ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 342 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

كۆرۈش: 870|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]


ئۇيغۇرمىدى ئەسلى بالىڭىز؟ - [ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن]
ئاشخانىدا تاماق ساخلىغاچ،
نەزەر سالدىم،ئۇياق بۇياققا.
يان ئۈستەلدەبۇلۇنغان گەپلەر،   
كىرىپ قالدى،قېلىن قۇلاققا.  

چىسا دىدى ئانا بالىغا،
بۇ چى دىدى بالىسى باتناپ .
يىگىن دىدى كاۋرۇ بولسىمۇ،   
بالىسىنىڭ بېشىنى سىلاپ.  

خېچا قىلغىن جېنىم بالام دەپ،   
چاي ئۇزاتتى ئانا بالىغا.   
ھەيران بۇلۇپ،توۋا دىيىشتۇق،   
قوش مىللەتلىك ئانا بلىغا.   

كاۋاپنىمۇ يىمىدى بالا،  
چى خەنباۋدەپ چىقاردىجېدەل.  
بۇ ناجىنسى دىئالوگلارغا،  
چىدىيالماي تۆلىدىم بەدەل.
  
جېنىم ھەدە،دىدىم قۇپۇپلا،  
ئازات قىلاي دىدىم قۇلاقنى.  
ساۋاپ ئىشتىن بىرنى قىلىپسىز،
بېقىۋېلىپ،خەنزۇ بوۋاقنى.

ئاڭلاپ قۇيۇڭ،ئۇمىنىڭ بالام،
دىدى تىللاپ،بارمۇ كۈزىڭىز.  
بېشىم ئىگىپ دىدىم كەچۈرۈڭ،   
ئۇيغۇرمىدى،ئەسلى بالىڭىز.


تىللاپ كەتتى ئەڭ مەينەت تىلدا،   
تۆكمەك بولدى مىنىڭ يۈزۈمنى.   
گەپ ياندۇرماي،يىدىم تاماقنى،   
دەۋەلغاچقا يۈرەك سۈزۈمنى.  

كۈلۈپ كەتتى كۈلەلىگەنلەر،
ئەيىپ لەشتى،مىنى بەزىسى.
چىقىپ كەتتىم يامان ئەمەسمۇ،
خۇتۇن خەقنىڭ تىلى تەنەسى.   

كۈلۈڭ دوستۇم قاقاقلاپ كۈلۈڭ،
يازغىنىمنىڭ يوقتۇر يالغىنى.   
سېسىق تىللارمەن بىلەن كەتتى،
سوغام بولسۇن سىزگە قالغىنى.


مەنبە : مىسرانىم مۇنبىرى  
ۋاقتى: 2011-8-25 09:31:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يىزىپسىز .  ئاشۇنداقلار جىق ھازىر . خوتەن شەھىرىگە ئازراق ئىش بىلەن كىرىپ ئاغىنەم بىلەن بىر تاماقخانىدىغا كىردۇق .بۇ تاماقخانىدا  ئادم بەك كۆپ ئىكەن بىز يىنىپ چىقىپ كىتەيلى دەپ تۇرساق كۇتكۇچىنىڭ ئورۇن كۆرسىتىشى بىلەن ئىككەيلەن  ئىككى قىزچاق بىلەن
  ئۇدۇلمۇ -ئۇدۇل ئولتۇرۇپ قالدۇق ئۇلار مۇھەببەت توغىرلۇق بىردەم خەنزۇچە،بىردەم ئۇيغۇرچە سۆزلىشىپ كۆڭلىمىنى بىر قىسما قىلىپ  تاماقنىمۇ جايىدا يىيەلمىدىم  .  مىنڭچە خەنزۇ تىلى ئۆگىنىش جەمئەتىنىڭ ئىھتىياجى ،ئەمما ئۆگەندىم دەپ ئۆز ئانا تىلمىزنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ  تىلمىزدىكى بىر ئوبدان سۆزلەرنى چىقىرىپ تاشلاپ باشقا تىللاردىن قوشىۋىلىش ياخشى ئەمەس  
ۋاقتى: 2011-8-25 12:32:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆز ئانا تىلىمىزنى بولسا باشقا  مىللەتكە ئۆگەتسەك ياخشى ئەمەسمۇ ، بۇ شېئىرنى يازغان ئاپتۇر مۇ     ناھايىتى ئورۇنلۇق گەپ قىپتۇ دېسە  ،،،،،ھى ھى ........
ۋاقتى: 2011-8-25 13:51:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇنداق بىرنىملەر بىزگە(ئۇيغۇرلارغا) ۋەكىللىك قىلالمايدۇ...مەن ئۇنداقلارنى ئۇيغۇر ھىسابلىمايمەن...ھەي...ئۇيغۇرتىلى بىر چىرايلىق تىل تورسا خەنچە سۆزلەپ نىمىش قىلدىغاندۇ بۇ خەق ...ھازىر ئۇيغۇر سىنىپلىرىغا باشقا مىللەتىكىلەر ئۇيغۇرتىلى ئۈگەنگىلى كىرسە بىز ئەكىسچە يوغان بىرنىم بىلۋالغاندەك خەنچە سۆزلەپ كىتىمىز...
ۋاقتى: 2011-8-25 17:28:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلارنىڭ خەنزۇچە سۆزلىگىنى يەنى ئادەم بار جايدا خەنزۇچە سۆزلىگنى 1-دىن بىزگە خەنزۇچە بىلدىغانلىقنى جاكارلاش 2-دىن ئۇلار بىزنى خەنچە بىلمەيدۇ. دەپ قاراپ ئۆزنىڭ مەخپيەتلىكنى مۇشۇ ئۇسۇل بىلەن يۇشۇرۇش خالاس بۇ پەقەت مىنىڭ پەرزىىم
ۋاقتى: 2011-8-25 22:00:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن مۇ بۈگۈن دۇككاندا بىر يېقىن دوستۇم بىلەن تاس قالدىم توۋلىشىپ قالغىلى  . ئۇ دەيدۇ كۆنگەن خۇي دەپ . مەن دىدىم كۆندەگەن خۇيمۇياكى كۆنگەن خۇيمۇ؟ دەپ يېنىمدا بوۋام دېمەتتلىك بىر ئاكام باركەن ئۇ ئاكاممۇ كۆندەگەن خۇي دېدى . ئۇ دېگىنى بىز باشقىلار بىزگە تىلىمىزنى بۇزۇپ بىر چىرايلىق گەپنى ئۇيغۇر تۇرۇپ خەنچە دېسە بىز شۇھامان تۈزىتىش ئۈچۈن ئۇنىڭغا تەكلىپ بەرمىسەك ئۇلار شۇنداق كۆنۈپ قالىدۇ .....دەپ بىردەم مۇنازىرىلىشىپ قالدىم.  دېمىسىمۇ ھەي...بەزى ئادەملەر تۆت تال خەنچە گەپنى بىلىۋالسا بىزگە سۆزلەپ كېتىدۇ تېخى ، بىز بىلمەيدىغاندىكىدەك !
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-8-4 15:44 , Processed in 0.120513 second(s), 25 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat