- توردا
- 797 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-12
- تىزىملاتقان
- 2010-8-7
- شۆھرەت
- 5404
- تىللا
- 3063
- تۆھپە
- 3256
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 18255
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 1
- يازما
- 1128
- تېما
- 523
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 5
- UID
- 176
- تۆھپە
- 3256
- تىللا
- 3063
- شۆھرەت
- 5404
|
بۇ دەرسلىكنى مۇشۇ ھەقتىكى تېخنىكىغا قىزىقىدىغانلار ئۈچۈن بېكىتىمىزدىكى ‹پەم› ناملىق تورداش ئالاھىدە تۈزۈپ چىقتى.
1-سائەتلىك دەرس، خەت ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش ۋە تەرجىمە قىلىش
2-سائەتلىك دەرس، فىلىمنى خەت بىلەن بىرلەشتۈرۈش
3-سائەتلىك دەرس، خەتكە ئالاھىدە يېزىق ئۈنۈمى قوشۇش
قوشۇمچە، ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم تارىخى يازما ئىگىسى :خەتلىك فىلىم ئىشلىرىدىكى ئۇستازلىرىمىزنىڭ بىرى ئەردەۋىل
ھەقىقەتەنمۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئۆتمۈشتە تور دۇنياسىدا يوق ئىدى.مانا ئاساسلىقى نەچچە ئون تورداشلارنىڭ كۈچىشى بىلەن ئاجايىپ زور نەتىجىلەر بارلىققا كېلىپ ھەتتە ش ج تېلېۋېزىيە ئىستانسىسىنىمۇ مۇشۇنداق كىنو ئىشلەشكە يېتەكلىدى.مۇشۇ ئەسنادا بىز ھەممەيلەن ئۆتمۈشتىكى داڭلىق(مۇشۇنداق دېيىش ئەرزىيدۇ دەپ قارايمەن)بىلىك-ئىنتىل تەرجىمە فىلىم گۇرۇپپىسىنى ئەسلىمەي قالمايمىز. شۇ گۇرۇپ ئۈچۈن توختىماي ئىزدەنگەن ،جاپالىق ئىشلىگەن تورداشلارنى ئۇنتۇپ قالمايلى.بۇنى يەنە 10نەچچە يىللاردىن كېيىن تورداشلار چوقۇم ئەسلەپ قالىدۇ.ئانا تىلنى ھەم ئۇيغۇرچە خەتنى ئۇنتۇپ كەتكەن ئاشۇ بىر قىسىم بىچارە كىشىلىرىمىز ئۈچۈن زور روھى ئۇزۇق بوپ قالغۇسى.بۇ ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىملەر ئىنتېرنېت دۇنياسىدا كىشىلىرىمىزگە ناھايىتى ئىستىتىتك زوق ئاتا قىلىدۇ ھەم باشقا ھوزۇرلارنى بېرىدۇ.
خوش ، ئۇنداقتا گېپىمىزگە كېلەيلى.
ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم قاچاندىن باشلاپ پەيدا بولدى؟ كىم-كىملەر بۇنىڭغا زور كۈچلەرنى قوشتى؟ قانداق نەتىجىلىرى بار؟
2006 ياكى 2007 - يىللىرىمىكىن يادىمدا قېلىشىچە Rock ئەپەندىم ئىزدىنىشقا «ماشىنا ئادەم»(كارتون فىلىم) نى يوللاپتىكەن ۋە بوشلۇق لازىملىقنى يېزىپتىكەن شۇ چاغدا پوسكام مائارىپ تورى ئىنتىل سەيناسىنى قوللاپ بوشلۇق تەمىنلەۋاتقان بولغاچقا بىزدە بوشلۇق كۆپ ئىدى، مەن Rock ئەپەندىمگە ئۇچۇر يوللىدىم ، شۇنىڭ بىلەن بىز QQ دا كۆرۈشتۇق. فىلىمنى بوشلۇققا يوللىدىم ، فىلىم سىغىمى چوڭ بولغاچقا Rock ئەپەندىم ئىككىگە بۆلۈپ قايتا بەردى ۋە ئىنتىلغا تېما يوللىدى. شۇنىڭ بىلەن Rock ئەپەندىم بىرقانچە فىلىمنى ئۇيغۇرچە خەتلىك قىلىپ ئىشلىدى. ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىككە يوللىدى، بۇ ئىككى توربەت ئارقىلىق « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » دېگەن ئاتالغۇ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرى ئارىسىدا تارقالدى. بارا- بارا « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » ھەۋەسكارلىرى كۆپىيىشكە باشلىدى. مەن ، erdewil ( شۇ چاغدىكى نامى ئاقسۇ ئىدى) ، kulke ( شۇ چاغدىكى نامى كۈلكە 0997 ئىدى) قاتارلىقلار « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » ئىشلەشكە قاتنىشىشقا باشلىدۇق. بىرەر يىل ئۆتەر- ئۆتمەي ئىنتىل سەيناسى ۋە بىلىكتە « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » سەھىپىسى قۇرۇلدى.« تۈرمىدىن قېچىش» نىڭ چىقىشى بىلەن « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولدى.
ھازىر « شاھ ئۇيغۇر بلوگى» ۋە « قۇتيار تورى» ،ئاق بۈركۈت بولسا ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى مەخسۇس قىلىۋاتقان توربەتلەردۇر.
مېنىڭ نەزىرىمدە « ئۇيغۇرچە خەتلىك فىلىم » دېگەن سۆز Rock ئەپەندىم ۋە ئاشۇ «ماشىنا ئادەم» بىلەن زىچ باغلانغان.
مەن(كۈلكە ئۆزىنى دېمەكچى)ئۇيغۇرچە ەتلىك فىلىم ئىشلىرىغا 2007 - يىلنىڭ باشلىرى ئەردەۋىل(تەرجىمە فىلىم ئىشلىگۈچى تورداش)بىلەن تونۇشۇپ،شۇ ئارقىلىق ھەم شۇنىڭدىن باشلاپ شلاپ گۇرۇپ قۇرۇلۇپ ، بىر قانچە قېتىم ئىسىم ئۆزگەرتىش جەريانلىرىنى باشتىن كەچۈرۈپ ئەڭ ئاخىرى مانا ھازىرقى قۇتيار تورى قۇرۇلۇپ ئىسىممۇ مۇقىملىشىپ ئىزچىل داۋاملىشىپ مېڭىۋاتىدۇ.
دېمەك، بىز بۇ 5 يىلدىن بۇيان 6 قېتىم (مېنىڭ بىلىشم ئەمدى) چوڭ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپتۇ. ئەلۋەتتە خەتلىك فىلىم ئىشلىرىدا روك ئەڭ ھالقىلىق رول ئوينايدۇ ھېسابتا خەتلىك فىلىم ئىشلىرىنى تۇنجى مەيدانغا كەلتۈرگەن ئوغلانىمىز روكتۇر. (ئاتالىپ- روكنىڭ تۇنجى قوللانغان ئىسىمى ئاتالىپ) شۇڭا ھەممىمىز ئەڭ ئاۋۋال روكقا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتمىقىمىز بەرھەقتۇر.
تورداشلارنىڭ ئېسىدە بولسۇنكى مۇشۇ 6 خىل نامدا تارقىتىلغان فىلىملەرنىڭ ھەممىسىنى بىر گۇرۇپ قىلغان دېيىشكە بولىدۇ. 6 خىل نام 6 گۇرۇپقا ۋەكىللىك قىلمايدۇ. بۇ نوقتىنى ھەممەيلەن ئېنىق قىلىۋالساق.
مەنبە:ئاق بۈركۈت تورى ۋە مىسرانىم تورى |
|