ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 307|ئىنكاس: 1

ئالماشىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ جوبىس ۋاپات بولدى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3256
تىللا
3063
شۆھرەت
5404

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-10-9 23:35:33 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سېتىف جوبىس (Steve Jobs) ئالەمدىن ئۆتتى
بېجىڭ ۋاقتى 2011-يىل 10-ئاينىڭ 6-كۈنى ئالماشېركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ جوبىس راك كېسىلى سەۋەبىدىن 56يېشىدا ۋاپات بولدى.
ئالما شېركىتىنىڭ ھۆكۈمەت تورى:http://www.apple.com



مەنبە:http://tech.sina.com.cn/z/stevejobsdie/index.shtml

  ئالماشېركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سىتىۋ جوبىس ئالەمدىن ئۆتتى.
ئامېرىكا ئالما شىركىتى : ئالما شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسىنىڭ بىرى ، ئالما شىركىتىنىڭ سابىق باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى سېتىف جوبىسنىڭ ئالەمدىن ئۆتكەنلىكىنى جاكارلىدى .  
جوبىسنىڭ يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيانقى سالامەتلىك ئەھۋالى ناچارلاشقان بولۇپ ، ئاشقازان ئاستى بىزى راكىغا گىرىپتار بولغان ھەمدە جىگەر ئۇلاش ئوپراتسىسى قىلدۇرغانلىقتىن بەدەن ئېغىرلىقى تەدبىرىجى تۆۋەنلىگەن . ئامېرىكا ۋاقتى چارشەنبە كۈنى 56 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتكەن .  


ئامېرىكا ئالما شىركىتىنىڭ مۇسىبەت خەۋىرىدە تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلار يېزىلغانىدى :  
ئالما شىركىتى يېراقنى كۆرەر ۋە يېڭىلىق يارتىشقا باي تالانت ئىگىسىدىن ئايرىلدى . ئىنسانلار چۈشىنىپ بولالمايدىغان بىر كىشىدىن ئايرىلدى . جوبىس بىلەن بىللە خىزمەت قىلغانلار يېقىن دوستى ۋە ئۇستازىدىن ئايرىلدى . سېتىف جوبىس پەقەت ئۇ ئۆزىلا قۇرۇپ چىقالايدىغان شىركەتنى قالدۇرۇپ كەتتى ، ئۇنىڭ روھىي مەڭگۈ ئالما شىركىتىنىڭ روھى بولۇپ قالغۇسى !  

سېتىف جوبىس 1955 - يىلى 2 - ئاينىڭ 24 - كۈنى ئامېرىكىنىڭ سان - فرانسىسكو شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن . ئۇ ئەمدىلا تۇغۇلغاندا سان - فرانسىسكودا تاماقخانىدا ئىشلەيدىغان ئاتىسى بىلەن قاۋاقخانا باشقۇرىدىغان ئانىسى ئۇنى تاشلاپ كىتىپ قالغان . بەختكە يارىشا ئۇنى بىر جۈپ ئەر - خوتۇن بىقىۋالغان .  
1976 - يىلى جوبىس ، ۋوز ، لوڭ ۋىينالار كىيىنكىلەرگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر ئىشنى قىلدى ، يەنى ئۇلار بىر توختامغا ئىمزا قويۇپ ، بىر كومپىيۇتىر شىركىتى قۇرۇشنى قارار قىلدى . شىركەتنىڭ نامى جوبىسنىڭ تەشەببۇسى بىلەن ئالما بولۇپ بىكىتىلدى . كىيىنچە بۇ شىركەتنىڭ تاۋار ماركىسى «چىشلەپ قويۇلغان ئالما» بولۇپ قالدى .
مەنبەلىرى:
http://news.ifeng.com/world/detail_2011_10/06/9657677_0.shtml
http://news.ifeng.com/world/detail_2011_10/06/9657874_0.shtml

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
350
تىللا
406
شۆھرەت
626
يوللىغان ۋاقتى 2011-10-10 16:59:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭچە ئەمدى ئالما شىركىتى تەرەقىياتى تۆۋەنلەپ كىتىدىغان بولدى.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-14 00:27 , Processed in 0.105444 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش