ئىنتىل تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش
ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: مۇسابىقەchromeexcelwordps
كۆرۈش: 458|ئىنكاس: 2

Adsense ئىلتىماس قىلىش تەپسىلى ئۇسۇلى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

yolum 实名认证 

ھىراۋۇل

ئىنتىللىق

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

تۆھپە
1870
تىللا
1417
شۆھرەت
2999
يوللىغان ۋاقتى 2010-8-27 14:12:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Adsense ھىساباتى ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. تور بەت بولسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر شەخسى تور بەتكە ئىلتىماس قىلماقچى بولسىڭىز تور بەت قۇرۇلغىنىغا چوقۇم ئالتە ئاي بولغان بولىشى ھەم 1-دەرىجىلىك تور نامى بولىشى كېرەك. ھەم تور بېكەتكە قويىدىغان نۇرغۇن شەرتلەر بار. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغاندا بۇنداق شەرتلەر يوق. ھەم تېز سۈرئەتتە ئالغىلى بولىدۇ. Adsense ئېلانىغا مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزىملىتىۋالغاندىن كېيىن ئېلان كودىنى ھەرقانداق بىر تور بېكەتكە قويسىڭىز تامامەن بولىدۇ. Google بۇنىڭغا چەك قويمىغان. ئەلۋەتتە سىز Adsense ئىلتىماس قىلغاندا ئىشلەتكەن بلوگدىن باشقا يەنە باشقا تور بەت ياكى بلوگلارغىمۇ ئېلان قويسىڭىز بولىۋېرىدۇ. ئەمما بۇ تور بەتلەر چوقۇم Google كىلشىمىگە ئۇيغۇن، قانۇنلۇق ۋە ساغلام بولىشى كېرەك. شۇڭلاشقا ئەڭ مۇھىمى يەنىلا Adsense ئېلانىغا ئىلتىماس قىلىش. بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلغانلىقىمىز ئۈچۈن بىر دانە بلوگ بولىشى كېرەك. مەن باشتىن باشلاپ سۆزلەي. بلوگنى چوقۇم www.blogger.com دىن ئالىمىز. باشقا ھەرقانداق ئورۇندىكى ھەقسىز BSP دىن ئالغان بلوگلارغا Adsense ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ. ئىلتىماس قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېلاننى باشقا بلوگلارغا قويساقمۇ بولىدۇ. ئەمما چوقۇم ئىلتىماس قىلغاندا www.blogger.com دىن ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا ھازىر قىلىدىغان ئىش دەرھال : www.blogger.com نى ئېچىڭ.
تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن بلوگ ئېچىش دىگەن ئورۇننى چېكىڭ (ئەسكەرتىش : ئەگەر سىزنىڭ ئاللىبۇرۇن بىر دانە مەزكۇر ئورۇندا بلوگىڭىز بولسا تۆۋەندىكى بىر نەچچە قەدەمنى قايتا تەكرارلاش ھاجەتسىز. ياكى باشتىن باشلىسىڭىزمۇ بولىدۇ.)
ئەمدى تۆۋەندىكى رەسىمدىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. بۇ چاغدا رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويچە تولدۇرىمىز. ئۇچۇرلارنى تولدۇرۇپ بولغاندىن كىيىن داۋاملاشتۇرۇشنى بېسىڭ. بۇ چاغدا بلوگقا ئىسىم قويۇش بېتى ئېچىلىدۇ. سىز ئالماقچى بولغان بلوگقا ئىسىم قويىشىڭىز ۋە خەلقئارالىق تور ئادرېسىنى بېكىتىشىڭىز كېرەك. بۇلارنى كېيىن ئۆزگەرتكىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بەك زىغىرلاپ كەتمەي ئۇزۇنراق، سەترەك بولسىمۇ تېزراق بىر ئىسىم تاللاڭ. دىققەت قىلىڭ. بىز ئېلان ئىلتىماس قىلىش ئۈچۈن جۇڭگودا بولساق چوقۇم خەنزۇچە بلوگ ئارقىلىق ئىلتىماس قىلىمىز. شۇڭلاشقا بلوگ نامىغا خەنزۇچە ئىسىم قويۇڭ. ئارتۇقچە پىكىر يۈرگۈزمەي مەن دىگەندەك قىلىڭ. ئېلخەتكە چوقۇم Gmail.com دىن ئالغان ئېلخەتنى ئىشلىتىڭ. باشقىسى بولمايدۇ. داۋاملاشتۇرۇشنى باسقاندىن كېيىن بلوگقا ئۇسلۇب تاللاش بېتىگە كىرىدۇ. بۇ جايدىن خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاپ،داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇسلۇبنىمۇ كېيىن ئۆزگەرتكىلى ۋە ئۇيغۇرچىلاشتۇرغىلى بولىدۇ، شۇڭلاشقا بۇمۇ ئانچە مۇھىم ئەمەس. خالىغان بىر ئۇسلۇبنى تاللاڭ. دەرھال داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاندىن ماقالە يېزىشنى باشلاش بېتىگە كىرىدۇ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ ماقالە يېزىش بېتى ئىنتايىن ئاددى. ماقالە تېمىسى، ماقالە مەزمۇنى، ھالقىلىق سۆز ۋە باشقىلارنى تولدۇرغاندىن كېيىن ماقالىنى يوللىساق بولىدۇ. قەتئى دىققەت قىلىڭكى : ماقالە چوقۇم خەنزۇچە يېزىلسۇن. ماقالە ھەرگىز باشقا ھىچقانداق تور بەت ياكى كىتابتىن كۆچۈرۈپ كېلىنمىسۇن. چوقۇم ئىجادىي بولسۇن. مەن سىزدىن چوڭ-چوڭ ئىلمىي ماقالە يېزىڭ دەپ تەلەپ قىلىۋاتمەيمەن. مەيلى ۋەلىسپىتىم بۈگۈن تىشىلىپ كەتتى، ئانام زۇكام بوپ قاپتۇ دىگەندەك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق-چۈششەك ئىشلار بولسۇن ۋە ياكى بۈگۈن پالانى كىنونى كۆرۈپ مانداق تەسىرلەندىم يەي دىگەندەك تەسىراتلار بولسۇن چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. ئەگەر خەنزۇچە يازالمىسىڭىز بىلىك كۇلۇبى ياكى تەكلىماكان بلوگقا كىرىپ، ئۆزىڭىز يازماقچى بولغان مەزمۇننى ئۇيغۇرچە يېزىپ، تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى مۇراجەت قىلسىڭىز تورداشلار بىردەمدە تەرجىمە قىلىپ بېرىدۇ. ئاۋۇ رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 发帖 دىگەن خەنزۇچە خەتنى چېكىپ ماقالە يازىمىز، ھەر قېتىم ماقالە يېزىش ئۈچۈن مۇشۇ جاينى چېكىمىز. ئۇنتۇپ قالماڭ. ماقالە ئاز بولۇپ قالمىسۇن. چوقۇم 10 پارچىدىن كۆپ بولسۇن. بۇ ئون پارچە ماقالىنى بىر كۈندىلا يېزىپ بولماڭ. ئەڭ ئاز دىگەندە ئۈچ كۈندە يېزىڭ. بۇ تېمىنى بۈگۈن ئوقۇشنى مۇشۇ يەردە ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئۈچ كۈن ماقالە يازغاندىن كېيىن ئاندىن داۋاملاشتۇرۇپ ئوقۇسىڭىز بولىدۇ. دىققەت قىلىڭ. مەن دىگەندەك قىلمىسڭىز ئېلان ھىساباتى ئالالمايسىز. شۇڭلاشقا قەتئى شۇنداق قىلىڭ. يەنە ئەسكەرتەي : ماقالە خەنزۇچە يېزىلسۇن. چوقۇم ئۆزىڭىز يېزىڭ. باشقا جايدىن كۆچۈرۈمەڭ. ئون پارچىدىن ئارتۇق ماقالە يېزىڭ. ئون پارچە ماقالىنى يېزىشقا ئەڭ كەم دىگەندە ئۈچ كۈن ۋاقت كەتسۇن. بىر كۈندىلا قوپۇرلغان تام ئۆرۈلۈپ كېتىدۇ. شۇڭلاشقا بۇ تېمىنى ئوقۇشنى دەرھال توختىتىپ تۆتىنچى كۈنى داۋاملاشتۇرۇڭ. ئۇ ۋاقتقىچە بلوگىڭىزدا ماقالە يېزىڭ. ئەمدى 4-كۈنى. سىز بۇ چاغدا بلوگقا ئاللىبۇرۇن 10 پارچىدىن ئارتۇق خەنزۇچە ئىجادىي مەزمۇن يېزىپ بولغان بولىسىز. دىمەك ھازىر سىزنىڭ بلوگىڭىزنىڭ ئېلان ئىلتىماس قىلىشقا شەرتى تولۇق توشىدۇ. ئەمدى www.blogger.com نى ئېچىڭ. ۋە ئۈچ كۈن بۇرۇن تىزىملاتقان ھىساباتنى كىرگۈزۈپ بلوگ ئارقا سەھنىسىگە كىرىڭ. رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىپ ئۇسلۇب ئۆزگەرتىش بېتىگە كىرىڭ. كىرگەندىن كېيىن رەسىمدە كۆرسىتىلگىنى بويىچە Html تەھرىرلەش ئورنىغا كىرىڭ. سىز بۇ يەردە كۆپ نەرسىلەرنى ئاقتۇرماي بەتنىڭ ئەڭ ئاستىغىراق قاراڭ. مەن تۆۋەندىكى رەسىمنىڭ چوڭ بولۇپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن كودلارنى ئۆچۈرۋەتتىم. ئەمما سىزنىڭ ئېكرانىڭىزدا بىر مۇنچە قالايمىقان كود رامكىسى بار، سىز شۇ رامكىنىڭ ئاستىغا قاراڭ. ۋە رەسىمدە كۆرسىتىلگەن 还原到经典模板 دىگەن خەتنى
چېكىڭ.
بۇ ماقالە تەكلىماكان بلوگنىڭ ئىجادىي يازمىسى كۆچۈرۈپ چاپلىغاندا مەنبەنى ئەسكەرتىڭ
بۇ چاغدا بىر جەزىملەشتۈرۈش كىچىك كۆزنىكى چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرۈڭ. ئاندىن قارىسىڭىز بلوگ ئارقا سەھنىسىدە Adsense دەيدىغان يەنە بىر تۈر كۆپىيىپ قالىدۇ. ئەمدى ئېلان ئىلتىماس قىلىشنى باشلايمىز. Adsense دىگەننى چېكىڭ. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك. چەككەندىن كېيىن تۆۋەندىكىدەك كۆزنەك ئېچىلىدۇ. سىز بۇ جايغا ھىچنىمە تولدۇرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ. ئەگەر كۆرۈنگەن ئۇچۇرلاردا خاتالىق بولسا توغىرلاپ قويۇڭ. مەسلەن ئېلخەت ئادرېسىڭىز چوقۇم Gmail مۇ ؟ بلوگ تىلى چوقۇم 中文 مۇ، ئېلخەت تىلى چوقۇم 中文 مۇ دىگەنلەرگە دىققەت قىلىپ قويۇپلا داۋاملاشتۇرۇڭ. ئاستىدىكى 创建帐户 دىگەننى چېكىڭ. بۇ جەزىملەشتۈرۈش خېتى. تۆۋەندىكى رەسىمدە كۆرسىتىلگەن ئورۇننى چېكىڭ. چەككەندىن كېيىن ئەگەر مەن دىگەن باسقۇچلارنى مەن دىگەن تەلەپ بويچە ئورۇندىغان بولسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىغا Adsense ئىلتىماس جەدۋىلى يېتىپ بارىدۇ. ئەگەر بلوگ مەزمۇنىنى ئۆزىڭىز يازماي باشقا جايدىن كۆچۈرۈسىڭىز، ياكى بلوگدا خەنزۇچىدىن باشقا تىللارنى ئىشلەتسىڭىز، سەزگۈر، قانۇنسىز، شەھۋانى ياكى ھەرقانداق بولمىغۇر مەزمۇنلاردا بلوگ يازسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا خەت كەلمەيدۇ. يەنە دىققەت قىلىڭ. ئۇيغۇرلارنى تونۇشتۇرىدىغان ماقالىلارنىمۇ يازماڭ. بلوگدا مىللەت، ئۇ - بۇ دىگەندەك گەپ سۆزلەر بولمىسۇن. بىر بولسا ئاددىي تۇرمۇشتىكى ئىشلار ياكى يۇمشاق دېتال ھەققىدىكى تەسىراتلار ياكى تور بېكەتلەرنىڭ مەشغۇلات قائىدىسىنى تونۇشتۇرىدىغان مەزمۇنلار دىگەندەكلەر بولسۇن. ئۇيغۇرلار بلوگ يازغاندا بىر دىققەت قىلمايدىغان ئىش باركەن. نىمۇ دىسە ھەممىسى ئەڭ ئاۋال ئۇيغۇرلار ياكى يۇرتىمىز ھەققىدە بىر نەچچە پارچە كۆچۈرۈلمە ماقالىنى يېزىۋېتىدىكەن. مەسلەن ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر مۇقامى، ئۇيغۇر ئۇسۇلى، ئۇيغۇر خەلقى، ناخشا مۇزىكىلىرى دىگەندەك. سىزگە شۇنى دەپ قوياي. بۇنداق مەزمۇنلار بىلەن تولغان بلوگدا ئېلان ئىلتىماس قىلغىلى بولمايدۇ، شۇڭلاشقا مەن دىگەن بويچە قىلىڭ. ھازىرقى مەقسەت Google ئېلانىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېلىش. سىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزنى ئاچقاندىن كېيىن بىر پارچە Google Adsense نامىدىكى خەت كەلگەن بولىدۇ. خەتتىكى ئەڭ ئۇزۇن ئۇلىنىشنى كۆچۈرۈپ ئادرېس رامكىسىغا چاپلاڭ. ياكى بىۋاستە چېكىڭ. بۇ چاغدا تۆۋەندە رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك Adsense ھىسابات ئۇچۇرلىرىنى تولدۇرۇش بېتى ئېچىلىدۇ. مەن رەسىمدە كۆرسەتكەن پىنيىنچە دىگەننى چوقۇم پىنيىنچە يېزىڭ. ئېنگلىزچە دىگەننى چوقۇم ئېنگلىزچە يېزىڭ. ئەگەر يۇرت-مەھەللىڭىزنىڭ ئېنگلىزچە ھۆكۈمەت ھۆججەتلىرىدە ئېتراپ قىلىدىغان ئۆلچەملەشكەن نامى بولمىسا ئۇ ھالدا پىنيىنچە يېزىڭ.  خەنزۇچە يېزىڭ دىگەننى چوقۇم خەنزۇچە يېزىڭ. تاللاش رامكىسىنىڭ ھەممىنى تولۇق تاللاڭ. يۇقارقلارنى تولۇق تولدۇرۇپ بولغاندىن كېيىن 提交信息 نى چەكسىڭىز يېڭى بىر بەت ئېچىلىپ، ئەگەر مەن كۆرسەتكەن بويىچە توغرا تولدۇرغان بولسىڭىز جەزىملەشتۈرۈڭ دەپ خەت چىقىدۇ، سىز جەزىملەشتۈرسىڭىزلا ئىش تامام. ئەگەر خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا خاتالىق ئۇچۇرى چىقىپ، خاتا بولۇپ قالغان جايلار قىزىل رەڭدە كۆرۈنىدۇ، سىز بۇ چاغدا مەن كۆرسەتكەن بويىچە تۈزىتىڭ. توغرا بولغان بولسا جەزىملەشتۈرگەندىن كېيىن يەنە تەخمىنەن 48 سائەت ساقلىسىڭىز ئېلخەت ساندۇقىڭىزغا سىزنىڭ ئېلان ھىساباتىڭىز تەستىقلىغانلىق ئۇچۇرى كېلىدۇ. ئەگەر سىز جۈمە، شەنبە، يەكشەنبە كۈنلىرى مەشغۇلات قىلغان بولسىڭىز بەلكىم تەستىقلاش ئۇچۇرى كېچىكىپرەك كېلىپ قېلىشى مۇمكىن. يەنە بىر گەپنى قوشۇپ قوياي. ئەگەر تەستىقلىماسلىق ئۇچۇرى كېلىپ قالغان بولسا سىز چوقۇم مەن دىگەندەك قىلماي ئۆز بېشىمچىلىق قىلغان. قايتا مەن دىگەندەك قىلىپ قايتا ئىلتىماس قىلىڭ.
ilqut.com

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
595
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 17:05:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Google ھېساباتى ئىلتىماس قىلىش دەرسلىكى


Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
754
تىللا
595
شۆھرەت
1134
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-2 17:48:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  http://www.flixya.com ئارقىلىق google adsense ھېساۋاتى ئىلتىماس قىلىش
بۇ بەك تەس ئىشمۇ ئەمەس، ئەستايىدىل مەغشغۇلات قىلارسىز.
توربەت ياكى بلوگىڭىز  بار بولسا بار بولغاندىمۇ قۇرۇلغىنىغا 6 ئايدىن ئاشقان بولسا، يېشىڭىز 18 دىن يۇقۇرى بولسا ئېلاننىڭ تەستىقلىنىشىدا ئۈمىد بار.
( ناخشا- مۇزىكا ، كىنو توربەتلىرىگە تەستىقلىمايدۇ)
جىق گەپ يازمىدۇق، گەپنىڭ ھەممىسى رەسىمدە
1.jpg

2.jpg

3.jpg

4.jpg

~~~~~~~~~~~~
ئاخىرىدا تەدبىركار ئەپەندىمنىڭ مۇنۇ سكزلىرىنى چوقۇم ئوقۇپ چىقىشىزنى تەۋسىيە قىلىمەن

Google Adsense ھەققىدە تەپسىلىي ماتىرىيال
[ تور مـاھـارەتلىرى ] 1. ئالدى بىلەن سىزدە مەلۇم دەرىجىدە خەنزۇچە يازالايدىغان، تونۇيالايدىغان سەۋىيە بولىشى كىرەك. بولمىسا بىر پۈتۈن جەرياندا بەكلا قىينىلىپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.
2. ئۇنڭدىن باشقا مەلۇم ئىقىم مىقدارى بولغان بىكىتىڭىز بولىشى كىرەك. بلوگ بولسىمۇ بولىدۇ. لىكىن چوقۇم ئىقىمى بولىشى كىرەك. ئۇيغۇر بلوگ تورىدىن ئىلتىماس قىلغان بولسىڭىز، ئۇ يەرگە قارىۋالماي ئۆزىڭىزنىڭ بلوگى بولغاندىن كىيىن ئۆزىڭىز تەشۋىق قىلىشىڭىز، كىڭەيتىشىڭىز كىرەك. (بۇنىڭ ئۈچۈن ئەلۋەتتە مەزمۇن بولمىسا بولمايدۇ.) ئۇ يەردە كۈنىدە 100 تىما يوللىسڭىزمۇ ئىلان چېكىپ قويىدىغانلار بولسىمۇ كۆرىدىغانلار تايىنلىق، شۇنىڭ بىلەن چىكىلىش مىقدارى ئىشىپ كىتىدۇ-دە ھىساباتىڭىز چەكلىنىدۇ.
3.دوستلىرىمغىلا چەكتۈرۈپ بىيىپ كىتىمەن، گوگولدىن پۇل تىپىپ كىتىمەن دەپ قارىغان بولسىڭىز، بۇ قارشىڭىز پۈتۈنلەي خاتا. ئۇنىڭ چىكىلىش مىقدارى، ئىلاننىڭ چىقىش مىقدارى، يەنە ….قاتارلىق بىرمۇنچە ئۆلچەملىرى بار. بىردەك بولمىسا، ھىساباتىڭىز چەكلىنىدۇ. ھاياجانغا تولغان شىرىن ھىس تۇيغۇلىرىڭىز، كۆپۈك بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.
4. چېكىلىش نىسبىتىنى 2% دىن تۆۋەن كونتىرول قىلىشىڭىز كىرەك. بولمىسا ھەر ۋاقىت ھىساباتىڭىزنىڭ چەكلىنىش ئىھتىماللىقى بار.
(بۇ يەردە شەخسى تەۋىسسيەم، ئەخلەت پونكىت قۇرۇپ ئىقىم توپلايسىز. ھەقسىز بوشلۇقلاردىن پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.. قانال قۇرمايسىز. چۈنكى قانال قۇرسىڭىز بىر قانالنىڭ چىكىلىش نىسبىتى 50% ، يەنە بىرسىنىڭ 0.1% بولسىمۇ ئوخشاشلا خەتەرلىك، ئەگەر قانال بولمىسا، بۇ قىممەت ماسلىشىپ ماڭىدۇ. خەتەر ئازىيدۇ. ئەخلەت پونكىتنىڭ نىمىلىكىنى بىلمىسڭىز، توردىن ئىزدەپ بېقىڭ. بەلكىم كىينىكى تىمىلىرىمدا ئەخلەت پونكىت ھەققىدە چۈشەنچە بىرىشممۇ مۇمكىن. ئەخلەت پونكىن قۇرۇشتىكى مەخسەت، ئىقىم توپلاش. ئىلاننىڭ چىقىش نىسبىتىنى ئاشۇرۇش. قانال قۇرمىسڭىز ، باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق، مەسىلەن ئۇيغۇر بلوگقا قويۇپ كۆپ تورداشلارغا چەكتۈرەلەيسىز. لىكىن بىلوگىڭىزدا ئىقىم بولمىغاچقا، دەل مۇشۇنى باشقا ئەخلەت پونكىت ئارقىلىق تولۇقلايسىز.
5. بىكەت قۇرساملا پۇل تاپالايمەن دىگەن خاتا ئىدىيە. مۇشۇنداق خىيالدا بولسىڭىز، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ. بىكەت قۇرۇش باشقا گەپ. تەرەققىي قىلدۇرۇش، ئادەم كىرىدىغان قىلىش ئۇ باشقا گەپ.
6. ئىلان ئىلتىماس قىلىپ تۇنجى قىتىم گوگولدىن پۇل ئالغۇچە، بەش ئايدىن ئالتە ئايغىچە، ھەتتا ئۇنىڭدىنمۇ ئۇزۇن ۋاقىت كىتىشى مۇمكىن. سەۋىر تاقىتىڭىز بولمىسا قىلمايلا قويۇڭ. پۇل تېپىش ھەرگىز ئاسان ئىش ئەمەس.شۇڭلاشقا ئۇزۇن سەپەرگە ئىدىڭىزدە تەييارلىق بولىشى كىرەك. مەسىلەن ئىلتىماس قىلىشقا بىر ھەپتە كىتىدۇ. ئىلان قويۇپ 100 دوللارغا توشقىچە…ۋاقىت كىتىدۇ. سىزگە ئەۋەتكەن pin نىڭ شىنجاڭ ئچىدە كىلىش سۈرىتى ئاستا بولىشى مۇمكىن. بۇنىڭ ئۈچۈنمۇ 10 كۈندىن 20 كۈنگىچە ۋاقىت كىتىدۇ. بۇ ئايدا پۇلىڭىز 100 دوللارغا توشقان بولسا، كىلەر ئاينىڭ ئاخىرى سىزگە پۇلنى ئەۋەتىدۇ. سىزگە چەكنىڭ كىلىشى ئۈچۈنمۇ ۋاقىت كىتىدۇ. چەكنى قولىڭىزغا ئالسىڭىز، جوڭگو بانكىسى 20 كۈندىن 40 كۈنگىچە بىجىرىپ بىرىدۇ. ئوخشىمىغان رايونلارنىڭ ئوخشاش بولمايدۇ. تىخى بۇنى تارماق، كىچىك بانكىلار بىجىرەلمەيدۇ. ئۆيىڭىز شەھەردە بولمىسا، بۇنىڭغا تىخىمۇ ئۇزۇن ۋاقىت ۋە ئىقتىساد كىتىشى مۇمكىن. (بۇنى جوڭگو بانكىسىلا ئەمەس، باشقا بانكىلارنىڭ مەركىزى پونكىتىمۇ بىجىرەلەيدۇ. تەپسىلاتىنى تۇرۇشلۇق ئورۇندىن سوراپ باقسىڭىز بولىدۇ. يەنى خەنزۇچىدا 托收 دەيمىز.

ئەمدى ئىلتىماس قىلىشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ. ئۇيغۇر بلوگدا بىر توردىشىمىز ئىلگىرىلا بۇ ھەقتە تەپسىلى رەسىملىك قىلىپ تىما يېزىپ چىقىپتىكەن. شۇنى كۆرۈپ چىقسىڭىزلا ئىلتىماس قىلىشڭىز مۇۋاپىقىيەتلىك بولىدۇ. مېنىڭ ئازراق قوشۇپ قويىدىغىنىم، Blogger دىن ئىلتىماس قىلغان بلوگىڭىزغا ئاۋال بىر قانچە پارچە ماقالە چىقىرۋىتىپ ئىلتىماس قىلىشنى باشلاڭ. بولمىسا مۇۋاپىقىيەتلىك بولمايدۇ. ئۇ توردىشىمىزنىڭ بلوگ ئادىرسى: http://alqut.uyblog.cn ئارىسىدىن قايسىلىقىنى ئۆزىڭىز تىپىۋىلىڭ. گوگولغا ئائىت مەزمۇنلار خىلى كۆپكەن. بۇ يەردە نىمىشقا دىمەيسەن دىسىڭىز مەن ئاددىلا بايان قىلاي. https://www.blogger.com/start دىن بىر بلوگ ئىلتىماس قىلىسز. ئىلتىماس قىلىش جەريانى ئاسان. سىناغا چىقامسىز، سوخوغىمۇ ئىشقىلىپ بىر قانچە ماقالە توپلاپ يوللايسىز. ماقالىنىڭ ئىسمىنى ئاز تولا ئۆزگەرتىپ قويىسىز. چۈنكى بۇ ماقالە گوگولنىڭ ئىزدەش ماشىنىس تەرىپدىن قوبۇل قىلىنىپ بولغان بولسا، سىزنىڭكىنى كۆچۈرگەن، كونا ھىسابلايدۇ. سىز تىمىسىنى ئازراق ئۆزگەرتىپ قويسىڭىز يىڭى ماقالىگە ئايلىنىدۇ. ئاندىن ئارقا سەھنىڭىزگە كىرىپ تۈر قوشۇشتىن Google Adsense نى قوشىۋالسىڭزلا ئىلان چىقىدۇ. بۇ يەردە سىزنى Email سورايدۇ. دەپ بەرسىڭىز ئۇچۇر ئەۋەتىدۇ. تولدۇرسىز، ئەۋەتىدۇ، تولدۇرسىز ، ئەۋەتىدۇ…..ئۇزۇن بولسا بىر ھەپتىگىچە مۇشۇنداق قىلىپ ئوينىسىڭىز، ئىلانغا ئىرىشەلەيسىز.(ئەمىلىيەتتە ئىلانغا ئىرىشىپ بولسىڭىز، بۇنداق قىلسىڭىز، Google Adsense دىكى سىزنىڭ كونتىرول سۇپىسىغا كىرەلەيسىز. ھەمدە خالىغان شەكىلدىكى ئىلانلارنى چىقىرىپ ،خالىغان يەرگە قويىۋالايسىز. سۇئال: مۇشۇنداق ئاسانمۇ؟ جاۋاپ: مۇشۇنداق ئاسان.
4. ئىلتىماس قىلىش مۇۋاپىقيەتلىك بولغاندىن كىيىن، ئەمدى ئىلان قويۇشنى باشلىسىڭىز بولىدۇ.
ئىلان ئۈچ خىلغا بۆلۈنگەن.
AdSense for Content
AdSense for Search
1) مەزمۇن ئىلانى: بۇنىڭ كىرىمى ئەڭ يۇقىرى بولىدۇ. ئىلان شەكلىمۇ كۆپ. تىكىستلىك، مەزمۇنلۇق ، خالىغان چوڭلۇقتىكى ئىلانلارنى تاللىۋالسىڭىز بولىدۇ.
2) ئىزدەش: بۇنىڭمۇ كىرىمى تۆۋەن. ئاڭلىشىمچە ئىزدەپ چىققان نەتىجە ئارىسىغا ئىلان چىقىرىپ بىرەرمىش. مەن سىناپ باقمىدىم. مۆلچەرىمچە بۇنىڭدىن كۆپ پايدا ئالغىلى بولمايدۇ.
3) تەۋىسسيە قىلىش: بۇنى سىز تۇنجى ئىلتىماس قىلغاندا بىرىنجى ئەۋلاد بولىدۇ. بىر مەزگىل تەرەققىي قىلسىڭىز، ھىساباتىڭىز ئىككىنجى ئەۋلادقا دەرىجە ئاشۇرىدۇ.(ھازىر مېنىڭ ئىككىنجى ئەۋلاد. ) بىرىنجى ئەۋلاد ۋاقتىدا، پەقەت گوگولنىڭ ئۆزىنىڭ ماللىرىنى تەۋىسيە قىلالايسىز. بۇنىڭ بىرى ھىلىقى ئوت زىيارەتچىسى. بۇنىڭ بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، سىزگە 0.1 دوللار پۇل بىرىدۇ. يەنە بىرى Google Adsense نىڭ ئىلانى. بۇنى چېكىپ ئىلتىماس قىلغانلار ئالتە ئىچىدە بەش دوللار پۇل تاپالىسا، سىزگە گوگولدىن بەش دوللار مۇكاپات بىرىدۇ. يەنە بىرى Google Adwords يەنى، ئىلان بەرگۈچىلەرگە قارىتىلغان. بۇنى مەنمۇ ئىشلىتىپ باقمىغان. تەپسىلاتىنى توردىن كۆرۈڭ. ئىككىنجى ئەۋلاد تەۋىسسيەنى ئىشلەتكەنلەرگە گوگول ئۆزىنىڭكىدىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئورۇنلارنىڭ ئىلانلىرىنى تەمىنلىگەن. بىراق ئۇيغۇرچە تور بىكەتلەرگە ئانچە ماس كەلمەيدۇ. بۇلارنىڭ ھەممىسى تىزىملاتسا ئاندىن پۇل بىرىدىغان شەكىل. ئەمدى بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك سۇئال-جاۋابلار:بۇ سۇئال جاۋابلا گوگولنىڭ بىيجىڭدىكى ۋاكالەتچىلىرى چاقىرغان يىغىندا سورالغان سۇئاللار ۋە ئۇلارنىڭ بەرگەن جاۋابلىرى.
1. ئەگەر بىز ئىنگىلىزچە بىكەت ياساپ ئىلان قويىۋالساق بولامدۇ؟
جاۋاب: بولىدۇ، لىكىن زىيارەتچىلىرى چوقۇم دۆلەت سىرتىدىن بولىشى كىرەك. پۈتۈنلەي دۆلەت ئچىدىن بولسا ھىسابات چەكلىنىدۇ ياكى ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ.
2. گوگولنىڭ پۇل ئەۋەتىش ۋاقتى، ۋە دۆلىتىمىزدە بىجىرلىش سۈرىتى ئىنتايىن ئاستا. بۇ قاچان ھەل بولىدۇ؟
جاۋاب: بۇنىڭ شىركەت مەخسۇس ئادەم ئاجىراتقان. ھەل قىلىۋاتىدۇ. (لىكىن مۇشۇنداق بولسا، دۆلىتىمىز باج سىياسىتى بويىچە 20% دىن يۇقىرى باج ئىلىنىدىكەن. شۇڭا بۇ ئۇسۇل تەۋىسسيە قىلىنمايدۇ.)
3. ئۆزۈم ئۆزۈمنىڭ ئىلانىنى چېكىپ سالسام قانداق بولىدۇ؟ ھىساباتىم چەكلىنەمدۇ؟ ئوخشاش ip, ئوخشىمىغان كومپىيۇتىردا چىكىلسىچۇ؟
جاۋاپ: ئۆزى ئىھتىيات قىلماي چېكىپ سالسا، بىر ھەپتە ئىچىدە نەچچە رەت تەكرارلانسا، ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. لىكىن تەكرارلىنىۋەرسە، كۈندە نەچچە رەت چېكىلسە، ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلىدۇ. ئەگەر ئوخشاش بىر دائىرلىك توردا، ئوخشىمىغان كومپىيۇتىردا ئىلان چىكىلسە، ھىچقانداق مەسىلە كۆرۈلمەيدۇ. گوگولنىڭ ئەگىشىش ئىقتىدارى ip ئەگىىشش تىخىنىكىسىدىن ئېشىپ كەتكەن.
4. يىڭى بىر كۆزنەكتە ئىلاننى چەكسە بولامدۇ؟
جاۋاپ: بولىدۇ. لىكىن دۆلەت ئىچىدىكى بىر قىسىم يىڭى كۆزنەكتە ئېچىشنى چەكلەيدىغان قۇراللار ۋە ئىلان ئىگىلىرىنىڭ تەكلىۋى نەزەردە تۇتۇلۇپ، بۇنداق قىلىش تەشەببۇس قىلىنمايدۇ. ھەم ئۈنىمۇ شۇ كۆزنەكتە ئېچىشتەك ياخشى بولمايدۇ.
5. گوگول بىكەت باشلىقلىرىنىڭ مەنپەتى بىلەن قىلچە ھىسابلاشمايلا، ھىساباتنى چەكلىۋىتەمدۇ؟
جاۋاپ: جوڭگو دۆلەت ئەھۋالىنىڭ تەسىرى تۈپەيلى، جوڭگودىكى بىكەت باشلىقلىرى كۆپىنچە ھاللاردا ئۆلچەملەشمىگەن بىكەتلەرنى ياسايدۇ. ۋىرۇس مۇمالار ساماندەك. قوشۇلمىلار خالىغانچە چۈشىۋالىدۇ. بۇ ھالەت جوڭگو بىكەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىي قلىشىغا ئىغىر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. گوگول جوڭگونىڭ ئەڭ ياخشى ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئەلۋەتتە بىكەت باشلىقلىرىنىڭ تىخىمۇ كۆپ كىرىم يارىتىشىنى قوللايدۇ. ئىلگىرى گوگول سەۋەبىنى سۈرۈشتۈرۈپ ئولتۇرمايلا، قائىدىسز دەپ قارالغان بىكەت باشلىقلىرىنىڭ ھىساباتىنى چەكلىۋىتەتتى. ھازىر گوگولنىڭ گوگولنىڭ جوڭگو گۇرۇپپىسى قۇرۇلغاندىن كىين، بۇ جەھەتتە كۆپ ياخشىلىنىش بولدى. ساختىلىق قىلغانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش بىرىلدى.ئۆزگەرتمىسە، ھىساباتى چەكلەندى. شۇڭا ساختىلىق قىلىۋاتقان بىكەت باشلىقلىرىنى ئاگاھلاندۇرىمىز. ھەرگىزمۇ گوگول بىلەن ساختىلىق قىلىپ ئويناشماڭ. سىلەر يىڭەلمەيسىلەر.
(شەخسى قاراش، ئۇيغۇرچە بىكەتلەرمۇ دۆلىتىمىزگە تەۋە بولغاچقا، گوگولنىڭ جوڭگۇ گۇرۇپپىسى ساختىلىق قىلغانلارنى بايقىيالمايدۇ.پەقەت چىكىلىش مىقدارى ئىشىپ كەتمىسىلا ئاساسەن ھىساباتى چەكلىنىپ كەتمەيدۇ. لىكىن خەنزۇچە بىكەتلەردە تولىمۇ ئىغىر. )
6. ئىلان كىرىمىنىڭ قانچىلىك قىسمى بىكەت باشلىقلىرىغا تەقسىملىنىدۇ؟
جاۋاپ: بۇنىڭ ئىنىق نىسبىتى يوق. كۆپ قىسمى بىكەت باشلىقلىرىغا بىرىلىدۇ.

ئاخىرىدا بىكەت باشلىقلىرى پايدىلىنىشقا تىگىشلىك بىر نەچچە مەسىلە
1. گوگول ئىلانى ئوينىغاندا، كەسپى بىكەتلەر ئەڭ ياخشى تاللاش. كۆڭۈل ئېچىش خاراكتىردىكى بىكەتلەرنىڭ كىرىمى ئانچە ياخشى بولمايدۇ. (مېنىڭ قارىشىم: بۇ دىگەنلىك گوگول ئىلانى شۇ تور بەتنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن چىقىدۇ. ئۇيغۇرچە بىكەتلەرنىڭ مەزمۇنىنى تەھلىل قىلىشقا ئامالسىز. شۇڭا قانداق بولسا بەرىبىر.ئىلان چىقسلا ھىساب،شۇنداقتىمۇ بىكەت مەزمۇنى ئارىسىغا ئازتولا ئىنگىلىزچە ئەھمىيەتلىك ئاتالغۇلارنى قىستۇرۇپ قويسىڭىز تىخىمۇ ياخشى بولىدۇ)
2. JS ئارقىلىق ئىلاننى باشقا بەتكە تەڭشەپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.لىكىن JS ئارقىلى بىرلا بەتنى تەڭشەپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ. (شەخشى قارىشىم، بۇ ئۇسۇل ئارقىلىق خەلىققە پايدىلىق ئىلان چىقىۋىلىشنى ئازلاتقىلى بولىدۇ. ئىلاننىڭ يەككە كىرىمى يۇقىرى بولىدۇ. لىكىن سەل خەتىرىمۇ بولىشى مۇمكىن.چۈنكى ئىلگىرى بۇ ئۇسۇل چەكلىنەتتى.)
3. firefox نى تەۋىسسيە قىلىشمۇ ياخشى ئۇسۇل كىرىمنى كۆپەيتلىكى بولىدۇ. ( بىرنى چۈشۈرۈپ قاچىلىسا، 0.1 دوللار بولىدۇ. لىكىن بۇ نەرسە ئۇيغۇرچە خەتلەرنى كۆرسىتىپ بەرمىسە ياخشى كۆرسەتمىگەچكە ئۇيغۇرلار ئانچە ياقتۇرمايدۇ. لىكىن ئۆزى نۆۋەتتىكى ئەڭ ياخشى زىيارەتچى.)
4. گوگول ئىككى ھىسابات ئارقىلىق پايدىغا ئىرىشىۋاتقانلارغا قاتتىق زەربە بىرىدۇ.

ئاخىرىدا : مەن بىلىدىغان بىر قىسىم تورداشلارنىڭ ھىساباتى چەكلىنىپ كەتتى. سەۋەبى ئۆز ئارا ئىلان چېكىشىپ ئوينىغان. بۇ ئۇسۇلنى قوللىنىشقا بولىدۇ. لىكىن، يۇقاردا مەن دىگەندەك چوقۇم ئىقىم بولىشى كىرەك. ئىقىم بولمىسا، چېكىىلش نىسبىتى ئېشىپ كىتىدۇ-دە ھىسابات چەكلىنىدۇ. يەنە بەزىلەر tofor.com دىن ئىلتىماس قىلغان ھەقسىز بوشلۇقىغا بىر html بەت چىقىرىپ شۇنىڭغا ئىلان قويىۋىلىپ باشقىلار چېكىپ قويۇڭ دەپ ئۇچۇر ئەۋەتكىلى تۇرۇپتۇ. بۇنداق ئىلانلارنى چېكىپ قويۇشنىڭ ھاجىتى يوق. چۈنكى ئالتە كۈنگە بارمايلا قۇربان بولىدۇ. ھىچ بولمىغاندىمۇ 99.9 دوللار بولغاندا قۇربان بولىدۇ. چۈنكى 100 دوللارغا توشقاندا، يەنى پۇل ئەۋەتىش ۋاقتىدا ئۇلار ھىساباتىڭىزنى تەپسىلىي تەكشۈرىدۇ. ئىلاننىڭ نەدىن چىكىلىۋاتقانلىقىنى، قايسى تور بىكەتتىن چىكىلىۋاتقىنىنى ئۇلار بىلەلەيدۇ. ئۇلار ئۆزىمۇ دەپ ئۆتۈپتۇ، ئۇلارنىڭ ئەگىشىش تىخنىكىسى، خەلىقئارالىق IP ئەگىشىش تىىخنىكىسىنمۇ ئېشىپ كەتكەن.
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

يانفۇن|Archiver|intil.cn ( 新ICP备11001938号 )

GMT+8, 2012-3-27 23:52 , Processed in 0.217389 second(s), 18 queries .

Powered by Discuz! X2(NurQut Team) Licensed

© 2001-2011 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش