ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 1283|ئىنكاس: 0

بارماق دىسكا ئوڭشاش ئۇسۇللىرى     [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
2048
تىللا
1535
شۆھرەت
3256
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 14:26:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سوئال: بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا سالسام، دىسكا بەلگىسى كۆرۈنىدۇ، ئەمما، ئۇنى قوش چەكسەم «فورماتلامسىز»-دەيدۇ، «ھەئە»نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇسام، فورماتلاپ ئاخىرىغا كېلەي دىگەندە، 无法格式化 (فورماتلاشقا ئامالسىز) دېگەن ئۇچۇر كۆرۈنىدۇ؟ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشقا بولامدۇ؟

جاۋاب: ناۋادا، بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرۈنسە، بۇنى ئەلۋەتتە ئوڭشاشقا بولىدۇ. بۇ ئادەتتە بارماق دىسكا ئۆزەك ئىچىدىكى پروگراممىلارنىڭ ۋىرۇس تەرىپىدىن بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقىنىڭ سەۋەبى بولۇپ، بارماق دىسكا قاتتىق دېتالىنىڭ سۈپەت مەسىلى ئەمەس. يېقىندا بۇ خىل ئەھۋالنى ئىنكاس قىلغان خېرىدارلار كۆپىيىپ قالدى، ئۇنداقتا ئاددىي ئوڭشاش ئۇسۇلىنى تونۇشتۇرىمىز.

1-خىل ئۇسۇل:

(1) ئالدى بىلەن google.com ياكى baidu.com غا كىرىپ USBOOT يۇمشاق دېتالىنى ئىزدەپ تېپىڭ(ھازىر ئۇنىڭ ئەڭ يېڭى نەشىرى 1.70)، ئۇنى توردىن چۈشۈرۈپ قاچىلاڭ.

(2) USB دىسكا رايونىنى HDD (قاتتىق دىسكا) ھالىتىدە فورماتلاڭ. باشقا رايونلارنى فورماتلىۋېتىشتىن ئېھتىيات قىلىڭ.

(3) ئېكراندىكى كۆرسەتمە بويىچە بارماق دىسكىنى تارتىۋېلىڭ ھەم يەنە قايتا سېلىڭ.

(4) ئەڭ ئاخىرىدا قوزغىتىش دىسكىسى ياساڭ. بۇ ۋاقىتتا USB دىسكا رايونىنى قوش چەكسىڭىز فورماتلاشنى تەلەپ قىلىدۇ. «شۇنداق» نى بېسىپ داۋاملاشتۇرۇپ، FAT ھالىتىدە فورماتلاڭ.

(5) بارماق دىسكىنى قايتىدىن ئېلىپ سالسىڭىزلا بولىدۇ، تامام

2-خىل ئۇسۇل:

(1) ناۋادا، بارماق دىسكىنىڭ سىغىمى 2GB بولسا، قاتتىق دىسكىغا 2GB كىچىك بولغان (مۇمكىن بولسا 1.5GBچوڭلۇقتا) لوگىكىلىق تارماق رايون قۇرۇڭ. ئاندىن ئۇنى GHOST 11 ئارقىلىق گوستلاڭ.

(2) بارماق دىسكىنى كومپيۇتېرغا چېتىپ، GHOST 11 نى قوزغىتىڭ. ئاندىن بايىقى گوست ھۆججىتىنى بارماق دىسكا بەلگىسى كۆرسەتكەن رايونىغا قايتۇرسىڭىز ئوڭشىلىدۇ.

يۇقىرىدىكى خالىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، فورماتلاشقا مۇمكىن بولمايدىغان بارماق دىسكىنى ئوڭشاشقا بولىدۇ، ئەمما، ئىچىدىكى ھۆججەتلەر بۇزۇلۇپ كېتىدۇ. شۇڭا، بارماق دىسكا ئىشلەتكۈچىلەر ئەڭ ياخشىسى ئۇچۇرلارنى قەرەللىك تۈردە قاتتىق دىسكىغا زاپاس ساقلاشتەك ياخشى ئادەتنى يېتىلدۈرۈشنى ئۈمىد قىلىمىز.

- پارلاندىن
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-11-9 04:57 , Processed in 0.100527 second(s), 15 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش