىق، يېڭى كۆزنەك ئاچقىلى بولىدۇ.
11. كومپيۇتېرنى قوزغاتقاندىن كېيىن Shift كۇنۇپكىسىنى باسساق، قوزغىتىش تىزىملىكىدىكى پروگراممىلارنىڭ ئىجرا بولۇشىنى توسقىلى بولىدۇ.
|
|