ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 322|ئىنكاس: 1

بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان جىنايەتلەر     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Segek 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
787
تىللا
446
شۆھرەت
1209
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 11:53:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان جىنايەتلەر(1)      

مۇنبەردىكىلەر قانۇن پۇراپ تۇرغان تېمىنى كۆرىۋېرىپ بېشىڭلار ئاغرىپ كەتمىسۇن ،بىلىپ قويغاننىڭ زىينى يوق .قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن گەرچە قانۇن ئىجرا قىلغۇچىلارغا ئوخشاش پۇقرالار ھوقۇقىغا بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا ئامالىمىز بولمىسىمۇ ،بىراق ئەتراپىمىزدىكى كىشلەرگە ئۆز ھوقۇقىنى  قانداق يول بىلەن قانداق قوغداشنى بىلدۈرۈپ قويۇش ،ئەسكەرتىشپ قويۇش مەجبۇريىتىمىز بولمىسىمۇ مەسئۇلىيتىمىز بار ،مەسئۇلىيىتمىز بولمىسمۇ ئۆزۈمگە نىسبەتەن  بۇرچ دەپ قاراپ ئولتۇرۇپ بۇ تېمىدا  يېزىۋاتىمەن ،بۇندىن كىيىن مۇشۇ تېما ئاساسىدا  ،پۇقرالار بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان جىنايەتلەر تەپسىلى تونۇشتۇرۇلۇپ چىقىدۇ .

  تۇرمۇشىمىزدا ئادەم ئۆلتۈرسە ،بۇلاڭچىلىق قىلسا  ۋە ياكى بىرەيلەننى ئۇرۇپ قويسا جىنايەت بولدىغىنىنى  قارا ساۋات ئادەممۇ بىلدۇ،ئەمما دەۋرىمىزدىكى كۈنسىرى يېڭىلىنىۋاتقان تۆۋەندىكىدەك جىنايەتنىڭ بارلىقىنى ،ئۆزىنىڭ نىمە ئۈچۈن بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ قالىدىغىنىنى نۇرغۇنلىغان ئوقۇمۇشلۇق كىشلەرمۇ بىلمەيدۇ .ھەتتا قانۇن خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانشۇچىلارمۇ بىلىشى ناتايىن. شۇڭا ھازىرچە ئېسىمگە كەلگەنلىرى  بويىچە  يېزىلدى ،كىيىن داۋاملىق يوللنىلىدۇ .

1.ۋەزىپە ئىجرا قىلىشقا توسقۇنلۇق قىلىش جىنايىتى .

مىسال: ئۈرۈمچى شەھىرىدە نەچچە ئاينىڭ ئالدىدا بىر ئۇيغۇر ئاممىۋى ئابتۇبۇس شوپۇرى  مۇشۇ جىنايەتنى ئۆتكۈزگەن ،يەنى ئۇ يولدا ماشىنسىنى ھەيدەپ كېتىۋاتقاندا ساقچىلار كېلىپ ئۇنى توسۇپ" كېنىشكەڭنى  ياكى كىملىكىڭنى چىقار" دىگەن ،بۇ ۋاقتىدا بۇ شۇپۇر" چىقارمايمەن، قانداق قىلاتتىڭ"دەپ ئۇلار بىلەن ئۇرۇشۇپ  كەتكەن ،ھەتتا ماشنىسىنى ھەيدەپ كەتكەن  .شۇنىڭ بىلەن بۇ بالا يۇقارقى جىنايەت بىلەن قولغا ئېلىنغان .

2.ساختا مەبلەغ چىقىرىش جىنايىتى

مىسال:ھازىر كۆپلىگەن كىشلەر شىركەت قۇرۇشنى ئويلايدۇ ،ئەمما قۇراي دىسە يېتەرلىك پۇلى يوق ، شۇڭا ئۇلار ۋەكالىتەن شىركەت قۇرۇپ بېرىدىغانلار بىلەن ھەمكارلىشىپ شىركەت قۇرىدۇ .ۋەكالىتەن شىركەت قۇرىدىغانلار ئۆز يېنىدىن شىركەتنى رويخەتكە ئالدۇرۇش ئۈچۈن كېتىدىغان پۇلنى شىركەتنىڭ كارتىسىغا سېلىپ بېرىپ شۇ ئارقىلىق شىركەت قۇرماقچى بولغانلارنىڭ ئوڭۇشلۇق قۇرىۋېلىشىغا  ياردەم قىلىدۇ ،ۋە شۇ ئارقىلىق شۇ ۋاقىتتىكى بېرىپ تۇرغان پۇلنىڭ ئۆسىمى ۋە رەسمىيەت ھەققى ئارقىلىق ئۆزى مەلۇم كىرىمگە ئېگە بولىدۇ .

   شىركەت قۇرۇلۇپ بولدى ،قۇرۇلۇپ بولغاندىن شىركەت قۇرغۇچى شۇنچە جىق پۇلنىڭ شىركەت ھېساۋىدا بىكار تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ،ئۇنىڭ ئۈستگە بۇ پۇلنى ھېلقى ۋەكالتەن شىركەت قۇرۇپ بېرىدىغانلاردىن ئۈسۈم تۆلەش بەدلىگە ئارىيەت ئالغانلىقىنى بىلگەندىن كىيىن ،دەرھال بۇ پۇلنى  شىركەتنىڭ ھېساۋاتىدىن  چىقىرۋېلىپ  قەرزدىن قۇتۇلماقچى بولىدۇ .بۇ ۋاقتىدا شىركەت قۇرغۇچى دەل "ساختا مەبلەغ چىقىرىش جىنايتى"نى ئۆتكۈزۋاتقان بولىدۇ .

شىركەت قۇرۇلۇپ بولغاندىن كىيىن ،شىركەتمۇ مۇستەقىل قانۇنى ئېگىلىك سالاھىيەتكە ئېگە بولىدۇ ،گەرچە شىركەتنى  سىز قۇرغاندەك قىلسىڭىزمۇ بىراق ،شىركەت قۇرۇلغاندىن كىيىن سىز پەقەت شىركەتنىڭ خىزمەتچىسى بولۇپ قالىسىز ،ئۇ ۋاقتىدا شىركەتنىڭ ھېساۋاتىدىكى پۇلنى چىقىرۋالسىڭىز ،سىز شىركەتنى ئالدىغان بولۇپ ،قىلمىشىڭىزدىن جىنايەت شەكىللىنىپ قالىدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بۇنداق قىلمىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ،سىز شىركەتنىڭ ھېساۋاتىدىن پۇلنى چىقىرۋېلىشقا ئالدىرماي ،ئۈچ ئاي ساقلاپ تۇرغاندىن كىيىن چىقىرۋالسىڭىز ،قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت توشقان ھېساپلىنىپ ،بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئالغان بولىسىز .

2.قانۇنسىز نامايىش قىلىش جىنايىتى

دۆلىتىمىزدە قانۇنلۇق نامايىش قىلىش ئۈچۈن چوقۇم ج خ تارماقلىرىغا ئىلتىماس سۇنۇش كىرەك ،ئىلتىماستا  نامايىش قىلىشنىڭ مەقسىتى ،نامايىشقا قاتنىشىدىغان ئادەم سانى ،نامايىش قىلىشتا باسىدىغان يول قايسى يۆلىنىش قايىسى يولدا دىگەندەك مەزمۇنلار ئېنىق يېزىلىشى كىرەك بولۇپ ،يۇقارقى ئىلتىماس سۇنۇلمىغان نامايىش قانۇنسىز نامايىش قىلىش جىنايىتى ھېساپلىنىدۇ .چەتئەللەردە بىر دۆلەتتە ئىككى خىل ياكى ئۇنىڭدىن كۆپرەك پارتىيە مەۋجۇت بولۇپ ،بىر پارتىيە يەنە بىر پارتىيەگە قارىتا نامايىش ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھوقۇقلۇق ،بۇ نامايىشنى پارتىيە قوللايدۇ .يەنە بىر پارتىيەنىڭ بۇ پارتىيەنىڭ نامايىش ئۆتكۈزۈش ھەركتىگە قاتناشقۇچىلارغا جازا بېرىش ھوقۇقى يوق ،ئەمما دۆلىتىمىزدە بىرلا پارتىيە ئاساسلىق باش بولغاچقا ،ئىلتىماسسىز قىلىنغان نامايىش  پارتىيەگە قارشى چىققانلىق بولۇپ ھېساپلىنىدۇ ،ئاخىرى بېرىپ دۆلەتكە قارشى چىققانلىق بىلەن باراۋەر بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.

4.تاشلىۋېتىش جىنايتى

مىسال :نۇرغۇن ئەرلەر بار،ئايالى ساق ۋاقتىدا خوتۇن قىلىپ ،مىيىپ ياكى ئورۇندىن تۇرالماس بولۇپ قالسا ئاجرىشىپ كېتىدىغان ،بۇ خىل ئەھۋالمۇ تاشلىۋېتىش جىنايىتىگە كىرىدىغان بولۇپ ،ئايال تەرەپ ئەرز قىلىپلا قالسا ئەر كىشى كېسىلىپ كېتىشى مۇمكىن.بەزى  ئاتا-ئانىلار بار بالىرىنى ياكى ئاتا-ئانىلىرى ئاغرىپ قالسا باقمايدىغان ،بۇنىڭ ئۆزىمۇ مۇشۇ جىنايەت بىلەن ئەيىپلىنىدۇ .


بىلىپ بىلمەي ئۆتكۈزۈپ قالىدىغان جىنايەتلەر(2)

1.دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى قانۇنسىز تەمىنلەش جىنايىتى (جىنايى ئىشلار قانۇنى 111-ماددا)

دۆلەت مەخپىيەتلىكى ئىسمىدىن چىقىپ تۇرۇپتىكىن ئۇ بىر دۆلەتنىڭ مەخپىيىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ ،خۇددى سىز شەخسى سىرىڭىزنى باشقىلارغا ئاشكارلاشنى خالىمىغاندەك ھەر قانداق دۆلەت ئۆزىدىكى مەخپىيەتلىكنى باشقا بىر دۆلەتنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايدۇ . قانداق بولۇپ قالسا بۇ جىنايەتنى سادىر قىلىپ قالىدۇ دىگىنىمىزدە ،مىسال :سىزنىڭ بەك يېقىن چەتئەللىك دوستىڭىز بار(بۇ دوستىڭىزنىڭ نىمە ئىش قىلىدىغىنى ئېنىق ئەمەس )سىز ئۇنى باشلاپ بېرىپ تاغ دەريا ،ئورمان قاتارلىق جايلارغا  يەنى ساياھەت ئورنى قىلىپ بېكىتىلمىگەن ،كىرىش چەكلەنگەن رايۇنلارغا باشلاپ ئېلىپ كىردىڭىز ۋە ياكى دۆلەت بۇ قېتىمقى ئاپەتتە 100 ئادەم ئۆلدى دەپ خەۋەر بەرگەن بولسا،سىز ھېلىقى چەتئەللىك دوستىىزغا  باشقىلاردىن ئاڭلىۋالغىنىڭىز بويىچە 100 ئادەم ئەمەس بەلكى 101  ئادەمنىڭ ئۆلگىنىنى دەپ قويسىڭىز .....قاتارلىق ئەھۋاللار ھەممىسى يۇقارقى جىنايەت تۈرىگە كىرىدۇ .

2.ئۆز ئالدىغا  ھالدا  پۇل-مۇئامىلە ئورگانلىرىنى قۇرىۋېلىش جىنايىتى (174-ماددا)

ئادەتتە بانكا ياكى ئاكسىيە ئورگىنى ،ياكى سۇغۇرتا شىركەتلىرى قاتارلىقلارنى قۇرۇش ئۈچۈن سودا سانائەت ئورگىنىغا تىزىمغا ئالدۇرغاندىن باشقا ،بارلىق بانكىلارنى باشقۇرغۇچى ئورگان جوڭگۇ خەلق بانكىسىنىڭ روخسىتىنى ئېلىشى كىرەك.

3.قانۇنسىز مەبلەش توپلاش جىنايىتى

مىسال :مەلۇم شىركەت ئۆزىدىكى مەبلەغ  قىيىنچىلقىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن جەمىئەتكە ئاشكارا ئېلان چىقىرىپ  "بۇ شىركەتكە مەبلەغ قوشسا ،ماس ھالدا پايدا بېرىدىغانلىقى توغۇرسىدا "ئۇقتۇرۇش چىقاردى ۋە شۇنداق قىلدى .

بۇ يەردە بۇ شىركەتنىڭ  مەبلەغ توپلاش سالاھىيتى يوق  بولۇپ ،مەبلەغ توپلاش ئۈچۈن چوقۇم مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈش كىرەك .

4.توختام ئالدامچىلىقى جىنايتى

مىسال :ئۆتكەن يىلى مەلۇم شىركەت شىركەت تور بېتىنى ياسىتىش ئۈچۈن مەلۇم بىر تور تېخنىكا شىركىتى بىلەن توختام تۈزىگەن بولۇپ ،توختام تۈزۈلۈپ ئون كۈنگىچىمۇ ئۇ شىركەت تېخىچە تور بەتنى ياساپ بەرمىگەن .

مۇشۇنىىڭغا ئوخشاش ، شىركەتلەر ياكى شەخىسلەر قانۇنلۇق توختام تۈزۈپ ،توختامدىكى مەجبۇريىتىنى ئادا قىلمىسا (مىسال تور بەت ئىشلىتىشكىلا ئەمەس بەلكى ئېلىم سېتىمدىكى بارلىق ئىشلارغا تەدبىقلىنىۋىرىدۇ)بۇ جىنايەتنى سادىر قىلغان بولىدۇ .

بۇنى تەييارلىغۇچى ئادۋۇكاتتىن قانۇندىن مەسلىھەت سورىماقچى بولسىڭىز :
ئالاقىلىش نۇمۇرى ؛ چ چ :263271773
تىلفۇن:13999102040  
ئەجرى قىل،دەرياغا سال

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
1241
تىللا
914
شۆھرەت
2087
يوللىغان ۋاقتى 2011-9-26 19:17:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ئىشلارغا دىققەت قىلمايدۇ.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-26 18:49 , Processed in 1.342182 second(s), 16 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش