ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 644|ئىنكاس: 1

ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2011-10-15 11:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ماتېماتىكىنى نېمىشقا ئۆگىنىمىز
ئاپتۇر تاشپولات روزى ئەپەندىم ئامېرىكىدىكى بىر ئالى مەكتەپتە خىزمەت قىلىدۇ، شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتىنىڭ ماتېماتىكا فاكولتىتىنى بىزدىن بىر يىل بۇرۇن(1984- يىلى) پۈتتۈرگەن. ئاپتۇر ھەققىدىكى باشقا تەپسىلاتلارنى ئامېرىكىدىكى قىرىنداشلاردىن ئاڭلىغايمىز.
تاشپولات روزى
1999 -يىلى بېيجىڭدا، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مۇاۋىن مۇدىرى دوكتور تاشپولات تېيىپ بىلەن بىرگە بولۇپ قالدىم. كەچلىكى بىر ئاشخانىدا تاماق يېگەچ تەتقىقات توغرىلىق پاراڭلىشىپ قالدۇق. تاشپولاتنىڭ تەتقىق قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق يەر يۈزىدىن تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق يەر ئۈستىدىكى ئەھۋاللارنى تەتقىق قىلىش ئىكەن. ئۇ ماڭا شۇنداق دەيدۇ: بىزنىڭ بۇ كەسپتە ماتېماتىكا بەكمۇ مۇھىم بولۇپ، ماتېماتىكىنى ياخشى بىلسە ئۇنى چوڭقۇر تەتقىق قىلغىلى بولىدىكەن. ھازىر شۇنداق ئويغا كېلىپ قالدىم، ئەسلىدە ماتېماتىكا كەسپىنى تۈگىتىپ ئاندىن بۇ كەسپنى قىلىدىغان گەپ ئىكەن.
ياپونىيىدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ئاغىنىلەر مەندىن ماتېماتىكا مەسىلىلىرىنى سوراپ تۇراتتى. ياپونىيىدە جۇغراپىيە كەسپىدىن دوكتورلۇق ئالغان مۇختەر چوڭ ئوقۇشنى تاماملىغاندىن كېيىن، ياپونىيە ئالەم بوشلۇقى ئىدارىسىدە تەتقىقاتچى بولۇپ ئىشلىدى. ئۇنىڭ قىلىدىغىنى سۈنئىي ھەمراھ ئارقىلىق تارتىلغان رەسىملەر ئارقىلىق تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئۆزگىرىشىنى تەتقىق قىلىش. ئۇ داىم كەسپىدە ماتېماتىكىنىڭ بەكمۇ كۆپ قوللىنىلىدىغانلىقىنى دەيتتى. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇ مېنى ئۆيىگە تەكلىپ قىلاتتى، بەزىدە ئۆزى بىزنىڭ ئۆيگە كېلىپ كۆرۈۋاتقان ماقالىلەردىكى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كېلىپ چىقىشىنى سورايتتى. مېنىڭ بىلىشىمچە، ئۇنىڭ ماتېماتىكا سە -ۋىيىسى خېلىلا يۇقىرى ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بىلگەن ماتېماتىكا، ئۇنىڭ تەلىپىنى قاناەتلەندۈرەلمەيتتى. كېيىن مۇختەر چوڭ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىسى تەكلىپ قىلىپ ماتېماتىكا ئۆگەندى.
دوكتور دولقۇن يۇنۇس ھازىر تۈركىيەدە ياپونىيە شىركىتىنىڭ مەسئۇلى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ كەسپى رادىو ئېلېكترون. ئۇ ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىدا تەتقىقاتىدا ئۇچراتقان ماتېماتىكىلىق مەسىلەرنى مەندىن سورايتتى. ئېسىمدە قېلىشىچە سورىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلالارنىڭ كەلتۈرۈلۈپ چىقىرىلىشىنى فاكس ئارقىلىقمۇ ئەۋەرتىپ بەرگەن.
دوكتور ئومەرجان ئابلا، ھازىر لوس ئاڭەلەس «تويوتا» شىركىتىدە ئىشلەيدۇ. ياپوندىكى ۋاقتىدا بىر قېتىم ئۇ ماڭە تېلېفون قىلىپ تەتقىق قىلىۋاتقان تەمىدىكى سانلىق مەلۇماتلار ئارقىلىق ئەگرى سىزىق گرافىكىنى چىقىرىشقا توغرا كەلگەنلىكىنى، بىراق بۇ سىزىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرالمايۋاتقانلىقىنى، مۇمكىن بولسا مېنىڭ ياردەمدە بولۇشۇمنى ئېيتتى. ئۇ بىزنىڭ مەكتەپكە كېلىپ مەن بىلەن بىرگە ئۇ گرافىكنى ئىزدىدى. بىرىنچى كۈنى بۇ گرافىكنىڭ تەڭلىمىسىنى چىقىرالمىدۇق. ئىككىنچى كۈنى ئۇ يەنە كەلدى. ئۇ كۈنى ئۇنىڭ بىلەن ھەپىلىشىپ توغرا بولغان بىر ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىنى كەلتۈرۈپ چىقاردۇق، شۇنىڭ بىلەن ھېلىقى ئەگرى سىزىقنىڭ گرافىكىنى بۇ تېپىلغان تەڭلىمە ئارقىلىق كەلتۈرۈپ چىقاردۇق.
پروفېسسور ئابلىكىم ھەسەن، ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتۇش باشقارمىسىنىڭ مۇاۋىن باشلىقى بولۇپ ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتى سىياسىي فاكۇلتېتىنىڭ 77-يىللىق ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئوقۇشنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئىقتىساد فاكۇلتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىدى. مەن ياپونىيىدە تۇرغان ۋاقتىمدا، ئوساكادىكى بىر ئۇنىۋېرسىتېتقا بىلىم ئاشۇرغۇچى بولۇپ كەلگەن ئىدى. ئۇ ياپونغا كېلىپ 8 ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ماڭا تېلېفون قىپتۇ. “شىنجاڭدىكى ۋاقتىمدا خېلى كۆپ ماقالە يازغان ئىدىم. بىراق، بۇ يەردە تا ھازىرغىچە بىر پارچە ماقالە چىقمايۋاتىدۇ” دېدى ئۇ. “بۇلار سانلىق مەلۇماتلارنى بەك تەكىتلەيدىكەن ھەم ئۇ ئارقىلىق بىر ماتېماتىكىلىق فۇنكسىيە مۇناسىۋەتلەرنى تېپىشقا ئەھمىيەت بېرىدىكەن” . “ئۆزۈڭ بىلىسەن، شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ۋاقتىمدا ماتېماتىكا دېگەننى ئۇنتۇپ قاپتىمكەن، ھازىر ماتېماتىكىنى ئۆگىنىۋاتىمەن” دېگەنىدى ئۇ. كېيىن ئۇقسام ئابلىكىم قاتتىق تىرىشىش ئارقىلىق ياپونىيىدە كۆپلىگەن ماقالىلەرنى ئېلان قىپتۇ.
گووگلە شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرى ئىككى ئاغىنە بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكا ستانفورد ئۇنىۋېرسىتېتى كومپيۇتېر فاكۇلتېتىدا ئوقۇغان. ھەر ئىككىلىسىنىڭ ماتېماتىكا ئاساسى بەك يۇقىرى بولغان. بىرى روسيەدىن كەلگەن يەھۇدىي ماتېماتىكنىڭ ئوغلى، يەنە بىرى ئامېرىكىلىق يەھۇدىينىڭ ئوغلى ئىدى. ئۇلار دەسلەپتە بىر سۆزنى ئىزدىگەندە قانداق قىلىپ ئۇنىڭغا قىممەت جەھەتتىن يېقىن بولغان سۆزلەرنى ئىنتېرنېتتىن ئىزدەپ تاپقىلى بولىدۇ دېگەن نەرسىنى ئويلىشىدۇ. ئۇلار ئاخىر ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق بۇ مەقسىتىگە يېتىدۇ. ھازىر گووگلە شىركىتى دېسە بىلمەيدىغانلار يوقمىكىن دەيمەن.
ئېينىشتېين ئۆزىنىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسىنىمۇ رىمان گىومېتېرىيىسى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. ستېفىن ھوكىڭ قاراڭغۇ ئۆڭكۈر پەرىزىنىمۇ ئېينىشتېيننىڭ مەيدان تەڭلىمىسىنىڭ بىر يېشىمى ئارقىلىق پەرەز قىلىدۇ. ئالەمنىڭ چېگرىسى چەكسىز ئىكەنلىكىنىمۇ ماتېماتىكا ئارقىلىق ئىسپاتلىغان.
ئامېرىكا بۇلتۇر 35 مىڭ ئوتتۇرا مەكتەپ ماتېماتىكا ئوقۇتقۇچىلىرىنى تولۇقلايدىغانلىقى ئېلان قىلىندى. بۇنىڭدىكى بىردىن-بىر سەۋەب ھازىر ئامېرىكىدا ئوقۇۋاتقان ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى نىڭ ماتېماتىكا سەۋىيىسى ئىنتايىن تۆۋەن. بۇلتۇرقى لوس ئاڭەلەس گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەڭ يېرىمى ئالگېبرادىن ئۆتەلمەيدىكەن. ئەگەر بۇ ئىش داۋاملاشسا، ئامېرىكىنىڭ ئاساس تەتقىقاتى ھىندىستان ھەم جۇڭگونىڭ ئارقىسىدا قېلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەن.
ھازىر ئىشلەۋاتقان مەكتىپىمدە ئىقتىسادىي ماتېماتىكىنىمۇ بېرىۋاتىمەن. بۇ كەسىپنى ئوقۇسىڭىز ئىقتىسادتىكى بارلىق چۈشەنچىلەرنى ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق چۈشەندۈرىدۇ. ئېنىقراق دېسەم، ماتېماتىكىلىق فورمۇلالار ئارقىلىق ئىقتىسادىي نەزەرىيەنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. يۇقىرىقى پاراڭلاردىن ماتېماتىكىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقنى ھەم ئۇنى نېمە ئۈچۈن ئۆگىنىدىغانلىقىمىزنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. شۇڭا ماتېماتىكا ھەرقانداق پەننىڭ ئاساسى ھەم ئاچقۇچىدۇر. كېلەر ھەپتە ۋاقتىم چىققاندا ماتېماتىكىلىق چۈشەنچىلەر ئارقىلىق “نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىمىز” دېگەن سوالغا تېخىمۇ ئىچكىرىلەپ جاۋاب بېرىش ئويۇم بار. (دوكتور، ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى)
مەن 2000-يىلى ئامېرىكىغا كەلگەندىن كېيىن، ئامېرىكىدىكى بىر قېرىندىشىمىزدىن ئامېرىكىنىڭ باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ماتېماتىكا ئەھۋالىنى سورىدىم. ئۇ قېرىندىشىمىز مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر مېنىڭ بالام ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇلار ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى كومپيۇتېر ئارقىلىق ئىشلەيدىغان بولدى. قولىدا ماتېماتىكا تاپشۇرۇقلارنى ئىشلەيدىغان ئىشلار بۇ يەردە تۈگىدى». مەن بۇ جاۋابنى ئاڭلاپ ئامېرىكىنىڭ كەلگۈسى ماارىپى خەتەرلىك ئىكەن دېگەن تۇيغۇ پەيدا بولدى. كومپيۇتېر بىزگە كۆپ ئىشلارنى قىلىپ بېرىدۇ. بىراق، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ ماتېماتىكىلىق مەسىلىلەرنى ئىشلەش، ئوقۇغۇچى ئۆز-ئۆزىنى ئەخمەق قىلغان بىلەن ئوخشاش. چۈنكى، سىز بىلمەكچى بولغان جاۋابلارنى سىز يەشمەستىن، كومپيۇتېر يەشكەن بولىدۇ. ئېنىقراق قىلىپ ئېيتقاندا جانسىز بىر ئادەمدىن جاۋاب ئېلىپ، ئۆزىڭىزنىڭ تەپەككۇرىنى ئاجىزلاشتۇرغان بولىسىز.
ئارىلىقتىن 5 يىل ئۆتۈپ بۇلتۇر بولغان ئىش. مېنى بىر ئالىي مەكتەپ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا ئالگېبرا دەرسىنى ئۆتۈپ بېرىشكە تەكلىپ قىلدى. بۇ سىنىپتا 60 ئوقۇغۇچى بار ئىكەن. بۇ ئوقۇغۇچىلار كالىفورنىيە شتاتى ئالىدىغان ماتېماتىكا ئىمتىھانىغا تەيارلىق قىلغۇچىلار ئىكەن. ئۇلار بۇ سىنىپقا كېلىشتىن بۇرۇن شىتات ئىمتىھانىغا قاتناشقان ئىكەن. بىراق، ئۇ ئىمتىھاندىن ئۆتكەنلەر يوق ئىكەن. دېمەك، بىرمۇ ئوقۇغۇچى ماتېماتىكا ئىمتىھانىدىم ئۆتەلمەپتۇ.
بۇ سېسترا ئوقۇغۇچىلارغا نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆتىدۇ؟ مەن يۇقىرىدا دېگەندەك ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ماتېماتىكىغا سەل قاراپ، كومپيۇتېر بىلەن مەسىلە يەشكەنلىكنىڭ نەتىجىسىدىن، ئۇلارنى ئۆز قولى، ئۆز كاللىسى بىلەن مەسىلە يېشەلەيدىغان قىلىش ئۈچۈندۇر. سېسترا بولغان ئادەم يانپاشقا ئوكۇل ئۇرۇش نىلا بىلىش بولماستىن، دورىلارنىڭ تەقسىم قىلىنىشى، دورا ئۆلچەملىرىنىڭ بىر-بىرىگە ئايلىنىشىنى، دورىلارنىڭ مىقدارىنى ئۇششاق بۆلەكلەرگە بۆلۈش قاتارلىقلارنى بىلىش شەرت. بۇنىڭ ئۈچۈن سېسترا كەسىر سانلار، ئارىلاش كەسىرلەر، پىرسەنت ھېسابلاش، تەڭلىمە تۈزۈش ۋە ئۇنى ھېسابلاش ماھارىتىگە ئىگە بولۇش كېرەك. بۇ چۈشەنچىلەرنى بىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىنى ئۆگىنىشتىن باشقا يول يوق.
ئامېرىكىدىكى خېلى كۆپ مەكتەپلەردە تېخنىكىلىق يول ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەپەككۇر قابىلىيىتىنى ئۆستۈرىمىز دەپ ئويلىغان بولسىمۇ، ئەمما مەغلۇپ بولدى. مۇنداقچە ئېيتقاندا كومپيۇتېر ئارقىلىق ماتېماتىكا ئۆگىنىش ئەمەلگە ئاشمىدى. بۇنىڭ ئۈچۈن مىكروسوفتنىڭ باشلىقى بىلل گەيتىسنىڭ ۋىندوۋس ۋىستانى بازارغا سېلىش ۋاقتىدا «تىمېس» ژۇرنىلى مۇخبىرلىرىنىڭ سواللىرىغا بەرگەن جاۋابىغا قارىساق كۇپايە قىلىدۇ.
1. سوال: ۋىستا ئاتا-ئانىلارغا بالىلارنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىشىنى چەكلەش جەھەتتە نۇرغۇن قولايلىق ئېلىپ كەلدى. سىز بىر ئاتا سۈپىتىڭىز بىلەن بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: مەن ئوغلۇمنىڭ كومپيۇتېر ئىشلىتىدىغان ۋاقتىنى چەكلەيمەن. ئۇ بۇنىڭدىن بەك نارازى بولدى، ئۇ مەندىن: “دادا، پۈتۈن ھاياتىم مۇشۇنداق ئۆتەمدۇ؟” دەپ سورىدى. ئۇنداق بولماس، چوڭ بولغاندا بەلكىم ئۆزى بىر كومپيۇتېر سېتىپ ئالار.
2. سوال: سىز ئۇزۇندىن بېرى ماارىپقا كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتىسىز. سىزنىڭ قارىشىڭىزچە، تېخنىكا ۋاسىتىسىنىڭ ئۆگىنىشنى تېزلىتىشكە پايدىسى بولدىمۇ؟
جاۋاب: تېخنىكىلىق ۋاسىتە مەلۇم رول ئوينايدۇ. بىراق، رول ئانچە چوڭ ئەمەس. مېنىڭ بۇرۇنقى يازمام بىلەن يۇقىرىدىكى يازمامدىن نېمە ئۈچۈن ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى كۆرۈپ ئېلىش تەس ئەمەس. تۆۋەندە يەنە ماتېماتىكا ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى توغرىسىدا ئىچكىرىلەپ توختىلىپ باقاي.
ماتېماتىكا ئىككى چوڭ تارماققا بۆلۈنىدۇ. ساپ ماتېماتىكا ۋە قوللىنىش (تەدبىقىي) ماتېماتىكىسى. ماتېماتىكا يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، شەكىل بىلەن سانلارنىڭ بىرىكمىسى. ماتېماتىكا نوقۇل ھالدا مەسىللەرنى يېشىشلا بولماستىن، مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىلىمدۇر. ئۇنىڭدا يالغانچىلىق مەۋجۇد ئەمەس. ئۇنىڭدا گەپ يورغىلىتىپ سەپسەتە سېتىشقا تېخىمۇ بولمايدۇ(شۇڭىمۇ يۈسۈپخاس ھاجىپ بوۋىمىز دەۋرىدە ماتېماتىكىغا ساقىش يەنى ساق+ئىش دەپ نام بېرىشنى بىلگەن ئىكەن – قۇتلان ئىزاھى). سىز دۇنيانىڭ ھەرقانداق يېرىگە بارسىڭىز ماتېماتىكا ئوخشاش. ئۇلار ئارىسىدا دۆلەت چېگرىسى مەۋجۇد ئەمەس. شۇڭا ئۇ ئەڭ قۇدرەتلىك.
ماتېماتىكا كىشىنىڭ تەپەككۇر ئىقتىدارىنى ئۆستۈرىدۇ. مەسىلەن، ماتېماتىكىدا مۇتلەق قىممەت دېگەن ئۇقۇم بولۇپ، خالىغان بىر ساننىڭ مۇتلەق قىممىتى نۆلدىن چوڭ بولۇشى ياكى نۆلگە تەڭ بولۇشى ياكى نۆلدىن تۆۋەن بولۇشى مۈمكىن. بۇ يەردە بىز بىر مەسىلىنىڭ 3 خىل ئەھۋالىنى كۆردۇق دېگەن گەپ. بۇ جەمئىيىتىمىزدە بىر مەسىلە مەۋجۇد بولسا ئۇنى بىر تاياق بىلەن ئۇرماسلىق ئۈچۈنمۇ كىچىكىمىزدىن باشلاپ ھەرخىل يوللارنىڭ بارلىقىنى يېتىلدۈرۈپ چىقىشىمىزغا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
ماتېماتىكا مەسىللەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىپ، ئۇنىڭدىكى بىر ئورتاقلىقنى تېپىپ چىقىدۇ. ساپ ماتېماتىكىنى تەرەققىي قىلدۇرغاندىلا قوللىنىش ماتېماتېكىسىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ. بۇ ئارقىلىق باشقا پەنلەرنى ياخشى ئۆگەنگىلى بولىدۇ. ماتېماتىكىدا مەسىلەردىن كېلىپ چىققان نەتىجىنىڭ توغرىلىقىنى لوگىكىلىق يوللار بىلەن ئىسپاتلاشنى مۇھىم ئورۇنغا قويىدۇ. بۇ ئىسپاتلاش مەشقلىرى، سىزنىڭ توغرا نەرسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىڭىزنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يالغانچىلىق قىلمىشلاردىن ئۆزىڭىزنى تارتقۇزىدۇ. بىز باشلانغۇچ ھەم ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ساپ ماتېماتىكىنى ئاساس قىلىپ تۇرۇپ، ماتېماتىكىنىڭ قانۇنىيەتلىرىنى ئۆگىتىشىمىز كېرەك. ئوتتۇرا مەكتەپتە ماتېماتىكىلىق تەڭلىمىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەمەلىيەتچاللىقىنى تەكىتلەپ چىقىش مۈمكىن ئەمەس. بەزى نەرسىلەرنى شەكىل جەھەتتىن، يېشىم جەھەتتىن، ماتېماتىكىنىڭ بىلىملىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈنمۇ ئۆگىنىمىز. ماتېماتىكىدا بىر نامەلۇملۇق 2 دەرىجىلىك تەڭلىمە بولۇپ، مەسىلەن h=16 t^2 +120 t. بۇ يەردە ئەگەر h=180 بولسا، t نى تېپىشقا توغرا كېلىدۇ. يەنى 16t^2 +120 t=180 دىن ئىبارەت 2 دەرىجىلىك تەڭلىمىنى يەشىشكە توغرا كېلىدۇ. ئوتتۇرا مەكتەپتە بۇ تەڭلىمىنى قانداق يېشىشنى مەشق قىلىدۇ. بۇ جەريان دەل ساپ ماتېماتىكىدۇر.
______________________________________________________________
بۇ يەردىكى ^ بەلگۈ كۋادىرات بەلگىسى، يەنى t^2 بولسا tنىڭ كۋادىراتىنى ئىپادىلەيدۇ.

بىز بۇ تەڭلىك نېمىنى ئىپادىلەيدۇ؟ دەپ سورىساق، ئۇ كىچىك بىر راكېتا 120km/sktتېزلىكتە، يەر يۈزىدىن كۆتۈرۈلگەن ھالىتىنى ئىپادىلەيدىغانلىقىنى بىلىمىز. يۇقىرىدىكى “ھ” بولسا بۇ راكېتانىڭ يەر يۈزى بىلەن بولغان ئېگىزلىكنى ئىپادىلەيدۇ. h=180 دېگىنىمىز راكېتا 180kmئېگىزلىكتە بولغانلىقنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمدى بىز بۇ راكېتا 180km ئېگىزلىكتە بولغاندا، قانچىلىك ۋاقىت كەتكەندۇ دېسەك، چوقۇم 16t^2 +120 t=180 تەڭلىمىنى t غا نىسبەتەن يەشسەكلا كۇپايە قىلىدۇ. بۇ يەردە “t” ۋاقىتنى ئىپادىلەيدۇ. شۇڭا ساپ ماتېماتىكا بولماي، تۇرۇپ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش مۈمكىن ئەمەس. مەن ياپوندا تۇرغان ۋاقتىمدا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناس نوبېل مۇكاپاتى ئالغان ئىدى. بۇ ئىقتىسادشۇناس ئۆزى ئوتتۇرىغا قويغان نەزەرىيىنى ياپونىيە كيوتو ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ساپ ماتېماتىكىچىسى، فۇنكسىيە نەزەرىيىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان، تۇراقلىق نۇقتا دېگەن تېورېمىسى ئارقىلىق ئىسپاتلاپ چىقىقان. بۇ تېورېما بۇ نەزەرىيىنى ئىسپاتلاشتا ئاساسلىق رول ئوينايدۇ. شۇ چاغدا ياپونىيە دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسى ياپونلۇق پروفېسسورنى تەكلىپ قىلىپ، 1 ساەتلىك ئالاھىدە پروگرامما ئورۇنلاشتۇرىدۇ. بۇ پروفېسسور ئۆزىنىڭ تېورېمىسىنىڭ ئىقتىسادقا قانداق قوللىنىلغانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بىراق، ماتېماتىكىلىق جەھەتتە بۇ تېورېمىنىڭ ئالاھىدىلىكنى ئېنىق قىلىپ چۈشەندۈرىدۇ.
دېمەكچى بولغىنىم ساپ ماتېماتىكىدەك بىر كۈچلۈك قوشۇن بولماي تۇرۇپ، باشقا پەنلەرنى ياخشى ئىگىلەش مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭ دەيدىغىنىم، ھەربىر ئاتا-ئانا ئۆز پەرزەنتلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر ئىلىم-پەن خادىمى بولۇشى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ماتېماتىكا ئۆگىنىشىنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. بالىلارنىڭ كومپيۇتېر بىلەن بولۇپ كېتىش ئەھۋالىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ماتېماتىكىنى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن قەلەم بىلەن قەغەزنى قولغا ئېلىپ مەسىلە يېشەلەيدىغان ھەم مەسىلە تۈزەلەيدىغان ھالەتنى شەكىللەن دۈرۈش كېرەك.
مېنىڭ ئاخىرىدا يەنە بىر دەيدىغان نەرسەم، ئەدەبىياتنى كىچىكىدىن باشلاپ ياخشى ئۆگىنىش كېرەك ئىكەن. مەن 4-،5-، 9-،10- سىنىپلاردا ئەدەبىيات دەرسىنى ئوقۇيالمىغان. مەكتەپتە ئەدەبىيات ئوقۇتقۇچىسى يوق ئىدى. شۇ چاغدىكى ئاجىزلىق داۋاملىق مېنىڭ بىرنىمە يېزىشىمدا ئاۋارە قىلىدۇ. شۇڭا ئەدەبىيات بىلەن ماتېماتىكىنى كىچىكىمىزدىن باشلاپ ياخشى ئۆگەنسەك مۇكەممەل ئادەم بولامدۇقكىن دەپ قارايمەن.

http://uyghuracademy.comئۇيغۇر ئاكادېمىيىسى تورى  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2011-10-15 11:18:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك تورداشلار ! يۇقارقى ماقالىلەر ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى تورىدىن ئېلىنغان بولۇپ ، بۇ تور بەتتە مەزمۇن جەھەتتىن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بولغان ماقالىلەر بەك كۆپكەن.بىر كېتىم ئوقۇپ قويۇشقا ئەرزىيدىكەن، مەن بۇ يەردە ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر ئاكادېمىيە تورىنى تەشۋىق قىلغىنىم ئەمەس ، پەقەت كەڭ تورداشلارنىڭ مۇشۇنداق ياخشى بولغان ئەسەرلەرنى كۆرۇپ بېقىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.كۆپچىلىككە رەھمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 09:43 , Processed in 0.152183 second(s), 24 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat