ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1166|ئىنكاس: 5

لوقمان ھېكىمنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھەتلىرى

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كىشىنى ئاچچىقى كەلگەندە سىنىغىن
دوسىتنى زىيان ئۈستىدە سىنىغىن .
سۆزنى ھۈججەت بىلەن سىنىغىن .
ئۇستازىڭنى ئاتا- ئاناڭدىن ئەزىز تۇت .
ئاچچىق بىلەن سۆز قىلما .
ئۆز ئورنۇڭنى بىلىپ ئولتۇر .
ھەر كىمنىڭ ئۆيىگە كىرسەڭ ، تىلىڭ بىلەن كۆزۈڭنى يىغىپ ئولتۇر .
ئاز سۆزلىمەك ، ئاز يىمەك ، ئاز ئۇخلىماقنى ئادەت قىل .
بىلمىگەن ئىشقا ئۇستىلىق قىلما .
كىشىنىڭ پۇلىغا ئۈمۈد باغلىما .
مويسىپىتكە قاتتىق سۆز قىلما .
ھاجەتمەننى نائۈمۈد ياندۇرما .
مېھماننى ئىشقا بۇيرىما .
مېھماننىڭ ئالدىدا كىشىلەرگە ئاچچىقلانما .
سۆزنى كۆڭۈلدە پىشۇرۇپ ئاندىن سۆزلە .
ئۆزۈڭدىن چوڭ كىشىلەرگە ئويۇن – چاقچاق قىلما .
بىر قېتىم سۆزلىگەن سۆزنى قايتا سۆزلىمە .
كىشىلەرنىڭ ئالدىدا ئۆزۈڭنى ۋە خوتۇنۇڭنى ماختىما .
ئۆلگەن كىشىنىڭ يامان گېپىنى قىلما .
ئالدىڭدا كېلىۋاتقان ئىشقا چوڭقۇر پىكىر يۈرگۈز .
بىر ئادەمدىن بىر ھېكمەتلىك ئىشنى كۆرمىگۈچە ئۇنى ماختىما .
ئەخمەقلەر سۆز قىلغىلى تۇرسا ، ئۇنىڭغا ئارلاشماي سۈكۈت قىل .
ئىككى يۈزلىمە ئادەمدىن مەدەت تەلەپ قىلما ، ئۇنىڭدىن يىلاندىن قاچقاندەك قاچ .
ساڭا ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە ئۇنىڭ باراۋىرىدە ياخشىلىق قىل .
ئاچچىقىڭ كەلگەندە ئۆزۈڭنى بېسىۋال .
ئوغلۇم ، ئۆزۈڭدىن چوڭلارنىڭ خىزمىتىنى قىلماق بىلەن ، كىچىكلەرگە مېھر – شەپقەت قىلماق بىلەن ، كەمبەغەللەرگە خەير – ساخاۋەت قىلماق بىلەن ، دوسىت – يارەنلەرگە ۋە تاۋابىئاتلىرىڭغا ۋەز – نەسىھەت قىلماق بىلەن ، ئالىملارغا ئەدەب – ھۈرمەت ئىتائىتىدە بولماق بىلەن ئۆمرۈڭنى ئۆتكۈزگەيسەن!.
مەنبە http://www.meripet.org/?p=1558
ۋاقتى: 2011-3-31 21:03:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى دۇردانلەركەن جۇمۇ سەزگۇر دوستۇم  كۆپ رەھمەت سىزگە دىمسمۇ بۇ ھەق سۆزلەر ئەمەسمۇ .
ۋاقتى: 2011-4-4 15:02:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

لوقمان ھېكىمنىڭ ھېكىمىتىگە ئۇلاپ :
Luqman the wise hakim

If you’re in prayer, take care of your heart
;ئەگەر سەن نامازدا بولساڭ ،يۈرگىڭنى باشقۇر
If you’re eating take care of your throat
;ئەگەر سەن يىمەك يەۋاتقان بولساڭ ،گېلىڭنى باشقۇر
if you’re in another man’s house, take care of your eyes
;ئەگەر سەن باشقىلارنىڭ ئۆيىدە بولساڭ ،كۆزۈڭنى باشقۇر
if you’re among people take care of your tongue
ئەگەر سەن كىشلەر ئارسىدا بولساڭ،تىلىڭنى باشقۇر
ۋاقتى: 2011-4-4 15:08:18 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Remember two matters and forget two matters;
ئىككى ئىشنى ئۇنۇتما ۋە ئىككى خىل ئىشنى ئۇنۇت.
Remember Allaah and death forget any good that you have done to another and any evil that was done to you by another.
ئاللاھنى ۋە ئۆلۈمنى ئۇنۇتما، باشقىلارغا قىلغان ياخشىلىقىڭنى ۋە باشقىلارنىڭ ساڭا قىلغان يامانلىقلىرىنى ئۇنۇت.
ۋاقتى: 2011-4-4 15:14:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
O my son, do not be weaker than this rooster
  who cries out before daybreak while you
  are sleeping in your bed
ئەي ئوغۇل ئۇخلاۋاتقان ۋاختىڭدا ،تاڭغا يېقىن قېچقىردىغان خورازدىن ئاجىز بولما !
ۋاقتى: 2011-4-29 13:53:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوغلۇم، ئېسىڭدە بولسۇن!
ﻳﻮﻟﻠﯩﻐﯘﭼﻰ :ئابدۇساتتار ئابدۇرىيىم (خاقان0908)


1.ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىغانلاردىن رەنجىپ كەتمە،ھاياتتا ھېچكىمنىڭ ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلىش مەجبۇريىتى يوق.ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغان كىشلەرگە مىنەتدارلىقىڭنى بىلدۇرگىن،ئۇلارنى قەدىرلە ھەم ئىھتىيات قىل.چۇنكى،ئادەم قىلغان ھەر قانداق ئىشنىڭ سەۋەبى بولدۇ.ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلارنىڭ ھەمىسى سېنى ھەققى ياخشى كۆروپ كېتشى ناتايىن،قارشى تەرەپكە ئالدىراپ ئىشىنىپ كەتمە.


2.ئايرىلىپ قالسا قەتئىي بولمايدىغان ئادەم،ئېرىشمىسە قەتئىي بولمايدىغان نەرسە بولمايدۇ.بۇ نوقتىنى چۈشۈنۇپ يەتسەڭ ،كەلگۈسىدە ئەڭ يېقىن ئادەملىرىڭ سېنى تاشلاپ كەتكەندە ياكى ئەڭ ياخشى كۈردىغان نەرسىلىرىڭدىن ئايرىلغاندا ئانچە قايغۇرۇپ كەتمەيسەن.


3.ھاياتلىق ناھايتى قىسقا بولىدۇ،بۈگۈننى بىھۇدە ئۆتكۈزۋەتسەڭ،ئەتىلا ھاياتلىقنىڭ سەندىن يىراقلاشقانلىقىنى ھېس قىلسەن.شۇڭا،ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۇشنى تىلەپ ئولتۇرماي،ھازىردىن باشلاپ ھاياتلىقنى قەدىرلە،ھەر بىر كۈنىڭدىن بەھىرى ئال.


4.گەرچە مۇۋاپىقىيەت قازانغانلارنىڭ ئىچىدە كۆپ تەربىيە كۆرمىگەنلەر بولسىمۇ،ئەمما بۇ تەربىيە كۆمىسىمۇ مۇۋاپىقىيەت قازانغىلى بولىدۇ، دېگەنلىك ئەمەس.سەن ئۇگەنگەن بىلىم، خۇددى سىنىڭ قۇرالىڭغا ئوخشايدۇ.ئادەمدە قۇرال بولمىسا ھېچقانداق ئىشنى قىلغىلى بولمايدۇ.


5.مەن قېرغاندا سېنىڭ بېقىشىڭنى تەلەپ قىلمايمەن،ئوخشاشلا، سېنى قاتارغا قېتىپ بولغاندىن كېيىن مېنىڭ مەجبۇريىتىممۇ ئادا بولغان بولىدۇ.شۇڭا،سەن كېيىنكى ئۆمۇرۇڭدە ماڭا تاينىۋالماي،مۇستەقىل ياشىشىڭ كېرەك.قانداق ياشاش ئۆزەڭگە باغلىق.


6.سەن چوقۇم لەۋزىدە تۇردىغان ئادەم بولغىن،ئەمما باشقىلارغا ۋەدەڭگە ۋاپا قىل،دەپ تەلەپ قىلما.ئوزەڭ باشقىلارغا يا‍خشى مۇئامىلە قىل،باشقىلاردىن ياخشى مۇئامىلە قىلىشنى تەلەپ قىلما.سەن باشقىلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلغىنىڭدا باشقىلار ساڭا ياخشى مۇئامىلە قىلمىسا،ئازاپلىنىپ كەتمە،چۈنكى ئادەم بىلەن ئادەم ئوخشىمايدۇ.


7.مەن 20 نەچچە يىلدىن بۇيان لاتارىيە بىلتى ئېلىۋاتىمەن،ئەمما بىرەر قېتىممۇ مۇكاپاتقا ئېرشىپ باقمىدىم.بۇ دەل باي بولۇش ئۇچۇن تىرشىپ ئىشلەش لازىملىقىنى،‹‹ئۈژمە پىش، ئاغزىمغا چۇش›› دەپ ئولتارسا بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.


8.قېرىنداشلىق-ئادەمگە پەقەت بىرلا قېتىم كېلىدۇ،شۇڭا قېرىنداشلىق مېھرىنى قەدىرلەش كېرەك.



ﻣﻪﻧﺒﻪ : <<شىنجاڭ پەن-تېخنىكا >>گېزىتىدىن ئېلىندى   

بىر دادىنىڭ ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى

بۇ بىر دادىنىڭ ئالىي مەكتەپكە مېڭىش ئالدىدا تۇرغان ئوغلىغا قىلغان نەسىھىتى. كۆڭۈل قويۇپ ئوقۇساق بالىلار، ياشلارلا ئەمەس، ھەممەيلەننى چوڭقۇر ئويغا سېلىپ، تەپەككۇرنى قوزغايدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز.

باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا قارشى تەرەپنىڭ كۆزىگە ئۇدۇل قارا.
كىشىلەر بىلەن ئالاقە قىلغاندا «رەھمەت»، «ئېغىر كۆرمىسىڭىز» دېگەن سۆزلەرنى كۆپرەك قىل.
كىرىمگە قاراپ چىقىم قىل.
ئۆزۈڭ خالىمىغاننى خەقكە تاڭما.
يېڭى دوست تۇت، شۇنداقتىمۇ كونا دوستلىرىڭنى قەدىرلە.
مەخپىيەتلىكنى قاتتىق ساقلا.
ماھارەت ئۆگەنمەكچى بولساڭ ياۋاشلىق بىلەن ئۆگەن، ھەرگىز ۋاقىت ئىسراپ قىلىپ ئۇنىڭ ئىچىدىكى نەيرەڭلەرنى ئۆگەنمە.
خاتالىقنى ئېتىراپ قىل.
باتۇر بول.
مەڭگۈ ئالدامچىلىق قىلما.
مەڭگۇ باشقىلارنى ئۈمىدتىن مەھرۇم قىلما.
دىققەت بىلەن ئاڭلاشنى ئۆگىنىۋال، پۇرسەت ئىشىك چەككەندە ناھايىتى يەڭگىل چېكىدۇ.
خۇدادىن مال-دۇنيا بېرىشنى تىلىمە، ئەقىل-پاراسەت ۋە جاسارەت تىلە.
غەزەپلەنگەندە ھەرگىز ھەرىكەت قىلما.
ياخشى قىياپەتنى ساقلا، ھەر قانداق ئۆيگە كىرگەندە مەردانە قەدەم تاشلا، ئۆزۈڭگە بولغان ئىشەنچىڭ تولۇق بولسۇن.
لىفىت ئىچىدە ئومومنىڭ ئىشى توغرىلىق گەپ قىلما، يېنىڭدا تۇرغان كىشى ئوغرىلىقچە تىڭشامدۇ-يوق، سەن مەڭگۈ بىلمەيسەن.
ئىشنى تۈگەتمەستە خەققە ھەرگىز پۇل بەرمە.
جەڭدە يېڭىمەن دەيدىكەنسەن، بىر قېتىم مەغلۇپ بولساڭ زەرەرى يوق.
دوغا تىككۈدەك ھېچنىمىسى قالمىغان كىشىلەردىن پەخەس بول.
مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئىجرا قىلغاندا «غەلىبە قىلىشقىلا بولىدۇ، مەغلۇپ بولۇشقا بولمايدۇ» دەيدىغان ئىپادىدە بول.
كىشىلىك ھاياتنىڭ ئادىللىقىدىن ھەرگىز ئۈمىد كۈتمە.
كەڭ قورساقلىقنىڭ كۈچىنى مەڭگۈ تۆۋەن مۆلچەرلىمە.
خوتۇنۇڭ بىلەن تاكاللىشىپ قالغاندا ھەرگىز پەشنى قېقىپ كېتىپ قالما.
ئىش قىلغاندا يۈرەكلىك، باتۇر بول. كەلگۈسىدە ئۆتمۈشنى ئەسلىگىنىڭدە قىلمىغانلىقىڭدىن پۇشايمان قىلىدىغان ئىشلار ھامان قىلغىنىڭدىن پۇشايمان  قىلىدىغان ئىشلاردىن كۆپ بولىدۇ.
دۇنيانى ئۆزگەرتىدىغان ئاقىلانە، يېڭى پىكىرلەر كۆپ ھاللاردا بىر ئادەم ئۆز ئالدىغا باش چۆكۈرۈپ ئىشلەش ئارقىلىق بارلىققا كېلىدۇ.
كوچىدىكى مۇزىكانت--- بىر خەزىنە. توختاپ قۇلاق سال، ئاندىن ئۇنىڭغا ئازراق پۇل بەر.
ئەزمىلىك قىلما، قىلىش زۆرۈر بولغاندا قىلىشقا تېگىشلىك ئىشنى قىل.
«بىلمەيمەن» دېيىشتىن قورقما.
«كەچۈرۈڭ» دېيىشتىن باش تارتما.
باشقىلارنىڭ ساڭا قانداق قارىشىغا ئىرەن قىلما، باش قاتۇرۇپ باشقىلار توغرىلىق پەرەز قىلما.
ھاياتىڭدا قىلىشنى ئارزۇ قىلىدىغان 25 ئىشنى يېزىپ، تىزىملىكنى ھەميىنىڭغا سېلىپ قوي ۋە دائىم ئېلىپ ئوقۇپ تۇر.  


ﻣﻪﻧﺒﻪ : ئەلكۈيى ئۇنىۋېرسال تورى   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-4-11 08:11 , Processed in 0.135818 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat