- توردا
- 995 سائەت
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-4-28
- تىزىملاتقان
- 2011-2-22
- شۆھرەت
- 8863
- تىللا
- 3350
- تۆھپە
- 3344
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 25479
- ئالبوم
- 1
- بلوگ
- 0
- خاتىرە
- 11
- يازما
- 1059
- تېما
- 128
- نادىر
- 0
- ھەمبەھر
- 0
- UID
- 1699
- تۆھپە
- 3344
- تىللا
- 3350
- شۆھرەت
- 8863
|
مەن ئېھتىياجلىق بولغىنىم ئۈچۈنلا ئەمەس بەلكى، ئىقتىدارىنىڭ ياخشى بولغىنى ئۈچۈن بولسا كېرەك، بۇ دېتالنى ئۇچىراتقىنىمغا قەۋەتلا خوشال بولۇپ كەتتىم. چۈنكى، كومپىيوتىرىمنى بۇنۇڭدىن يەتتە يىل بۇرۇن سېتىۋالغان بولغاچقا، قاتتىق دېسكا ئارانلا 80G بولۇپ، C دېسكىغا 10G ئورۇن قويۇپتىكەنمەن. ھازىرغا كەلگەندە C رايۇننىڭ سىغىمى يىتىشمەي تولا ئىچىمنى پۇشۇراتتى. قاتتىق دېسكىنى قايتىدىن رايۇنغا بۆلەي دىسەم ئىچىدىكى ماتىرىياللارنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەپ قايتا رايۇنغا بۆلەلمەي يا C رايۇننىڭ سىغىمى ئىھتىياجىمدىن چىقالماي، يەتتە يىللىق قەدىناسلاردىن بولۇپ قالغان كومپىيوتىرىم كۆزۈمگە سەت كۆرۈنۈپ كەلگەن ئىدى. بايا ماۋۇ دېتالنى ئۇچۇرىتىپ قېلىپ، چۈشەندۈرىشىگە دىققەت قىلسام قاتتىق دېسكىنى خالىغانچە رايۇنغا بۆلۈشكە بولۇپلا قالماستىن يەنە، رايۇنغا بۆلۈنۈپ بولغان قاتتىق دېسكىنىڭ ھەرقايسى رايۇنلىرىنىڭ چوڭ كىچىكلىكىنىمۇ ئىچىدىكى ماتىرىياللارغا خەتەر يەتكۈزمەي تۇرۇپ تەڭشىۋالغىلى بولىدىغانلىقى ئالاھىدە دىققىتىمنى تارتتى. شۇنۇڭ بىلەن تەۋەككۈل قىلىپ سىناپ بېقىۋىدىم، راس دىگەندەك C رايۇنغا D رايۇننىڭ ئىشلىتىلمەي قالغان بوشلۇقىدىن 2G بوشلۇقىنى يۆتكەپ 12G غا كېڭەيتىۋالدىم. بۇنۇڭ بىلەن C رايۇننىڭ بىكار بوشلىقى چۇڭىيىپ، تېزلىكى كۆرىنەرلىك ئاشتى (ئەسلىدە C رايۇندىكى بىكار بوشلۇق 500MB غىمۇ يەتمەيتتى) ۋە «ماۋۇ كومپىيوتىرنى سېتىۋالسام بولارمۇ؟» دىگەن تېمىدىكى كومپىيوتىرنىمۇ ۋاقتىنچە سېتىۋالماي تۇرسام بولغۇدەك دىگەن قارارغا كەلدىم.
دىمەك، بۇ دېتال مىنى بىرمۇنچە ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىنلا ئەمەس بەلكى يەنە، 2000 يۈەن نەق پۇلنىڭ يانچۇقۇمدىن چىقىپ كېتىشىدىنمۇ ساقلاپ قالدى.
بۇ دېتالنىڭ يەنە بىر ئارتۇقچىلىقى شۇكى، رايۇنغا بۆلۈنۈپ بولغان قاتتىق دېسكىنىڭ ئىشلىتىلمەي قالغان بوشلۇقلىرىدىن مۇۋاپىق بوشلۇق ئېلىپ، يېڭىدىن رايۇن قۇرغىلىمۇ بولىدىكەن. باشقا ئىقتىدارلىرىنى قىزىقساڭلار سىناپ باقارسىلەر.
دېتال نامى: 分区助手
دېتال تىلى: خەنزۇچە
دېتال سىغىمى: 3.26MB
ھوقۇق شەكلى: بىكالىق
چۈشۈرۈش ئادرېسى: مانا بۇ يەردە.
مۇناسىۋەتلىك كۆرۈنمە يۈز رەسىمى:
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا alnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-22 09:38
|
-
-
2
باھا خاتىرىسى
-
|