ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەزكۇر يۇمشاق دېتال ئۆزۈمگە ئېھتىياجلىق بولغانلىقى ئۈچۈن ۋاقىت چىقىرىپ ياساپ چىققان ئىدىم، ئۆزۈم يالغۇز ئىشلىتىشنى مۇۋاپىق كۆرمەي باشقا قېرىنداشلارمۇ پايدىلانسۇن دەپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئىقتىدار قوشۇپ توردا ھەقسىز تارقىتىشنى قارار قىلدىم.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئىقتىدارى تۆۋەندىكىچە:
<<شاھدىيارسوفت ئېكران قۇلۇپلاش قورالى 1.0>> ئارقىلىق كومپيۇتېر ئېكران مەشغۇلاتىڭىزنى قوغداپ، كومپيۇتېرىڭىزغا باشقىلارنىڭ خالىغانچە چېقىلىپ قالايمىقان قىلىۋېتىشىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. شۇنداقلا، قىلىۋاتقان ئىشىڭىزنىمۇ قوغداپ قالالايسىز.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنمە يۈزى پۈتۈنلەي ئۇيغۇرچە يۇنىكودلۇق لايىھىلەنگەن بولۇپ، Ukij Tuz Tom خەت نۇسخىسى ئىشلىتىلگەن. دىتالنى نورمال ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز كومپيۇتېرىڭىزدا بۇ خەت نۇسخىسى بولۇشى كېرەك. خەت نۇسخىسى بولمىسا بىز تەمىنلىگەننى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى: دىتالنى قوزغاتقاندىن كېيىن دىتال ماۋزۇسىنىڭ ئاستىدىكى <<ئەسكەرتىش مەزمۇنى>> دېگەن ئاق يەرگە قۇلۇپلاش سەۋەبىنى ئۆزىڭىز خالىغانچە يازسىڭىز بولىدۇ. كومپيۇتېرىڭىزدا ھېچقانداق ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچ قاچىلانمىسىمۇ بىۋاستە ئۇيغۇرچە كىرگۈزۈش ئەمەلگە ئاشۇرۇلغان. ئاستىدىكى مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا مەخپىي نومۇر بەلگىلەپ ئاستىدىكى <<مۇقىملاش>> كونۇپكىسىنى بېسىپ ئېكران قۇلۇپلاش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارسىڭىز بولىدۇ. ئەمدى كومپيۇتېرىڭىزغا ھېچكىم چېقىلالمايدۇ. بېكار قىلىش ئۈچۈن سىز بېكىتكەن مەخپىي نومۇر بولۇشى كېرەك. ئېكران قۇلۇپىسىنى بېكار قىلىش ئۈچۈن قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى قۇلۇپنىڭ ئاستىدىكى ئاق ئورۇنغا مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ <<قۇلۇپنى بېكار قىلىش>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ. <<مۇقىملاش>> كونۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى <<تازىلاش>> كونۇپكىسى ئارقىلىق ئەسكەرتىش مەزمۇنى بىلەن مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇندىكى مەزمۇننى تازىلاشقا بولىدۇ. بۇ پروگراممىنى ئىشلەتمەك مۇشۇنداق ئاددى. ئىشلىتىشكە ئەپلىك بولۇپ، ھەر قانداق كومپيۇتېر ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئىشلىتىشگە ماس كېلىدۇ.
مەزكۇر يۇمشاق دېتال WindowsXP, Windows 2003, Windows 2008, Windows Vista, Windows 7 لەرنىڭ ھەممىسىدە نورمال ئىشلەيدۇ. بۇ يۇمشاق دېتال Windows XP دىن باشلاپ كېيىنكى چىققان Windows لارنىڭ ھەممىسىدە نورمال خىزمەت قىلالايدۇ (Windows 8 نىڭ يادروسى Windows 7 بىلەن ئانچە چوڭ پەرقلىق بولمىسىلا Windows 8 دىمۇ نورمال خىزمەت قىلىدۇ).
مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ كۆرۈنۈشى تۆۋەندىكىچە:
بۇ يۇمشاق دېتالنى ئىجرا قىلغاندىن كېيىنكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكى دەپ ئاتىلىدۇ. ئۈستىدىكى ئاق يەردىكى مەزمۇن بولسا قۇلۇپلانغان كۆرۈنۈشتە 7 خىل رەڭدە لاۋۇلداپ چىقىدىغان ئەسكەرتىش مەزمۇنى بولۇپ، بۇ يەرگە ئۆزىڭىز خالىغانچە كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ. ئاستىدىكى مەخپىي نومۇر كىرگۈزىدىغان ئورۇنغا ئۆزىڭىز خالىغانچە مەخپىي نومۇر بېكىتىپ بەرسىڭىز بولىدۇ. <<تازىلاش>> كونۇپكىسى يۇقارقى كىرگۈزۈپ قويغان مەزمۇن ۋە مەخپىي نومۇرنى تازىلايدۇ. <<ياردەم>> كونۇپكىسى ئاستىدىكى ياردەم كۆزنىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. بۇ پروگراممىنىڭ چېكىنىش ۋە يۇشۇرۇش كونۇپكىسى مەزكۇر كۆزنەكنىڭ سول تەرەپ ئۈستىدە.
بۇ قۇلۇپلانغان ھالەتتىكى كۆرۈنۈشى بولۇپ، ئۈستۈنكى <<ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! مەن ئالىمجان، كومپيۇتېرىمغا ھېچكىم چېقىلمىسۇن! ئىشلەۋاتىدۇ>> دېگەن مەزمۇن ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە كىرگۈزگەن ئەسكەرتىش مەزمۇنى. سىز ئۆزىڭىز نېمە دەپ يازسىڭىز مۇشۇ يەردە كۆرسىتىپ بېرىدۇ. كومپيۇتېر ئېكرانىڭىزنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى بۇ ئەسكەرتىش سۆزىڭىزنى كۆرىدۇ دېگەن گەپ. ئاۋۇ سېرىق رەڭلىك قۇلۇپنىڭ ئاستىدىكى ئاق يەرگە سىز بېكىتىپ بەرگەن مەخپىي نومۇرنى كىرگۈزۈپ ئاستىدىكى <<قۇلۇپنى بېكار قىلىش>> كونۇپكىسىنى باسسىڭىزلا ئېكران قۇلۇپىسى بېكار بولۇپ نورمال خىزمەت ھالىتىگە ئۆتىدۇ. ئاۋۇ <<قۇلۇپلانغان ھالەتتە!>> دېگەن خەتنىڭ ئاستىدا كومپيۇتېر ۋاقتىڭىزنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، يەنى دەل ۋاقىتتىكى چېسلا، سائەت + مېنۇت + سېكۇنتنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
بۇ يۇمشاق دېتالنىڭ ياردەم كۆزنىكى بولۇپ، بۇ يەردىن يۇمشاق دېتال ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. بۇ كۆزنەكتىكى <<باش كۆزنەك>> دېگەننى باسسىڭىز ئۈستىدىكى ئاساسىي كۆزنەك كۆرۈنۈشى كۆرۈنىدۇ، <<قۇلۇپلانغان كۆزنەك>> دېگەننى باسسىڭىز ئوتتۇرىدىك قۇلۇپلانغان ھالىتىنىڭ كۆرۈنۈش رەسىمى ئېچىلىدۇ.
[سەمىمىي ئەسكەرتىش] مەزكۇر يۇمشاق دېتالنىڭ ئاساسلىق ئىقتىدارلىرى يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بولۇپ، يۇمشاق دېتالدا خاتالىق كۆرۈلۈش نىسبىتى 2 كۈن سىناق قىلىنىپ ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈلدى. مەزكۇر يۇمشاق دېتال مۇشۇ خىل مەشغۇلاتقا ئېھتىياجلىق بولغانلار ئۈچۈن تارقىتىلغان بولۇپ، ئىشلىتىش جەريانىدا كومپيۇتېرىڭىزدا ھەر قانداق كاشىلا كۆرۈلسە كېلىپ چىققان ھەر قانداق ئىشقا بىز مەسئۇل بولمايمىز. بۇ قورالدا ھېچقانداق غەيرىي پروگرامما ئارىلاشمىغان، پەقەت 3 تاللا ھۆججەتكە تايىنىپ خىزمەت قىلىدۇ. ماھىيىتى يۇقارقىدەك. ئىشەنچلىك يۇمشاق دېتال بولۇپ، ئېھتىياجىڭىز بولسا ئىشلەتسىڭىز، خالىمىسىڭىز ئىشلەتمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. سەمىمىي ئاگاھلاندۇرۇش بېرىلدى.
مەزكۇر يۇمشاق دېتالغا قارىتا ھەر قانداق تەلەپ، تەكلىپ - پىكىرلەر بولسا مەزكۇر تېما ئاستىغا قالدۇرۇپ قويسىڭىز بولىدۇ. بىز كېيىنكى نۇسخىسىدا تۈزىتىمىز. مەزكۇر قورالنىڭ كېيىنكى نۇسخىسىغا قارىتا ھەر قانداق تەكلىپ - پىكىرلەرنى بەرسىڭىز بولىدۇ.
چۈشۈرۈش ئادېرىسى: http://www.shahdiyar.com/soft/software/displaylock/displaylock.rar
شاھدىيارسوفت يۇمشاق دېتال تەتقىقات، ئىجادىيەت گورۇپپىسى 2011- يىل 9- ئاينىڭ 12- كۈنى |