تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Adsense دىن پۇل ئېلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى بايان

يوللىغۇچى: yolum| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-27 14:17| كۆرۈلۈشى: 47| ئىنكاس سانى: 0

گۇگول Adsense دا تاپقان پۇلنى قانداق ئالىمىز؟ بۈگۈن پۇل ئېلىش جەريانى ھەققىدە تەپسىلى ئۇچۇر بېرىمىز. دىققەت قىلىدىغان بىر نۇقتا شۇكى پۇل ئېلىش جەريانىدا ئىككى سان بار. بىرى 10 دوللار، يەنە بىرى 100 دوللار.
[size=130%]1. ئون دوللاردا ھىسابات ئۇچۇرىنى مۇقىملاش
Adsense ھىسابىڭىدىكى پۇل 10 دوللارغا يەتكەندە گۇگول شىركىتى سىزگە پوچتا ئارقىلىق PIN ئەۋەتىدۇ.ھەمدە تېلفون نومۇرىنى تەستىقلاش ئۇچۇرى ئەۋەتىدۇ. سىز بۇ چاغدا پۇل تۆلەش ئۇسۇلىنى تاللىسڭىز بولىدۇ. بۇ چاغدا سىنىڭ ھىساباتىڭىزدا پۇل تۆلەشنى ۋاقتىنچە توختىتىش ئۇچۇرى كۆرۈنىدۇ. يەنى ئوڭ تەرەپتە يۇلغۇن چېچىكى رەڭدە ئەسكەرتىش رامكىسى بار. سىز تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن شۇ رامكىنى چېكىپ، بارلىق پۇل تۆلەشنى توختىتىشقا سەۋەب بولغان ئامىللارنى يوق قىلغاندىن كېيىن، ئاندىن سېستىما سىزگە پۇل تۆلەش ئىقتىدارىنى ئاچىدۇ.
تۆۋەندە PIN ۋە تېلفون نومۇرىنى قانداق مۇقىملاشنى سۆلەپ ئۆتىمىز:
تېلفون نومۇرىنى مۇقىملاش جەريانى
كىرىمىڭىز 10 دوللارغا يېتىدۇ
گۇگول تېلفون نومۇرىنى مۇقىملاش تەلىپى ئەۋەتىدۇ
Adsense ھىساباتىڭىزدىن تېلفون نومۇرىنى مۇقىملاش بېتىگە كىرىسىز.
تېلفون نومۇرىنى كىرگۈزۈڭ، يانفون بولسىمۇ بولىدۇ. دۆلەت نومۇرى 86 نى قوشۇش ھاجەتسىز.
将代码发送至电话 دىگەننى چېكىڭ.
تېلفون كېلىدۇ، ئېلىڭ ۋە ئاڭلاپ دەپ بەرگەن نومۇرنى يېزىۋېلىڭ.
يېزىۋالغان نومۇرنى بايىقى تەستىقلاش بېتىگە كىرگۈزۈڭ.

[size=130%]PIN ھەققىدىكى مەسلىلەر:
PIN خەنزۇچە ئىسىم بىلەن ئادرېسنى مۇقىملاش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ.
PIN ئامېرىكا كالىفورنىيەدىن ئەۋەتىلىدىغان خەتتۇر. ئۇنىڭدا نومۇر بار.
ئەگەر PIN كەلمىسە يەنە قايتا ئىلتىماس قىلىشقا بولىدۇ.
PIN ئەۋەتىلىپ 4 ئايغىچە تەستىقلىمىسىڭىز ئېلان نورمال كۆرۈنمەيدۇ.
ئەگەر PIN نى ئۈچ قېتىم ئىلتىماس قىلىپ، تاپشۇرۇپ ئالالمىسىڭىز، توردا نارازىلىق جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ ئەۋەتسىڭى بولىدۇ.
ئۈچ قېتىم PIN ئىلتىماس قىلىپ، كەلمىگەندە كىملىك، توك پۇلى تۆلەش ئىسپاتى، سۇ پۇلى تۆلەش ئىسپاتى ۋە ئادرېسىڭىغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئىسپاتلار بولسا سايىلەپ، گۇگول شىركىتىگە ئەۋەتىسىز.

[size=130%]2. ھىساباتىڭىدىكى پۇل 100 دوللارغا يەتكەندە ئالغىلى بولىدۇ.
ئەگەر سىز يۇقارقى ئىشلارنىڭ ھەممىنى ئوڭۇشلۇق قىلسىڭىز ھەم ھىساباتتىكى پۇلىڭىز 100 دوللارغا يەتسە گۇگول سىزگە كىلەر ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن پۇل ئەۋەتىدۇ. يەنى سىز 2-ئايدا 100 دوللار تاپقان بولسىڭىز بۇ پۇلنى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن تاپشۇرۇپ ئالىسىز. سىز ھىساباتىڭىزدىكى 查看付款历史 دىگەن ئورۇندىن سىزگە پۇل ئەۋەتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرەلەيسىز.
ئەسكەرتىدىغان يەنە بىر ئىش شۇكى گۇگول ھەر ئاينىڭ 1-كۈنى پۇل تۆلىمەيدۇ، بەلكى ھەر ئاينىڭ 15-كۈنىدىن باشلاپ ئاندىن پۇل ئەۋەتىدۇ. پۇل تۆلەش جەريانى تۆۋەندىكىدەك ئۈچ باسقۇچلۇق بولىدۇ.
بىرىنچى باسقۇچ: پۇل تۆلەشنى قوزغىتىش (15-چىسىلا)
ئەگەر بارلىق پۇل تۆلەشنى توختىتىش ئامىللىرى ئېلىۋىتىلگەن بولسا، گۇگول سىزگە 15- چىسىلا پۇل ئەۋەتىدۇ.
ئىككىنچى باسقۇچ: پۇل تۆلەش (25-چىسىلادىن 30-چىسىلاغىچە)
گۇگول بۇ چاغدا سىىزگە ئاللىبۇرۇن پۇلنى يوللاپ بولغان بولىدۇ، پۇل سىزنىڭ ھىساباتىڭىغا قاراپ كېتىۋاتقان بولىدۇ. Adsense ھىساباتىڭىزدىكى پۇل تۆلەش تارىخىدا 正在付款 دەپ چىقىدۇ.
ئۈچۈنچى باسقۇچ: غەربىي بىرلىك شىركىتى سىزگە پۇل بېرىدۇ. (30-چىسىلادىن كېيىن)
بۇ چاغدا ھىساباتىڭىزدىكى پۇل تۆلەش تارىخىدا 付款已签发 دىگەن بەلگە چىقىدۇ، سىز گۇگول سىزنىڭ ھىساباتىڭىزدا تەمىنلىگەن غەربى بىرلىك شىركىتىنىڭ 10 خانىلىق نومۇرى ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك بانكىسى ياكى پوچتىخانىلارغا تەسىس قىلىنغان Western Union يەنى غەربىي بىرلىك شىركىتىنىڭ پۇل ئېلىش ئورنىدىن پۇل ئالىسىز.
پۇل ئالغاندا كىملىك ۋە غەربىي بىرلىكنىڭ 10 خانىلىق كودىنى تەمىنلىشىڭىز كېرەك.

مەنبە: ئىنتېرنېت

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 22:04.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.