ماقالىدە بايان قىلىنىدىغان مەزمۇن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىدىغان كود سىستېمىسى ۋە خەت نۇسخىلىرى بولۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى رايونىمىزدا بىرقەدەر كۆپ ئىشلىتىلىدىغان ئاساسلىق يېزىقلار ھېسابلىنىدۇ، ئۇيغۇر يېزىقىنى يەنە رايونىمىزدىكى ئۆزبېك ۋە تاتار مىللىتىمۇ ئورتاق ئىشلىتىدۇ. يېزىقنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرىدىكى رولىنى تونۇش، توغرا ئىشلىتىش ۋە ئەھمىيەت بېرىش، شۇ يېزىقنى ئىشلىتىۋاتقان خەلقنىڭ پەن-تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتىدا تۇتقان ئورنى ۋە ۋەزىپىسى ئىنتايىن مۇھىمدۇر.
رايونىمىزدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇرلاشتۇرۇش ئىشلىرى 25 يىللىق تەرەققىياتنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ماقالىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ ئۆلچەملىك كود سىستېمىسى ئىشلىتىلگەن خەت نۇسخىلىرىنىڭ ئەگرى-توقاي تەرەققىيات باسقۇچى ھەم بۇ ساھەدە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئىلمىي يەكۈنلەش ئارقىلىق مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىش جەريانى تەپسىلىي بايان قىلىنىش بىلەن بىرگە، يەنە ھەل قىلىنىشقا تېگىشلىك بولغان بىر قىسىم مەسىلىلەرگە تەھلىل يۈرگۈزۈلىدۇ.
كومپيۇتېردا سىستېما پروگراممىلىرىنى ئىشلىتىش، يېزىق بىرتەرەپ قىلىش، بېسىپ چىقىرىش، ئالاقە قىلىش، سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇش قاتارلىق بارلىق مەشغۇلاتلاردا يېزىق ئارقىلىق ھەرخىل ئۇچۇرلار بىرتەرەپ قىلىنىدۇ، بۇ ئىش تۈرلىرىدە كود ۋە خەت نۇسخىسى ھەر ۋاقىت كەڭ ئىشلىتىلىدۇ. كود ۋە خەت نۇسخىسىنىڭ مۇكەممەل بولۇشى، توغرا بولۇشى شۇ تىل ۋە يېزىقنى ئىشلىتىپ ئېلىپ بېرىلىدىغان بارلىق خىزمەتلەرنىڭ ئۈنۈملۈك بولۇشىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا، كود ۋە خەت نۇسخىسىنى شۇ تىل ۋە يېزىقتىكى بارلىق كومپيۇتېر مەشغۇلات سىستېمىسى، پروگراممىلىرىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان ئېچىش ۋە مەشغۇلاتلارنىڭ ئۇلى دېيىشكە بولىدۇ. كود ۋە خەت نۇسخىسىنى توغرا ۋە ئۆلچەملىك ئىشلەتمىگەندە، بارلىق خىزمەتلەرنىڭ كېيىنكى تەرەققىياتى، يېڭىلىنىشى، ستاتىستىكا خىزمەتلىرىگە سەلبىي تەسىر كۆرسىتىپ، بىر قىسىم تولدۇرۇۋالغۇسىز ئاقىۋەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. مۇشۇ خىل تەخىرسىز ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، بىر قانچە يىلدىن بۇيان خەت نۇسخىسى ياشاش جەريانىدا بايقىغان مەسىلىلەر ۋە ئۇلارنى ھەل قىلىش جەريانى، يەنە ساقلىنىپ قالغان بىر قىسىم مەسىلىلەر ۋە بۇلارنى بىرتەرەپ قىلىش چارىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ بىر قاتار يەكۈنلەش ئېلىپ باردىم. بۇ ماقالىدە بۇ يەكۈنلەر پاكىتلىك ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ كومپيۇتېر ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش خىزمىتىدە ئىشلىتىلىدىغان خەت نۇسخىلىرىدا ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ نەقەدەر مۇھىم خىزمەت ئىكەنلىكى ھەم بۇ ساقلىنىپ قالغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش چارىلىرى سۆزلىنىدۇ. گەرچە بەزى ئورنىغا كەلتۈرگىلى بولمايدىغان خاتالىقلارنى تېخنىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق ئەڭ تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈرۈشكە بولسىمۇ، تۈپ يىلتىزىدىن ھەل قىلىشقا ئىمكانىيەت ئەمدى يار بەرمەيدۇ. مەسىلىلەرنى بايقاش، مەسىلىلەرنى بايقىماي ئىشلەتكەندىن ئەۋزەل، مەسىلىلەرنى دەل ۋاقتىدا بايقاش ۋە ئۇنىڭ چارىسىنى قىلىش ئارقىلىق خاتالىقلارنى دەل ۋاقتىدا تۈزىتىش باشقا تۈرلەردىكى خىزمەتلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشى ئۈچۈن تولىمۇ مۇھىم.
ماقالىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنىغا ئۆتۈشتىن ئاۋۋال ماقالىدە كۆرۈلىدىغان «يۇنىكود» ۋە «خەت نۇسخىسى» دېگەن ئىككى ئاساسلىق ھالقىلىق سۆزگە چۈشەندۈرۈش بېرىلىدۇ.
يۇنىكود دېگەن نېمە؟
يۇنىكود دېگەن سۆز بىردىن-بىر كود دېگەنلىك بولۇپ، ئاساسلىق رولى كۆپ خىل مەشغۇلات مۇھىتىدا، كۆپ خىل پروگراممىلاردا كۆپ خىل تىللاردىكى ھەرقانداق ھەرپ-بەلگىگە پەقەت بىر كود (نومۇر) بېرىشتىن ئىبارەت.
كومپيۇتېر ئۇچۇرلارنى سانلىق رەقەم ھالىتىدە ھەر بىر ھەرپ ۋە بەلگىگە خاس نومۇر بېرىش ئارقىلىق ئۇلارغا نىسبەتەن ساقلاش ۋە ئۇزىتىش ئېلىپ بارىدۇ. يۇنىكود ئۇقۇمى بارلىققا كېلىشتىن ئاۋۋال سىستېما پروگراممىلىرىدا پەرقلىق كودلاش مەۋجۇد ئىدى. بۇنداق كودلاش ئۇسۇللىرىدا بارلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى تولۇق ئىپادىلەپ كەتكىلى بولمايتتى. مەسىلەن، يالغۇز ياۋروپا بىرلەشمىسىلا بۇ رايوندىكى بارلىق تىللارنى ئىپادىلەش ئۈچۈن بىرنەچچە كودلاش سىستېمىسىغا ئېھتىياجلىق بولاتتى. ھەتتا، يەككە بىر تىل ئۈچۈنمۇ ئۇنىڭدىكى بارلىق ھەرپلەر، تىنىش بەلگىلەرنى ئوخشاش ۋاقىتتا ئىپادىلەشكە مۇۋاپىق كېلىدىغان بىرلا كودلاش سىستېمىسى يوق ئىدى.
يۇنىكود ئۇقۇمى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن، ھەرقايسى كودلاش سىستېمىلىرى ئارىسىدا توقۇنۇش بار ئىدى. يەنى، ئىككى خىل كودلاش سىستېمىسى ئوخشىمىغان ئىككى ھەرپ-بەلگىگە ئوخشاش بىر نومۇر بېرەتتى ياكى ئوخشاش بىر ھەرپ-بەلگىگە ئوخشىمىغان نومۇرلارنى بېرەتتى. ھەرقانداق بىر كومپيۇتېر ياكى مۇلازىمىتېرلار نۇرغۇنلىغان ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرىنى قوللاشقا ئېھتىياجلىق بولاتتى. ھالبۇكى، ئوخشىمىغان كودلاش سىستېمىلىرى ياكى ئوخشىمىغان مەشغۇلات مۇھىتلىرى ئارىسىدا ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ئېلىپ بېرىلسا، بۇ ئۇچۇرلارنىڭ بۇزۇلۇش خەۋىپى ئېغىر ئىدى.
خەت نۇسخىسى دېگەن نېمە؟
خەت نۇسخىسى — قانۇنىيەتلىك كودلاش سىستېمىسى ئارقىلىق ھەرپ-بەلگە ۋە شەكىللەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئەكس ئەتتۈرۈشتۇر.
خەت نۇسخىسى، بارلىق سان، بەلگە ۋە ھەرپلەردىن تەشكىل قىلىنغان شەكىللەر لايىھەسىدۇر، بۇ يەنە «خەت شەكىلى» دەپمۇ ئاتىلىدۇ. خەت نۇسخىسى شەكىلى ۋە ئۇسلۇبىغا ئاساسەن ئۆلچەملىك باسما خەت شەكىلى ۋە ھۆسنخەت شەكىلىگە ئايرىلىدۇ. خەت نۇسخىسى ئۆز ئىچىدىن يەنە ئىنچىكە خەت شەكىلى، توم خەت شەكىلى، ئىنچىكە يانتۇ خەت شەكىلى، توم يانتۇ خەت شەكىلىدىن ئىبارەت تۆت خىل شەكىلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
خەت نۇسخىسىنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارى بولسا، ھەرپ-بەلگىلەرنىڭ كودىنى مەلۇم شەكىلگە ئايلاندۇرۇپ بۇنى ئېكران يۈزىدە كۆرسىتىپ بېرىشتۇر. كود ئارقىلىق ھەرپ-بەلگىلەرنى ئەكس ئەتتۈرۈشنىڭمۇ بىر قانچە خىل شەكىلى بار، يەنى بىر قانچە كود ئارقىلىق بىر خىل ھەرپ-بەلگە شەكىلىنى ئەكس ئەتتۈرۈش: مەسىلەن، «ە» ھەرپ شەكلىنىڭ ئۆزىگىلا يۇنىكود جەۋدىلىدە ئەرەبچە «ه» ھەرىپىگە 0647 كود نومۇرى، ئۇيغۇرچە «ە» ھەرىپىگە 06D5 كود نومۇرى بېرىلگەن. بۇ بىر خىل ھەرپ شەكىلىنى كۆپ خىل كود نومۇرى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش ھېسابلىنىدۇ. يەنە بىر خىل ئۇسۇل كۆپ خىل ھەرپ-بەلگىدىن تۈزۈلگەن شەكىللەرنى بىرلا كود نومۇرى بىلەن ئەكس ئەتتۈرۈش: مەسىلەن، «ﺋﺎ» بۇ ھەرپ ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سوزۇق تاۋۇش ھەرىپىنىڭ باش ھەرىپى بولۇپ، كود نومۇرىغا كېڭەيتىلگەن رايوندىن FBEA بېرىلگەن. بۇ ھەرپ «ئ» 0626 ۋە «ا» 0627 دىن ئىبارەت ئىككى كودنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدىغان تاق كودلۇق قوشما ھەرپ شەكىلىگە كىرىدۇ.
خەت نۇسخىسىنىڭ تۈرى — خەت نۇسخىسى ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈنىدۇ، بىرى «بىت سۈرەتلىك خەت نۇسخىسى» (چېكىتلىك تەسۋىر چۈشۈرۈلگەن خەت نۇسخىسىمۇ دېيىلىدۇ)، بۇ خىل خەت نۇسخىسىدا ئىككىلىك (0 ۋە 1) ماترىتسا ئارقىلىق بىر ھەرپ-بەلگە ئىپادىلىنىدۇ. 0 ۋە 1 دىن تەشكىل قىلىنغان ئىككىلىك ماترىتسا ئۇچۇرى ئېكراندا قارا ۋە ئاق رەڭلىك شەكىل (ھەرپ-بەلگە) ھاسىل قىلىدۇ. بۇ خىلدىكى خەت نۇسخىلىرىدىن bdf، pcf، fnt، hbf قاتارلىق فورمات شەكىللىرىدىكىلەر بار؛ ئىككىنچى خىل تۈردىكىسى «ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىسى» (outline font) بولۇپ، بۇ خىل خەت نۇسخىسىدىكى ھەر بىر ھەرپ-بەلگە ماتېماتىكىلىق ئەگرى سىزىقلار ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ، خەت نۇسخىسىدا ھەرپ-بەلگىنىڭ دائىرە چېگراسى، مۇھىم نۇقتىلىرى ۋە ھاسىلات ئۇچۇرلىرى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ھەمدە، بۇ ئۇچۇرلارنى ئوقۇپ چىقىپ بەلگىلىك ماتېماتىكىلىق ھېسابلاشلاردىن كېيىن كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ خىل خەت نۇسخىسىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ھەرپ-بەلگىلەرنى چەكسىز چوڭايتقاندىمۇ شەكىلىدە ئۆزگۈرۈش بولمايدۇ، ھەمدە يۇقىرى سۈپەتتە بېسىپ چىقىرىشقا ۋە ئېكراندا كۆرسىتىشكە بولىدۇ. ۋېكتورلۇق خەت نۇسخىلىرىدىن Type1، TrueType، OpenType قاتارلىق فورمات شەكىللىرىدىكىلەر بار. TrueType خەت نۇسخىسى فورماتىغا ئىككىلەمچى B ئۈلگە قىلىنىدىغان سالا سىزىقى (Quadratic Bézier Spline) قوللىنىلغان، Type1 خەت نۇسخىسى فورماتىدا ئۈچلەمچى B ئۈلگە قىلىنىدىغان سالا سىزىقى (Cubic Bézier Spline) ئارقىلىق بەلگىنىڭ دائىرىسى ئىپادىلەنگەن.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى Unicode.org قا ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى 1990- يىللىرىدىن باشلاپ باشلانغان بولۇپ، كۆپ قېتىملىق ئۇچرۇشۇش، مۇزاكىرە قىلىش، ئون يىللىق تىرىشچانلىق كۆرسۈتۈش ئارقىلىق 2001- يىلى دەسلەپكى قەدەمدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى Unicode ISO10646 دىن ئورۇن ئالدى. ئىلتىماس قىلىش خىزمىتى باشلانغاندا، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىغا يۇنىكودتىن ھەممە ھەرپلەرگە ئايرىم كود ئورنى بەلگىلەپ بېرىش ئىلتىماس قىلىنغان. بىراق، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى ئەرەب ئېلىپبەسى ئاساسىدا لايىھەلەنگەن ئېلىپبەلىك يېزىق بولغانلىقى ھەم ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدىكى كۆپ قىسىم ھەرپلەر ئەرەب يېزىقى بىلەن ئوخشاش بولغانلىقتىن، يۇنىكود ئورگىنى ئوخشاش ھەرپلەردە ئەرەب يېزىقىنىڭ ئاساسىي رايون ۋە كېڭەيتىلگەن رايونىدىكى ھەرپلەرنى ئىشلىتىش، ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ھەرپلەرگىلا كود ئورنى بەلگىلەش توغرىسىدا قارار چىقارغان. يۇنىكود ئورگىنىنىڭ بىر خىل ياكى ئوخشاش ھەرپ-بەلگىگە بىرلا كود بېرىش پرىنسىپى ئاستىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدىكى خېلى كۆپ ھەرپلەرنىڭ ئەرەب ۋە پارس يېزىقلىرى بىلەن ئوخشاش ئىكەنلىكى، ھەمدە بۇ ھەرپلەرنىڭ يۇنىكود جەدۋىلىدىن ئاللىقاچان ئورۇن ئېلىپ بولغانلىقى نەزەرگە ئېلىنىپ، ئوخشاش ھەرپلەردە ئەرەب ۋە پارس يېزىقلىرىغا بەلگىلەنگەن ھەرپلەر كودىنى ئورتاق ئىشلىتىپ، قالغان ئالاھىدە ئوخشىمايدىغان ھەرپلەرگە كود ئورنى ئىلتىماس قىلىنغان. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرى باشقا ئەرەب يېزىقى ئاساسىدا ئۆزگەرگەن يېزىقلارغا ئوخشاش بۇ چوڭ كاتىگورىيىنىڭ بىر قىسمى بولۇپ كېڭەيتىلگەن.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدا ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنى كومپيۇتېردا ئىشلىتىش ۋە توغرا كود ئورنىنى كۆرسۈتۈپ بېرىش ئۈچۈن 2003- يىلىدىن باشلاپ ئاپتونوم رايوننىڭ يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتىش ئالاھىدە خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلۇپ، يۇنىكود ئورگىنى يېڭىدىن ئېلان قىلغان يۇنىكود جەدۋىلىدىن ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىغا ئورتاق ئىشلىتىش ئۈچۈن بېكىتىلگەن كود ئورنى بىلەن بۇ ئۈچ خىل يېزىقنىڭ ئايرىم ئوخشاش بولمىغان پەرقلىق ھەرپلىرىنىڭ كود ئورنىنى تۈرلەرگە بۆلۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ DB65/2190-2005 نومۇرلۇق يەرلىك ئۆلچىمىنى بېكىتتى. بۇ ئۆلچەمدە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ Unicode ISO10646 دا بەلگىلەنگەن ھەرپلىرىنىڭ ئومۇمىي كود ئورنى يۇنىكود جەدۋىلىدىكى بىلەن ئوخشاش كۆرسىتىلدى. يەنە، ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىغا ئورتاق بولغان ھەرپلەر جەدۋىلى، ئۇيغۇر يېزىقىغا خاس بولغان ھەرپلەر، قازاق يېزىقىغا خاس بولغان ھەرپلەر، قىرغىز يېزىقىغا خاس بولغان ھەرپلەر ئايرىم-ئايرىم جەدۋەللەشتۈرۈلدى. بۇ خىزمەت ئارقىلىق، يۇنىكود جەدۋىلىگە كىرگۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەر يۇنىكود جەدۋىلىدىكى باشقا يېزىقلاردىن ئايرىپ ئېلىنىپ ئايرىم جەدۋەللەشتۈرۈلۈپ ئاپتونوم رايوننىڭ «ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىنىڭ كودلاش ئۆلچىمى» قىلىپ بېكىتىلدى، ھەمدە 2005- يىلى 4- ئاينىڭ 1- كۈنى ئېلان قىلىنىپ، 2005- يىلى 10- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىشلىتىلدى.
يۇنىكود جەدۋىلىدىكى ئۇيغۇرچە، قازاقچە، قىرغىزچە ھەرپلەرنىڭ كودى
يۇنىكود جەدۋىلىدە ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدىكى ھەرپلەر جەمئىي 186 بەلگە. كۈلرەڭ كاتەكچە ئىچىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن ھەرپلەر يۇنىكودقا يوللانماي قېلىنغان بەلگىلەر بولۇپ، بۇلار ئۇيغۇر يېزىقىدىكى «ئې» سوزۇق تاۋۇشىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندىكى « ﺌﯧ » ۋە « ﺌﯩ » دىن ئىبارەت ئىككى خىل قوشما شەكىلى. قازاق يېزىقىدىكى «ٵ، ٶ، ٷ، ٸ» دىن ئىبارەت تۆت سوزۇق تاۋۇشىنىڭ كېڭەيتىلگەن رايوندا بولۇشقا تېگىشلىك بولغان «ٵ، ﺎ، ا، ٶ، ﻮ، و، ﯘ، ۇ، ﯨ ، ﯩ ، ﻰ، ى» قاتارلىق ھەرپ شەكىللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ۋە قازاق يېزىقىدىكى كام يوللىنىپ قېلىنغان ھەرپ شەكىللىرى توغرىسىدا ماقالىنىڭ شۇ ھەرپلەر توغرىسىدىكى قىسمىدا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈش بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدا ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەرنىڭ كود جەدۋىلى
يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە كۈلرەڭ كاتەك ئىچىگە ئېلىنغان ئۇيغۇر يېزىقىدىكى سوزۇق تاۋۇشلارنىڭ ھەمزە بىلەن بىرىكىپ كېلىدىغان قوشما شەكىللىرىدىن باشقا شەكىللىرى ئۇيغۇر، قازاق، قىرغىز يېزىقلىرىدا ئورتاق ئىشلىتىلگەچكە ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەر قاتارىدا كۆرسىتىلدى. ھەمزە بىلەن بىرىكىپ كېلىدىغان «ﺋﺎ، ﺌﺎ، ﺋﻪ، ﺌﻪ، ﺋﻮ، ﺌﻮ، ﺋﯘ، ﺌﯘ، ﺋﯚ، ﺌﯚ، ﺌﯚ، ﺋﯩ، ﺌﻰ» قاتارلىق قوشما ھەرپ شەكىللىرى قازاق ۋە قىرغىز يېزىقلىرىدا ئىشلىتىلمەيدۇ.
ئۇيغۇر يېزىقىدا خاس ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەر جەدۋىلى
يۇقىرىدىكى جەدۋەلدە كۈلرەڭ كاتەك ئىچىگە ئېلىنغان «ﺉ» ۋە «ﺊ» دىن ئىبارەت ئىككى بەلگە ئۇيغۇر يېزىقىدا ئىشلىتىلمەيدۇ، بىراق ئۇيغۇر يېزىقىدىكى ھەمزە قىرغىز يېزىقىدا « ئ » (i) تاۋۇشىنى بىلدۈرىدىغان بەلگە بولغاچقا «ﺉ» ۋە «ﺊ» دىن ئىبارەت ئىككى بەلگە ئۇيغۇر يېزىقىدا بىرتەرەپ قىلىنمايدىغان ھەرپلەر قاتارىدا يۇنىكود جەدۋىلىدىكى ئەسلى شەكىلى بويىچە خەت نۇسخىلىرىدا ساقلاپ قېلىنغان، بۇ ئىككى بەلگە پەقەت شەكىل جەھەتتىن ۋەكىللىك خارەكتېرىگە ئىگە، كۆرسىتىش جەھەتتە كۈچكە ئىگە ئەمەس، ئۇيغۇر يېزىقىنى كومپيۇتېردا بىرتەرەپ قىلغاندا ھەمزە بىلەن بىرىكىپ كېلىدىغان سوزۇق تاۋۇش ھەرپلىرىنىڭ قوشما شەكىللىرى « ﺋ » ۋە « ﺌ » دىن ئىبارەت ئىككى شەكىلدىنلا تەركىب تاپىدۇ.
قازاق يېزىقىدا خاس ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەر جەدۋىلى
قىرغىز يېزىقىدا خاس ئىشلىتىلىدىغان ھەرپلەر جەدۋىلى
مەنبە http://www.ukij.org/munber/viewthread.php?tid=896 |