ئاپتورى: ياسىنجان مەمتىمىن ھازىر ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ نام ئىلىم- پەننىڭ،جۈملىدىن فىزىكىنىڭ سىموۋولىغا ئايلىنىپ قالدى.ئېيىنىشتىيىن بىر ئادەمنىلا كۆرسەتمەيدۇ.بەلكى ئۇ شەخىس گەۋدىسى،يۈكسەك نىرۋا پائالىيىتى،ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسىنى تۇتاشتۇرىدىغان ھازىر، شۇنداقلا تەڭرى بىلەن تەبىئەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت…كە ئوخشاش بىر تۇتاش تەپەككۈرنىڭ خوجايىنلىرىنى كۆرسىتىدۇ. ئېينىشتىيىن ھەم جانلىق ھەم جانسىز، ئۇ ھەم ئادەم ھەم بىر خىل ئۇقۇم.ئۇ ھەم ئۆتمۈشكە ھەم كەلگۈسىگە مەنسۇپ.سىزمۇ ئېينىشتىيىن،مەنمۇ ئېينىشتىيىن. بىز ھازىر ئېينىشتىيىن بىلمىگەن بەزى نەرسىلەرنى بىلىمىز،بۇ جەھەتتە ئۇ بەك بەخىتسىزمۇ قانداق؟ئېينىشتىيىن دىگەن بۇ ئۇقۇم بىزگە يەنىلا مۇكەممەلسىزلىكنىڭ بەزى پەرىشان تەرەپلىرىنى چۈشەندۈرۈپ تۇرماقتا.ئېينىشتىيىن دۇنيادىكى ئۇلۇغ پەيلاسوپ.ئەمما تارىخى ئۇنى ھەرگىزمۇ مۇكەممەل دەپ قارىمايدۇ.ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ ياشىغىنى مۇكەممەل بىر ھايات. ئۇ بالىلىق،ئۆي-ئوچاقلىق بولدى.تۇرمۇشىنى مىليونلىغان كىشىلەر قاتارىدا ئاددي-ساددا ئۆتكۈزدى.تەبىئەت سىرلىرى نىسپىيىلىك نەزىرىيىسى تەرپىدىن ئېچىلغان بولسىمۇ ئۇ يەنىلا بىزگە مۇكەممەللىك تۇيغۇسى بىرەلمەيدۇ.بىز يەنىلا ئالەمدىكى كىچىك بىر نوختىدا.بىز يەنىلا تېخى فوتۇن راكىتاسىغا ئولتۇرالمىدۇق.تەبىئەتتىكى ئاساسى كۈچلەرنى بىرگە يىغىنچاقلىيالمىدۇق.شەيئىنى تەشكىل قىلغۇچى بىردىنبىر ماددىنى تاپالمىدۇق.قىسقىسى بىز تېخى يەنىلا مۇكەممەللىك تۇيغۇسىغا قانالمىدۇق.بارلىق خام-خىيالغا بىرىلگەن كىشىلەرگە ئوخشاشلا ،بىز يەنىلا بۇ ئۈمۈدنى كەلگۈسىگە،ئەتىنىڭ ئېينىشتىيىنلىرىغا باغلايمىز.ئارىستوتىل يىگانە شەخىس ئىدى،ئىساك نىيوتونمۇ ئۆزىدىن ھالقىغان ئىدى،كىيىن ئېينىشتىيىن چىقتى،ئەمدى فىزىكا كىمنى بۇنداق ئىسىل مەرتۋىگە ئىگە قىلار! 1.رەسىمدىكى ئېينىشتىيىن
رەسىم ئۈستىدە. 2.تۇرمۇشتىكى ئېينىشتىيىن
تۇغۇلغان ۋاقتى: 1879-يىلى3-ئاينىڭ14-كۈنى. گىرمانىيە ئولىم. ئوتتۇرا مەكتەپتىكى لەقىمى:مۆمىن. .بىر نەچچە قېتىم ئالي مەكتەپكە كىرىش ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەن.ئىلىم ئەركىنلىكى ۋە ساپ بولغان سىياسى ھاۋا ئىزدەپ 1896-يىلى1-ئاينىڭ28-كۈنى دۆلەت تەۋەلىكىدىن چىقىپ كەتكەن. ئالاھىدىلىكى:5ياشتا ساۋادى چىققان. ئۇنىڭ ئادەت خارەكتىرلىك ئۇنۋىرسال كىسىلى:ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قېلىش. تۇنجى خوتۇن ئالغان ۋاختى:1903-يىلى.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن چاغ 1921-يىل. ئۇنىڭ ئەڭ چوڭ ئەخمەقلىق قىلغان ۋاقىتى:1952-يىلى. ئەينى يىلى يەھۇدىلارئۇنى ئىسرائىليە زۇڭتۇڭى بولۇشنى تەلەپ قىلىشقان ئىدى. 3.ئېينىشتىيىن ۋە ئەدەبىيات
ئېينىشتىيىن كىچىكىدىن قۇيۇق بولغان ئەدەبىي مۇھىت ئىچىدە چوڭ بولغان.ئانىسى بولسا ساپالىق ئەدەبىياتچى ئىدى. تۇنجى ئەسىرى ئۆيىدىكىللىرىنىڭ چوشقا گۆشى يىيشنى قارغاپ يازغان ۋە خۇدانى مەدىھلەيدىغان قىسقا شىئىرلاردىن ئىبارەت. ئۇ گېتى ۋە شىللىرنىڭ شىئىرلىرىغا مەستانە ئىدى.رومىن روللان،تاگور،رۇسسىل قاتارلىق نوبىل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن دۇنياۋى ئەدىبلەر بىلەن ئاغىنىدارچىلىقى بار ئىدى.
ئېينىشتىيىننىڭ رومىن روللانغا يازغان خېتىدىن ئارىيە: ”بىزنىڭ ياۋۇرپادا 300 يىللىق ئىزدىنىش ھازىر دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ ئورنىغا مىللەتچىلىك ئەسەبىيلىكىنى دەسسەتتى.كىيىنكى ئەۋلادلار بىزنىڭ ياۋۇرپاغا تەشەككۈر بىلدۈرەرمۇ؟نۇرغۇن مەملىكەت ئالىملىرىنڭ ھەركىتىدىن ،گويا ئۇلارنىڭ كاللىسى ئېلىۋېتىلگەندەك بىلىنىدۇ…ئەگەر سىز مىنىڭ ئازغىنە كۈچۈمنى كىرەك بولۇپ قالار دەپ قارىسىڭىز،ئۇنىڭدىن خالىغانچە پايدىلىنىڭ.“
ـــ ئالبىرت ئېينىشتىيىن.1915-يىل3-ئاينىڭ22-كۈنى. … بىز ئىنسانىيەتنىڭ ھاياتىنى ئاياغلاشتۇرامدۇق ياكى ئىنسانلار ئۇرۇشنى ئاياغلاشتۇرامدۇ؟
ـــ رۇسسىل-ئېينىشتىيىن خىتاپنامىسىدىن. ئېينىشتىيىننىڭ بىر پارچە ھەجۋى شىئىرى:
ئىزلىگىنىڭلار قەترىچە ھەقىقەتمۇ، گۇمانلانسا ناۋادا قايسى باتۇر،
تەرلەپ پىشىپ،جاپا چىكىپ ئاھ ئۇرۇپ . تىگەر كالتەك بېشىغا مۇكاپات بولۇپ.
كىلۇر پىرقە پەرمانىدىن ھەقىقەت، قۇلاق سالسۇن بۇ ئەخمەقلەر گىپىمگە،
يۈرمەڭلار ئەخمەق بولۇپ باش قاتۇرۇپ. ياخشى چارە گەپ ئاڭلاشتۇر جىم تۇرۇپ.
بۇ شىئىر 1953-يىلى يېزىلغان. 4.ئېينىشتىيىن ھەققىدە ياخشى- يامان باھالار
نىسپىيلىك نەزىريىسى ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ ئۇلۇغ مۇۋاپىقىيەتلەرنىڭ بىرى.
ـــــ تومسۇن.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى.
كەڭ مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىرىيىسى بەلكىم ئىنسانلار ياراتقان ئەڭ ئۇلۇغ ئىلمىي كەشپىياتتۇر.
ــــ دىراك.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى. كىمنى دەيمىز ماتىماتىكىدا بەكمۇ قالتىس دەپ؟
كىم سۆيىدۇ دىففېرسىنئال –ئېنتىگرالنى بەك؟
كىم ئىچمەيدۇ ھاراقنى،سۇ ئىچىدۇ دائىم؟
يوق باشقىسى ئۇستازىمىز ئېينىشتىيىندەك.
ئۇستازىمىز تەرك ئەتكەن تاماشايۇ-سەيلىنى،
ئۇستازىمىز ھەممىدىن قەدىرلەيدۇ ۋاقىتنى.
ئېينىشتىيىن ئۇستامنىڭ قىسقارتىشقا چېچىنى،
تەكلىپ-تەلەپ قىلىمىز ئاسماندىكى خۇدانى!
ـــــ پىرىنسىتۇن ئالي مەكتەپ ئوقۇغۇچىللىرى. ”بازارغا «ئېينىشتىيىن »ماركىلىق سىگار،«نىسپىيلىك نەزىريىسى» ماركىلىق تاماكا چىقتى. بىر ئامىرىكىلىق «تار مەنىدىكى نىسپىيلىك نەزىريىسى» نىڭ قول يازمىسىنى 6 مىليۇن دوللارغا سېتىۋالدى. ئېينىشتىيىننىڭ ئۇلۇغ نەزىريىسىنى پەقەت ئىككىلا كىشى چۈشىنىدىغان بولۇپ،ئۇنىڭ بىرى ئۈلۈپ كەتكەن،يەنە بىرى بولسا ئېينىشتىيىننىڭ ئۆزى شۇ بولۇپ،ئۇ قېرىغانلىقتىن ئۆزى كەشىپ قىلغان نەزىريىسىنى ئۇنتۇپ قالغان“ .
يوقارقىسى بولسا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە قارشى شىركەت ئېلان قىلغان نۇتۇقتىن پارچە. 1920-يىلى بىرلىندا نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ئۇچۇق سوت ئېچىش باشلاندى.يەھۇدىلارغا قارشى ئارىئان ئالىملىرىدىن نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى(1905-يىلى) لېنارد قاتارلىق نىسپىيلىك نەزىريىسىگە ،ئىنىقىنى ئېيتقاندا ئېينىشتىيىنغا قارشى شىركەت ئەزالىرىدىن 100 كىشىنىڭ ماقالىلەر توپلىمى ئېلان قىلندى.ئېينىشتىيىن ئۇلارغا مۇنداق جاۋاپ بەردى:
100 نۆلنى قوشسا يەنىلا 0 گە تەڭ.ئەگەر مىنىڭ نەزىرىيەم خاتا بولسا، بىر پىراففىسور چىقىپ ئىسپاتلىسىلا بولىدۇ،100 كىشى ئوتتۇرىغا چىقىشنىڭ نىمە ھاجىتى بولسۇن؟ 5.نىسپىيلىك نەزىريىسى دىگەن نىمە؟
چىرايلىق بىر قىزنىڭ قېشىغا بېرىپ ئىككى سائەت ئولتۇرسىڭىز بىر مىنۇت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز،ئەگەر مەشكە يۆلىنىپ بىر مىنۇت ئولتۇرسىڭىز ئىككى سائەت ئۆتكەندەك ھىس قىلىسىز.نىسپىيلىك نەزىرىيىسى دىگەن ئەنە شۇ. 6.ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر سۆز- جۈملىلىرىدىن ئارىيە.
ئوقۇش پۈتتۈرۈشنىڭ ئۆزى ئىشسىزلىق.
نىسپيلىك نەزىرىيەمدە ماكاننىڭ ھەر بىر نوختىسىغا بىردىن سائەت قويغان ئىدىم.لېكىن تۇرمۇشتا يانچۇقۇمغا بىرەر سائەت سېلىشقىمۇ قادىر بولالمىدىم.
پەقەت يۇلىنىلا باركى،چوڭ مېڭىسى يوق.(ئېينىشتىيىننىڭ قارغىشى)
سىياسى بولسا ۋاقىتلىق،تەڭلىمە بولسا مەڭگۈلۈك.
خۇدانى بىلمەك تەس،ئەمما ئۇنىڭغا يامان نىيەتتە بولماسلىق كىرەك.
فىزىكا ئالىملىرىغا قارىغاندا،مەندە پەيلاسوپلارنىڭ پۇرىقى كۆپرەك چىقىپ تۇرىدۇ.
خۇدا شىشىخال تاشلىمايدۇ.
ماڭغىلى بولمايدىغان بىر يولنى تاپقانلىقنىڭ ئۆزى ئىلىم- پەنگە قوشولغان بىر چوڭ تۆھپە.
ماڭا نىسپەتەن ئېيتقاندا ھاياتنىڭ ئەھمىيىتى،باشقىلار ئۈچۈن ئويلاش،باشقىلار غەم قىلسا غەم قىلىش،باشقىلار خوشال بولسا خوشال بولۇشتىن ئىبارەت.
ئەسكەر ۋە قورال-ياراق بولمىسا تىنچلىق بولىدۇ.
نىيوتۇن،مېنى كەچۈرۈڭ! 7.ئۇ دۇنيادىكى ئېينىشتىيىن نىمە قىلىۋاتقاندۇ؟
ئاق چاچلىق بۇ بوۋاي 1955-يىلى 4-ئاينىڭ 18-كۈنى 76 يېشىدا ھاياتلىق بىلەن ۋىدالاشتى.بۇ ۋاقىتتا ئىسرائىلىيە دۆلىتى ئاللىبۇرۇن قۇرۇلۇپ بولغان ئىدى.شۇندىن كىيىن مۇسۇلمانلار بىلەن يەھۇدىلار ئۆچەكەشكەن دەۋىر باشلاندى.ئوتتۇرا شەرىقتە بىر قانچە قېتىم زور ئۇرۇشلار بولدى.يەھۇدىلار ئەرەبلەرگە سىنارەدلەر ئېتىشتى.ئىرۇسالىم قانغا بۇيالدى.ئۇرۇش توختىغىنى يوق.ئېينىشتىيىن گۆر ئىچىدە يېتىپ ئەۋلادلىرىدىن پەخىرلىنىۋاتقانمىدۇ؟ئۇ،مەن ياراتقان يادرو بومبىسىنى ئەۋلادلىرىم تەرەققى قىلدۇرۇپتۇ،شۇنداقلا ئۇنى دۈشمەنلەرگە قانداق ئىشلىتىشنى بىلىۋاپتۇ دەپ قاقاقلاپ كۈلىۋاتقانمىدۇ؟ تۇلىمۇ ئەپسۇس، ئېينىشتىيىن ئۇنداق ئادەم ئەمەس ئىدى.ئۇ تىنىچلىقنى سۆيەتتى.قان تۈكۈشنى يامان كۈرەتتى.ئادەم ئۆلتۈرىدىغان ھەر قانداق ئىشنى ئاڭلىسا كۆڭلى بۇزۇلۇپ قەلبى يىغلايتتى. گۆر ئىچىدىكى ئېينىشتىيىن چوقۇم ئازابلاندى. يۈرىكى مۇجۇلدى.ئۇ چوقۇم يۈز بەرگەن بۇ ئىشلاردىن سەسكىندى. 8.ئۇنىڭ ئەمەلگە ئاشمىغان ئارزۇسى
سىلەرنىڭ بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مۇۋاپىقىيەت قازىنىشقا ئىشەنمەيدىغانلىقىڭلارنى ئۇقىمەن.بىر تۇتاش مەيدان نەزىريىسىنىڭ مېنىڭ قولۇمدا ئۇرۇنلىنىشىغا ھەتتا ئۆزەممۇ ئانچە ئىشەنمەيمەن.ئېلىكتىر ماگىنىت مەيدانى بىلەن تارتىشش كۈچى مەيدانىنى بىرلىككە كەلتۈرگەندە،ماددىنىڭ تۈزۈلىشىنى بىر تۇتاش چۈشەندۈرگىلى بولىدۇ.بۇنىڭ نىمە ئۈچۈن ئەھمىيىتى بولمىسۇن؟ئېينىشتىيىن زامانداش فىزىكا ئالىملىرىغا شۇنداق ئېيتقان. زامانداشلىرى ئۇنى قېرىغانسىرى خىيالغا بىرىلىپ كەتتى دەپ مەسخىرە قىلغان ئىدى. ئۇزاق ئۆتمەي،70-يىللارغا كەلگەندە،پاكىستانلىق ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئېينىشتىيىن تاماملىيالمىغان ئىشتىن چوڭ نەتىجىلەرنى ياراتتى. ئەمىليەتتە بۇ ھەقىقەتەن ئەھمىيىتى بار بىر ئىشكەن. ئېينىشتىيىن بۇنى بىلسە چوقۇم خوشال بولاتتى. چۈنكى ئۇ مۇشۇ ئىش ئۈچۈن20 نەچچە يىل سەرىپ قىلغان ئىدى.ئېينىشتىيىن مەغلۇپ بولغان بىر ئىشنى بىر مۇسۇلمان ئالىم مۇۋاپىقىيەتلىك ئۇرۇندىدى. ئەمەليەتتە بۇنىڭ ھېچقانداق ھەيران قالىدىغان يىرى يوق. دۇنيا ئالىملىرى ئۆز- ئارا قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرلىدى. مىللەت ئۇقۇمىمۇ،دۆلەت ئۇقۇمىمۇ فىزىكىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپرىقىدا غايىپ بولدى. 9.شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىنى
مەن نىمە ئۈچۈن ئىلىم ئىجاد قىلىش ئىشلىرىنى ناھايىتى قىزغىن تەشەببۇس قىلىمەن.بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى،بىزدە ئاللا ئاتا قىلغان كۈچلۈك ئىلىم ئېلىش ئارزۇسى بۇلۇشتىن تاشقىرى،بۈگۈنكى شارائىتتا بىلىم- كۈچ،ئەمەلي پەن- ماددي ئىلگىرلەشنى قولغا كەلتۈرىدىغان ئاساسلىق ۋاستە بولۇپ قالدى.ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بىر سەۋەپ شۇكى، بىز خەلىقئارادا ئىجتىمائىيەتنىڭ ئەزاسى بولساقمۇ،باشقىلار بىزنى كۆزگە ئىلمايدۇ.بىز بىلىمنى ئىجاد قىلغان كىشىلەرنىڭ ئەيىپلىشى ۋە مەسخىرىسىگە ئۇچراۋاتىمىز.
ــــ مۇھەممەد ئابدۇسالام مۇھەممەد ئابدۇسالام ABDUS SALAM 1926-يىلى 1-ئاينىڭ 29-كۈنى پاكىستاننىڭ شەرقىدىكى پەنجاپ ئۆلكىسىنىڭ لاھور شەھرى يېنىدىكى جاڭگى بازىرىدا تۇغۇلغان. كىچىكىدىن مۇستەھكەم ئىسلام ئىتىقادى ۋە دىنىي كەيپىيات ئىچىدە چوڭ بولغان.تىرىشچانلىقى قولغا كەلتۈرگەن پۇرسەت بىلەن 1946-يىلى كىمبىرىج ئۇنۋىرسىتىغا كىرىپ ماتىماتىكا ئۈگەنگەن. 1952- يىلى كىمبىرىجنىڭ نەزەرىيە فىزىكا جەھەتتىكى پەلسەپە دوكتۇرلۇق ئۇنۋانىنى ئالغان.1964 -يىلى ICTP تىرىيىست خەلىقئارا نەزەرىيە فىزىكا مەركىزىنى قۇرغان ۋە رەئىس بولغان.1967-يىلى نىيترال ئېقىم ئۇسۇلىنى كەشىپ قىلغان.1971-يىلى ب د ت نىڭ ئىلىم- پەن مەسلىھەت ھەيئىتىنىڭ رەئىسى بولغان.1968 – يىلى ئاتۇم ئىنىرگىيىسىنى تىنىچلىق ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.1979- يىلى نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكەن.ئابدۇسالامنىڭ مۇۋاپىقىيىتى ئاساسلىقى تەبىئى كۈچلەرنى بىرلىككە كەلتۈرۈش ئىشىدا كۈرۈلىدۇ. تەبىئى كۈچلەرنى تەتقىق قىلىشتا ئۇ سان-ساناقسىز قىيىن ئۆتكەللەردىن بۈسۈپ ئۆتتى،ئەينى ۋاقىتتا ئېينىشتىيىن 20 نەچچە يىل تەتقىق قىلىپمۇ يىتەلمىگەن نىشانغا يەتتى.نوبىل فىزىكا مۇكاپاتىغا ئىرىشكۈچى،پىرافىسور دىڭ جاۋجۇڭ مۇنداق دەيدۇ: قەدىمقى گىرىتسىيە ۋە جۇڭگو پەيلاسوپلىرىدىن تاكى ھازىرقى زامان ئالىملىرىدىن ئېينىشتىيىن ۋە ماكسىۋىللارغىچە بىردەك،بارلىق تەبىئى كۈچلەرنىڭ بىرلىككە كەلتۈرلۈشنى كۈرۈشنى ئارزۇ قىلغان ئىدى. ئىلىم- پەن ساھاسىدىكىلەر ئابدۇسالامنىڭ بۇ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا چوڭ قەدەم تاشلاپ ئىلگىرلىگەنلىكىنى ئىتراپ قىلىشتى. ئاجىز ئىلىكتىرنىڭ بىر پۈتۈنلۈك نەزىريىسىنىڭ ئەھمىيىتى ئەينى ۋاقىتتىكى فارادى،ماكسىۋىللارنىڭ ئىلىكتىر ماگىنىتنى بىرلىككە كەلتۈرۈش نەزىريىسىدىن تۈۋەن تۇرمايدۇ.ئېينىشتىيىن بىرلىككە كەلتۈرۈشنى ئويلىغان بۈيۈك بىرلىك نەزەرىيىسى بولسا: تارتىشش كۈچى،ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى،ئاجىز كۈچ،كۈچلۈك كۈچ ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت مەسىلىسىنى ئىنىق قىلشتىن ئىبارەت.مىكرو دۇنيادىن ماكرو دۇنياغا قەدەر بارلىق شەيئى ۋە شەيئى ھەركىتى،قىسقىسى فىزىكا دىگەن بۇ ئىلىم پۈتۈنلەي مۇشۇ تەبىئى كۈچلەرنىڭ رولى ئارقىلىق مەۋجۇد بولىدۇ. ئابدۇسالام قاتارلىقلار ئىلىكتىر-ماگىنىت كۈچى بىلەن ئاجىز كۈچنىڭ ئەمەلىيەتتە بىر خىل كۈچنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرى ئىكەنلىكنى بايقىدى.تەبىئەت دۇنياسىدىكى 4 ئاساسى كۈچ 3 كە يىغىنچاقلاندى.شۈبىھىسىزكى بۇ ئۇلۇغ ئالىم شەرىقنىڭ ئېينىشتىيىن بولۇشقا لايىق.
|