- توردا
- 272 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2012-10-18
- تىزىملاتقان
- 2010-10-17
- شۆھرەت
- 2169
- تىللا
- 1381
- MSN
- gheiret@sina.com
- تۆھپە
- 1069
- ھوقۇقى
- 80
- جۇغلانما
- 7194
- ئالبوم
- 0
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 2
- يازما
- 406
- تېما
- 27
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 577
- تۆھپە
- 1069
- تىللا
- 1381
- شۆھرەت
- 2169
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۈم ,.
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى نۇرمال ئەسلىگە كەلدى. تورداشلار خاتىرجەم زىيارەت قىلسا بۇلىدۇ.
ئۆتكەن ھەپتە بىلىكتە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىنىڭ نۇرمال بولماسلىقى ، تېمىلارنىڭ تەستىقلانماسلىقى، باشقۇرغۇچىسىنىڭ يوق بۇلۇپ قالغانلىقى، رەئىسىنىڭ يوقلىقى، تەشكىللەشكە تىگىشلىك مۇھىم ئىشلارنى تەشكىللىمىگەنلىكى.... تېمىلاردا تېمىلار يېزىپ كەتتى...
بۇنىڭدىن تورداشلارنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىگە ۋە جەمىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىنى بىلۋالغىلى بۇلىدۇ ئەمما كۆڭۈل بۈلۈش پەقەت سۆز جۈملىلەردە بۇلۇپ قالسا كۆپ ئىشلارنى باشقا ئېلىپ چىققىلى بولمايدۇ.
تورداشلارنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى غا ئۇيۇشۇش ھەققىدە كارنىيىمىز يىرتىلغۇچە ھەرقايسى تور بىكەتلەردە ۋاقىراپ باقتۇق. تېما يىزىپ ئۇلىنىشى قالدۇرۇپ باقتۇق... ئەپسۇس... ئۇيەرگە كىرىۋاتقانلار ئۇلىنىش قىلىش ئىلتىماسى بىرىدىغانلار ياكى چىكىنىش ئىلتىماسى تېمىسى يىزىۋاتقانلار. ئەمەلىي تېخنىكىلىق ماقالىلەرنى يېزىۋاتقانلار سانىغۇدەكلا.
نۇرغۇن تورداشلار قوللايمىز دىيىشىتى. ئەمما قوللايمىز دەپ قۇيۇپلا ئۆزلىرىنىڭ تور بىكەتلىرى ئۈچۈن كىچە كۈندۈر كومپىيۇتىر ئالدىدا مۈكچىيىپ ئولتۇرۇپ پۇل تېپىش، نام چىقىرىش ، ئۈزىنىڭ شەخسىي تور بىكىتىنىڭ داڭقىنى چىقىرىش كۇيىدا بۇلۇپ كەتتى. گېزى كەلسە ئالدىنقى يىللىق تور تارىخىم بار دەپ قۇيۇدىغان تور بىكەت قۇرغۇچىللىرى تولا كۆردۈم، ھەممىسى نىمە دەيدۇ؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىرچىلىقىغا ئازراق تۆھپە قوشساق......ۋاھاكازالار... ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتىمۇ شۇنداق نىيەتتە ئىدى...شۇ نىيەت بىلەن قۇرۇلغان ئىدى. ئىشنى باشلىغانلار باشلاپ بىزگە يول كۆرسىتىپ قويدى. يولنى باشلىغانلارنى يۇقارقى بىر تورداشنىڭ گىپى بۇيىچە ئىشنى باشلاپ قۇيۇپ ئاخىرغا چىقارمىدى دەپ خاپا بۇلامدۇق؟
ياق! ئۇلاردىن نىمىشقا خاپا بۇلىمىز. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى قۇرۇلغاندىن بۇيان نەچچە يۈزلىگەن ھەتتا مىڭلىغان تور بىكەتلەر قۇرۇلدى. ئاشۇلارنىڭ تەڭدىن تۇلىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكىتى نى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ مەقسىدىنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ. ئەمما، ھەممىسىنىڭ تەنھا بۆرە بولغۇسى كەلدى. ئۈزى يالغۇز ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ساھەسىگە تۆھپە قۇشۇشنى تاللىدى. قاراڭلار، ھازىر نەچچە مىڭلاپ ئۇيغۇرچە توربىكەتلەر بار. ئۇلارنى ئىزدەپ نىمە مەقسەت بىلەن بۇ تور بىكىتىڭىزنى قۇردىڭىز دەپ سورىسىڭىز ھەممىسى خىجىل بولماي «ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۈلۈش ئۈچۈن »دەپ جاۋاب بىرىدۇ. يەنە نۇمۇس قىلىشماي ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ QQ توپى ، بىلىك تور بىكىتىنىڭ QQ توپى، مەسىنجىردىكى توپلاردا، كۈنلۈك ئادەم سانى 200~300 ئادەمدىن كەم بولمايدىغان Chatroom لاردا تور بىكتىدىكى گوگىل ئېلانىنى چىكىپ قۇيىشىنى تەلەپ قىلىشىپ ئادرىسلارنى ئىۋەرتىپ زىرىكتۈرۋىتىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ QQ توپىدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ گىپىنى ھەپتىدە بىرەر قىتىم چىقىرىپ قېلىشسا قىلىدۇكى بولمىسا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىنىڭ ئادرىسىنى ئەمەس ئىسمىنى چىقىرىپ سېلىشمايدۇ. قوللاپ قۇيايلى دىگەن گەپ ئانچە مۇنچە چىقىپ قالمىسا ھەممىسى ئۈزىنىڭ تور بىكتىدىكى تېمىلارنى ، پائالىيەتلەرنى ماختاپ ئادرىسىنى يوللىشىدۇ. مانا بۇ " ئۇيغۇر ئۈچۈن" دىگەن سۆزلىرىنىڭ «ھەقىقىيلىكى»!
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى قانداق قىلغاندا مول نەتىجىلىك تەرەققىي قىلىدۇ؟
بۇنى چۈشىنىدىغانلارنىڭ ۋاقتى قىس، چۈشەنمەيدىغانلارنىڭ ۋاقتى زىيادە. ئۇلارغا كۆپ چۈشەندۈرسىمۇ كار قىلمايدۇ.
ئالدىنقى قېتىم گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسىنى ئىشلەش چاقىرىقى چىققاندا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى بۇ ئىشنى 100% قوللايتى. ئەمما 10 غا يېقىن دائىمىي ئەزالاردىن 4~5 دائىمىي ئەزالارلا بۇ ئۇچۇرلارنى بىلەلىدى. قالغانلىرى بولسا چەتئەللەردە كومپىيۇتىر ساھەسىدە چوڭ ئىلمىي ئۇنۋانلارنى ئېلىش تەييارلىقلىرى ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن خەۋەرلىنەلمىدى.
ئاڭلىغانلار ، بىلگەنلەر بىلىكتە ئۇچۇر قايتۇرۇشتى، بىلىككە كىرەلمىگەنلەر ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىدە قوللايدىغانلىقى توغرىسىدا ئۇچۇر قايتۇرۇشتى... ئەمما بەزىلەر ئۈزىچە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى بۇ ئىشقا پاسسىپ مۇئامىلىدە بولدى دەپ ئاغرىندى. زادى كىمدىن ئاغرىنىش كىرەك؟
شۇ چاغدا مەن «مۈمكىن بولسا گوگىل غا ئىلتىماسنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنى نامىدىن يازساق»دىۋىدىم، شۇ سۆزنى قىلىپ قويغىنىمغا ھازىرغىچە پۇشايمان قىلىپ كىلىۋاتىمەن. مەنمۇ ئۇنچىلىك ئىشنى بىلگۈچىلىكىم بار ئىدى ئەلۋەتتە. ئەمەلىيەتتە ئۇ سۆزنى دىيىشتىكى مەخسەت ھەرگىزمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ پايدا،مەنپەتى ئۈچۈن ئەمەس ئىدى. ھەم گوگىلنى تەرجىمە قىلىش ئىشىدا پايدا مەنپەت تۇقۇنىشىمۇ يوق ئىدى. پەقەت، توردىكى بۇ ئىشقا ئىشتىراك قىلالمايۋاتقان ئەمما خەۋەردار بۇلۇپ تۇرغانلارغا «ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرشى بىلەن » دەپ تارقالسا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىنى بۇندىن كىيىنكى ئۇيۇشتۇرۇشچانلىققا ، ھەمكاشتۇرۇشقا ئاز تولا كۈچ چىقىرالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش، يەنى مۇشۇنداق تەشكىللەشچانلىققا ، ئۇيۇشتۇرۇشچانلىققا ئىگە بىر جەمىيەتنىڭ بارلىقىنى توردىن سىرىتقى كىشىلەرگە بىلدۈرۈپ ، ھەمكارلاشقۇچىلارغا ، ھەمكارلىشىدىغان كۆڭۈلدىكىدەك ئۇرۇن تاپالماي بىلىدىغان كومپىيۇتىر بىلىملىرىنى ئىچىدە سېسىتىپ ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلىرىمىزنىڭ قۇلىقىغا يەتكۈزۈش ئارقىلىق ھەمكارلىشىدىغان، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا كۈچ چىقىرالايدىغان تېخىمۇ كۆپ ياشلار، قېرىنداشلارنى بىر يەرگە جەم قىلىش ئورنى بارلىقىنى بىلدۈرگىلى بۇلارمىكىن دىگەن ئىدىم. شۇ ئىشلارنى روياپقا چىقارغانلارغا ئۇنى ئەسكەرتىپ يۈرمىسەكمۇ بىلگۈچىلىكى بارلىقىنى مەنمۇ ئوبدان بىلەتتىم. ھىلىمۇ بىلىكتىكى فانتازى ئەپەندىم، بۈركۈت ئەپەندىملەرنىڭ كۈچىشى بىلەن ئۇ ئىشلارمۇ خۇشاللىنارلىق ھالدا پۈتۈپ قالدى. شۇلارغا ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى نامىدىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمەن. مەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى قۇرۇلۇپ تا ھازىرغىچە ئەتراپىدا ، بىللە بۇلۇپ كىلىۋاتىمەن. گەرچە نەزەرىيىۋىي كومپىيۇتىر بىلىمىم ۋە ئۇنۋانىم بولمىسىمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلرى ۋە تور ئىشلىرىنىڭ 2000-يىلدىن كىيىنكى بارلىق تەرەققىياتىنى بىللە باشتىن كەچۈرۈپ كىلىۋاتىمەن.
مەن نىمشىقا تور بىكەت قۇرمىدىم؟ بۇ مەن دائىم سورايدىغان سۇئال. مەندە تور بىكەت قۇرۇش قىزغىنلىقى شۇنداق يۇقىرى. ئەمما قۇرمىدىم. نىمشىقا قۇرمىدىم؟ قۇرالمامدىم؟ 2001-يىللىرى ئۈرۈمچىنىڭ بىر سائەتلىكى 5 كويلۇق تورخانىلىرىدا Frontpage بىلەن تور بىكەت ياساش ئۈچۈن Frontpage نى ياخو، دۇنيا ئىزدەش قانىلى ، ...... لاردىن ئىزدەپ نەچچە كىچە تۈنەپمۇ چىققان. ۋورد تا خېلىلا مۇكەممەل Html تور بىكىتى ياساپ مەكتەپ بۇيىچە بىردىنبىر تور بىكەت قۇرالايدىغان ئادەم دەپ نام ئالغانمۇ مەن ئىدىم. شۇ قىزغىنلىق ۋورد تا، Front page دە كىيىن dreamweaver دە نەچچە تور بىكەتنى ياساپ پۈتتۈرۈپمۇ باقتىم. بىرلا مەسىلە ئېلان قىلمىدى، سەۋەبى... بىرلا. ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرنى پاخاللاشتۇرغۇم يوق....
مۇشۇ بىرلا جۈملە سۆز تا ھازىرغا كەلگۈچە مۇكەممەل تور بىكەتلرىىمنى ئېلان قىلىشتىن تۇسۇپ كەلمەكتە.
ئەينى يىلى بىلىك كۇلۇبىغا كىرىپ باشقۇرغۇچىلىققا تەكلىپ قىلىنىشىم بىلەن بىلىم بىرىدىغان ۋە بىلىم ئالىدىغان مۇشۇنداق بىر سورۇننىڭ بولغانلىقىدىن كۆڭلۈم ئەمىن تاپتى.ھەمدە ماس ھالدا UKIJ ئەتراپىدا ئەگىپ يۈردۇق.بىلىككە باشقۇرغۇچى بولغاندىن بىرى يەنە ئۇيغۇرچە تور بىكەت قۇرۇپ بىكەتلىرىمىزنى پاخاللاشتۇرماسلىق نىيىتىم تىخىمۇ ئەۋجىگە چىقىپ ، بىلىك ۋە UKIJ دىن ئىبارەت مۇشۇنداق ئىسىل بىلىم سورۇنىنى ئاۋاتلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر تور ئىشلىرىنى ساغلام تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن كۈچەپ باقتۇق. ئەپسۇس... 2008-يىلغا قەدەم قويغاندا ھاردۇق. چۈنكى " بىلىملىكلەر " ئۆزلىرىنىڭ تور بىكەتلىرى بىلەن بىزنى كۈمىۋەتتى. بىز كۈمۈلۈپ كەتتۇق. بىلىككە 10 تېما يوللانسا 6 تىسى باشقا تور بىكەتلەردىن كەلگەن چاپلاقچىلارنىڭ تېمىسى . چاپلاقچىلار ئاۋۇپ كەتكەندە بىز سەل ئارام تېپىپ قالىدىكەنمىز.
ئەمدى UKIJ ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان ۋاقىت كەلدى دەپ قارىم. ئەپسۇس... مەنمۇ 1 كۈن كۈچەپ باقتىم، 2 كۈن باشقا تور بىكەتلەردە ۋاقىراپ باقتىم. 4 كۈن مۇنبەرلەرگە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تېمىللىرىنى ئاپىرىپ چاپلاپ چاپلاقچىلىق قىلىپ باقتىم. سەلكىن، دىيارىم دىگەندەك بەزى تور بىكەتلەر ئۈچۈردى ياكى تەستىقلىمىدى. بەزىسى تۈكى باركەن دىدى، بەزىسى شەكلى جىقكەن دىدى... ئاخىرى ھەممىسى ئاچچىق شاپتۇل دەپ سىلكىپ تاشلىدى. بىچارە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تور بىكتى ئاخىرى يىتىمچىلىكتە بۇيۇن قىسىپ يۈردى. بۇ يىل گوگىلنىڭ ئۇيغۇرچىسى نى ئىشلەش گىپى چىقىۋىدى... تەشكىللەشكە بىلىم كەملىك قىلدى. بىلىمى بارلار بولسا ئۆزى تۇرمۇش ۋە ئۈگۈنۈشلىرى بىلەن خەۋەرسىز قالدى. كىملا قىلسا بۇلىۋىرەتتى. بىلكمۇ باشتىن ئاخىر ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ 2- بېتى يەنى ياردەمچىسى ، تام دوسكىسى سۈپىتىدە رول ئۈتەپ كىلىۋاتقانلىقىنى نۇرغۇن تورداشلارغا ئايان. بىلىكمۇ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدىكى نامايەندە بولغانلىقى ئۈچۈن ئۇ ئىشنى بىلىكتىكىلەر قىلسىمۇ ، ئىنتىلدىكىلەر قىلسىمۇ بەرىبىر ئۇيغۇرلار ئۈچۈن قىلىدۇ. خەنزۇلار ئۈچۈن قىلمايدۇ ئەلۋەتتە. بوپتۇ، شۇلارنىڭ جاپا چەككىنىمۇ شۇ ئۇيغۇر ئۈچۈن تۇرسا. تېماڭنى ياكى ئىشلىگەن ماۋۇ نەرسەڭنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ توربىكىتىدە يوللىۋىتىپ ئاندىن بۇ يەرگە ئەكىلىپ چاپلا دەيدىغانغا بىزنىڭ نىمە ھەددىمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن تۇرسا. بوپتۇ قىلسۇن. ئەمەلىي قوللايلى دەپ شارائىتنى ئەنە تەييار قىلىپ مۇنبەرنى تەييار قىلىپ بەردۇق. ئەمما تور بىكتى بارلار تور بىكىتىدە ئېلان قىلدى. ئۇمۇ ئۇيغۇر ئۈچۈنغۇ.
ئاللاھقا شۈكرى. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتى ھىلھەم ھايات. بەزىلەرنىڭ خىيالىدىكىدەك ئۇ »تاقىلىپ »قالمىدى. چۈنكى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى ئەمدى بۇندىن كىيىن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلرى ئۈچۈن جانلىق رول ئالمىسا بولمايدۇ. ئۇنىڭغا فانتازى ، بۈركۈت ئەپەندىملەردەك تەشكىللىگۈچىلەر ، سەھران ، ئالىپ ئەپەندىملەردەك سىستىما بىلەن تولا ئېتىشىدىغانلار، بىلگە، ئىنتىل دەل توردۇنياسىغا نىسبەتەن كونا پىشقەدەملەر ، نەۋرۇز، سارۋان دەك كونا پشقەدەم تور بەت تىلى يازغۇچىلار ، ئۇيغۇر-ۋېب ، ئۇچقۇن، مايوردەك يېڭى باش كۈتۈرۈپ چىقىۋاتقان سىستىمىچىلار تۇرۇپتۇ. يەنە نۇرغۇن ئىقتىدارلىق باللار بار. ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنى ئاستىرىتتىن كۈزتىۋاتىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىدە 2 ھەپتە جانلىنىش كەيپىياتى بولسىلا نۇرغۇن باللار بار ئۆزلىكىدىن قېتىلىدىغان. نې-نې باللار بار PHPدىن ھالقىپ ASPX, CGI لارنى يازىدىغان.كىرىدىغان تەشكىللىنەلەيدىغان تور بىكەتنىڭ تاينى يوق، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭتور بىكىتىنى ئۇزۇندىن بىرى ئاستىرىتتىن كۈزتىۋاتقان.
قانداق جانلاندۇرىمىز؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىدە ئانچە مۇنچە تېما يوللاپ تۇردىغان پەقەتلا 2~3 ئەزالا بار. ھەتتا كۈندە 3~4 تېما يوللاپ ئۇدا داۋاملاشتۇرغان چاغلارمۇ بولغان. ئەمما، جانلىق ئەزالار يەنىلا كەمچىل. نۇرغۇن ئەخلەت مۇنبەرلەر بار. ئەزاسى 5 مىڭدىن ئاشىدىغان. بازىرى ئالامەت چىققان نى-نى چايخانىلار بار 2~3يۈز ئادەمدىن كەملىمەيدىغان. نى-نى كۈچۈرمىچى مۇنبەرلەر بار تېمىلارنى باشقا مۇنبەرلەردىن كۈچۈرگەننىڭ ئۈستىگە ئەزالارنىمۇ قالتىس ئۇسۇللار بىلەن يىغىپ ئەكىتىدىغان. ئەنە قاراڭلار، ئاشۇلارغا ئادەم جىق كىرىدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىگە نىمىشقا جىق كىرمەيدۇ؟ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ قىزغىن چاقىرىقى بىلەن تور بىكەتلەر ھازىرقى يۇنىكودلاشقان ، بىرخىللاشقان ، قولايلىقلاشقان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنغۇ؟
كۈچنى بىر يەرگە مەزكەزلەشتۈرۈش ئۇياقتا تۇرسۇن چېچىلاڭغۇلۇق بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى تەرەققىياتىنى كەينىگە چىكىدۈرۋاتقان بىر قىسىم تور بىكەتلەرنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تور بىكەت قۇردۇم دىگەن گەپ پۈتۈنلەي يالغان گەپ. ئۇ يا گوگىل ئېلانى بىلەن جان بىقىشنى ئويلىدى يا بولمىسا تور بىكەت باشلىقى دىگەن «ئالى»ئۇنۋانغا ئىرىشىپ «مەرتىۋە»گە ئىرىشكۈسى كىلىپ كۈچنى ، زىھنىنى، بىلىملىك بالىلارنىڭ كۈچىنى خورىتىۋەتتى.ھەم خورىتىۋاتىدۇ...
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تور بىكەت قۇردۇم دەپ تور بىكەت قۇرغان جىنىم قېرىندىشىلار، ئۈزىڭىز يالغۇز، تور بىكىتىڭىزگە ئەزا قىلدۇرۋالغان ئاشۇ بىر نەچچە سەھىپە ئەزالىرىڭىز بىلەن ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا جۈملىدىن تور ساھەسىگە قانداق پايدىلارنى ئېلىپ كەلمەكچىسىز؟ تور نامىنى، بوشلۇقنى بىكارغا ئالدىڭىزمۇ؟ 2005،2006-يىلى تور بىكەت باشقۇرغۇچىسى بۇلۇش يەنى تور بىكەت قۇرغۇچى بۇلۇش مودا بولغان ئىدى. 2007-يىلى مۇنبەر قۇرۇپ ئەزا توپلاش مودا بولدى. 2008-يىلى تەكلىماكان ئەپەندىمنىڭ گەپدانلىقى بىلەن تور بىكەت، بىلوگ قۇرۇپ گوگىل ئېلانى قۇيۇپ پۇل تېپىش مودا بولدى. دىمەك مۇشۇنداق ئايىقى چىقماس ، ئادەمنى ، يېڭى تورزىيارەتچىللىرىنى چارچىتىپ ئەقلىنى خورىتىدىغان بىھۇدە مەشغۇلاتلار مودا بولۇپ كەلدى.
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى ئاشۇنداق زىھىن خورىتىدىغان ئشلارنى ئاز قىلىشىڭلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ. گوگىل ئېلانى پۇلنى بكارغا بەرمەيدۇ! ئۇنىڭغا نۇرغۇن نەرسىلەرنى سەرىپ قىلىسىز. ھىساپلاپ كەلسىڭىز سىزدىن چىقىپ كەتكەن رۇھىي، زىھنىي ۋە ئىقتىسادىي چىقىم بىلەن گوگىلنىڭ كىرىمى ھەرگىزمۇ تەڭلىشەلمەيدۇ. گوگىلنىڭ كىرىمى قارىماققا ددودودودودودوللللللاررررر بۇلۇپ كۈرۈنۈپ سىزنى دوللار خۇشاللىقى بىلەن خوش قىلغىنى بىلەن ئۇ بىر ئادەمنى ئالدايدىغان نېرىۋىڭىزدىكى پىسخىكا ئالدامچىسى خالاس.
دىمەكچىمەنكى، توردىكى نۇرغۇن تور بىكەت قۇرغۇچىلار ۋە ھەۋەسكارلار ۋاقتىنى زىھنىنى ،نۇرغۇن نەرسىللىرىنى توردا بارا بارا يۇقۇتۇپ قويماقتا. يالغۇز ئاتنىڭ دېڭى چىقماس ، دېڭى چىقسىمۇ چېڭى چىقماس! تور بىكەت قۇرغۇچىسى بۇلۇش يوغان ئىش ئەمەس. تور بىكتىم بار دىيىش 200يىلدىكىدەك ئۇنچىۋالا مودا ئىش ئەمەس. مودىدىن قالدى.
ھەرقايسى بىكەت قۇرغۇچىللىرىنىڭ 2008-يىلدا گوگىل ئېلانى ئارقىلىق پۇل تېپىشنى ئۈزىگە مەخسەت قىلىشنى راۋا كۆرمەكتە. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتى ئۈزىدە پەن تېخنىكىلىق تېمىالارنى، نەتىجىلەرنى ئېلان قلىشنى، يوللىشنى ، پىلانلىرىنى ئوتتۇرغا قۇيۇشىنى توغرا كۆرمەيۋاتىدۇ. بۇ ئىچى تارلىقمۇ ياكى شەخسىيەتچىلىكمۇ ئىشقىلىپ بىرسى.
يىغىنچاقلاپ كەلسەك، نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ مەقسىدى بىر. ئەمما تۇتقان يول خاتا!
ئىقتىدارلىق، ئۈمۈدۋار، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا بىر كىشلىك تۆھپە قۇشۇش خيالى بارلار ، قۇلىدا پىروگىرامما يىزىش ھۈنىرى بارلار، تور بىكەت ئىشلىيەلەيدىغانلار،...قىسقىسى ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكىتىگە ئۇيۇشۇڭلارنى، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئورتاق نىشان بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا ئۇيۇشۇپ كۈچ قۇشۇشساق.
ئەلۋەتتە پىكرىڭلارنى نەدە ،قەيەردە ئەركىن ، بىمالال ئوتتۇرغا قويساڭلار بۇلىدۇ. بىراق زىھنىڭلارنى خۇراتماڭلار. بىر تاۋۇزنى بىر ئادەم يىسە قۇرساق كۈپۈپ ئاغرىتىدۇ. بىر نەچچە ئادەم يىسە تاۋۇز بەك تاتلىق، تەملىك تېتىيدۇ. بۇنى ھەممىڭلار بىلىدىغانسىلەر. تور بىكەت قۇرغۇچىلار "ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن تۆھپە قۇشاي دەپ ..." ئۇنداق تەنھا بىھۇدە ھېرىپ چارچاپ كەتمەڭلار. يالغۇز سەرىپ قىلىدىغان ۋاقتىڭلارنىڭ يېرىمىنى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىدە سەرىپ قىلساڭلار چۇقۇمكى سالامەتلىكىڭىزگە ۋە خەلىققە پايدىلىقتۇر!
تەنھا ھالدا ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرىغا كۈچ قۇشىمەن دىيىش خاتا بولمىسىمۇ ئەمما ئۈنىمى ئاستا ياكى ئۇزاق ياشىيالمايدۇ! بۇ ھەممىڭلارغا ئايان.ھازىرغىچە قۇرۇلغان تور بىكەتلەردىن يېنىپ ئۆچكەن يۇلتۇزدەك بىرلا ئېلان قىلىنىپ ئۈلۈپ كەتكەن تور بىكەتلەر جىق.
يالغۇز بىر ئىش قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىنىڭ تور بىكتىنى ياراتمىساڭلار بىلىككە كىلىڭلار! بىلىكنى ياراتمىساڭلار ئىنتىلغا كىلىڭلار! بۇيەردىكىلەرنى ياراتمىساڭلار " ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال ئىجادىيەت تور بىكىتى" گە بېرىڭلار. ھەممىسى ئۇيغۇر كومپىيۇتىر، تور ئىشلىرى ئۈچۈن دەپ ئورتاق بىر بىرىنى قوللاپ مەۋجۈت بۇلۇپ كىلىۋاتىدۇ. ھەمكارلىشىپ ئىشلەشنى تەشەببۇس قىلىپ كىلىۋاتىدۇ.
دۇنيادا بىرلا ئۇيغۇر مىللىتى بار. " ئۇيغۇر ئۈچۈن " دەپ قۇرۇلغان ساماندەك جىق شۇ تور بىكەتلەر قايسى ئۇيغۇر ئۈچۈن؟ ؟؟
ھەممىسى ئۇيغۇر ئۈچۈن بولغاندىكىن ئۇيغۇر ئۈچۈن دەپ بۇرۇندىنلا ھەرقايسىڭىزلارنى ھەمكارلىققا ، بىرلىككە چاقىرىق قىلىۋاتقان كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە كىلىڭلار. تور بىكىتىگە كىرگۈڭلەر كەلمىسە بىلىكنىڭ ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى مەخسۇس سەھىپىسىگە كىلىڭلار. بۇ يەرنى ياراتمىساڭلار يۇقارقى تور بىكەتلەرگە بېرىڭلار. ئەمما ھەرگىز شەخسىي تور بىكەت ياساپ " ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىمەن" دەپ كۈچىمەڭ. ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىشلىرى ئۈچۈن بىرلىكتە ئىزدىنەيلى، كۈچ چىقىرايلى، ئۇيىشايلى، بىرلىشەيلى دەپ بىز بۇرۇندىنلا توۋلاپ كىلىۋاتىمىز. بىز ئاڭلىتىپ بۇلالمىغان يەردە سىز تەنھا چاقىرىق قىلىپ ھېرىپ قالسىز. كىلىڭ، بىللە توۋلايلى! ئاۋازىمىز بىرلىشىپ يىراقلارغا، مىكروسوفىت، گوگىللارغا، تاكى ياخولارغىچە، ئالمىلىق باغلارغىچە ئاڭلانسۇن!
سىز كەلسىڭىز، ھامان بىر كۈنى بىزمۇ كۇنۇپكا تاختىمىزنى ھەرقانداق سىستىمىدا ئۇيغۇرچىغا باسالايدىغان كۈنلەر كىلىدۇ. سىز كەلمىسىڭىز بۇ ئىشلار بىر كۈن كەينىگە چىكىنسە چىكىنىدۇكى ھەرگىز ئالغا بىر كۈن قەدەم باسمايدۇ!
سىز بىلمىگەن يولنى يەنە بىرسى بىلىشى مۈمكىن، سىز قىلىپ باقمىغان ئىشنى ھەمراھىڭىزدىن بىرى قىلىپ باققان بۇلىشى مۈمكىن، سىز دەسسەپ باقىمغان يولنى يەنە بىرسى دەسسەپ باققان بۇلىشى مۈمكىن، ئۇ ھالدا نۇغۇن ۋاقىت ۋە بىھۇدە رۇھىي ئىسراپچىلىق تىجىلىپ قالىدۇ. زىھنىڭىز ئۇرغۇپ تاشىدۇ.
ھەمكارلىق ئۇ بىر ئىسىل كۈچ. مىكروسوفىت شۇڭا مەشغۇلات سىستىمىسى ساھەسىدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرۋاتىدۇ. چۈنكى ئۇ نەچچە مىڭلىغان پىروگىراممىرلارنىڭ بىر يەرگە جەم بۇلۇپ ئىشلىگەن مەسھۇلاتى.
سىز يالغۇز تور بىكىتڭىزگە سۇلىنىۋىلىپ نىمۇ ئىش قىلالاسىز... تور بىكىتىڭىزنىمۇ تەرەققىي قىلدۇرۇڭ. ئەمما ئاۋال ئۈزىڭىزنى كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئاندىن تەرەققىي قىلدۇرسىڭىز تېخىمۇ بازىرى چىقىدۇ.
بەزىلەر تېخى بىز ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئەزا بولساق مۇئاش بىرەمدۇ؟.،،،، نىمە ئىش قىلىپ بىرىدۇ... دەپ سوراپ قۇيىدۇ.
ئامال يوق. ھازىرچە بىكارغا ئىشلەپ ، بىكارغا تېما يوللاپ ، بىكارغا سىز ۋاقىت چىقىرىپ بىرىسىز. چۈنكى سىز بۇ يەردە يالغۇز ئۇيغۇر ئۈچۈن جاپا چىكىۋىتىپسىز، ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئۇيۇشساق ، كۆپنىڭ كۈچى چوڭ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ" دىسەم ، پېشىنى قېقىپ قۇيىدىغانلارنى جىق كۆردۈم.
-پەيغەمبىرىمىز " بىلىمنىڭمۇ زاكىتى بار " دەپتىكەن. ئاڭلىغانمۇ؟
......
.................
نۇرغۇن بىلىملەر نۇرغۇن ئادەملىرىمىزدە كۈمۈلۈپ يېتىپتۇ. ئەنە شۇلارنى بىريەرگە جەم قىلساق بۇ چاققا Discuz دەك، ياخودەك تور بىكەتلەردىن نەچچىنى ئىشلەپ بۇلار ئىكەنمىز.
ئۇلار دەيدۇكى، گۇھەر ياتىدۇ سايدا، تۇنىمىساڭ نىمە پايدا دەپ. بىز ئۇلارنى ھوي ماۋۇيەرگە كەل دەپ ئاڭلىتىپ بۇلالمايۋاتىمىز.
قارىغاندا بۇ ئابدۇقادىر داموللام دىگەندەك " بۇ مىللەتكە ئۇيۇشۇش كۈچىنى ئاللاھ ئاتا قىلمىسا سىلى بىز ئاڭلىتىپ ئۇيۇشتۇرۇپ بۇلالمايمىز...." بۇلىدىغان ئوخشايدۇ.
كومپىيۇتىر ساھەسىدە ھېچ بولمىسا بىرمەزگىل ساقلاپ باقىلى.
يەنە دەپ بېشىڭلارنى ئاغرىتىدىغان بولدۇق:
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتىگە ئاۋاز قۇشۇڭلار قېرىنداشلار، ھەممىمىز ئۇيغۇر ئۈچۈن دەپ توردا لەيلەپ يۈرۋاتىمىز. توردىكى ۋاقتىمىز ھەقىقى، مەنىلىك، پايدىلىق ئۆتسۇن. توردىكى ھەربىر مىنۇت-سىكونىت ۋاقتىمىزنى ئۈزۈڭلار دەۋاتقان " ئۈيغۇر ئۈچۈن" دىگەن گىپىڭلار بۇيىچە قىممىتى بار ئۆتكۈزەيلى.
UKIJ ھەممىمىزنىڭ! ئۇ مەلۇم بىر شەخىسنىڭ ئەمەس. سىزنىڭ ھەم بىزنىڭ.
ئۇيغۇر كومپىيۇتىر ئىلىمىي جەمىيىتى تەشۋىقات بۆلىمگە ۋاكالىتەن:
ئەلتېكىن.
تېما ئەسلى مەنبەسى ئۇ ك ج مۇنبىرى www.ukij.org |
|