ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 433|ئىنكاس: 7

ئالپ «قوش تىل ئوقۇتۇش ياردەمچىسى»گە تەكلىپ   [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
477
تىللا
625
شۆھرەت
938

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 15:40:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندى تەمىنلىگەن سوۋغاتنى قوبۇل قىلىپ بەك خۇش بولۇپ كەتكىنىمدىن ،3 خىل مەھسۇلاتنى بىرمۇ بىر سىناپ باقتىم،ھەقىقەتەن ئىسىلكەن.
شۇنداقتىمۇ يۈزۈمنى داپتەك قىلىپ، بىكارغا بەرسە مېيى بارمىكەن، دەپ سورايدىغان ئادىتىم بويىنچە قۇسۇر ئىزدەپ باقتىم. بۇمۇ بۇ مەھسۇلاتلارنى بەك ياقتۇرغانلىقىمدىن بولدى ئەلۋەتتە.
مەن ئاساسلىق قوش تىل ئۆگۈتۈش سوفتى توغۇرلۇق ئويلىغانلىرىمنى سۆزلەپ باقاي.
1. رامكىنى چوڭايتىپ كىچىكلەتكىلى بولغان بولسا ھە! كاساپەت دەھشەت پەيزى بولاركەنتۇق.
2. فىلىمنى چوڭايتىپ تولۇق ئېكران بويىنچە كۆرەلىگىلى بولغان بولسىدى، بالامنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ كېتىشتىن ئەنسىرەپ يۈرمەسكەنمەن.
3.پۈتۈن ئېكران بويىنچە ئېچىپ قويۇپ،بىرتال كونۇپكىنى بېسىپلا قويسام، مۇشۇنىڭدىن باشقا نەرسە چىقمىسا،كومپيۇتېرنى ئېچىپ بېرىپ ،بېشىدا قاراپ تۇرمىساممۇ،بالاممۇ ئامالسىزباشقا نەرسىلەرگە قارىۋالماي، مۇشۇنىلا كۆرەركەنتۇق.
4. ئېلىپبەگە سۆز ئويۇنى، ئاڭلاپ يېزىش،سۆز ،جۈملىنى ئۇقۇتۇپ ئاۋازنى ساقلاپ ئۆزىگە بىر ئاڭلىتىۋېتىپ توغرىسىنى ئوقۇپ بېرىش  دىگەندەك ئىقتىدارلار قوشۇلۇپ كەتكەن بولسا، بالامنىممۇ ئېلىپبە ئۆگۈتىمەن دەپ كۇرۇسلارغا بېرىپ يۈرمەسكەنمەن.
5.خەنزۇچە پىنيىندە مۇنۇلارمۇ تولۇق بولۇپ كەتكەن بولسا نىمىدىگەن ئىسىل بولاتتى دەپ ئويلاپ قالدىم.
汉 语 拼 音 韵 母 表
a[阿] an[安] ao[奥] ai[哀] ang[昂]
o[喔] ong[翁] ou[欧]     
e[鹅] en[恩]   er[儿]  ei[唉] eng[摁]
i[衣] ia[呀] iu[由]  ie[耶]   in[因] ing[英]
u[乌] un[温]  ua[蛙]  uo[窝]  ue[月]  ui[威]
ü[迂]         
iao[腰] ian[烟] iang[央] iong[用]
uai[外] uan[弯] uang[往]
بۇلار مېنىڭ بۇ مەھسۇلاتنى ئىشلىتىش جەريانىدا ، بۇ مەھسۇلاتنىڭ تېخىمۇ ياخشى بولۇشى ئۈچۈن ،ئويۇدۇرپ چىققان تەكلىپلىرىم.
ئالپ ئەپەندى ئەيىپكە بۇيرىمىغايسىز. توزكورلۇق قىلىپ قويدۇم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   alnuri تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2011-8-19 20:29  

باھا سۆز

سەيياھ  ياخشى: 5   يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 16:24:34
Intil  ياخشى: 5
  يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 16:24:33

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
487
تىللا
751
شۆھرەت
1113
يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 16:13:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئوبدان پىكىر بولۇپتۇ. بىزلەر ئىشلىتىپ باقمىغاچ بىلمەيمىز. بۇ مەزكۇر مەھسۇلاتنىڭ مۇكەممەل بولىشىغا پايدىلىق.
Nida 实名认证 

باشقۇرغۇچى

نىدا ئىشخانىسى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1131
تىللا
4356
شۆھرەت
2459

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ سالاپەت داڭدار ھەمكارلىق ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 16:27:49 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالپ ئەپەندى بۇنىڭغا سىزنى ئەيپكە بۇيرۇپ كەتمەيدۇ، بەلكىم، بۇ تەكلىپلىرىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىپ، مەھسۇلاتلىرىنىڭ كېيىنكى نەشرىدە تۈزىتىپ قويۇشىمۇ مۇمكىن.
alnuri   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

باشقۇرغۇچى

ئالى باشقۇرغۇچى

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
3140
تىللا
2948
شۆھرەت
8368

تىرىشچان دەلىللەنگەن ئەزا ئاكتىپ ھەمكارلىق پىداكار تەشۋىقات تۆھپە داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-19 20:25:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىڭىز بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ. ئەمما، ماۋزۇدىكى «قۇسۇر» سۆزى سەل قوپال كېتىپتىكەن، تەھرىرلەپ قويدۇم. ئەگەر باشقىچە پىكرىڭىز بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساممۇ، ۋە ياكى ئۆزىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.
بۇ دۇنيا پەقەت مۇھەببەت ۋە مىھرى شەپقەت بىلەنلا شۇ قەدەر گۈزەلدۇر!  

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
440
تىللا
463
شۆھرەت
819

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان سالاپەت پىداكار داڭدار ھەمكارلىق دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 01:28:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇسىز afrasiyab ئەپدىندىم، بەرگەن تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزگە كۆپ رەھمەت، مەنمۇ شۇلارنى ئويلىشىۋاتقان ئىدىم، بۇ يۇمشاق دېتاللارنى ئىشلەش جەريانىدا قىلىدىغان ئىش كۆپ، ئادەم كۈچىمىز ۋە مەبلەغ كۈچىمىز ئاجىز بولغاچقا كۆڭلىمىزدە بۇ يۇمشاق دېتاللارغا نىسبەتەن نۇرغۇن ئارزۇ ئۈمىدلىرىمىز بولغان بولسىمۇ، ۋاقىت ۋە بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن مۇشۇ ھازىرقى ھالىتىگە كەلتۈرگەن ئىدۇق. دېمەك، بىر يۇمشاق دېتالنى بىر قېتىمدىلا ۋايىغا يەتكۈزۈپ ياساش بەكمۇ تەسكەن، بىراق سىزلەرنىڭ بەرگەن تەكلىپ-پىكىرىڭلار ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئوي-پىكىرلىرى بويىنچە يەنىمۇ ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتىمەن. بىراق، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان يوق دەپ، ۋاقىت ۋە باشقا خىزمەتلەر تۈپەيلىدىن دېققىتىمىزنى خېلىدىن بېرى بۇ يۇمشاق دېتاللارغا قارىتالمىدۇق. ئاز ۋاقىتلاردىن كېيىن، مەن ۋاقىت ئاجرىتىپ بۇ يۇمشاق دېتاللارنى بىر يېڭىلاشنى پىلانلاۋاتىمەن، شۇ ۋاقىتتا سىز دېگەن پىكىرلەرنى چوقۇم ياخشى ئويلىشىمىز، سىزگە يەنە بىر قېتىم كۆپ رەھمەت.
ئېلىپبەنىڭ كارتۇنلۇق سىن فىلىمىنى يۇمشاق دېتالدا قويغاندا، سىن فىلىمنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئىككى قېتىم چەكسىڭىز پۈتۈن ئېكران كۆرۈنىدۇ، سىناپ بېقىڭ.
ئالپ
Koinlun   [ئىشەنچلىك ئەزا]  实名认证 

ئاتامان

تەۋرەنمەس تاغ

Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32Rank: 32

تۆھپە
5213
تىللا
4015
شۆھرەت
8806

شەرەپ تۆھپە ئاكتىپ تىرىشچان پىداكار داڭدار ھەمكارلىق تەشۋىقات ئىشەنچ دەلىللەنگەن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-20 13:18:05 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2-سىنى تولۇق سىناقتىن ئۆتكۈزمەپسىز، فىلىم ئۈستىگە قوش چەككەندە تولۇق ئىكران چىقىدىكەن، باشقا تەكلىپلىرىڭىز بولىدىغان تەكلىپلەركەن.

مىنىڭ شەخسى بىر تەكلىۋىم: لوغەت سۆزلۈك مەزمۇنىنى بىر قۇر تەكشۈرۈپ تېخىمۇ تولۇقلاشقا ئەھمىيەت بىرىلسە بولغۇدەك.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
477
تىللا
625
شۆھرەت
938

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 01:43:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست شۇنداقكەن. مەن ئىشلىتىشنى ئۇقماي قاپتىمەن. 2-تەكلىپىمنى قايتۇرۋالدىم.
رەھمەت سىزگە ئالپ ئەپەندى.

Rank: 5Rank: 5

تۆھپە
477
تىللا
625
شۆھرەت
938

شەرەپ ئاكتىپ سالاپەت پىداكار داڭدار

يوللىغان ۋاقتى 2011-8-21 01:44:01 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىۋىڭىز بەك ئورۇنلۇق بوپتۇ. ئەمما، ماۋزۇدىكى «قۇسۇر» سۆزى سەل قوپال كېتىپتىكەن، تەھرىرلەپ قويدۇم. ئەگەر باشقىچە پىكرىڭىز بولسا ئەسلىگە كەلتۈرۈپ قويساممۇ، ۋە ياكى ئۆزىڭىز ئەسلىگە كەلتۈرىۋالسىڭىزمۇ بولىدۇ.

تېمىنى ئوڭشاپ قويغىنىڭىزغا كۆپ رەھمەت.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-26 19:04 , Processed in 0.431458 second(s), 17 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش