- توردا
- 863 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-11-4
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 2816
- تىللا
- 5207
- MSN
- aelsoft@hotmail.com
- تۆھپە
- 1296
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12635
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 14
- خاتىرە
- 21
- يازما
- 495
- تېما
- 45
- نادىر
- 1
- ھەمبەھر
- 3
- UID
- 21
- تۆھپە
- 1296
- تىللا
- 5207
- شۆھرەت
- 2816
|
گەرچە تورغا ئۇلانغان كومپيۇتېردا QQ ۋە باشقا قوشۇمچە دېتاللاردىن پايدىلىنىپ يانفونغا ئۇچۇر يوللىغىلى بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېتاللارنىڭ قوشۇمچە ئالىدىغان ھەققى بار، ئۇنىڭ ئۈستىگە بىخەتەرلىكى تۆۋەن، ئۇچۇر ۋە يانفون نومۇر خاتىرىلىرىنىڭ ھەرۋاقىت ئاشكارىلىنىپ كېتىش ئېھتىماللىقى بار بولغانلىقتىن، بۇ دېتاللاردىن پايدىلىنىپ ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى تونۇشتۇرۇلمىدى ھەم تەۋسىيە قىلىنمايدۇ.
بىزگە مەلۇملۇق، ھازىر دىيارىمىزدا بىزنى يانفون مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەۋاتقان ئۈچ خەۋەرلىشىش شىركىتى بار. ئۈچىلىسىنىڭ ئۆزىگە خاس ئارتۇقچلىقى ۋە كەمچىلىكى بار بولغان كومپيۇتېردىن يانفونغا ئۇچۇر يوللاش ئۇسۇلى بار.
1-جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىشى (中国移动通信)
كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئۇچقۇر خەت (飞信) دېتالى بار بولۇپ، پەقەت كۆچمە خەۋەرلىشىشنىڭ ئىشلەتكۈچىسى بولغاندىلا ھەمدە قارشى تەرەپمۇ كۆچمە خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىسى بولسا، ئىككى تەرەپ ئۇچقۇر خەت مۇلازىمىتىنى ئاچقۇزۇپ، ئۇنىڭدىن پايدىلىنىپ بىر-بىرىگە ھەقسىز ئۇچۇر يوللىيالايدۇ. بۇ دېتالنىڭ كومپيۇتېر، يانفون ۋە تور يۈزى نۇسخىسى بولۇپ، تۆۋەندىكى مەنزىلدىن مۇناسىپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ:
http://feixin.10086.cn/
ئارتۇقچىلىقى: ئىشلەتكۈچىلىرى كۆپ، كۆپ خىل مۇلازىمەت مۇھىتى بىلەن تەمىنلىگەن.
كەمچىلىكى: پەقەت مۇشۇ بىرلا خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرى ئارىسىدىلا ھەقسىز ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. كۈندۈلۈك يوللىنىدىغان ئۇچۇر قېتىم سانىغا چەك قويۇلغان.
2-جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىشى (中国联通通信)
بىرلەشمە خەۋەرلىشىشنىڭ ھازىرچە كومپيۇتېر ياكى يانفون يۇمشاق دېتالى شەكلىدىكى ئۇچۇر يوللاش يۇمشاق دېتالى يوق، تور يۈزىدە ئۇچۇر يوللاشقا بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەنزىلدىن مۇناسىپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ:
http://zx.xj169.com/
ئارتۇقچىلىقى:ئۈچ خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ.
كەمچىلىكى: بىر قېتىملىق ئۇچۇر 0.10 يۈەن (ئون پۇڭ)، تور بەت تۇراقسىز، بەزىدە ئېچىلمايدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆپ ئۇچرايدۇ. كۈندۈلۈك يوللىنىدىغان ئۇچۇر قېتىم سانىغا چەك قويۇلغان.
3-جۇڭگو تېلېگرافى(中国电信)
جۇڭگو تېلگرافى دىيارىمىزدىكى ئەڭ پىشقەدەم خەۋەرلىشىش شىركىتى بولۇش سۈپىتىدە ناھايىتى زور ئىشلەتكۈچى قوشۇنىغا ئىگە، ئۇ مەيكروسوفتنىڭ Live دېتالى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئۆزىنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفوندا ئىشلەيدىغان e-live دېتالى تارقاتتى، بۇ دېتالدىن پايدىلىنىپ، ئۈچ خەۋەرلىشىشنىڭ ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا ئۇچۇر يوللىغىلى بولۇپلا قالماستىن، يەنە مەيكروسوفتنىڭ MSN دېتالىدىكى ئالاقىلاشقۇچىلىرىڭىز بىلەنمۇ خۇددى MSNنى ئىشلەتكەندەك بىمالال ئالاقىلىشالايسىز، ئۇندىن باشقا 189 خەت ساندۇقى ئارقىلىق، ئېلخەت ئالاقىسى قىلىشقا بولۇپلا قالماستىن، يانفونغا ئۇچۇر يوللىغىلىمۇ بولىدۇ. تۆۋەندىكى مەنزىلدىن مۇناسىپ ئۇچۇرلارغا ئىگە بولغىلى بولىدۇ:
http://elive.vnet.cn/
ئارتۇقچىلىقى:ئۈچ خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرىنىڭ ھەرقاندىقىغا ئۇچۇر يوللىغىلى بولىدۇ. بەلگىلەنگەن چەك ئىچىدە ھەقسىز، چەكتىن ئاشقىنىغا 0.10 يۈەن(ئون پۇڭ) ئۇچۇر ھەققى ئېلىنىدۇ. مۇقىم تېلېفون، كەڭ بەلباغلىق تور ھېساباتى ئارقىلىقمۇ تىزىملىتىپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
كەمچىلىكى:كۈندۈلۈك ئۇچۇر يوللاش چېكى باشقا خەۋەرلىشىشنىڭكىدىن ئاز. مۇقىم تېلېفون، كەڭ بەلباغلىق تور ھېساباتى ئارقىلىق تىزىملاتقانلار پەقەت تېلېگراف ئىشلەتكۈچىلىرىگىلا ئۇچۇر يوللىيالايدۇ، باشقا خەۋەرلىشىش ئىشلەتكۈچىلىرىگە ئۇچۇر يوللىيالمايدۇ.
ئەسلى مەنبەسى: تور كاتىپ تور تۇراسى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Nida تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-9-12 22:56
|
|