يېڭى پەتىۋالىرىمىز ئەۋج ئېلىۋېرەمدۇ؟
ئابدۇرۇسۇل ئۆمەر
بىزدە ‹‹ئىللەت تۈزەلمىگۈچە مىللەت تۈزەلمەس›› دەيدىغان گەپ بار. ئىجتىمائىيتىمىزدىكى بەزىبىر ناچار خاھىش، بولمىغۇر تۇرمۇش ئادەتلىرى كىشىلەرنىڭ تۇرمۇشىدىلا ئەمەس، بەلكى، جەمئىيەتتىمۇ يامان تەسىر پەيدا قىلىدۇ.
يېقىندا بىر بۇرادىرىم بىلەن مۇشۇ ھەقتە پاراڭلىشىپ قالدىم. ئۇ يېقىندا بىر توينىڭ چوڭ چېيىغا قاتناشقانلىقىنى، چايدا يىگىت تەرەپنىڭ قىزغا تەييارلاپ داستىخانغا تىزىۋەتكەن كىيىم – كېچەك، زىبۇ زىننەتلىرىنىڭ كۆپلۈكىدىن باشقا، ئاش سۈيىگە 50 مىڭ يۈەن قويغانلىقىنى؛ توي ئىگىسىنىڭ تېخى نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئانىسىنى داۋالىتىش ئۈچۈن قەرز سوراپ بارمىغان يېرى قالمىغانلىقىنى، مانا ئەمدى سودىدا ئازراق يول تېپىپلا ‹‹ئىككى نان تاپسا، بىرىدە داپ چېلىپتۇ›› دېگەندەك ئوغلىنىڭ تويىغا شۇنچە ھەشەم – دەرەم قىلغانلىقىنى؛ قىز تەرەپمۇ يىگىت، يىگىتنىڭ ئاتا – ئانىسى ۋە ئورۇق – تۇغقانلىرىغا ئاتاپ كىيىم – كېچەكلەرنى قويغاندىن سىرت ‹‹قىزىمىز بىلەن ئوغلىمىزنىڭ شېرىن ئاي ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن›› دەپ 30 مىڭ يۈەن قويغانلىقىنى، بۇ يېڭى پەتىۋانى زادىلا قوبۇل قىلالمىغانلىقىنى ئېيتىپ، ‹‹ بۇنى كىم ئويلاپ تاپقاندۇ؟ بىزدە نەدە شۇنداق ئادەت بار؟ ئۇ دېگەن <شېرىن ئاي> ئەمەس، ئېزىتقۇ شەيتان!›› دېگىنىچە قايناپلا كەتتى.
بۇنداق بولمىغۇرلۇقنى بۇرادىرىملا ئەمەس، ئاڭلىغانلىكى ئادەم قوبۇل قىلالمايدۇ. ھەر بىرىمىز ئوبدان ئويلىنىپ باقساق، بۇ تولىمۇ بىمەنە، تېتىقسىز بىر ئىش. بىرەرسى كىچىككىنە بىر ئىشنى قىلسا، ئۇنىڭ توغرا – خاتالىقى، ئۆزىگە مۇۋاپىق كېلىدىغان – كەلمەيدىغانلىقى بىلەن ھېسابلاشماي، ھەش – پەش دېگۈچىلا بۇ ئىشنى مودىغا ئايلاندۇرۇۋالىدىغانلارمۇ ئارىمىزدا خېلى بار. بۇنداق پەتىۋالار خەلقىمىزدە يەنە قانچىلىك ئالقىشلىنار؟ ‹‹ئۆرۈك ئۆرۈكنى كۆرسە ئالا بولۇپتۇ›› دېگەندەك، بۇ يېڭى پەتىۋا ئەل ئارىسىغا تاراپ كەتسە، ئەل – جامائەتنىڭ ئوغۇل ئۆيلەپ، قىز چىقىرىشى بەسى مۈشكۈل بولماسمۇ؟!
بۇرادىرىمنىڭ قايناشلىرى ھەقىقەتەن كۆپ ساندىكىلەرنىڭ، ھەتتا خەلقىمىزنىڭ يۈرەك ساداسى. گەرچە ئەقىل ئىگىلىرىمىز ئەل ئارىسىدىكى ھەشەمەتچىلىك، داغۋازلىق، دورامچىلىقتەك ئىللەتلەر توغرىسىدا نۇرغۇن تەنقىدىي ماقالە يېزىپ، ئېلان قىلغان بولسىمۇ، يەنە بىر قىسىم نادان كىشىلىرىمىز ئۇنى تۈزىتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئىللەت پاتقىقىدىن تېخىچە چىقالمايۋاتىدۇ، شۇ ئۆتكۈر پىكىرلەردىن روياپقا چىققان ئەسەرلەرنى ئۇلارنىڭ كۆزى كۆرمىدى، كۆرسىمۇ يەنىلا كۆرمەسكە سېلىپ ئۆز سەنىمىگە دەسسەۋەردى.
‹‹باشقىلاردىن ئۆزىنى ئالاھىدە تۇتىدىغانلار ھامان يامان ئاقىۋەتكە قالىدۇ›› دېگەن ئىكەن لىف تولستوي. دەرۋەقە، ئۇنداقلار باشقىلار تەرىپىدىن ھۆرمەتكە ئېرىشىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ئەكسىچە كىشىلەرنىڭ نەزەرىدىن چۈشىدۇ. ئۆز دەرىجىسىدىن ئاشۇرۇپ قىلىنغان ئىش ھامان كۈتكىنىمىزنىڭ ئەكسىچە نەتىجە بېرىدۇ. يېڭىدىن يېڭى پەيدا بولۇۋاتقان پەتىۋالار يەنە ئەۋجىۋەرسە، بۇ كىشىلەرنى قىينىغاندىن باشقا نەرسە ئەمەس. شۇڭا، بولمىغۇر پەتىۋارلارغا بەك ئېرەنشىپ كەتمەيلى. ھەممە ئىشلار بولۇپمۇ توي – تۆكۈن، نەزىر – چىراغ ئىشلىرىمىزنىڭ قائىدە – يوسۇنلىرى ئەل قاتارى بولغىنى ھەممىدىن ياخشى.
مەنبە:شىنجاڭ گېزىتى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا turan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2011-8-18 19:40
|