بۇنى tahirbeg ئىسىملىك توردىشىمىز تەييارلاپتۇ
بۇ ماتىرياللارنىڭ ئومۇمىي سېغىمى 2 جى ئەتراپىدا كىلىدىكەن. ئىككىگە بۆلۈپ 金山T盘 گە يوللىغان ئىدىم. بىرىنىڭ سېغىمى 1جى، يەنە بىرىنىڭ 1.6جى كىلىدىكەن. بىر جى دىن يۇقۇرى ماتىرياللارنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن 金山T盘 گە ئەزا بولمىسىڭىز بولمايدىكەن. چاقماق ياكى باشقا چۈشۈرگۈچە چۈشۈرگەندىن، ئاۋۋال 金山T盘 گە ئەزا بولۇپ، ئاندىن چۈشۈرمەكچى بولغان ماتىريالنىڭ ئادىرسىغا كىرىپ، ئۇ ماتىريالنى ئۆزىڭىزنىڭكىگە يۆتكەپ، 金山T盘گە چۈشۈرۈش بۇيرۇقىنى بىرىپ قويسىڭىز تىزلا چۈشۈرۈپ بىرىدىكەن. 金山T盘گە ئەزا بولۇش ئۈچۈن بۇ يەرنى بېسىڭ. ئەزە بولسىڭىز 20 جى ھەقسىز بوشلۇق بىرىدۇ. بوشلۇققا ماتىريال چىقىرىش سۈرىتىمۇ ماڭا خېلى يارىدى.
بۇنىڭدىكى ماتىرياللارنىڭ تىزىملىكى : 1.تۈركىيە ئاۋازى رادىيوسىنىڭ ئۇيغۇر بۆلىمى تەرپىدىن ئاڭلىتىلغان <بىللە ئۈگۈنەيلى> ئاتلىق پىروگىراممىنىڭ 60 قا يېقىن سانى. ئۇيغۇرچە_تۈركچە. 2. خەنسۇچە قايسى بىر توربەتتىن ئاڭلىتىلغان <تۈركچە_خەنسۇچە> سۆزلىشىش. بۇنىڭدا ئۇزۇنلىقى 20 مىنۇتتىن ئاشىدىغان، 20دىن ئارتۇق م پ 3 بار. 3. خەنسۇچە_ئۇيغۇرچە_تۈرۈكچە تۈركۈم سۆزلەر لۇغىتى. 5. بىلقۇت تورى تەرپىدىن تۈزۈلگەن تۈركچە ئۈگۈنۈش ماتىرياللىرى. 6. بىر قىسىم كىتاپلار (تۈركچە ئۈگۈنىمەن 4 قىسىم، تۈرك تىلىدا. تۈرك تىلىدىن 100 سۆزلۈك، ئۇيغۇرچە_تۈركچە. تۈركچە_ئۇيغۇرچە 500 جۈملە، مەلەك خېنىم تۈزگەن كىتاپ. ئوسمانلى تۈركچىسى سۆزلىكى، تۈركچە. تۈركچە_ئۇيغۇرچە چوڭ ھەجىلىك لۇغەت. ئادىم، ئادىم دەرس كىتابى، 4قىسىم تۈركچە. ھەمراھ ئۇيغۇرچە_تۈركچە لۇغىتى. يېڭى ختىت 4 قىسىم قاتارلىقلار بار).
بۇ ئادىرىستىكى ماتىريالدا پۈتۈنلەي سۈرەتلىك فىلىم بار بولۇپ، تۈركىيەلىكلەر چەت ئەللىكلەرنىڭ تۈرك تىلى ئۈگۈنىشى ئۈچۈن ئىشلىگەن. دەسلەپكى قەدەمدىن باشلاپ ئۈگۈتىدۇ. تۈركىيەنى ئومۇمىي تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان ھالدا ئۈگۈتىدۇ. بۇ فىلىمدىن ھەم تۈرك تىلى ئۈگۈنەلەيسىز، ھەم تۈرك مەدىنىيىتى، تۈركىيەنىڭ داڭلىق ساياھەت رايۇنلىرى، چوڭ مۇزىيلار... قاتارلىق داڭلىق ئورۇنلىرىنى ئىكران ئارقىلىق بولسىمۇ ساياھەت قىلىپ چىقىسىز. |