ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 2

Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاش ئۇسۇلى   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1296
تىللا
5207
شۆھرەت
2816

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 01:58:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمامدا ئاساسلىق Sina App Engine تور خاتىرىسىگە Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرىلىدۇ.

ئەگەر سىز ئىلگىرى WordPress تىن پايدىلىنىپ قۇرغان تور خاتىرىڭىزگە Windows Live Writer دىن پايدىلىنىپ تېما يوللاپ كېلىۋاتقان بولسىڭىز ھەمدە Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ تور خاتىرىسى قۇرۇۋالغان، شۇنداقلا بۇنىڭغا تېما يوللاش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتقان بولسىڭىز، بۇ تېمىدا دېيىلگەن مەزمۇنلارغا ئېھتىياجىڭىز چۈشۈشى مۇمكىن، ئەگەر بۇنداق ئېھتىياجىڭىز بولمىسا ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلىپ بۇ تېمىنى ئوقۇپ چىقىشىڭىزنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق دەپ قارايمەن.
ئەگەر سىز Sina App Engine دىن پايدىلىنىپ تور خاتىرىسى قۇرۇش ئۇسۇلىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، نەزىرىڭىز «دولانلىق» ئەپەندى يازغان تۆۋەندىكى تېمىلاردا بولسۇن:
Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (1)

Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (2)

Sina App Engine دا Wordpress قۇرغىڭىز بارمۇ؟ (3)

ئۇنداق بولسا نەزىرىڭىز تۆۋەندىكى تېما مەزمۇنىدا بولسۇن:
1- كومپيۇتېرىڭىزدىكى Windows Live Writer دېتالىنى قوزغىتىڭ. ( ئەگەر بۇ دېتال يۇق بولسا ھەمدە كومپيۇتېردىكى مەشغۇلات سىستېمىڭىز Windows XP بولسا، بۇ مەنزىلدىن مەزكۇر دېتالنى چۈشۈرۈۋالالايسىز. مەنزىل: http://explore.live.com/windows-live-writer-xp )
2- دېتالغا تور خاتىرە ھېساباتى قوشۇڭ،  ئەگەر بۇرۇن قوشۇپ بولغان بولسىڭىز بىۋاسىتە 3-باسقۇچقا تاقلاپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باسقۇچتىكى مەشغۇلاتمۇ يەنە بىر قانچە كىچىك قەدەم باسقۇچلارغا بۆلۈنىدۇ.
(1) دېتالنىڭ قورال (工具) تىزىملىكىدىكى ھېسابات (账户) تۈرىنى چېكىڭ.

(2) چىققان كۆزنەكتىن «قوشۇش» (添加) كونۇپكىسىنى (سۈرەتتىكى قىزىل رامكىغا ئېلىنغىنى) بېسىپ ھېسابات قوشۇشنى باشلايمىز.

(3) چىققان كۆزنەكتىن ئەڭ ئاستىنقىسىنى تاللاپ، «كېيىنكى قەدەم» (下一步) نى باسىمىز.

(4) چىققان كۆزنەكتىكى مۇناسىپ تۈرلەرگە ئۆزىمىزنىڭكى ماس ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇپ، «كېيىنكى قەدەم»(下一步) نى باسىمىز، ئەلۋەتتە، كېيىن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈشكە ئېرىنسەك، ئەڭ ئاستىدىكى مەخپىي نومۇرنى ساقلىۋېلىش تۈرىنىڭ ئالدىغا توغرا بەلگىسىنى قويۇۋەتسەك بولىدۇ. ئەگەر مەخپىي نومۇرىمىزدا خاتالىق بولمىسا، كېيىن ئىشلەتكەن ۋاقتىمىزدا مەخپىي نومۇر كىرگۈزۈش ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالايمىز، ئەمما بۇنىڭ بىر يېتەرسىزلىكى مەخپىي نومۇرىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىشىمىزنى تېزلىتىدۇ.

(5) دېتال بىز كىرگۈزگەن ئۇچۇرلارغا ئاساسەن، مۇلازىمېتىرغا ئۇلاپ، كېرەكلىك ئۇچۇرلارنى ئالماشتۇرۇشقا باشلايدۇ، بۇنىڭغا بىرنەچچە سېكۇنت ياكى بىرەر ئاش پىشىم ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، بۇ پۈتۈنلەي سىزنىڭ شۇ چاغدىكى تور سۈرئىتىڭىز، سىنا مۇلازىمېتىرىنىڭ سۈرئىتى قاتارلىقلارغا باغلىق.

(6) ئەگەر مۇلازىمېتىر بىلەن ئالاقىلىشەلىگەن بولسا، دېتالنىڭ ئوتتۇرىدىكى تېكىست رامكىسىدا سىزنىڭ تور خاتىرىڭىزدە بەلگىلىگەن تور خاتىرە نامى كۆرۈنىدۇ. سىز كۆزنەكتىكى «تامام»(完成) كونۇپكىسىنى بېسىپ، كېيىنكى باسقۇچ بويىچە تېما يېزىشنى باشلىسڭىز بولىدۇ.

3- ئەمدى سىز رەسمىي يوسۇندا بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ ئۆز تور خاتىرىڭىزنى يېزىشنى باشلاپ كەتسىڭىز بولىدۇ. بۇ دېتالنى ئىشلىتىش خۇددى Word دېتالىنى ئىشلىتىشكە ئوخشاش ناھايىتى ئاددى، سىز Word دېتالىغا پىششىق بولسىڭىز، بۇ دېتالغا بىردەمدىلا كۆنۈپ كېتىسىز. شۇنداقتىمۇ تۆۋەندە بۇ دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى (چەكسىڭىز ئەسلى چوڭلۇقتىكىسى كۆرۈنىدۇ) ۋە بىر قىسىم ئىشلىتىش زۆرۈر ياكى ئىشلىتىش قېتىم سانى كۆپ جايلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.


(1) بۇ رايوندىكى كونۇپكىلار ئارقىلىق سىز خۇددى Word قا ئوخشاشلا يېڭىدىن ھۆججەت قۇرالايسىز، يازغانلىرىڭىزنى ساقلىيالايسىز ياكى بۇرۇن يازغانلىرىڭىزنى ئېچىپ تەھرىرلىيەلەيسىز.
(2) بۇ كونۇپكىدىن پايدىلىنىپ يازغانلىرىڭىزنى تورغا يوللىيالايسىز.
(3) بۇ يەردىكى قىسقۇچلار ئارقىلىق سىز يازغانلىرىڭىزنىڭ ئەسلى كودىنى ياكى تورغا يوللانغاندىكى كۆرۈنۈش ھالىتىنى كۆرەلەيسىز.
(4) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزنى تۈرىنى تاللىيالايسىز ياكى يېڭى تۈر قوشالايسىز.
(5) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزغا خەتكۈچ قوشالايسىز.
(6) بۇ يەردىن يازغان تېمىڭىزنىڭ ئېلان قىلىنغان ۋاقتىنى بەلگىلىيەلەيسىز، ئەگەر بۇ يەرنى ئۆزگەرتمىسىڭىز سىز (2) دىكى كونۇپكىنى باسقان ۋاقتىڭىزدىكى سىستېما ۋاقتى بويىچە ساقلايدۇ.
(7) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە نامىڭىز، ئەگەر بىر نەچچە تور خاتىرە ھېساباتىڭىز بولسا ھەمدە ئۇلارنى 2-باسقۇچتىكى ئۇسۇل بويىچە قوشقان بولسىڭىز، مۇشۇ يەرنى بېسىش ئارقىلىق ئۆز ئارا ئالماشتۇرالايسىز.
(8) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە بېتىڭىزنى ئېچىپ بېرىدۇ.
(9) نۆۋەتتىكى تور خاتىرە بېتىڭىزنىڭ ئارقا باشقۇرۇش بېتىنى ئېچىپ بېرىدۇ.
بۇ دېتالنىڭ يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىرى بار بولۇپ، ئۇندىن باشقا قوشۇمچە قىستۇرما قوشۇپ ئىشلىتىشكىمۇ بولىدۇ. بۇ يەردە ئۇلارنى قانداق ئىشلىتىشنى تەپسىلىي تونۇشتۇرمايمەن، سىز ئۆز ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن توردىن ئىزدەپ ئۆگىنىۋالسىڭىز بولىدۇ.
يازما مەنبەسى: نىدا تور خاتىرىسى (سىنا بوشلۇقىدىكى سىناق تور خاتىرە بوشلۇقى) بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-10-14 02:02  

1

باھا خاتىرىسى

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2048
تىللا
1535
شۆھرەت
3256
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-14 14:22:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەجەپ ياخشى بىلىمكىنا ماۋۇ؟ رەھمەت سىزگە.
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5288
تىللا
4139
شۆھرەت
8967

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-15 02:10:59 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزىچىلا يوقاپ كىتىپ پەيدا بولسىلا ئادەم ئاغىزىنى ئېچىپ قالىدىغان تىما يوللايدىكەن نادىر تېمىلىرىڭىزنى ئۈزۈپ قويماي يوللاپ تۇرۇڭ، بىلمىگەنلەر بىلىۋالايلى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-11 20:20 , Processed in 0.081291 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش