ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 3685|ئىنكاس: 22

كەشپىياتچى ئالىمجان

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

قەشقەر يوپۇرغا ناھيىسى سىيەك يېزا 4-كەنىت 4-مەھەلىدىن ئالىمجان يېقىندا پايتەخىتكە بېرىپ ئۆزىنىڭ ئالەمشۇمۇل تەتقىقاتىنىڭ پاتنىېتىنى ئىلتىماس قىلىپ شانلىق غەلبە بىلەن زەپەر قۇچۇپ قايتىپ كەلدى.ئۇنىڭ يېقىنقى ئىككى يىل مابەينىدە بارلىققا كەلتۈرگەن كەشپىياتلىرى 10 خىلغا يىتىدۇ. بۇنۇڭدا ئادەمنى ھەم خۇشال قىلىدىغىنى ھەم چۇڭقۇر ئويلاندۇرىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىش ئارقىلىق دېۋگاتىل(ماتۇر)نى ھەركەتلەندۈرۈش.

ئالىمجان بۇ كەشپىياتى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادا كەگۈسى 50 يىلدىن كىيىنكى ئېنىرگىيە مەنبەسى كەمچچىلىكىنى شۇنداقلا، نۆۋەتتىكى خەلقارانى ساراسىمگە سېلىۋاتقان مۇھىت بۇلغۇنۇش مەسىلىسىىنى ئادەمنىڭ ئەقلى ئىقتىدارى قوبۇل قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغۇدەك ئەمەلىي تېخنىكىسى بىلەن ھەل قىلدى.ئۇ كەشپىياتنى پايتەخىتتىكى مۇتەخخەسىسلەر سوغاققانلىق بىلەن ئەستايىدىل تەكشۈرۈپ كۆرۈپ تولىمۇ رازىمەنلىك بىلەن مۇئەييەنلەشتۈردى ھەم ئۇ ماتۇرنىڭ كېرەسىز گاز قويۇپ بىرىش ئارقىلىق مۇھىتنى بۇلغاش نىسبىتىنى نۆل پىرسەنىت دەپ بىكىتىشتى.ئارقىدىنلا ئۇلار دۆلەت نىفىتكە زور سوممىلۇق مەبلەغ ئاجرىتىدۇ ھەم بۇنىڭدىن كۆپ مىقداردا كىرىم قىلىدۇ.سېنىڭ بۇ كەشپىياتىڭ دۆلەتنى نۇرغۇن ئىقتىساددىن مەھرۇم قىلغۇدەك دېگەن شاتلىق ئارلاش تەئەججۇپلۇق ئىنكاسنى بىلدۈرۈشىدۇ.ئالىمجان تەتقىقى قىلىپ ياساپ چىققان بۇ ماتۇرغا يەل(ھاۋا) ئېنىرگىيە قىلىنىدۇ،يەنى ماشىنا تىراكتۇرلارنىڭ چاقىسىغا يەل بىرىدىغان (چىباڭ)يەل ماشىنىسىدىن چىققان ھاۋا ئۇ ماتۇرغا ماي ياكى يېقىلغا گاز ئورنىدا ئىشلىتىلىدۇ.ئۇ مۇھىتىنى بۇلغىمايدۇ.ھەم دۇنيا بويچە ئەڭ ئەرزان ئېنىرگىيە بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.ئالىمجان بۇ كەشپىياتىغا پاتنېت ئىلتىماس قىلىپ 10 كۈندىن كىيىن ئامېرىكا، 15 كۈندىن كىيىن فىرانسىيە بۇ خىل پاتنېتنى ئىلتىماس قىلغان.دېمەك بىز ئويغۇرلارنىڭ تەلىيى يېقىنقى ئەسىر مابەينىدە بۇ كەشپىيات ئارقىلىق ئوڭ كەلدى.

نۆۋەتتە ئالىمجاننىڭ پاتنىتقا مۇناسىۋەتلىك ئىشلىرى پۈتتى.گۇۋانامە ئاۋغۇستنىڭ ئاخرىدا قولغا كەلمەكچى.ئالىمجاننىڭ بۇ نۆۋەتتە ئىلتىماس قىلغىنى پەقەت ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىپ ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر.قالغان كەشپىياتلىرىنى بىر -بىرلەپ ئوتتۇرىغا چىقارماقچى. ئالىمجان بۇ كەشپىياتى توغرۇلۇق ناھيىگە ئەھۋال ئىىكا قىلغاندا ئالدى بىلەن ناھيىمىزنىڭ ئەلسۆيەر ،خەلىقپەرۋەر ئوغلان ھاكىمى- ھەسەنجان ئەخمەت يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ ئۆزى ئالىمجاننىڭ ئۆيىگە بېرىپ كۆرگەندىن كىيىن ،بۇ ناھيىنىڭ ھەر بىر ئىدارىدىكى رەھبىرى خادىمدىن بىردىن كىشىنى ئېلىپ كىلىپ ئاندىن بۇنى تونۇشتۇرغان،ھەممەيلەننى گۇۋاچى بولۇشقا چاقىرغان.ئاندىن 11 مېنۇتلۇق چۈشەندۈرۈش فىلىمى لېنتىغا ئېلىنغان.لېكىن ئالىمجاننىڭ تەشەببۇسى بىلەن بۇ فىلىم تارقىتىلمىدى.ئۇنىڭ ئۆيىگە بارسىڭىز مىھماندوس ئۇيغۇر ئالىمى يىگىتى ئالدى بىلەن ئۇ فىلمىنى قويۇپ بىرىدۇ،سىزنىڭ يەنە ئىشەنگۈڭىز كەلمەيدۇ.ئاندىن ئۇ سىزگە بىر-بىرلەپ ئەمەلىيىتىنى كۆرسىتىپ قويىدۇ،ئاندىن ئىشىنىسىز لېكىن يەنە «چۈش كۆرۈۋاتقاندەك» بىر خىل ھېسسىيات بىلەن پەخىرلىنىش،سۆيۈنۈش ھېسسىياتىغا چۆمىسىز.ئالمجان پايتەختتە ئۆزىنىڭ كەشپىياتلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە سۆزلىگەندە مۇتەخخەسىسلەر: ئەگەر ئەمەلىي كەشپىياتىڭ ھازر سۆزلىگىنىڭ بىلەن ئوخشاشلا بولسا،سەن ئۈچۈن بىز نوبىل مۇكاپاتىنى ئىلتىماس قىلىمىز،تەستىقلىنىشتا گەپ يوق»دەپ ئىپادە بىلدۈرۈپتۇ. ئالىمجاننىڭ نۆۋەتتە تىزىملاتقان بۇ بىر تۈرىمۇ خەلقارالاشسا نوبىل مۇكاپاتىغا شەكسىز ئېرىشىدۇ.ئۇ تىرىشچان،ئاقكۆڭۈل ،ساددا مىجەز كەشپىياتچىمىز نىڭ ئاددىي بىر ئائىلىدە ،ئاددىي شارائىتتا بۇنداق ئالەمشۇمۇل كەشپىياتلارنى روياپقا چىقىرىشىنى تۇنجى ئاڭلىغاندا سىزئەمەس مەنمۇ ئىشەنمىگەن.لېكىن پاكىت دېگەن بەرىبىر پاكىتتە.

تۆۋەندە ئالىمجاننىڭ قىسىچە تەرجىمالى:

ئالىمجان قۇربان،ئەر،ئويغۇر.43 ياش.قەشقەر يوپۇرغاناھىيە سىيەك يېزىسى 4-كەنىت ،4- مەھەللىدىن. دىھقانچىلىقتىن سىرىت ياغاچچىلىق قىلىدۇ.ئۇ بىر ياشقا كىرگەندە ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن غۇلجىغا كۆچۈپ كەتكەن ھەم غۇلجا جېلىليۈزى خوتەن مەھەللە7-ئەترەتتە ئولتۇراقلاشقان.ئۇيەردە چوڭ بولغاندىن كىيىن دىھقانچىلىق ۋە ياغاچچىلىق قىلغان.30 ياشقا كىرگەندىن كىيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن ئەسلى يۇرتى قەشقەر يوپۇغا سىيەككە قايتىپ كىلىپ تېرىقچىلىقىنى قىلغان،ئۇنىڭ بىلەن بىرگە ياغاچچىلىق قلىپ يىراق -يېقىنغا ئۇستا ھۇنەرۋەن دەپ نام چىقارغان.ئۇ يېقىنقى ئىككى يىلدىن بىرى ئۇ ئىزچىل تىرىشىش ۋە قېتىرقىنىىپ تەتقىق قىلىش ئارقىلىق بىر نەچچە خىل كەشپىياتىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ،مىللىتىمىز،رايۇنىمىز ۋە ئولۇق ۋەتىنىمىز ئۈچۈن قىسقىسى ئىنسانىيەت ئۈچۈن زور شان-شەرەپ ئېلىپ كەلدى .تۆۋەندە مەن ئۇنىڭ كەشپىياتلىرىدىن يەنە بىرىنى تونۇشتۇرماقچى.ئۇنىڭ ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىدىغان ماتۇردىن باشقا يەنە چوڭ بۆسۈش دەپ قارىلىدىغىنى ھاۋانى ئېنىرگىيە مەنبەسى قىلىش ئارقىلىق گاز ئوچاقنى كۆيدۈرۈش. بۇ كەشپىيات ھاۋانى گاز تۇڭىغا قاچىلاپ،ئۇنىڭغا بىر خىل دورا ئارلاشتۇرۇپلا گازتۇڭىدىن يەنە بىر نەيچە(گۈەنزە)ئارقىلىك ئۇنى ئۆزى ياسىغان گاز قالايدىغان ئوچاققا چېتىپ ئۇچاقنى كۈندۈلىك تۇرمۇشتا ئىشلىتىشتىن ئىبارەت.ئالىمجان بۇكەشپىياتىنى ئون سەككىز مىلىيۇنغا ساتمىغانلىقىنى ئېيىتتى.ھېلىقى ماتۇرىنىمۇ شاڭخەيدىن كەلگەن بىر خوجايىن:«ئاغزىڭغا پاتقان پۇلنى ئېيىت،مەن بۇنى ئېلىپ كىتەي»دېگەن.ئالىمجان ئۇنىڭغا سەن ئېلىپ كەتسەڭمۇ ياساپ باشقىلارغا ساتىسەن،ئۇنىڭدىن مەن ئۆزۈملا ياساپ ساتاي دېدىم،دەپ جاۋاب بەرگەنلىكنى ئېيىتتى.

ئۇنىڭ باشقا كەشپىياتلىرىنى كىيىنكى قېتىملىق مۇلاھىزىدە ئوتتۇرىغا قوياي.ھازىرچە مۇشۇنچلىك بولسۇن.ھەقتە گەپ بولسا مەن بىلەن ئۇچۇرلىشىڭلار.ھازىر ئالىمجان كۈنىدە نەچچە ئون زىيارەتچىنى كۈتۋېلىش بىلەن بەند بولىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ يىرىقى پايتەخىتتىن ئۈرۈمچىدىن، يېقىنى قەشقەر ۋە باشقا رايۇنلاردىن كىلىپ كۆرۈپ كىتىۋاتىدۇ. بەزى زىيارەتچىلەر ئالىمجانغا قانچلىك پۇل كېرەك بولسا ھازىرلا ياردەم قىلىدىشانلىقىنى ئېيتىپ ياخشى كۆڭلىنى بىلدۈرۈشتى. تۆۋەندە مەن تورداشلارنىڭ ئالىمجان بىلەن بۇ ھەقتە پىكىرلىشىش ئىھتىياجىنى نەزەردە تۇتۇپ ئۇنىڭ ئۆي تېلىفۇنىنى قالدۇرىمەن. كۆپچىلىكنىڭ ئۇنى بىھۇدە ئاۋارە قىلماسلىقىنىمۇ ئۆتۈنىمەن.13279874321شۇ تاپتا ئالىمجان ناھيىلىك پارتىكوم ۋە خەلق ھۆكمىتىنىڭ يېقىندىن قوللاپ ياردەم بىرىشى نەتىجىسىدە ئۆزىنىڭ تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانماقتا.بىز ئۇنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئۇتۇق،كەشپىياتىغا زور غەلبە،ئالتۇندەك ئائىلىسىگە بەخىت تىلەيمىز .
ۋاقتى: 2011-9-6 13:30:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ راسىتمۇ يا ، قارسام راسلا قىلىدۇ. بۇ دۇنيانى زىل زىلگە سىلۋىتەيلا دەپ قاپتۇغۇ . ئادەمنىڭ ئىشەنگۈسى كەلمەيدۇ .  راسلا بىزنىڭ پەخرىمىز بوپتۇ.
ۋاقتى: 2011-9-6 13:38:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ خەۋەر چىققىلى خىلى بولغان، يالغانچىلىق قىلىپ بىركىمنىڭ كاللىسى ئىششىپ قالمىغاندۇ؟
ئەمدىكى مەسىلە ئالىمجان ئۆزىنىڭ پاتنىت ھوقۇقىنى قوغداپ شۇنى ئومۇملاشتۇرلىسا بولاتتى!!!
يىتىمنىڭ ئاغزى ئاشقا تىگىپ بولغۇچە چىشىنىڭ قاناپ قېلىشىدىن ئەنسىرەيمەن!
ۋاقتى: 2011-9-6 16:50:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپنى ئاڭلىغىلى 2 يىلدىن ئاشتى. ئەمما تېخىچە ئىشەنچلىك ئاخبارات ۋاستىلىرىدىن (شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەندەك) بىرەرسىمۇ بۇ ئالەمشۇمۇل كەشپىيات توغرىلىق خەۋەر بېرىپ باقمىدى.  مېنىڭچە بۇ يالغان گەپ. بۇ توغرىلىق ئىلگىرى بىر قىسىم مۇنبەرلەردە مۇلاھىزىلەر قىزىپ كەتكەن.
خىمىيە ئوقۇغانلار بىلىدۇ، ھاۋا تەركىبىدە ئازوت، ئوكسىگېن، كاربوننىڭ ئوكسىدلىرى، بىر قىسىم ئارلاشما ماددىلار ۋە ئازئۇچرايدىغان گازلار بار. ھاۋا تەركىبىدىكى مىقدارى ئەڭ كۆپ بولغان ئېلېمىنت ئازوت، بىراق ئازوتنىڭ لاتىنچىدىكى مەنىسىدىكى ھاياتلىققا ياردەم بەرمەيدۇ دېگەنلىك بولۇپ، نەپەسلىنىشكىمۇ بولمايدۇ ھەم كۆيمەيدۇ ھەتتا كۆيۈشكىمۇ ياردەم بەرمەيدۇ. ئوكسىگېن بولسا ھاۋا تەركىبىدىكى مىقدارى ئازوتتىن قالسىلا ئەڭ يۇقىرى بولغان ئېلېمىنت بولۇپ ئۆزى كۆيمەيدۇ، بىراق كۆيۈش ئۈچۈن ئوكسىگېن كەم بولسا بولمايدۇ.
ئۇنداقتا ھاۋانى ئېنىرگىيە قىلىدىغان ماتۇر نېمە پىرىنسىپ بويىچە ئىشلەيدۇ، بۇ ماتورنىڭ قوزغىلىش كۈچى ئېلىكتىر ئېنىېرگىيىسىنى مەنبە قىلىدىكەن، ئۇنداقتا بۇ ماتور ھاۋا تەركىبىدىكى زادى قايسى ماددىنى ئېنىرگىيە قىلىدۇ؟
ئالىمجانغا بىر قىسىم كاتتا بايلار ‹‹ئاغزىڭغا پاتقان پۇلنى ئېيىت،مەن بۇنى ئېلىپ كىتەي›› دېگەن، ئۇنداقتا 2 يىلنىڭ ياقى بۇ پۈتۈن دۇنيانى ئېنىرگىيە كىرزىسىدىن قۇتۇلدۇرىدىغان بۇ ئالەمشۇمۇل كەشپىيات نېمىشقا تاۋارلاشمىدى؟
مەن ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا كۆرگەن بۇ ‹‹ كەشپىياتچى ئالىمجان ›› ناملىق تېما شۇ 2 يىلنىڭ ئالدىدىكى تېمىدىن كۆچۈرۈلگەن، ھەتتا پەش چېكىتلىرىمۇ ئۆز جايىدا، بىرەر ئېغىز يېڭى گەپمۇ قوشۇلماپتۇ...
بەلكىم ئالىمجاننىڭ بەزى كەشپىياتلىرى ھەقىقەتەن راستتۇر،
ئىلمىي ئاساسى بولمىغان بۇنداق خەۋەرلەرنى يوللىمىساق دەيمەن.( شەخسى كۆز قارىشىم )
ۋاقتى: 2011-9-6 19:04:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتكەندە مەن مەلۇم بىر تور بىكەتتە مەخسۇس مۇشۇ توغرىسىدا ئېچىلغان بىر سەھىپىنى كۆرگەنتىم، ئەمما ھازىر قايسى بەت ئىكەنلىكى ئىسىمدە قالماپتۇ، ئىش قىلىپ بۇ راستلىقى ھەققىدە فىلىممۇ يوللىنىپتىكەن، 56 تورىدا بارمىكىن دەيمەن.
ۋاقتى: 2011-9-6 19:42:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق .مەنمۇ بۇنى كۆرگىلى خىلى بولغان (تەخمىنەن بىر يىل ئەتراپىدا )كۆرۇپ بەك ھاياجانلانغان ئىدىم .لىكىن مۇشۇنداق ئۇلۇغ كەشپىياتلارنى ياراتقان ئادەمنى تىلۋىزىيە ئىستانسىدكىلەر تونۇشتۇرۇپ قوياي دىمەيدىيا .  مەن بۇنىڭ راسىت بولۇپ قىلشنى ئۇمىد قىلمەن !
ۋاقتى: 2011-9-7 00:11:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداقتا بۇ سىن ھۆججىتىمۇ يالغاندىن ياسالغانمىدۇ ؟  ئاۋۇ ئادەملەردىن بىرسى  يوپۇرغا ناھيىسى پەن- تېخنىكا ئىدارىسنىڭ  باشلىقىغۇ دەيمەن .
ئەجىبا بولارنىڭ ھەممىسى ئەخمەقمىدۇ .
ئەگەر مومكىن بولسا تورداشلار ئىچىدە يوپۇغا ناھىيىسىدىن بالىلار بولسا ،ئېغىر كۆرمەي بىر  «تىڭتىڭلاپ » باقسا بەك ياخشى بولاتتى  
ۋاقتى: 2011-9-7 01:25:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇغۇ بىر ياخشى ئىش بوپتۇ، لىكىن ئاشۇ ماتۇرنى ھەركەتلەندۇرگەن يۇقىرى بېسىملىق ھاۋانى پەيدا قىلىش ئۇچۇن قانچىلىك ئىنىرگىيە كىتىدۇ؟ بۇ ئىنىرگىيە نەدىن كىلىدۇ؟ بۇلارنىمۇ ئويلىشىشقا تىگىشلىك.  توغرا بۇ بىر ھاۋا بېسىمى بىلەن ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر، لىكىن ئىنىرگىيە كەمچىللىك مەسىلىسىنى ھەل قىلىدىغان ماتۇر ئەمەس. بۇ تېخنىكا پەيدا بولغىنى خېلى بولدى، بۇنى بەك ئالاھىدە دەپ كەتكىلى بولمايدۇ.             مەسىلەن؛   ئاپتۇمۇبىلنىڭ چاقىنى چىقىرىشتا ئىشىلتىلىدىغان يەل بېسىملىق كۇلاچ دەل ‹‹ھاۋا بېسىمى ئارقىلىق ھەركەتلىنىدىغان ماتۇر›› دىن ئىبارەت.
   
ۋاقتى: 2011-9-7 01:36:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
100 پىرسەنىت ئىشنىڭلار !ھەممىسى راس .
ۋاقتى: 2011-9-7 01:38:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2 يىلچە بۇلۇپ قالغاندۇ ئاڭلىغىلى ،  ئالىمجانمۇ تېلىۋۇزۇردا بىر  قېتىم  چىقتى ،  xjtv-2 دە ، ئېنىق  يادىمدا تۇرۇپتۇ ، لىكىن  ئۇنىڭدىن كىيىن  كۈرۈپ  ۋە  ئاڭلاپمۇ  باقىمىدىم  .  ئالدىنقى كۈنى  cctv-10  پەن تېخنىكا  قانىلىدا بىر  خەنزۇ  يولداش چىقتى ،  ھاۋادا ئايلىنىدىغان  ماتۇر  ياساپتۇ ، مۇتەخەسىسلەر  ماختاپ  كىتىشتى .  لىكىن ما  ئالىمجان  بىر چىقىپلا  يۇقاپ  كەتتى ،  كىم  بۈلىدۇ  نىمە  ئىش  بولغىنىنى ،  يا  يە تېرىش  بىلەن  ئالدىراش  بۇلۇپ كەتكەندۇ ......  ئىشلىرىغا  ئوڭۇشلۇق  تىلەيمەن .  
ۋاقتى: 2011-9-7 12:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ نەرسىلەرگە قەتئى ئىشەنمەيمەن يۇقىردىكى arken007 تورداشنىڭ دىگىنىگە قۇشىلىمەن بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەقىقى پاكىت ئىلمى ئاساسى يوق ئەمەلى قوللىنىش قىممىتى يوق ،ئەگەر راستىنلا شۇنداق بولسا ئون-يىگىرمە مىليۇن دىگەن ئاز گەپما شۇ جايىدا سېتىپلا شۇ پۇلغا باشقا كەشپىياتلارنى قىلسا بولماسما ،پاتىنىت ھۇقۇقىنى ساقلاشقىمۇ ئاز پۇل كەتمەيدۇ، شۇ پۇلنى قالغان كەشپىياتلارنى ساقلاشقا ئىشلەتسە بولمامدۇ ،شۇڭا بۇ ئىشلارنىڭ تىگىدە بىر گەپ بار.
ۋاقتى: 2011-9-7 16:50:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
chaqmaq137 يوللانغان ۋاقتى  2011-9-7 12:25
مەن بۇ نەرسىلەرگە قەتئى ئىشەنمەيمەن يۇقىردىكى arken007 تو ...

ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيلى قىرىندىشىم   ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارىشى ئوخشىمايدۇ . بۇنىڭ تەپسىلى فىلىمىنى مانا  مەن كۆرگەن
ۋاقتى: 2011-9-7 21:15:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ كۆز قارشىمنى سۆزلەپ باقاي . بۇ راستىنلا ھاۋا(يەل)نى ھەركەتلەندۈرش ۋاستىسى قىلىدىكەن .لىكىن بۇيەردە ئويلىشىدىغان يەنە بىر ئىش «ئېنرگىيەنىڭ ئايلىنىش قانۇنى» بويچە بولغاندا بۇ پەقەت بىر خىل ئېنىرگىيە (ئىلكتىر ئېنرگىيە سنى يەل بېسىمغا ئۆزگەرتىش )نى يەنە بر ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇش جەرياندىنلا ئىبارەت بولۇپ ،قانداقتۇ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىش ئەمەس .ئەمدى يەنە بىر خىل تەھلىل قىلىپ باقايلى . بۇ ماتور 气榜 ناسۇس بولمىغان شارائىتتا ھەركەتلىنەلەمدۇ يوق ؟ بۇ ھاۋانى يېقىلغۇ قىلىپ ئەمەس يەل بېسىمى ئارقىلىق ھەركەتلەندۈرۈش خالاس.
يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەھلىل قىلىپ باقساق بۇ ماتور ئارقىلىق كەلگەن ئېنىرگىيە ئۆز - ئۆزىنى قامدىيالامدۇ يوق .ئەگەر قامدىيالىسا ھەقىقەتەن ئېنىرگىيە تېجىگەن بولىدۇ .مۇشۇ ئايلىنىۋاتقان ماتورغا بىر دانە发电机چاتساق ئاندىن 发电机چىقارغان توك ئارقىلىق بايامقى ناسوسنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئۇنۇڭغا يەل قاچىلاپ يەل بىېسىمى ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ؟ بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mamataili110 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-7 13:16  

ۋاقتى: 2011-9-8 01:55:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يەنىلا ئىنىرگىيەنىڭ ئايلىنىش قانونىغا زىت كىلىپ قالامدۇ قانداق ؟
مىنڭچە بۇ سەل ئىشىپ كىتىپتۇ .بۇرۇنمۇ بىز مۇشۇنىڭغا ئۇخشاش(پىرىنسىپى ئوخشاش ) بىر مەسلىنى بەك تالاش -تارتىش قىلىپ ،ئاخىرىدا مەغلوپ بولغانتۇق.مەن سەل ئىشەنمەي قالدىم .شۇنداقتىمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش كەشپىياتچىلارنىڭ ئارىمىزدىن كۆپرەك چىقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ۋاقتى: 2011-9-8 02:12:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(ئايلىنىۋاتقان ماتورغا بىر دانە发电机چاتساق ئاندىن 发电机چىقارغان توك ئارقىلىق بايامقى ناسوسنى ھەركەتلەندۈرۈپ ئۇنۇڭغا يەل قاچىلاپ يەل بىېسىمى ھاسىل قىلغىلى بولامدۇ؟)
مانا بۇ ھالقىلىق مەسىلە؛ بۇ مۇمكىن بولمايدىغان ئىش.  ئەگەر شۇنداق بولغان بولسا ئىشلار باشقىچە بۇلار ئىدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   abdigeni تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-9-8 02:18  

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-23 22:44 , Processed in 0.258667 second(s), 23 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat