مەن Open Office 3.3.0 نىڭ ئېنگىلسچىسىنى قاچىلاپ ئۇيغۇرچە قىلىۋالدىم يەنى كىلىپ Microsoft Office بىلەن تەڭ قاچىلىۋالدىم ( ئەمەلىيەتتە بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس) بۇنىڭ پۈتۈن جەريانىنى رەسىمگە تۇتۇپ قويدۇم.
تۇتقان رەسىم 32 پارچە بوپتۇ. بۇ يەرگە بىر تاللا يوللاپ قويىمەن، قالغان رەسىمنى ئېلكىتاپتىن كۆرۈڭ.
قاچىلاش جەريانىنىڭ ئەڭ ئاددىي چۈشەندۈرىشى:
1- ئاۋال http://download.openoffice.org/all_beta.html دىن 1-نى بېسىپWindows نەشرىنى چۈشۈردۈم. ( يەنى http://download.openoffice.org/all_beta.html#untested-full دىن)
ھۆججەت OOo-Dev_3.3.0beta1_Win_x86_install_en-US.exe سىغىمى 154.063 ك ب
2- http://download.openoffice.org/all_beta.html دىن 2-نى بېسىپ ئۇيغۇرچە تىل يامىقىنى چۈشۈردۈم. ( يەنى http://download.openoffice.org/all_beta.html#untested-lp دىن)
ھۆججەت OOo-Dev_3.3.0beta1_Win_x86_langpack_ug.exe سىغىمى 40.401 ك ب
3- ئاۋال OOo-Dev_3.3.0beta1_Win_x86_install_en-US.exe نى قاچىلىدىم.
4- ئەمدى ئۇيغۇرچە تىل يامىقى OOo-Dev_3.3.0beta1_Win_x86_langpack_ug.exe نى قوشتۇم.
5- كومپيۇتېرنى قايتا قوزغاتتىم.
6- تىل تەۋەلىكى، كۆرۈنمە يۈز تىلىنى تەڭشىدىم.
شۇنىڭ بىلەن نەتىجە رەسىمدىكىدەك
قالغىنىنى ئېلكىتاپتىن كۆرۈڭ
ئوڭنى بېسىپ چۈشۈرۈۋېلىڭ
http://intilvb.kiyas.biz/vb2008ders/Open Office3 ni qachilash.pdf
http://intilvb.kiyas.biz/vb2008ders/Open Office3 ni qachilash.swf
(ئېلكىتاپ " vb مۇسابېقىسىگە قىياس دۇنياسى توربىكىتىنىڭ ئازراق كۆڭلى..!" دېگەن تېمىدىكى بوشلۇققا يوللاندى )
قوشۇمچە گەپ ~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~~
Open Office دىتالى Microsoft Office قا ئوخشاشلا ئىشخانا دىتالى بولۇپ بۇ ئىككىسىنىڭ ئىقتىدارى ئوخشاش. Open Office 3.3.0
نىڭ بىر ئارتۇقچىلىقى بۇ ھەقسىز دېتال بولۇپ بۇ دىتالنى ئاچقۇچىلارمۇ خالىس ئاچقان، بۇنى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇشنىڭ سەردارلىرىدىن غەيرەت توختى كەنجى، ئابدىقادىر ساھرانلارمۇ خالىس تەرجىمە قىلغان. پېقىر بۇ خالىس، ئەلسۆيەر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ نەچچە ئايلىق مىننەتسىز ئەجرى ئۈچۈن « ئىنتىل سەيناسى» دىكى بارلىق تورداشلار شۇنداقلا بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىز نامىدىن چوڭقۇر تەشەككۈر ۋە يۈكسەك ئېھتىرام بىلدۈرىمەن. Open Office 3.3.0 نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتى تېخى تولۇق ئاياقلاشمىدى، كۆز ئالدىمىزدا يەنە بۇنىڭغا ئوخشاش ھەقسىز مەشغۇلات سىستېمىسىدىن ئۇبۇنتۇ (Ubuntu
) نى ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇش خىزمىتىنى يۇقىرىقى ئەزىمەتلەر داۋاملىق قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىزمەتلەر سىز ۋە ماڭا ئوخشاش قېرىنداشلارنىڭ خالىس كۈچ قوشۇشىنى كۈتمەكتە. ~~~~~~~~ 1- Open Office نىڭ تەرجىمە ئەھۋالىنى http://pootle2.sunvirtuallab.com/ug دىن كۆرۈڭ.
تەرجىمىگە قاتناشماقچى بولغانلار تىزىملىتىپ كىرسە تەرجىمە قىلىش ئۇسۇللىرى ئۆگۈتىلىدۇ . 2- ھازىرقى پىلان، ئاللا خالىسا كېلەر يىلى 4-ئايغىچە GNOME نى تاماملاش ، ئاندىن كېيىن Ubuntu غا قايتا تۇتۇش قىلىپ، ئۇنىڭ تەرجىمىسىنى 2 يىل ئىچىدە 50% گە يەتكۈزۈش. ئەگەر ئادەم كۆپەيسە ئەلۋەتتە ھازىرقى پىلان زور دەرىجىدە ئالدىغا سۈرۈلىدۇ. (http://l10n.gnome.org/teams/ug گە قاراڭ) |