ئىنتىل سەيناسى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
قىزىق سۆزلەر: مۇسابىقە chrome excel word ps
جەمئىي مىكروبلوگ 340 تال  

مىكروبلوگ[ يېڭى | 24 سائەت | 7 كۈن | 30 كۈن ]

  • dartman 2016-2-24 16:55 [ئىنكاس(0)] [...]

    مۇنبەردىكى pinhan1122 ئىسىملىك تورداشنىڭ چ چ ياكى ئۈندىدار نۇمۇرنى بىلىدىغانلا....

  • dighar 2015-12-30 23:06 [ئىنكاس(0)] [...]

    يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! تىنىڭلار سالامەت، ئائىلىڭىز بەخىتلىك بو.....

  • maarip 2015-11-22 11:51 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئىنتىل قاچانمۇ نورماللىشار ھە! قايسى تېمىنى ئاچسا Discuz! Database Error مۇشۇ خەت!

  • shahzade 2015-9-6 12:10 [ئىنكاس(0)] [...]

    تىل ئۇگۈنەي دىگەن

  • adminbiz 2015-8-1 01:25 [ئىنكاس(0)] [...]

    ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم

  • XADIMAN 2014-10-5 00:09 [ئىنكاس(0)] [...]

    قوربان ھېيتىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن !!!!!!

  • Intil 2013-12-15 21:21 [ئىنكاس(0)] [...]

    Atush ئەپەندىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ( 2013-12-18 ) گە مۇبارەك ، ئاتا- ئانىڭىزنىڭ ئۆمرى ئۇزۇن بولغااي!    

كۆرۈش: 1609|ئىنكاس: 7

كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [كو

  [ئۇلانما كۆچۈرۈش]
كۆچۈرۈش چەكلەنگەن تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرۈش ئۇسۇلى - [كومپيوتېر تېخنىكىسى]
ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەر تورغا چىققاندا، ياخشى ماقالىلەر ئۇچراپ قالسا، كۆچۈرۈۋېلىپ ساقلىۋېلىشنى ئويلايدۇ ۋە شۇنداق قىلىدۇ. ئەمما بەزى تور بەتلىرى ئۆز تور بېتىنىڭ مەزمۇنىنى قوغداش ئۈچۈن باشقىلارنىڭ مەزمۇنلارنى خالىغانچە كۆچۈرۈۋېلىشىنى چەكلەيدۇ.(مەسىلەن: جاھان مۇنبىرىنىڭ بۇرۇنقى نۇسخىسىدا شۇنداق چەكلىمە بار ئىدى، ھازىرقى نۇسخىسىدا بۇ خىل چەكلىمە يوق ئىكەن.) ئەگەر سىز بۇ خىل تور بەتلىرىدىن ئۆزىڭىزگە يارىغان مەزمۇنلارنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز قانداق قىلىسىز؟ تۆۋەندە بۇ چەكلىمىنى بۇزۇشنىڭ بىر قانچە خىل ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتىمەن.
1- ئۇسۇل: كۇنۇپكا تاختىسىغا تايىنىش بەزى تور بەتلىرى كۆچۈرۈشنى چەكلىگەندە پەقەتلا مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى بىلەن، Ctrl+C كۇنۇپكىسىنىلا چەكلەپ قويىدۇ. بۇ چەكلىمىنى بۇزۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن Ctrl+A بىرلەشمە كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، بارلىق مەزمۇننى تاللىۋېلىپ، ئاندىن كۇنۇپكا تاختىسىدىكى مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسىغا باراۋەر كېلىدىغان كۇنۇپكىنى تاپىمىز(ئادەتتە ئوڭ تەرەپتىكى Win كۇنۇپكىسىنىڭ يېنىدىكى كۇنۇپكا شۇ). مۇشۇ كۇنۇپكىنى باسساقلا بىزگە تونۇش بولغان مائۇس كۇنۇپكىسىنى چەككەندە چىقىدىغان تىزىملىك كۆرۈنىدۇ. ئاندىن بىز تىزىملىكتىن «كۆچۈرۈش» بۇيرۇقىنى تاللاپ، ئاندىن خاتىرە دەپتەر ياكى Word دېگەندەك يېزىق تەھرىرلەش قوراللىرىغا چاپلىۋالساقلا بولىدۇ.
2- جاھاننامىنىڭ تۈرلۈك scripit پروگراممىلىرىنى ئىجرا قىلىشىنى چەكلەش ئۇسۇلى نۇرغۇن تور بەتلىرى چەكلىمە قويۇپ قويغاندا پروگراممىغا تايىنىدۇ. بۇ پروگراممىلار scripit (脚本) پروگراممىلىرى بولۇپ، بۇ پروگراممىلار ئىجرا بولۇش ئۈچۈن ئابونتلارنىڭ جاھاننامىسىگە تايىنىدۇ. بىز دەل مۇشۇ نۇقتىنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ بۇ چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىيالايمىز. يەنى جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « ھۆججەت- Intérnét تەڭشىكى » (工具-Internet选项) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىن «بىخەتەرلىك»(安全) تاللانمىسىنى تاللاپ، ئۆزى بەلگىلەش دەرىجىسى (自定义级别) دېگەن تۈرنى «ئوتتۇرا» (中) دېگەن تۈرگە توغرىلاپ، ئاندىن scripit(脚本) دېگەن تۈر ئاستىدىن «ھەرىكەتچان scripit» (活动脚本) ۋە «jawa كىچىك پروگراممىلىرى»(jawa小程序脚本) دېگەن تۈرلەردىن « چەكلەش» دېگەن تۈرنى تاللاپ، بۇلارنى چەكلىۋېتىمىز. ئاندىن جەزم كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، تەڭشەشنى ساقلاپ چېكىنىپ، قايتا بايامقى چەكلىمە بار تور بېتىگە كىرسەك، مائۇس ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك نەرسىنى كۆچۈرۈپ ئالالايسىز. ئەمما سىز بەزى تور بەتلىرىدىكى بەزى نەرسىلەرنى كۆرەلمەي قېلىشىڭىز مۇمكىن. بۇنداق چاغدا بايامقى چەكلىۋەتكەن ئىككى تۈرنى قايتىدىن قوزغىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ.
3- ئۇسۇل: ئەسلى ھۆججەتتىن كۆچۈرۈش ئەگەر سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئانچە كۆپ بولمىسا، تور بەتنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ، كۆچۈرۈش ئۇسۇلىنى قوللانسىڭىزمۇ بولىدۇ. يەنى چەكلىمە بار تور بېتىنى ئېچىپ، ئاندىن جاھاننامىنىڭ تىزىملىكىدىن « كۆرۈش- ئەسلى ھۆججەت» (查看-原文件) دېگەن بۇيرۇقنى ئىجرا قىلساق، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا بەلگىلەنگەن يېزىق تەھرىرلەش دېتالى(ئادەتتە خاتىرە دەپتەرنى ئاچىدۇ.) ئارقىلىق، شۇ تور بېتىنىڭ ئەسلى ھۆججىتىنى ئېچىپ بېرىدۇ. بۇ چاغدا سىز پەقەت ئۆزىڭىزگە كېرەكلىك بولغان مەزمۇننى تاللاپ، كۆچۈرىۋالسىڭىزلا بولىدۇ.
4- ئۇسۇل: رەسىمگە تارتىش ئۇسۇلى Snagit بولسا داڭلىق رەسىم تۇتۇش دېتالى. ئۇ يالغۇز ئادەتتىكى رەسىملەرنى تۇتۇپلا قالماي، يەنە كۆزنەك، تور بېتى قاتارلىق ئورۇنلاردىكى خەت-يىزىقلارنى تۇتالايدۇ.(ئەمما بۇ ئىقتىدارنى مەن ئىشلىتىپ باقمىدىم) بىز بۇ ئىقتىداردىن پايدىلىنىپ، چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى كۆچۈرەلەيمىز. يەنى ئالدى بىلەن Snagit قوزغىتىپ، ئاساسى كۆزنەكتىن Capture دېگەن تاللانمىنى تاللاپ، «خىزمەت ھالىتى» (mode) دېگەن تۈرگە «تېكىست»(text) دېگەننى تاللاپ، ئاندىن بۇ ئارقىلىق چەكلىمە بار تور بېتىدىكى مەزمۇنلارنى تاللىساق بولىدۇ. تاللاپ بولغاندىن كېيىن «باشقا نامدا ساقلاش»(save as) بۇيرۇقىنى باسساقلا، بىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇنلارنى دەرھاللا يىڭى بىر ھۆججەتكە چىقىرىپ بېرىدۇ. بۇ دېتالنى ئۆزۈم ئىشلىتىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەردە ئېنىق بىر نەرسە دېيەلمەيمەن. بۇ دېتال بەلكىم يۇنىكودنى يا قوللايدۇ يا قوللىمايدۇ. ئەگەر قوللىمايدىغان بولۇپ قالسا، ئۇيغۇرچە تور بەتلىرىدىكى مەزمۇنلارنى مەزمۇنلارنى بۇ خىل ئۇسۇلدا توغرا كۆرسىتىپ بېرەلمەسلىكى مۇمكىن. شۇڭا سىز كۆچۈرمەكچى بولغان مەزمۇن ئاز بولسا، بۇ دېتالنىڭ رەسىم تۇتۇش ئىقتىدارى ئارقىلىق رەسىمگە ئېلىپ تۇرۇپ كۆچۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.ياكى رەسىم تۇتىدىغان باشقا دىتال ئىشلەتسىڭىزمۇ بولىدۇ.
5- ئۇسۇل: Word دىن پايدىلىنىش بىز ئادەتتە ئىشلىتىدىغان Word ئارقىلىقمۇ، چەكلىمە بار تور بەتلىرىدىكى چەكلىمىنى بۇزۇپ تاشلىغىلى بولىدۇ. سىز پەقەت ئالدى بىلەن شۇ چەكلىمە بار تور بېتىنىڭ ئادرېسىنى كۆچۈرۈۋېلىپ، ئاندىن Word نى ئېچىپ، تىزىملىكتىن «ھۆججەت- ئېچىش» بۇيرۇقىنى بېرىپ، ئېچىلغان كۆزنەكتىكى ھۆججەت ئىسمى دېگەن يەرگە بايامقى تور بەت ئادرېسىنى چاپلاپ، ئېچىش دېگەن كۇنۇپكىنى چەكسەك، بۇ چەكلىمە بار تور بېتى Word دا ئىچىلىدۇ. ئەمدى سىز قايسى يەرنى كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز خالىغانچە كۆچۈرەلەيسىز.
ۋاقتى: 2011-8-25 02:00:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن قوللىنىدىغان ئۇسۇللار:
1- شۇ بەتنى Word تا ئېچىش.
2- ناۋادا تاللىغىلى بولسا Word نى قوزغىتىپ قويۇپ توربەتتىكى مەزمۇننى تاللاپ تارتىپ Word يۈزىگە ئەكىلىپ قويۇپ بىرىش.
3- تاللىغىلى بولمىسا: GreenBrowser تىن پايدىلىنىش. چۈشۈرۈش ئۇلانمىسى بۇ يەردە بار
بۇنىڭ ئۇسۇلى
视图 تىزىملىكىدىكى 扩展工具 نى تاللىساق يېڭى قوراللار پەيدا بولىدۇ. مائۇس سىنبەلگىسىنى بېسىۋەتسەك مەزمۇننى تاللىغشىلى بولىدۇ.
4- كاشىلا كودى قوشۇلغان مەزمۇندىكى كاشىلا كودىنى تازىلاش : يوليار ئوڭ ئۈستى قوراللار قاتارىدىكى « كود تازىلاش » قورالىنى ئىشلىتىش.
http://www.yolyar.com/qoral/KodTazila.htm
5- Gidot Typesetter 3.0.8  دىتالىنى ئىشلىتىپ كود تازىلاشقىمۇ بولىدۇ http://www.gidot.net/typesetter/download.html

باھا سۆز

سەيياھ
ياخشى: 5   ۋاقتى: 2011-8-27 00:34
ياخشى: 5
پايدىلىق ئىنكاس  ۋاقتى: 2011-8-27 00:34

باھالاش

1

باھا خاتىرىسى

ۋاقتى: 2011-8-25 16:29:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەخمەت سىلەرگە مەنمۇ مۇشۇ قىيىنچىلىقتا ئىدىم
ۋاقتى: 2011-8-25 17:41:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەمسە بەزى تۇر بىكەتلەردىكى  ئەزا بۇلۇڭ بولمىسا چۈشۈرگىلى بولمايدۇ دىگەن يۇمشاق دىتاللارنى قانداق چۇشۇرمىز،ئەزا بولمايمۇ چۈشۈرگىلى بۇلامدۇ ، ياكى چۇشۇردىغان يۇمشاق دىتاللار بارمۇ.
ۋاقتى: 2011-8-25 22:34:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزى تور بەتلەردىكى  ساقلاشنى چەكلەپ قويغان بەتلەرنى قانداق ساقلايمىز؟
ۋاقتى: 2011-8-26 12:33:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنغۇ IE نىڭ بىخەتەرلىكى ( 安全级别 ) نى  يۇقۇرى(高级 ) قىلىپلا قىلاتتىم.
ۋاقتى: 2011-8-26 12:41:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياسىنجان مەن سوراي دىگەن سۇالنى سوراپتۇ.شۇنداق توربەتلەردىكى يۇمشاق دىتاللارنىمۇ ئەزا بولمايمۇ چۈشۈرگىلى بولامدۇ؟
ۋاقتى: 2011-8-27 00:37:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
yasin يوللانغان ۋاقتى  2011-8-25 17:41
ئەمسە بەزى تۇر بىكەتلەردىكى  ئەزا بۇلۇڭ بولمىسا چۈشۈرگ ...

مېنىڭمۇ مۇشۇ مەسلىنىڭ جاۋابىنى بىلگۈم بار .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

سىتاتىستىكا|قاماقخانا|يانفۇن|Archiver|ئىنتىل تورى ( 新ICP备11001938号 )  

GMT+8, 2016-5-7 22:03 , Processed in 0.193102 second(s), 26 queries .

Powered by Discuz! X3.2 Licensed(NurQut Team)

© 2001-2013 Comsenz Inc.

تېز ئىنكاس چوققىغا قايتىش سەھىپىگە قايتىش
Nobis Linden Insulated Jacka Svart Nobis Stanford Midweight men Bomber Jacka Svart Nobis Paavo Homme Reversible Quilted Vest Nobis Paavo Menn Reversible Quilted Vest Nobis Abby Ladies Knee Length Parka Kvinnor Nobis Justice Trench Nobis Bailey Unisex Hooded Parka Nobis Lady Taylor Femmes Overcoat Nobis Talia Ladies Reversible Quilted Vest Nobis Rosco Menn Long Parka Kvinnor Nobis She Ra Stone Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat Nobis Kato Mens Magnetic Closure Peacoat Nobis Cartel men Bomber Nobis Kato men Magnetic Closure Peacoat NOBIS SIR SALVADOR MENS OVERCOAT Nobis Sir Salvador Mens Overcoat