+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا يانفۇن يانفۇننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارل ...

كۆرۈش: 343|ئىنكاس: 0
go

يانفۇننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

[?]
تۆھپە
9639  
تىللا
14660  
شۆھرەت
18928  

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-30 03:43 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
يانفۇننىڭ يوشۇرۇن ئىقتىدارلىرى1. يوشۇرۇنغان زاپاس باتارىيە:
ئەگەر يانفونىڭىزنىڭ توكى ئاز قالسا، لېكىن داۋاملىق ئىشلىتىش ئېھتىياجىڭىز بولسا،#3370* نى باسسىڭىز يانفون قايتا قوزغىلىدۇ، قوزغالغاندىن كېيىن توك مىقدارىنىڭ %50ئاشقانلىقىنى كۆرىسىز، بۇنى ئىشلىتىپ بولۇپ يەنە توك قاچىلىشىڭىز كېرەك. لېكىن بۇ بەزى يانفونلارغا ئىشلىمەسلىكى مۇمكىن. بۇنى پەقەت جىددىي ئەھۋاللاردائىشلىتىڭ.
2. جىددىي ئەھۋال ئاستىدا:
پۈتۈن دۇنيادىكى يانفونلاردا ئۇلىنىدىغان جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىش نومۇرى112دۇر. سىز جىددىي ئەھۋالدا قالغان رايوندا سىگنال بولمىسىمۇ،112غا ئۇرسىڭىز ئاپتوماتىك ھالدا توردىن جىددىي ياردەمتەلەپ قىلىدۇ. قىزىقارلىق يېرى شۇكى، يانفون كونۇپكا تاختىسى تاقاق ھالەتتىمۇ 112غائۇرالايسىز.
يانفوننى ئاسراشنىڭ مۇھىم ئۇسۇللىرى:
1. يانفونغا توكى تۈگىگەندە ئاندىن توك قاچىلىماڭ. ھەر ۋاقىت توكى توللۇق ھالەتتە تۇرسا، يانفوننىڭ ئۆمرى ئۇزىرايدۇ. چۈنكى ھازىر يانفونلاردا باتارىيە ئىشلىتىلىدۇ.
2. يانفون ھەققىنىڭ قويمىچىلىرىدىن ساقلىنىڭ!جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش ئابونتلىرى 0000دەپ يېزىپ10086غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز شۇ قويمىچىلارنىڭ مۇلازىمەتلىرى زادى قايسىلار ئىكەنلىكى يېزىلغان قىسقا ئۇچۇر قايتۇرىلىدۇ. 00000دەپ يېزىپ 186201غا قىسقا ئۇچۇر يوللىسىڭىز بۇ قويمىچىلارنىڭ ھەممە مۇلازىمىتى قايتۇرىلىدۇ.
3. بىر مىنۇتنى توشقۇزۇپ ئۇرماڭ. بىز ئادەتتە دەل بىرمىنۇت سۆزلىشىپ توختىيالىغىنىمىزغا خوش بولىمىز، لېكىن جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتىدەئىشلەيدىغان بىر خادىمنىڭ ئېيتىشىچە، ئادەتتە 55سىكۇنت توشسىلا بىر مىنۇتقا ھېسابلىۋىتىدۇ. دېمەك، 55سىكۇنتتىن 1مىنۇتقىچە سۆزلەشسىڭىز ئەمەلىيەتتە 2مىىنۇتلۇق قىلىپ ھېسابلايدۇ.
4. يانفونغا سۇ كىرىپ كەتسە، ھېچقانداق كونۇپكىنى باسماڭ، بولۇپمۇ يانفوننى ئۆچۈرۈش كونۇپكىسىنى. بۇنداق چاغدا قېپىنى ئېچىپ باتارىيىسىنى تېزدىن
ئېلىۋەتسىڭىزلا بولىدۇ.
يانفون باتارىيىسىنى تېرىلدۈرۈش:
پۇلنى تېجەش ئۈچۈن، باتارىيە كونىرىسا يېڭىنى ئېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. ماۋۇنى سىناپ بېقىڭ:
1› گېزىتتە باتارىيەنى ئوراپ، توڭلاتقۇغا 3كۈن سېلىپ قويۇڭ. (توڭلىتىش بۆلىمىسىگە)
2› 2كۈندىن كېيىن ئېپچىقىپ ئادەتتىكى تېمپىراتۇرىدا 2 كۈن قويۇڭ.
3› 3كۈندىن كېيىن توك قاچىلاپ لىق توشقۇزۇڭ. بۇ چارىنى مەلۇم بىر داڭلىق باتارىيە ئىشلەپ چىقىرىش زاۋۇتىدىكى ئېىنژېنىر دەپ بەرگەن. قېرىنداشلىرىم سىناپ باقسۇن.
يانفونىڭىزدا دائىم توك ئۆزۈلۈپ قالامدۇ؟ ياكى توكنى لىق قاچىلاپ بولۇپ ئۇزاق ئۆتمەي توكى تۈگەمدۇ؟ يانفونىمنىڭ ئۆمرى قىسقىراپتۇ دەپ گۇمانلىنامسىز؟
ئەنسىرمەڭ، بۇ پەقەت ئۇنىڭ ”يۈرەك سوقۇشىنىڭ ۋاقتىنچە توختاپ قالغان”لىقى. قېرىنداش ئۆچىرىدىغان ئۆچۈرگۈچ بىلەن باتارىيەنىڭ ھېلىقى سېرىق مېتال
يېرىنى پاكىز سۈرتۈپ بېرىڭ، ئۇ راستىنلا تېرىلىدۇ
مەنبە:روھلان تور بېكىتى يازمىلىرى –gujamniyaz
http://uyghuracademy.com/?p=10431
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-8-30 08:09 , Processed in 0.337185 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.