+==+  ئوقۇ، ئۆگەن، ئۆگەت، ئىزدەن، تىرىش، ئالغا باس. ئوقۇ، ئۈگەن، ئۈگەت، يولۇڭنى ئاچ، يوللارنى ئاچ، ئەلنى سۆي، ياخشى ئەمەللەردە بول، ھالال ياشا   +==+

ئىنتىل تورى

ULY

 

 

ئىزدەش
ئىنتىل تورى سەينا باشقىلار ئەل سۆيگەن سەنئەتكارـ ئابدۇ ...

كۆرۈش: 598|ئىنكاس: 5
go

ئەل سۆيگەن سەنئەتكارـ ئابدۇرېھىم ھېيىت  

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1365  
تىللا
1093  
شۆھرەت
2277  
يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 19:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ ئادەمگە چۇڭقۇر ھۆرمىتىم بار!كىچىك چاغلىرىمدىلا ئۈنئالغۇ لىنتىللىرىنى كۆپ ئاڭلاپ كەتكەن.قەشقەر كىچىسى دەيدىغان بىر لىنتىسى بۇلىدىغان،بەلكىم ھازىر تاپقىلى بولماسلىقى مۆمكىن.
بۈگۈن دوسىتلارغا ئەل سۆيگەن سەنئەتكارـ ئابدۇرېھىم ھېيىت نىڭ ‹‹ۋىسال ئىشقىدا››نامىلىق  مۇڭلۇق ناخشىسىنى ئالغاچ كەلدىم.كۈندە1-2قېتىم ئاڭلاپ قۇيىمەن.(پىغانىم تۇتقاندا)


قىسقىچە تارىخى

ئابدۇرىھىم ھىيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان.بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا،مەھەللىسىدە << بالا سازەندە >> دەپ نام ئالغان .مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ،قەشقەرشەھىرىدىكى ساماۋەرخانىلاردا،چوڭ-كىچىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا،ھەتتا توي -تۆكۈنلەردە دۇتتار چالغۇزۇپ،ئۇنىڭغا قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن.شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ سەبى قەلبىدە ،مىللى سەنئەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان .ئابدۇرىھىم ھىيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن.
مۇشۇ مەزگىلدە،قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار،ئۇقۇتقۇچىلار،ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان .
ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان .
1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا،جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر نەپەر راۋاپچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن .
ئابدۇرىھىم ھىيىت ئىمتاھاندىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان .
1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان .
1989-يىلى ئىجاد قىلغان << چىللاڭ خۇرىزىم >> كىيىن،سەنئەت ساھەسىنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان ،<< تۇتقۇن >>،<< ئەينەك >>،<< ئۇچراشقاندا >>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس >>،<< ئانا ئەللىيى >> ، << ئۇيغۇر گۈزىلىگە >> ،<< يىپەك >> ،<< ئاھ ئاتىلار >> ،<< سەن يوق >>،<< ئالدىدا >> …………..
قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسىل ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىپ،سەنئەت سۆيەر خەلقىىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى .
1992-يىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ،ئىستانبول مۇزىكا ئىنىستىتوتى ،ئەنقەرە غازى ئونىۋېرسىتېتى،تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم ئۇچاقلىرىدا ئۈچ مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزىدى .
كىچىلىكتە ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىردىن باشقا ،تۈركچە ناخشىلارنىمۇ ئەسلى ئۇسلۇبى بىلەن ئورۇنلاپ،تۈركىيە داڭلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى .
ئۇيۇندىن كىين تۈركىيىدىكى نۇپۇزلۇق (TRT)تېلېۋىزىيە ئىستانسى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ خەۋەر بەردى .
تۈركىيەدىن قايتىپ كىلىپ ،ئۈرۈمچى ،قەشقەر ،ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزدى ھەم كىچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمنى مائارىپ ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ ،گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۋەتتى .
بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ،بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يىڭىدىن ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشىلىردىن تۈزۈلگەن << ئۈمىد >> ناملىق سىن تەخسىسىنى تارقاتقاندىن كىيىن ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بارلىق ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى ،ئەسلى تىكىسىت،ئەسلى ئاھاڭدا ئوقۇپ ئۈنگە ئېلىپ تەييارلاۋاتىپتۇ .

marhaba11.blogbus.com  دىن تەۋسىيە

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
10084  
تىللا
15284  
شۆھرەت
19634  

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2010-8-27 23:22 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابدۇرىھىم ھېيت  ئىزچىللىنى ساقلاپ كەلگەن ھەقىقىي سەنئەتكاردۇر.  80- يىىلار بولسا كېرەك مەلۇم بىر دوستۇم بىلەن ئابدۇرىھىم ھېيت ئاكىمىزنىڭ ناخشىلىرىنىڭ ئۇسلۇبى ۋە سىھرىي كۈچى ھەققىدە دېىشكەن ئىدۇق، ئابدۇرىھىم ھېيت ئاكىمىز مانا شۇ چاغدىكى ئۇسلۇب ۋە سىھرىي كۈچنى ئىزچىل ساقلاپ كەلمەكتە.
ئارىمىزدا نۇرغۇن پىشقەدەم ناخشىچىلار بار بولسىمۇ بۇ كىشىنىدەك ئىززەت ئابرويىنى ساقلاپ چوڭ سۈپەت ئۆتكەنلەر كەم.
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1365  
تىللا
1093  
شۆھرەت
2277  
يوللانغان ۋاقتى 2010-9-6 11:13 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ تېمىنى ئاخىرىدا   yolum تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2010-9-6 11:18  

ئەلنىڭ ھۆرمىتىگە سازاۋەر، پۇل ئۈچۈن ئۆزىنى بۇزمىغان داۋراڭدىن يىراق بىردىن-بىر چولپانىمىز.
جىڭ قەشقەرلىق يىگىت

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
10084  
تىللا
15284  
شۆھرەت
19634  

دەلىللەنگەن ئەزا

يوللانغان ۋاقتى 2011-4-30 16:49 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابدۇرىھىم ھىيىت بىلەن سۆھبەت







(زىيارەت خاتىرىسى )






راخمانجان : ئابدۇرېھىمكا ، سىز بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر سەنئىتى ساھەسىدە مىللىي ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، كۆپلىگەن نادىر مۇزىكىلارنى ئىشلەپ ، ئۆزىڭىزگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبى ياراتقان سەنئەتكار ، ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادىيەتتىكى خاسلىقىڭىز توغرىسىدا سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : مەن بالىلىق چېغىمدىن باشلاپ سەنئەتكە ھەۋەس قىلىپ مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرىنى ئۆگىنىپ خەلق ناخشا – مۇزىكىلىرىغا مۇھەببەت باغلىغانىدىم . شۇ چاغدىن باشلاپ بىر تەرەپتىن ناخشا ئېيتىشنى مەشىق قىلسام ، يەنە بىر تەرەپتىن دۇتار چېلىشتىكى ماھارىتىمنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكە تىرىشتىم . ئاھاڭلارنى پىششىق ئىگىلەپ بولغاندىن كېيىنق مۇزىكىنىڭ سىستېمىلىق قانۇنىيىتىنى ئەستايىل تەتقىق قىلىپ ، چۈشەنچىلىرىمنى ئۆگىنىش ۋە پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق مۇستەھكەملەشكە تىرىشتىم . مەن دەسلەپتە نەشىر قىلىنغان >> قەشقەر كېچىسى <<، >> دوست خېنىم<< ناملىق ئۈنئالغۇ لېنتىلىرىنى خەلقىمىزگە تەقدىم قىلغان چېغىمدا ماھارەتنى ئاساسەن ئىگىلەپ بولغان بولساممۇ ، بىراق مەندە پەلسەپىۋى پىكىر پىشىپ يېتىلمىگەن ،شۇنداقتىمۇ خەلق ناخشىلىرى ۋە باشقا ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ناخشىسىنى ئېيتىپ بىرىنچى قەدىمىمنى ئوڭۈشلۇق باستىم . كېيىن ئۆزۈمدە مۇستەقىل سەنئەت كۆز قارىشىنى يېتىلدۈرۈپ ، بۇرۇنقى ئىجادىيەت باسقۇچىغا قەدەم قويدۇم .



خاسلىق توغرىسىدا توختالسام ، بۇرۇنقى ئىجادىيەتچىلەرنىڭ ناخشا مۇزىكىلىرى يەرلىك ئاھاڭلاردىن چەتنەپ كېتەلمىگەچكە ئىجادىيەتچىلەر قايسى يۇتتىن بولسا شۇ يەرلىك ئاھاڭىنى ئىشلەپ كەلدى . بۇنداق قىلىش سەنئەتكارغا خاس پەزىلەت ئەمەس .چۈنكى پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا خاس بولمىغان ئىجادىيەتتە يۇرتۋازلىق پۇرىقى قويۇق تۈس ئالغان بولىدۇ .



مەن بارلىق خەلق ئاھاڭلىرىنىڭ جەۋھەرلىرىنى يىغىۋېلىپ ۋە يەرلىك ئاھاڭلاردىن تولۇق پايدىلىنىپ مىللىتىمىزنىڭ ئورتاق ئاھاڭ سىستېمىسىنى ياراتتىم . شۇڭا مېنىڭ بارلىق ئىجادى ناخشىلىرىم قەشقەر ،كۇچا ياكى غۇلجا ،تۇرپان ئاھاڭلىرىغا ياتمايدۇ. بەلكى مىلىتىمىزگە ئورتاق بولغان پۈتكۈل ئۇيغۇر خەلق ناخشىلىرى مۇجەسسەملەنگەن تولۇق ئاھاڭ سىستېمىسىغا كىرىدۇ . مەن پەقەت بارلىق يەرلىك ئاھاڭلارنىڭ بەدىئىي تۈسىنى ، رەڭدارلىقىنى ، نەپىسلىكىنى بىرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئورتاقلىقنى ئىجاد قىلدىم .



راخمانجان : نۆۋەتتە چوڭ ياشتىكىلەر بىلەن ياشلارنىڭ سەنئەتكە تۇتقان پۇزىتسىيىسى ئارىسىدا پەرق زورىيىۋاتىدۇ . بۇ روھىي ھالەت ئەنئەنىۋى سەنئەت بىلەن زامانىۋىي ناخشا –مۇزىكىلارغا بولغان مۇئامىلىدە ئىپادىلىنىۋاتىدۇ . بۇنىڭ بىلەن سەنئەتتىن ئېستېتىك زوق ئېلىش جەھەتتە ئىككى قۇتۇپ شەكىللىنىپ قالدىمۇ قانداق ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : دۇنيا مۇزىكا مەدەنىيىتىنىڭ يۇقىرى سەۋىيىسىگە يېتىش ئۈچۈن بىزدىمۇ يۇقىرى سەۋىيىلىك كومپوزىتورلار يېتىشىپ چىقىپ ، كەلگۈسى ئۈچۈن پارلاق يول ئاچالايدىغان، سەنئەتنىڭ ساپلىقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان بىر تۈركۈم ۋارسىلار يېتىشىپ چىقسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى . دۇنيادىكى نۇرغۇن ئالىملارنىڭ نەزەزى مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت سەنئىتىگە مەركەزلىشىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سەنئىتىمىزدە يېڭىلىق يارىتىش روھىغا باي ۋارىسلارنىڭ كۆپىيىشىنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ھېس قىلىمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن بىر تەرەپتىن ئاتا-ئانىمىزغا مۇراجەت قىلساق ، يەنە بىر تەرەپتىن مائارىپقا تايىنىشىمىز كېرەك . مۇئەللىملەر ۋە ئاتا-ئانىلار سەنئىتىمىزنىڭ قىممىتىنى ، سەنئەتنىڭ ساپلىقىنى قوغداپ قېلىش بىلەن بىرگە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتەلەيدىغان ئىقتىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىشقا بولىدۇ . شۇ چاغدىلا كۆزلىگەن ئۈنۈمگە ئېرىشكىلى بولىدۇ .



راخمانجان : بىز سەنئەت توغرىسىدا خېلى بۇرۇنلا پاراڭلىشىپ كېلىۋاتىمىز . مېنىڭ ھېس قىلىشىمچە ، سىز ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر مۇزىكىلىرىنى ئىجادى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ، كۆپ خىل تېمىلار ئەكس ئەتتۈرۈلگەن مەزمۇنلارنى ئۆزگىچە بەدىئىي دىت ۋە خاسلىق بىلەن ئۆزىڭىزگە خاس سەنئەت ئۇسلۇبىنى ياراتتىڭىز . مۇشۇ ھەقتىكى كۆز قارىشىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز ؟



ئابدۇرىھىم ھېيت : بىر دەۋرنىڭ ناخشا- مۇزىكىسى بىر مىللەتنىڭ شۇ دەۋردىكى ئىدىيىسىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ . مەن ئىجادىيەتتە ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبنى تەرەققىي قىلدۈرۈپ ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ كەچمىشلىرى بىلەن دەۋرىمىز كىشىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتىم . مېنىڭچە ، ھەرقانداق بىر سەنئەتكار ئۆز مىللىتىنىڭ تارىخىنى تولۇق بىلگەندىن سىرت ، كەلگۈسى ھەققىدىمۇ ھۆكۈم قىلالايدىغان ھەمدە روھى دۇنيانى شەكىللەندۈرۈپ بولغان ئۈمىدۋارلىق تۇيغۇسىنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق خەلقنى يېتەكلىيەلەيدىغان جاسارەتكە ئىگە بولىشى كېرەك . شۇنداق ئىجادكارلار چەكلىك ھاياتىدا ئۆلمەس ئەسەرلەرنى يارىتىپ يىللار ، دەۋرلەر ئۆتسىمۇ قىممىتى يوقالمايدىغان بۈيۈك ، ئىجادى بايلىقلارنى يارىتالايدۇ . ھە دېسىلا نام ، شۆھرەت ،مال – دۇنيا قوغلىشىش سەنئەتكارلارنىڭ ئىجادىيەت تەپەككۇرىنى قۇرىتىۋېتىدۇ . شۇڭا سەنئەتكار قۇربان بېرىش روھىغا ئىگە روھ بىلەن خەلقىگە ۋە سەنئىتىگە ئۆزىنى خالىسانە بېغىشلىشى كېرەك . شۇنداق قىلغاندىلا ئۇ ھەقىقىي ، مۇنەۋۋەر خەلق سەنئەتكارىغا ئايلىنالايدۇ.



راخمانجان : سىز ئىجادىيەتلىرىڭىزنىڭ مەنبەسى بولغان 12 مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرى بىلەن ئۆزىڭىز ئىزچىل تەتقىق قىلىپ كېلىۋاتقان قىممەتلىك سەنئەت مىراسلىرىنىڭ ھازىر ۋە كېلەچەك بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە قارشىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : 12 مۇقام ۋە خەلق ئاھاڭلىرىغا خەلقىمىزنىڭ شادلىقى ، قايغۇ-ھەسرىتى،ئۆرپ- ئادىتى روھىي دۇنياسى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرى سىڭگەن . ئەجدادلىرىمىز قالدۇرۇپ كەتكەن بۇ مىراسلار بۈگۈنكى كۈندە مىللىتىمىزنىڭ مەرتىۋىسىنى يۇقىرى كۆتۈردى . ئەجدادلىرىمىز ئۆزلىرىنىڭ تالانتى ۋە ئەقىل –پاراسىتىنى نامايەن قىلىپ سەنئەت مۇنبىرىدە بىزگە مۇقامنى قالدۈرۈپ كەتتى . بىز بۇ مەنىۋى مىراسلاردىن ھەقىقەتەن پەخرلىنىمىز . بىراق بىز ئەجدادلىرىمىزنىڭ شان-شۆھرىتىدىن ماختىنىپ ئېڭىمىزدىكى ئىجادىيەت روھىنى ئېچىشقا تىرىشمىساق بولمايدۇ. مۇقام ، خەلق ئاھاڭلىرى تارىخنىڭ مەھسۇلى ، بىز ئۆز دەۋرىمىزنىڭ مۇقامىنى يارىتىپ ئەۋلادلىرىمىزغا مىراس قالدۇرمىساق ئەجدادلىرىمىزغا ۋە ئەۋلادلىرىمىزغا يۈز كېلەلمەيمىز .شۇڭا ئەقىل –پاراستىمىزنى ، تالانتىمىزنى كەلگۈسى ئۈچۈن بېغىشلىشىمىز ، ئەنئەنىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا تارىخ ۋە دەۋر ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىمىزنى ئادا قىلىپ يېڭى –يېڭى سەنئەت دۇردانىلىرىنى بارلىققا كەلتۈرسەك ، شۇنىڭ ئۆزى چوڭ تۆھپە ھېسابلىنىدۇ .مېنىڭ ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغىنىم ئۆتمۈش ئەمەس ، بەلكى ھازىر ھەم كەلگۈسى بۈگۈن ئەتىگە نىسبەتەن كۆرسىتىپ ، قىممەتلىك ۋاقتىمىزنى كەلگۈسى ئۈچۈن بېغىشلىشىمىز كېرەك .



راخمانجان :سىز باشقا ئەللەردە شۇ ئەل خەلقلىرىنىڭ ھەم ئۇلارنىڭ يەرلىك سەنئەتكارلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپسىز .ئىجادىيەتلىرىڭىز مۇئەييەنلەشتۈرۈلۈپ گېزىت ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلۇپتۇ شۇنداقمۇ ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : مەن تۈركىيە ۋە سەئۇدى ئەرەبىستانغا بارغىنىمدا ئۇ يەردىكى خەلق مېنى دوستانە كەيپىياتتا كۈتىۋالدى ھەم يەرلىك سەنئەتكارلار بىلەن پىكىر –تەجرىبە ئالماشتۇرۇش پۇرسىتىنى يارىتىپ بەردى . ئۇلار مەن 1991 – يىلى ئۈرۈمچى ۋە قەشقەر سەھنىلىرىدە ئۆتكۈزگەن ناخشا كېچىلىكىمنىڭ سىنئالغۇ لېنتىلىرىنى ماڭا قويۇپ بەردى . مەنمۇ خەلق ناخشىلىرى ۋە ئىجادىي ناخشىلىرىمنى سوۋغا سۈپىتىدە ئۇلارغا تەغدىم قىلدىم . ئاشۇ ئەللەردىكى كەسپ ئەھلىلىرى ، پروفېسسور ۋە سەنئەت تەتقىقاتچىلىرى مېنى سىز ئۇيغۇر خەلقنىڭ مۇنەۋۋەر سەنئەتكارى ئىكەنسىز ، دېگەندە مەن ئۇلارنىڭ باھاسىدىن خىجىللىق ھېس قىلىپ خەلقىمنىڭ مېنى تەربىيلەپ يېتىشتۈرگىنىدىن چەكسىز سۆيۈندۈم .



بىراق ئۇيغۇر ئاھاڭلىرىدەك نەپىس ، جەلپكار ، كەڭ دائىرىگە ۋە يېقىملىق مېلودىيىگە ئىگە بولغان سەنئەتنى ئۇچراتمىدىم . چۈنكى ئۆز مىللىتىنى ۋە سەنئەتكارلىرىنى سۆيۈشكە ۋە ياقىلاشقا ھەرقانداق مىللەتتىن بولغان بىر ئادەم ھوقۇقلۇق ئەلۋەتتە .ئۆزىنىڭ قەدرىگە يەتمىگەنلەر ، ئۆزگىلەرنىڭ قەدرىگە يېتەلمەيدۇ . شۇڭا سەنئەت ھەققىدە يۈزەكى چۈشەنچە بىلەن تېڭىرقاپ قالغان ياشلار سەنئىتىمىزنى ھەقىقىي چۈشىنىپ ، تەتقىق قىلغان بولسا ئۆزىنىڭ ئېسىل سەنئىتىنى قەدىرلەشنى بىلمىگەنلىكىدىن ئەپسۇسلىنىپ بۇرۇنراق توغرا كۆز قاراشقا كېلىپ ، سەنئىتىمىزنىڭ سېھرىي كۈچىگە قايىل بولار ئىدى ، دەپ ئويلاپ قالىمەن .



راخمانجان : سىز ئۆز ئىجادىيەتلىرىڭىزدىكى مۇزىكا بىلەن تېكىستنىڭ مۇناسىۋىتى ۋە ئىجادىيىتىڭىزدە يارىتىلغان بەدىئىي ئوبرازلارغا قانداق قارايسىز ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : مۇزىكا ئىجاد قىلىش ئاسان بولمىغاندەك ، شېئىر يېزىشمۇ ئادەمدىن ئەقىل –پاراسەت ، قايناق ھېسسىيات ۋە يۇقىرى بەدىئىي ماھارەت تەلەپ قىلىدىغان ، نازۇك ئەھلىي ئەمگەك ،خەلقىمىزنىڭ مەيلھ شېئىرلىرىدا مەيلى مۇزىكىلىرىدا بولسۇن ھاياتىي كۈچكە تولغان مەردانىلىق ئىپادىلىنىپ تۇرىدۇ . مەن ئىجادىيەت ئۇسلۇبىدا تېكىستتە بايان قىلىنغان سۆز ، ھېسسىيات ، مەقسەت ۋە رېتىمغا سۆز ، ئىنچىكىلىك بىلەن دىققەت قىلىپ ، شېئىردىكى ئاساسلىق دېمەكچى بولغان پىكىرگە ئاساسەن مۇزىكىلىق ھېسسىياتنىڭ رىتىمى ۋە سۈرئىتىنى بىر –بىرىگە يۇغۇرۇۋېتىش ئارقىلىق ئۆتمۈش ،ھازىر ۋە كەلگۈسىنىڭ دىيالىكتىكىلىق مۇناسىۋىتىنى بىردەكلىككە ئىگە قىلىش ئۈچۈن ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلىمەن . شېئىر ئارقىلىق مۇزىكىلىق ھېسسىياتنى بېيىتىش ،مۇزىكا ئارقىلىق شېئىرنىڭ قىممىتىنى يۈكسەك پەللىگە كۆتۈرۈپ ھازىرقى دەۋر بىلەن تارىخ ئوتتورىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرۇشقا تىرىشىمەن .



راخمانجان : سىز سەنئەت ئىجادىيەتتىكى ھەر قايسى ئامىللارنىڭ نىسبىتىگە قانداق قارايسىز ؟ دىمەكچى بولغىنىم ، مۇكەممەل بىر ناخشا نەچچە خىل ئامىلنىڭ بىرىكىشىدىن ھاسىل بولىدۇ ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : بىر ناخشا –تېكىست ئىجادىيىتى ، مۇزىكا ئىجادىيىتى ، ناخشا ئورۇنلاش ۋە مۇزىكىنى ئورۇنلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولىدۇ . ھەر بىر ئامىل بىر ئورتاق نىشاننى كۆزلىگەن بولۇشى شەرت . بىر ئامال كەم بولۇپ قالسا ياكى ئاجىز بولۇپ قالسا ۋە ياكى ھېسسىيات جەھەتتە تېكىست بىلەن مۇزىكا ماسلاشمىسا ،ئۇ ناخشا مۇكەممەل ناخشا ھېسابلانمايدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا بىر ناخشا %100 دېسەك ، ھەر بىر ئامىل %25 تىن تەشكىل تاپىدۇ .بەزى كىشىلەر تېكىست بىلەن مۇزىكىنىڭ بىرىكىشىدىكى سېھرى كۈچنى پەرق ئېتەلمەي ، ناخشىنىڭ تېكىستى ياخشىكەن ،دەپ ھېسابلايدۇ . لېكىن ھەر بىر ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى پارچىلاپ تۇرۇپ باھا بېرەلمەيدۇ .ئەمەلىيەتتە بىر ياخشى ناخشىدا تېكىست بولمىسىمۇ يەنىلا مۇزىكىلىق سېھرىي كۈچىنى نامايەن قىلغىلى بولىدۇ .بىر شېئىرمۇ مۇزىكا بولمسىمۇ ئۆزىنىڭ قىممىتىنى يوقاتمايدۇ . بىراق ئىككىسى بىرلەشكەندە ئادەم قەلبىنى لەرزىگە سالىدىغان ئاجايىپ نادىر ئەسەر مەيدانغا كېلىدۇ .



راخمانجان : بەزىلەر سىزنىڭ ئىجادىي ناخشىڭىزدا تۈرك ، ئۆزبېك ئاھاڭلىرىنىڭ پۇرىقى كۈچلۈك دەپ قارايدىكەن ، سىز بۇنىڭغا قانداق قارايسىز ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : بۇ مەسىلە بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ سەنئىتىمىزگە بولغان چۈشەنچىسىنىڭ تازا چوڭقۇر ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ . بىزدە ئوردا ئاھاڭى ، خانقا ئاھاڭى ، قىرائەت ئاھاڭى ، كۇچا ناخشىلىرى ، ھارۋىكەش ناخشىلىرى ، خەلق ناخشىلىرى ۋە ھەر قايسى يەرنىڭ مەھەللىۋىي ئاھاڭلىرى بار . بۇنداق ئاھاڭلار سۈرئەت ۋە ھېسسىيات جەھەتتە بىر بىرىدىن كەسكىن پەرقلىق ھالەتتە ئۆزگىچىلىككە ئىگە . ئۆزبېكچە ناخشىلارنىڭ ئاساسلىق كېلىش مەنبەسى قىرائەت ئاھاڭىنى چۆرىدىگەن ھالدا تەرەققىي قىلغان. ئۆزىمىزنىڭ ئاھاڭلىرىنى باشقا مىللەتكە تەۋە قىلىپ قويۇش سەنئىتىمىزنى چۈشۈنۈشنىڭ يېتەرلىك بولمىغانلىقىنىڭ ئالامىتى . بىز ئاھاڭلىرىمىزنى بىر تۈپ دەرەخ دېسەڭ ، تۈرك ، ئۆزبېك ئاھاڭلىرى ئاشۇ دەرەختىكى بىر شاختىن ئىبارەت . ياشلارنىڭ تۈرك ، ئۆزبېك ناخشىلىرىنى ياقتۇرۇپ ئاڭلىشىمۇ ئومۇمىي جەھەتتىكى ئورتاقلىقنى ۋە ھېسسىيات جەھەتتىكى يېقىنلىقنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان كۈچلۈك مىسال .



راخمانجان : سەنئەتنىڭ ھەر قانداق بىر تۈرى مىللىي روھ ۋە مىللىي ھېسسىياتقا تويۇنغاندىلا ، ئاندىن ئۆز قىممىتىنى ھەقىقىي نامايەن قىلىپ ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق بايلىقىغا ئايلىنالايدۇ . بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكس ئەتتۈرەلمىگەن سەنئەت شۇمىللەتكىمۇ ۋەكىللىك قىلالمايدۇ . بۇ ھەقتە سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز قانداق ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت :ئىنسانىيەتتە تىل بىرلىكى بولمىسىمۇ نۇرغۇن جەھەتلەردە ئورتالىق بار . بىر مىللەتنىڭ ھەقىقيي روھىي ھالىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن سەنئەت ئوخشىمايدىغان ئۆرپ – ئادەت ۋە ئوخشىمايدىغان خاسلىققا ئىگە ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىغا بۆسۈپ كىرىپ ئۇلارنىڭ ھۇزۇرلاندۇرالايدۇ ۋە ئۆزىنىڭ سېھرىي كۈچىنى ھەرقاچان نامايەن قىلالايدۇ . مۇنداق سېھرىي كۈچ ئىنسانىيەتنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى ئورتاقلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدۇ . شۇڭا بىر مىللەتنىڭ روھىنى ئەكس ئەتتۈرگەن نادىر ناخشا –مۇزىكا تىلىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىماستىن يەر شارى خاراكتىرلىك تەسىر قوزغاپ ئىنسانىيەت سەنئەت خەزىنىسىدە ئۆز خاسلىقى بىلەن گۆھەردەك مەڭگۈ پارلاپ تۇرالايدۇ . بىر مىللەت ئىنسانىيەت دېمەكتۇر . مىللەتنى سۆيۈش ئىنسانىيەتنى سۆيۈشنىڭ يارقىن ئىپادىسى .شۇڭا ھەر بىر سەنئەتكار ئۆز مىللىتىنى چۈشىنىپلا قالماي ، پۈتكۈل ئىنسانىيەتنى چۈشۈنىشى ، سۆيۈشى ، قەدىرلىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈشى كېرەك .



راخمانجان : سىزنىڭ ئىجادىيىتىڭىزدە يارىتىلغان كەيپىياتقا قانداق قارايسىز ؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : بىزنىڭ خەلق ناخشىلىرىمىزدا بولسۇن ، مۇقام ياكى باشقا يەرلىك ئاھاڭلاردا بولسۇن ھاياتنى قىزغىن سۆيىدىغان ، كەلگۈسىگە ئۈمىدۋارلىق بىلەن ئىنتىلىدىغان روھىي ھالەت خەلقىمىزنىڭ مەرد – مەردانە ، جۈشقۇن –جاسارەتلىك روھىي ھالىتى ئاساسلىق ئورۇندا تۇرۇپ كەلدى . مەن ئىجادىيەتتە خەلقىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى ئۇسلۇبىغا ھۆرمەت قىلغان ئاساستا ئۇنى تېخىمۇ رەڭدارلاشتۈرۈپ بېيىتىشقا تىرىشتىم . شۇڭا مەن ئىجادىيەتتە رېتىم ، ھېسسىيات ، ئاھاڭ ھەم ھەر بىر سۆزنى دېگەندىكى كەيپىياتتىن ئىجادچان خەلقىمىزنىڭ قەيسەرلىكىنى ئىپادىلەشكە تىرىشتىم . شۇڭا خەلق ناخشىلىرىدا بولسۇن ياكى مېنىڭ ئىجادىيەتلىرىمدە بولسۇن مىسكىن ، زەئىپ ،چۈشكۈن ،ئۈمۈدسىزلىك كەيپىياتىنى تاپقىلى بولمايدۇ . مۇبادا مەن چۈشكۈنلۈكنى تەرغىپ قىلسام ئۆزەمگە ئەمەس ، خەلق ئاھاڭلىرىنىڭ ئەنئەنىۋى بەدىئىي ئىپادىلەش قانۇنىيىتىگە ئاسىيلىق قىلغان بولىمەن ، ئەلۋەتتە .



راخمانجان : سىز ھازىرقى ئۇيغۇر ناخشا – مۇزىكا سەنئىتىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىغا قانداق قارايسىز؟



ئابدۇرېھىم ھېيت : بىزنىڭ سەنئىتىمىز ئۇزاق تارىخىي جەريانلاردا قەدەممۇ قەدەم پىشىپ تاۋلانغان ۋە مۇستەھكەملىنىپ ، مۇكەممەللىككە ئىگە بولغان . بىر قىسىم ياشلىرىمىز تەجرىبىسىزلىك ۋە ئاڭقىرالماسلىقتىن چەت ئەل ناخشا – مۇزىكىلىرىغا قىزىقىپ ھەۋەس قىلىۋاتىدۇ . ئىدىيىسى تەرەققىياتنىڭ ئوخشىمىغان تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلىرىمىزنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ياشلىرىمىزنىڭ گاڭگىراش كەيپىياتى ئىچىدىكى مۇنداق ھېسسىياتىنى توغرا چۇشىنىشكە بولىدۇ ، بۇنىڭلىق بىلەن سەنئىتىمىز بۇلغىنىپ ، تۈگىشىپ كەتمەيدۇ . ئاشۇ ئاز ساندىكى ياشلارغا قاراپلا سەنئىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تۈگەشتى، دېيىش تازا ئىلمى بولمىغان كۆز قاراش. چۈنكى بۇنداق ئەھۋال غەرىب ئەللىرىدىمۇ بولغان، ئۇنىڭلىق بىلەن غەرىب ئەنئەنىۋى سەنئەت ھەم سەنئەتكە بولغان كۆز قاراش تۈپ يىلتىزىدىن قۇرۇپ كەتمىگەن بەلكى ئۆزىنى تېخىمۇ مۇستەھكەملەپ قىممىتىنى ساقلاپ قالغان. مىللەت مەۋجۇت بولىدىكەن ئۇنڭ سەنئىتى ھەم ئۇنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۆز كۈچىنى يوقاتماستىن، يېڭلىق بىلەن ماس ھالدا تەرەققىي قىلىدۇ ۋە مەڭگۈ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋېرىدۇ. ھازىرمۇ نۇرغۇن ياشلار چەت ئەل ناخشا – مۇزىكىلىرىغا ھەۋەس قىلىشتىن سۇسلىشىپ بارا – بارا ئۆزىمىزنىڭ ناخشا – مۇزىكىلىرنى چۈشىنىپ ئۇنىڭ قەدرىگە يېتىۋاتىدۇ. مېنىڭ كۆز قارشىم شۇكى، سەنئىتىمىزنىڭ كەلگۈسى تېخمۇ پارلاق بولىدۇ ۋە ئۆز قىممىتىنى تېخمۇ نامايەن قىلىپ تارىخ بېتىدە ئۆزىنىڭ شانلق ئوبرازىنى مۇستەھكەم تىكلىيەلەيدۇ.



راخمانجان: سىز قۇتلۇق شەۋقى، نېمشھىت، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق ئەدىبلىرىمىزنىڭ تېكىستلىرنى كۆپ ئىشلەتتىڭىز، مېنىڭچە سىز بۇ جەھەتتە ناھايتى تەلەپچان ئىكەنسىز، ئۆزىڭىزنىڭ تېكىست تاللاشتىكى خاھىشىڭىزنى سۆزلەپ بەرگەن بولسىڭىز؟



ئابدۇرېھىم ھېيىت: ئىجادىيەتچى بولغان سەنئەتكار ياخشى بىلەن ياماننى ئىلغىيالايدىغان شائىرانە ھېسسىياتقا باي بولۇشى كېرەك. مەيلى قايسى تېمىدا بولسۇن، شەكلى جەھەتتە ھەتتاكى چاچما شېئىر بولسۇن پىكىر ئېنىق، بەدئىي جەھەتتە يۈكسەك بولغان شېئىرلار بولسا مەن ئۇنى تاللايمەن. چۈشىنكسىز، گۇڭگا ياكى مىللىي ئەنئەنىمىزگە يات شېئىرلارنى قەتئى ئىشلەتمەيمەن. مۇزىكىلىق ھېسىيات بىلەن شېئىردىكى رېتىم ئۆز ئارا جىپسىلىپ كەلسە، بىر – بىرىدىكى بوشلۇقنى ئۆز ئارا تولۇقلاپ مۇكەممەل ئىجادىيەتكە ئايلىنىدۇ.



راخمانجان: بۇندىن كېيىن ئىجادىيەت پىلانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بەرسىڭىز؟



ئابدۇرېھىم ھېيىت: مېنىڭ ئىجادىي ھاياتىم ئۈچ قىسىملىق ئۈنئالغۇ لېنتىسى <<مۇڭ- زار>>ناخشىلرىم بىلەن ھەققى باشلانغانىدى. مەن كەسىپكە بېرلىپ ئۇنى تەتقىق قىلغانسېرى ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش ئىشنى زېممىسىگە ئالغان مەندەك بىر سەنئەتكار ئۈچۈن ئېيتقاندا، يالغۇز تالانىت بىلەن ماھارەت كۇپايە قىلمايدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ يەتتىم.



شۇڭا مەن ئاددى ھەۋەستىن ھالقىغان يۇقىرى مەسئۇلىيەتچانلق بىلەن كەسپي سەۋىيەمنى ئىزچىل يوقىرى كۆتۈرۈپ يېڭلىق يارتىشتىن ئىبارەت ئىلمىي پوزىتسىيدە بولدۇم. بەزىدە بىر روماننىڭ قىممىتى بىر پارچە شېئىر بىلەن ئوخشاش بولغىنىدەك بىر ياخشى ناخشا بىلەنمۇ بىر مىللەتنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئەكىسئەتتۈرگىلى بولىدۇ، دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن بۇندىن كېيىن سانغا ئەمەس سۈپەتكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، تېخىمۇ كۆپ نادىر ئىجادىيەت مەھسۇلاتلىرنى يارتىشقا تىرىشىمەن.



راخمانجان: مىللىي سەنئىتىمىز بىلەن چەت ئەل سەنئىتىنىڭ مۇناسىۋىتگە قانداق مۇئامىلە قىلىش مەسلىسىدە ياشلار بىر ئاز گاڭگىراپ قالدىمۇ قانداق؟



ئابدۇرېھىم ھېيىت: ياشلار ئىزدىنىشچان، يېڭلىق يارتىش روھىغا باي كېلىدۇ. شۇڭا ئەنئەنىۋى سەنئەتتىن قانائەت ھېس قىلالماي چەت ئەلنىڭ سەنئىتىگە قىزىقىپ يېڭلىق ھېس قىلىش ئارقىلىق روھىي ئېستېتىك بوشلۇقىنى تولدۇرۇشقا تىرىشىدۇ.



چەت ئەل ناخشلىرىنى ياخشى كۆرگەن ياشلارنى ئەيىبلەش ياكى چەكلەش ئىلمىي ئىش ئەمەس. ئۇلار پەقەت ئۆزىمىزنىڭ سەنئىتىنى ئاساسلىق ئورۇنغا قويۇپ، باشقا مىللەتلەرنىڭ سەنئىتىنىمۇ ئۆگەنسە، تەتقىق قىلسا ۋە ئۇنىڭغا ئەستايدىل، ئىلمىي پوزىتسىيە بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەك. چۈنكى دۇنيادا يامان، ناچار، زەھەرلىك سەنئەت بولمايدۇ. شارائىت يار بەرسە چەت ئەللەرگە چىقىپ تەتقىق قىلىپ ئۆگەنسە بولىدۇ. شۇڭا ياشلارنىڭ بۇ ئىدىيسىنى ئەيىبلەشنىڭ قىلچىلىك ئورنى يوق. بىر سەنئەتكار مۇشۇنداق ئەھۋالنى بايقىغانىكەن، ياشلارنىڭ كۆڭلى قانائەتلەنگۈدەك، دەۋىرگە ماس كېلىدىغان ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا چىقىرىپ ئۇلارنى يېتەكلىشى كېرەك. ئۆزىمىزنىڭ ئەنئەنىۋى نەرسىلىرىمىز ئۇلارغا ئېستېتىك زوق بېرەلمىسە ئۇلارنى ئەيىبلىمەستىن بەلكى توغرا سەنئەت كۆز قاراشنى يېتىلدۈرۈشكە ئۈندەش ھەر بىر سەنئەتكارلارنىڭ ۋەزىپىسى. ناۋادا ئۆزىمىزنىڭ نادىر ياخشى ئاھاڭ، ئىجادىيەتلىرىمىز بولسا ئۇلارنىڭ چوقۇم ياخشى كۆرىدىغانلىقىغا تامامەن ئىشىنىمەن.



راخمانجان: سىز 1998-يىل 3-ئايدا بىر مەيدان ئىجادىيەت ناخشا كېچىلىكى، يەنە بىر مەيدان خەلق ناخشىلىرى كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ ئۆزىڭىزنىڭ ناخشا ھەم ئىجادىيەتتىكى تالانتىڭىزنى نامايەن قىلىپ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدىڭىز. يەنە كېچىلىك ئۆتكۈزۈش پىلانىڭىز بارمۇ ؟



ئابدۇرېھىم ھېيىت: مېنىڭچە بولسا شارائىت يار بەرسلا ناخشا كېچىلىك ئۆتكۈزۈپ، ھەتتا چەت ئەللەرگە چىقىپ ناخشا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، سەنئىتىمىزنى دۇنياغا نامايەن قلىشتا بىر كىشلىك ھەسسەمنى قوشسام دەپ ئويلايمەن. بۇ جەھەتتە تەييارلىقىممۇ ناھايىتى پۇختا. غۇلجا، قەشقەر قاتارلىق جايلاردىن ئۆتكەن يىلدىن تارتىپ مېنى تەكلىپ قىلىپ خەت كېلىۋاتىدۇ. شارائىت پىشىپ يېتىلسە تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيىدىكى ئىجادىي ناخشىلىرىم بىلەن بىر كېچىلىك ئۆتكۈزۈش پىلانىم بار. مەن نادىر ئىجادىيەتلىرىمنى مېنى ئېتىراپ قىلغان، ماڭا كۆيۈنگەن ۋە مېنى تەربىيلەپ ئۆستۈرگەن خەلقىمگە تەقدىم قىلالسام خەلقىمنىڭ مېنى ئېتىراپ قىلغانلىقىدىن ئىبارەت بۇ ئالىي مۇكاپاتىغا جاۋاپ قايتۇرغان بولىمەن.


مەنبە - شىنجاڭ سەنئىتى 2003 يىللىق مەلۇم بىر سان .


ئابدۇرىھىم ھىيىت 1962-يىلى قەشقەر شەھىرىدە ئۇقۇمۇشلۇق ئائىلدە تۇغۇلغان.
بالىلىق ۋاقىتلىرىدىن باشلاپ دۇتتار،راۋاپ چېلىشقا قىزىقىپ 13يېشىدا،
مەھەللىسىدە << بالا سازەندە >> دەپ نام ئالغان .
مەھەللە ئەھلى ئۇنىڭغا ئامراق بۇلۇپ قالغان ھەمدە ئۇنى ئەگەشتۈرۈپ،قەشقەر
شەھىرىدىكى ساماۋەرخانىلاردا،چوڭ-كىچىك مەشرەپ سورۇنلىرىدا،ھەتتا توي -تۆكۈنلەردە دۇتتار چالغۇزۇپ،ئۇنىڭغا قۇيۇق سەنئەت مۇھىتى بىلەن بىۋاستە ئۇچىرشىش پۇرسىتى يارتىپ بەرگەن.
شۇنىڭ بىلەن كىچىك ئابدۇرىھىم ھىيىتنىڭ سەبى قەلبىدە ،مىللى سەنئەتكە نىسبەتەن كۈچلۈك مۇھەببەت ئويغانغان .
ئابدۇرىھىم ھىيىت1977-يىلى 1979-يىلغىچە،قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تۇلۇقسىز سىنپىنى تاماملاپ ،نەزەرباغ يېزىسىغا قايتا تەربىيگە چۈشكەن.
مۇشۇ مەزگىلدە،قەشقەر شەھىرىدىكى بىر قىسىم زىيالىلار،ئۇقۇتقۇچىلار،ھۈنەرۋەن -كاسىپلار ئۇنىڭ دۇتارىنى ئاڭلاش ئۈچۈن نەزەرباغقا چىقىپ تۇرغان .
ئۇنىڭ دۇتتار چېلىشتىكى ماھارىتىگە،خەلىق ناخشىلىرىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئېيتىشتىكى تالانتىغا قايىل بولغان قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت مەكتىپى رەھبەرلىرى ،ئۇنى مەكتەپنىڭ ناخشا كەسپىگە قۇبۇل قىلغان .
1982-يىلى قەشقەر سەنئەت مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدا تۇرغاندا،جۇڭگو مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى بىر نەپەر راۋاپچى قۇبۇل قىلىش ئۈچۈن قەشقەرگە كەلگەن .
ئابدۇرىھىم ھىيىت ئىمتاھاندىن مۇۋەپپىقيەتلىك ئۆتۈپ،مەركىزى مىللەتلەر ناخشا-ئۇسسۇل ئانسامبىلىغا قۇبۇل قىلىنغان .
1988-يىلدىن باشلاپ مۇزىكا ئىجادىيىتى يولىغا قەدەم قويغان .
1989-يىلى ئىجاد قىلغان << چىللاڭ خۇرىزىم >> كىيىن،سەنئەت ساھەسىنىڭ دىقىتىنى قوزغىغان ،<< تۇتقۇن >>،<< ئەينەك >>،<< ئۇچراشقاندا >>،<<مەن ئاق بايراق ئەمەس >>،<< ئانا ئەللىيى >> ، << ئۇيغۇر گۈزىلىگە >> ،<< يىپەك >> ،<< ئاھ ئاتىلار >> ،<< سەن يوق >>،<< ئالدىدا >> ..............
قاتارلىق كۆپلىگەن ئىسىل ئاھاڭلارنى ئىجاد قىلىپ،سەنئەت سۆيەر خەلقىىمىزنىڭ كۆڭۈل تۆرىدىن ئورۇن ئالدى .
1992-يىلى تۈركىيەدە زىيارەتتە بولغاندا ،ئىستانبول مۇزىكا ئىنىستىتوتى ،ئەنقەرە غازى ئونىۋېرسىتېتى،تۈركىيە يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسى قاتارلىق مەشھۇر ئىلىم ئۇچاقلىرىدا ئۈچ مەيدان يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزىدى .
كىچىلىكتە ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرى،ئۆزىنىڭ ئىجادىي ناخشىلىردىن باشقا ،تۈركچە ناخشىلارنىمۇ ئەسلى ئۇسلۇبى بىلەن ئورۇنلاپ،تۈركىيە داڭلىق سەنئەتكارلىرىنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشتى .
ئۇيۇندىن كىين تۈركىيىدىكى نۇپۇزلۇق (TRT)تېلېۋىزىيە ئىستانسى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ خەۋەر بەردى .
تۈركىيەدىن قايتىپ كىلىپ ،ئۈرۈمچى ،قەشقەر ،ئاتۇش قاتارلىق جايلاردا يالغۇز كىشىلىك ناخشا كىچىلكى ئۆتكۈزدى ھەم كىچىلىكتىن قىلىنغان كىرىمنى مائارىپ
ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە قىلىپ ،گۈل ئۈستىگە گۈل كەلتۈرۋەتتى .
بۇ ھۆرمەتكە سازاۋەر ئەل سۆيگەن سەنئەتكارىمىز ،بىر قانچە يىلنىڭ ئالدىدا يىڭىدىن ئىشلىگەن ئىجادىي ناخشىلىردىن تۈزۈلگەن << ئۈمىد >> ناملىق سىن تەخسىسىنى تارقاتقاندىن كىيىن ، يەرلىك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولغان بارلىق ئۇيغۇر خەلىق ناخشىلىرىنى ،ئەسلى تىكىسىت،ئەسلى ئاھاڭدا ئوقۇپ ئۈنگە ئېلىپ تەييارلاۋاتىپتۇ .
خەلقىمىز بۇ ئۇلۇغ سەنئەتكارىغا سالامەتلىك ۋە ئىشلىرىغا ئۇتۇق تىلەيدۇ .

مەنبە:   http://www.ozhalsanat.com/forum.php?mod=viewthread&tid=408
ئەتە ئۆلۈپ كېتىدىغاندەك ياخشى ئەمەللەردە بول.

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
772  
تىللا
554  
شۆھرەت
1366  
يوللانغان ۋاقتى 2011-5-16 02:15 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
بۇ سەنئەتنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى توردا يوقمۇ؟
ئىزچىل پاكىز ئۆتكەن بۇ سەنئەتكارىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا بەخت تىلەيمەن.
بىلسەم يازىمەن، بىلمىسەم سورايمەن

Rank: 4

تۆھپە
163  
تىللا
127  
شۆھرەت
269  
يوللانغان ۋاقتى 2011-7-1 00:37 |بارلىق يازمىلارنى كۆرسىتىش
ئابدۇرېھىم ھېيىت ۋە ئابدۇرېھىم ھېيىت روھى

مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش بىر ئاڭلۇغۇچى. مەن ئويلايمەن، سەنئەتكار ئۆز ئىجادىيتى بىلەن بىر خەلقنىڭ ئۈلگىسى. مۇشۇ نوقتىدىن سەنئەت باشقىلارغا ھوزۇر بېغىشلىغاندىن باشقا، مۇھىمى باشقىلارغا ئۈلگە بولۇشى، ناتوغرىللىىرنى تۈزۈتىشىگە تۈرۈتكە بولۇشى كېرەك. سەھنىدە قىزىقچىلىق ئارقىلىق باشقىلارنى كۈلدۈرگەنلىك بۇ باشقا گەپ. ئىجادىيتى ئارقىلىق شۇ زاماننىڭ رىئاللىقىنى ئىپادە قىلىپ، ئۆزى تەۋە بولغان خەلقنى ھېدايەتكە، مەرىپەتكە باشلىسا، ئۇيغارلىقىنى ئاشۇرۇپ، يۇتۋازلىق، ئايرىمچىلىق ئۇرۇقلىرىنى قۇرۇتۇشقا ئازراق بولسىمۇ تۈرۈتكە بولالىسا، ئىشقىۋازلىق ۋە جىنسىۋازلىقنى ئەمەس چىن مۇھەببەت ۋە ۋاپادارلىققا تەرغىپ قىلسا، ئۇنداق سەنئەتكارنىڭ ئەسەرلىرى يىللار ئۆتكەنسىرى نۇرلىنىدۇ. ياشلىق قانلىرىمىز سوۋۇپ، زامان ھادىسىللىرى كاللىمىزنى چىرماپ، ئۆزىمىزگە سۇئال قويغىدەك ھالەتكە يەتكەندە ئاشۇنداق ئىجادىيەتلەر يۈركىمىزگە مەلھەم بولىدۇ، ئازابلىرىمىزغا ئورتاقلىشىدۇ. سەنئەت ئوبىكتى بولغان خەلقنىىڭ ئىچىگە كىرەلىگگەن، مەدەنىيتىنى ۋە تارىخنى ئۆگەنگەن، خەلقنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىغا نېمنىڭ لازىملىقىنى چۈشەنگەن سەنئەتكارلار ئۆلمەس ئىجادىيەتلەرنى ئىجاد قىلالايدۇ.

مېنىڭ نەزىرىمدە ھازىر ھايات بولغان سەنئەتكاردىن ئابدۇرېھىم ھېيىت يۇقارقىدەك سەنئەتكار. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادىيتىگە چۆكسەك، ئۇنىڭ ئىجادىيتىدىن تارىخمىزنى، مەدەنىيتىمىزنى، مۇھەببەت-نەپرىتىمىزنى كۆرەلەيمىز. ئابدۇرېھىم ھېيىت تارىخىمىزدىكى ئاچچىق-تاتلىق ئۆتمۈشلەرنى ئىجادىيەت ئارقىلىق بىرگە ئەسلىتىدۇ ياكى بىلدۈرىدۇ. ئەجدادلاردىن قالغان مەدەنىيەتنى كۈچلىك بىر سادا بىلەن بىزگە ختاپ قىلىدۇ. بىزنى ئىمان-ئىتقادلىق بولۇشقا، ئۇيۇشۇشقا، تىرىشىشقا، ۋاپادارلىققا ئۈندەيدۇ. ئابدۇرېھىم ھېيىت ئىجادىيتىدىن چۈشكىنلىكنىڭ، غىلجىڭلىقنىڭ، زارلاش-قاخشاشنىڭ، لامزەللىلىكنىڭ ئۇرۇقلىرىنى تاپالمايمىز. شۇڭا ئۇيغۇرنىڭ تارىخىنى، ئۇيغۇرنىڭ مەدەنىيتىنى، ئۇيغۇرنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتىنى قانچە چوڭقۇر بىلسەك ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ئىجادىيتىگە شۇنچە يىقىنلىشالايمىز. ئۇنىڭدىن ھوزۇرلىنالايمىز. ئەكىسچە بولسا ياقتۇرماسلىقىمىز ياكى ياراتماسلىقىمىز مۇمكىن. پۈچەك ئىجادىيەت پۈچەك كىشىلەرنىڭ ياقتۇرىشىغا ئىرىشىدۇ ۋە ھاياجانلاندۇرىدۇ. ئىجادىيەتنىڭ مىغىزىنى تېتىش ئۈچۈن، ئاشۇ مېغىزنى ئاجرىتىپ ئالغىدەك دەرمان بىزدە بولۇشى كېرەك.

مەن دادامنىڭ تۈرۈتكىسىدە «زىيارەت قىلغىنى كەلدىم» دىگەن ناخشىنى ئاڭلىغان چىغىمدا باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇيتۇم. بۇ ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ناخشىسنى تۇنجى ئاڭلىشىم ئىدى. ئەمدى ئويلىسام دادام دىھقانچىلقتىن ئېشىنغان ئازغىنە پۇلغا 5 تۈپ تېرەكنىڭ پۇلىنى قوشۇپ، ئاساسلىقى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاش ئۈچۈن ئۈنئالغۇدىن بىرنى سېتىۋالغان ئىكەن. ئۇ ۋاقىتتا دادام ۋە مەھەلىدىكى قوشنا-قۇلۇملار ئۇ ناخشىنى ئاڭلاپ زىرىكمەيتى. 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە بۇ ئەزىز سەنئەتكارنىڭ ناخشىللىرى ئۇدۇل يۈرىكىمگە كىردىغان بولدى. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «كارۋان ساداسى»، «نەسلىم»، «ئانا تىل»، «ئاتىلار»، «زىيارەت قىلغىنى كەلدىم»، «بۇ جايدا مەردانلار ياتۇر»، «ئىز»، «ۋىجدان سورىقى»، «ھەي ئۇيغۇرۇم»، «چىللاڭ خورۇزۇم»، «ۋەتەن»، «ۋەتەن قەدرى»، «مەن ئاق بايراق ئەمەس»، «بىلىم ئىشقىدا»، «چىن مۇھەببەت»، «جان ئانا»، «ئاچىل»، «ئەينەك»، «خەجلە خائىنلار»، «مىراس»، «قىزلار»، «گۈزەللىك سەندە»، «مازارىم»، «ۋىسال ئىشقىدا»، «يىپەك» قاتارلىق ناخشىللىرىنى «ئۈمىد»، «ئانا ئەللىيى» قاتارلىق مۇزىكىللىرىنى ئاڭلاپ-ئاڭلاپ ھارمايمەن. ھەر ئاڭلىغىنىمدا قەھرىمان ئەجدادلارنىڭ سىماسى، مەرت-مەردانە قىياپىتى كۆز ئالدىمدا زاھىر بولىدۇ. بۇ ئىجادىيەتلەر ئىچىدىن ئەجدادلارنىڭ ئۈنلۈك ختابىنى ئاڭلايمەن. بۇلارنى ئابدۇرېھىم ھېيىت تېكىست بىلەن بىر روھ-بىرتەنگە ئايلاندۇرۇپ، يىقىشلىق بىرھالدا ئورۇنداپ خەلقىمىز ئارسىدا يىگانە ئوبراز ياراتتى. ئابدۇرېھىم ھېيىتا ئۆزگىچە بىر روھ بولمىغان بولسا، ئۆزگىچە ئىجادىيەتلەرنى روياپقا چىقارمىغان بولاتتى. شۇڭا ئويلانمەنكى، بىز ئۈچۈن تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنى ئابدۇرېھىم ھېيىت روھىدۇر.

بۇ ئەزىز ئۇستازنىڭ 2011-يىلى 4-ئاينىڭ 29—30-كۈنلىرى ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلگەن سەنئەت كىچىكىگە كىرگەن، قەشقەردىن كەلگەن ئىشلەمچى بالىنى، ئۈرۈمچىلىك تازلىق ئىشچىسى ئايالنى كۆرۈپ ۋە پاراڭلىشىپ كۆزلىرىمگە ياش ئالغان بولسام، ئامىركا، ياپۇنيە ۋە باشقا چەتئەللىكلەرنىڭ ئالقىشلىرىنى، بولۇپمۇ ياپۇنيەلىك ئايالنىڭ مىڭبىر جاپادا گۈل تەقدىم قىلىشى، كۆزلىردىن ياشلىرىنى توختىتالماي يۇقىرى ئاۋازدا توۋلىغان «باركاللا»لىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قالمىدىم. لېكىن بۇ يەردە بىزگە تونۇلغان باشقا سەنئەتكار، يازغۇچى ۋە شائىرلىرىمزدىن بىرنىڭمۇ قارسىنى كۆرمەي كۆڭلىم چۈشنىكسىز بىر غەشلىككە ھەيرانلىققا تولدى.
ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ تەۋرەنمەس روھى، ئېنىق ئىجادىيەت يونلىشى، ۋەتىنىگە ۋە خەلقىگە بولغان چوڭقۇر مۇھەببەتى ۋە ساداقىتى ھەرقانداق بىر ئەقىل ئىگسىنى قايىل قىلماي قالمايدۇ. بىز بۇنداق كىشىنى ئۆلگەندىن كېيىن ئەمەس ھازىردىن باشلاپ قەدىرلىسەك، قوللاپ مەدەت بەرسەك ئىجادىيەتچىگە روھىي ئوزۇق بولىدۇ. مەن ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ ھازىرغىچە بىزگە تەقدىم قىلغان ئىجادىيەتلىرىگە، يۇقىرى ماھارەت بىلەن ئورۇنلىغان خەلق ناخشىللىرغا رەھمەت ئىيتىمەن. ئا شۇنداق ئىجادىيەتلەرنىڭ تېكىستىنى يازغان ئۇلۇغلىرىمىزغىمۇ ھەم كاتتا رەھمەت ئىيتىمەن. ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ داۋاملىق مۇشۇنداق مەردانە ھالدا ئىجادىيەتلىرنى داۋام ئىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئابدۇرېھىم ھېيىت روھىنىڭ ئىزباسارلىرى ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىنى تىلەيمەن.

2011-يىل سەپەر ئېيىدا يىزىلدى.
 
ئاپتۇرى : زارى . مەنبە ئەلكۈيى .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver|intil.cn 因特乐 知识信息网 ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2011-9-24 12:03 , Processed in 0.784573 second(s), 20 queries .

Powered by Discuz! X1.5(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.