تىزىملىتىش |كىرىش

ئىنتىل تورىدەرۋازا › تېما كۆرۈش

Adsense ئىلتىماس قىلىش تەپسىلى ئۇسۇلى

يوللىغۇچى: yolum| يوللانغان ۋاقتى: 2010-8-27 14:12| كۆرۈلۈشى: 36| ئىنكاس سانى: 0

Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. تور بەت بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەخسى تور بەتكە ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز تور بەت قۇرۇلغىنىغا چوقۇم ئالتە ئاي بولغان بولىشى ھەم 1-دەرىجىلىك تور نامى بولىشى كېرەك. ھەم تور بېكەتكە قويىدىغان نۇرغۇن شەرتلەر بار. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغاندا بۇنداق شەرتلەر يوق. ھەم تېز سۈرئەتتە ئالغىلى بولىدۇ. Adsense ئېلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتىۋالغاندىن كېيىن ئېلان كودىنى ھەرقانداق بىر تور بېكەتكە قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Google بۇنىڭغا چەك قويمىغان. ئەلۋەتتە سىز Adsense ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن بلوگدىن باشقا يەنە باشقا تور بەت ياكى بلوگلارغىمۇ ئېلان قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ تور بەتلەر چوقۇم Google كىلشىمىگە ئۇيغۇن، قانۇنلۇق ۋە ساغلام بولىشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا Adsense ئېلانىغا ئىلتىماس قىلىش. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. مەن باشتىن باشلاپ سۆزلەي. بلوگنى چوقۇم www.blogger.com دىن ئالىمىز. باشقا ھەرقانداق ئورۇندىكى ھەقسىز BSP دىن ئالغان بلوگلارغا Adsense ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلاننى باشقا بلوگلارغا قويساقمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم ئىلتىماس قىلغاندا www.blogger.com دىن ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھازىر قىلىدىغان ئىش دەرھال : www.blogger.com نى ئېچىڭ.
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بلوگ ئېچىش دىگەن ئورۇننى چېكىڭ (ئەسكەرتىش : ئەگەر سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر دانە مەزكۇر ئورۇندا بلوگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەمنى قايتا تەكرارلاش ھاجەتسىز. ياكى باشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويچە تولدۇرىمىز. ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىڭ. بۇ چاغدا بلوگقا ئىسىم قويۇش بېتى ئېچىلىدۇ. سىز ئالماقچى بولغان بلوگقا ئىسىم قويىشىڭىز ۋە خەلقئارالىق تور ئادرېسىنى بېكىتىشىڭىز كېرەك. بۇلارنى كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بەك زىغىرلاپ كەتمەي ئۇزۇنراق، سەترەك بولسىمۇ تېزراق بىر ئىسىم تاللاڭ. دىققەت قىلىڭ. بىز ئېلان ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن جۇڭگودا بولساق چوقۇم خەنزۇچە بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا بلوگ نامىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇڭ. ئارتۇقچە پىكىر يۈرگۈزمەي مەن دىگەندەك قىلىڭ. ئېلخەتكە چوقۇم Gmail.com دىن ئالغان ئېلخەتنى ئىشلىتىڭ. باشقىسى بولمايدۇ. داۋاملاشتۇرۇشنى باسقاندىن كېيىن بلوگقا ئۇسلۇب تاللاش بېتىگە كىرىدۇ. بۇ جايدىن خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاپ،داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇسلۇبنىمۇ كېيىن ئۆزگەرتكىلى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاڭ. دەرھال داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاندىن ماقالە يېزىشنى باشلاش بېتىگە كىرىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ ماقالە يېزىش بېتى ئىنتايىن ئاددى. ماقالە تېمىسى، ماقالە مەزمۇنى، ھالقىلىق سۆز ۋە باشقىلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماقالىنى يوللىساق بولىدۇ. قەتئى دىققەت قىلىڭكى : ماقالە چوقۇم خەنزۇچە يېزىلسۇن. ماقالە ھەرگىز باشقا ھىچقانداق تور بەت ياكى كىتابتىن كۆچۈرۈپ كېلىنمىسۇن. چوقۇم ئىجادىي بولسۇن. مەن سىزدىن چوڭ-چوڭ ئىلمىي ماقالە يېزىڭ دەپ تەلەپ قىلىۋاتمەيمەن. مەيلى ۋەلىسپىتىم بۈگۈن تىشىلىپ كەتتى، ئانام زۇكام بوپ قاپتۇ دىگەندەك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى بۈگۈن پالانى كىنونى كۆرۈپ مانداق تەسىرلەندىم يەي دىگەندەك تەسىراتلار بولسۇن چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. ئەگەر خەنزۇچە يازالمىسىڭىز بىلىك كۇلۇبى ياكى تەكلىماكان بلوگقا كىرىپ، ئۆزىڭىز يازماقچى بولغان مەزمۇننى ئۇيغۇرچە يېزىپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلسىڭىز تورداشلار بىردەمدە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 发帖 دىگەن خەنزۇچە خەتنى چېكىپ ماقالە يازىمىز، ھەر قېتىم ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ جاينى چېكىمىز. ئۇنتۇپ قالماڭ. ماقالە ئاز بولۇپ قالمىسۇن. چوقۇم 10 پارچىدىن كۆپ بولسۇن. بۇ ئون پارچە ماقالىنى بىر كۈندىلا يېزىپ بولماڭ. ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ كۈندە يېزىڭ. بۇ تېمىنى بۈگۈن ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈچ كۈن ماقالە يازغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. مەن دىگەندەك قىلمىسڭىز ئېلان ھىساباتى ئالالمايسىز. شۇڭلاشقا قەتئى شۇنداق قىلىڭ. يەنە ئەسكەرتەي : ماقالە خەنزۇچە يېزىلسۇن. چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. باشقا جايدىن كۆچۈرۈمەڭ. ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىڭ. ئون پارچە ماقالىنى يېزىشقا ئەڭ كەم دىگەندە ئۈچ كۈن ۋاقت كەتسۇن. بىر كۈندىلا قوپۇرلغان تام ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېمىنى ئوقۇشنى دەرھال توختىتىپ تۆتىنچى كۈنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇ ۋاقتقىچە بلوگىڭىزدا ماقالە يېزىڭ. ئەمدى 4-كۈنى. سىز بۇ چاغدا بلوگقا ئاللىبۇرۇن 10 پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچە ئىجادىي مەزمۇن يېزىپ بولغان بولىسىز. دىمەك ھازىر سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئېلان ئىلتىماس قىلىشقا شەرتى تولۇق توشىدۇ. ئەمدى www.blogger.com نى ئېچىڭ. ۋە ئۈچ كۈن بۇرۇن تىزىملاتقان ھىساباتنى كىرگۈزۈپ بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىپ ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ. كىرگەندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە Html تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ. سىز بۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئاقتۇرماي بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغىراق قاراڭ. مەن تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كودلارنى ئۆچۈرۋەتتىم. ئەمما سىزنىڭ ئېكرانىڭىزدا بىر مۇنچە قالايمىقان كود رامكىسى بار، سىز شۇ رامكىنىڭ ئاستىغا قاراڭ. ۋە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 还原到经典模板 دىگەن خەتنى
چېكىڭ.
بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىجادىي يازمىسى كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
بۇ چاغدا بىر جەزىملەشتۈرۈش كىچىك كۆزنىكى چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرۈڭ. ئاندىن قارىسىڭىز بلوگ ئارقا سەھنىسىدە Adsense دەيدىغان يەنە بىر تۈر كۆپىيىپ قالىدۇ. ئەمدى ئېلان ئىلتىماس قىلىشنى باشلايمىز. Adsense دىگەننى چېكىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. سىز بۇ جايغا ھىچنىمە تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈنگەن ئۇچۇرلاردا خاتالىق بولسا توغىرلاپ قويۇڭ. مەسلەن ئېلخەت ئادرېسىڭىز چوقۇم Gmail مۇ ؟ بلوگ تىلى چوقۇم 中文 مۇ، ئېلخەت تىلى چوقۇم 中文 مۇ دىگەنلەرگە دىققەت قىلىپ قويۇپلا داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاستىدىكى 创建帐户 دىگەننى چېكىڭ. بۇ جەزىملەشتۈرۈش خېتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ. چەككەندىن كېيىن ئەگەر مەن دىگەن باسقۇچلارنى مەن دىگەن تەلەپ بويچە ئورۇندىغان بولسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىغا Adsense ئىلتىماس جەدۋىلى يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر بلوگ مەزمۇنىنى ئۆزىڭىز يازماي باشقا جايدىن كۆچۈرۈسىڭىز، ياكى بلوگدا خەنزۇچىدىن باشقا تىللارنى ئىشلەتسىڭىز، سەزگۈر، قانۇنسىز، شەھۋانى ياكى ھەرقانداق بولمىغۇر مەزمۇنلاردا بلوگ يازسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا خەت كەلمەيدۇ. يەنە دىققەت قىلىڭ. ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلارنىمۇ يازماڭ. بلوگدا مىللەت، ئۇ - بۇ دىگەندەك گەپ سۆزلەر بولمىسۇن. بىر بولسا ئاددىي تۇرمۇشتىكى ئىشلار ياكى يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى تەسىراتلار ياكى تور بېكەتلەرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلار دىگەندەكلەر بولسۇن. ئۇيغۇرلار بلوگ يازغاندا بىر دىققەت قىلمايدىغان ئىش باركەن. نىمۇ دىسە ھەممىسى ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرلار ياكى يۇرتىمىز ھەققىدە بىر نەچچە پارچە كۆچۈرۈلمە ماقالىنى يېزىۋېتىدىكەن. مەسلەن ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر مۇقامى، ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئۇيغۇر خەلقى، ناخشا مۇزىكىلىرى دىگەندەك. سىزگە شۇنى دەپ قوياي. بۇنداق مەزمۇنلار بىلەن تولغان بلوگدا ئېلان ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا مەن دىگەن بويچە قىلىڭ. ھازىرقى مەقسەت Google ئېلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش. سىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئاچقاندىن كېيىن بىر پارچە Google Adsense نامىدىكى خەت كەلگەن بولىدۇ. خەتتىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ ئادرېس رامكىسىغا چاپلاڭ. ياكى بىۋاستە چېكىڭ. بۇ چاغدا تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك Adsense ھىسابات ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ. مەن رەسىمدە كۆرسەتكەن پىنيىنچە دىگەننى چوقۇم پىنيىنچە يېزىڭ. ئېنگلىزچە دىگەننى چوقۇم ئېنگلىزچە يېزىڭ. ئەگەر يۇرت-مەھەللىڭىزنىڭ ئېنگلىزچە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئېتراپ قىلىدىغان ئۆلچەملەشكەن نامى بولمىسا ئۇ ھالدا پىنيىنچە يېزىڭ.  خەنزۇچە يېزىڭ دىگەننى چوقۇم خەنزۇچە يېزىڭ. تاللاش رامكىسىنىڭ ھەممىنى تولۇق تاللاڭ. يۇقارقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提交信息 نى چەكسىڭىز يېڭى بىر بەت ئېچىلىپ، ئەگەر مەن كۆرسەتكەن بويىچە توغرا تولدۇرغان بولسىڭىز جەزىملەشتۈرۈڭ دەپ خەت چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرسىڭىزلا ئىش تامام. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ، خاتا بولۇپ قالغان جايلار قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، سىز بۇ چاغدا مەن كۆرسەتكەن بويىچە تۈزىتىڭ. توغرا بولغان بولسا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 48 سائەت ساقلىسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا سىزنىڭ ئېلان ھىساباتىڭىز تەستىقلىغانلىق ئۇچۇرى كېلىدۇ. ئەگەر سىز جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز بەلكىم تەستىقلاش ئۇچۇرى كېچىكىپرەك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قوياي. ئەگەر تەستىقلىماسلىق ئۇچۇرى كېلىپ قالغان بولسا سىز چوقۇم مەن دىگەندەك قىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. قايتا مەن دىگەندەك قىلىپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ.
ilqut.com

يېڭى ئىنكاسلار

intil.cn 因特乐 知识信息网 Uyghur Office ( 新ICP备10003688号)|ئالاقىلىشىڭ

GMT+8, 2010-10-3 22:06.

Powered by Discuz! X1(NurQut Team)

© 2001-2010 Comsenz Inc.