- توردا
- 3688 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-3-26
- تىزىملاتقان
- 2010-7-21
- شۆھرەت
- 25073
- تىللا
- 18360
- MSN
- intil.biz@hotmail.com
- تۆھپە
- 13782
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 88617
- ئالبوم
- 2
- بلوگ
- 61
- خاتىرە
- 13
- يازما
- 6314
- تېما
- 1074
- نادىر
- 3
- ھەمبەھر
- 25
- UID
- 10
- تۆھپە
- 13782
- تىللا
- 18360
- شۆھرەت
- 25073
|
تورداشلارغا مەلۇم بىز دائىم توربەتلىرىمىزنىڭ سۈپەتلىك ھەم مەدەنىيەتلىك بولىشىنى تەكىتلەپ كىلىۋاتىمىز ھەم بۇ ھەقتە
پاكىز، مەدەنىيەتلىك ئۇيغۇر توربەتچىلىكىنى بەرپا قىلايلى ۋە پاكىز، مەدەنىيەتلىك تور مۇھىتى بەرپا قىلايلى (2) نى يوللاپ بەلگۈلۈك ئۈنۈمگە ئىرىشكەن بولساقمۇ ناچار مەزمۇندىكى ئېلان قويۇلغان توربەتلەر يەنىلا مەۋجۇت بولۇپلا قالماي يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتىدۇ.
بۇ ئىشنىڭ نېمىشقا داۋاملىشىۋىرىدىغانلىقىنى بىلەلمەي ئويلۇنۇپ يۈرگەن كۈنلىرىمدە بولغان بىر ئىش مېنى سەگىتتى :
بىر كۈنى بىر دۇكاندارنىڭ باشلانغۇچتا ئوقۇيدىغان بالىسىغا كومپيۇتېر ئېلىپ بىرىش ئويى بارلىقىنى ئاڭلاپ ئۇنىڭغا « ياخشىسى كومپيۇتېر ئېلىپ بەرمەڭ، بالىڭىز تورغا چىقىپ ئويۇنغا ئۆگۈنۈپ قالسا ئوقۇشىغا تەسىر يىتىدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھازىر توردىكى ئويۇن ۋە ئېلانلار قارىغۇسىز دەرىجىدە بولۇپ كەتتى، كۆپرەك بىلىم ئالسۇن دېسىڭىز چەت تىلى كۇرسىغا بەرسىڭىزمۇ بولىدۇ» دەپ نۇرخان تىل تەربىيەلەش كۇرسىڭىز ئېلانىنى بىرىۋاتسام يەنە بىر خېرىدار پاراڭغا ئارىلاشتى ۋە
- توربەت قۇرسا پۇل بىرىدىكەنغۇ؟ دەپ سورىدى.
- ئۇنداق ئىش يوق، سىلىگە كىم شۇنداق دېدى؟ دەپ سورۇدۇم.
- بالام توربەت قۇرۇپتىكەن، بىر ئادەم كىرسە بىر كوي بىرىدۇ دەيدۇ؟
- نېمە؟! ئۇنداق ئىش يوق، بالىلىرى يالغان ئېيتىپتۇ. دېسەم.
- راست شۇنداقكەن، بۇرۇن تورۋە تېلېفۇن پۇلىنى مەن تۆلەيتتىم، ھازىر بالام تۆلەۋاتىدۇ...
- بالىلىرى توربەتكە ئېلان قويۇپتىمۇ؟ كاللامغا يالتتىدە كەلگەن خىيالداىن سەگىپ ياندۇرۇپ سورىدىممەن.
- شۇنداقمىكىن. بىلمەيدىكەنمەن .
- خاپا بولماي، بالىلىرىنىڭ تور بېتىنى كۆرۈپ باقسىلا ...
***
گەپ شۇ يەردە ئاخىرلاشتى، بۇ كىشىنىڭ بالىسىنىڭ توربېتىگە سېرىق مەزمۇندىكى ئېلان قويغانلىق ئېھتىمالغا يېقىن ئىدى . چۈنكى سېرىق مەزمۇندىكى ئېلاننى ئىلتىماس قىلىش ئاسان ھەم ئۇنىڭ بىر چېكىلىشىنىڭ باھاسىمۇ بىر كويدىن كەم ئەمەس ئىدى.
مەن ئۇ توربەتنى ۋە ئېلاننى كۆرمىگەچكە بۇ كىشىگە ئېنىق بىرنەرسە دېمىگەن بولساممۇ مەسىلىنىڭ سەۋەبىنى چۈشەنگەندەك بولدۇم.
بارلىق ئاتا- ئانىلارغا ئىلتىماسىم:
بالىڭىز تورغا چىقامدۇ؟ بالىڭىزنىڭ تور بېتى بارمۇ؟ شۇنداق بولسا
بالىڭىزنىڭ قانداق توربەتلەرنى زىيارەت قىلاۋاتقانلىقىنى تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ.
بالىڭىزنىڭ تور بېتىنى زىيارەت قىلىپ بېقىڭ، توربەتتە قانداق مەزمۇن بارلىقى قانداق ئېلان ۋە رەسىملەرنىڭ بارلىقىغا دىققەت قىلىڭ.
~~~~~~~~
تورداشلارغا ئىلتىماسىم: مەزكۇر يازمىنى ياكى مەزمۇنىنى ئائىلىسىدە تور بار ئاتا- ئانىلارغا يەتكۈزۈپ قويۇڭ، بۇ يازمىنى ھەرقايسى توربەتلەردە تەۋسىيە قىلسىڭىز بولىدۇ.
|
-
1
باھا خاتىرىسى
-
|