ماڭا جىددى ياردەم كېرەك !
تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ مېنىڭ كومپىيوتىرىمدا تور كۆرگۈچ ئۆزلىكىدىن ئېچىلىپ كېتىدىغان بىر ئىشقا يولۇقتۇم . شۇنىڭ بىلەن مەن كومپىيوتىرىمغا يامان نىيەتتىكى ياغاچ ئات ۋىروسى يۇققان ئوخشايدۇ - دەپ 360 بىخەتەرلىك مۇھاپىزەتچىسى بىلەن تازىلىسام ھېچقانداق ۋىروس يۇقمىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى . بۇ گەپكىمۇ ئىشەنمەي مەجبۇرىي ۋىروس ئۆلتۈرۈش ھالىتىدىمۇ تازىلىسام يەنە نەتىجە ئوخشاش ، ھەتتا 360 نىڭ جىددى قۇتقۇزۇش ساندۇقىدىمۇ تەكشۈرسەم يەنىلا ساق چىقاردى . لېكىن بىرلا ۋاقىتتا بىر نەچچە ھەتتا 10 نەچچە تور بەتلەر ئۆزلۈكىدىن ئېچىلىپ كېتىدىغان ھادىسە تېخىمۇ ئېغىرلاشتى . ئاخىرى باشقا دېتاللاردىن ئالتۇنتاغ مۇھاپىزەتچىسى ، ئالتۇنتاغ ۋىروسخورى ، ئالتۇنتاغ تور قالقىنى ، ئاۋاسىت ۋىروسخورى قاتارلىق دېتاللاردىمۇ پۈتۈن سېستىمىنى چالا قويماي ئەڭ چۇڭقۇر قاتلاملار بويىچە تەكشۈرۈپ باقساممۇ نەتىجىسى يەنىلا مېنى ئۈمۈتسىزلەندۈردى . 3 يىلنىڭ ئالدىدا مۇشۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ شۇ چاغدا مەلۇم بىر دېتالنىڭ ياردىمىدە بۇ خىل ناچار ھادىسىگە خاتىمە بەرگەن ئىدىم . بۇ ئىش يەنە يۈز بەردى ، شۇ چاغدا قايسى دېتالنى ئىشلەتكەنلىكىم ھازىر ئېسىمگە كەلمەيۋاتىدۇ . سېستىمىنى قايتا قاچىلىسامغۇ 10 مىنۇتتا ھەل بولىدۇ بۇ ئىش . لېكىن مەن مۇشۇ ھادىسىنىڭ زادى نىمە سەۋەپتىن يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلىۋالماقچى !
شۇڭا ‹‹ ئىنتىل ›› دىكى بىلىملىك ئەزالاردىن مۇشۇ ھەقتە جىددى ياردەم سورايمەن . |