ئېلانلارنىڭ ئۇگىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن ، 
يالغان گەپنىڭ ئۇستىسى- تېلېۋىزورنى ساتىمەن، 
زوق ئېلىشلار خام خىيال ئېلانلارنىڭ دەستىدىن ، 
پۇل تېپىشنىڭ چوتچىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
زوق ئالاي دەپ بىر چاغدا خەجلىگەنتىم نەچچە يۈز ، 
زوق بەرمەستىن ئەكسىنچە بەردى يالغان قۇرۇق سۆز، 
قۇرۇق گەپلا مەيلىتى ئەسلى ئىكەن قارا يۈز ، 
ھاياسىزلىق قۇتىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
كۆرۈش قىيىن چوڭ - كىچىك، ئاتا - بالا جەم بولۇپ ، 
چىقار يالىڭاچ خېنىملار ئېكرانىغا لىق تولۇپ ، 
ئوينىتىدۇ قاش- قاپاق بۇزۇق كەبى تولغۇنۇپ ، 
نايناقلارنىڭ سەھنىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
ئارقىسىدىن ماختايدۇ بىر كاپسۇلنى داملىتىپ ، 
قىلىۋېتەر ئىچسىڭىز ئارغىماقتەك چاپچىتىپ ، 
سىزگە قاراپ بۇقىمۇ ، قالار ھەتتا داڭ قېتىپ ، 
ھايۋاناتلار باغچىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
دوختۇرخانا بەك توشاق- تېلېۋىزور ئىچىدە ، 
دەم ئالماستىن سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلار كېچىدە ، 
بوئەي ، خۇاكاڭ ، لۇجۇلار ئېلان ئالدىن سېپىدە ، 
كېسەللەرنىڭ شىپاسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
بوئەي چىقار موماينى ئايلاندۇرۇپ سەتەڭگە ، 
قايتۇرىمىز قىزلىققا كىرسىڭىزمۇ سەكسەنگە ، 
ھۈنىرىمىز «موزدوز»لۇق ماسلىشىپ جەمئىيەتكە ، 
ئەخلاقسىزلىق جارچىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
خۇاكاڭلىقلار شۇئارى:«بار ھەممىنىڭ ئامالى !»، 
ئاغۋاتقىمۇ ئامال بار بۇ ئىلىم - پەن زامانى ، 
بىزگە پەقەت پۇل كېرەك ئۇنۇتقان بىز ھايانى ، 
ھاياسىزلىق بەلگىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
كاڭجىيۈەن ۋە داجوڭنىڭ بار تۈمەن خىل دورىسى ، 
ئۇلار بولغاچ بىمارنىڭ يىراق ئىمىش قايغۇسى ، 
ئەلنى گوللاپ پۇل تېپىش ئەسلى ئۇلار ئارزۇسى ، 
ساختىپەزلىك ئۇستىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن. 
يانا تېخى دېمىگەن نۇرغۇن ياڭزا كېسەل بار ، 
سوقۇر ئۈچەي ، ئاشقازان گىمرويغىمۇ ئامال بار ، 
بىزلا بولساق سىز ئۈچۈن سالامەتلىك مەڭگۈ يار ، 
كېسەللەرنىڭ ئەلچىسى- تېلېۋىزور ساتىمەن . 
ياخشى نومۇر ئىچىگە مىڭنى قاتتى ئېلاندىن ، 
ئېلانلارنى ھەر كۆرسەم تۈتۈن چىقار مېڭەمدىن ، 
ئىستانسىمۇ ئېلاننى ئاشۇردىغۇ پىلاندىن ، 
لاۋزا ئېلان سەيناسى- تېلېۋىزور ساتىمەن . 
بوئەي ، خۇاكاڭ ، لۇجۇ ، كاڭجىيۈەن ۋە داجوڭ غۇلجىدىكى دوختۇرخانا ۋە دورىخانىلار 
مەنبە : تېلىۋىزۇر كۆرۈپ تۇغۇلغان خىياللىرىم 
2011- يىل 7- ئاينىڭ 30 - كۈنى ( شەنبە )
ئەسلى مەنبە :
http://www.makanim.cn/read.php?tid=11229