ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 226|ئىنكاس: 0

پىلتە لەغمەن ئىتىشنى ئۆگىنىڭ [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

turan 实名认证 

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
2990
تىللا
2651
شۆھرەت
4879

تۆھپە ئاكتىپ داڭدار دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-9-15 22:10:06 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تەييارلاش ئۇسۇلى :   
  ئۇن بىر كىلوگرام،سامساق بىر باش،گۆش175گرام،ئاچچىقسۇ مۇۋاپىق،سۇ يېغى140گرام،كاۋاۋىچىن سۈيى ئازراق، كۆك لازا ئىككى شوخ،سۇڭپىياز بىر تال،پەمىدۇر ئىككى تال،،تۇزمۇۋاپىق مىقداردا.
[ئېتىش ئۇسۇلى]
    1.يۇقۇرىدا ئېيتقىنىمىزدەك،پەسىلگە قاراپ ئۇنغاتۇز ۋە سۇ قۇيۇپ خېمىر يۇغۇرۇپ،پورەك چىققىچە ئىشلەپ،15مىنۇت تىندۇرغاندىن كىيىن35گرام چوڭلۇقتا زوۋۇلا ئۈزۈپ،زوۋۇلنى ياغلاپ تۇرۇپ بىگىز قولدەك توملۇقتا ئۇزۇنچاق پىلتە قىلىمىز.پىلتىلەرنى دەستىلەپ تىزغاندا،ھەر قەۋىتىنىڭ ئۈستىنى ياغلاپ تۇرۇش كېرەك.پىلتىلەرنى تەييار بولغاندا يەنە15-10مىنۇت تىندۇرغان ياخشى.
    2.تىنغان پىلتىنى بىر-بىرىدىن ئېلىپ ئاشتاختىدا ئىككى ئالىقان بىلەن دومىلىتىپ تەكشىلىۋىلىپ،ئاندىن ئىككى بىشىدىن تۇتۇپ سوزۇپ ئاشتاختا ئۈستىگە قاتار-قاتارتىزىلىدۇ.
    ئاندىن ئىككى ئۇچىدىن تۇتۇپ ئىككى بىلىكىمىزنى كېرىپ ئاستا ۋە دادىللىق بىلەن سوزۇپ،ئوتتۇرىسىنى ئاشتاختىغا بوش-بوش ئۇرۇپ،بىر غۇلاچ بولغاندا قاتلاپ يەنە سوزىلىدۇ.
ئىنچىكە سوزۇلغاندا،بىر ئالقىنىمىزغا يىغىلغان پىلتە بېشىنى ئۈزىۋېتىپ،ئىنچىكە سوزۇلغان خېمىرنى قازانغا تاشلاپ بەش مىنۇت قاينىتىلىدۇ.ئاش پىشقاندىن كىيىن سوزۇپ ئېلىپ،سوغوق سۇدا چايقاپ،ئاندىن يا ئىسسىتىپ ياكى شۇ پېتىچە چىنىلەرگە ئېلىپ ئۈستىگە تەييارلانغان سەينى سالساق بولىدۇ.

سەينادىكى ئەر تورداشلارمۇ ئۆگىنىپ قويۇڭلار!ئايالىڭلار ئۆيدە يوق چاغدا تازا ئەسقاتىدۇ.

مەنبە:http://axpaz.cn/bbs/read.php?tid-2282-fpage-6.html
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-4-17 04:39 , Processed in 0.927435 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team)

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش